UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقھۈنەرنىڭ ھىكمىتى

ھۈنەرنىڭ ھىكمىتى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇننىڭ بۇرنسىدا، ھېكىماخۇن دېگەن بۇ ھۈنەرۋەن ئۆتكەن ئىكەن. بۇ ئادەمنىڭ بىلمەيدىغان ھۈنىرى، ئوقۇمىغان كىتابى يوق ئىكەن، ئۆزى ھەر تەرەپتىن ھېكمەتلىك ئىكەن، شۇڭا بۇ ئادەمنى خەلق ھېكمەتلىك ھېكىماخۇن دەپ ئاتايدىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى بۇ ئادەم ئۈچ ئوغلىنى ئالدىغا چاقىرىپ مۇنداق دەپتۇ: - بالىلىرىم، يېشىم بىر يەرگە يەتتى، ئۆمرۈم ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن ئۆتتى. خام ھېساب قىلغىنىمدا يەتمىش يەتتە تۈرلۈك ھۈنەر بىلىدىكەنمەن. شۇنداق بولسىمۇ، مېنىڭ بىلىدىغىنىم دۇنيادىكى ھۈنەرنىڭ مىڭدىن بىرىچىلىكمۇ ئەمەس، ئادەم بالىسىغا يەتمىش مىڭ ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ، ھۈنەرسىز ئادەم مېۋىسىز دەرەخ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە ھۈنەر ئۆگىتىپ قوياي. ناۋادا ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ، بېشىڭلارغا كۈن چۈشكەندە ئەسقېتىپ قالار. - ئاتا، مەن رەسساملىق بىلەن نەققاشلىقنى ئۆگىنەي، - دەپتۇ چوڭ ئوغلى. - مەن نەغمە ئۆگىنەي، - دەپتۇ ئوتتۇرانچى ئوغلى. كىچىك ئوغلى بولسا: - ئاتا، مەن لەقەنباز بولاي، - دەپتۇ. شۇ چاغدا چوڭ ئوغلى ئىنىسىغا: - ئىنىم، سەن لەقەنبازنى ئۆگەنمەي، باشقا ھۈنەر ئۆگەن، ئۇ ياخشى ھۈنەر ئەمەس، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئاتىسى: - بالىلىرىم، ھۈنەرنىڭ ياخشى - يامىنى يوق، چوڭ - كىچىكىمۇ يوق، پەقەت ھەر كىشى تاللاپ، ياقتۇرغان ھۈنىرىنى ئۆگىنىشى لازىم. ھەر كىم ئۆزى ياراتقان ھۈنەرنىلا ياخشى ئۆگىنىپ چىقالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆگىنىۋەرسۇن، - دەپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ، ھېكىماخۇن بالىلىرىغا ھۈنەر ئۆگىتىشكە باشلاپتۇ. ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ، ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بالىلىرى ئۆزى خالىغان ھۈنىرىنى كامىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئاتىسى: - بالىلىرىم، ئەمدى بىرىڭلارنىڭ ھۈنىرىنى بىرىڭلار ئۆگىنىشكە بېرىلىڭلار، - دەپتۇ. بالىلىرى ئارىدىن بىر يىلنى ئۆتكۈزۈپ، بىرىنىڭ ھۈنىرىنى بىرى ئۆگىنىپ، ھەر بىرى ئۈچتىن ھۈنەرگە مۇكەممەل بولۇپتۇ. بالىلىرىنىڭ ئالدى 18 ياشقا كىرىپتۇ، ئۇلار ناھايىتى چىداملىق، پاكىز، ئەقىللىق ھۈنەرۋەنلەردىن بولۇپتۇ. بۇلارنىڭ ياسىغانلىرى، ئىشلىگەن ئىشلىرى خەلقى - ئالەمنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ. مەن - مەن دېگەن ئادەملەرمۇ بۇلارغا باش ئېگىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېكىماخۇننىڭ داڭقى دۇنياغا تارىلىپتۇ. ھەر قايسى يۇرتلاردىن كەلگەن مۆتىۋەر ئادەملەر ھېكىماخۇننى زىيارەت قىلماي، ئۇنىڭ مەخسۇس سارىيىدىكى ھىكمەتلەرنى، نەرسە - كېرەكلەرنى كۆرمەي تۇرۇپ كەتمەيدىغان بوپتۇ. ھەتتا پادىشاھلارمۇ زىيارەت قىلىپ كېلىپ، ئېلىپ كەلگەن سوغىلىرىنى تەقدىم قىلىپ كېتىدىغان بوپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى باشقا بىر شەھەردىن 12 مىڭ سودىگەر سودا ئىشلىرى بىلەن ھېكىماخۇن بىلەن كۆرۈشۈپ، ھال - ئەھۋال سوراپتۇ. مەخسۇس مېھمانخانىدا زىياپەتتە ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىپتۇ. زىياپەتتىن كېيىن ئۇلار ھېكىماخۇننىڭ ھىكمەتلىرىنى كۆرۈپتۇ. ئاندىن مېھمانلار قايتار ئالدىدا ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن سوۋغىلىرىنى تەقدىم قىلىپتۇ. شۇ ئارىدا بىرسى ھېچ نەرسە سوۋغا قىلالماي، بىر قوينىغا، بىر ھېكىماخۇنغا قاراپ - قاراپ تۇرغىدەك. بۇنى سەزگەن ھېكىماخۇن >توختا، بۇنىڭدا بىر سىر بولسا كېرەك< دېگەن ئويغا كېلىپ ھېلىقى كىشىنى ئېلىپ قاپتۇ. ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن: - سىز، بىر نەرسە ئېلىپ كەلمەپتىمەن، دەپ خىجالەتتە قالدىڭىزمۇ نېمە؟ - دەپ كۆڭۈل سوراپتۇ ھېكىماخۇن. - يوقسۇ تەقسىر، مەن تېخى سىزنىڭ داڭقىڭىزنى ئاڭلاپ، ياش كىشى چېغى دەپ، بىر قىزىل تون ئېلىپ كەلگەن ئىدىم، قارىسام سىز مەن ئويلىغاندەك چىقمىدىڭىز، ئۆزىمىزنىڭ ئاتىسىدەك ئادەم ئىكەنسىز، شۇڭا ئېلىپ كەلگەن نەرسەم لايىق كەلمىگەندىن كېيىن، تەقدىم قىلىشقا ئۇيلىنىپ قالدىم، - دەپتۇ ھېلىقى ئادەم. قېنى، كۆرسىتىڭ؟ - دەپتۇ ھېكىماخۇن. ھېلىقى سودىگەر قوينىدىن توننى ئاپتۇ، بۇنى كۆرگەن ھېكىماخۇن رەختىنىڭ ئېسىللىقىغا، تىكىلىشىنىڭ چىرايلىقلىقىغا ھەيران قاپتۇ. - مۇشۇنىڭغا خىجالەت بولدىڭىزمۇ؟ - دەپتۇ ئۇ. - يوقسۇ تەقسىر، - دەپتۇ ھېلىقى سودىگەر توننىڭ يانچۇقىدىن بىر قىزنىڭ سۈرىتىنى ئېلىپ كۆرسىتىپتۇ، ھېكىماخۇن ئۇ سۈرەتنى كۆرۈپلا: - ئوغلۇم، بۇ كىمنىڭ سۈرىتى؟ - دەپ سوراپتۇ. - بىزنىڭ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىڭ قىزى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھېلىقى سودىگەر. - ھە - ھە، - دەپتۇ ھېكىماخۇن، - ئادىمىزات ئىچىدە مۇنداق ھۆسۈندار بالىنىڭ تۇغۇلغىنىغا ئاپىرىن! - رەھمەت ئوغلۇم، دۇنيارىڭىز زىيادە بولسۇن، ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن! - دەپ دۇئا قىلىپ قاپتۇ... كۈنلەر، ئايلار ئۆتۈپتۇ، بىر كۈنى چوڭ ئوغلى بىر ئىش بىلەن ئامبارغا كىرىپ ھېلىقى قىزىل توننى كۆرۈپ قاپتۇ. توننى قولىغا ئېلىپ ھەيران بولۇپتۇ، ئۇنى بىر قېقىۋېتەي دەپ، شۇنداقلا سىلكىشىگە، يانچۇقىدىن ھېلىقى قىزنىڭ سۈرىتى يەرگە چۈشۈپتۇ، ئوغۇل شۇ ھامان ئاشىق بولۇپتۇ، سۈرەتنى يانچۇقىغا سېلىپ، ئامباردىن يېنىپ چىقىپتۇ - دە، شۇ كۈندىن باشلاپ ساماندەك سارغىيىشقا باشلاپتۇ، گېلىدىن تاماق ئۆتمەپتۇ، ئولتۇرغان يېرىدە خىيال سۈرۈپ، يۈرىكى ئوت بولۇپ، ھەسرەت ئىچىدە قاپتۇ... ئارىدىن سەككىز ئاي ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى ھېكىماخۇن خوتۇنىنى چاقىرىپ: - خوتۇن، ئوغۇللىرىمىزنىڭ ئالدى چوڭ بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا كۆپ ئويلايدۇ، بەلكىم ئۆيلەنگۈسى كېلىپ، شۇنداق قىلغاندۇر. ھېلىقى سودىگەر سوۋغا قىلغان توننىڭ يانچۇقىدىكى پادىشاھنىڭ قىزىغا ئەلچى ئەۋەتسەك، قانداق دەيسەن؟ - دەپتۇ. - بېرەرمۇ؟ يە >سەن گادايلار مېنىڭ قىزىمغا ئەلچى ئەۋەتىشكە قانداق پېتىندىڭ< دەپ بىرەر خېيىم - خەتەر يەتكۈزۈپ قويارمۇ؟ - دەپتۇ. خوتۇنى. - ئۇنىمايدىغان نېمە گەپ بار دەيسەن، قىز بالا دېگەن ئۇچتۇم - تۇت نېمە، - دەپتۇ ھېكىماخۇن. شۇنىڭ بىلەن ئەر - خوتۇن بىر پىكىرگە كېلىپ، ياخشى بىر ئادەمنى ئەلچى قىلىپ شەھەر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتمەك بولۇشۇپتۇ. ئەلچىمۇ تېپىلىپتۇ، مەسلىھەتمۇ پىشىپتۇ. ئەلچى يولغا چىقار ئالدىدا: - مەلىكىنىڭ سۈرىتىنى ئېلىپ چىقىڭلار، مەن كۆرۈپ باقاي، - دەپتۇ. ئاتىسى دەررۇ ئامبارغا كىرىپ قارىسا، رەسىم يوق، ئۇلار شۇ چاغدىلا ئوغلىنىڭ قىزغا ئاشىق بولۇپ، مەلىكىنىڭ ئىشقى ئوتىدا كۆيۈپ يۈرگەنلىكىنى بىلىپتۇ. ئەلچى ئۈچ ئاي دېگەندە ھېلىقى شەھەرگە يېتىپ بېرىپ، پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرىپتۇ. لېكىن پادىشاھ ئۇلارنى گادايدىن گادايغا سېلىپ ئوردىدىن قوغلىۋېتىپتۇ، ھەتتا ئۇلارنى زىندانغا بەنت قىلماقچى ئىكەن، باشقا ئەلدىن كەلگىنىنى نەزەرگە ئېلىپ، رەھىم قىلىپتۇ. ئەلچىلەر ئاران قېچىپ قۇتۇلۇپتۇ. ھېكىماخۇننىڭ ئوغلى ئەھۋالنى ئاڭلاپ غەزەپلىنىپتۇ. يۈرىكىدىكى مەلىكىنىڭ ئوتى لاۋىلداپ يېىپتۇ، ئۇ ھېچ چىداشقا تاقەت قىلالماپتۇ. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتمەيلا، ئۇ ئىككى ئىنىسىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئاتا - ئانىسىدىن رازىلىق ئېلىپ، يولغا راۋان بولۇپتۇ. ئۈچ ئاكا - ئۇكا ئەسۋاب - جابدۇقلىرىنى ئېلىپ، ئۈچ ئاي يول يۈرۈپتۇ، شام ۋاقتىدا قىزنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، شەھەر سىرتىدىكى بىر چايخانىغا چۈشۈپتۇ. بۇ كېچىسى ئۈچەيلەن ئۇخلىماي، ھەر قايسى يۇرتلاردىن كەلگەن يولۇچىلار بىلەن سۆھبەتتە بولۇپتۇ. ئاندىن پادىشاھلارنىڭ ئادالەتلىك ۋە ئادالەتسىزلىكلىرى ئۈستىدە گەپلىشىپتۇ. گەپتىن - گەپ چىقىپ ئارىدىن بىرى بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى ئۈستىدىن شىكايەت باشلاپتۇ. - بالىلىرىم، مېنىڭ يېشىم يۈز ئەللىككە يەتتى، تىرىكچىلىك ئىزلەپ، مېنىڭ بارمىغان يېرىم، تۇرمىغان شەھىرىم قالمىدى. قايسى شەھەرگە بارماي، مەن بىر چىشلەم نانغا زار، بىر پارچە لاتىغا خار بولۇپ ئۆتتۈم، ئاڭلىشىمچە، مۇشۇ شەھەردىن قوغلىۋېتىلگەن ئادەملەردىن يەتتە مىڭ كىشى ئالدىمىزدا تۇرغان تاغنىڭ ئىچىدە ئاچ - يالىڭاچ، ئازابتا ئىكەن... ئۇلارنىڭ نېمە كۈن كۆرۈۋاتقىنىنى كىم بىلسۇن، خۇدا ئۆزۈڭگە ئامانەت... شۇندىن كېيىن ئۈچ ئاكا - ئۇكا بوۋاي بىلەن خوشلىشىپ، شەھەرگە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ، چۈش مەزگىلىدە پادىشاھنىڭ ئوردىسى يېنىدىكى بىر كىشىنىڭ سارىيىغا چۈشۈپتۇ. ھويلىنىڭ بىر ئايرىم تەرىپىدىن تۆت ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ، شۇ ئۆيدە تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلاپتۇ. ئۇلار بىر كۈنى بازادىن بوياق، قەغەز سېتىۋېلىپ گۈل ياساپتۇ. بۇ گۈلنى سېتىپ كېلىش ئۈچۈن، سارايۋەنگە تاپشۇرغاندا، ئۇ بۇ گۈلنىڭ چىرايىقلىقىغا ھەيران قېلىپ: - بالىلىرىم، بۇنى قانچىگە سېتىپ كەلسەم بولىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - بۇ گۈلنى ئون تىللاغا سېتىڭ، ئەگەر ئارتۇق ساتسىڭىز ئۆزىڭىز