UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقبىر لوپلۇقنىڭ سەرگۈزەشتىسى

بىر لوپلۇقنىڭ سەرگۈزەشتىسى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى زامانلارنىڭ زامانىسىدا زالىملارنىڭ پەسلىكىدىن، كۈن ئالماقنىڭ تەسلىكىدىن، ئاتا - ئانامدىن ئايرىلىپ، جۈپ قاناتىم قايرىلىپ، جاھاندارچىلىق بىلەن كورلىغا سەپەر قىلدىم. كورلىنىڭ بازىرىنى بىر ئارىلاپ چىقىپ مەدىكار بازىرىدا تۇرسام، كۆۋرۈكنىڭ بېشىدىن بىر سودىگەر چۈشۈپ كەلدى. باش - ئايىغىمغا سەپسېلىپ قارىۋېلىپ: _ نەدىن كەلدىڭ؟ - دەپ سورىدى. - لوپتىن كەلدىم، - دېدىم. - داداڭغىلا ئوخشايدىكەنسەن، داداڭنىڭ مەندە ئون بەش تىيىن قەرزى بار ئىدى. تۆلىۋەتسەڭ قانداق؟ - دېدى ئۇ ئادەم. - پۇللىرىنى دادام ئالسا، ماڭا نېمە دەيلا؟ - دېسەم سودىگەر ياقامغا مەھكەم ئېسىلىپ: - دادڭنىڭ پۇلى سېنىڭ پۇلۇڭ، داداڭدىكى پۇلمۇ سەندىكى پۇل، نېمە ھۆكۈرەيسەن؟ بۇرنۇڭنىڭ نوخۇلىسى ئۆسۈپ قاپتۇ سېنىڭ! - دەپ تەستەككە ئىككىنى سېلىۋىدى، يۈزلىرىمدىن ئوت چىقىپ كەتتى. كىچىكلىكتە ئۇنىڭغا كۈچۈم يەتمىدى. ئۇ كەملەردە زامانە زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ ئىدى. باي - بايغا باقاتتى، سۇ سايغا ئاقاتتى. شۇڭا سودىگەر مېنى ئالدىغا سېلىپ ئۆيىگە ئەكەلدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن: - كۇچاغا ئىشەك ھەيدەيمىز، - دېدى. - ماقۇل غوجام، - دېدىم. ماڭا بىر چامبال ئىشەكنى بەردى. مىنىۋالدىم، ئىشەكتىن 15 نى ئالدىمىزغا سېلىپ ھەيدىدۇق. ئىشەككە ئارتىۋالغىنىمىز قاق بىلەن ماتا ئىدى. ھەيدە - ھەيدە، ھەيدە - ھەيدە، 15 كۈن يول يۈرۈپ ئاران دېگەندە يېتىپ كەلدۇق. كۇچاغا كەلسەك ئىتلىرى قاۋىشىپ، قويلىرى مەرىشىپ، ئىشەكلىرى ھاڭرىشىپ تۇرۇپتۇ. خوجايىن ماڭا: _ مەن بازارغا كىرىپ چىقاي، سەن ئىشەك بېقىپ تۇر، توقۇملارغا ئوبدان قارا، ئوغرى ئېلىپ قاچمىسۇن، - دېدى - دە، بازارغا كەتتى. ئىشەك بېقىپ يول بويىدا ئولتۇرسام، بازار تەرەپتىن بىر سىكىلەك چىقىپ كەلدى. ئۇنى يىراقتىن كۆرۈپ يۈرەكلىرىم ۋىژ - ۋىژ قىلىپ كەتتى. سىكىلەكنىڭ قولىدا بالىسى بار ئىدى، تازا ئۇدۇلۇمغا كەلگەندە لەپپىدە قاراپ قالدى، ئوچۇق چىراي بېرىپ پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ سالدى. شۇ زاماتلا كۆڭلۈمنى ئالدى. لىككىدە قېشىنى ئاتتى، مېنى ئۆزىگە تارتتى. «ھويت كىشى، خاپا بولماي ماۋۇ بالامنى بىردەم تۇتۇپ تۇرسىلا» - دېدى. بالىسىنى ئالدىم. تامنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپلا يوقالدى. كۈتتۈم، كۈتتۈم، يوق. چۈشكىچە بالا باقتىم. بالا يىغلاپ خاپا سالغىلى تۇردى. تاغاردىن قاق ئېلىپ بەردىم يەنە يىغلايدۇ. ئاخىرى بالىنى كۆتۈرۈپ، توپا كېچىپ، كۇچانىڭ بازىرىغا كىرسەم، ھېلىقى سىكىلەك يىپ سېتىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئاچچىقىم نەدىن كەلدى، ئالدىغا بېرىپ، بالىسىنى تەڭلەپ: _ ۋاي خېنىم، بالىلىرىنى ئالماملا؟! - دېدىم. - قانداق، بالا باقماق تەسمىكەن؟ مەن بىر يىل باقتىم، بىر كۈن باقالمايدىغان ئادەم نىمىشقا تاپقان؟! - دەپ مەندىن بەكرەك توۋلىدى. «ئاللا، ئەمدى قاپتىمەن بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا» دەپ ئويلىدىم. ۋاي خېنىم، مەن سىلىنى نەدە كۆردۈم؟ لوپتىن تېخى ئەمدى كەلسەم نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىدىلا؟ - دېسەم زادى ئۇنىمىدى. بىشەملىك قىلىپ چاپىنىمنىڭ پېشىغا ئېسىلدى. - جۈرە، قازىنىڭ يېنىغا بارىمىز ئەمىسە، - دەپ يولغا يېتىۋالدى، ئۇ ياققا تارت، بۇ ياققا تارت، ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ قازىخانىغا باردۇق. قازاخۇنۇم بىزنى كۆرۈپ بۇرۇتىنى بىر سىلاپ: - ھە، نېمە ئىش بولدى؟ - دېدى. - ماۋۇ كىشى ئەسلى لوپلۇق ئىدى، - دېدى ھېلىقى جۇۋان مەندىن بۇرۇن جاۋۇلداپ، - ئىككىمىز تۇرمۇشلۇق بولغان. ئالتە ئاي بولدى ئۆيدىن چىقىپ كەتكىلى. بۈگۈن كەپتىكەن، بالىنى بىردەم بېقىپ تۇرسىلا دېدەم ئۇنىمايۋاتىدۇ. بالىنىڭ جاپاسىنى بىر يىلغىچە مەن تارتتىم. مەن يىل بويى باقسام بولىدىكەن، بۇ كىشى بىر كۈن باقسا بولمامدىكەن؟ بۇ جىدەلنى لىللالىق بىلەن ئوبدان سوراپ بەرسىلە، قازاخۇنۇم . - سېنىڭ قانداق گېپىڭ بار؟ - دېدى قازى ماڭا قاراپ ھومىيىپ تۇرۇپ. - قازىكا، بۇ خۇتۇننى مەن تونۇمايمەن. كۆرۈپمۇ باقمىغان، ئەمرىمگىمۇ ئالمىغان، ماڭا تۆھمەت چاپلاۋاتىدۇ، - دېسەم قازى گېپىمنى تارتىۋېلىپ: - بولدى، بولدى، گېپىڭلار ئۇقۇشلۇق بولدى، ئانداق بولسا، بۇ ئىشنى مۇنداق ھەل قىلىمىز، - دېدى. قازى ئورنىدىن تۇردى. بالىنى قولىغا ئالدى. بالىنى كۆتۈرۈپ ئەكىلىپ ئىككىمىزنىڭ ئۇدۇلىغا ئولتۇرغۇزدى. ئىككىمىزگە بىر چاقماقتىن قەنتنى تۇتقۇزۇپ «بالىنى چاقىرىڭلار» دېدى. بىز «دىكىلىڭ بالام، دىكىلىڭ» دەپ چاقىردۇق. بالا ئەتىگەندىن بېرى مېنىڭدىن قاق يەپ ئۆگىنىپ قالغاچ، ئانىسىنىڭ يېنىغا بارماي، ئىتتىك ئۆمىلەپ مېنىڭ ئالدىمغا كەلدى. قازى: - مانا ئەمەسمۇ، بالا سېنىڭ ئىكەن، يات بىراۋغا ئۇنداق ئىتتىك ئېتىلىپ بارامدۇ؟ بۇ يەرگە كېلىپ يالغان گەپ قىلىپ خۇپسەنلىك قىلماي، خۇتۇنۇڭنى ئەگەشتۈرۈپ، بالاڭنى كۆتۈرۈپ ئۆيۈڭگە كەي. ماڭ، چىقىڭلار، - دەپلا تونۇمايدىغان خوتۇننى بۇيرۇپ قويدى. ئۇ خوتۇن ئورنىدىن تۇرۇپ قازىغا ئېگىلىپ تازىم قىلىپ، ھەشقاللا ئېيتتى. مەن جىلە بولۇپ قاپىقىمنى تۈردۈم. - جۈرسىلە ئەمىسە، ماڭسىلا، ئۆيىمىزنى تاپايلى، - دەپ، ھېلىقى سىكىلەك قولۇمنى تۇتۇپ قازىخانىدىن سۆرەپ چىقتى. «مايانغا ماڭسىلا» دەپ ئۆيىگە باشلاپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۆيى بازارنىڭ چېتىدىكى بىر سارايدىكەن، «سىلى زىغىردەك ئولتۇرۇپ تۇرسىلا، مەن بازاردىن ئاش ئەكىرەي» دەپ جاۋۇرنى كۆتۈرۈپ بالىنى ماڭا تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئۇ خوتۇن قايتىپ كەلگۈچە ئۇ ياققا ئويلاپ، بۇياققا ئويلاپ، «ئىشەكنى تاپاي جۇمۇ» دېگەن نىيەتكە كەلدىم. شۇ ئەسنادا دەرۋازىدىن يوغان بىر سېرىق ئىت كىرىپ، ھويلىدا يېيىقلىق تۇرغان تېرىنى تارتقۇشلىغىلى تۇردى. «چاغە!» دېسەم خىقىراپ تۇرىدۇ. ئۇيان - بۇيانغا قارىسام، بۇلۇڭدا گىرنىڭ تېشى تۇرۇپتىكەن، قۇلۇمغا ئېلىپ ئىتقا ئاتاي دەۋاتسام قۇلۇمدىن سېرىلىپ چىقىپ كېتىپ، ئارقامدا ئويناۋاتقان بالىنىڭ كاللىسىغا تەگدى - دە، بالا تىن تارتماي ئۆلۈپ قالدى. ئاندىن قوپۇپ قاچتىم. قاچە، قاچ - قاچ، بىر كوچىدا قېچىپ كېتىپ بارسام، ئۆگزىدە تۇرغان بىر ئىسىل توقامغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. «ۋادەرىخا، چامبال ئىشەككە ئاشۇ توقۇمنى توقۇسام، ئالتۇن ئۈزۈككە ئالماس كۆز سالغاندەك ياراشمامدۇ؟!» دېدىم - دە، ياڭاققا يامىشىپ ئۆگزىگە چىقتىم. تۈڭلۈكتىن قارىسام، بىر ئەر بىلەن بىر ئايال ئۆيىدە راسا تاكاللىشىۋاتىدۇ. ئۆمىلەپ بېرىپ توقۇمنى ئېلىپ، پەستىكى چۆپلۈككە بىر ئېتىۋېدىم، قۇشقىنى بوينۇمغا سېپىلىپ قېلىپ، ئۆزەممۇ توقۇم بىلەن بىللە ئۆگزىدىن موللاق ئېتىپ «گۈپپىدە» چۈشتۈم. ھېلىقى ئەر - خوتۇن قورقۇپ كېتىپ «ۋاي ئاللا، ۋاي ئاللا، بۇ نېمە كارامەت» دەپ ئۆيىدىن يۈگۈرۈشۈپ چىقتى. ئورنۇمدىن قوپسام سۆڭگۈچىمنىڭ سولى يوق. دەردىمنى ئىچىمدە بىلىپ، لېۋىمنى چىشلەپ، جېنىمنىڭ بېرىچە قاچتىم. ئۇچۇلىققىمۇ تويدۇم، ئىشەككىمۇ تويدۇم، بىر يېرىم كۈنلۈك يولنى يېرىم كۈندە بېسىپ يۇرتقا قاراپ ماڭدىم. گۇگۇم ۋاقتى بىلەن ئاران كېلىۋاتسام، يول بويىدىكى ھويلىدىن ياشانغان بىر ئايال يۈگۈرۈپ چىقتى - دە، قولىنى شىلىتىپ: _ ھوي ئۇكام، توختىڭە! - دېدى. - ۋاي ئاچا، نېمە دەيلا؟ مەن ئالدىرايمەن، گەپلىرى بولسا تېزرەك دىسىلە! - دېدىم. ھېلىقى خوتۇن يۈگۈرۈپ ئالدىمغا كەلدى. مېنى توسۇپ تۇرۇپ. - ۋاي جېنىم ئۇكام، بىر كالام بار ئىدى، كېسەل بولۇپ قالدى. ئۆيدە ئەر كىشى يوق. كېچىدىن ئۆلۈپ - تارتىپ قالسا بۇغۇزلىيالمايمەن. خاپا بولماي شۇنى بۇغۇزلاپ بەرسىڭىز، ھارام بولۇپ قالمىسۇن، - دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالدى، ئۇنى دېسەم، بۇنى دېدى، بۇنى دېسەم ئۇنى دېدى، ئۇنىمىسام زادى ئۇنىمىدى. توسىۋېلىپ ماڭغىلى قويمىدى. قورسىقىم ئاچ دېسەم كۆمەچتىن ئىككىنى ئېلىپ چىقىپ بەردى. بىرىنى يەپ، بىرىنى قولتۇققا قىستىم. ئۆتكۈر پىچاقتىن بىرنى بەردىم. ئۇنى ئېلىپ ئېغىلغا كىرىپ، پاخالنىڭ ئۈستىدە ياتتىم. قالتىس ھېرىپ كېتىپتىمەن، يۇمشاق پاخالنىڭ ئۈستىگە يېتىپلا ئۇخلاپ كەتتىم. يېرىم كېچە بولغاندا يېنىمدا بىر نېمە خاقىرايدۇ، بىردەم ياتسام تېخىمۇ بەكرەك خاقىرايدۇ. «ھە، كاللىسى جان تالىشىۋاتقان ئوخشايدۇ» دەپ، ئۇيقۇلۇقتا ئورنۇمدىن تۇردۇم _ دە، كانىيىدىن تۇتۇپلا بوغۇزلاپ تاشلاپ، بېرىپ پاخالدا ياتتىم، ياتتىم _ دە، ھىچنىمىنى تۇيماي ئۇخلاپ كەتتىم. سەھەردە ئۇخلاۋاتسام بىرسى مېنى نوقۇپ يۈرۈيدۇ، تېپىپ يۈرىدۇ، تۈكۈرۈپ يۈرىدۇ، ئۇرۇپ يۈرىدۇ، «لوپلۇق دىگەن ساراڭ بولامدۇ؟» دەپ تىللاپ يۈرىدۇ. كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام ھېلىقى خوتۇن. _ ھوي جېنىم ئاچا، نىم بوللا؟ _ دىسەم: _ ئورنۇڭدىن قوپۇپ قاراپ باقە ۋە قەلەندەر، ماۋۇ خېچىر ىمنى بۇغۇزلىۋېتىپسەن، _ دەيدۇ. چاچراپ قوپۇپ قارىسام، يا پەرۋەيدىگارا، دەر مەھەل ئاتتەك بىر خېچىرى بار ئىكەن، كېچىدە ئۇيقۇلۇقتا قوپۇپ شۇنى بۇغۇزلىۋېتىپتىمەن. ئاغرىپ ئۆلەي دەپ قالغان كالىسى ساقىيىپ قاپتۇ، بۇ خوتۇندن بىر تالاي تاپا _ تەنە، تىل _ ئاھانەت ئاڭلىدىم. ھىلىمۇ ياخشى، خېلى ئىنسابى بار خوتۇن ئىكەن، «خېچىرىمنى تۆلەپ بېرىسەن» دەپ بىشەملىك قىلىپ تۇرۇۋالمىدى. يىغلىدى، قاقشىدى، زىيانغا چىدىيالماي ۋايسىدى، كېين «ئۆزەم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا» دەپ دەردىنى ئىچىدە بىلدى، بۇ كېلىشمەسلىكلەردىن ئاران قۇتۇلدۇم، شۇ يەردىن قوپۇپ ماڭغانچە، ھىچنىمىگە قارىماي لوپقا ئاران دىگەندە يېتىپ كېلىۋالدىم. يۇرتۇمغا كېلىپ «ئۇھ» دەپ دېمىمنى بىر ئېلىۋالدىم.
← بارلىق تېمىلار چوچاق