سەمەندەر
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا زىمىنى كەڭ، بايلىقى مول، ئاھالىسى ئۆم بىر ماكان بولغان ئىكەن. بۇ ماكاننىڭ ھاكىملىرى ئادىل، پۇقرالىرى دادىل ئىكەن؛ مويسىپىتلىرى مەشرەپ ئوينايدىكەن، نەۋ قىران ئوۋ ئوۋلايدىكەن. بۇ يۇرتتا بىر كاسىپ بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرى ئوت ئالدىدا تۆمۈر تاۋلاش بىلەن ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ بىر ئوغلى بولۇپ، «ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلار» دېگەن نىيەتتە، ئۇنىڭغا سەمەندەر دەپ ئات قويغان ئىكەن، سەمەندەر ئاتسىنىڭ ھۈنەر - كەسپىنى زېھىن قويۇپ ئۆگىنىپتۇ ۋە خوشنىسىنىڭ گۈلەمبەر ئىسىملىك قىزى بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولۇپتۇ. ئۇ،18 ياشقا توشقىندا ئاتا - ئانىسىدىن يېتىم قاپتۇ. سەمەندەر ئاتىسىدىن ئۈگەنگەن كەسپى بويىچە تاغ كېزىپ، داۋان ئېشىپ مەدەن ئىزلەيدىكەن، مەدەننى ئوتتا قىزدۇرۇپ، مايدەك ئېرىتىپ، تۆمۈر تاۋلايدىكەن. تۆمۈردىن ئوۋ سايمانلىرىنى ياسايدىكەن.
بەدىنىگە قۇۋۋەت بولۇپ، ئېيىق بىلەن ئېلىشىپ، يولۋاس بىلەن چېلىشىپ يۈرگەن باتۇر يىگىت سەمەندەر بىر كۈنى يۇرت ئىچىدىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر يەردە قوڭۇر رەڭ توپا ئۆرلەپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى بىلەن بۇ يەردە تاش - مەدەن بارلىقىغا ھۆكۈم قىپتۇ - دە، كېچە -كۈندۈز بۇ يەرنى كولاشقا باشلاپتۇ، گۈلەمبەر كۈن ئارىلاپ ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاش - نان ئېلىپ كېلىپ ئۇنى يوقلاپ تۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنىڭ سۆيگۈ - مۇھەبببىتىمۇ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپتۇ، سەمەندەرگە كۈندۈزى بۇلبۇل، تورغايلار ناخشا ئېيتىپ بەرسە، كېچىسى سانسىز يولتۇزلار نۇر چېچىپتۇ. قىرىق قېتىم كۈن ۋەقىرىق قېتىم ئاي ھەمرا بوپتۇ. قىرىق بىرىنچى كۈنى ئۇنىڭ كولىغان يېرى ئالتە غۇلاچقا يېتىپتۇ. ئەمما مەدەندىن تېخىچە دىرەك بولماپتۇ. سەمەندەر ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ئىشتىن توختاپ قاپتۇ. دەل شۇ چاغدا گۈلەمبەر ئادىتى بويىچە ئۇنى يوقلاپ كەپتۇ. ئىككىسى مۇڭدىشىپتۇ، سىردىشىپتۇ. سۈبھى مەزگىلى بولغاندا، سەمەندەر گۈلەمبەرنىڭ تىزىغا بېشىنى قويۇپ تاتلىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.
سەمەندەر چۈشىدە ئادەمزاتتىن خالى ئاجايىپ چىرايلىق بىر باغنى كۆرۈپتۇ باغدا رەڭمۇ - رەڭ گۈللەر ئېچىلغان، خىلمۇ - خىل قۇشلار سايراپ تۇرغان، ھەر خىل مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىپ تۇرغۇدەكمىش. زۇمرەتتەك سۈپ - سۈزۈك سۇغا تولغان كۆل ئىچىدە تۇرنا، ئۆردەك، غازلار، ئالتۇن بېلىقلار ئۈزۈپ يۈرگۈدەك. سەمەندەر بۇ باغنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ، «ئەل - يۇرت ئۈچۈن شۇنداق بىر باغ بىنا قىلغان بولسام، كاشكى . . . » دەپ ئويلاپتۇ - دە، كۆل بويىغا كېلىپ، ئۇنىڭىدىن ئۇچۇملاپ سۇ ئىچكەن ئىكەن، تۇيۇقسىز كۆز ئالدىدا رەڭمۇ - رەڭ نۇرلار چاقناپ، قولىقىغا يېقىملىق بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ - دە، ئۇنىڭ ئالدىدا ئاپئاق ساقىلى كۆكسىگە چۈشكەن، قىپ - قىزىل مەڭزى ئوتقاشتەك جۇلالىنىپ، پېشانىسىدىن نۇر يېقىپ تۇرغان بىر بوۋاي پەيدا بوپتۇ. سەمەندەر ئىززەت - ئىكرام بىلەن قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ:
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بوۋا، - دەپ ھۆرمەت بىجا كەلتۈرۈپتۇ. بوۋاينىڭ ئىللىق نەزىرى سەمەندەرگە چۈشۈشى بىلەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا غايىبانە بىر كۈچ قوشۇلغاندەك بولۇپتۇ، يۈرەكلىرى ئويناپ كېتىپتۇ. مۇلايىملىق بىلەن سەمەندەرگە دەپتۇ:
_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئەي، ئەل سۆيەر ئوغلۇم، سەن ئارزۇ باغنىڭ شارابىغا ئېغىز تەگدىڭ، ئۈمىدىڭنى ئۈزمەي كەتمىنىڭنى قولۇڭغا ئال، ئەجداتلىرىڭ ساڭا «ھېكمەتلىك كىتاب» سوۋغا قىلۇر. ھەر كۆكلەمنڭ تۇنجى چولپانى كۆچكەندە، كىتابنى كۆكسۈڭگە قويۇپ مۇنۇ بېيىتنى ئېيتساڭ تەلىۋىڭ ئورۇنلانغاي:
خاسىيەتلىك ئەي كىتاب،
ساڭا قىلغايمەن خىتاپ.
ئەلگە شىرىن مېۋەڭنى،
ئاتا قىلغانسەن شۇتاپ.
بوۋاي شۇ گەپنى دەپتۇ - دە، كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. سەمەندەر چۆچۈپ ئويغىنىپ، چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى گۈلەمبەرگە سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئاندىن كولاپ چۈشكەن يېرىگە ئۈچ كەتمەن ئۇرغان ئىكەن، ئۇزۇنلىقى ئۈچ غېرىچ، كەڭلىكى ئىككى غېرىچ، قېلىنلىقى بىر غېرىچ كېلدىغان بىر ئالتۇن ساندۇق چىقىپتۇ. ساندۇقنى ئاچقان ئىكەن. ئىچىدىن ئالتۇن ۋاراقلىق «ھېكمەتلىك كىتاب» چىقىپتۇ. ئۇ، كىتابنى ئاۋايلاپ ئېلىپ كۆكسىگە تېڭىپ تۇرۇپ:
خاسىيەتلىك ئەي كىتاب،
ساڭا قىلغايمەن خىتاپ.
ئەلگە شىرىن مېۋەڭنى،
ئاتا قىلغانسەن شۇتاپ! -
دەپ بېيىت ئېيتىپتىكەن، ھېلىقى كولانغان يەردىن خۇددى ھەسەن - ھۈسەندەك رەڭگا - رەڭ نۇر چەمبىرىكى ھاسىل بولۇپ، ئاستا - ئاستا يۇقىرى ئۆرلەپ بىر تۈپ شەمشاد دەرىخىگە ئايلىنىپتۇ. شەمشادنىڭ غولى ۋە شاخلىرى ئالتۇن بولۇپ، يۇپۇرماقلىرى تىللا ئىكەن. ئۇنىڭ تىللالىرى مەيىن شامالدا ھەيۋەتلىك جىرىڭلاپ پۈتۈن ئەلنى تاتلىق ئۇيقۇدىن ئويغىتىپتۇ. نۇمۇسچان گۈلەمبەر تاڭ يۇرۇقىدا ئەلدىن خىجىل بولۇپ ئۆيگە كېتىپتۇ. خەلق ئاسماننى ۋال - ۋۇل قىلىپ يۇرۇتۇۋەتكەن بۇ ئاجايىپ مۆجىزىگە ھەيران بولۇپ سەمەندەرنىڭ ئەتراپىغا جەم بوپتۇ.
بۇ شۇنداق خاسىيەتلىك دەرەخ ئىكەنكى، ئۇنىڭ تىللالىرى ئۈزۈلگەن ھامان ئورنىغا ئورنىغا يەنە يېڭى تىللالار پەيدا بولىدىكەن. سەمەندەر تىللالارنى ئاۋام - خەلققە تارقىتىپ بېرىپتۇ. بالىلار خوشاللىقىدا چاپانلىرىغا تىللا تۈگىمىلەر قادىشىپتۇ، قىز - جۇۋانلار قۇلاق، بويۇنلىرىغا، بارماق ۋە بىلەكلىرىگە ئالتۇن بېزەكلەر تاقاپتۇ. كۈز پەسلى بولغاندا، بۇ شەمشاد دەرىخى تىللا بېرىشتىن توختاپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، سەمەندەرنىڭ كارامىتى ۋە ھېكمەتلىك كىتابنىڭ داڭقى پۈتۈن ئالەمگە پۇر كېتىپتۇ.
بۇ ئىشتىن ياقا يۇرتتىكى بىر قەللاپ(قەللاپ - ساختىپەز، ھىيلىگەر ) خەۋەر تېپىپتۇ. ئۇ، بايلىققا خورجۇنى تولمىسا بېشى ئاغرىيدىغان ، ئادەم قېنىغا ئېغىزى توشمىسا، چىشى ئاغرىيدىغان ھىيلىگەر ئىكەن. ئۇ، ھېكمەتلىك كىتابنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ كويىدا بىرنەچچە كېچە تەييارلىق قىلىپ، شۇملۇق خالتىسىنى ئېلىپ، ھىيلە - نەيرەڭ قاپقىنىنى راسلاپ، سۈيقەست توزىقىنى قۇرۇپ، سەمەندەرنىڭ يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ.
قەللاپ كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپ بىر مەنزىلگە كەلگەندە، يەر ئاستىدىن سانسىز تىكەنلەر ئۆسۈپ چىقىپ، ئۇنىڭ بەدىنىگە سانجىلىپ، يولىنى توساپتۇ. شۇڭا ئۇ، شۇملۇق خالتىسىدېن جادۇ پەيلىرىنى چىقىرىپ ئۇچۇپ ئۆتۈپتۇ.
ھىيلىگەر قەللاپ يەنە بىر مەنزىلگە كەلگەندە، ئالدىنى تىك تاغلار توساپتۇ. ئۇ، شۇملۇق خالتىسىدىن شوتىسىنى چىقىرىپ يۇقۇرىغا ئۆرلەپ، تاغدىن ئېشىپتۇ. يەنە بىر مەنزىل يول يۈرگەندىن كېيىن، ئالدىنى ئوت يالقۇنلار توساپتۇ، ھىيلىگەر قەللاپ شۇملۇق خالتىسىدىن قايغۇ بۇلۇتلىرىنى چىقىرىپ ئۈستىگە ئولتۇرۇپتۇ ۋە بولۇتلاردىن يامغۇر سۇلىرىنى تۆكۈپ، ئوتنى ئۆچۈرۈپ ئۆتۈپتۇ. يامغۇر سۈيى ئېقىپ بېرىپ چەكسىز كۆل پەيدا قىلىپ ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپتۇ. ئۇ، شۇملۇق خالتىسىدىن قېيىق چىقىرىپ سۇدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپتۇ. قىرغاققا يېقىنلاشقاندا، پىچاقتەك ئۆتكۈر قومۇشلۇققا دۇچكەپتۇ. ھىيلىگەر قەللاپ شۇملۇق خالتىسىدىن بالايى - ئاپەت بورىنىنى چىقىرىپ قومۇشلارنى ۋايران قېلىۋېتىپتۇ ۋە توزغاقلاردىن ئېڭىكىگە پەرداز بېرىپ، مويسىپىت قىياپەتكە كىرىۋېلىپ كۆلدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
ھىيلىگەر قەللاپ ئاخىرقى بىر مەنزىلگە كەلگەندە، ھېلىقى ئۆزى چىقارغان بالايى - ئاپەت بورىنى كەينىگە يېنىپ ئۇنى تاش - بوران ئەيلەپتۇ، قىزىق قۇملار ئۇنىڭ يۈزىگە چوقۇر ۋە سەپكۈندىن ئىز ساپتۇ. ئەتراپ پايانسىز چۆل - جەزىرگە، يىراق - يېقىندىكى ئاۋات شەھەرلەر قۇم دۆۋىسىگە ئايلىنىپتۇ. قەللاپ ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ كېتىۋاتقاندا، تېنەپ قالغان بىر تۆگە ئۇچراپتۇ. ئادىمزاتقا تەشنا بولغان نار تۆگە ئۇنىڭ يېنىغا كەپتۇ - دە، ئۈركۈپ كەينىگە قېچىپتۇ. ھىيلىگەر قەللاپ ئۇنىڭ قۇيرۇقىغا مەھكەم ئېسىۋاپتۇ. نار تۆگە يەتتە كېچە - كۈندۈز يۈگۈرۈپ سەمەندەرنىڭ يۇرتىغا يېقىنلاشقاندا، قۇيرۇقىنىڭ يېرىمى ئۈزۈلۈپ قەللاپنىڭ قولىدا قاپتۇ. نار تۆگە بولسا قېچىپ كېتىپتۇ.
ھىيلىگەر قەللاپ ئىقلىمدا كۆرمىگەن ھەشەمەتلىك بۇ يۇرتنىڭ ئالتۇن قەسىر - راۋاقلىرىنى كۆرۈپ كىرىشكە پېتىنالماي، شۇملۇق خالتىسىدىن ھەسەت بۇلۇتلىرىنى چىقىرىپ ئاسمانغا چېچىپتۇ، بۇلۇتلار ئاينى ئۇياققا، كۈننى بۇياققا ھەيدەپ يۇرت ئاسمىنىغا گۇگۇم پەردىسىنى يېپىپتۇ. قەللاپ ئۇچچىسىغا مويسىپىتلارچە تون كىيىپ، چىرايىدىن كۈلكە ياغدۇرۇپ، سەمەندەرنى ھۇجرىسى ئالدىغا كېلىپ مۇساپىرلارچە نالە - زار قىپتۇ. مېھماندۇست سەمەندەر ئىززەت - ھۆرمەت بىلەن ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ تۆرگە تەكلىپ قىلىپتۇ، مېزىلىك تائاملار بىلەن مېھمان قىپتۇ. قەللاپ تىللالارغا كۆمۈلگەن بۇ يۇرتتىكى سەمەندەرنىڭ كۈلبىسىدە ئالتۇندىن ئەسەر يوقلۇقىغا ھەيران بولۇپ، مۇلايىملىق بىلەن بۇ سىرلارنى كوچىلاپ سوراپتۇ. ئاق كۆڭۈل سەمەندەر ھېكمەتلىك كىتابنىڭ تارىخنى يىپىدىن يىڭنىسىگىچە سۆزلەپ بېرىپتۇ ۋە بۈگۈن سەمەندەردە تۇنجى كۆكلەمنىڭ چولپىنى كۆچىدىغانلىقىنى، ھېكمەتلىك كىتاب ئۆزىنىڭ خاسىيىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىپتۇ. ھىيلىگەر قەللاپ ھەممىنى ئاڭلاپ بولۇپ مەنىلىك كۈلۈپ قويۇپ سەمەندەرنىڭ بېشىنى سىلاپتۇ.
_ ئەي ئوغلۇم، مەن ئارزۇ بېغىدىن سېنى يوقلاپ كەلدىم، بۈگۈن سەھەردە سوۋغىلارنى مەن ئىنئام قىلۇرمەن، دەپتۇ. سەمەندەر مېھمان بوۋايغا تەكرار رەھمەت ئېيتىپ، تازىم بىجا كەلتۈرۈپتۇ.
تاڭ سەھەردە چولپان كۆچەردىن ئىلگىرى ئۇلار شەمشاد دەرىخنىڭ يېنىغا جابدۇنۇپتۇ. سەمەندەر سەل توختاپ تۇرۇشنى،
گۈلەمبەرنىمۇ بىللە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مېھمان قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
_ ئەي ئوغلۇم، ھېكمەتلىك كىتابنىڭ خاسىيىتى شۇكى، خوتۇنلار تائىپىسى ئۇنىڭغا يېقىنلاشماسلىقى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا، مەڭگۈلۈك تىللا دەرىخى ئۇزاق ئۆتمەي قۇرۇپ كېتىدۇ، - دەپتۇ. ئەزەلدىن ئەلگە ئىشەنچ باغلاپ ئادەتلەنگەن سەمەندەر قەللاپنىڭ بۇ پەتىۋاسىغا ئىشىنىپ، باشقا قارشىلىق قىلماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۈلەمبەرنى كۈتمەستىن شەمشاد دەرىخىنىڭ يېنىغا يېتىپ بېرىپتۇ. ھېكمەتلىك كىتاب سېلىنغان ساندۇق دەرەخنىڭ يېنىغا قويۇلغان ئىكەن. سەمەندەر كىتابنى ئېلىپ چولپان كۆچۈشنى كۈتۈپ تۇرغاندا، قەللاپ ئۇنىڭغا بىھوش قىلىدىغان دورا سېلىنغان مەي سۇنۇپتۇ. سەمەندەر مەينى ئىچىپلا ھوشسىزلىنىپ يېقىلىپتۇ. قەللاپ ئۇنى شەمشاد دەرىخىنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ تاشلاپتۇ - دە، قولىغا ھېكمەتلىك كىتابنى ئېلىپ:
خاسىيەتلىك ئەي كىتاب،
ساڭا قىلغايمەن خىتاپ.
ئەلگە شىرىن مېۋەڭنى،
ئاتا قىلغانسەن شۇتاپ! -
دەپتۇ. شەمشادتىن قويۇق ئىس كۆتۈرلۈپ، ئارقىدىنلا قىپ - قىزىل جۇلالىنىپ تۇرغان بىر تۈپ دەرەخ پەيدا بوپتۇ. ئۇنىڭ مېۋىسى قوش مۇشتەك بولۇپ، تېشى سىرلاقلىق، ئىچى مىخلىق ئىكەن، ئىچىدىن قىزىل قان تېمىپ تورىدىكەن. چۈنكى ئۇ سەمەندەرنىڭ قېنى بىلەن قوشۇلۇپ بىنا بولغان ئىكەن. ئاز ئۆتمەي، گۈلەمبەر جامائەت بىلەن يېتىپ كەپتۇ. ھەممىسى قەللاپتىن سەمەندەرنى سوراپتۇ. قەللاپ چىرايىنى ئۆزگەرتمەستىن:
_ سەمەندەر ئوغلۇم ھېكمەتلىك كىتابنى ماڭا تاپشۇرۇپ، ئۆزى ئارزۇ باققا سەيلىگە كەتتى. كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا قايتىپ كېلىدۇ، - دەپتۇ. كىشىلەر بۇ سۆز ۋە مىۋىلەرگە ھەيران بولۇشۇپتۇ، كېيىن بۇ مېۋىگە ئانار دەپ ئات قويۇشۇپتۇ.
گۈلەمبەر ئۆز ئاشىقىنىڭ ھىدى پۇراپ تۇرغان بۇ يەردىن كېتىشكە كۈزى قىيماي، زار - زار يىغلاپ ئاھ ئۇرۇپتۇ. كەچ كىرگەندە، دوستلىرى ئۇنى يۈلەپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپتۇ. ئۇ، ھۇجرىسىدا ياستۇقتىن بېشىنى كۆتۈرمەي يىغلاۋىرىپ چىرايلىرى ساماندەك سارغىيىپ كېتىپتۇ، ئىشقى - پىراق ئوتى ئۇنىڭ يۈرىگىدە گۈلخاندەك يېنىپتۇ. ئۇ، ئانىسىدىن قالغان نەقىشلىك ساتتارنى قولىغا ئېلىپ، مۇڭلۇق مۇقاملارغا چېلىپ، ھەسرەت بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغان بوپتۇ. بىر كۈنى دوستلىرى ئۇنىڭغا ئاچ سېرىق رەڭدىكى بىر دانە ئانارنى ئەكېلىپ بېرىپتۇ ۋە ئۇنى قەللاپتىن بىر تىللاغا تېگىشكەنلىكىنى ئېيتىشىپتۇ. گۈلەمبەر ئانارنى پۇراپ خۇددى سەمەندەرنى كۆرگەندەك بولۇپتۇ - دە، ئىشقى - پىراقى تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلاپتۇ.
ئەمدى گەپنى ھىيلىگەر قەللاپتىن ئاڭلايلى: بۇ ئانار دەرىخى شەمشاد دەرىخىگە ئوخشاش خاسىيەتلىك ئىكەن، بىر تال ئۈزگەندىن كېيىن ئورنىغا يەنە بىر تال ئانار پەيدا بولىدىكەن. قەللاپ ھەر بىر تال ئانارنى بىر دانە تىللاغا تېگىشىدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ. سەمەندەرنى سېغىنغان خەلق ئۆيلىرىدىكى بارلىق تىللالارنى ئېلىپ كېلىپ ئانارغا تېگىشىپ كېتىپتۇ. كىشىلەر ئانارنى قولىغا ئالسىلا سەمەندەر كۆز ئالدىغا كېلىپ يېيىشكە تىلى بارماي تەكچىلىرىگە تىزىپ قويۇپتۇ، قۇرۇپ قالغان ئانارلارنىڭ ئۇرۇقىنى ساقلاپ قويۇشۇپتۇ. كۈز كۈنلىرى كەلگەندە، ئانار مېۋە بېرىشتىن توختاپتۇ. قەللاپ ھېسابسىز تىللاغا ئىگە بۇلۇۋاپتۇ، ئۆزىگە ھە - ھۇ دېيىشكەنلەرگە تىللا ئىنئام قىپتۇ. شۇندىن كېيىن كىشىلەر تىللالىرىنىڭ ئاز - كۆپلىكىگە قاراپ باي ۋە يوقسۇل دەپ ئايرىلىپتۇ. تەڭسىزلىك كىشىلەر ئارىسىدا ئۆچمەنلىك، ئاداۋەت ۋە ھەرخىل سۈيقەست، ھىيلىگەرلىكلەرنى پەيدا قىپتۇ، خەلق قەللاپقا غەزەبلىنىدىغان بوپتۇ. بۇنى سەزگەن قەللاپ ھېكمەتلىك كىتابنى بىر بايغا نۇرغۇن تىللاغا تېگىشىۋېتىپ، شۇملۇق خالتىسىدىكى پىنتە - پاسات ئۇرۇقلىرىنى يۇرتقا چېچىۋېتىپتۇ. شۇ ھامان يەردىن شۇم بۇيا، تىكەن، زەھەرلىك چۆپلەر ئۈنۈپ چىقىپتۇ. ھىيلىگەر قەللاپ نەچچە ئونلىغان نار تۆگە سېتىۋېلىپ بارلىق تىللالىرىنى ئارتىپ يولغا راۋان بوپتۇ، مېڭىپ - مېڭىپ قۇم باسقان ھېلىقى چۆللۈك ئىچىدە كېتىۋاتقاندا، بوران چىقىپ قەللاپنى قۇم بېسىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. ئۇنىڭ جەسىدى قۇم ئاستىدا چىرىپ پارە - پارە بولۇپ چاشقان، چايانلارغا ئايلىنىپتۇ. ئۈستىگە تىللا ئارتىلىپ، قۇيرۇقلىرى بىر - بىرىگە چېتىلغان تۆگىلەر بوراندىن قېچىپ ھەر تەرەپكە يۈگۈرۈشكەن ئىكەن، ھەممىسىنىڭ قۇيرۇقلىرى ئۈزۈلۈپ كېتىپتۇ. شۇندىن تارتىپ تۆگىلەرنىڭ قۇيرۇقى كالتە بولۇپ قالغان ئىكەن. سانسىزلىغان تىللالار شۇ چۆل - جەزىردە قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ قاپتۇ. كېيىنكى زامانلاردا كىشلەر بۇ تىللالارنى ئېلىش ئۈچۈن بارغىنىدا، چايانلار ئۇلارنى چېقىپ ئۆلتۈرۈپتۇ.
ئەمدى ئىككى ئېغىز سۆزنى ھېكمەتلىك كىتابنى ئېلىۋالغان بايدىن ئاڭلايلى: باي ئىككىنچى يىلى باش باھارنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپتۇ. تۇنجى چولپان كۆچىدىغان كۈنى سەھەردە ھېچكىمگە تۇيدۇرماي ئانار دەرىخنىڭ يېنىغا كەپتۇ ۋە ھېكمەتلىك كىتابنى كۆكسىگە قويۇپ
خاسىيەتلىك ئەي كىتاب،
ساڭا قىلغايمەن خىتاپ.
ئەلگە شىرىن مېۋەڭنى،
ئاتا قىلغانسەن شۇتاپ! -
دەپ بېيىت ئېيتىپتۇ. شۇ ھامان يەر - زىمىن لەرزىگە كەپتۇ، ئانار دەرىخى بىردىنلا سانسىز يۇپۇرماق چىقىرىپتۇ، يۇپۇرماقلار ئارىسىدىن ھېسابسىز قۇرۇتلار پەيدا بولۇپ، شاخلارنى قاپلاپ كېتىپتۇ. قۇرتلار سۈرلۈك لۆمشۈپ بايغا خىرىس قىپتۇ. قورقۇپ كەتكەن باي ھېكمەتلىك كىتابنىمۇ ئۇنتۇپ، ئالدى - كەينىگە قارىماي بەدەر قېچىپ كېتىپتۇ.
دەل شۇ چاغدا گۈلەمبەرنىڭ كۆزى ئويقۇغا ئىلىنىپ چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە سەمەندەر شەمشاد دەرىخى ئۈستىدە كۈلۈپ تۇرۇپ دېگۈدەك:
_ جېنىم گۈلەمبەر، تېز كېلىڭ! ئەنە ھېكمەتلىك كىتاب . . . .
گۈلەمبەر سۆزنىڭ ئاخرىنى تۇلۇق ئاڭلىيالماي چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ - دە، يۈگۈرگىنىچە ھېلىقى دەرەخنىڭ تۈۋىگە يېتىپ كەپتۇ. قارىسا، بىر دەرەخ تۇرغۇدەك، دەرەخنىڭ شاخلىرى ئارىسىدا چىرايلى قۇرۇتلار سىپايىلىق بىلەن ئۆمىلەپ يۈرگۈدەك، دەرەخنىڭ يېنىدا ھېكمەتلىك كىتاب پارقىراپ تۇرغۇدەك. گۈلەمبەر نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغاندا تۇيۇقسىز بوران چىقىپ، قۇيۇنلار ئۇچۇشقا باشلاپتۇ. ئۇ ئالدىراپ دەرەخنىڭ ئاستىدىكى يەرنى ئىككى - ئۈچ غېرىچ كولاپ ھېكمەتلىك كىتابنى كۆمۈپ قويۇپتۇ. بوران دەرەخنىڭ يوپۇرماق ۋە قۇرتلىرىنى يەرگە قېقىپ چۈشۈرۈپتۇ، گۈلەمبەر سەمەندەر بىنا قىلغان بۇ دەرەخنىڭ قۇرتلىرىنى يىغىپ ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. بوران بىر نەچچە كۈن داۋام قىپتۇ. ھېلىقى دەرەختىكى قۇرتلار يەرگە چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ئاق ۋە قىزىل رەڭلىك بارماقتەك - بارماقتەك مېۋە پەيدا بولۇپ قاپتۇ.
بوران بۇ مېۋىلەرنى قۇرۇتۇپ، ئۇچۇتۇپ پۈتۈن يۇرتقا تارقىتىۋېتىپتۇ.
گۈلەمبەر ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاشىقىغا بولغان مۈھەببىتى بىلەن بۇ قۇرتلارنى ئاسراپ بېقىپتۇ. قۇرتلار چوڭىيىپ ئىنچىكە يىپ غالتىكىنى تاشلاپ ئۇچۇپ كېتىشىپتۇ. گۈلەمبەر بۇ ئاشىقلىق رىشتىسىدىن بولغان يىپلاردىن ھەرخىل چىرايلىق ئەتلەس - شايىلارنى تۇقۇپتۇ. يىپەك ئەنە شۇنداق پەيدا بولغان ئىكەن. ھېلىقى بارماقتەك مېۋە چۈشكەن دەرەخكە كىشىلەر ئۈژمە دەرىخى دەپ ئات قويۇپتۇ. ئۇنىڭ مېۋىسى يېسە - يېسە تۈگىمەيدىكەن.
ئۈچىنچى يىل باھار پەسلىدە گۈلەمبەر يەنە چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە سەمەندەر ئۇنى يەنە چاقىرىپتۇ. گۈلەمبەر ئىشقى - پىراق ئوتىدا ئۆرتىنىپ، ئۈژمە دەرىخى يېنىغا كەپتۇ، شۇ ۋاقىت دەل چولپان كۆچەر چېغى ئىكەن. گۈلەمبەر كۆككە قاراپ:
خاسىيەتلىك ئەي كىتاب،
ساڭا قىلغايمەن خىتاپ.
ئەلگە شىرىن مېۋەڭنى،
ئاتا قىلغانسەن شۇتاپ! -
دەپ بېيىت ئېيتقان ئىكەن، ھەسەن - ھۈسەندەك نۇرلار چاقناپتۇ ۋە بۇ نۇرلار گۈلەمبەرنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، گۈلەمبەر شۇ كۈنى ئارزۇ باغقا بېرىپ ئاشىقى سەمەندەر بىلەن دىدار كۆرۈشۈپ، مۇرات - مەقسىتىگە يېتىپتۇ. شۇندىن تارتىپ بۇ يۇرتتىكى كىشىلەر باش يامغۇر ياققاندا، گۈلەمبەرنىڭ كۆز يېشىنى ئەسلەپ، يامغۇر يۈيىگە ئېغىز تېگىدىغان بوپتۇ، ھەسەن - ھۈسەننى بولسا، ئاشىقلارنىڭ ۋىسال شاتلىقىدىن چاقنىغان نۇرنىڭ جىلۋىسى، دەپ تاماشا قىلىدىغان بوپتۇ.
گۈلەمبەر ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن چاغدا ئۈژمە دەرىخىدە بىر كارامەت يۈز بېرىپتۇ. ئۈژمە دەرىخى ئورنىغا خۇددى شەمشاد دەرىخىدەك بىر تۈپ دەرەخ پەيدا بوپتۇ. شاخلىرىدا خۇددى تىللادەك مېۋە چۈشۈپتۇ. ئەپسۇسكى، كىشىلەر بۇ مېۋىنىڭ چېچەكلىگەنلىكىنى پەقەتلا كۆرەلمەپتۇ. خاسىيەتلىك كىتاب كىشىلەرگە بەختى چىچەكلىمىگەن بىر جۈپ ئاشىقنىڭ شىرىن مۇھەببىتىنى ۋە سەمەندەرنىڭ يۇرتىغا بولغان كۆيۈمچانلىقىنى ئەسلىتىش ئۈچۈن مانا شۇ چەكسىز مېۋىنى ئاتا قىلغان ئىكەن. كىشىلەر بۇ مېۋىگە ئەنجۈر دەپ ئات قويۇشۇپتۇ.
گۈلەمبەر يوقىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ دوستلىرى گۈلەمبەرنى خاسىيەتلىك كىتابنى نەگىدۇر ئىككى - ئۈچ غېرىچ كولاپ كۆمۈپ قويغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. كىشىلەر بۇ كىتابنى ئىزلەپ ھەممە يەرنى ئىككى - ئۈچ غېرىچ كولاپ چىقىپتۇ، بىراق كىتاب تېپىلماپتۇ. كولانغان بۇ يەرلەرگە ئانار، ئۈژمە، ئەنجۈر ئۇرۇقلىرىنى چېچىپتۇ، بۇ ئۇرۇقلار باھار پەسلىدە ئۈنۈپ چىقىپتۇ. يىللار ئۆتۈپ سەمەندەرنىڭ يۇرتى خۇددى ئارزۇ بېغىغا ئوخشاش مېۋىلىرى مول، گۈزەل باغقا ئايلىنىپتۇ. كىشىلەر ئۆزىنىڭ بۇ يۇرتىغا «نەزەر باغ» دەپ ئات قويۇپتۇ. ئادەملەر ھەريىلى باھار پەسلىدە ھېكمەتلىك كىتابنى ئەسلەپ يەر ھەيدەيدىغان بوپتۇ. سەمەندەرنىڭ يۇرتىدىكى بۇ ئاجايىپ ئىشلار پۈتۈن ئىقىلىمغا ئاڭلىنىپتۇ. ئىنسانلار شۇندىن باشلاپ ھېكمەتلىك كىتابنى ئىزلىشىپ يەرلەرنى ئاغدۇرىدىغان، كېيىن ئۇرۇق چېچىپ زىرائەتلەرنى تېرىيدىغان ۋە مېۋە كۆچەتلىرىنى تىكىدىغان بوپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا تېرىقچىلىق قىلىش ئەنە شۇنداق پەيدا بولغان ئىكەن.