UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقياخشىلىققا ياخشىلىق

ياخشىلىققا ياخشىلىق

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى زامانلارنىڭ زامانسىدا، يەتتە ئىقلىمنى سورىغان، تاجۇ - تەختى شانۇ - شەۋكەتكە تولغان بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ دۇنياسى ھېسابسىز ئىكەن. غەزنىسى ئالتۇن - كۈمۈشكە لىق ئىكەن. يايلاقلىرى قوي، كالىغا تولغان ئىكەن، جاڭگاللىرىدا ياۋايى ھايۋانلىرى كۆپ ئىكەن. بايلىقى ئەنە شۇنداق ھەدىدىن زىيادە بولغان بۇ پادىشاھنىڭ ئۆزىگە ۋارىس بولىدىغان بىرمۇ پەرزەنتى يوق ئىكەن پادىشاھ قىرانلىقتىن قېرىلىققا ئۆتكەندىن كېيىن، غەم چۈشۈپتۇ. داڭقى يەتتە ئىقلىمدىن ھالقىپ كەتكەن ھۆكىمالارنى چاقىرتىپ سەۋەپ قىپتۇ. رەمچىلەرگە پال سالغۇزۇپتۇ. ھېچ ئامال بولماپتۇ. يىللار ئۆتكەنسېرى پادىشاھنىڭ چاچ - ساقاللىرىغا ئاق كىرىشكە، چىرايىغا قورۇق چۈشۈشكە باشلاپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھنىڭ كىچىك خوتۇنى ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇ. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خوشال بوپتۇ. كۈنلەر كەينىدىن ئايلار ئۆتۈپ، توققۇز ئاي توققۇز كۈن بولغاندا پادىشاھنىڭ بۇ خوتۇنى بىر قىز تۇغۇپتۇ. پادىشاھ ئۆمرىدە بىر پەرزەنتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن يەتتە ئىقلىمغا مەرىكە ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. قىزنى قەدىرلەپ چوڭ قىپتۇ. بۇ قىز بالاغەتكە يەتكىچە ئەقلى كامالەتكە يېتىپتۇ. گۈزەللىكتە ئانىسىدىنمۇ ئېشىپ كېتىپتۇ. قىز رېسىدە بولغاندىن كېيىن، باشقا ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرى، ۋەزىر - ئۆلىمالىرى ئەلچىلەر ئەۋەتىپتۇ. پادىشاھ تىكەندەك يالغۇز قىزىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ، بۇ ئىشنى خوتۇنى بىلەن مەسلىھەتلىشىپتۇ. مەسلىھەت بويىچە قىزنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلمەك بوپتۇ. قىز بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئانسىغا مۇنداق دەپتۇ: - ئانا، دادامغا ئېيتىڭ، بۇ ئىشتا ئىختىيارنى ماڭا بەرسەڭلار، جاۋابنى ئۆزەم بەرسەم. ھەر بىرىگە بىردىن جاۋاب بېرەمسىز ياكى ھەممىسىگە بىرلا جاۋابمۇ؟ - دەپتۇ قىزنىڭ ئاتىسى. - ھەممىسىگە بىر جاۋاب، - دەپتۇ قىز. - ئۇ قانداق جاۋاب؟ - دەپ سوراپتۇ ئانىسى. - مەن بىلەن تويلاشماقچى بولغان يىگىت ئۈچ قېتىم يوشۇرۇنىدۇ، مەن جاھاننامە بىلەن قاراپ تاپالمىسام، مەن شۇ يىگىتنىڭ ئىختىيارىدا بولاي، تېپىۋالسام، كاللىسى تېنىدىن جۇدا قىلىنسۇن، - دەپتۇ قىز. قىزنىڭ بۇ مەسلىھىتىگە پادىشاھمۇ ماقۇل بوپتۇ. قىزنىڭ بۇ شەرتى پۈتۈن پادىشاھلىقلارغا جاكار قىلىنىپتۇ. تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن شاھزادە، بايۋەچچىلەر بېلىنى باغلاپ يوشۇرنۇپتۇ. ئۇلار قىزنىڭ ئېلىش يولىدا ھاياتىدىن ئايرىلىپتۇ. پادىشاھ قىزىنى بۇ شەرتىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلسىمۇ، لېكىن قىز ئۇنىماپتۇ. ئەمدى گەپنى باشقا تەرەپتىن باشلايلى. شۇ زامانلاردا، ئەڭ يىراق بىر چەت ياقىدا بىر موماي ياشىغان ئىكەن. ئۇنىڭ يىگىت قورامىغا تولغان بىرلا ئوغلى بولغان ئىكەن. ئۇ زىرەك ھەم باتۇر ئىكەن. ئۇ تاغ - داۋانلار ئېشىشىنى، چوللەرنى كېزىشنى، دەريالاردا ئۈزۈشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ ئىنسانلارغىمۇ، ھايۋانلارغىمۇ، ئۇچار - قۇشلارغىمۇ قولىدىن كېلىشىچە مېھرى - شەپقەت قىلىدىكەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە يىگىت، ئادىتى بويىچە، ئۆزى قىزىقىدىغان تاغۇ - داۋانلارغا، چول - جەزىرىلەرگە سەپەر قىپتۇ. ئازمۇ ئەمەس، كۆپ مېڭىپتۇ. تاغلار ئېشىپتۇ، داۋانلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپتۇ. يىگىت ئىنسان ئايىغى تەگمىگەن بىر جاڭگاللىققا يېتىپ كەپتۇ. ئۇ بىر بۇلاق تۈۋىدە دەم ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. بۇلاق سۈيىگە قاتتىق نېنىنى چىلاپ يەپتۇ. شۇ چاغدا يىراقتىن ئاسمان پەلەك بىر چاڭ - توزاڭنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. بۇ، كىچىك ۋاقتىدا ئاتىسىدىن ئاڭلىغان دەل - دەرەخلەرنى يىلتىزى بىلەن قۇمۇرۇپ كېتىدىغان قۇيۇنتاز ئىكەنلىكىنى پەملەپتۇ. يىگىت قۇيۇنتاز يېتىپ كەلگۈچە، بىر تاشنىڭ كامىرىغا ئاران ئۈلگۈرۈپتۇ. قۇيۇنتاز يېتىپ كېلىپلا دەھشەتلىك سادا كۆتىرىلىپتۇ، تاغدىن تاشلار غۇلاپتۇ، دەرەخلەر يىلتىزى بىلەن ئاسماندا لەيلەپتۇ. قۇيۇنتاز ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن يىگىت تاشنىڭ كامىرىدىن چىقىپ، ئۆرۈلۈپ كەتكەن دەرەخلەر ئارىسىدىن مېڭىپتۇ. بىر يەرگە بارسا، يىلتىزىدىن قۇمۇرۇلۇپ ياتقان بىر چىنارنىڭ يېنىدا بىر نەرسە نىمجان يېتىپتۇ. يىگىت بېرىپ قارىسا، ئۇ سۈرمە قۇشنىڭ بالىسى ئىكەن. يىگىتنىڭ مېھرى - شەپقىتى قوزغىلىپتۇ - دە، چىنارنىڭ ئۈستىدىكى چوڭ بىر پۇتاقنىڭ ئارىسىغا ئۇۋا ياساپ، سۈرمە قۇشنىڭ بالىسىنى شۇ ئۇۋىغا ساپتۇ. بۇلاقتىن سۇ ئەكىلىپ ئىچكۈزۈپتۇ. سۈرمە قۇشنىڭ بالىسى ھوشىغا كېلىپ كۆزىنى ئېچىپتۇ - دە، يېنىدا بىر ئادىمىزاتنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ زۇۋانغا كىرىپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ: - ھەي ئادىمىزات! سەن مېنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالدىڭ، سېنىڭ ياخشىلىقىڭنى ئۈمۈرۋايەت ئۇنتىمايمەن. ئانامنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بولدى، سەن مېنىڭ يېنىمدا تۇرمىساڭ، ساڭا زىيان يېتىپ قالىدۇ. يىگىت بۇنى ماقۇل كۆرۈپ، سۈرمە قۇش بالىسىنىڭ قانىتى ئاستىغا يوشۇرۇنۇپتۇ. بىر دەمدىن كېيىن بوران - يامغۇر پەيدا بوپتۇ، ئارقىسىدىن سۈرمە قۇش كەپتۇ. - بۇ يەردە ئادىمىزاتنىڭ تىنىقى بارغۇ؟ - دەپتۇ. سۈرمە قۇش. - سۈرمە قۇشنىڭ بالىسى ئانىسىغا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىرمۇ - بىر سۆزلەپ بېرىپتۇ ۋە ھېلىقى يىگىتنى كۆرسىتىپتۇ. سۈرمە قۇش ناھايىتى خۇشال بوپتۇ، ئۇنىڭ ياخشىلىقىغا رەھمەت ئېيتىپتۇ ۋە: - ساڭا نېمە ھاجەت، مەن ئورۇنلايمەن، - دەپتۇ. - مەن ھازىر ھېچنېمىگە ھاجەت ئەمەسمەن، - دەپتۇ يىگىت. - ئۇنداق بولسا قاچان بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە مۇشۇ پەينى كۆيدۈرسەڭ مەن ھازىر بولىمەن، - دەپ سۈرمە قۇش كىچىك بىر تال پېيىنى يۇلۇپ بېرىپتۇ. يىگىت پەينى ئېلپ يولغا راۋان بوپتۇ. تاغلار ھالقىپ ئۆتۈپ، بىر تۈزلەڭلىكتىكى ناھايىتى چوڭ بىر دەرياغا يېتىپ كەپتۇ. ئۇ دەريادىن ئۇزۇپ قىرغاققا ئۆتۈپتۇ. قىرغاققا چىقىپ، شۇنداق قارىغىدەك بولسا، بىر كۆلچەكتە ھەيۋەتلىك لەھەڭ بېلىقنىڭ بالىسى نىمجان بولۇپ ياتقان. ئۇ سۇ تارتىلغاندا بۇ كىچىك كۆلچەكتە سولىشىپ قالغان ئىكەن. يىگىت يېقىنلاپ كەلگەندە، ھېلىقى بېلىققا زۇۋان كەپتۇ - دە، مۇنداق دەپتۇ: - ھەي ئادىمىزات! مەن بېلىقلار پادىشاھىنىڭ شاھزادىسى ئىدىم. تاشقىن شۇنىڭ تارتىلىشى بىلەن مۇشۇ كۆلچەككە سولىنىپ قالدىم. يەن بىر - ئىككى كۈندىن كېيىن، بۇ كۆلچەكتىكى سۇ قۇمغا سىڭىپ كەتسە، مەن يىرتقۇچ قۇشلارغا يەم بولىمەن. سەن ماڭا بىر ياخشىلىق قىلىپ، مۇشۇ دەرياغا يەتكۈزۈپ قويساڭ، سېنىڭ بۇ ياخشىلىقىڭغا نېمە تەلەپ قىلساڭ، شۇنى ئورۇنلاپ بەرسەم. يىگىت بېلىققىمۇ مېھر - شەپقەت ياغدۇرۇپ، ئۇنى دەرياغا يەتكۈزۈپ قويۇپتۇ. بېلىق بىر شۇڭغۇپلا دەريانىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن بىر لەھەڭ چىقىپتۇ. ئۇ بالىسىنى قۇتۇلدۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن يىگتكە رەھمەت ئېيتىپتۇ ۋە. «قاچان بېشىڭغا كۈن چۈشۈپ، ماڭا ھاجىتىڭ چۈشسە كۆيدۈرگىن» دەپ بىر تال قىلتىرىقىنى بېرىپتۇ. يىگىت ئۇنى ئېلىپ، يەنە يولغا راۋان بوپتۇ. ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، بىر چولگە يېتىپ كەپتۇ. ئۇ چولدە كېتىپ بېرىپ، بىر تۈلكىنىڭ ئۆلەر - تىرىلىشىگە قارىماي، ئۆزى تەرەپكە قېچىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. قارىسا، يىراقتىن بىر ئوۋچىنىڭ بۈركۈتى بۇ تۈلكىگە قاراپ ئوقتەك ئۇچۇپ كېلىۋاتقان ئىكەن. تۈلكە كەلگەن پېتى يىگىتكە مۇنداق دەپ يالۋۇرۇپتۇ: - ھەي ئادىمىزات! مېنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇۋالساڭ، شۇ ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن سېنى مۇرادىڭغا يەتكۈزسەم. يىگىت بۇنىڭغىمۇ بىر مېھرىبانلىق قىلاي دەپ ئويلاپتۇ - دە، دەرھال تۈلكىنى خۇرجۇنىغا يوشۇرۇپتۇ. بۈركۈت قايتىدىن ئاسمانغا ئۆرلەپ، يىراققا كېتىپتۇ. يىگىت تۈلكىنى خۇرجىنىدىن چىقىرىپ قويۇپ بېرىپتۇ. قورقۇپ كەتكەن تۈلكە بىر ئاز ئېسىنى يىغىپ، يىگىتكە مۇنداق دەپتۇ: - قىلغان ياخشىلىقىڭغا رەھمەت! سېنىڭ ياخشىلىقىڭنى ئۈمۈرۋايەت ئۇنتۇمايمەن. سېنىڭ نېمە تەلىۋىڭ بار، تەلىۋىڭنى بىجا كەلتۈرۈشكە تەييارمەن. - تەلىۋىم يوق، - دەپتۇ يىگىت. - ئۇنداق بولسا مەن ساڭا بىر تال تۈكۈمنى بېرەي، - دەپتۇ تۈلكە، - قاچان مېنى ئىزلىسەڭ مۇشۇ تۈكنى كۆيدۈر. شۇ ھامان مەن سېنىڭ ئالدىڭغا ھازىر بولىمەن. يىگىت تۈلكىنىڭ بىر تال مويىنى ئېلىپ، سۈرمە قۇشنىڭ پېيىنى، لەھەڭنىڭ قىلتىرىقى بىلەن قوشۇپ، ئەپلەپ ئوراپ، چاپىنىنىڭ ياقىسىغا قوشۇپ تىكىپ ساقلاپتۇ ۋە سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپتۇ. ئۆيگە كېلىپ بىر نەچچە كۈن دېمىنى ئاپتۇ. تاپقان - تەرگىنىنى ئانىسىغا بېرىپتۇ. ئەمدى گەپنى قىزدىن ئاڭلايلى: بىر كۈنى يىگىت خەقلەرنىڭ پادىشاھنىڭ قىزى ھەققىدە سۆزچۆچەك قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ نېمە ۋەقە دەپ سۈرۈشتۈرۈپتۇ. ئۇ ئەھۋالنى ئېنىق ئۇققاندىن كېيىن، شاھزادە - بايۋەچچىلەر قىز ئۈچۈن جانلىرىنى تىككەن يەردە مەن نېمىشقا بۇ يولغا بەل باغلىمايمەن، ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمىسە، مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدۇ، دەپ ئويلاپتۇ - دە، ئەھۋالنى ئانسىغا بېرىپ ئېيتىپتۇ. - ئانا، - دەپتۇ يىگىت، - پادىشانىڭ بۇ گۈزەل قىزىغا ھازىرغىچە ھېچكىمنىڭ چامى يەتمەپتۇ. مەنمۇ مۇشۇ يولدا ماڭماقچىمەن. - بالام، نى - نى شاھزدە، بايۋەچچىلەر جېنىدىن ئايرىلدى، نىيىتىڭدىن يان! سەنمۇ بۇ يولدا ئۆلۈپ كەتسەڭ، مېنى داغدا قويىسەن، - دەپتۇ ئانىسى. - ئانا، سەن رازىلىق بەر. مەن بەل باغلىغان ئىشىمدىن يانمايمەن، شاھزادە، بايۋەچچىلەر مەن يوشۇرۇنغانچىلىك يوشۇرۇنالماپتۇ، مەن ئۇنىڭ ئامالىنى قىلالايمەن، - دەپتۇ يىگىت ۋە ئۇنىڭ ئامالىنى ئانىسىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئانا ئوغلىنى قايىل قىلالماي، ئاخىرى يىغلاپ - قاقشاپ رازىلىق بېرىپتۇ. ئۇزۇن دۇئا قىلىپ، ئوغلىنىڭ باش - كۆزىنى سىلاپ، پېشانىسىدىن سۈيۈپتۇ، ئاق يول تىلەپتۇ. يىگىت قىزنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا بەل باغلىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. - ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ قىز، - بىرىنچى قېتملىق يوشۇرۇنۇشىڭىزغا ئەتە ئەتىگەندىن باشلاپ ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت بېرىمەن. تۆتىنچى كۈنى مەن ئىزلەيمەن. تاپالىسام، شۇ كۈنى كېچىسى سىزگە ئادەم ئەۋەتىمەن. تاپالمىسام، شۇ ھامان تاپالمىدىم دېگەن تىلخەتنى يېزىپ، مۆھىرىمنى بېسىپ، ئاتامغا يوللايمەن. - خوپ، - دەپتۇ يىگىت. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىگىت ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئەتىسى تاڭ يورۇشىتىن ئىلگىرى سۈرمە قۇشنىڭ پېيىنى شۇنداق كۆيدۈرگەن ئىكەن. سۈرمە قۇش ھەيۋەت بىلەن يېتىپ كەپتۇ. - ياخشىلىققا ياخشىلىق، - دەپتۇ سۈرمە قۇش، - تەلىپىڭنى ئېيت، ئورۇنلايمەن. يىگىت پادىشاھنىڭ قىزىنى ئېلىش يولىدا بەل باغلىغانلىقىنى سۆزلەپ، بىر قېتىم يوشۇرۇنۇشنى تەلەپ قىپتۇ. سۈرمە قۇش ماقۇل بوپتۇ - دە، يىگىتنى قانىتىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ ئۇچۇپتۇ، ئۇچۇپتۇ، ئۇچۇپتۇ. ئۈچ كەندە يەتتە قات ئاسماننىڭ قەرىگە ئېلىپ چىقىپتۇ. تۆتىنچى كۈنى بولغاندا پادىشاھنىڭ قىزى راۋاققا چىقىپ، جاھاننەمىنى ئېلىپ، ئەتىگەندىن باشلاپلا ئىزلىگىلى تۇرۇپتۇ. ھەدىگەندە تاغۇ - تاشلارنى ئىزلەپتۇ. تاپالماپتۇ؛ بۈك جاڭگاللىقلارنى ئىزلەپتۇ، تاپالماپتۇ؛ غارلارنى ئىزلەپتۇ، تاپالماپتۇ؛ ئادەملىرى مىغىلداپ تۇرغان شەھرى ئەزىمەتلەرنى ئىزلەپتۇ، تاپالماپتۇ. مەھەللە - كۈزلەكلەرنى ئىزلەپتۇ، تاپالماپتۇ. دېگەر ۋاقتى بوپتۇ. گۇۋاھچى، كىنىزەكلەر بۇ يىگىتنىڭ بەختىدىن خوشاللىنىپتۇ. قىزمۇ ئۇ يىگىتنىڭ زىرەكلىكىگە ھەيران بوپتۇ. قىز زىمىننى ئىزلەپ بوپتۇ. شۇ ۋاقىتتا ئاسماننى ئىزلەپ بېقىش ئويىغا كەپتۇ - دە، جاھاننامىنى ئاسمانغا توغرىلاپ ئىزلەپتۇ. بۇلۇتلاردىن ھالقىپ، بىرىنچى، ئىككىنچى قات ئاسمانلارنى ئىزلەپتۇ. شۇنداق ئىلەپ، يەتتىنچى قات ئاسماننىڭ قەرىگە يەتكەندە، بىر سۈرمە قۇشنى، ئۇنىڭ ئۇنىڭ قانىتى ئاستىدىكى يىگىتنى كۆرۈپتۇ. ۋاقىت توشۇپ، يىگىت يېرىم كېچىدە ئاسماندىن چۈشكەندە، قىزنىڭ تېپىۋالغانلىق خەۋرىنى يىگىتكە يەتكۈزۈپتۇ. يىگىت ئەتىسى قىزنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ. قىز ھازىرغىچە بىرمۇ يىگىت مۇنچىلىك ئىزلىتەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئېسىل تائاملار بىلەن مېھمان قىپتۇ ۋە يەنە ئىككىنچى قېتىملىققا ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت بېرىپتۇ. يىگىت بۇ قېتىم ھېلىقى دەريا بويىغا كېلىپ، قىلتىرىقنى كۆيدۈرگەن ئىكەن، سۇنى داۋالغۇتۇپ، ھېلىقى لەھەڭ بېلىق سۇ ئۈستىگە لەيلەپ چىقىپتۇ. - سېنىڭ ياخشىلىقىڭنى ئۈمۈر بويى ئۇنتۇمايمەن، - دەپتۇ لەھەڭ، - ماڭا ھاجىتىڭ چۈشكەن بولسا، ئورۇنلاريمەن، قېنى نېمە ھاجىتىڭ بار؟ يىگىت پادىشاھنىڭ قىزى بىلەن بولغان ئەھۋاللارنى لەھەڭگە دەپ بېرىپتۇ ۋە بۇ قېتىم ئۆزىنى يوشۇرۇشنى ئېيتىپتۇ. لەھەڭ ماقۇل بولۇپ، بالىنى يۇتۇپتۇ - دە، سۇ ئاستىغا قاراپ شۇڭغۇپتۇ. دەريانىڭ نەچچە يۈز ئاغامچا كېلىدىغان چوڭقۇر يېرىگە بېرىپ يېتىپتۇ. تۆتىنچى كۈنى تاڭ سەھەردىلا پادىشاھنىڭ قىزى راۋاققا چىقىپ، جاھاننەما بىلەن يىگىتنى ئىزلىگىلى تۇرۇپتۇ. تاغۇ - تاشلار، دەشتى - چوللەر، بۇڭ جاڭگاللار، غارلار جاھاننەمادا بىرمۇ - بىر ئۆتۈپتۇ. يىگىتتىن دېرەك بولماپتۇ. چوڭ شەھەر، كىچىك مەھەللە، چەت ياقىلاردىكى يالغۇز ئۆيلەرمۇ قالماپتۇ. ئاخىرى يەتتە قات ئاسمانمۇ جاھاننەمائالدىدىن ئۆتۈپتۇ. يىگىتتىن تېخىچىلا دېرەك بولماپتۇ. قىز دېگەر ۋاقتىدىن كېيىن، جاھاننەمىنى قويۇپ تۇرۇپ قاپتۇ. بۇ چاغدا ئەتراپتا «قىز يىگىتنى تاپالمايدىغان بولدى» دېگەن ۋاراڭ - چۇرۇڭ كۆتىرىلىپتۇ. قىز جاھاننەمىنى قايتىدىن قولغا ئالغاندا، ھەممە تېڭىزقاپ قاپتۇ. ئەتراپ بىر پەس شۇنداق جىمجىتلىققا ئايلىنىپتۇ، چىۋىننىڭ ئۇچقىنىمۇ ئاڭلانغۇدەك بوپتۇ. قىز ئاخىرى جاھاننەمىنى كۆللەرگە، ئەزىم دەريالارغا توغرىلاپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن، يىگىتنىڭ بىر دەريانىڭ نەچچە يۈز ئاغامچا چوڭقۇر يېرىدىكى بىر لەھەڭنىڭ قورسىقىغا كىرىۋالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. تاماشا كۆرگۈچىلەر يىگىتنىڭ بۇ كارامەتلىك خىسلىتىگە ئاپىرىن ئەيلەپتۇ: «بۇنداق كارامەتلىك يىگىتلەر ئالەمدە تېپىلماس» دېيىشىپتۇ. يىگىتنىڭ ئىككى قېتىملىق يۇشۇرۇنۇشى خەقلەر ئارىسىدا سۆز - چۆچەك بولۇپتۇ. بۇنىڭدىن قىزنىڭ ئاتا ۋە ئانىسى خەۋەر تېپىپتۇ. پادىشاھ قىزىنى چاقىرىتىپ شۇنداق دەپتۇ: - ئەي قىزىم، بەس، - دەپتۇ پادىشاھ، - سېنىڭ شەرتىڭنى ئورۇنلاش يولىدا نى - نى ئەزىمەتلەر جېنىدىن جۇدا بولدى. ئۇلار بۇنچىلىك كارامەت كۆرسىتەلمىگەن ئىدى. بۇ يىگىت زىرەك، ئەقللىق، باتۇر ئىكەن. بۇنىڭدىن ئارتۇغى جاھاندا تېپىلماس. ئەي قەدىرلىك ئاتا، - دەپتۇ قىز - ئېيتقانلىرىڭىزغا قايىلمەن، بۇنداق ئىشلار ئەقىللىق باتۇر يىگىتلەرنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. بىراق مەن شەرتىمدىن يانالمايمەن. مەرتە - مەرتەم ئۈچ مەرتەم. ئۇ يىگتنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق كارامىتىنىمۇ كۆرۈپ باقاي. پادىشاھ قىزىنى نىيىتىدىن ياندۇرالماپتۇ. چاپارمەنلەر يىگىتنى ئېلىپ كەپتۇ. قىز يىگىتنى چارىباغلاردا ئايلاندۇرۇپ، بىر نەچچە كۈن مېھمان قىپتۇ. قىز يىگىتنىڭ قولىغا ئۆزى سۇ قۇيۇپتۇ. نۇرغۇن ئىنئاملارنى قىپتۇ. قىز يىگىتكە ئاخىرىقى قېتىم بىر ئايلىق مۆھلەت بېرىپتۇ. يىگىت سوغىلارنى ئېلىپ قايتىپتۇ. يىگىت ئاخىرىقى قېتىم تۈلكىنىڭ بىر تال مويىنى كۆيدۈرگەن ئىكەن، ھېلىقى تۈلكە شۇ زامان پەيدا بوپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ: - ئىھ، مېنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزغان ئىنسان، ماڭا چۈشكەن ھاجىتىڭنى ئېيىت. مەنمۇ سېنى مۇرادىڭغا يەتكۈزەي. يىگىت پادىشاھنىڭ قىزىنىڭ شەرتىنى ئورۇنلاشتا ئىككى قېتىم يېڭىلگەنلىكىنى، بۇ قېتىم تۈلكىنىڭ ئۆز كارامىتى بىلەن بۇ شەرتنى ئورۇنلاشقا ياردەم بېرىشىنى ئېيتىپتۇ. تۈلكە مۇنداق دەپتۇ: - ئۇنداق بولسا سەن 29 كۈن ئۇيۇن - تاماشاڭنى قىلىۋەر. ئاخىرقى كۈنى مەن شۇنداق يۇشۇرايىن، ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئەقلى يەتمەي قالسۇن. شۇنىڭدىن كېيىن يىگىت قىزنىڭ ئىنئاملىرىغا بىر ئېسل ئىمارەت ياسىتىپتۇ. ئانىسى ۋە ئۆزىگە ئېسىل رەختلەردىن كىيىملەر تەييارلاپتۇ. شۇ كۈنلەردە بەزىلەر «بۇ يىگىت سۇنى كۆرمەي ئوتۈكنى يېشىپتۇ» دەپتۇ. يەنە بەزىلەر «تېخىچە يوشۇرۇنمىدى، ئويناپ كۈلۈپ يۈرىدۇ، ئاقىۋىتى قانداق بولار» دېيىشىپتۇ. ھەممىسىلا بۇ يىگىتنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلەلمەپتۇ. ئاخىرقى كۈنى ھېلىقى تۈلكە يىگىتنىڭ قېشىغا كەپتۇ - دە: - تەييارلىق پۈتتى، مېنىڭ بىلەن ماڭ، - دەپتۇ. يىگىت تۈلكىنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپ، بىر يارلىقتىكى توشۈكنىڭ يېنىغا كەپتۇ. شۇ چاغدا تۈلكە: - سەن مۇشۇ توشۇك بىلەن ماڭساڭ، نەق قىز تۇرغان راۋاقنىڭ ئاستىغا بارىسەن، قىز سېنىڭ بۇ يەردىلىكىڭنى زادىلا ئويلىيالمايدۇ، ئۇ «تاپالمىدىم» دىيىشى ھامان توقماق بىلەن يۇقىرىغا قارىتىپ بىرنى ئۇرىساڭ توشۇك ئېچىلىدۇ. «مانا مەن» دەپلا ئىرغىپ چىقسەن - دە، مۇرادىڭغا يېتىسەن، - دەپتۇ. يىگىت تۈلكىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە توشۇككە كىرىپ كېتىپتۇ. 31 - كۈنى بولغاندا قىز يوشۇنغان يىگىتنى ئىزلەشكە كىرىشىپتۇ. بۇ كۈنى تاماشا كۆرگۈچىلەر تەرەپ - تەرەپلەردىن كەپتۇ. مىڭلىغان ئادەملەر كوڭلىدە بۇ يىگىتكە ھىسداشلىق قىپتۇ ۋە «خۇدا، مۇنداق ئەقىللىق، باتۇر، مېھرىبارن، مەرد يىگىتلەرنى ئۆزەڭ ساقلىغايسەن» دەپ دۇئا ئوقۇپتۇ. خەقلەر «بۇ ئىككى ياشنىڭ تويىنى بۈگۈندىن باشلىدۇق» دېيىشىپتۇ. قىزنىڭ شەرتىنى ئورۇنلاشتىن قاچقان، ئۆلۈپ كېتىشتىن قورۇققان، بىراق قىزغا تەشنا بولۇپ تۇرغان شاھزادە، بايۋەچچىلەر «يىگىتنىڭ قانداق ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى كۆرەيلى» دېيىشپتۇ. قىز جاھاننەمىنى ئېلىپ، ھە دېگەندە ئادىتى بويىچە تاغۇ - تاشلارنى ئىزلەپتۇ. تاپالماپتۇ؛ بۈك جاڭگاللارنى ئىزلەپتۇ، تاپالماپتۇ؛ غارلارنى ئىزلەپتۇ، تاپالماپتۇ؛ شەھرى ئەزىم، سەھرا، چۆلەرمۇ قالماپتۇ، تاپالماپتۇ، يەتتە قات ئاسمان، چوڭ كۆللەر، ئەزىم دەريالارم جاھاننەما ئالدىدىن ئوتۇپتۇ، يىگىتتىن دېرەك بولماپتۇ. كۈنمۇ ئولتۇرۇپتۇ. ئەتراپتىن قىقاس - چوقان كوتىرىلىپتۇ. بارىكاللا ئېيتىلغان سادا يەر - جاھاننى قاپلاپتۇ. ياۋايى ھايۋان، ئۇچار قۇش، بېلىقلارمۇ بۇ ساداغا جور بوپتۇ. ئاخىرى قىز: «تاپالمىدىم» دەپتۇ. شۇ چاغدا يىگىت توقماق بىلەن يۇقىرىغا قارىتىپ بىرنى ئۇرۇپتىكەن، چوڭ بىر توشۇك ئېچىلىپتۇ. شۇ چاغدا يىگىت «مانا مەن» دەپ ئىرغىپ چىقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ داقا - دۇمباق، نەغمە - ناۋا جاراڭلاپتۇ. بۇ كارامەت يەتتە ئىقلىمغا ناھايىتى تېز تاراپ، تەرەپ - تەرەپتىن پادىشاھلار مۇبارەكلەپ، ھېساپسىز سوغا - سالاملارنى ئېلىپ كەپتۇ. قىز بىلەن يىگىتنىڭ توي مەرىكىسى 41 كېچە - كۈندۈز داۋاملىشىپتۇ. پادىشاھ توينىڭ ئاخىرىقى كۈنى، باشقا ئەللەردىن كەلگەن پادىشاھلارغا، ۋەزىر، ئۆلمالارغا ئايرىم زىياپەت تەييارلاپتۇ. بۇ چوڭ بەزمىدە پادىشاھ مۇنداق دەپتۇ: - مېنىڭ ھوزۇرۇمغا كەلگەن جىمى ئەلنىڭ پادىشاھلىرى ۋە ئۇلۇغلىرى، مەن ئۆز ھاياتىمدا ئارمان قىلغان ئارزۇيۇمغا يەتتىم. پەرزەنت كۆرۈپ، مۇنداق زىرەك، باتۇر، مەرت يىگىتكە ئاتا بولدۇم. دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغ ئىش بولمىسا كېرەك. شۇڭا مەن پادىشاھلىق تاجۇ - تەختىمنى كۈيئوغلۇمغا بەردىم. يىگىت شۇ كۈندىن تارتىپ، يەتتە ئىقلىمغا پادىشاھ بوپتۇ. پۇقرالارنىڭ كۆڭلى شات بوپتۇ. پادىشاھ، قىزنىڭ ئانىسى، يىگىتنىڭ ئانىسى ئۈمرىنىڭ ئاخىرىغىچە خاتىرجەم ئۆتۈپتۇ. يىگىت پادىشاھ بولغان بۇ زاماندا يەتتە ئىقلىمنىڭ پۇقرالىرى خاتىرجەم، پاراۋان بولغاچقا، پادىشاھلىق دۇنيامۇ ھەددى - ھېسابسىز بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق