چېچەن قىز چىمەنخان
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بايمۇ ئەمەس، كەمبەغەلمۇ ئەمەس، ئوتتۇراھال بىركىشى ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ چىمەنخان دېگەن بىر قىزى بولغانىكەن. ئۇ كىشى بىر ئاز ئۇقۇمۇشلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، يۇرت ئەھلى ئۆزلىرى ھەل قىلالمىغان بىرەر مەسىلە بولسا، شۇ كىشىدىن مەسلىھەت سوراپ تۇرىدىكەن، ئۇنىڭ بەرگەن مەسلىھەتلىرى بىلەن قىلىنغان ئىشلار ھەرۋاقىتتا توغرا ۋە ئوڭۇشلۇق چىقىدىكەن.
بىركۈنى شۇ يۇرتنىڭ خانى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئىچىدە بۇنداق ئۇقۇمۇشلۇق كىشى بار ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۆز ھۇزۇرىغا چاقىرىتىپتۇ.
خان بۇ كىشىنى سىنىماق بولۇپ:
_ مەن سېنى ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم، كىشىلەرگە مەسلىھەت بېرەلەيدۇ، دەپ ئاڭلىدىم. ئەگەر سەن ئۇقۇمۇشلۇق بولساڭ، مەن ساڭا تۆت سوئال بېرەي، ئۈچ كۈننىڭ ئىچىدە شۇ سوئاللىرىمغا جاۋاب تېپىپ كەلسەڭ، مېنىڭ سارىيىمدا مەسلىھەتچى بولۇپ ئىشلەيسەن. ئەگەر تېپىپ كېلەلمىسەڭ، بېشىڭنى ئالىمەن، - دەپتۇ.
ئۇ كىشى خاننىڭ سۆزىنى قايتۇرالماي، ئۇنىڭ شەرتىگە رازى بوپتۇ - دە:
- خوپ بولىدۇ، تەقسىر، - دەپتۇ.
_ ئۇنداق بولسا قۇلاق سال، - دەپتۇ خان، - بىرىنچىدىن، دۇنيادا نېمە ئەڭ يۈگۈرۈك ؟ ئىككىنچىدىن، نېمە ئەڭ ئاچچىق؟ ئۈچىنچىدىن، نېمە ئەڭ تاتلىق؟ تۆتىنچىدىن، نېمە ئەڭ قاتتىق؟
ئۇ كىشى ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيىگە كەپتۇ - دە، بېشىنى ساڭگىلىتىپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. ئويلاپ - ئويلاپ سوئاللارغا توغرا جاۋاب تاپالماپتۇ. ئەتىسى دوستىلىرىنى مەسلىھەتكە چاقىرىپ:
_ سىلەرنى مەسلىھەتكە موھتاج بولغاندا مەن سىلەرگە مەسلىھەت بەرگەنىدىم، ئەمدى مەن سىلەرنىڭ مەسلىھىتڭلارغا باغلىق، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرنى ھەم مەسلىھەت ئېلىش ئۈچۈن، ھەم خەيرلىشىش ئۈچۈن چاقىرغانىدىم، بەلكى سېلەر بىلەن باشقا دىدار كۆرۈشەلمەسمىز، - دەپتۇ ئۇ كىشى.
_ خوپ دوستۇم، قانداق مەسىلە بار ئىدى؟ - بىلگەنلىرىمىزچە مەسلىھەت بېرەرمىز ، ئېيت! - دەپتۇ دوستلىرى .
_ تۈنۈگۈن مېنى خان ئۆز ھۇزۇرىغا چاقىرىپ تۆت سوئال بەردى. ئەگەر شۇ سوئاللارغا ئۈچ كۈن ئىچىدە جاۋاب تېپىپ بېرەلمىسەم بېشىمنى ئالىدىغان بولدى، - دەپتۇ ئۇ كىشى.
_ قېنى قانداق سوئاللار ئىكەن؟ ئاڭلاپ كۆرەيلى، بەلكى ھەممىمىز بىرلىكتە توغرا جاۋابىنى تاپارمىز ، - دەپتۇ ئۇنىڭ دوستلىرى.
ئەمىسە قولاق سېلىڭلار ، جاۋابىنى تېپىشقا ياردەم بېرىڭلار: دۇنيادا نېمە ئەڭ يۈگۈرۈك ؟ ئىككىنچىدىن، نېمە ئەڭ ئاچچىق؟ ئۈچىنچىدىن، نېمە ئەڭ تاتلىق؟ تۆتىنچىدىن، نېمە ئەڭ قاتتىق؟ - دەپتۇ ئۇ كىشى.
بۇنى ئاڭلىغان دوستىلىرىنىڭ بەزىلىرى: «دۇنيادا ئەڭ يۈگۈرۈك نەرسە شامال» دەپتۇ، بەزىلىرى: «ياق، مىلتىقنىڭ ئوقىدىن يۈگۈرۈك نەرسە يوق، چۈنكى ئەڭ ئىلدام ھەركەتنى ئوقتەك ئېتىلىدۇ» دەپتۇ. بەزىلىرى : «دۇنيادا ئاچچىق نەرسە لازا» دەپتۇ، بەزىلىرى: «ياق زەھەردىن ئاچچىق نەرسەيوق ، چۈنكى جان - جانغا ئۆتۈپ كەتكەن سۆزنى زەھەردەك سانجىۋالدى دېيىشىدۇ» دەپتۇ. بەزىلىرى:
«دۇنيادا ئەڭ تاتلىق نەرسە بال» دەپتۇ، بەزىلىرى «ياق، ناۋاتتىن تاتلىق نەرسە يوق، چۈنكى ئەڭ تاتلىق نەرسە ناۋاتقا ئوخشىتىلىدۇ، شۇڭا لەۋلىرىڭ ناۋات، يارىم، دېگەن ناخشا بار» دەپتۇ، بەزىلىرى: « دۇنيادا ئەڭ قاتتىق نەرسە تۆمۈر » دەپتۇ، بەزىبىرلىرى: «ياق ،تاشتىن قاتتىق نەرسە يوق، چۈنكى كۆڭلى قاتتىق كىشىنى باغرىڭ تاشمىدى؟ دەپ ئېيتىشىدۇ» دەپتۇ.
بۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىگە كۆپتىن بېرى قۇلاق سېلىپ ئولتۇرغان چىمەنخان ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ - دە:
_ توختاڭلار، ئاتىلار! بىر قارىماققا ھەممىڭلارنىڭ ئېيتقىنى توغرا . لېكىن مېنىڭچە، باشقىچىرەك بولسا كېرەك. ئويلىشىمچە، دۇنيادا ئەڭ يۈگۈرۈك نەرسە كۆڭۈل، ئەڭ ئاچچىق نەرسە دۈشمەن، ئەڭ تاتلىق نەرسە قېرىنداش، ئەڭ قاتتىق نەرسە يوقسۇزچىلىق ، - دەپتۇ.
باشقىلار بۇ قىزنىڭ سۆزلىرىنى ئويلاپ قارىسا ناھايىتى توغرا كۆرۈنۈپتۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى:
_ مانا بۇ توغرا جاۋاب . خانغا خۇددى شۇنداق جاۋاب بېرىش كېرەك، - دېيىشىپتۇ.
چىمەنخاننىڭ ئاتىسى قىزىنىڭ تاپقان جاۋابىغا ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئەتىسى خاننىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ، خان :
_ خوش، قېنى قانداق جاۋاب تېپىپ كەلدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ خان جانابلىرىنى قانائەتلەندۈرەلەمدۇ - قانائەتلەندۈرەلمەمدۇ بىلمەيمەن، ھەر ھالدا سوئاللىرىغا تۆۋەندىكىچە جاۋاب تېپىپ كەلدىم: دۇنيادا ئەڭ يۈگۈرۈك نەرسە كۆڭۈل، ئەڭ ئاچچىق نەرسە دۈشمەن، ئەڭ تاتلىق نەرسە قېرىنداش، ئەڭ قاتتىق نەرسە يوقسۇزچىلىق، - دەپتۇ ئۇ كىشى.
پادىشاھ بۇ جاۋابقا ھەيراق قېلىپ:
_ بۇنى ئۆزۈڭ تاپتىڭمۇ ياكى باشقا بىرى ئېيتىپ بەردىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
ئۇ كىشى يالغان سۆزلەپ ماختانغاندىن كۆرە، راستىنى ئېيتىپ ئۆلۈشنى ئەۋزەل كۆرۈپ:
_ بۇ قىزىم ئېيتىپ بەردى، - دەپتۇ.
_ بارغىن بولمىسا، سېنىڭ بىر قوشۇق قېنىڭدىن كەچتىم، لېكىن شۇ قىزىڭنى مېنىڭ ئالدىمغا ئەۋەتكىن. ئەگەر قىزىڭ تەختىمگە باستۇرۇپ كىرسىمۇ كاللىسىنى ئالىمەن. كىرمەستىن تاشقىرىدا توختاپ قالسىمۇ بېشىنى ئالىمەن، - دەپتۇ خان.
ئۇ كىشى يەنە چوڭقۇر قايغۇغا چۆكۈپ ئۆيىگە كەپتۇ - دە:
_ جېنىم قىزىم، ئۆزۈمنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىمەن، دەپ سېنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەردىم. ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆزۈمنىڭ ئۆلگىنى ياخشى ئەمەسمىدى، - دەپ قىزىنى قۇچاقلاپ يىغلاشقا باشلاپتۇ.
_ نېمە بولدى دادا؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ ۋاي، قىزىم، مەن خانغا سەن ئېيتىپ بەرگەن جاۋابنى ئېيتقانىدىم، ئۆزۈڭ تاپتىڭمۇ ياكى باشقا بىرى ئېيتىپ بەردىمۇ دەپ سورىدى. مەن يالغان ئېيتىپ ماختىنىشنى نومۇس كۆرۈپ، قىزىم ئېيتىپ بەردى دېۋىدىم، قىزىڭنى مېنىڭ ئالدىمغا ئەۋەتكىن، ئەگەر قىزىڭ تەختىمگە باستۇرۇپ كىرسىمۇ بېشىنى ئالىمەن، كىرمەستىن تاشقىرىدا توختاپ قالسىمۇ بېشىنى ئالىمەن دەپ بۇيرۇدى. ئەمدى نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم، - دەپ تېخىمۇ يىغلاشقا باشلاپتۇ ئۇكىشى. چىمەنخان:
_ ۋاي، دادا، شۇنىڭغىمۇ شۇنچە كۆز يېشى تۆكەمسىز؟ خانغا ئۆزۈم جاۋاب بېرىمەن، زادىلا قايغۇرماڭ، - دەپ خاننىڭ ئالدىغا كېتىپتۇ. نېمە بولاركىن دادىسىمۇ قىزىنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ.
چىمەنخان خاننىڭ ئوردىسىغا بېرىپ، ئىچكىرىمۇ كىرمەي، تاشقىرىدىمۇ قالماي، بوسۇغىنى دەسسەپ توختاپتۇ - دە، خانغا تەزىم قىلىپ:
_ خان جانابلىرىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ھۇزۇرلىرىغا كەلدىم. جانابلىرى ھەر قانداق بۇيرۇقلىرى بولسا بەجا كەلتۈرۈشكە جېنىم پىدا، - دەپتۇ.
خان بۇ قىزنىڭ بوسۇغىدا توختاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن:
_ نېمىشقا ئىچېكىرى كىرمەي ياكى تاشقىرىدا تۇرماي بوسۇغىدا توختاپ قالدىڭ، - دەپ سوراپتۇ.
_ جانابىي ئالىيلىرى، مەرتىۋە ۋە بايلىقلىرىنىڭ زور ئىكەنلىكىگە قارىماي قول ئاستىلىرىدىكى ھەممە پۇقرا بەش كۈن بولسىمۇ يورۇق دونيادا ياشاشنى خالايدۇ. مەنمۇ شۇ پۇقرالارنىڭ بىرى، ياشاشنى خالىغىنىم ئۈچۈن، بىر قوشۇق قېنىمدىن كېچەمدىكىن دەپ ئىچكىرى بىلەن تاشقىرىنىڭ خالىس ئوتتۇرىسى بولغان ۋە جانابلىرىنىڭ شەرتىدە تىلغا ئېلىنمىغان بوسۇغىدا توختاپ قالدىم، - دەپتۇ چىمەنخان.
كىچىككىنە قىزنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان دانا سۆزلەرگە ھەيران قالغان خان:
_ خوپ مەيلى، بىر قوشۇق قېنىڭدىن كەچتىم، ئەمدى ئىچكىرى كىرىپ، ئاتاڭغا ئېيتىپ بەرگەن جاۋابىڭنى قانداق بىلگەنلىكىڭنى سۆزلەپ بەرگىن، - دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن چىمەنخان ئىچكىرى كىرىپ يەنە بىر قېتىم تەزىم قىپتۇ - دە:
_ مەن دۇنيادا ئەڭ يۈگۈرۈك نەرسىنىڭ كۆڭۈل ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدىن بىلدىمكى ، كۆز يۇمۇپ - ئاچقۇچە ھەرقانداق كىشى كۆرلىدە پۈتۈن ئون سەككىز مىڭ ئالەمنى ئايلىنىپ چىقالايدۇ. دۇنيادا ئەڭ ئاچچىق نەرسە دۈشمەن ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدىن بىلدىمكى، يېقىندا ئىككى كىشى بىر - بىرىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈشتى، سەۋەبىنى سورىسام، ئۇلار كۆپتىن بېرى بىر - بىرىگە دۈشمەنلىشىپ يۈرگەنىكەن. دۇنيادا ئەڭ تاتلىق نەرسىنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدىن بىلدىمكى، بىر كۈنى مومامنىڭ ئىككى ئوغلى سۇقۇشۇپ كىچىكىنىڭ قولى چىقىپ كەتتى. ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرۇپ قارىسام كىچىكىنىڭ چىققان قولى چوڭكىنىڭ بوينىدا ، چوڭىنىڭ قولى كىچىكىنىڭ بوينىدا بىر تاتلىق ئوخلاۋىتىپتۇ. دۇنيادا ئەڭ قاتتىق نەرسە يوقسۇزچىلىق ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدىن بىلدىمكى، بىركۈنى دادام ئۆيدە يوق چاغدا بىزنىڭكىگە يىراقتىن مېھمانلار كېلىپ قالدى. ئۆيدە ھېچنېمە بولمىغاچقا مېھمانلارنىڭ ئالدىغا بىرەر چىنە چايمۇ قويالماي ناھايتى خىجالەت بولغانىدۇق ، - دەپتۇ.
خان بۇ قىزنىڭ چېچەنلىكىگە قايىل قېلىپ، ئۇنىڭ ئاتىسىنى سارايغا مەسلىھەتچىلىككە ئالغانىكەن.