ئېلىڭ، - دەپتۇ. سارايۋەن ئۇنى بازارغا شۇنداق ئەكىرىش بىلەن كىشىلەر ھەر تەرەپتن >مەن ئالىمەن، مەن ئالىمەن< دېيىشىپتۇ. ھەش - پەش دېگۈچە سارايۋەن ئۇنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىپ، ئون بەش تىللارغا سېتىپ، ئون تىللارنى ئۈچ ئوغۇلغا ئاپىرىپ بېرىپتۇ. - ئوغۇللىرىم، بۇ ھۈنەرلىرىڭلارغا خەلقى - ئالەم ھەيران قالدى، ياساپ بەرگەن گۈللەر تالاشتا قالدى، سىلەر ئېغىر كۆرمىسەڭلار ماڭا كۆپرەك ياساپ بېرىڭلار، - دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەر تۈرلۈك مەنزىرىلەرنىڭ، جەڭلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى، ئويۇن - تاماشىلارنىڭ سۈرەتلىرىنى سىزىپ، سارايۋەنگە بېرىپ تۇرۇپتۇ. سارايۋەن ھەش - پەش دېگۈچە سېتىپ ئاقچسىنى بالىلارغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى پادىشاھنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى بازاردا كېتىۋېتىپ، سارايۋەننىڭ قولىدىكى سۈرەتنى كۆرۈپ قاپتۇ، ئۇنىڭ تېگى - تەكتىنى سۈرۈشتۈرمەيلا، دېگىنىگە سېتىۋېلىپ، ئوردىغا ئېلىپ كەپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھنىڭمۇ سۈرەتكە كۆزى چۈشۈپتۇ، شۇ زامات ۋەزىردىن سورىۋاپتۇ - دە، ئۆيىگە كېلىپ: - قىزىم، سېنىڭ ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن زىننەتلىك نەرسىلىرىڭدىن بىرىنى تېپىپ كەلدىم، - دەپ ھېلىقى رەسىمنى ئېچىپتۇ. - پاھ، نېمە دېگەن ياخشى سۈرەت! بۇنى قەيەردىن ئالدىڭىز؟ بۇنى سىزغان كىم ئىكەن، - دەپ تېگى - تەكتىنى سوراپ كېتىپتۇ قىز. - ۋەزىر بازادىن ئېلىپ كەلگەن ئىكەن، ساڭا دەپ سوراپ ئېلىۋالدىم، بىراق كىمنىڭ سىزغانلىقىنى سورىماپتىكەن، - دەپتۇ پادىشاھ. - ۋاي، ۋەزىرنى چاقىرتساق، شۇ كىشىنى ئالدۇرۇپ كېلىپ، يەنە كۆپ ئىشلارنى قىلدۇرساق، - دەپتۇ مەلىكە. پادىشاھ ۋەزىرنى چاقىرتىپتۇ. - بۇنى كىمدىن ئالغان ئىدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ. - بىر سارايۋەندىن ئېلىۋىدىم، - دەپتۇ ۋەزىر. - سارايۋەننىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھنىڭ قىزى. - بىلىمەن، ئەگەر لازىم بولسا، ھازىر چاقىرىمىز، - دەپتۇ ۋەزىر. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، سارايۋەن قىزنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلۈپتۇ. مەلىكە سارايۋەندىن ئەھۋالنى ئۇقۇپ، ئۇچ ئاكا - ئۇكىنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ. سارايۋەننىڭ پۇت - قولى يەرگە تەگمەي بېرىپ ھېلىقى بالىلارغا مەلىكىنىڭ بۇيرۇقىنى يەتكۈزۈپتۇ. - ھە، ئەمدى قولغا چۈشۈردۇق، - دەپتۇ ئۇلار. ئەتىسى چوڭى راسا ياسىنىپ، چاقماقتەك بولۇپ، مەلىكىنىڭ يېنىغا مېڭىپتۇ. ئۇنى دەرۋازا ئالدىدا كىنىزەكلەر كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن. بىر چاغدا چوڭ ئوغۇل شۇنداق كېلىشىگە كىنىزەكلەر ئۇنى ئارىغا ئېلىپ، توپ - توغرا مەلىكىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كىرىپتۇ. مەلىكە ئوغۇلنى كۆرۈپ ئاشىق بولۇپتۇ، ئوڭ يېقىدىن ئورۇن بېرىپتۇ، ئۇنىڭ جامالىغا قاراپلا قاپتۇ. كىنىزەكلەرمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ كۆز ئۈزەلمەي، چۆرىسىدىن كېتەلمەي قاپتۇ. مەلىكە: - سىز كىم بولىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ. ھۈنەرۋەن بولىمەن، - دەپتۇ يىگىت. - قانداق ھۈنەرلەرنى بىلىسىز؟ - دەپتۇ مەلىكە. - يەتمىش ئىككى تۈرلۈك گۈل، يەتمىش ئىككى تۈرلۈك نەقىش، يەتمىش ئىككى تۈرلۈك ساز ۋە يەتمىش ئىككى تۈرلۈك يەر قېزىش ھۈنىرىنى بىلىمەن، - دەپتۇ يىگىت. - ئۇنداق بولسا، ماڭا كۆيىقاپنىڭ سۈرىتىنى يىگىرمە ياڭزا گۈل بىلەن چۈشۈرۈپ بىرەلەمسىز؟ - دەپ سوراپتۇ مەلىكە. - سىز ئۈچۈن جېنىمنىڭ بېرىچە ئىشلەپ كۆرەي، - دەپتۇ يىگىت. يىگىت كېلىشىپ چىقىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ يىگىت كېچە - كۈندۈز ئۇيقۇدىن بىزار بولۇپتۇ. ئون كۈن توشقىچە مەلىكىنىڭ كۆزى يىگىتنىڭ يولىغا بەنت بولۇپتۇ. ئون كۈنمۇ توشۇپتۇ. شۇ كۈنى مەلىكە كېچىچە كىنىزەكلىرى بىلەن يىگىتنىڭ كېلىشىگە تەييارلىق قىلىپ، تاڭ ئاتقۇزۇپتۇ. كۈن ئارغامچا بويى كۆتۈرۈلۈپ، مەلىكىنىڭ كۆزى راۋاقتىن يولغا تىكىلىپ تۇرغاندا، يىگىت ئىككى ئىنىسى بىلەن سارايۋەننى ئەگەشتۈرۈپ سىزغان رەسىم ۋە گۈللىرىنى كۆتۈرۈپ، يېتىپ كەپتۇ. مەلىكە ئۇلارنى راۋاقتىن چۈشۈپ، خۇشال قارشى ئاپتۇ. مەخسۇس تەييارلانغان ئۆيگە باشلاپتۇ. ئالدى بىلەن ئۇلار چايغا ئولتۇرۇپتۇ. چايدىن كېيىن، ئۇلار سىزىپ كەلگەن گۈللەرنى ئېچىپ، قاتىرىسىغا تىزىپ، قىزلارنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن مەلىكە ۋە كېنىزەكلەر ھەيران بولۇپتۇ، كېنىزەكلەر >مۇنۇ مېنىڭ، مۇنۇ مېنىڭ< دېيىشىپ بىر - بىرلەپ گۈللەرنىڭ قېشىغا بېرىشىپ، كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ. بەزىلىرى جىلۋە قىلىپ يىگىتلەردىن زادىلا كۆز ئۈزەلمەپتۇ. بىر چاغدا يىگىتلەرنىڭ ئاكىسى كۆيىقاپنىڭ سۈرىتىنى شۇنداق بىر ئاچقان ئىكەن، بارلىق قىزلار >ۋىييەي، ئاپىرىن!...< دېيىشىپلا سۈرەتكە قارىغىنىچە، خۇددى جانسىز ئادەمدەك، تۇرغىنى تۇرغان يەردە، ماڭغىنى ماڭغان يەردە، كۈلگنى كۈلگەن پېتى قېتىپلا قاپتۇ. مەلىكىمۇ ئەقلىدىن ئازغاندەك، بىر سۈرەتكە، بىر يىگىتكە قاراپلا قاپتۇ. سۈرەت شۇنداق ئىشلەنگەنكى، باغ، تاغ ئىچىدە نەچچە مىڭ تۈرلۈك گۈل، گۈللەر ياقىسىدا يەتمىش ئىككى تۈرلۈك مېۋە، باغىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۆت تۈپ چىنار، چىنارنىڭ ئوتتۇرىسىدا شىپاڭ، شىپاڭنىڭ ئەتراپىدا يەتمىش ئىككى خىل ئەتىرگۈل، قىزىل گۈل، گۈل ئۈستىدە بۇلبۇللار سايراپ تۇرغان، چۆرىسىدە مەرۋايىتتەك سۇلار ئېقىپ تۇرغان. شىپاڭغا زىلچە - گىلەم سېلىنغان، بىر تەرىپىدە كىنىزەكلەر ئولتۇرۇشقان، بىر تەرىپىدە ساز، نەغمە - ناۋا قاينىغان، ئوتتۇرىدا بولسا مەلىكە ئۇسۇلغا چۈشكەن ھالەتتىكى كۆرۈنۈش. - بۇ سىزنىڭ باھاسىز ھۈنىرىڭىزگە نېمە بېرىمەن؟ - دەپ سوراپتۇ مەلىكە. - ھېچ نەرسە بەرمەيسىز. بىزنىڭ سىزنى ھۆرمەتلەپ، ئىززەتلەپ قىلىپ كەلگەن سوۋغىتىمىز. ئەگەر خالىسىڭىز بىز سىزدىن ھېچ نەرسىمىزنى ئايىمايمىز، - دەپتۇ يىگىتلەرنىڭ چوڭى. مەلىكە ھەممىگە چۈشىنىپتۇ - دە، مىيىغىدا كۈلۈپ قويۇپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ بىر پەس ساز چېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپتۇ. يىگىتلەر ساز باشلاپتۇ - دە، دەررۇ پەدىنى ئۇسسۇلغا يۆتكەپتۇ. ئويۇن - تاماشا، ئۇسسۇل بولغان يەردە ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان مەلىكە بىر ئۇسسۇلغا چۈشۈپتىكىن، ھەتتا ئۆزىنىڭ كېنىزەكلىرىمۇ ھەيران قاپتۇ. ئۇ ھېچقاچان ئوينىمىغان ئويۇننى ئويناپ كېتىپتۇ. بىر پەس ئۇسسۇلدىن كېيىن، ئۇلار قايتىماقچى بولۇپتۇ. قايتار ئالدىدا يىگىت مەلىكىنىڭ سارايغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى سوراپتۇ. مەلىكە دادىسىنىڭ ئوۋدن كېلىدىغان ۋاقتىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ رەھىمسىز ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئاخىرىدا، ئەگەر ئامال بولسا، يىگىتتىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلغۇسى يوقلۇقىنى ئىپادىلەپتۇ. - ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ يىگىت، - توغرا ىر ئاي دېگەندە، بىز سىزنىڭ ياتىدىغان ئۆيىڭىزدىن تېشىپ چىقىمىز. شۇنىڭ بىلەن سىزنى ھەر كۈنى كېچىسى قېشىمىزغا ئېلىپ چىقىپ، كۆڭۈل ئاچىمىز، سىز قانداق قارايسىز؟ - دەپتۇ. - جېنىم - تېنىم بىلەن باراتتىم، - دەپتۇ مەلىكە. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ۋەدىنى پىشۇرۇپ، خوشلىشىپ قايتىپتۇ. ياتىدىغان ئۆيدىن چىقىدىغان يولنى ياساشنى ئويلىشىپتۇ، كىچىك ئىنىسى ئۈچ كۈن كوچنى ئايلىنىپ، مۆلچەرلەپ چىقىپتۇ. ئۇلار ھەر كۈنى كېچىسى يەر قېزىشقا باشلاپتۇ. توغرا بىر ئاي بولغاندا، ئىنىسىنىڭ مۆلچىرىگە يېتىپ، مەلىكىنىڭ ياتقان ئۆيىدىن تېشىپ چىقىپتۇ. مەلىكىمۇ ئۇلارغا ياردەملىشىپ، ئۇ يەرگە بىلىنمەس قىلىپ ئىشىك بېكىتكۈزۈۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەلىكە ھەر كۈنى كېچىسى ئەل ئۇخلىغاندىن كېيىن، راسا ياسىنىپ، ھېلىقى يول بىلەن ئازادە يۇرۇپ، سارايدىكى ئاشىقىنىڭ يېنىغا چىقىپ، مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈپتۇ، ئۇلار ھەر جۈمە كېچىسى نەغمە قىلىپ، مەلىكىنى ئۇسسۇلغا سېلىپ، كۆڭۈل ئېچىپتۇ. ئايلار ئۆتۈپتۇ، سارايدا بولغان نەغمە - ناۋا، ئۇسسۇلنى كۆرگەن كىشىلەر تەرەپ - تەرەپتىن كېلىشكە باشلاپتۇ. بارا - بارا جۈمە ئاخشىمى سارايدا ئادەم قاينايدىغان بولۇپتۇ. دىل ئازابى تارتقان يوقسۇللار نە - نەلەردىن كېلىپ، ساز ئاڭلاپ، ئۇسسۇل كۆرۈپ كېتىدىغان بولۇپتۇ. كېيىنكى كۈنلەردە سارايۋەنمۇ بوش كەلمەي ھەق ئالىدىغان بولۇۋاپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى بۇ ئويۇننى پادىشاھنىڭ ۋەزىرى كىرىپ كۆرۈپتۇ. تا تۈن يېرم بولۇپ، بەزمە تۈگىگىچە ھېچ چىقىپ كېتەلمەي قاپتۇ. سەھنىنىڭ چىرايلىقلىقى، ئۇنىڭدىكى كۆرۈنۈشنىڭ ھەيۋەتلىكلىكى، نەغمە - ناۋانىڭ مۇڭۇقلۇقى، قىزنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇلىنىڭ زىلۋالىقى بىردىنلا ۋەزىرنى باغلىۋاپتۇ. بىراق، مەلىكىنى تونۇيالماپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ۋەزىر بارلىق ئشىنى تاشلاپ، ھەر جۈمە ئاخشىمى سارايغا كېلىپ، ئويۇن كۆرىدىغان بولۇپتۇ. بىر كۈنى ۋەزىر سارايدىكى ئويۇندىن پادىشاھنى خەۋەردار قىلىپتۇ. پادىشاھ بۇ ئويۇننى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ، بىر جۈمە ئاخشىمى