بەڭگىلەر
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن بۇرۇنسىدىكەن، تۇرخۇن مورىسىدىكەن. توخۇ ئۇۋىسىدا، كەندىر توپىسىدا چىلىم غاڭزىسىدىكەن. ئەنە شۇ زاماندا مەلۇم مەھەللىدە باقى، ساقى، مەتۋاقى دىگەن بەڭگىلەر ئۆتكەن ئىكەن. بۇ بەڭگىلەرنىڭ كۈنى ئەتىدىن - كەچكىچە بەك چېكىش بىلەن ئۆتىدىكەن. ئۇلار كۈزدە كەندىر پىشقاندىلا ئىشلەيدىكەن. ئۇلار ئەنە شۇ چاغدا دېھقانلارنىڭ كۈزلۈك يىغىم ئىشلىرىنىڭ ئالدىراش پەيتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ كەندىرلىرىنى ئادالاپ بېرىش باھانىسى بىلەن يىللىق دەسمايىسىنى يىغىۋېلىشىدىكەن.
ئۇلار بىر كۈز كۈنى باغ سەيلىسى قىلىشماقچى بولۇشۇپ، مەھەللىنىڭ ئەڭ چېتىگە جايلاشقان بىر باغقا بېرىشىپتۇ. باغنىڭ ئىگىسى ئۇلارنى كۆرۈپ >ئېھتىمال باغ سەيلىسى قىلغاچ كاۋاپ سالىدىغانلار ئوخشايدۇ< دەپ ئويلاپ، بېغىغا باشلاپ قويۇپ ئۆز ئىشىنى قىلىۋېرىپتۇ. بەڭگىلەر باغقا كىرىشىپ ئورۇن ئېلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن باغنىڭ ئىگىسىنى بىر پەس ماختىشىپتۇ. ئاندىن چىلىملىرىنى بىر بىرىگە سۇنۇشۇپ دوس تارتىشقىلى تۇرۇپتۇ. شۇ تەرىقىدە چىلىم بىر قانچە نۆۋەت ئايلانغاندىن كېيىن كۆزلىرى خۇمارلىشىپ، باشلىرى پىرقىراشقا باشلاپتۇ. باقى ئىككى تىزىنى بېشىدىن ئىگىز چىقىرىپ تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ چىلىم تارتقىلى تۇرۇپتىكەن، ساقى:
- ھەي ئاداش، بوشراق تارت، ئۆلۈپ قالىسەن بىكار، - دەپتۇ.
- >بەڭگىلەر بەك تارتىشار ئىشقى بىلەن، ھەركىم تۇغۇلار رىسقى بىلەن< دەپتىكەن. بىزنىڭمۇ رىسقىمىز تۈگىگەن كۈنى بۇنى بوش تارتساقمۇ، ھەتتا تارتمىساقمۇ ئۆلۈپ قېلىۋېرىمىز دىگىنە ئاداش، - دەپتۇ باقى.
- چېكە ئاداش، چەڭ. دەرتكە بىرنى، ئەلەمگە بىرنى چېكىۋەت ئاداش، - دەپتۇ ساقى. ئۇلار شۇ تەرىقىدە چېكىشىپ چىلىمنىڭ ئايلىنىشتىن توختاپ قالغانلىقىنى بىلەلمەپتۇ. ئۆزلىرىنىڭ پەيسىز خىيال قاناتلىرى بىلەن ھەر تەرەپكە ئۇچۇپ باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ بىردىن دەرەخكە يۆلەنگىنىچە ئولتۇرۇپتۇ.
ئۇزاققا بارماي مەتۋاقى بېشىنى كۆتىرىپ:
- ھەي ئاغىينىلەر، ماۋۇ ساقى بىر چۆچەك ئېيتىپ بەرمىسۇنمۇ؟ - دەپتۇ.
- شۇنداق قىلسۇن. ھېلىقى بېشى يوغاننى ئېيت جۇمۇ ئاداش، - دەپتۇ باقى. ساقى چۆچەك باشلاشتىن بۇرۇن ئاغزىنى ھۆللىۋالماقچى بولۇپتۇ - دە:
- ئاغىينىلەر، ماڭا ئاۋال بىر نوگاي سۇ بېرىڭلار، - دەپتۇ باقى. بىر تۈپ ئالمىغا يۆلىنىپ ئىككى تىزىغا بېشىنى قويۇپ ئولتۇرغان مەتۋاقىنى سۇغا بۇيرۇپتۇ. مەتۋاقى >ھە، ماقۇل، مانا< دەپ قويۇپتۇ - يۇ، يەنە ئايىقى يوق خىياللىرىغا غەرق بولۇپتۇ.
باقى >ساقى ئەمدى ھىكايىنى باشلايدىغان بولدى< دەپ ئويلاپ كۆزلىرىنى يۇمۇپ خېلى ئۇزۇن ئولتۇرۇپتۇ. لېكىن ساقى بەڭگىدىن زۇۋان چىقماپتۇ.
- ھەي ئاداش! بىزگە ئېيتىپ بەرمەكچى بولغان چۆچەك قېنى؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ باقى.
- سۇ قېنى؟ سۇ؟ - ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ۋارقىراپتۇ ساقى. باقى كۆزىنى ئېچىپ قارىسا مەتۋاقى ھەدەپ خورەك تارتىۋاتقۇدەك.
- ھەي مەتۋاقى قوپ! مەن سېنى سۇغا بۇيرۇغىلى نەۋاخ؟ - دەپتۇ باقى.
- كىمنى دەۋاتىسەن؟ - دەپتۇ مەتۋاقى بېشىنى تەستە كۆتىرىپ.
- سېنى دىمەي كىمنى دەيتتىم، قوپ، سۇ ئېلىپ كەل. ساقى چۆچەك ئېيتىپ بەرمەكچى، - دەپتۇ باقى، - ئۇ بەك ئۇسساپ كېتىپتۇ. ئۇسساپ!
- ئۇسسىغان بولسا سۇنى ئۆزى تېپىپ ئىچسۇن، مەن ئۇسسۇمىغاندىكىن! - دەپ گۇڭراشقا باشلاپتۇ مەتۋاقى.
- قوپ دىدىم قوپ! - دەپتۇ باقى مەتۋاقىغا ھۆكۈرەپ، - مەن سېنى سۇغا بۇيرۇسام ئۇنىمايدىغان نىمە ھەددىڭ؟ ھۆرت - پۆرت دىسەڭ ھېلى بىكار قولىقىڭدىن خوراز قىچقارتىمەن!
مەتۋاقى قورقۇنچىدا ئورنىدىن تۇرۇپتىكەن ساغرىسى سۆگەتنىڭ غولىغا تېگىپ ئالدىغا دۈم چۈشۈپتۇ. قوپماقچى بولۇپ بېشىنى كۆتەرگەن ئىكەن، بېشى باقىنىڭ قورسىقىغا تېگىپ ئارقىسىغا ئۇچۇپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن باقى سۇغا مەتۋاقى بىلەن بىللە بېرىپ، سۇنى ئۇنىڭغا كۆتەرتىپ ئۆزى ئالدىدا يۈرۈپ كېتىپتۇ. ئارقىدا كېلىۋاتقان مەتۋاقى بىر چۇماققا پۇتلىشىپ گۈپ قىلىپ يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغان باقى كۆزىنى ئاچماي، ئارقىسىغىمۇ قارىماي:
- يىقىلىپ چۈشتۈڭمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- قوپالمايۋاتىمەن، - دەپتۇ مەتۋاقى.
- سۇنى تۆكۈپ قويدۇڭمۇ - يا؟
- چىنە قولۇمدىن چۈشۈپ كەتكەن ئىدى، شۇ چىنىنى تاپالمايۋاتىمەن.
شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ تۆكۈلۈپ كەتكەنلىكىگە كۆزى يەتكەن باقى:
- ئاداش ساقى، ھېچيەردىن سۇ تاپالمىدۇق. ئالدى بىلەن چۆچەكنى ئېيتىپ بەرسەڭ، ئاندىن كېيىن سۇغا راسا تويغۇزساق، - دەپتۇ. بۇ گەپكە ئىشەنگەن ساقى لەۋلىرىنى تامشىپ چۆچەكنى باشلاپتۇ:
بۇرۇن بۇرۇندىكەن. تېرىق تولۇمدىكەن، يىتىم بۇلۇڭدىكەن، قاغا قاراقچى، تۈلكە يالاقچى، بۆرە ماراقچى ئىكەن. سېغىزخان جەدىكەن، قۇيرۇقى يەردىكەن. قېينى ئانامنىڭ قىزى مەندىكەن. ئۇ چاغلاردا مەن تېخى تۇغۇلمىغان چاغ ئىكەن. شۇ زاماندا ئۆتكەن بىر ئادەمنىڭ ئۈچ ئوغلى بار ئىكەن. بۇ ئوغۇللار جاڭگالدا مال باقىدىكەن. بۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىردىن ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن. چوڭنىڭ بۇرنى يوغان ئىكەن. ئوتتۇرانچىسىنىڭ كۆزى چوڭ ھەم قولى ئۇزۇن بولۇپ، قولى قىرىق گەز سوزۇلىدىكەن. كىچىكىنىڭ بېشى يوغان بولۇپ، تۇمىقىغا بەش يۈز قوي پاتىدىكەن. ئۇلار بىر - بىرىنى ھۆرمەتلىشىپ ناھايىتى ياخشى ئۆتىدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرسىدە ئۇلارنىڭ ئاتىسىغا قېرىلىق يېتىپتۇ. ئۇ ئادەم بالىلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ مۇنداق دەپتۇ:
- بالىلىرىم، مېنىڭ يېشىم بىر يەرگە بېرىپ قالدى. ئۇزاققا بارماي، ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن. مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن مەندىن قالغان ئۈچيۈز ئەللىك قوينى ھەر بىرىڭلار يۈزدىن ساناپ، ئۆزەڭلارنىڭ قىلىپ بەلگە سېلىۋېلىڭلار. لېكىن ھەرگىز ئايرىۋالماي ھازىرقىدەك بېقىڭلار. قالغان ئەللىك قوينى بېشىڭلارغا كۈن چۈشكەندە قايسىڭلار سايىۋەن بولالىساڭلار شۇ ئېلىڭلار.
بوۋاي ئۇزاققا قالماي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. بالىلىرىمۇ ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئەمەل قىلىپ بىرگە باشاپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوتتۇرانچى ئوغۇل قويلارنى يىغىپ كېلىش ئۈچۈن جاڭگالغا كېتىۋېتىپ يىراقتىن كېلىۋاتقان قاراقچىلارنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، ئاكىسى بىلەن ئىنىسىگە مەلۇم قىلىپتۇ.
قاراقچىلارنىڭ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئۈچ ئوغۇل ساراسىمىگە چۈشۈپ نىمە قىلارىنى بىلمەي تەمتىرىشىپ قاپتۇ. شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ كىچىگى:
- قويلارنى مېنىڭ تۇمىقىمغا سولاپ قويۇپ، ئۆزىمىز قېچىپ كەتسەك بولۇۋەرمەمدۇ؟ - دەپتۇ. ئۇنىڭ ئىككى ئاكىسى ناھايىتى خوشال بولۇپ، بۇ مەسلىھەتكە قوشۇلۇپتۇ. ئوتتۇرانچى ئوغۇل قولىنى بىر سوزغان ئىكەن، قويلار ئالدىغا يىغىلىپتۇ. كىچىك ئوغۇل شۇئان قويلارنى تۇماققا سۇلاپتۇ. لېكىن قاراقچىلار ئاڭغىچە يېقىنلاپ كېلىپ قاپتۇ. قېچىشغا ئۈلگۈرەلمىگەن ئاكا - ئۇكىلار ساراسىمىگە چۈشۈپ تۇرغاندا چوڭ ئوغۇل دەرھال ئەقىل تېپىپ ئىككى ئىنىسىنى ئۆزىنىڭ بۇرنىغا سۇلۇۋاپتۇ. ئەمما ئوتتۇرانچى ئوغۇلنىڭ قولى سوزۇلۇپ، كۆرۈنۈپ قاپتۇ. كىچىك ئوغۇلنىڭ بېشى يۇغان بولغاچقا ئاكىسىنىڭ بۇرنىنى يىرتىۋېتىپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ چوڭ ئوغۇل ئاغرىق ئازابىغا چىداپ چىشىنى چىشلەپ تۇرۇۋاپتۇ. شۇنداق تۇرغاندا قاراقچىلار كېلىپ قاپتۇ. كەلگەن قاراقچىلارنىڭ باشلىقى ئاتتىن چۈشمەي تۇرۇپ:
- ھەي، سەن بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىسەن؟! - دەپ سوراپتۇ. چوڭ ئوغۇل قاراقچىلارنىڭ ئەلپازىنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈپ بىر ئاز قورقۇپتۇ. لېكىن ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ:
- مەن مۇساپىرمەن. جاھان كەشتىلىك قىلىپ جان باقىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. قاراقچىلارنىڭ باشلىقى ئۇنىڭ بۇرنىدىن ئادەمنىڭ قولىغا ئوخشايدىغان ئۇزۇن بىر نەرسىنىڭ ساڭگىلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران بولغان ھالدا سوراپتۇ:
- بۇرنىڭدىن ساڭگىلاپ تۇرغان نىمە؟
- ئادەم، - دەپتۇ چوڭ ئوغۇل تەمكىنلىك بىلەن.
- نىمىشقا بۇرنۇڭغا سولىۋالدىڭ؟ - ئادەم بولسا چىقار، بىز كۆرىمىز، - دەپتۇ قاراقچىلارنىڭ باشلىقى سەل قورققان ھالدا.
- ياق، چىقىرىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇرنۇمنىڭ ئىچىدىكى بۇ ئىككى كىشى قاراقچى ئىكەن. ياخشى گەپ قىلسام پەيلىدىن يانمىغۇدەك. شۇڭلاشقا بۇرنۇمغا سولاپ ئېلىپ ماڭدىم. چوڭقۇرلۇقى قىرىق گەز كېلىدىغان بىر قۇدۇقۇم بار. شۇنىڭغا تاشلاپ تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرىمەن، - دەپتۇ چوڭ ئوغۇل.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان قاراقچىلار قورقىشىپ غال - غال تىترەشكە باشلاپتۇ ۋە چىرايلىق گەپ بىلەن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى ئىزلەپتۇ.
- ئەي بۇرادەر، سەن ھېلى ئىككى ئادەم دىگەن ئىدىڭ، ھازىر بۇرنۇڭنىڭ ئىچىدە بىرلا ئادەم تۇرىدىغۇ؟ - دەپتۇ قاراقچىلارنىڭ باشلىقى.
- يەنە بىرسى ماۋۇ بۇرنۇمدا. ئۇنىڭ قولىدا قىلىچ بار ئىكەن. مەن ئۇنى قىلىچ - پىلىچلىرى بىلەن بۇرنۇمغا سولىسام بۇرنۇمنى يىرتىۋەتتى، - دەپتۇ. چوڭ ئوغۇل.
قاراقچىلار قارىسا راست شۇنداق تۇرغان. ئۇلار قورقۇپ ئاستا كېتىۋېلىشنىڭ ئامالىنى ئىزلەپ:
- ئەي بۇرادەر، بىز قاراقچى ئەمەس. سەندىن شۇنداقلا بىر گەپ سوراپ قويغان ئىدۇق. خاپا بولمىغىن، خەير، كۆرۈشەرمىز، - دەپتۇ - دە، بەدەر تىكىۋېتىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ ئوغۇل بالا - قازادىن قۇتۇلۇپتۇ. ئەمما ئۆزلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئارتۇق چاغلىشىپ، ئېشىپ قالغان ئەللىك قوينىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ.
- ئەللىك قوينى مەن ئېلىشىم كېرەك، - دەپتۇ چوڭ ئوغۇل، - سىلەرنى بۇرنۇمغا سولىۋالمىغان بولسام قاراقچىلار ھالاك قىلىۋەتكەن بولاتتى.
- ئەللىك قوينى مەن ئېلىشىم كېرەك، - دەپتۇ ئوتتۇرانچى ئوغۇل، - قاراقچىلارنىڭ كىلىۋاتقانلىقىنى مەن كۆرمىگەن بولسام، ئۇلار ھەممە قويلارنى ئېلىپ كېتەتتى.
- مەن ئېلىشىم كېرەك، - دەپتۇ كەنجى ئوغۇل، - مەن قويلارنى تۇمىقىمغا سولىۋالمىغان بولسام ئۇلار كۆرۈپ قالغان بولاتتى...
ساقىھىكايىسىنى سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە باقى گەپنى بۆلۈۋېتىپتۇ.
- قويساڭا ئاداش بۇنداق گەپنى. ئەگەر مەن ئاشۇ ئوغۇللارنىڭ چوڭى بولغان بولسام ئۇنچە ئاۋارە بولماي تۇرۇپچۇ ئەللىك قوينى ئالغان بولاتتىم. بولدى، قوي. بۇ ئادەمنىڭ زەردىسىنى قاينىتىدىغان چۆچەككەن، ئۆز ئىشىمىزنى قىلايلى، - دەپ يەنە دوس تارتىشقىلى تۇرۇپتۇ.
- ھەي ئاغىينىلەر، بەك چەككەن ئادەم خۇداغا يېقىن بولارمىش. چۈنكى بەك چەككەن ئادەم غەيۋەت - شىكايەتتىن يىراق تۇرىدىكەن، كىشىلەر بىلەن ئۇرۇش - جىدەل قىلمايدىكەن، - دەپتۇ ساقى.
- توغرا دىدىڭ ئاداش، - دەپتۇ مەتۋاقى، - بىزدىن بۇرۇنقىلار مۇنداق بىر تەمسىل قالدۇرغان ئىكەن >ھاراق پادىشاھتۇر، مۇسەللەس ۋەزىر، نەشە پاسكىنادۇر، بوزا بىنەزىر<
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ساقى راسا كۈلۈپتۇ. ئەمما باقى غەزەپ بىلەن مەتۋاقىغا ئېسىلىپتۇ. ئۇنىڭ بارماقلىرى مەتۋاقىنىڭ بوينىغا كىرىشىپ كېتىپتۇ. ساقى ئاجرىتىپ قويماقچى بولۇپتىكەن. باقى ئۇنى تىللاپ:
- ئاڭلىمىدىڭمۇ، بۇ خوتۇنى تالاق ھازىرلا نەشىنى >پاسكىنا< دەۋاتمامدۇ؟ - دەپتۇ. گەپنىڭ تەكتىگە چۈشەنگەن ساقىمۇ باقىغا ماسلىشىپ مەتۋاقىنى ئۇرۇشقا باشلاپتۇ. دەل شۇ چاغدا باغۋەن كېلىپ بۇلارنى قوغلاپتۇ ۋە پۈتۈن بالا - چاقىلىرىغا بەڭگى بولماسلىق ھەققىدە كۆپ نەسىھەتلەرنى قىلىپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: ياقا گۇڭشې قاراڭغۇ دادۈيدىن: ئابدۇرېھىم غۇپۇر.