UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئالتۇننىڭ تارقىلىشى ۋە كۆمۈلىشى

ئالتۇننىڭ تارقىلىشى ۋە كۆمۈلىشى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى زاماننىڭ زامانىسىدا، زامانە زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ ئىكەن. ئەنە شۇنداق زاماندا، بېشىغا كولا، ئۇچىسىغا جەندە كىيگەن بىر ئاشىق ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ چېچى گەجگىسىگە چۈشكەن، بېشىدا غەم، كۆزى نەم بولۇپ دەرد - ئەلەملىك بىر يوقسۇل بىچارە ئىكەن. بىر كۈنى ئاشىق بازارنى ئارىلاپ مېڭىپتۇ. جامائەت جەم بولغان بىر مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر مەدداھ مەيدىسىگە ئۇرۇپ مەسىلە قىلىپ مۇنداق دەپتۇ: - خۇداغا يېتىشكەن ھەقىقىي ئاشىق جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن، كۆزىنى يۇمۇپ ساناپ ئۈچ قەدەم مېڭىپ كۆزىنى ئاچسا، خىزىر ئەلەيھىسسالامنى كۆرىدۇ. خىزىرنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى ئۇنىڭدىن نېمە تەلەپ قىلسا، شۇ بەجا بولىدۇ... ئاشىق بۇنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان خىزىر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن ئالتۇن تەلەپ قىلماقچى بولغانىكەن. ئۇ زاماندا ئالتۇن دېگەن يوق بولۇپ، ئاشىق ئالتۇنغا ئىرىشىپ غەم - ئەندىشىسىز، بەختلىك ھايات كەچۈرۈشنى ئويلايدىكەن. ئاشىق تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن جۈمە كۈنىمۇ يېتىپ كەپتۇ. ئاشىق جامائەت بىلەن جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، مەدداھنىڭ دېگىنىدەك كۆزىنى يۇمۇپ ساناپ، ئۈچ قەدەم مېڭىپ كۆزىنى ئېچىپ: >ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، خىزىر ئەلەيھىسسالام!< دەپ سالام بېرىپتۇ. قارىسا خىزىر يوق. مەن خاتا قىلغان ئوخشايمەن دەپ ئىككىنچى قېتىم يەنە ساناپ تۇرۇپ ئۈچ قەدەم بېسىپ كۆزىنى ئاچسا يەنە يوق. ئاشىق: >مەرتەم، مەرتەم ئۈچ مەرتەم دەپتىكەن، يەنە بىر سىناپ باقاي< دەپ ئۈچىنچى قېتىم يەنە كۆزىنى يۇمۇپ، ئۈنلۈك ساناپ ئۈچ قەدەم بېسىپ كۆزىنى ئېچىپتۇ. قارىسا ئۇدۇلىدا پىشانىسىدىن نۇر چېچىپ، ئۇلۇغ سۈپەت بىر ئاپئاق ساقال بوۋاي ھاسىغا تايىنىپ تۇرۇپتۇ. ئۇ خىزىر ئەلەيھىسسالام ئىكەن. ئاشىق خىزىر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. ئۇ خىزىرنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ تەلىپىنى ئىزھار قىپتۇ. ئۇنىڭ بىردىنبىر تەلىپى ئالتۇن ئىكەن. خىزىر: >كۆزۈڭنى يۇم!< دەپتۇ ۋە ئاشىقنىڭ قولىغا بىر نەرسە بېرىپتۇ. قارىسا قولىدا ئۇيۇل ئالتۇن تۇرغۇدەك. يەنە سوراپتۇ. خىزىر يەنە: >كۆزۈڭنى يۇم!< دەپتۇ. ئاشىق ئۇنىڭغا خام كېسەك ئۇزىتىۋاتقانىكەن. خام كېسەك قولدىن قولغا ئۆتكىچە ئالتۇنغا ئايلىنارمىش. خىزىر ئاشىق >بولدى< دېگۈچە سۇنۇۋېرىپتۇ. ئالتۇن ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا سىغماي كېتىپتۇ. ئۇ يەنە تويماپتۇ. خىزىر: >ئەمدى ئارقاڭدىكى ئىلياستىن سورا< دەپتۇ. ئاشىق ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىشىغا خىزىر بىردىنلا غايىپ بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇ ھەيران قېلىپ، دۈۋىلىنىپ كەتكەن ئالتۇنلارنى كىشىلەردىن يۇشۇرۇن، تاغ ئۆڭكۈرى ۋە توپىغا كۆمۈپ قويۇپتۇ. شۇندىن باشلاپ ئالتۇننى توپىغا كۆمۈش پەيدا بولغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق