UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقبۆرە، تۈلكە ۋە ئېشەك

بۆرە، تۈلكە ۋە ئېشەك

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بىر كۈنى جاھىل بۆرە، قۇۋ تۈلكە ۋە ئەخمەق ئېشەك ئۆزلىرىنىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىپتۇ. دەسلەپكى سۆزنى بۆرە ئاپتۇ. ئۇ سۆھبەتداشلىرىدىن ئۆز جىنايىتى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغان ھالدا مۇنداق دەپتۇ: - مەن بىر كۈنى ناھايىتى غەزەپلىنىپ يوغان، سېمىز مېكىجىننى يەۋەتتىم، كېيىنرەك توغرا ئىش قىلمىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتتى. چۈنكى مېكىجىن ئون ئىككى بالىسىنى چەتتە يالغۇز قالدۇرۇپ، ئۆزى جاڭگالغا تاماق ئىزدەپ چىققانىكەن. ئانىسىنى يەپ بولۇپ قايتىشىغا بالىلىرى چىرقىرىشىپ ئالدىمغا چىقتى. مەن ئۇلارنىڭ جاھىل ئانىسىغا بالىلىرىنى يالغۇز قالدۇرۇپ جاڭگالغا كەتكىنى ئۈچۈن ناھايىتى نەپرەتلەندىم. بالىلىرىغا ئىچىم ئاغرىپ كەتتى. شۇڭلاشقا ئانىسى قىلغان پەسلىكنى مەن قىلمىدىم، ئۇلارنىڭ بىرىدىنمۇ يالغۇز قالدۇرماي بىر - بىرلەپ يەۋەتتىم. - ۋاي، سىز ناھايىتى توغرا ئىش قىلىپسىز، - دەپ ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپتۇ قۇۋ تۈلكە، - بالىلىرىنى يالغۇز قالدۇرۇپ جاڭگالغا كىرگەن مېكىجىننىڭ جازاسىنى تازىمۇ بېرىپسىز. ئەگەر سىز ياخشىلىق قىلىپ ئۇنىڭ بالىلىرىنى يەۋەتمىگەن بولسىڭىز، بىچارە نارىسىدىلەر ئانسىز قانداقمۇ ياشار ئىدى. بۇ ئىشىڭىز ھېچقانداق جىنايەتكە ياتمايدۇ. ئاندىن تۈلكە ئۆز ھېكايىسىگە كۆچۈپتۇ: - مەنمۇ ئۆز ئەيىبىمنى ئېيتاي، دوستلار، لېكىن ئۇ جىنايەتكە ياتامدۇ، ياتمامدۇ، ئۆزۈڭلەر باھا بېرەرسىلەر. مەن بىر كۈنى بىر خورازنىڭ بېشىنى يۇلۇپ تاشلىدىم. لېكىن ئۇنىڭغا خورازنىڭ ئۆزى سەۋەبچى. تاڭ سەھەردە قاتتىق قىچقىرىپ ھەممىمىزنى ئويغىتىۋەتتى. مەن جاڭگالنىڭ سىزگە ئوخشاش ھۆرمەتلىك ھايۋانلىرىنىڭ ئۇيقۇسى بۇزۇلمىسۇن دەپ، ئىشنىڭ ئالدىنى ئالدىم. يەرگە يورۇق چۈشكەندە بېشى كېسىلگەن خورازنى كۆرگەن مېكىيانلار قاقاقلاپ قۇلاق - مېڭەمنى يەۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئۈنىنى ئۆچۈردۈم. ئۇلارمۇ، ئەلۋەتتە ئۆزلىرى ئەيىبلىك. - سەن ئۆزۈڭ توغرا ئىش قىلىپ ئۆگەنكەنىكەنسەن. سېنىڭ ھەممىمىزنىڭ غېمىنى يېگىنىڭنىڭ ئۆزى بىر جاسارەت. ئۆزلىرىنىڭ ئەيىبى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن توخۇ - خورازلار ئۈچۈن مەن سېنى جىنايەت قىلدى دەپ ئېيتالمىغان بولار ئىدىم، - دەپتۇ بۆرە تۈلكىنىڭ دۈمبىسىدىن قېقىپ. ئەمدى نۆۋەت ئېشەككە كەپتۇ: - مەن بىر جىنايىتىم ئۈچۈن تا بۈگۈنگىچە ئۆزۈمنى كەچۈرەلمەي يۈرۈيمەن. قورسىقىم ناھايىتى ئاچ بىر كۈنى خوجايىنىمنىڭ رۇخسىتىسىز باغلاقلىق چۆپتىن بىر تۇتام يەۋەتكەنىدىم، - دەپتۇ مۇڭلانغان ئېشەك بېشىنى تۆۋەن ساڭگىلىتىپ. - ئاھ! - دەپ ۋارقىراپتۇ بۆرە، - سەن ناھايىتى ئىنسابسىز ئىكەنسەن. ئۆزۈڭنىڭ خۇجايىنىغا خىيانەت قىلىشقا قانداقمۇ دىتىڭ بارغاندۇ؟! - ناھايىتى توغرا ئېيتىڭىز، - بۆرىگە قوشۇلۇپتۇ تۈلكە، - مەن بۇنىڭغا ئوخشاش خىيانەتچىنى ھېچقاچان كۆرمىگەن. بۇ جىنايىتىڭنى بىز كەچۈرمەيمىز. بۆرە بىلەن تۈلكە بىچارە ئېشەكنى پارچە - پارچە قىلىپ، راھەتلىنىپ يەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق