UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقۋاپا گۈلى

ۋاپا گۈلى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا ئەسەت ئىسىملىك بىر ياش يىگىت ئۆتكەن ئىكەن. بۇ يىگىتنىڭ قەمەر ئىسىملىك زېرەك ۋە ئەقىللىق ئايالى بار ئىكەن. ئەسەت خوتۇنىنىڭ مۇھەببىتىدىن مەس بولۇپ كېچە - كۈندۈز ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلمايدىكەن. قەمەرنىڭمۇ ئۆز ئېرىغا ساداقەت سۆيگۈسى چەكسىز ئىكەن. ئەسەت ھېچقانداق كەسپ بىلەن شۇغۇللانمىغاچقا، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاتا - ئانىسىدىن مىراس قالغان مال دۇنياسى تۈگەپ، كۈندىلىك تىرىكچىلىكى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قاپتۇ. قەمەر تەدبىرلىك ۋە پاراسەتلىك ئايال ئىكەن، بىر كۈنى ئۇ ئېرىغا: - ئەزىزىم، بەختلىك ياكى بەختسىز بولۇش - ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق، ھەر كىم ئۆز بەختىنى ئەجرە قىلىش ۋە ئەقىل - پاراسەت ئىشلىتىش بىلەنلا تاپالايدۇ، كۆپ كىشىلەر مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق پاراغەتلىك ھايات كەچۈرمەكتە، سەنمۇ بىر چاغلاردا ھەددى - ھېسابسىز مال - دۇنيانىڭ ئىگىسى ئىدىڭ، بۈگۈنكى كۈندە كۈنىمىز ئاران ئۆتىدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، شۇڭا >ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش!< دەپ ياتماي، بىرەر ئىش بىلەن شۇغۇللانساڭ ياخشى بولاتتى، - دەپتۇ. خوتۇنىدىن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ئەسەت سەل ئويلىنىۋېلىپ: - سۆيۈملۈكۈم، مەن سېنىڭ مۇھەببىتىڭدىن جۇدا بولۇپ، بىر كۈنمۇ ھايات يۈرەلمەيمەنغۇ؟ - دەپتۇ. - دۇرۇس، - دەپتۇ قەمەر، - بۇنى ياخشى بىلىمەن، لېكىن ئاچلىق ۋە نامراتلىق بىزنى قىينىماقتا، سېنىڭ كۆڭلۈڭگە >مېنىڭ يوقلۇقۇمدىن پايدىلىنىپ، نامەھرەملەر بىلەن غەيرى مۇناسىۋەتتە بولۇپ قالارمىكىن< دېگە خىيال كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنى بىلگىنكى، ئەخلاقسىز ئايال ئېرى يوق ۋاقىتلاردىلا ئەمەس، ھەتتا ئېرى يېنىدا بولغان ھالەتتىمۇ، ئۆزىنى نومۇسلۇق ئىشلاردىن تارتىپ قالمايدۇ. ۋىجدانىم بىلەن قەسەم بېرىمەنكى، مەن ھازىرغىچە نامۇناسىپ خىياللارغا مايىل بولمۇدۇم. مېنىڭ پاك ئەخلاقىم مېنى ئىنسانىيەت ئالىمىدە قارا يۈز قىلماس دەپ ئىشىنىمەن. كىشىنىڭ پاك ۋە ناپاك بولماقلىقى ھەركىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. ئەرنىڭ چىڭ تۇتۇشىلا ئايالنى غەيرى ئەخلاق - ھەۋەسلەردىن ساقلايدۇ، دېيىش بىمەنىلىكتۇر. بەس، ئەزىزىم، توغرا ئىش، ھالال كەسىپ بىلەن شۇغۇللان، ئۆزەڭنى خار قىلما! ئەگەر بۇ شەھەردە ئىشلەشنى خالىمىساڭ، باشقا يۇرتقا بېرىپ ئىشلە!... مېنىڭ قانداق تۇرۇۋالغانلىقىمنى بىلىشنى خالىساڭ، مەن ساڭا بىر گۈل بېرىمەن. ئۇ ۋاپا گۈلىدۇر. بۇ گۈلنى ھەرگىز يېنىڭدىن ئايرىما. ئەنە شۇ گۈلنى سۇلغان ياكى توزىغان ھالەتتە كۆرسەڭ، مېنىڭ ۋاپاسىزلىق يولىغا كىرگەنلىكىمدىن بىشارەتتۇر. ئەگەر گۈل سۇلمىغان، توزىمىغان ۋە يېڭى ئېچىلغان ھالەتتە تۇرسا، مېنىڭ پاكلىقىمدىن بىشارەتتۇر. بۈگۈندىن باشلاپ مەندىن خاتىرجەم بولۇپ، سائادەت يولىغا ماڭغىن، ساڭا بەخت تىلەيمەن، - دەپتۇ. ئەسەت خوتۇنىنىڭ مەسلىھەتىنى ماقۇل كۆرۈپ، شۇ كۈنىلا باشقا بىر شەھەرگە ئىش ئىزلەپ كېتىپتۇ. بۇ شەھەرنىڭ بىر شاھزادىسى بار ئىكەن، ئەسەت ئەنە شۇ شاھزادىنىڭ خىزمىتىگە ئورۇنلىشىپتۇ. ئەسەتنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، ئىشچانلىقى ۋە تىرىشچانلىقى شاھزادىگە يېقىپ قاپتۇ. شۇ سەۋەبتىن شاھزادە ئەسەتنىڭ خىزمەت دەرىجىسىنى، مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرۈپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەسەتنىڭ ئابرۇيى ئۆسۈپ، پات - پات شاھزادىنىڭ زىياپەتلىرىدە ۋە سۆھبەتلىرىدە بىللە بولىدىغان، ئۇنىڭدىن ئايرىلمايدىغان ھالەتكە كەپتۇ. ئەسەت >ۋاپا گۈلى< نى قولىدىن زادىلا چۈشۈرمەي كۆتىرىپ يۈرىدىكەن. بۇنى كۆرگەن شاھزادە:>بۇ يىگىت ھەر كۈنى باغچىدىن يېڭى ئېچىلغان گۈل ئۈزۈپ ئالىدىغان ئوخشايدۇ< دەپ ئويلايدىكەن. ئەمما ياز پەسلى ئۆتۈپ، كۈزنىڭ ئاچچىق سوغاقلىرى باشلانغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەسەت >ۋاپا گۈلى< نى كۆتىرىپ، شاھزادىنىڭ ھوزۇرىغا كىرىپ كەپتۇ. شاھزادە گۈل ئېچىلىش مەۋسۈمى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ: - سەن بۇ گۈلنى قايسى باغچىدىن ئۈزۈۋالدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. ئەسەت يالغان سۆزلەپ ئادەتلەنمىگەچكە، راستىنى ئېيتىشقا مەجبۇر بولۇپتۇ: - بۇ خوتۇنۇم بەرگەن گۈل، ئەگەر بۇ گۈل يېڭى ئېچىلغان ھالەتتە تۇرسا، ئايالىمنىڭ پاكلىقىدىن بىشارەتتۇر، سۇلغان ياكى توزىغان قىياپەتكە كىرسە، ۋاپاسىزلىق يولىغا كىرىپ كەتكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ. مۇشۇ گۈلگە قاراپ، ئايالىمنىڭ قانداق يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرىمەن، - دەپتۇ. ئەسەتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان شاھزادە قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپ: - ئەي يىگىت، مەن سېنى خېلى ئەقىللىق دەپ ئويلايتتىم، ئەمما سەن بىر ئەخمەق ئىكەنسەن، خوتۇڭنىڭ ھېلە - مىكرىگە ئىشىنىپ، تۇزاققا چۈشۈپسەن... ئەي نادان، سېنىڭ خوتۇنۇڭ ئۇچىغا چىققان، مەككار، ئالدامچى ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ سېھىر - جادۇلىرى بىلەن بۇ گۈلنى ياساپ چىقىپ سېنى ئالداپتۇ. ئۇ ھازىر ئۆزى خالىغانچە ئەيشى - ئىشرەت قىلىۋاتسا كېرەك، - دەپ ئەسەتنى ھاقارەتلەپتۇ. ئەسەت شاھزادىگە قارشى سۆزلەشكە پېتىنالماي قاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، شاھزادە قەمەرنى سىناپ كۆرۈپ، ئۆز سۆزىنى راستقا چىقىرىشنىڭ ئامالىنى ئىزلەپتۇ. شاھزادىنىڭ ھوزۇرىدا ھەسەن، ھۈسەن دېگەن ناھايىتى چىرايلىق ۋە قاۋۇل ئاكا - ئۇكا بولۇپ، شاھزادىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىكەن. شاھزادە بىر كۈنى كەچتە بۇ ئاكا - ئۇكىلارنى چاقىرىپ، كۆڭلىگە پۈككەنلىرىنى بىلدۈرۈپ، مەسلىھەت سوراپتۇ. شاھزادىنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنگەن ھەسەن: - شاھزادەم، بۇ ئىشنى ماڭا تاپشۇرسىلا، مەن بېرىپ، ئۇ خوتۇننى ئىندەككە كەلتۈرۈشكە ھەركەت قىلىپ كۆرەي، - دەپتۇ - دە، ئونبەش كۈنلۈك مۆھلەت ئېلىپ شۇ كۈنىلا يولغا چىقىپ كېتىپتۇ. ھەسەن قەمەر بار شەھەرگە كېلىپ بىر سارايغا ئورۇنىشىپتۇ ۋە ئەتىسى چايخانىدا يىگىتلەر بىلەن ئۈلپەتلىشىپ تونۇشۇپتۇ. قىزغىن سۆھبەتكە بېرىلىپ كەتكەن يىگىتلەرنىڭ بىرى: - شەھىرىمىزدە قولىدىن تەسۋىنى چۈشۈرمەي، دائىم تائەت - ئىبادەت قىلىدىغان بىر موماي بار. بۇ جادىگەر نەچچە ئونلىغان ئايالنى يولدىن چىقاردى. ئۇ مۇشۇنداق ئىشتا تەڭداشسىز ماھارەت ئىگىسى، ھېلە - مىكرىنىڭ پېشۋاسىدۇر، - دەپتۇ. ئىككىنچى كۈنى ھەسەن موماينى ئىزلەپ تېپىپ قەمەرگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ چەكسىزلىكىنى ئېيتىپ، پەقەت بىرلا كۈن ئىشرەت شارابى ئىچىشكە يار قىلسىلا نۇرغۇن ئالتۇن بېرىشىنى ۋەدە قىپتۇ. موماي قەمەرنى ئىزلەپ بېرىپتۇ - دە، ئىنتايىن يېقىملىق سۆزلەر بىلەن ئۆزىنىڭ كېلىشتىكى مەقسىدىنى ئىزھار قىلىپ، قەمەرنى كەيپى - ساپا يولىغا ئۈندەپتۇ. - ئەي ئىشتىياق بوستانىنىڭ گۈلى، مۇھەببەت بېغىنىڭ بولبۇلى، سەندەك ياش، ساھىبجامال ئاياللارنىڭ ئەرسىز ۋە يارسىز ئولتۇرۇشى بىر ئازابقۇ؟! ئاڭلا، ياش بىر يىگىت سېنىڭ ۋىسالىڭغا يېتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. مۇنداق قاۋۇل، سۇمباتلىق يىگىتنى مەنمۇ ئۆمرۈمدە كۆرمىگەنمەن! ئۇ سېنىڭ جاۋابىڭغا ئىنتىزار، بۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟ شۇنى بىلگىنكى، پۇرسەتنى قولىدىن بەرگەن كىشى ئۆمرىنى پۇشايمان بىلەن ئۆتكۈزىدۇ، - دەپتۇ. قەمەر كۈلۈپ قويۇپتۇ ۋە: - موما، ماختىغان شۇ يىگىتنى مەن بىر كۆرەي، ئەگەر كۆڭلۈمگە مۇناسىپ كەلسە، ئەلۋەتتە رازىمەن، ئەگەر ماڭا ياقمىسا، قوبۇل قىلمايمەن، - دەپتۇ. - موماي خوشال ھالدا ھەسەننىڭ ئالدىغا كەپتۇ - دە: - سۈيۈنچى بەر يىگىت، - دەپتۇ ھېجىيىپ، - مەشۇقنى ماقۇلغا كەلتۈردۈم، لېكىن ئۇ سېنى بىر قېتىم كۆرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ھەسەن مومايغا ۋەدە قىلغان ئالتۇننى بېرىپ، قەمەرنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ، قەمەر ھەسەنگە تەبەسسۇم قىلىپ: - ئەي يۈرىگىمنىڭ پارىسى، ئىككى كۆزۈمنىڭ قارىسى، سېنىڭ ئىشقىڭ كۆڭلۈمنى مۇھەببەت قارمىقىغا ئېلىۋالدى، ھازىرغىچە غەيرى ئادەم بىلەن مۇھەببەت مەيدانىدا ئۇچراشمىغان ئىدىم، شۇڭا ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتىنى ھېچكىم بىلمىسۇن، ھېلىقى مومايمۇ بىزنىڭ ئىشلىرىمىزدىن خەۋەر تاپمىسۇن، سەن ھازىرلا قايتىپ بېرىپ، موماينى تاپقىن ۋە >ئۇ ئايال كۆڭلۈمگە ياقمىدى، ئۇنى بىكاردىن ماختاشقان ئىكەن، ئۇنداق ئاياللارغا ئۆزەمنى يەم قىلىپ بەرمەيمەن، ئەتە شەھىرىمگە قايتىپ كېتىمەن!< دېگىن، ئاندىن كېيىن، قاش قارايغاندا نەرسە - كېرەكلىرىڭنى ئېلىپ مۇبارەك قەدىمىڭ بىلەن بۇ يەرگە كەلگىن! - دەپتۇ. ھەسەن قەمەرنىڭ ئۆگەتىكىنى بويىچە ھەممە ئىشنى بېجىرىپ، قەمەرنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. قەمەر ئۇنى زىياپەت بىلەن كۈتۈۋاپتۇ. ھەسەننىڭ ئالدىغا خىلمۇ - خىل تائام كەلتۈرگەندىن كېيىن، سىرتقا چىقىپ ئۆي خىزمەتكارىغا: - بىز غىزالىنىپ بولۇپ قولىمىزنى يۇيۇۋاتقاندا، دەرۋازىغا چىقىپ ، ئىشىكنى قاققىن ۋە يۈگۈرۈپ كىرىپ:>ئايىم، ئاكىلىرى كەلدى، ئاچقۇچنى بەرسىلە!< دېگىن. قالغىنىنى ئۆزەم بىلىمەن، - دەپ ئۆگىتىپ قويۇپتۇ. ھەسەن بىلەن قەمەر تاماقلىرىنى يەپ قوللىرىنى يۇيۇۋاتقاندا، بىرسى دەرۋازىنى قاتتىق ئۇرۇپتۇ. ئارقىدىنلا خىزمەتكار ئايال كىرىپ:>ئايىم، ئاكلىرى كەلدى!< دەپ خەۋەر بېرىپتۇ. قەمەر دەرھال ھەسەننىڭ يېنىغا كېلىپ، نېمە قىلىشىنى بىلمىگەندەك، گاڭگىراپ تۇرۇپ قاپتۇ، ھەسەننىڭمۇ رەڭگى ئۆڭۈپ: - مەن... قەيەرگە يوشۇرۇناي؟ - دەپتۇ. - قىممەتلىگىم، غەم يىمە! - دەپتۇ قەمەر، - مېنىڭ ئاكام ئاندا - ساندا كېلىپ، مەن بىلەن بىر - ئىككى كۈن تۇرۇپ قايتىدۇ، مەن سېنى ئۆيگە يوشۇرۇپ، سىرتتىن قولۇپلاپ قوياي، تاڭلا ئاخشىمى مېنىڭ ۋىسالىمغا يېتىسەن. قەمەر ھەسەننى بىر ئېغىلغا كىرگۈزۈپ، ئىشىكىنى قۇلۇپلاپ مەھكەم بېكىتىپتۇ. ھەسەن زەي چىلىگە مىلىنىپ، مىڭ خىل غەم بىلەن ئاران تاڭ ئاتقۇزۇپتۇ. تاڭ ئاتقاندا قەمەر ئېغىل ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ: - ھەي، ھاۋايى - ھەۋەسنىڭ قۇلى، ئەگەر بۇ زىنداندىن تېزرەك قۇتۇلۇشنى خالىساڭ، راستىڭنى ئېيت! بۇ يەرگە قايسى شەھەردىن، نېمە ئۈچۈن كەلدىڭ؟ توغرا سۆزلىسەڭلا، ئازات قىلىمەن، يالغان سۆزلەپ، ئالداش يولىغا يۈزلەنسەڭ، ئالەم رەسۋاسىغا ئايلاندۇرىمەنكى، سېنڭ بۇ شەرمەندىچىلىكىڭدىن پۈتۈن ئالەم ئىبرەت ئالىدىغان بولىدۇ، - دەپتۇ. ھەسەن رەسۋايى جاھان بولۇشتىن قورقۇپ شاھزادە تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى تولۇق سۆزلەپ بېرىپتۇ. قەمەر شاھزادىنىڭ بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى سېزىپ: - ئازات بولۇشقا ئالدىرىما، سەۋرى قىل، بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنى كۈتەيلى، - دەپتۇ. ھەسەن تىرىڭ مۇردا بولۇپ تۇتقۇنلۇقتا يېتىپتۇ. ئەمدى گەپنى شاھزادىدىن ئاڭلايلى: - شاھزادە ھەسەننى بىر ئايدىن ئارتۇق كۈتۈپتۇ. لېكىن ئۇ قايتىپ كەلمىگەنلىكتىن، ئەھۋالنى ھۈسەنگە ئايان قىپتۇ. ھۈسەن: - شاھزادەم ئىجازەت قىلسىڭىز، مەن بېرىپ، ئاكام ھەسەننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ھەم ئەسەتنىڭ خوتۇنى بىلەن كۆرۈشۈپ قايتىپ كەلسەم، - دەپتۇ ۋە شاھزادىدىن ئوتتۇز كۈنلۈك مۆھلەت ئېلىپ، شۇ كۈنىلا يولغا چىقىپتۇ. بىر نەچچە كۈن يول يۈرۈپ ئەسەتنىڭ يۇرتىغا يېتپ كەپتۇ. ھەسەنگە ئوخشاشلا چايخانىدا يىگىتلەر بىلەن ئۈلپەتلىشىپ تونۇشۇپ، ھېلىقى موماينىڭ داڭقىنى ئاڭلاپتۇ - دە، موماينى ئىزلەپ تېپىپ، ئۆز ئارزۇسىنى ئېيتىپتۇ ۋە نۇرغۇن ۋەدە قىلىپتۇ. موماي بۇنى ئاڭلاپ: - ھەي ئوغلۇم، سەندىن ئىلگىرى بىر يىگىت مۇشۇ مەقسەت بىلەن كەلگەن ئىدى. ئەمما ئۇ يىگىت قەمەرنى كۆرۈشى بىلەنلا، ياراتماي تاشلاپ كەتتى. ئۇ ئايالنىڭ قايسى پەزىلىتى سېنى شەيدا قىلدىكىن؟ ھەر ھالدا خىزمىتىڭگە تەييارمەن! - دەپتۇ ۋە قەمەرنىڭ ئالدىغا مېڭىپتۇ. قەمەر موماينى ئوچۇق چىراي كۈتۈۋاپتۇ. موماي ھۈسەننىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ: - قىزىم سېنىڭ ئىشقىڭدا كۆيگەن يەنە بىر پەرۋانە سېنى ئىزلەپ كەپتۇ. ئۇ سەن بىلەن ئۇچرىشىشنى ۋە سېنىڭ مۇھەببىتىڭگە ئېرىشىشنى ئىزلەيدۇ، قانداق قىلىسەن؟ - دەپتۇ. - ئانا، - دەپتۇ قەمەر كۈلۈپ تۇرۇپ - ئۆزەڭگە مەلۇمكى، ئىلگىرىمۇ بىر گۈزەل، سۇمباتلىق يىگىتنى ماڭا ئەۋەتكەن ئىدىڭ، ئۇنى بىر كۆرۈشۈم بىلەن ئەقلى - ھۇشۇمنى يوقىتىپ مۇھەببەت مەجنۇنى بولۇپ قالغان ئىدىم. ئۇ يىگىت بىر سەۋەب بىلەن چىقىپ كېتىپ كۆزۈمگە ئىككىنچى كۆرۈنمىدى. كونىلار >چىرايلىقتا ۋاپا يوق< دەپ بىكار ئېيتمىغان ئىكەن. بولدى، ئاۋالقى يىگىتنىڭ ئىشقى بالاسىغا مۇپتىلا بولۇپ كۆيگىنىممۇ يېتەر، بۇ يېڭى ئوتقا مېنى تاشلاپ ئاجىز تېنىمنى كۆيدۈرمە! قەمەرنىڭ ھەسرەت ۋە رەنجىش بىلەن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىغان موماي: - قىزىم، ئادەم ئوخشاش بولمايدۇ، ھەر ھالدا ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت. بۇ يىگىت سېنىڭ مۇھەببىتىڭگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلدى. سۆيگۈ لەززەتلىرىنى ئۇنىڭدىن ئايىما! - دەپتۇ. قەمەر سەل ئويلىنىۋېلىپ: - بولىدۇ، ئانا، ئۇ يىگىت بىر قېتىم كەلسۇن، كۆرەي، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. موماي دەرھال قايتىپ كېلىپ، ھۈسەنگە خوشخەۋەر يەتكۈزۈپ نۇرغۇن ئىنئام ئاپتۇ. قەمەر خۇددى ھەسەنگە قوللانغان تەدبىرى بويىچە ھۈسەننىمۇ تۇتقۇنغا ئاپتۇ.... ھەسەن بىلەن ھۈسەن ئېغىل ئىچىدە بىر - بىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ھەيران قېلىشىپتۇ ۋە بېشىدىن كەچۈرگەن كەچمىشلىرىنى سۆزلشىپ يىغلىشىپتۇ. شاھزادە ھۈسەننىمۇ بىر ئاي كۈتۈپتۇ. لېكىن ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالالماي، قاتتىق غەزەبلىنىپ، ئاخىرى ئۆزى بارماقچى ۋە قەمەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەسەتنى لەت قىلماقچى بولۇپتۇ - دە، ئەسەتنى چاقىرىپ: - سېنىڭ يۇرتۇڭغا بېرىپ كېلىشنى مەقسەت قىلىۋاتىمەن، سەن نېمە دەيسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. بېرىڭ شاھزادەم، پېقىرنىڭ كۈلبىسىنىمۇ زىيارەت قىلىپ كېلىڭ، - دەپتۇ ئەسەت. شاھزادە بىلەن ئەسەت يول ھازىرلىقىنى پۈتكۈزۈپ يولغا چىقىپتۇ. ئەسەت بىر كۈن ئىلگىرى ئۆز يۇرتىغا كېلىپ قەمەرگە شاھزادىنىڭ مېھمان بولۇپ كېلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان قەمەر شاھزادىنىڭ ئىككى يىگىتنى ئەۋەتكەنلىكىنى، ئۇنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەسەتكە سۆزلەپ بېرىپتۇ ۋە كۆڭلىگە بىر تەدبىر پۈكۈپ ئۇنى ئەسەتنىڭ شاھزادىگە ئېيتماسلىقىنى جېكىلەپتۇ. ئەتىسى پېشىن ۋاقتى بىلەن شاھزادە يېتىپ كەپتۇ. قەمەر ئۇنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىق كۆرۈپتۇ. ئاندىن ھەسەن، ھۈسەننىڭ يېنىغا كىرىپ: - بۈگۈن مېنىڭ دۆلەتلىك ، ئابرۇيلۇق بىر مېھمىنىم بار، ئۇنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئايال خىزمەتكارلارغا مۇھتاجمەن. ئەگەر بۇ زىنداندىن قۇتۇلۇشنى خالىساڭلار، ھەر ئىككىڭلارنى ئايالچە ياساپ، ئايال خىزمەتكار قاتارىدا خىزمەتكە سالىمەن. مېھمان ئالدىدا ئەرلىكىڭلارنى بىلىندۈرمەي، چىن كۆڭۈلدىن خىزمەت قىلساڭلار، سىلەرنى ئازات قىلىمەن. سىلەر بۇنىڭغا رازىمۇ؟ - دەپتۇ. ھەسەن بىلەن ھۈسەن قەمەرنىڭ قولىدىن تېزرەك قۇتۇلۇپ كېتىشنى ئويلاپ رازى بولۇشۇپتۇ ۋە ئاياللار كىيمىنى كىيىشىپ، زىبۇ - زىننەت تاقاپ مېھماننى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن شاھزادىنىڭ ئالدىغا چىقىپتۇ. زىياپەتكە ھېلىقى دەللە مومايمۇ چاقىرىلغان ئىكەن. ھەسەن بىلەن ھۈسەن مېھمانخانىغا كىرىپ، شاھزادىنى، ئەسەتنى ۋە دەللە موماينى كۆرۈپ داڭ قېتىپ قاپتۇ. ئۆز خىزمەتكارلىرىنى ئايال قىياپىتىدە كۆرگەن شاھزادىمۇ ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەي ئەجەبلىنىپتۇ ۋە ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، ھال - ئەھۋال سوراپتۇ. ھەسەن بىلەن ھۈسەن باشتىن ئۆتكۈزگەن قىسمەتلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.... شاھزادە، موماي، ھەسەن، ھۈسەنلەر ئۆزلىرىنىڭ سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن قەمەردىن كەچۈرۈم سوراپ، قىلمىشلىرىغا مىڭ بىر پۇشايمان قىلىشىپتۇ. قەمەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە ۋە ئار - نومۇسىنى ساقلاشتىكى شىجائىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. قەمەر ئۇلاردىن يەنە مۇشۇنداق ھېلە - مىكىر، سۈيىقەستلىككە قەدەم قويماسلىققا ۋەدە ئېلىپ ئاندىن زىياپىتىنى بېرىپتۇ. شاھزادە ئۆزىنىڭ ئېلىپ كەلگەن مال - مۈلۈك، تەڭگە - تىللالىرىنى قەمەرگە ھەدىيە قىلىپتۇ ۋە ئەسەتنى ئۆزىنىڭ سودا - سېتىق ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەرتىۋىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ، قەمەر بىلەن ئەسەت ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ساپ مۇھەببەت بىلەن ياشاپتۇ. >ۋاپا گۈلى< مۇ يېڭىدىن ئېچىلغاندەك تاۋلىنىپ خۇشپۇراق چېچىپ تۇرۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق