UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئادىل پادىشاھ

ئادىل پادىشاھ

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر ئادىل پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ قول ئاستىدا 13 بەگ بار ئىكەن. بۇ پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەن دەۋردە خەلق پاراۋان ھايات كەچۈرۈپتۇ. پادىشاھ كەمبەغەللەرگە دائىم غەزىنىسىدىن پۇل ياردەم قىلىپ تۇرۇدىكەن، شۇڭا كۆپ ئۆتمەي بۇ پادىشاھنىڭ داڭقى پۈتۈن يەر يۈزىگە پۇر كېتىپتۇ . كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكى 13 بەگ بىر بولۇپ شۇنداق دېيىشىپتۇ: بىز 13 بەگ تۇرساق، يەنە ئاشۇ بىر پادىشاھقا بويسۇنىمىزمۇ؟ - ئۇنى تەختتىن ئېلىپ تاشلاپ ئۆز ئالدىمىزغا يۇرت سورايلى. - بىزمۇ ئۇرۇشقا تەييارلىنايلى، - دەپتۇ ئۇلار. - ئەگەر ئۇلار بىزگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ قالسا، - دەپتۇ پادىشاھ، - بىر تال ئوت چىقارمايلى، تەخت كېرەك بولسا ئالسۇن، لېكىن قانا توكۈلمىسۇن. ئۇلار باستۇرۇپ كېلىپ قالسا، شەھەر دەرۋازىسىنى ھىچ قارىشىلىقسىز ئېچىپ بېرىڭلار. شۇ كۈنى ئەل قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەندە، پادىشاھ خۇرجۇننىڭ بىر بېشىغا ئالتۇن - كۈمۈش، بىر بېشىغا يېمەك - ئىچمەك، بىر قۇر كونا كېيىم - كېچەك سېلىپ ئىشەككە ئارتىپتۇ، - دە، ئۆزى بىر ئاق كونا جۇۋىنى كېيىپ، بېلىنى ئاغامچدا باغلاپ، بىر ئايپالتىنى بېلىگە قىستۇرۇپ، شەھەردىن چىقىپ كېتىپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ پادىشاھ ئاقتىمۇ يوق، كۆكتىمۇ يوق بولۇپ كېتىپتۇ. شەھەر پادىشاھسىز قاپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي 13 بەگ باستۇرۇپ كەپتۇ. پادىشاھنىڭ ۋەزىرلىرى پادىشاھنىڭ دېگىنى بويىچە شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىپ بېرىپتۇ. 13 بەگنىڭ بېشى كۆككە يېتىپ، شاھ ئوردىسىغا جايلىشالماپتۇ. بىراق شۇ كۈندىن تارتىپ بۇلار بىر - بىرى بىلەن پېتىشالماپتۇ. 13 بەگنىڭ ئىچىدە ئۆزئارا تەخت تالىشىپ، جېدەل چىقىشقا باشلاپتۇ. خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە يامانلىشىپتۇ. ئەمدى گەپنى پادىشاھدىن ئاڭلايلى: پادىشاھ شەھەردىن چىقىپ توپ - توغرا شۇ شەھەرنىڭ يېنىدىكى بىر تاغقا بېرىپتۇ. ئەتىسى يەرگە يورۇق چۈشەر - چۈشمەي بۇ يەرگە ئوتۇنچىلار كېلىشكە باشلاپتۇ، پادىشاھمۇ شۇلارغا قوشۇلۇپتۇ - دە، ئوتۇنچىلار بىلەن بىللە ئوتۇن كېسىپ، ئىشىككە ئارتىپ، كۈن كوتىرىلگەندە شەھەرگە قاراپ مېڭىپتۇ. شەھەردە كۈن بويى يۈرۈپ، ئوتۇنلىرىنى سېتىپ، كەچقۇرۇنلۇقى قايتىپ چىقىپ كېتىپتۇ. بۇلارنىڭ بىر كۈندە ساتقان ئوتۇننىڭ پۇلى بىر كۈنلۈك تامغىغا ئارىن يېتىدىكەن. ئوتۇنچىلارنىڭ تولىسى قېرىلار بۇلۇپ، پات - پاتلا تاغدا قونۇپ قالىدىكەن. پادىشاھ ئوتۇنچىلار بىلەن ناھايىتى چاپسانلا چىقىشىۋاپتۇ. ئوتۇنچىلار تاغدا قونۇپ قالغان كۈنلىرى راسا مايلىق پولو ئېتىپ بېرىدىكەن. يىل بويى ياغ كۆرمەيدىغان كەمبەغەل ئوتۇنچىلار بۇ مېھرىۋان ھەمرىيىنىڭ ئۆمرىگە دۇئا قىلىدىكەن. كۈنلەر، ئايلار ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى ھەممە ئوتۇنچىلار تاغنىڭ ئېتىگىدە ئەڭ ياخشى بىر جاينى تاللاپ گۈلخان يېقىپتۇ، بەزىلىرى ئوتنىڭ يېنىدا قىڭغىيىپ ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. بەزىلەر ئائىلىسى، ئۆزىنىڭ ئۆتكەن كۈنلىرى ھەققىدە، بەزىلىرى كۈندۈزى شەھەردە ئاڭلىغان، كۆرگەنلىرى ھەققىدە سۆزلىشىپتۇ. شۇ چاغدا قىرىق يەردە يامغى بار ئەسكى چاپان كىيىگەن، پۇتىغا چورۇق تارتىقان، چاچ - ساقاللىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان بىر بوۋاي ئوتۇننىڭ ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ، يېنىدىكىلەرگە: - ھە خۇدا، شۇ مېنىڭ قولۇمغا چۈشسىدى، - دەپتۇ: - سېنىڭ قولۇڭغا چۈشىدىغان نېمە ئۇ؟ - دەپ سورىشىپتۇ ئوتۇنچىلار. بوۋاي بىر يۆتىلىۋېلىپ مۇنداق دەپتۇ: - ئون يېشىمدىن تارتىپ مۇشۇ ئوتۇنچىلىق بىلەن كەچۈرۈپ كېلىۋاتىمەن. ھازىر 72 ياشقا كىرىدىم، چاچ - ساقاللىرىم ئاقىرىپ، بېلىم مۈكچەيدى. ئۆيۈمدە 10 بالام ماڭا قاراپ ئولتۇرىدۇ. بۈگۈن بازاردا بىرگەپ ئاڭلىدىم: «كىمكى پادىشاھنى تۇتۇپ ئەكىلىپ بەرسە، شۇ كىشىگە ئەڭ چوڭ سوغا بېرىمىز، بالا - چاقىسىنى ئۈمۈر بويى غەزىنىدىن تەمىنلەيمىز» دەپتۇ. مەن ئاشۇ پادىشاھنى ماڭا ئۇچراپ قالسىدى، دەۋاتىمەن. ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئوتۇنچىلار ئوتۇنلىرىنى ئىشەكلىرىگە ئارتىپ مېڭىپتۇ. پادىشاھ ھېلىقى بوۋاينى ئاستا يېڭىدىن تارتىپ ئېلىپ قاپتۇ. - بوۋاي، - دەپتۇ پادىشاھ باشقا ئوتۇنچىلار خېلى ئۇزاق كەتكەندىن كېيىن، - ئاخشام مەن سىزنىڭ ھەممە گەپلىرىڭىزنى ئىشەكتىن چۈشۈرۈڭ. ئاغامچا بىلەن مېنىڭ قوللىرىمنى باغلاپ، شەھەرگە ئەكىرىپ تاپشۇرۇپ بېرىڭ. بۇنى ئاڭلىغان بوۋاي ھەيران بولۇپ: «پادىشاھ راست مۇشۇ كىشىمۇ ئەمەسمۇ؟» دەپ ئىشەنمەپتۇ. لېكىن پادىشاھ بوۋاينى ئىشەندۈرۈپتۇ. - مەن سىزنى بىلمەپتىمەن، بىلسەم ھەرگىز ئۇنداق دىمىگەن بولاتتىم، - دەپتۇ بوۋاي پادىشاھنى باغلاشقا ئۇنىماي. - ياق، بوۋاي، - دەپتۇ پادىشاھ، - ئۆزەم رازى بولغاندىن كېيىن، مېنى باغلاڭ. ئەگەر مېنىڭ بېرىشىم بىلەن بىر ئائىلىدىكى ئون نەچچە جان ئۈمۈر بويى باياشات ياشايدىغان بولسا، ماڭ شۇ كۇپايە. بوۋاي پادىشاھنى باغلاپ، شەھەرگە قاراپ راۋان بوپتۇ. لېكىن شەھەرنىڭ چېتىگە كىرىش بىلەنلا كىشىلەر ئولىشىپ: - بۇ نېمە ئادەم؟ بۇ كىم؟ - دەپ سوراشقا باشلاپتۇ. بوۋاي پادىشاھ ئىكەنلىكىنى ئېيتىشى بىلەنلا كىشىلەر بوۋاينى ئىتتىرىپ بىر ياققا چىقىرىۋېتىپ، پادىشاھنى ئوردىغا ئېلىپ كېتىپتۇ. ئوردىغا بارغاندىن كېيىن، ھەممىسى «پادىشاھنى مەن تۇتۇپ ئەپكەلدىم» دەپ تالىشىپ كېتىپتۇ. 13 بەگ بۇ گەپلەرنىڭ قايسىسىغا ئىشىنىشىنى بىلمەي تۇرۇۋاتقاندا، ھېلىقى بوۋايمۇ يېتىپ كەپتۇ. - پادىشاھنى تۇتۇپ ئېلىپ كەلگەن ئەسلى مەن ئىدىم، - دەپتۇ بوۋاي. پادىشاھمۇ: - مېنى مۇشۇ بوۋاي تۇتۇپ ئېلىپ كەلگەن ئىدى، - دەپتۇ. ئاندىن 13 بەگ بوۋايدىن پادىشاھنى قانداق تۇتقانلىقىنى سوراپتۇ. بوۋاي بولسا ھەممە ۋەقەنى باشتىن - ئاياق بايان قىپتۇ. بوۋاينىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان 13 بەگ چوڭقۇر ئويغا چۆكۈپ كېتىپتۇ، ئۇلار قاتتىق خىجالەتچىلىكتە: - ئۆز جېنىنى ئۆزى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەن، پۇقرالار ئۈچۈن ئۆلۈشنى بەخت ھېسابلىغان كىشىنى ئۆلتۈرۈشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ مۇنداق ئادىل پادىشاھ تۇرغان يەردە بىزگە بۇ يەردە ئورۇن يوق ئىكەن، پادىشاھلىق ئادىل پادىشاھقا مەنسۇپ، - دىيىشىپتۇ ۋە ئادىل پادىشاھنى قايتىدىن تەختكە ئولتۇرغۇزۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق