UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقكۆرەڭ بايۋەچچە بىلەن پەملىك ئايال

كۆرەڭ بايۋەچچە بىلەن پەملىك ئايال

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىركۆرەڭ بايۋەچچە بىلەن بىر پەملىك ئايال ئەر - خوتۇن ئۆتكەنىكەن. كۆرەڭ بايۋەچچە«ئىككى نان تاپسا بىرنى داپ چېلىپ»، «بارىدا پولدۇرۇڭ، يوقىدا قاراپ ئولتۇرۇڭ» دېگەندەك، تاپقىنىنى چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىپ بايۋەتچىلىك قىلىپ يۈرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بەكمۇ ھاكاۋۇر ئىكەن. خوتۇنى بولسا پەملىك، ھەممە ئىشقا ئەپلىك ئىكەن. ئېرىنىڭ تاپقىنىنى سەپ بىلەن ئىشلىتىپ، تېرىپ - تۇشۇپ، يىڭىسىنى ئاسراپ، كونىسىنى ياماپ، يوقنى بار قىلىپ ئۆتىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھال - ئوقىتى بىر ئاز ياخشىلانغانىكەن. كۆرەڭ بايۋەچچە خوتۇنىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئانچە - مۇنچە ئېشىنىپ، ھاللىق بولۇپ قالغىنىغا تەن بەرمەي خوتۇنىغا: _ ئامىتىمنىڭ بولغىنىدىن، تەلىيىمنىڭ ئوڭلىقىدىن، كۆرۈۋاتىسەنمۇ راھەت، تارتماي قىلچە ئەلەم - دەرد: بۇمۇ بىر ساڭا بىر ئامەتا، - دەپ كۆرەڭلەيدىكەن. ئەمما خوتۇنى ئېغىر - بېسىقلىق قىلىپ ئۈنچىقمايدىكەن. ئىسسىق ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە قورساق راسا ئېچىپتۇ، چۈشلۈك غىزا پىشىپتۇ. _ خوتۇن ، - دەپتۇ بايۋەچچە، - ھاۋا بەك ئىسسىق داستىخاننى باغدىكى شىپاڭغا سالغىن، غىزانى سەگىدەپ ھۇزۇر قىلىپ يەيلى. خوتۇنى ئېرىنىڭ دېگىنىدەك قىپتۇ. ئەر - خوتۇن شىپاڭدا ئولتۇرۇپ غىزا يەپتۇ. قورسىقى راسا تويۇپ ھوزۇرلانغان كۆرەڭ بايۋەتچە ئاسماندا توپ - توپى بىلەن ئۇچۇپ ئۆتىۋاتقان غازلارنى كۆرۈپ: _ خوتۇن، چاپسان ئوقيانى ئېلىپ چىق. كېتىۋاتقان غازلارنى بىر ئوۋلاي، - دەپتۇ. خوتۇنى ئىندىمەي شۇئانلا ئوقيانى ئاچىقىپ بېرىپتۇ. كۆرەڭ بايۋەچچە ئوقيانى توغرىلاپ، پەش ئۇچۇپ كېتىۋاتقان غازلارغا قارىتىپ ئاتقانىكەن، توپ ئىچىدىن بىرغاز پالاقلاپ يەرگە چۈشۈپتۇ. بۇنى كۆرگەن كۆرەڭ بايۋەچچىنىڭ خورىكى تېخىمۇ ئۆسۈپ: _ ئەمدى نېمە دەيسەن خوتۇن، ئۇچۇپ كېتىۋاتقان غازنى چۈشۈرگىنىم پېشانەمنىڭ ئوڭلىقى، زۇۋۇلامنىڭ چوڭلۇقى ئەمەسمۇ؟! مەندەك بىر ئامەتلىك ئادەمگە خوتۇن بولغىنىڭغا شۈكرى قىلساڭ بولىدۇ، - دەپتۇ. خوتۇنى بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئوغىسى قايناپ: _ سەن ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتما، ئۆتكەن كۈننى ئونتۇما، بويتاق يۈرگەن چېغىڭدا، بىر يارماق يوق قولۇڭدا، تاپقىنىڭنى تۈگىتىپ، يۈرەر ئېدىڭ تۈگۈلۈپ، مەن كەلگىچە ئۆيۈڭگە، ئېچىنغا چقا كۈنۈڭگە ، تېجەپ تۇتۇپ ئۆيۈڭنى، غادايتتىممۇ بوينۇڭنى؟! - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان كۆرەڭ بايۋەچچە ئاچچىقلىنىپ چالۋاقاپ كېتىپتۇ: _ بۇگەپچە ،مېنى سەن بېقىۋېتىپسەن - دە؟ بۈگۈندىن باشلاپ ئۆيۈمدىن چىق. سەن بولمىساڭمۇ راھەت - پاراغەتتە ئۆتۈۋېرىمەن. چەندازامدا پۇل بولسا، خوتۇن ئوينار قېشىمدا، - دەپتۇ. خوتۇنى: _ خوپ، - دەپتۇ - دە، بوخچىسىنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇ يول مېڭىپتۇ، ماڭغاندىمۇ مول مېڭىپتۇ. بىر يېزىغا يېتىپ بارغاندا ئالدىغا بىر ئوتۇنچى بوۋاي ئۇچراپتۇ. بوۋاي بۇ خوتۇننىڭ ئەلەم بىلەن كېلىۋاتقانلىقنى پەملەپ: _ قىزىم ، يول بولسۇن؟ - دەپ سوراپتۇ. قىزى يوققا قىز بولغىلى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئايال. بوۋاي بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: _ ناۋادا كەمبەغەل كۆرمىسەڭ، بىزگە بالا بول، - دەپتۇ. پەملىك ئايال ماقۇل بوپتۇ. بوۋاي يا ئوغلى، يا قىزى يوق ئىكەن. موماي بىلەن ئىككسى بىر كەپىدە ئولتۇرىدىكەن. بۇلار بوۋاينىڭ ئوتۇنچىلىقى بىلەن يېرىم ئاچ، يېرىم توق، بېشىغا تاپسا، ئايىغىغا يوق، بەكمۇ نامرات تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. بوۋاي كۈندە بىر يۈدە ئوتۇن كېسىپ بازارغا ئاپىرىپ ساتىدىكەن، ئۇنىڭغا ئۇن ئېلىپ ئۆيىگە كېلىدىكەن. موماي بولسا، خالتىنى ئىككى بۇرجىكىدىن تۇتۇپ ئۇنىنى قازانغا بىرلا تۆكىدىكەن - دە، بوۋاينىڭ ئەكەلگىنىنى بىر قېتىمدىلا ئۇماچ قىلىپ تۈگىتىدىكەن. ئەتىسى بوۋاي يەنە ئوتۇن سېتىپ ئۇن ئەكەلگۈچە موماي ئاچ ئولتۇرىدىكەن. بوۋاي ئايالنىڭ بالىلىققا ماقۇل بولغىنىغا بىر تەرەپتىن خۇشال بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن دەرگۇماندا بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىنتايىن نامراتلىقىنى ئېيتىپتۇ. پەملىك ئايال: _ ئەندىشە قىلماڭ، سەۋەب قىلساق ئۈچىمىز، ياخشى ئۆتەر كۈنىمىز، - دەپتۇ. ئايال بوۋاينىڭ ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن بوۋاي بىلەن موماي خۇددى ئۆز ئاتا - ئانىسىدەك ھۈرمەتلەپتۇ، خىزمىتىنى ياخشى قىپتۇ. بوۋاينىڭ ئوتۇن سېتىپ ئەكىلىدىغان ئۇنىنى قازانغا بىراقلا سېلىپ ئوماچ چالماي، كۈندە بىر سىقىم ئاشۇرۇپ قېلىپ، قالغىنىنى خېمىر يۇغۇرۇپ، ئۈگرە كېسىپ، سۇيۇق ئاش قىلىدىغان بوپتۇ. بۇنى كۆرگەن موماي: قىزىم ، بىر سىقىم ئۇننى ئېلىپ قېلىپ نېمىمۇ قىلارسىز؟ ئانچىلىك ئۇن نېمىگىمۇ دال بولار، - دەپتۇ. ئايال: _ تاما - تام كۆل بولار، سىقىم - سىقىم ساڭ تولار، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ - دە، كۈندە بىر سىقىمدىن ئۇننى ئاشۇرۇپ قېلىۋېرىپتۇ. شۇنداق قېلىپ، ئايلار ئۆتۈپ، كۈنلەر ئۆتۈپ، خېلى نۇرغۇن ئۇن يىغىلىپتۇ. پەملىك ئايال بوۋايغا: _ ئەمدى ئوتۇن ساتسىڭىز ئۇن ئەكەلمەي ئۇننىڭ پۇلىغا ئۆيدە باققۇدەك بىر جانلىق ئەكىلىڭ، - دەپتۇ. بوۋاي ئوتۇننى سېتىپ، بازاردىن بىر مېكيان ئېلىپ كەپتۇ. بوۋاينىڭ بۇ ئىشىدىن پەملىك ئايال تازىمۇ خۇشال بوپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ، پەملىك ئايال توخۇنى بېقىپ، تۇخۇمىنى يىغىپ، باسۇرۇپ چۈجە چىقىرىپتۇ. چۈجىلەر توخۇ بوپتۇ، تۇخۇملىرى مول بوپتۇ. ئۇلارنىڭ ھال كۈنى خېلى ياخشىلىنىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پەملىك ئايال بوۋايغا يەنە: _ ئەمدى ئوتۇنغا بارماڭ، يەر ئاچايلى، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. بوۋاي ماقۇل بوپتۇ. ئۇلار بوز يەر ئېچىپ، ئاشلىق تېرىپ، دېھقانچىلىق قىپتۇ. ھوسۇللىرى يىلدىن - يىلغا كۆپىيىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، پەملىك ئايالنىڭ سەۋەبى بىلەن ئوتۇنچى بوۋاينىڭ تۇرمۇشى ياخشىلىنىپتۇ. ئەمدى گەپنى كۆرەڭ بايۋەچچىدىن ئاڭلايلى. كۆرەڭ بايۋەچچە خوتۇنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن: ئىش - ئوقەتنى ئاز قىلىپ، ساماشانى ساز قىلىپ، بار - يوقىنى يەپ بوپتۇ. ئەل ئىچىدە گەپ بوپتۇ. بىر داچەنگە زار بوپتۇ، يۇرت ئىچىدە خار بوپتۇ. شۇ چاغدا بايۋەچچە ئۆز خوتۇنىنىڭ قەدرىگە يېتىپتۇ. ئۇ، خوتۇنىنى ئىزلە - ئىزلە نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەتلەردىن كېيىن بوۋاينىڭ ئۆيىدىن تېپىپتۇ. يىغلاپتۇ - قاقشاپتۇ، ناماقۇل بولۇپ ئايىغىغا باش قويۇپتۇ. خوتۇنىمۇ ئۇنى ئەپۇ قىپتۇ. ئوتۇنچى بوۋايغا كۈيئوغۇل بولۇپ كىرىپتۇ. بايۋەچچە «كۆرگەن كۈنۈڭنى ئۇنتۇما، شىرە چورۇقۇڭنى قۇرۇتما» دېگەننى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، كۆرەڭلىمەيدىغان بوپتۇ. شۇندىن كېيىن پەملىك ئايال بىر ئائىلىدە ھالال ئەمگەك قىلىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق