قاشاڭ ياغاچچى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
خوتۇنى ئوغۇل تۇغقان باي ياغاچچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر بۆشۈك بۇيرۇپتۇ ھەم سىمكىرى ئۈچۈن بىر كۈمۈش تەڭگە تۆلەپتۇ.
- بۆشۈكنى كېلەر ھەپتە كېلىپ ئېلىپ كېتىڭ، - دەپتۇ ياغاچچى. بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن باي بۆشۈكنى ئالغىلى كەلسە، ياغاچچى يەنە: >بۇ بۆشۈككە تېخى تۇتۇش قىلمىدىم، كېلەر ھەپتە كېلىڭ< دەپتۇ.
مۇشۇ تەرىقىدە ھەپتىلەر ئۆتۈۋېرىپتۇ... باينىڭ بالىسى چوڭ بولۇپ كېتىپتۇ. ياغاچچى بۆشۈك ياساشقا تۇتۇش قىلماپتۇ.
باينىڭ ئوغلى يىگىرمە ياشقا كىرىپتۇ، ھەتتا تۇرمۇشلۇقمۇ بوپتۇ.
كېلەركى يىلى ئۇمۇ بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپتۇ. ئۇ ئاتىسىغا بىر بۆشۈك ياساتقۇزۇپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ. باي ئۇنىڭغا:
- مەن يىگىرمە يىل بۇرۇن ياغاچچىغا بۆشۈك بۇيرۇتۇپ قويغان، پۇلىنىمۇ تۆلەپ بولغان، - دەپتۇ.
باينىڭ ئوغلى ياغاچچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپتۇ.
بۇنى ئاڭلاپ ياغاچچىنىڭ سەپرايى ئۆرلەپتۇ - دە، سەت ۋارقىراپ:
- مەن ئالدىراپ - تېنەپ ئىش قىلىشنى ياقتۇرمايمەن. ئەگەر ماڭا بۆشۈك ياساتقۇڭلار كەلمىسە، بىر تەڭگە پۇلۇڭلارنى قايتۇرۇپ بېرەي، باشقا ياغاچچىغا ياسىتىۋېلىڭلار! - دەپتۇ.