ئۈچ دوست
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا ئۇزۇن قول، چوڭ كاللا ۋە ئۆتكۈر كۆز دەپ ئاتىلىدىغان ئۈچ كىشى ئۆتكەن ئىكەن. بۇلار دوست بولۇپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆتكۈر كۆز بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قارىسا، يىراق بىر يەردە بىر توپ يىلقا ئوتلاۋاتقۇدەك. بۇلارنى كۆرۈپ ئۇنىڭ كۆزى قىزىرىپتۇ - دە، شۇئان:
- ۋاي -ۋۇي، نىمە دىگەن كۆپ يىلقا بۇ! دوستلىرىم، چاققان مەيەگە كېلىڭلار! - دەپ ۋارقىراپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ ئاغزىلىرىدىن سېرىق سۇ ئاققان چوڭ كاللا بىلەن ئۇزۇن قول يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ:
- ئامال قىلىپ ئاشۇ يىلقىلارنى ئېلىپ كېلەيلى، - دەپ مەسلىھەت ساپتۇ. ئۇلار ئىشقا كىرىشىپتۇ. ئۆتكۈر كۆز >ئاياققا، ماياققا< دەپ ئىشارەت قىلىپتۇ. ئۇزۇن قول قولىنى بىر سوزۇپلا ئىككى كۈنلۈك يىراقلىقتىكى يىلقىلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمان تۇتۇپ كەپتۇ. بۇ يىلقىلارنىڭ ھەممىسى ياش ئارغىماقلار ئىكەن. بۇنى كۆرۈپ ئۈچ دوستنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپتۇ - دە، >ئەمگەكنى مەن قىلدىم<، >ئۇلارنى مەن تۇتتۇم< دەپ ئۆز ئارا تالىشىپ قاپتۇ. مۇشۇنداق جىدەللىشىۋاتقاندا يىراقتىن چاڭ كۆتىرىلىپ بىر توپ ئاتلىق ئەسكەرلەر كېلىپ قاپتۇ. بۇ ئۈچ دوست ئۇلارنى كۆرۈپ ساراسىمىگە چۈشۈپتۇ. يىلقا تۈگۈل جانلىرىنى ساقلاقپ قېلىشمۇ تەس بولۇپتۇ. بۇ چاغدا ئەقىللىق چوڭ كاللا بېشىدىكى تومىقى بىلەن نەچچە يۈز يىلقىنى باسۇرۇپ، يوشۇرۇپ قويۇپتۇ. يېتىپ كەلگەن ئەسكەرلەر قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ ھەيۋە قىلىپ:
- پادىشاھنىڭ يىلقىلىرىنى قاراقچىلار بۇلاپ كېتىپتۇ. سىلەر ئۇنى كۆردۈرڭلارمۇ؟ دەلمۇشۇ تەرەپكە قېچىپتىكەن! - دەپ ۋارقىراپتۇ. ئۈچ دوست ئۇلارغا تازىم قىلىپ:
- جانابلار، بۇ قاراقچىلار ھازىر تېخى مۇشۇ تۈكلۈك تاغنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ كەتتى! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
ئەسكەرلەر ئالدىراپ - سالدىراپ ھېلىقى تۇماقنىڭ ئەتراپىنى ئۈچ قېتىم ئايلىنىپتۇ. ئەمما ھىچنەرسىنى تاپالماي قايتىپ كېتىپتۇ. شۇ ھامانلا ئۇزۇن قول بىلەن ئۆتكۈر كۆز تۇماقنىڭ ئاستىدىكى يىلقىلارنى تالىشىشقا باشلاپتۇ، تىللىشىپتۇ. ئاخىرى ئۇزۇن قول ئۆتكۈر كۆزىنى ئېيىق تاپىنىدەك ئالقانلىرى بىلەن راسا كاچاتلاشقا باشلاپتۇ. ئۆتكۈر كۆز ئۇزۇن قولغا تەڭ كېلەلمەي، قېچىپتۇ. ئۇزۇن قول قوغلاپتۇ. ئۆتكۈر كۆز قېچىپ كېتىۋاتسا ئالدىغا چوڭ بۇرۇن ئۇچراپ قاپتۇ. بۇنى كۆرۈپ ئۆتكۈر كۆزنىڭ يۈرىگى بىر ئاز جايىغا چۈشۈپتۇ. ئۇ چوڭ بۇرۇنغا يېلىنىپ، يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ.
- دوستۇم چوڭ بۇرۇن، مېنى قۇتقۇزۇۋالغىن! كەينىمدىن ئۇزۇن قول قوغلاپ كېلىۋاتىدۇ...
بۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ، رەھىمى كەلگەن چوڭ بۇرۇن.
- ماقۇل، ئۇنداقتا مەيەگە كىرىۋال، - دەپ، ئۇنى بۇرنىنىڭ بىر تۆشۈكىگە كىرگۈزۈۋېتىپتۇ. دەل شۇ چاغدا بىر يوغان قارىغاينى كۆتەرگەن ئۇزۇن قولمۇ ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ يېتىپ كەپتۇ - دە،
- قېنى ھېلىقى ئۆتكۈر كۆز؟ ئۇنى نەگە يوشۇرۇپ قويدۇڭ؟ - دەپ چوڭ بۇرۇنغا ۋارقىراپتۇ. قورقۇپ كەتكەن چوڭ بۇرۇن:
- ۋاي تەقسىز،ئۇ بۇ غارغا كىرىپ كەتكەن ئىدى، - دەپ ئالدىراشچىلىقتا بۇرنىنىڭ يەنە بىر تۆشۈكىنى كۆرسىتپتۇ. چوڭ بۇرۇننىڭ ئىككى تۆشۈگىدىن كىرىپ، قاڭشادا ئۇچرىشىپ قالغان ئۆتكۈر كۆز بىلەن ئۇزۇن قول دەھشەتلىك ئۇرۇشۇشقا باشلاپتۇ. ئۇنىڭ تەسىرىدىن بۇرنى ئاغرىپ، قىچىشىپ كەتكەن چوڭ بۇرۇن بىر چۈشكۈرگەن ئىكەن، ھېلىقى مۇشتلىشىۋاتقان ئىككىسى يەرگە >پوككىدە< چۈشۈپتۇ - دە، يوغان بىر تاشقا تېگىپ ئۆلۈپ قاپتۇڭ. ھەممە يىلقىلار چوڭ كاللىغا قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە خوشال - خورام، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: ئابدۇغېنى يۈسۈپ