UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقباقىنىڭ سۆز سېتىۋېلىشى

باقىنىڭ سۆز سېتىۋېلىشى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زامانلاردا بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ باقى ئىسىملىك بىر پەرزەنتى بار ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە باقىنىڭ ئانىسى ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئۇ ئۆگەي ئانىنىڭ قولىغا قېلىپ كۆپ خورلىنىپتۇ. ئۇرۇلۇپ - سوقۇلۇپ چوڭ بولۇپ ئون سەككىز ياشقا كىرىپتۇ. پادىشاھ بالىسىنى ساياھەت قىلىشقا، كۆڭلىنى ئېچىشقا بۇيرۇپ، مىڭ تىللا بېرىپ يولغا ساپتۇ. سەپىرى ئۈچ كۈنلۈك بولغاندا باقىغا سەپەرداش بولۇپ ئاپپاق ساقاللىق بىر بوۋاي ئۇچراپتۇ. باقى ئىچى پۇشۇپ بوۋايغا: - بىز ئۈچۈن نەسىھەت گەپلىرى بولسا قىلىپ بەرسىلە، - دەپتۇ. - مىڭ تىللا بەرسەڭ گەپ قىلىپ بېرىمەن، - دەپتۇ بوۋاي. باقى بۇ قانداق ھېكمەتلىك گەپتۇ دەپ، ھەيران بولۇپ، گەپنى ئۇقۇش ئۈچۈن بوۋايغا يېنىدىكى مىڭ تىللارنى بېرىپتۇ. بوۋاي: - بالام سەپەردە ئويدا قونماي، دۆڭدە قونغىن، - دېگەن بىر سۆز بىلەنلا گېپىنى تۈگىتىپتۇ. باقى پۇلى بولمىغاچقا دادىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ كەپتۇ. ئەمما خىجىل بولۇپ، بولغان ئەھۋالنى يوشۇرۇپتۇ. دادىسى قايتا - قايتا سوراپتۇ. باقى ئەھۋالنى ئۆگەي ئانىسىغا ئۇقتۇرماي، دادىسىغىلا ئېيتىپتۇ. دادىسى: - ھىچقىسى يوق بالام، - دەپ يەنە مىڭ تىللا بېرىپ ئوغلىنى يولغا ساپتۇ. باقى ئىككى - ئۈچ كۈن يول ماڭغاندا يەنە بىر بوۋايغا ئۇچراپ، ئۇنىڭغا: - ئۆز بېشىڭىزدىن ئۆتكەن تەجرىبىلىرىڭىز بولسا سۆزلەپ بەرسىڭىز، - دەپتۇ. - مىڭ تىللا بەرسەڭ سۆزلەپ بېرەي، - دەپتۇ بوۋاي. باقى مىڭ تىللا بېرىپتۇ. - بالام، ئاش - نان بەرگەن كىشىگە خىيانەت قىلما، دەپتۇ بوۋاي. بۇ سۆزنىڭ تەكتىگە يېتەلمەي، ھەيران بولۇپ، يەنە دادىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ كەپتۇ. ئەھۋالنى دادىسىغا ئېيتقاندىن كېيىن. دادىسى: - ئۆگەي ئاناڭ ئوقمىسۇن، يەنە مىڭ تىللا بېرەي، سەپەرگە تەييارلان، - دەپتۇ. باقى مىڭ تىللانى ئېلىپ يەنە سەپەرگە چىقىپتۇ. يول ئۈستىدە بىر بوۋايغا يولۇقۇپتۇ. باقى بۇ بوۋايدىن ياخشى سۆز ئاڭلىماق بولۇپ: - بوۋا، ھىكمەتلىك سۆزلىرى بولسا سۆزلەپ بەرسىلە، - دەپتۇ. - مىڭ تىللا بەرسەڭ سۆزلەپ بېرەي، - دەپتۇ بوۋاي. باقى بوۋايغا مىڭ تىللا بېرىپتۇ. بوۋاي: - بالام ئەتىگەنلىك ناشتىدىن ھەرگىز قالمىغىن، - دەپتۇ - دە، ئۇزاپ كېتىپتۇ. باقى جايىدا تۇرۇپلا قاپتۇ. >ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ ئەھۋال بىر ئەمەس ئۈچ قېتىم تەكرارلاندى، ئەمدى دادامنىڭ ئالدىغا قايسى يۈزۈم بىلەن بارىمەن؟ ئۆگەي ئانام ئۇقۇپ قالسا ماڭىمۇ، دادامغىمۇ كۈن بەرمەيدۇ، ماجرا تۈگىمەيدۇ< دەپ ئويلاپتۇ باقى. ئۇ ئۆيىگە قايتماي بېشى قايغان، پۇتى تايغان تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. ئاخىر بىر كۈنى قوساق ئېچىپ دەرمانسىزلىنىپ يولنىڭ چېتىدىكى تاش ئۈستىگە چىقىپ يىغلامسىراپ ئولتۇرسا بىر سودىگەر كەپتۇ. باقى سودىگەردىن نىجاتلىق تىلەپتۇ. رەھىمدىل سودىگەر باقىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ: - بالام، غېرىپ - مۇساپىر ئىكەنسەن. مۇنداق ۋەيرانە يۈرگەندىن كۆرە ماڭا ھەمرا بولۇپ تۆگە ھەيدىگەن بولساڭ، ئاش دىسەڭ ئاش، كىيىم دىسەڭ كىيىم بېرەتتىم، - دەپتۇ. باقى سودىگەرنىڭ سۆزىنى ماقۇل كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار يول يۈرۈپتۇ. يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، سودىگەر باقىنى باشقا كارۋانلارغا قوشۇلۇپ مېڭىۋېرىشكە بۇيرۇپ، ئۆزى سودا ئىشلىرى بىلەن مەلۇم بىر شەھەردە قاپتۇ. سودىگەر شۇ كېچىسى تۈن يېرىمىدا كارۋانلار چۈشكەن جايغا يېتىپ بېرىپتۇ. ئىزلىگۈدەك بولسا باقى كۆرۈنمەپتۇ. سودىگەر باشقا كارۋانلاردىن سوراپتۇ. كارۋانلارنىڭ ھەممىسى باقىنىڭ >بۇ يەر ئويمان ئىكەن، دۆڭدە ياتىمەن< دەپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. سودىگەر باقىنى ئىزلەپ تېپىپ ئاچچىقلىنىپ: - نىمىشقا باشقا كارۋانلار بىلەن بىللە ياتمايسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. باقى تۇنجى قېتىم مىڭ تىللاغا سېتىۋالغان >ئويدا ياتماي، دۆڭدە يات< دېگەن سۆزى بويىچە دۆڭدە ياتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان سودىگەر باقى بىلەن بىللە دۆڭدە يېتىپتۇ. كېچىچە يامغۇر يېغىپتۇ. ئۇلار ئەتىسى ئويغىنىپ كارۋانلار ياتقان ئويمانغا كەلسە ئۇلارنى مال - مۈلۈكلىرى بىلەن قوشۇپ ئېقىتىپ كېتىپتۇ. ئامان قالغانلىقىدىن خۇرسەن بولغان سودىگەر باقىنىڭ ئەقلىگە ئاپىرىن ئېيتىپتۇ. بۇ ئىككىسى ئۆزگە شەھەرلەردە ئۇزۇن سودىگەرچىلىك قىلىپ، ئاخىرى سودىگەرنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەپتۇ. باقى بۇ شەھەردە - سودىگەرنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئايغىچە تۇرۇپ قاپتۇ. سودىگەرنىڭ ئايالى خۇلقىسى بار خوتۇن ئىكەن، ئۇنىڭ كۆزى باقىغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ يامان نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر قانچە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، باقى ئۇنىڭ تەلىۋىنى قەتئىي رەت قىلىپتۇ. باقىنى ئۆزىنىڭ سۆزىگە كۆندۈرۈلمىگەن خوتۇن باقىغا قارا چاپلاپ كۆزىدىن يوقاتماقچى بولۇپتۇ. شۇ شەھەرنىڭ جەنۇبىدا بىر خارابە بولۇپ، ئۇ خارابىدە يالماۋۇزنىڭ ئۆيى بار ئىكەن. بۇ ئۆيگە ئادەم كىرسە ئۆلۈگىمۇ چىقمايدىكەن. سودىگەرنىڭ ئىپلاس ئايالى ئاق كۆڭۈل، ۋىجدانلىق باقىنى قارىلاپ ئېرىگە: - تېپىپ كەلگەن بۇ ھەمرالىرى سىلى يوق چاغدا ماڭا كۆز قىسىپ، يامان نىيەتتە بولدى. ئۇنى تېزدىن يوقاتسىلا، - دەپتۇ. - قانداق يوقىتىمىز؟ - دەپتۇ سودىگەر. ھىلىگەر خوتۇن ئالدىدىن ئويلاپ قويغان ھىلىسىنى ئېرىگە ئېيتىپ: - باقى مۇساپىر، بۇ جاينىڭ ئەسلى ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز، ئۇنى >سەي تېپىپ كەلگىن< دەپ يالماۋۇزنىڭ ئۆيىگە بۇيرۇيلى، ئۇنىڭ گۆشى يالماۋۇزغا يەم، قېنى ئۇسىزلىق بولسۇن، - دەپتۇ. سودىگەر ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمىگەچكە دەرغەزەپ بولۇپ، باقىنى ھېلىقى يەرگە بۇيرۇپتۇ. ئەھۋالدىن خەۋەرسىز باقى ماقۇل كۆرۈپ ىارابىلىققا كېتىپ بارغاندا. باقىنىڭ مۇشۇ شەھەردە تونۇشقان بىر دوستى ئۇچراپ قاپتۇ. - نەگە ماڭدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ ئۇ باقىدىن. باقى سودىگەرنىڭ سەيگە بۇيرۇغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ خارابىلىققا كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. باقىنىڭ دوستى ئۇنى >ئەتىگەنلىك چاي ئىچىپ ماڭغن< دەپ ئۆيىگە باشلاپ مېڭىپتۇ. باقى دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا سودىگەرنىڭ خوتۇنىنىڭ رەھىمىسى كېلىپ، ئېرىگە باقىنى ئۆزىنىڭ قارىلىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويۇپتۇ. رەھىمدىل سودىگەر مۇساپىرنىڭ ناھەق ئۆلۈمگە سەۋەبچى بولۇشىدىن قورقۇپ، دەرھال باقىنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىپتۇ. سودىگەر ئەۋەتكەن ئادەم يولدا يېتىشىپتۇ. ئەھۋالنى ئېيتىپ يولدىن قايتۇرۇپ كەپتۇ. سودىگەر بۇ بالىدا بىر ھېكىمەت بارلىقىنى سېزىپ، ئۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۇنىڭ سىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇزاق مۇڭدىشىپتۇ. ئاق كۆڭۈل باقى بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىنى سودىگەرگە ئېيتىپ بېرىپتۇ ۋە: - مەن بۇ ئۈچ جۈملە سۆزنى شۇ ۋاقىتتا ئۈچ مىڭ تىللاغا ئەرزىمەيدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم، مانا ئەمدى مېنىڭ ۋە سېلىنىڭ جانلىرى شۇ ھىكىمەتلىك سۆز بىلەن ساقلىنىپ قالدى، - دەپتۇ. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ئاق كۆڭۈل سودىگەر باقىغا ئۆز مېلىنىڭ يېرىمىنى ئايرىپ بېرىپتۇ. شۇندىن كېيىن باقى ئۆز ئالدىغا سودىگەرچىلىك قىلىپ كۆپ مال - مۈلۈك ۋە پۇل - دۇنياغا ئىگە بولۇپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانا يۇرتىغا قايتىپ ئاتىسى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ ۋە خوشال - خورام ياشاپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ئۈچ ئۆستەڭ قۇلماق مەيدانىدىن ئىدرىس ھېلەك.
← بارلىق تېمىلار چوچاق