نامەت قورققاق
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ نامەت ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىكەن. نامەت تولىمۇ قورقۇنچاق بولۇپ، ئۆزىنىڭ سايىسىدىنمۇ قورقىدىكەن. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى >نامەت قورققاق< دەپ ئاتىشىدىكەن. پادىشاد دۇنيادىن ئۆتكەندىن كېيىن، نامەت قورققاق ئۆزى سىرتقا چىقماي، ھەممە ئىشقا باشقىلارنى بۇيرۇپ دادىسىدىن قالغان پۈتۈن مالۇ - دۇنيانى بىر نەچچە يىلدىلا تۈگىتىپتۇ. پەقەت ئۇنىڭ بېغىدىكى بىر تۈپ نەشپۈتلا قاپتۇ. بۇ نەشپۈت دەرىخىدىن ھەر كۈنى ئۈچ نەشپۈت چۈشىدىكەن. نامەت شۇ نەشپۈتنى يەپ كۈننى كەچ قىلىدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە نەشپۈت چۈشمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. نامەتنىڭ كۈنى تەس بولۇپتۇ. نامەت مېچىتكە كېلىپ بۇ ئەھۋالنى جامائەتكە قويۇپتۇ.
- ئۈچ كۈن بولدى، نەشپۈت چۈشمەيۋاتىدۇ. قورسىقىمنى باقالمايتىمەن، - دەپتۇ نامەت. بۇنى ئاڭلىغان بىر ئادەم:
- بەلكىم بېغىڭغا تۈلكە ئۆگىنىپ قالغاندۇ. مەن بىر تۈلكىنىڭ سېنىڭ بېغىڭدىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم، - دەپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان نامەت:
- ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ سىلەر بىر ئامال كۆرسىتىپ بېرىڭلار، شۇ بويىچە ئىش كۆرەي، - دەپتۇ. ياشانغان بىر بوۋاي:
- سەن بىر تاۋاق يىلىم قاينىتىپ نەشپۈت شېىىغا سۈركەپ قوي. تۈلكە كېلىپ دەرەخقە ياماشسا جەزمەن چاپلىشىپ قالىدۇ. شۇ چاغدا ئۇنى پالتا بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرمەمسەن؟ - دەپ ئەقىل كۆرسىتىپتۇ. نامەت بۇ مەسلىھەتنى ئاڭلاپ خوشال بولۇپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. ئۇ بىر تاۋاق يىلىم قاينىتىپ نەشپۈت دەرىخىنىڭ شاخلىرىغا سۈركەپ قويۇپتۇ. دىگەندەك تۈلكە كېلىپ نەشپۈت دەرىخىغە يامىشىپتۇ. يامىشىپتۇ - دە، بىر تال نەشپۈتمۇ ئالالماي چاپلىشىپ قاپتۇ. نامەت قورققاق قولىغا بىر ئاي پالتىنى ئېلىپ تۈلكىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا تۈلكە زۇۋانغا كەپتۇ.
- ئەي بۇرادەر. مېنى مۇشۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرساڭ، مەن ساڭا ئۆز ياخشىلىقىمنى كۆرسەتسەم، ساڭا بىر خوتۇن ئېلىپ بەرسەم، - دەپتۇ. نامەت تۈلكىنىڭ ھارامزەدىلىكىنى بىلمەي ئۇنى قويۇپ بېرىپتۇ.
تۈلكە شۇ يەردىن چىقىپ شەھەردىكى چوڭ بىر باينىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىشىكنى قېقىپتۇ.
- كىم سەن؟ - باينىڭ ئايالى يۈگۈرۈپ چىقىپتۇ. تۈلكە ھەيرانلىق بىلەن:
- مەن تۈلكە دوغا. تۆت ئۆتكەمە بېرىپ تۇرامدىكىن دەپ كەلگەن ئىدىم، - دەپتۇ. باينىڭ ئايالى ئۆتكەمىدىن تۆتنى ئېلىپ بېرىپتۇ. كەچ بولغاندا تۈلكە كېلىپ ئۆتكەمىنى قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. باينىڭ ئايالى ئۆتكەمىگە قارىسا ئۆتكەمىلەرنىڭ ئۇيەر - بۇيەرلىرىدە ئۈنچە - مەرۋايىتلار تۇرغۇدەك. باينىڭ ئايالى بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولۇپتۇ. لېكىن چاندۇرماي:
- تۈلكە دوغا، ئۆتكەمىنىڭ تۆشۈكلىرىدە ئۈنچە - مەرۋايىت، ياقۇتلار قاپتۇ. بۇنى ئېلىپ كېتىڭ، - دەپتۇ. تۈلكە ھارامزەدىلىك بىلەن:
- ۋاي - ۋۇي، بۇ ئاددىلا نەرسىغۇ، نامەت پادىشاھنىڭ ئۆيىدە ئۈنچە - مەرۋايىتلار، ياقۇت - پاقۇتلار ناھايىتى نۇرغۇن بۇنى سىلەرگە سوۋغا قىلدى، - دەپتۇ. باينىڭ ئايالى ئۆيگە كىرىپ، ئېرىغا:
- ئاجايىپ پادىشاھلارمۇ بار ئىكەن. بايلىقىنىڭ ھېساۋى يوق ئىكەن. كىشىلەرگە بىكارغىلا بېرىۋېتىدىكەن، - دەپتۇ. ئەتىسى تۈلكە يەنە كەپتۇ ۋە:
- نامەت پادىشاھ دىگەن بىر پادىشاھ بار. ئۇنىڭ مال - دۇنياسى كۆپ، شانۇ - شەۋكىتى ئالەمگە مەشھۇر. لېكىن پادىشاھنىڭ خوتۇنى يوق. شۇڭا سىلىنىڭ قىزلىرىغا ئەلچى بولۇپ كېلىۋىدىم، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان باينىڭ ئايالىنىڭ ئېغىزى قولىقىغا يېتىپتۇ ۋە دەرھاللا ماقۇل بولۇپتۇ. تۈلكە قايتىپ نامەت قورققاقنىڭ ئۆيىگە كېلىپ:
- نامەت ساڭا بىر باينىڭ قىزىنى تەييارلاپ قويدۇم، - دەپ كۈلۈپتۇ.
- قوي گىپىڭنى، مېنىڭ مۇشۇ نەشپۈت دەرىخىمدىن باشقا ھىچنەرسەم بولمىسا، قانداق قىلىپ خوتۇن ئالىمەن، - دەپتۇ نامەت قورققاق. تۈلكە گېپىدە چىڭ تۇرۇپ نامەتنى ئالدىغا سېلىپ مېڭىپتۇ. بىر دەريا بويىغا كەلگەندە نامەتنى بىر تۈپ جىگدە دەرىخىغە چىقىرىپ:
- مۇشۇ يەردە جىم ئولتۇرۇپ تۇرغىن، - دەپتۇ - دە، شۇ يەردە يايلاۋاتقان ماللارنى قوغلاپ بېرىپ دەريا بويىدىكى پاتقاقلىققا ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ. ئاندىن كېيىن ھېلىقى باينىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ - دە، ئىشىكتىن ھاسىراپ - ھۆمىدەپ كىرىپ:
- ۋاي باي غوجام، ۋاي باي خوجام، بىز تويلۇقنى ئېلىپكىلىۋاتاتتۇق. دەريادىن ئۆتۈشكە سۇدا ئېقىپ كەتتى. قويلار پاتقاققا پېتىپ قالدى. نامەت پادىشاھنى مىڭ تەسلىكتە بىر جىگدىگە چىقىرىپ قويۇپ، سىلىگە خەۋەر ئېلىپ كەلدىم، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان باي دەرھال خىزمەتكارلىرىنى ئىشقا سېلىپ، نامەت قورققاقنى ئۆز ھوزۇرىغا ئېلىپ كەپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپلا توي تەييارلىقىنى قىلىپ قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپتۇ. توي تۈگىگەندىن كېيىن تۈلكە >قايتىپ كېتەيلى< دەپ تۇرۇۋاپتۇ. باي نامەتنى ۋە قىزىنى نۇرغۇن ئەسكەر، كېنىزەك، پۇل - مال - دۇنيالار بىلەن يولغا ساپتۇ. نامەت قورقۇپ:
- ئۆيۈمدە ھىچنەرسە بولمىسا، بۇ خوتۇننى نىمە بىلەن باقىمەن؟ سەن مېنى رەسۋا قىلىدىغان بولدۇڭ، - دەپتۇ تۈلكىگە، تۈلكە بولسا ھىيلە ئىشلىتىپ:
- سەن مېنىڭ كەينىمدىن ماڭساڭلا بولىدۇ، - دەپتۇ. تۈلكە شۇنداق قىلىپ خېلى ئالدىدا مېڭىپ يايلاقتىكى قوي، كالا، ئات بېقىۋاتقانلارغا:
- سىلەر، ھىلى كېلىدىغان ئادەملەر >بۇ كىمنىڭ ماللىرى؟< دەپ سورىسا، >نامەت پادىشاھنىڭ< دەپ جاۋاب بېرىڭلار. بولمىسا ماللىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى يەپ كېتىدۇ. مالچىلار قورقۇپ ماقۇل بولۇپتۇ. نامەت ئارقىسىدىن كەپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن كىشىلەر:
- بۇ كىمنىڭ ماللىرى؟ ئەجەپ كۆپ ئىكەن، - دەپ سوراپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان مالچىلار:
- نامەت پادىشاھنىڭ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. تۈلكە بولسا يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. بۇنى كۆرگەن يەتتە باشلىق يالماۋۇز:
- سەن بۇ يەرگە نىمىشقا كەلدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. تۈلكە:
- سىز بىلەن جەڭ قىلغىلى نۇرغۇن ئەسكەرلەر كېلىۋاتىدۇ، - دەپتۇ.
- ئەمدى مەن قانداق قىلاي؟ مېنىڭ ئادىمىم ئاز. تۈلكە ئاداش، ماڭا بىر ئەقىل كۆرسەت، - دەپتۇ يالماۋۇز. بۇ گەپنى ئاڭلىغان تۈلكە:
- سەن پۈتۈن ئەۋلادىڭنى ئېلىپ چوڭ تونۇرغا كىرىۋال. مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتۇن - ياغاچلارنى تىزىپ قوياي. ئۇلار كېلىپ سېنى تاپالمايدۇ، - دەپتۇ. يالماۋۇز ماقۇل بولۇپتۇ. تۈلكە ئوتۇن - ياغاچلارنى توپلاپ ئوت يېقىۋېتىپتۇ. يالماۋۇز ئۇرۇق - ئەۋلادى بىلەن بىللە تونۇردا كۆيۈپ تۈگەپتۇ. تۈلكە قۇلۇپلانغان ئۆيلەرنىڭ ئىشىگىنى ئېچىپتۇ. يالماۋۇز سەمرىتىپ يېيىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەملەرنى سولاپ قويغان ئىكەن. ئۇلار ئۆز جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن >مەن ئورۇق، سەن سېمىز< دېيىشىپ، تۈلكىگە يالۋۇرۇپتۇ. تۈلكە ھىجىيىپ تۇرۇپ:
- مەن سىلەرنى يەيدىغان يالماۋۇزنى ئۆلتۈردۈم. ئەمدى سىلەر ئازات بولدۇڭلار، - دەپتۇ ۋە بۇ ئادەملەرنى كىيىندۈرۈپ، ھەر قايسىسىنى مۇۋاپىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. نامەت قورققاق كەلگۈچە ھەممە ئىشنى تەق قىلىپ، تاماقلارنى پىشۇرۇپ قۇيۇپتۇ. نامەت كېلىپ ھەيران قاپتۇ. يالماۋۇزنىڭ ئۆيىدىكى ھېلىقى كىشىلەر نامەت بىلەن بىللە كەلگەن كىشىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋاپتۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئارقا - ئارقىدىن مەزىلىك تائاملار كەلتۈرۈلۈپتۇ. باينىڭ ئۆيىدىن بىللە كەلگەن ئەسكەر، كېنىزەكلەر >نامەت پادىشاھ ھەقىقەتتەن ئادىل پادىشاھ ئىكەن< دىيىشىپتۇ. بۇ يەردىمۇ قىرىق كېچە - كۈندۈز توي بوپتۇ. تۈلكە باي تەرەپتىن بىللە كەلگەنلەرنى نۇرغۇن مال - دۇنيا بىلەن يولغا ساپتۇ.
ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن تۈلكە:
- نامەت ئاداش، سەن مېنى ئۆلۈمدىن قۇتۇدۇرۇپ قويدۇڭ. مەنمۇ ساڭا نۇرغۇن ياخشىلىق قىلدىم. ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم قانداق قىلىسەن؟ - دەپتۇ. نامەت مىننەتدارلىق بىلەن:
- راست تۈلكە قېرىندىشىم. سەن ماڭا كۆپ ياردەملەرنى قىلدىڭ. بۇ ياخشىلىقىڭنى ئۆلسەممۇ ئۇنتۇمايمەن. ئەگەر سەن ئۆلۈپ كەتسەڭ، سەن ئۈچۈن ئالتۇن جىنازا ياسىتىمەن. يەرلىكىڭنى ئالاھىدە قازدۇرىمەن. سەن ئۈچۈن بىر يىل ھازا تۇتىمەن، - دەپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى تۈلكە يالغاندىن ئۆلگەن بولۇپ يېتىۋاپتۇ. نامەت لەشكەرلىرىگە:
- تۈلكىنى جاڭگالغا تاشلىۋېتىڭلار، - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان تۈلكە ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ:
- ھەي نامەت قورققاق، سەن نىمە دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىڭ؟ - دەپتۇ.
- مەن سېنىڭ يالغاندىن ئۆلۈك بولۇپ يېتىۋالغانلىقىڭنى بىلىپ شۇنداق دىگەن ئىدىم، - دەپتۇ نامەت.
كېيىن تۈلكە راستىنلا ئۆلۈپ قاپتۇ. نامەت قورققاق ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى جاڭگالغا ئاپىرىپ تاشلىۋېتىپتۇ.
)بۇ چۆچەكنىڭ >ئامىتەك پادىشاھ< دىگەن ۋارىيانتىمۇ بار( ئېيتىپ بەرگۈچى: قاسىم ئابلا