بارلىق ۋەزىر، ئۆلىمالىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، ھېلىقى ئويۇنغا بېرىپتۇ. بىراق، ئۇمۇ ئۆز قىزىنى تونۇماي، ئەكسىچە شۇ كۈندىن باشلاپ قىزغا ئاشىقى بىقارار بولۇپتۇ. دەسلىپىدە قىزغا ئاشىق بولغىنىنى ۋەزىرلىرىگە ئېيتماپتۇ، لېكىن ھەر جۈمە ئاخشىمى بۇ ئويۇنغا بېرىشقا ئالدىراپتۇ. پادىشاھ بىر كۈنى ۋەزىرى بىلەن ئايرىم بىر ئۆيدە ئولتۇرغاندا ئىلاجىسىز: - ئەي ۋەزىر، ساڭا ئېيتمىسام بولماس، مەن ھېلىقى سارايدا ئۇسسۇل ئوينىغان قىزغا ئاشىق بولۇپ قالدىم. ئۇ قىز زادى مېنىڭ چۈشۈمدىن چىقمايدىغان بولدى، قانداقلا بولمىسۇن، مەن ئۇ قىزنى ئېلىشىم كېرەك. ناۋادا شۇ ھۈنەرۋەنلەرنىڭ خوتۇنى بولۇپ قالسا، ئۆزۈڭ ئامالىنى قىلارسەن، - دەپتۇ. ۋەزىر: - ئەي پادىشاھىم، ئامال قىلىدىغىنى نېمىسى، پادىشاھنىڭ ئەمىرى ۋاجىپ، بىرلا ئەمىر قىلىمىز، ئىش تامام ۋەسسالام، ۋاھا - ھا - ھا! - دەپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. پادىشاھنىڭ ئۇ قىزغا ئاشىق بولغىنى خەلىپە، ئۆلىما بەگلىرىگىمۇ مەلۇم بولۇپتۇ. ھەتتا قىزنى بەرمىسە، تارتىپ ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئاتارمەن - چاپارمەنلەرمۇ بەلگىنىلىپتۇ. ئاڭغىچە جۈمە ئاخشىمى بولۇپ قاپتۇ. پادىشاھ ئوردا ئەھلىنى ئەگەشتۈرۈپ سارايغا بېرىپتۇ. ئويۇنمۇ باشلىنىپتۇ. ئالدىدا بىر پەس داپ - دۇمباق، نەغمە - ناۋا چېلىنىپ، ساز ئۇسسۇل پەدىسىگە يۆتكىلىپتۇ. پادىشاھ بولسا، ئاشىق بولغان قىزنىڭ چىقىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا قىز سەھنىنىڭ بىر چېتىدىن ئېتىلىپ چىقىپتۇ - دە، سوزۇلۇپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپتۇ. پادىشاھ ئاغزىنى كاماردەك ئېچىپ، تۈكۈرۈكىنى يۇتۇپ، قىزدىن كۆزىنى ئۈزمەپتۇ. قىز شوخ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، راسا قىزىغاندا، پادىشاھنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان بىر ئۆلىماسى ئۇنىڭ مەلىكە ئىكەنلىكىنى سېزىپ قاپتۇ. دەررۇ پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا ئېيتىپتۇ. شۇ زامان پادىشاھنىڭ قاپىقى بىر تۈرۈلۈپتۇ، ئورنىدىن تىك تۇرغان پېتى توغرا ئۆيگە قايتىپ مېڭىپتۇ. ئاڭغىچە مەلىكە دادسىنىڭ ئوڭسىز قايتىقانلىقىنى سېزىپ، دەررۇ ئۇسۇلىنى دەررۇ ئۇسسۇلنى توختىتىپتۇ - دە، كىيىمىنى يۆتكىگەن ھالدا، يەر ئاستىدىكى يول بىلەن قۇيۇندەك يۈگۈرۈپ، ئۆز ئۆيىگە كىرىپ، ھېچنېمىنى كۆرمىگەن ئادەم بولۇپ يېتىۋاپتۇ. ھايال ئۆتمەي پادىشاھ ئىككى جاللاتنى ئەگەشتۈرۈپ، قولىغا مەشئەل تۇتۇپ، مەلىكىنىڭ ئۇخلاۋاتقان ئۆيىگە كىرىپ كەپتۇ. قارىسا، مەلىكە دۇنيادىن بىغەم ئۇخلاۋاتقان. دادىسى تۇيدۇرماي قايتىپ چىقىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ئەتىسىگە ھېلىقى ئۆلىمانى >قىزىمغا ھاقارەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن< دەپ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپتۇ. لېكىن ئۇنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ھېچكىمگە ئۇقتۇرماپتۇ. شۇ كۈنىدىن باشلاپ، پادىشاھنىڭ كۆڭلى غەش بولۇپتۇ، لېكىن قىزنى ئېلىش ئۈچۈن توي تەييارلىقىنى توختاتماپتۇ. يەنە بىر جۈمەمۇ كېپقاپتۇ. پادىشاھ خېلى بۇرۇنلا ئويۇنغا بېرىۋاپتۇ. ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلىدىن ئۆلتۈرگەن ئۆلىماسىنىڭ سۆزى ھېچ چىقماپتۇ. ئويۇن باشلىنىپ قىز ئۇسسۇلغا چۈشۈپتۇ. پادىشاھ راسا سىنچىلاپ قارىسا ئۆزىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى يۈرىكى تۇيۇپتۇ. بىراق، يەنە ئىشەنمەپتۇ. شۇڭا ۋەزىرگە: - ئەي ۋەزىر، سەن بىر نەرسە سېزىۋاتامسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. ۋەزىر: - يوقسۇ، ھېچ نەرسە سەزگىنىم يوق، جاناپلىرى، سىلى بىر نەرسە سېزىۋاتامدىلا؟ - دەپ پادىشاھدىن سوراپتۇ. - بۇ مېنىڭ قىزىمنىڭ ئۆزىلىغۇ، - بايقىغىنا، - دەپتۇ پادىشاھ. ۋەزىر راسا بايقاپ: - شۇنداقمۇ - يە! - دەپتۇ. - سەن مۇشۇ يەردە بايقاپ تۇر، مەن ئۆيگە بېرىپ كېلەي، - دەپتۇ - دە، ئۆيىگە مېڭىپتۇ. كىشىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ھۆرمەت بىلدۈرۈپ پادىشاھقا يول بېرىپتۇ. پادىشار دەرۋازىدىن چىقىپ ئۆيىگە كېتىپتۇ. شۇ چاغدا قىزمۇ ئۇسسۇلنى توختىتىپ، ھېلىقى يول بىلەن ئۆيىگە بېرىپ، جىم يېتىۋاپتۇ. پادىشاھ قىزىنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. يەنە قايتىپ ئويۇنغا كەپتۇ. پادىشاھ كەلسە، قىز ئۇسسۇل ئويناۋاتقان. پادىشاھ ۋەزىردىن: - مەن كەتكەندىن كېيىن ئۇسسۇل بولۇپ تۇردىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - ياق، سىز كەتتىڭىز، ئۇسسۇل توختىدى. سىز كېلىشىڭىز بىلەنلا ئۇسسۇل باشلاندى، - دەپتۇ ۋەزىر: مەلىكە بولسا، بۇ قېتىم ئادەتتىكى كىيىمى بىلەنلا ئۇسسۇلغا چىقىپتۇ. پاىشاھ بۇنى كۆرۈپ >ۋاھ<! دەپتۇ - دە، يەنە ئورنىدىن تۇرغان پېتى ئۆيىگە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ. توغرا قىزىنىڭ ئۇخلايدىغان ئۆيىگە كىرىپتۇ. پادىشاھنڭ كىرىشى بىلەن تەڭلا مەلىكىمۇ يەر ئاستىدىكى ئىشىكتىن چىقىپ كەپتۇ. - ھەي مۇناپىق! - دەپلا پادىشاھ قىزىنى قوغلاپتۇ. مەلىكە كەينىگە يېنىپلا قېچىپتۇ. پادىشاھ كەينىدىن چۈشۈپ يەر ئاستى يولىدا قوغلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئويۇن قۇيۇلۇۋاتقان يەردىن بىراقلا پەيدا بولۇپتۇ. پادىشاھ بۇ يىگىتلەرنىڭ ھۈنەر - سەنئەتتە كامالەتكە يەتكەنلىكىگە ھەيران بولۇپ، نېمە قىلارنى بىلمەي تۇرۇپ قاپتۇ ۋە ۋەزىردىن مەسلىھەت سوراپتۇ. - بىز بۇ يىگىتلەرنىڭ تېگى - تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقايلى، - دەپتۇ ۋەزىر. پادىشاھ سورىغان ئىكەن، بۇ يىگىتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاۋات دېگەن شەھەردىكى ھېكىماخۇن دېگەن ھۈنەرۋەننىڭ ئوغۇللىرى ئىكەنلىكىنى، ئۈچىلىسىنىڭ ھۈنەرۋەنلىكتە كامالەتكە يەتكەنلىكىنى، پادىشاھنىڭ قىزىنى سۈرىتىدىن كۆرۈپ بۇ شەھەرگە كېلىپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. پادىشاھمۇ، ۋەزىرمۇ ۋە ئويۇن - تاماشا كۆرۈپ تۇرغۇچىلارمۇ يىگىتلەرنىڭ ھۈنەرۋەنلىكتىكى ماھارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. پادىشاھ قىزىنى يىگىتلەرنىڭ چوڭىغا بېرىپ، توي - تاماشا قىلىپ بېرىپتۇ. يىگىتلەر قىزنى ئېلىپ ئۆز يۇرتلىرىغا كېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق