باۋۇدۇننىڭ يول مېڭىشى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
ئۆتكەن زامانلارنىڭ بىرىدە يول ماڭسا ھامان ئىتتىكمۇ ئەمەس، ئاستىمۇ ئەمەس، خۇددى يەر ئۆلچىگەندەك بىر خىل ماڭىدىغان باۋۇدۇن دىگەن بىر ئادەم بولغان ئىكەن.
كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇ ئەنە شۇنداق مېڭىپ كېلىۋاتقاندا، تويۇقسىز شارقىراپ يامغۇر يېغىپ كېتىپتۇ. يولدا كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى يول چېتىدىكى ئۆي پىشايۋىنىنىڭ ئاستىغا كىرىۋاپتۇ. بەزىلىرى ئۇچقاندەك يۈگۈرگىلى تۇرۇپتۇ. باۋودۇن يەنىلا غەم تارتماي مېڭىۋىرىپتۇ. يولۇچىلاردىن بىرى:
- بۇرادەر سەن نىمىشقا ئىلدام ماڭمايسەن؟ - دەپ سورىغان ئىكەن ئۇ:
- ئالدى تەرەپتىمۇ يامغۇر يېغىۋاتقان تۇرسا، تېز ماڭغىنىمنىڭ نىمە پايدىسى؟ - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
باۋۇدۇن پەرۋاسىزلىق بىلەن بىر خىل مېڭىپ كېتىۋاتقاندا، پاتقاققا پەرۋاسىزلىق بىلەن بىر خىل مېڭىپ كېتىۋاتقاندا، پاتقاققا تېپىلىپ يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. بىر يىگىت ئالدىغا كېلىپ:
- يول چېتىدىكى چۆپلۈكتە ماڭسىڭىز تېيىلمايتتىڭىز، - دىگەن ئىكەن، ئۇ پىسەنت قىلماپتۇ. بىر نەچچە قەدەم ماڭا - ماڭمايلا يەنە يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. ئۆمۈلەپ قوپۇپ ماڭاي دەۋاتىسا يەنە يىقىلىپ چۈشۇپتۇ. باۋۇدۇن: «مانا ئەمسە» دەپ ئورنىدىن قوپماي يېتپتۇ. ۋە ئاچچىغى بىلەن:
«ئەمدى قوپمايمەن، نوچى بولساڭ يەنە يىقىتىپ باق!» دەپتۇ.