UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئىسكەندەر بىلەن ھۈرلىقا

ئىسكەندەر بىلەن ھۈرلىقا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر كىشىنىڭ ئىسكەندەر دېگەن ئوغلى بولغانىكەن. ئىسكەندەر چوڭ بولۇپ، بالاغەتكە يەتكەندە ئاتا - ئانىسى ئوغلىنى ئۆيلەش توغرىسىدا ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپتۇ. ئۇلار بىر كۈنى كەچكى تاماقتىن كېيىن ئىسكەندەرنى يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ: - ئوغلۇم، بىز بولساق قېرىدۇق، بىر پۇتىمىز گۆرگە ساڭگىلاپ قالدى. كۆزىمىزنىڭ ئوچۇقىدا سنى ئۆيلەپ قويايلى دەۋاتىمىز. بۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟ - دەپتۇ. ئىسكەندەر بولسا شەھەرمۇ شەھەر يۈرۈپ جاھان كېزىشنى ئارزۇ - ھەۋەس قىلىپ يۈرگەنىكەن. چۈنكى ئۇ يولۇچى ۋە جاھانكەزدىلەردىن بۇ توغرىدا نۇرغۇن ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ يۈرۈپ، كۈڭلىدە شۇنداق ئارزۇ - ھەۋەس قوزغالغانىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ: - ئۆيلىنىش قېچىپ كەتمەس، كۆڭلۈمدە بار چوڭ ئارزۇ - ھەۋەس. ئەگەر سىلەر رازىلىق بەرسەڭلار مەن ئالدى بىلەن جاھاننى بىر كېزىپ كەلسەم، - دەپتۇ. يالغۇز ئوغلىنىڭ كۆڭلىدە بۇنداق ئارزۇ - ھەۋەسنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان ئاتا - ئانا ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپتۇ - دە: - مەيلى، ئوغلۇم، ئەگەر كۆڭلۈڭدە شۇنداق ئارمىنىڭ بولسا بىز رازى، - دەپ رازىلىق بىلدۈرۈپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ ئاتا - ئانا ئىسكەندەرنىڭ يول تەييارلىقىنى باشلاپتۇڭ ۋە بىر جۈمەدىن كېيىن ئوغلىنى كارۋانلارغا قوشۇپ، سەپەرگە ئۇزىتىپ قويۇپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ھەپتىلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ، ئايلارمۇ ئۆتۈپتۇ. كارۋانلار شەھەرمۇ شەھەر يۈرۈپ، ساتىدىغان ماللىرىنى ئېلىپ قايتماقچى بولغاندا، ئىسكەندەر ئاتا - ئانىسىغا >مەن ئامان - ئېسەن يۇرت كېزىپ يۈرىمەن. مېنىڭدىن قايغۇرماڭلار، مەن ئەمدى باشقا شەھەرگە كەتتىم< دەپ ئىككى ئىلىك خەت يېزىپ، كارۋانلاردىن ئەۋەتىپتۇ، ئۆزى باشقا شەھەرگە كېتىپتۇ. ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ. ئىسكەندەر شەھەرمۇ شەھەر كېزىپ يۈرۈپتۇ. كۈنلەردىن بىرى كۈنى چوڭ بىر شەھەردە تاماشا قىلىپ يۈرسە، ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەر ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى كىيىپ بىر ياققا كېتىپ بارغۇدەك. بۇ كىشىلەر شۇنداق نۇرغۇن ئىكەنكى، ئۇلارنىڭ بېشى ياكى ئاخىرى كۆرۈنمىگۈدەك. ئىسكەندەر >بۇ ئادەملەر نەگە كېتىپ بارىدىكىن - ھە؟ ياكى بىر يەردە توي بارمىكىن؟< دەپ سورىسا، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى جاۋاب بەرمەستىن پەقەت ئۆز - ئۆزىگە >ھە خۇدا، ماڭا تاشلىسىدى< دېگەن تىلەك تىلىشىپلا كېتىۋېرىپتۇ. كېيىن ئىسكەندەر ئۇياق - بۇياققا قارىسا، بىر ئىشىك تۈۋىدە بىر موماي قاراپ تۇرغۇدەك. يۈگۈرۈپ موماينىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ - دە: - موما، بۇ كىشىلەر نەگە ۋە نېمە ئىشقا كېتىپ بارىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - ھوي بالام، بۇ شەھەردىكى خاننىڭ ھۈرلىقا دېگەن بىر قىزى بار. ئۇ قىز شۇنداق چىرايلىق بىر قىزكى، ئەگەر جاھاندا چىرايلىق ئىككى بولسا بىرى شۇ قىز، ئەگەر بىرلا بولسا ئۆزى شۇ. ئەنە شۇ قىزغا پۈتۈن جاھاندىكى شاھزادىلەر، بەگزادىلەر ۋە بايلارنىڭ بالىلىرى ئاشىق بولۇپ ئەلچىلەر ئەۋەتىشتى. لېكىن قىزنىڭ ئۆزىگە قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن قىز پۈتۈن ئەركەكلەرنىڭ شەھەر دەرۋازىسىدىن ئۆتۈشنى ئىلتىماس قىلىپ خەۋەر تارقاتقان. قىز دەرۋازىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر - بىرلەپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۆزىگە ياققان بىر يىگىتكە ئالما تاشلىغۇدك. بۇ كىشىلەر ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن دەرۋازىدىن ئۆتۈشكە كېتىپ بارىدۇم - دەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئىسكەندەرمۇ توپقا قوشۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ كەينىدىن كېتىۋېرىپتۇ. بىر يەرگە بارسا، دەرۋازىنىڭ ئۈستىدە قولىدا بىر تال ئالما تۇتقان شۇنداق چىرايلىق بىر قىز تۇرۇپتىكى، ئۇنىڭ چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرغۇدەك. شەھەر خەلقى دەرۋازىدىن ئۆتۈۋاتقۇدەك، لېكىن قىز ئالمىنى ھېچكىمگە تاشلىماپتۇ. كىشىلەر دەرۋازىغا يەتكۈچە چوڭ ئۈمىدلەر بىلەن بېرىپ، ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئۈمىدسىزلىنىپ روھى چۈشۈپ كەتكۈدەك. ھەممىنىڭ كەينىدىن ئىسكەندەر دەرۋازىغا يېتىش بىلەنلا، قىز قولىدىكى ئالمىنى ئىسكەندەرگە قارىتىپ تاشلاپتۇ. نى - نى كېلىشكەن يۈزلىگەن، مىڭلاپ شاھزادىلەر ۋە بەگزادىلەرگە تاشلىماي، ئاددىي بىر يىگىتكە ئالما تاشلىغىنى ئۈچۈن ھەممە ھەيران بولۇپتۇ. ئەمما ئىسكەندەرمۇ ناھايىتى چىرايلىق، پېشانىسى ئىسسىق ۋە دانا يىگىت ئىكەن. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋەدىگە ۋاپا قىلىپ، چوڭ توي - تۆكۈن ئۆتكۈزۈپ، قىزنى ئىسكەندەرگە نىكاھلاپ قويۇپتۇ ۋە ئۇلارغا ئۆي تۇتۇپ بېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، يەنە بىر نەچچە ئايلار ئۆتۈپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى ئىسكەندەر ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسىنى ئەسلەپ، ئۆز شەھىرىگە قايتىش پىكرىگە كەپتۇ - دە، خوتۇنىغا: - ھۈرلىقا، مەن پالانى شەھەرنىڭ پۇقراسى، مېنىڭمۇ ئاتا - ئانام، قەۋمى قېرىنداشلىرىم بار. مەن جاھان كېزىپ چىققانىدىم، مانا خېلى يىللار ئۆتۈپ كەتتى، شەھەرلەرنى كەزدىم، تەقدىر ئىرادە بىلەن ئىككىمىز قوشۇلۇپ ئۆي - ئوچاقلىق بولۇپ قالدۇق. ئەمدى سەن ئاتا - ئاناڭدىن رۇخسەت ئالساڭ، مېنىڭ ئاتا - ئانامنىڭ ئالدىغا بېرىپ قويساق، - دەپ مەسلىھەت ساپتۇ. ھۈرلىقا بۇ مەسلىھەتنى توغرا كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئېيتىپتۇ. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىمۇ بۇ مەسلىھەتنى ماقۇل كۆرۈپ رازىلىق بېرىپتۇ ۋە كۆپ سوۋغا - سالاملار بىلەن بۇلارنى ئۇزىتىپ قويۇپتۇ. ئىسكەندەر ئۆز شەھىرىگە توپ توغرا كەتمەستىن، يەنە كۆرمىگەن شەھەرلەرنى كۆرۈپ كېتىش ئۈچۈن شەھەرمۇ شەھەر ئايلىنىپ مېڭىپتۇ. بۇلار كۆپ چۆللەرنى بېسىپ قانچە دەريالاردىن ئۆتۈپ، نۇرغۇن شەھەرلەرنى كېزىپ ۋە تالاي تاغلارنى ئېشىپ چوڭ بىر شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ. شەھەردە ئۇلارنىڭ تونۇشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن نېمە قىلىشنى بىلمەي، شەھەرنىڭ چېتىدە ئىگىسىز بوش تۇرغان بىر ئۆيگە چۈشۈپ جايلىشىپتۇ. بۇلارنىڭ يول ئوزۇقلىرى تۈگەپ، ئاقچىلىرى ئاز قالغانىكەن، ئەمما ئىسكەندەر بۇ توغرىدا ھۈرلىقاغا ھېچنېمە دېمەپتۇ ۋە ئۆزىدىن - ئۆزىگە خىجالەت بولۇپ، خىيال بىلەن ئېڭىكىنى تۇتقىنىچە ئولتۇرۇپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن ھۈرلىقا ئاستا ئىسكەندەرنىڭ يېنىغا كېلىپ: - ئىسكەندەر، سىزگە نېمە بولدى؟ نېمە سەۋەبتىن شۇنچە خىيالغا چۆمۈپ ئولتۇرىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ. ئىسكەندەر ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ، ھۈرلىقانىڭ بېشىنى سىلاپتۇ - دە: - يولغا ئالغان ئوزۇقىمىز تۈگىدى، ئاقچىمۇ بىر - ئىككى كۈنگە يەتكۈدەكلا قالدى، يولىمىز تېخى ئۇزاق، تونۇش - بىلىشلەرمۇ يوق، نېمە قىلىشنى بىلمەي خىيال سۈرۈپ قالدىم، - دەپ ئەھۋالنى بايان قىلىپتۇ. ھۈرلىقا ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ياساپ، ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپتۇ ۋە: - شۇنىڭغىمۇ شۇنچە خىيال سۈرەمسىز؟ قويۇڭ، خىجالەت بولماڭ، بىر ئىلاجىسى بولۇپ قالار. ھازىر بازارغا بېرىپ ئىككى نان، بىر گەز ياخشى شايى، قىرىق بىر تۈرلۈك ئىپەك يىپ سېتىپ ئەكىلىڭ، - دەپتۇ ئىسكەندەرنى بازارغا ئەۋەتىپتۇ. ئىسكەندەر بازارغا بېرىپ، ئىككى نان، بىر گەز ياخشى شايى، قىرىق بىر تۈرلۈك يىپنى ئېلىپ كەپتۇ. ئاخشىمى ئەر - خوتۇن ئىككىسى ئولتۇرۇپ ھېلىقى ئىككى نان بىلەن چاي ئىچىپ قورساقنى تويدۇرۇپتۇ، كېيىن ھۈرلىقا: - سىز ئەمدى دەم ئېلىڭ، ناھايىتى ھېرىپ كەتتىڭىز، - دەپ ئىسكەندەرگە ئورۇن سېلىپ بېرىپتۇ. ئىسكەندەر يېتىپ ئۇخلاپتۇ ۋە ھۈرلىقانىڭ كېچىچە نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلمەپتۇ. ھۈرلىقا بولسا كېچىسى ئولتۇرۇپ، ھېلىقى يىپلار بىلەن شايىدىن ناھايىتى چىرايلىق كەشتە ياغلىق توقۇپتۇ، بۇنى سەھەرگە يېقىن پۈتتۈرۈپ، قوزۇققا ئېلىپ قويۇپتۇ - دە، يېتىپ ئۇخلاپتۇ. ئەتىگەنلىكى ئىسكەندەر ئۇيقۇدىن تۇرسا، ھۈرلىقا ئۇخلاۋاتقان، قوزۇقتا ناھايىتى چىرايلىق بىر كەشتە ياغلىق ئېسىقلىق تۇرغان. ئىسكەندەر شۇنچە شەھەرلەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ھېچ يەردە ۋە ھېچقاچان بۇنداق چىرايلىق ياغلىقنى كۆرۈپ باقمىغانىكەن. ئۇ ياغلىقنى قولىغا ئېلىپ ھەيران بولۇپ >ئەجابا، بىزدە بۇنداق چىرايلىق كەشتە ياغلىق يوق ئىدىغۇ، بۇ نەدىن كېلىپ قالدى؟< دەپ ئۆز - ئۆزىدىن ئەجەبلىنىپ تۇرغىنىدا ھۈرلىقا ئويغىنىپتۇ. ئۇ ئسكەندەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئەجەبلەنمەڭ، بۇنى مەن كېچىچە ئولتۇرۇپ، تۈنۈگۈن سىز بازادىن ئېلىپ كەلگەن يىپ ۋە شايىدا توقۇدۇم. ئەمدى سىز بۇنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ كېلىڭ، يۈز يامبۇ بەرمىسە ساتماڭ. ساتقاندىن كېيىن بىر كۈنلۈك ئوزۇق ۋە يەنە تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاش بىر گەز شايى ۋە قىرىق بىر تۈرلۈك يىپ ئېلىپ كېلىڭ. شۇنداق قىلىپ، ئۈچ - تۆت قېتىملا كەشتە توقۇپ ساتساق يولغا يېتەرلىك ئوزۇق جايلاپ ئالىمىز، - دەپ ئىسكەندەرنى يەنە بازارغا ئەۋەتىپتۇ. ئىسكەندەر كەشتە ياغلىقنى قاتلاپ قوينىغا ساپتۇ - دە، بازارغا كېتىپتۇ. ئۇ بازارغا بېرىپ، قوينىدىكى باغلىقنى شۇنداق چىقىرىشى بىلەنلا، بۇنى كۆرگەن كىشىلەر ياغلىقنىڭ چىرايلىقلىقىغا ھەيران قېلىشىپ ئىسكەندەرنى ئوراپ ئېلىشىپتۇ. ھەر كىم بۇ كەشتە ياغلىقنى سېتىپ ئېلىشقا قىزىقىپ ئۆز ئارا تالىشىپ قاپتۇ. شۇ ئارىدا، شۇ شەھەردىكى خاننىڭ بالىسى بازارنى ئارىلاپ تاماشا قىلىپ يۈرگەنىكەن، ئۇ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ >بۇ كىشىلەر نېمىنى شۇنچە تالىشىۋاتىدىكىنە؟< دەپ قارىسا، ناھايىتى چىرايلىق بىر كەشتە ياغلىقنىڭ سودىسى بولۇۋاتقان. ئۇنىڭمۇ ھەۋىسى كېلىپ، بۇ ياغلىقنى ئالغۇسى كەپتۇ ۋە توپنىڭ ئارىسىغا يېرىپ كىرىپ: - توختاڭلار، خالايىقلار، توختاڭلار، ياغلىقنى تالاشماستىن بۇياققا بېرىڭلار! بۇنىڭ ئىگىسى كىم؟ باھاسى قانچە؟ - دەپ سوراپتۇ. ئاڭغىچە بۇ ياغلىقنى تالىشىپ، بىر - بىرلىرى بىلەن بوغۇشۇۋاتقان كىشىلەر شاھزادىگە گەپ قىلالماي، ياغلىقنى ئۇنىڭغا بېرىپتۇ. - ياغلىقنىڭ ئىگىسى مەن، ئۇنىڭ باھاسى يۈز يامبۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئىسكەندەر: شاھزادە دەررۇ يۈز يامبۇنى چىقىرىپ بېرىپتۇ - دە، بۇ ياغلىقنىڭ چىرايلىقلىقىغا ھەيران بولۇپ >پاھ، پاھ، ئەجەپمۇ چىرايلىق توقۇلغان ياغلىق ئىكەنا! بۇنى توقۇغان قانداق گۈزەلنىڭ چىۋەر قولىدۇ؟ ئۇنى ئەلۋۋەتتە كۆرۈش ۋە قولغا چۈشۈرۈش كېرەك< دېگەن ئويغا كەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئاستا ئىككى دوستىنى چاقىرىپ: - سىلەر ھېچكىمگە بىلدۈرمەستىن ئاۋۇ يىگىتنىڭ كەينىدىن بېرىپ، ئۇنىڭ بارغان يېرىنى، ئۇ بارغان يەردە كىملەر بارلىقىنى تولۇق بىلىپ كېلىڭلار، - دەپ ئىسكەندەرنى كۆرسىتىپتۇ. ئىسكەندەر بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوقلار بازاردىن كېرەك نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىتپۇ. بۇنى پايلاپ يۈرگەن ھېلىقى ئىككى يىگىت ئىسكەندەرنىڭ كەينىدىن يوشۇرۇنچە ئەگىشىپ مېڭىپتۇ. ئىسكەندەر ئۆزى چۈشكەن ئۆيگە كېلىپ قولىدىكى نەرسىلەرنى ئاپتۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھېلىقى پايلاپ كەلگەن ئىككى پايلاقچى دەرۋازىنىڭ يوچۇقىدىن قاراپ كۆرۈپتۇ. كېيىن بۇلار شاھزادىنىڭ ئالدىغا بېرىپ: - بىز ھېلىقى يىگىتنىڭ كەينىدىن پايلاپ بارساق، ئۇ شەھەرنىڭ چېتىدىكى ئېگىسىز بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى. دەرۋازىنىڭ يوچۇقىدىن ماراپ قارىساق، شۇنداق چىرايلىق بىر جۇۋان ھويلىنى سۈپۈرۈپ يۈرۈپتۇ، ئېھتىمال شۇ يىگىتنىڭ خوتۇنى بولسا كېرەك. ئۇ جۇۋانىڭ چىرايلىقلىقىنى بىر دېمەڭ، ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس، - دەپتۇ. - دېمەك بۇلار باشقا يۇرتتىن كەلگەن كىشىلەر ئىكەن. بۇنداق بولسا بۈگۈن كەچتىلا ئىشنى باپلايمىز، - دەپتۇ. شاھزادە ۋە ئىككى دوستى بىلەن كەچتە ھېلىقى جۇۋاننى ئېرىدىن تارتىپ ئەكىلىشكە مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ قويۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، كۈن كەچ بولۇپتۇ. ئىسكەندەر بىلەن ھۈرلىقا كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ئۇزاق پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئىسكەندەر يېتىپ ئۇخلاپتۇ، ھۈرلىقا بولسا ئولتۇرۇپ كەشتە توقۇشقا باشلاپتۇ. تۈن يېرىمىدىن ئۆتۈپ، پۈتۈن شەھەر ئۇيقۇغا كەتكەندىن كېيىن شاھزادە ئىككى دوستىنى ئەگەشتۈرۈپ ئىسكەندەر تۇرغان ئۆيگە كەپتۇ. بۇلار ئاستا دەرۋازىنى ئېچىپ ھويلىغا كىرىپتۇ، لېكىن ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچالماپتۇ، ئاندىن ئىشىكنى بۇزۇشقا باشلاپتۇ. شۇ ئارىدا ھۈرلىقا بۇ تاراق - تۇرۇقتىن قورقۇپ ئىسكەندەرنى ئويغىتىپتۇ. ئاڭغىچە شاھزادە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۆيگە كىرىپ، زورلۇق بىلەن ھۈرلىقانى سۆرەپتۇ. ئىسكەندەر قانچىلىك قارشىلىق قىلسىمۇ، يالغۇزلۇق قىلىپ كۈچى يەتمەپتۇ. ھېلىقى ئۈچى ئىسكەندەرنى ئۇرۇپ ھوشىدىن كەتكۈزۈپ، پۇت - قولىنى باغلاپ، كوچىدىكى بىر كۆۋرۈكنىڭ يېنىغا پاتقاققا تاشلىۋېتىپتۇ - دە، ھۈرلىقانى ئېلىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەنلىكى مۆمىن دېگەن بىر كىشى ھارۋا ھەيدەپ كېلىۋېتىپ، كۆۋرۈككە كەلگەندە ئېتى ئۈركۈپ ئۆتمەپتۇ. ھارۋىكەش ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشۈپ قارىسا، قول - ئايىغى باغلانغان بىر ئادەم لايغا مىلىنىپ ياتقۇدەك. ئۇ دەررۇ ئىسكەندەرنىڭ قول - ئاياغلىرىنى يېشىپ ھارۋىغا ساپتۇ - دە، توپتوغرا ئىسكەندەرنىڭ قول - ئاياغلىرىنى يېشىپ ھارۋىغا ساپتۇ - دە، توپتوغرا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ كېتىپتۇ. مۆمىن ئاكا ئىسكەندەرنى يۇيۇپ، قۇرۇق كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، كۆرپىلەرگە ئوراپ ياتقۇزۇپتۇ. قاتتىق ئازابلانغان ئىسكەندەر خېلى ۋاقىتلاردىن كېيىن ھوشىغا كېلىپ، كۆزىنى ئېچىپ قارىسا، بىر يات كىشىنىڭ ئۆيىدە ياتقان، ئىسكەندەرنىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى كۆرگەن مۆمىن ئاكا: - سەن كىم بولىسەن ئۇكام؟ نەدىن كەلدىڭ؟ نېمە سەۋەبتىن بۇ ئەھۋالغا دۇچار بولدۇڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. ئىسكەندەر ئۆزىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى، قانداق قىلىپ ئۆيلەنگەنلىكىنى ۋە نېمە سەۋەبتىن بۇ يەرلەرگە كېلىپ، شۇ ئەھۋالغا دۇچار بولۇپ قالغانلىقىنى باشتىن - ئاياغ سۆزلەپ بېرىپتۇ. لېكىن بۇ ئىشنى قىلغانلار كىم، ھۈرلىقانى كىملەر نەگە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلمەپتۇ. مۆمىن ئاكا بۇنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن: - قايغۇرما ئۇكام، يىگىت كىشىنىڭ بېشىغا ھەر ئىشلار كېلىدۇ. ئەگەر خوتۇنىڭ مۇشۇ شەھەردە بولسا ئۇنى تېپىش ئاسان. ئۇنى تېپىشقا مەن ياردەم قىلىمەن، - دەپ ئىسكەندەرنىڭ كۆڭلىنى ياساپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ، ئىسكەندەر ئاۋۋالقى ھالىغا كەپتۇ. بىر كۈنى مۆمىن بازارغا بېرىپ خۇرجۇننىڭ ئىككى بېشىنى تولدۇرۇپ ھەر خىل ئۇششاق - چۈششەك ماللارنى ئېلىپ كەپتۇ ۋە ئۇنى بىر سېۋەتكە سېلىپ: - مانا ئۇكام، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى خوتۇن - قىزلارغا كېرەك نەرسىلەر، سەن مۇشۇ نەرسىلەر بىلەن كوچىمۇ كوچا يۈرۈپ سېتىقچىلىق قىل، مۇشۇ نەرسىلەر ئارقىلىق خوتۇنىڭ بىلەن تېپىشىسەن. بۈگۈن ماڭغاچ كوچىلار بىلەن ئەتىسى ماڭما، ھەر كۈنى باشقا - باشقا كوچىلار بىلەن ماڭ. شۇنداق قىلىپ، بىر نەچچە كۈننىڭ ئىچىدە پۈتۈن شەھەرنى ئايلىنىپ چىقىسەن. ئاۋازىڭنى ئايىماستىن >ئەلەڭگە - مەلەڭگە، سەرەڭگە، مېنىڭدىكى ھەر نەرسە كېرەك بولۇر ھەدەمگە< دەپ ۋارقىراپ ماڭ، - دەپ ئىسكەندەرگە بېرىپتۇ. ئىسكەندەر سېۋەتنى كۆتۈرۈپ >ئەلەڭگە، مەلەڭگە، سەرەڭگە مېنىڭدىكى ھەممە نەرسە كېرەك ھەدەڭگە< دەپ ۋارقىرىغىنىچە كوچىمۇ كوچا يۈرۈپتۇ. ھەر بىر ھويلىدىن خوتۇن - قىزلار يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ، بەزىلىرى دورا - دەرمان، قىسقىسى ھەر كىم ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىشىپتۇ، لېكىن ھۈرلىقا ھېچ يەردىن چىقماپتۇ. ئىسكەندەر شەھەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، بىر كۈنى خان سارىيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ. ھۈرلىقا ئەنە شۇ ساراينىڭ ئۈستۈنكى ئۆيىدە ئىككى قىزنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا تۇرىدىكەن. ئۇ قايغۇ - ھەسرەت بىلەن خىيال سۈرۈپ دېرىزە ئالدىدا ئولتۇرسا، ئۇنىڭ قۇلىقىغا تونۇش ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ، شۇنداق بېشىنى كۆتۈرۈپ دېرىزىدىن قارىسا >ئەلەڭگە - مەلەڭگە، سەرەڭگە...< دەپ ۋارقىرىغىنىچە بىر سېۋەتتە جېق ئۇششاق - چۈششەكلەرنى كۆتۈرۈپ ئۆز ئېرى ئىسكەندەر كېتىپ بارغۇدەك. ھۈرلىقا يېنىدىكى قىزلارغا بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن: - قىزلار، مېنىڭ بېشىم ئاغرىپ تۇرىدۇ، ئاۋو كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغان كىشىدىن باش ئاغرىقنىڭ دورىسى بولسا ئېلىپ كىرىڭلار. ئۆزەڭلەرگىمۇ بىرەر نەرسە كېرەك بولسا ئېلىڭلار، - دەپ ئاقچا بېرىپتۇ. قىزلار يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ كەتكەندە ھۈرلىقا بىر پارچە قەغەزگە خەت يېزىپ تەييارلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇ قىزلار ئۆزلىرىگىمۇ كېرەك نەرسىلەرنى ئېلىپ، بىر قۇتا دورا كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ. ھۈرلىقا دورىنى ئېلىپ قارىغان بوپتۇ - دە، ئاستاغىنا ھېلىقى خېتىنى قۇتىنىڭ ئىچىگە ساپتۇ ۋە: - بۇرادەر ئۆزىمىزمۇ بارغۇ، مەن باشقا ياخشىراق دورىمىكىن دېۋىدىم. بۇنىڭ كېرىكى يوق، مەڭلار ئاچىقىپ قايتۇرۇپ بېرىڭلار، - دەپتۇ. - بۇ دورا ئۆزىمىزدىمۇ بارغۇ، مەن باشقا ياخشىراق دورىمىكىن دېۋىدىم. بۇنىڭ كېرىكى يوق، مەڭلار ئاچىقىپ قايتۇرۇپ بېرىڭلار، - دەپتۇ. - قىزلار قۇتىنى ئېلىپ، يەنە يۈگۈرۈشۈپ چىقىپتۇ - دە، ئىسكەندەرنى توختىتىپ: - بۇ دورا مەلىكەنىڭ ئۆزىدە بار ئىكەن، - قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. لېكىن بۇ ئىشلارنى نە قىزلار ۋە نە ئىسكەندەر چۈشەنمەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىسكەندەر كەچكىچە كوچىمۇ كوچا ئايلىنىپ يۈرۈپ كەچقۇرۇن قايتىپ كېتىپتۇ. ئۆيدە ئاخشاملىق تاماقنى يەپ ئولتۇرۇپ، مۆمىن ئاكا: - ئىشلىرىڭ قانداق بالام؟ ھۈرلىقانى كۆرەلىدڭمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. ئىسكەندەر: - ياق تاغا، بۈگۈنمۇ كۆرەلمىدىم، ئىشىم نەتىجىسىز، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. لېكىن مۆمىن ئاكىنىڭ كۆڭلى بىر نەرسىنى تۇيغاندەك قىلىپ: - سېنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن ياكى بىرەر نەرسەڭنى ئېلىپ قايتۇرۇپ بەرگەن بولدىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. شۇ چاغدا ئىسكەندەر ماڭغان كوچىلىرىنى، قەيەردە، كىملەرگە نېمىلەرنى ساتقانلىقلىرىنى بىر - بىرلەپ يادىغا ئاپتۇ - دە: - ھە راستلا، بۈگۈن بىر چوڭ ئىمارەتنىڭ ھويلىسىدىن ئىككى قىز چىقىپ بىر قۇتا دورا ئېلىپ كىرىپ كەتكەنىدى، لېكىن قايتىپ چىقىپ بۇ دورا مەلىكەمنىڭ ئۆزىدە بار ئىكەن، دەپ قايتۇرۇپ بەردى، - دەپتۇ. - قېنى، سېۋەتنى بېرى ئەكەلگىنە، - دەپ سېۋەتتىكى قۇتىلارنى بىر - بىرىدىن ئېچىپ قاراپتۇ مۆمىن ئاكا ۋە بىر قۇتىنىڭ ئىچىدىن بىر پارچە خەتنى تېپىپ، - مانا بالام، مۇنۇ خەتنى ئوقۇپ كۆرگىنە، - دەپ ئىسكەندەرگە بېرىپتۇ. ئىسكەندەر خەتنى ئېلىپ ئوقۇپ كۆرسە >مەن خاننىڭ سارىيىدا، ئۈستۈنكى ئۆيدە، سىزنى كۆردۈم، لېكىن ئالدىڭىزغا چىقىشقا ئامالىم بولمىدى، چۈنكى مەن كۆزەت ئاستىدا تۇرىمەن. سۆزنىڭ قىسقىسى، جۈمە كېچىسى تەييارلىنىپ كېلىڭ، قېچىپ قۇتۇلىمىز، ھۈرلىقا.< دەپ يېزىلغانىكەن. ئىسكەندەر خۇشال بولۇپ، ئەمدى ئىشنى قانداق قىلىش توغرىسىدا مۆمىن ئاكىدىن مەسلىھەت سوراپتۇ. مۆمىن ئاكا ئىسكەندەرنىڭ دۈمبىسىنى قېقىپ: - مانا بالام، ھۈرلىقا تېپىلدى، ۋەدە جۈمە كېچىسى ئىكەن. ئاڭغىچە تەييارلىق كۆرۈش كېرەك، - دەپتۇ ۋە ئەتىسىدىن باشلاپ تەييارلىنىشقا باشلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ، كۈتكەن جۈمە كۈنىمۇ كەپتۇ. مۆمىن ئاكا ئىسكەندەرگە يولغا ئوزۇق ۋە ياخشى ئىككى ئاتنى توقۇپ تەييارلاپ بېرىپتۇ. ئاخشىمى ئىسكەندەر بىر ئاتنى مىنىپ، بىر ئاتنى سالتاڭ يېتىلەپ ھېلىقى ساراينىڭ ئالدىغا كەلسە، ئۆيدە تېخى چىراغ ئۆچمىگەنىكەن. ئۇ >ئەتىگەنرەك كېلىپ قاپتىمەن، ئەمدى چىراغ ئۆچكىچە بىر دالدىغا كىرىپ بىر ئاز كۈتۈپ تۇراي< دەپ چەترەك بىر يەرگە بېرىپ، تامغان دالدىسىغا ئۆتۈپتۇ - دە، ئاتتىن چۈشۈپ، چۇلۋۇرىدىن تۇتۇپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ قاياققا قېچىش، نېمە قىلىش خىيالى بىلەن كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپ قاپتۇ. بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن بۇ يەردىن بىر ئوغرى ئاتلارنىڭ پۇرقۇشلىرىنى ئاڭلاپ قاپتۇ - دە، كېلىپ قارىسا، توقۇقلۇق ياخشى ئىككى ئاتنى چۇلۋۇرىدىن تۇتۇپ بىر كىشى ئۇخلاۋاتقان. بۇنى كۆرگەن ئوغرى >مانا خۇدايىم بەردى. ئامەت دېگەن شۇ ئەمەسمۇ< دەپ ئاستا يېقىن كېلىپ ئىسكەندەرنىڭ قولىدىكى چۇلۋۇرىنى كېسىپتۇ - دە، ئاتنىڭ بىرىنى مىنىپ، بىرىنى يېتىلەپ كېتىپتۇ. ئىسكەندەر قاتتىق ئۇيقۇنىڭ ئاسارىتىدە ھېچنېمىنى سەزمەي يېتىۋېرىپتۇ. خۇددى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھۈرلىقا تەييارلىنىپ، ئىسكەندەرنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ دېرىزىدىن كوچىغا قاراپ تۇرغانىكەن. بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن ھېلىقى ئوغرى ئاتلارنى دۈپۈرلىتىپ خۇددى شۇ كوچا بىلەن ساراينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ. دېرىزىدىن قاراپ تۇرغان ھۈرلىقا قاراڭغۇدا بۇنى ئىسكەندەر دەپ بىلىپتۇ - دە، تەييارلاپ قويغان بىر خۇرجۇن ئالتۇننى دېرىزىدىن تاشلاپتۇ ۋە ئۆزى ئېھتىيات بىلەن قەدەم بېسىپ تاشقىرىغا چىقىپتۇ. ئوغرى ئالدىغا چۈشكەن بۇ نەرسىگە ھەيران بولۇپ، ئاتتىن ئېڭىشىپ قارىسا، ئىچىگە لىق بىر نېمە تولدۇرۇلغان خۇرجۇن. ئۇ دەررۇ ئاتتىن چۈشۈپ خۇرجۇننى ئېچىپ قارىسا ئالتۇن. بۇنى كۆرگەن ئوغرى خۇشاللىقى ئىچىگە سىغماي، ئۇنى ئاتقا ئارتىشقا باشلاپتۇ. شۇ ئارىدا ھۈرلىقا يېتىپ كېلىپ: - قېنى، چاپسانراق بولۇڭ، بىرەر كىشى كۆرۈپ قالغۇچە كېتەيلى، - دەپ خۇرجۇننى ئارتىشقا ۋە باغلاشقا ياردەملىشىپتۇ. ئوغرى بولسا ئۆز - ئۆزىگە >مانا ئامەت دېگەن شۇ ئەمەسمۇ< دەپ، بىر ئاتقا ھۈرلىقانى مىنگۈزۈپتۇ - دە، بىر ئاتقا ئۆزى مىنىپ >چۇ< دەپ تاغقا قاراپ كېتىپتۇ. بۇلار كېچىچە يول مېڭىپ، تاڭ ئاتارغا يېقىن تاغقا يېتىپتۇ ۋە ھۈرلىقانى ئۆزى ياشايدىغان بىر ئۆڭكۈرگە ئېلىپ كىرىپتۇ. يورۇق چۈشكەندە ھۈرلىقا ھېلىقى كىشىگە قارىسا، ئىسكەندەر ئەمەس، باشقا بىر كىشى تۇرغۇدەك. >ئاھ، ئەمدى راسا قولغا چۈشۈپتىمەنغۇ< دەپتۇ ھۈرلىقا ئىچىدە، ئوغرى ھۈرلىقانىڭ چىرايىدا پەيدا بولغان ھەسرەتنى سېزىپ: - نېمىدىن شۇنچە خاپىسىز، خېنىم؟ چىرايىڭىزنى ئاچسىڭىزچۇ، مانا بۇ دۇنيالارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ، - دەپ ئۆڭكۈردىكى ساندۇقلىرىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتۇن - كۈمۈش، ئۈنچە - مارجان ۋە مەرۋايىتلارنى ھۈرلىقانىڭ ئالدىغا تۆكۈپ تاشلاپتۇ. لېكىن ھۈرلىقا سىر بەرمەستىن" - ياق، نېمىدىن خاپا بولاتتىم، پەقەت ئات مىنىپ ئۆگەنمىگەنلىكىمدىن ھېرىپ قالسام كېرەك، - دەپ قويۇپتۇ. ئوغرى خوشاللىقىدىن قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قاپتۇ. ھۈرلىقا بولسا بۇنىڭ قولىدىن قانداق قىلىپ قۇتۇلۇشنىڭ ئىلاجىنى ئىزدەپ: - ئۇھ، خويمۇ ئۇسساپ كەتتىما، ئازراق سۇ تېپىلامدىكىن؟ - دەپ سوراپتۇ. شۇ چاغدا ئوغرى ئورنىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ: - سىز ئۈچۈن سۇ تۈگۈل ئۇنىڭدىن باشقىلىرىمۇ تەييار، دەپتۇ ۋە يۈگۈرۈپ بېرىپ بۇلاقتىن بىر ئاپقۇر سۇ ئېلىپ كېلىپ، ئازراق قېتىق قوشۇپ دوغاپ قىلىپتۇ - دە، ھۈرلىقاغا ئۇزىتىپتۇ، ھۈرلىاق دوغاپتىن ئازراق ئىچىپتۇ - دە، ھەر ئېھتىمالغا قارشى يانچۇقىغا سېلىۋالغان زەھەرنى ئېلىپ ئاستا دوغاپقا ئارىلاشتۇرۇپتۇ ۋە: - سىزمۇ ئۇسساپ قالغانسىز، ئازراق ئىچىۋېلىڭ دەپ دوغانى ئوغرىغا ئۇزىتىپتۇ. ئوغرى دوغاپنى ئېلىپ بىر كۆتۈرۈپ ئىچىۋېتىپتۇ - دە، بىر ئازدىن كېيىن كۆزلىرى ئالاق - جالاق بولۇپ يىقىلىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھۈرلىقا ئۆز كىيىملىرىنى خۇرجۇنغا سېلىپ، ئوغرىنىڭ ساندۇقىدىكى ئەرەنچە كىيىملەرنى ئېلىپ كىيىپ، ئاتقا مىنىپ قېچىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ھۈرلىقا كۈن بويى مىڭلاپ تاغلاردىن ئېشىپتۇ، چۈللەردىن ئۆتۈپتۇ. كەچ كىرىپ تۈن باشلىنىپتۇ. تۈن بويى مېڭىپ كۆپ دەريالارنى بېسىپ ئۆتۈپ، يەنە بىر تاغقا كەپتۇ. تاڭ سەھەردە تاغدىن ئېشىپ كېتىپ بارسا، ئاسماندا بىر قۇش ئۇچۇپ يۈرگۈدەك، يەرگە قارىسا ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەر قۇش قاياققا ئۇچسا شۇ ياققا قاراپ، قۇشنى ئەگىشىپ يۈرگۈدەك. بىر ۋاقىتتا قۇش ئەگىپ - ئەگىپ تۆۋەنلەپ چۈشۈپ ھۈرلىقانىڭ بېشىغا قونۇپتۇ. قۇشنى ئەگىشىپ يۈرگەن كىشىلەر يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ: >ۋاي، ئالەمىي خان، مۇبارەك بولسۇن!< دېيىشىپ، ھۈرلىقانى ئاتتىن چۈشۈرۈپ، قولمۇقول كۆتۈرۈپ دېگۈدەكلا خان ئوردىسىغا ئېلىپ كېتىشىپتۇ. ھۈرلىقا ھېچنېمىنى چۈشەنمەي، ۋەقەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ. ئەسلىدە بۇ شەھەرنىڭ خانى ئۆلۈپ قالغانىكەن. شەھەر خەلقى خانلىق تالىشىپ ئۆز ئارا چىقىشالماستىن، ئاخىر خاننىڭ بەخت قۇشى دەپ ئاتالغان قۇشنى ئۇچۇرۇپ >ئەگەر قۇش كىمنىڭ بېشىغا قونسا شۇ خان بولىدۇ< دېگەن قارارغا كەلگەنىكەن. شۇ قۇش ھۈرلىقانىڭ بېشىغا كېلىپ قونغىنى ئۈچۈن قارارغا مۇۋاپىق ئۇنى شۇ شەھەرگە خان قىلىپتۇ، لېكىن ئايال ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى ھۈرلىقا ئايالچە كىيىملىرىنى ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى ئالدۇرۇپتۇ - دە، يەنە ئەركەكچە كىيىنىۋاپتۇ. كېيىن ساراي باشلىقىنى چاقىرىپ: - مۇشۇ سۈرەتنى شەھەر دەرۋازىسىغا ئېسىپ، ئۇنىڭ يېنىغا ساقچى قويۇڭ، ئەگەر كىمدىكىم شۇ سۈرەتنى كۆرۈپ >ئاھ - ۋاھ< ئۇرسا، دەررۇ مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ھەيدەپ كېلىڭ، - دەپ ئەمىر بېرىپتۇ. ساراي باشلىقى خاننىڭ ئەمرىنى ئورۇنداپ، سۈرەتنى شەھەر دەرۋازىسىغا ئېسىپتۇ ۋە ئون لەشكەردىن ئىبارەت ساقچى قويۇپتۇ. ئىسكەندەر ئۇخلاپ قېلىپ ئاتلىرىنى ئوغىرىغا ئالدۇرۇپ قويغان كۈننىڭ ئەتىسى >خاننىڭ كېلىنى قېچىپ كېتىپتۇ< دېگەن گەپ پۈتۈن شەھەرگە يېيىلىپتۇ. غەزىپى قاينىغان شاھزادە >ئاسمانغا چىقىپ كەتسە تاپىنىدىن، يەرگە كىرىپ كەتسە كوكۇلىسىدىن تارتىپ چىقىمەن< دەپ يۇرتمۇ يۇرت ئىزدەشكە چىقىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئىسكەندەرمۇ >دېمەك ھۆرلىقامۇ قوتۇلۇپ كېتىپتۇ. ئەمدى بىز نەدە بولسۇن تېپىشىپ قالارمىز< دەپ ئىزدەپ يولغا چىقىپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى شاھزادە ھۈرلىقانى ئىزدەپ يۈرۈپ، شۇ ھۈرلىقا خانلىق قىلىۋاتقان شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ. شەھەرگە كىرىشتە دەرۋازىدا ئېسىقلىق تۇرغان ھېلىقى سۈرەتنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە >ئاھ، جېنىم خوتۇنۇم، نەلەردە ۋە كىملەرنىڭ قولىدا يۈرىدىغانسەن؟< دەپ ئاھ - ۋاھ ئۇرۇپتۇ. شۇ زامان ئۇنى نۆكەرلەر تۇتۇپ، پۇت - قولىنى يەرگە تەگكۈزمەي، خاننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. ھۈرلىقا، ئۇنى شۇ زامان زىندانغا تاشلاشقا ئەمىر قىلىپتۇ. يەنە بىر كۈنى ئىسكەندەرمۇ شۇ شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ. ئۇمۇ دەرۋازىدىكى سۈرەتنى كۆرۈپ >ئاھ، جان خوتۇنۇم، نەلەردە ۋە كىملەرنىڭ قولىدايۈرۈيدىغانسەن؟< دەپ ئاھ - ۋاھ ئۇرۇپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. بۇنىمۇ خاننىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەپتۇ. ھۈرلىقا بۇنى تونىسىمۇ، تونىماسقا سېلىپ، ئۇنىمۇ زىندانغا تاشلاشقا ئەمىر قىلىپتۇ. ھۈرلىقا شۇ كۈنى پۈتۈن شەھەرنىڭ ئەر - ئايال، چوڭ - كىچىك بارلىق ئاھالىسىنى ئوردىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا توپلىنىشقا جاكار قىلىپتۇ. شەھەرنىڭ يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان ھەممە ئەركەك ۋە ئاياللىرى كۆرسىتىلگەن ۋاقىتتا ساراي ئالدىدىكى مەيدانغا توپلىنىپتۇ ۋە نېمە ئىش بولدىكىن دەپ كۈتۈپ تۇرۇشۇپتۇ. بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن ھۈرلىقا خان ۋەزىرلىرى بىلەن بىرگە چىقىپتۇ ۋە ئىسكەندەر بىلەن ھېلىقى شاھزادىنى زىنداندىن ئالدۇرۇپ چىقىپ: - ھەي خالايىقلار، پۇقرالىرىم! مەن سىلەرنىڭ شەرت ۋە قارارىڭلارغا مۇۋاپىق خانىڭلار بولۇپ خانلىق قىلىۋاتىمەن. ئەمدى سىلەرگە مەلۇم قىلىدىغان مېنىڭ بىر سىرىم بار، قۇلاق سېلىڭلار، ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن ئەركەك ئەمەس، بەلكى ئايال كىشىمەن. مېنىڭ ئېرىم بار ئىدى، لېكىن بىزنىڭ بېشىمىزغا چوڭ بەختسىزلىكلەر چۈشۈپ ئىككىمىز بىر - بىرىمىزدىن جۇدا بولغانىدۇق. مانا ئەمدى تېپىشتۇق. مېنىڭ شۇ ئېرىم - مانا بۇ يىگىت، - دەپ ئىسكەندەرنى كۆرسىتىتپۇ ۋە ئېرىگە ئۆزىنى تونۇتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن سۆزىنى يەنە داۋام قىلىپ، - بىزنىڭ بېشىمىزغا چوڭ بەختسىزلىكلەرنى سالغان مانا بۇ باسقۇنچى، بۇنى ئاساۋ ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا باغلاپ، ئاتقا سۆرىتىپ ئۆلتۈرۈڭلار. ئەمدى مەن خانلىقنى مانا شۇ ئېرىم - ئىسكەندەرگە تاپشۇرىمەن، - دەپ سۆزىنى تۈگىتىپتۇ. لەشكەر باشلىقلىرى ئۇنىڭ ئەمرىنى بىجا كەلتۈرۈپ، ھېلىقى شاھزادىنى بىر ئاساۋ ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا باغلاپ ئاتنى قويۇۋېتىپتۇ. ئات ئۇنى سۆرەپ، تېپىپ يۈرۈپ پارچە - پارچە قىلىۋېتىپتۇ. ئىسكەندەر بولسا شۇ كۈندىن باشلاپ تەختتە ئولتۇرۇپ يۇرتنى ئادىل سوراپ، خانلىق قىلىشقا باشلاپتۇ
← بارلىق تېمىلار چوچاق