UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقپادىشاھنىڭ ئاقساقال تەيىنلىشى

پادىشاھنىڭ ئاقساقال تەيىنلىشى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن بىر يۇرتنىڭ بىر ئاقساقىلى بولغان ئىكەن. ئۇ، كىشىلەر بىلەن ياخشى چىقىشىدىكەن، پادىشاھنىڭ سېلىغىنى ئورۇنلاشتا ئۆز نەپسىگە چوغ تارىتمايدىكەن، پۇقرالارغا زۇلۇم سالمايدىكەن. شۇڭا خەلقنىڭ تۇرمۇشى پاراۋان، يۇرتى گۈلىستان ئىكەن. بىراق، ئاقساقالغا ئامراق ئىكەن. ئاقسقالنىڭ بۇ ئادىتىنى ياقتۇرمىغانلار« توخۇمنى ئاقساقال يەپ، بىز شاكىلىنى يەمدۇق، يۇرتىمىزدا باش چېكىلىگىدەك تۇخۇم تاپقىلى بولمايدىغان بولدى» دەپ غەۋغا كوتىرىپتۇ. ئاقساقالنى ئەملىدىن قالدۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقان پادىشاھ بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، بۇ يۇرتقا يېڭى ئاقسقال مىجەزى زادى تەڭشەلمەيدىكەن. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئاقساقال مىجەزىمنى تەڭشەيمەن دەپ، بىر يىل ئىچىدىلا يۇرتتىكى توخۇلارنى قويماپتۇ. توخۇ تۈگىگەندىن كېيىن، ئۆزىمۇ بۇ يۇرتتا ئاقساقال بولۇپ تۇرماپتۇ. پادىشاھ ئۈچىنچى بىرىسىنى بۇ يۇرتقا ئاقساقاللىققا تەيىنلەپتۇ. «ئۇنىغانغا يۇنىغان» دېگەندەك، بۇ ئاقساقال ھەر ئىككىلىسىدىنمۇ بەتتەر چىقىپتۇ. ئۇ ئاقساقال ھەدىگەندىلا ياخشى ئاتلارنى ئۆزىگە توپلاپتۇ. يانچۇغىنى ئويلاپتۇ، جەمەتلىرىنى قوغداپتۇ. خەلىققە زۇلۇم ساپتۇ. پۇقرالارغا بەك ھار كەلگىنى بۇ ئاقساقالنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئەڭگىزلىكى بوپتۇ. ئۇ ئاقساقال ئۆز ئەڭگىزلىكىنى داۋالاش ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر دىن قوي سويۇپ، تېرىسىگە ئورىنىپ يېتىپتۇ. يېڭى قوي گۆشىنى پىشۇرۇپ، شورپىسىنى ئىچىپتۇ. ئىككى يىلدىلا بۇ يۇرتنىڭ قويلىرى ئاقساقالنىڭ ئەڭگىزلىكىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىپ بوپتۇ. يۇرت نامراتلىشىپتۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ ئاقساقال خەقنىڭ ھالىغا زادىلا يەتمەپتۇ. بۇ يۇرتنىڭ خەلقى ئىلاجىسىز ياقا - يۇرتلارغا سەرسان بولۇپ كېتىپتۇ. غەۋغا كوتەرگەنلەر ئىشنىڭ ئەپلەشمىگەنلىكىنى، پادىشاھنىڭ سېلىغى تۇرماق، ئاقساقاللارنىڭ گېلى ئۈچۈنمۇ ھېچنەرسە قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، مەسلىھەت بىلەن، پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ: - ئەي ئۇلۇغ پادىشاھىمىز، تۇخۇم يىگەن ئاقساقال يامان دەپ، ياخشى بىر ئاقساقال تەيىنلەشنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. پادىشاھىمىز بىزنىڭ ئارزۇيىمىز بويىچە تەيىنلەپ ئەۋەتكەن ئىككىنچى ئاقساقال مىجەزىنى تەڭشەيمەن دەپ، غاز، ئۆدەك، توخۇ دېگەننى قويىمىدى، ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئۈچىنچى ئاقساقال ئەڭگىزىنى داۋالايمەن دەپ، ھەر كۈنى قوي سويۇپ، تېرىسىگە ئورىنىپ، گۆشىنى يەپ، شورپىسىنى ئىچىپ، قوي ئەۋلادىنى قويمىدى. ئاخىرى يۇرت ۋەيران بولدى. خەلق سەرسان بولدى. تۇخۇم يىسىمۇ تۇرمۇشنى پاراۋان، يۇرتنى گۈلىستان قىلغان ئاشۇ ئاقساقال تۈزۈك ئىكەن. پادىشاھ ئۆز تەۋەسىدە ئادالەتنىڭ كەتكەنلىكىنى، ئۆز ئەتراپىدىكىلەرنىڭمۇ پادىشاھلىق غەزنىنى كولاشقا باشلىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى سېزىپتۇ. ئۇ ئاخىرى مۇنداق پادىشاھلىقنىڭ نېمە لەززىتى بولسۇن دەپ ئويلاپ، پادىشاھلىقتىن ۋاز كېچىپتۇ. خەلق بىر ئادىل كىشىنى پادىشاھلىققا سايلاپ، قايتىدىن گۈللىنىشكە باشلاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
پادىشاھنىڭ ئاقساقال تەيىنلىشى | UyghurWiki | UyghurWiki