UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقدانىشمەن ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى

دانىشمەن ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى زامانلارنىڭ زامانىسىدا بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ تۇتقان يولى تار، پۇقرالىرى خار ئىكەن. مانا شۇ زالىم شاھنىڭ تەۋەسىدە بىر دانىشمەن ئادەم بار ئىكەن، ئۇنى كىشىلەر بەكمۇ ھۆرمەت قىلىشىدىكەن. پادىشاھنىڭ بۇنداق كىشىلەر بىلەن كارى بولمىغاچقا، ئۇ دانىشمەن خەلقنىڭ مەسلىھەتى، كېڭەشلىرىگە كەتكەن ۋاقتىدىن باشقا چاغلاردا جاڭگالدىن ئوتۇن ئەكىلىپ سېتىپ كۈن كەچۈرىدىكەن. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ. دانىشمەننىڭ يېشىنىڭ ئۇلغىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىمۇ قۇرامىغا يېتىپتۇ. ئوغۇللىرىنىڭ تۇنجىسى يىگىرمە، كەنجىسى ئون ئالتىگە كىرگەننى كۆرگەن دانىشمەن، بىر كۈنى ئوغۇللىرىنى ئۆز ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىنى سىناپتۇ. بالىلىرىمۇ سوئال - سوراقلارغا ئۆز لايىقىدا جاۋاب بېرىپ، دادىسىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپتۇ. ئوغۇللىرىنىڭ ئەقلى ھوشىنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىنى كۆرگەن دانىشمەن ئۇلارغا جاھاننىڭ ئىسسىق - سوغۇقىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاچچىق - چۈچۈكنى تېتىپ، ئۆز ئىدرىكىنى ئاشۇرغان جاھان - كەشتى كىشىلەرنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. بىر كۈنى دانىشمەن بالىلىرىغا: - سىلەر ئەقىل - ئىدراكتا ھەر قانداق چېچەن كىشىدىن قېلىشمايدىغان ھالغا كەپسىلەر. ئەمدى سەپەر مۇشەققەتلىرىنىمۇ تېتىپ كۆرۈڭلار، زېھنىڭلارنى ئاشۇرۇڭلار، - دەپتۇ. دانىشمەننىڭ ئوغۇللىرىمۇ دادىسىغا ئۆزلىرىنىڭ سەپەرگە قىزىقىدىغانلىقلىرىنى، ئەمما نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بۇ سۆزنى ئاغزىدىن چىقىرىشنى ئەدەبسىزلىك دەپ تونۇپ يۈرگەنلىكلىرىنى ئېيتىپتۇ. - ئۇنداق بولسا، بىزدە >لەگلەكنىڭ كەتكىنىنى سورىماي، كەلگىنىنى سورا< دېگەن سۆز بار. مەن سىلەرنىڭ شۇ ماقالىغا لايىق ئىش قىلىپ كېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، - دەپتۇ دانىشمەن. شۇنىڭ بىلەن ئاتا بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت تۈگەپ، سەپەر تەييارلىقى باشلىنىپتۇ. دانىشمەن ئۆزى يىغقان ئاز - تولا نەرسىلىرى بىلەن سەپەرگە يەتكۈدەك يېمەك - ئىچمەك راسلاپ بېرىپ، بالىلىرىنى يولغا ساپتۇ. ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ياقا - يۇرتلارغا قاراپ يولغا چىققان بالىلار كۈننى تۈنگە ئۇلاپ مېڭىپ بىر يەرگە كەپتۇ. قارىسا بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ساپ، سۈيى ھەسەلدەك شېرىن، زۇمرەتتەك سۈزۈك ئىمىش، ئەتراپىغا كۆز يۈگۈرتسە، چەكسىز بىر يايلاق جىلۋىلىنىپ تۇرغۇدەك. ئۈچەيلەن بامەسلىھەت بۇ يەردە بىر كۈننى ئۆتكۈزۈپ، ئەتىسى يولغا چىقىپتۇ. بۇلار چۈشكە يېقىن بىر يولغا ئۇلىشىپتۇ. قارىسا، يولنىڭمۇ ئىككى چېتى قويۇق ئۆسكەن خۇشپۇراقلىق گۈللەر بىلەن قاپلانغان، ئۇلار بۇ گۈللەر ئارىسىدا كېتىۋېتىپ بىر ئىزنى كۆرۈپتۇ. ئۆزلىرىنىڭ ئادەم بار جايغا يېقىن كېلىپ قالغانلىقىدىن مەمنۇن بولۇپتۇ. ئاكىسى ئۇكىلىرىغا قاراپ: - بۇ يولدا ماڭغان ئېغىر ئاياغ ئايال ئىكەن، - دەپتۇ. ئاكىسىنىڭ چېچەنلىكىدىن زوقلانغان ئوتتۇرانچى ئوغۇلمۇ، يولدىن بىرەر ئالامەت تاپقۇسى كېلىپ، ئىزىغا قاراپ چىقىپ: - ئۇنىڭ ئوك كۆزى يوق. ئۇتتۇر چىشى سۇنغان بىر تۆگىسىمۇ بار ئىكەن، - دەپتۇ. - بۇ تۆگىگە يۈك ئارتىلغانىكەن، - دەپتۇ ئوغۇللارنىڭ كەنجىسى سۆزگە كىرىشىپ، - تۆگىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئارتىلغان يۈك ئاچچىق، سول تەرىپىگە ئارتىلغان يۈك تاتلىق نەرسە ئىكەن، بۇ يولۇچى بىلەن بىللە قۇيرۇقى يوق بىر ئىتمۇڭ ماڭغانىكەن. بۇ گەپ بىلەن تەڭ ھەر ئۈچىلىسى ئۆزلىرى تاپقان بۇ ئالامەتلەر توغرىسىدا قىزىقىپ پاراڭغا چۈشۈپ، قانچىلىك يول ماڭغانلىقلىرىنىمۇ بىلمەي قېلىشىپتۇ. ئۇلار شۇنداق قىزىق سۆھبەت بىلەن كېتىپ بارغاندا، ئالدىدىن ئاتلىق بىر كىشى چىقىپتۇ. ئۇ كىشى بۇ ئۈچەيلەنگە قاراپ: - ياخشى يىگىتلەر، ئالدىڭلارغا تۆگە بىلەن كېتىپ بارغان بىرەر كىشى يولۇقمىدىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - ئۇ كىشى ئېغىر ئاياغمىدى؟ - دەپتۇ دانىشمەننىڭ چوڭ ئوغلى. - ھە... ھە... شۇنداق، - دەپتۇ ئاتلىق ھولۇقۇپ. - تۆگىنىڭ ئوڭ كۆزى قارىغۇ، ئۇتتۇر چىشى يوقمىدى؟ - دەپ سوراپتۇ ئوتتۇرانچىسى. - خۇددى شۇنداق، سىز ئېيتقاندەك ئوڭ كۆزى قارىغۇ ئىدى، ئەمما ئۇتتۇر چىشىنىڭ بار - يوقلۇقى ئېسىمدە يوق، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئاتلىق. - تۆگىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئاچچىقسۇ، سول تەرىپىگە ھەسەل ئارتىلغانمىدى؟ ئۇنىڭ كەينىدىن بىر قۇيرۇقى يوق ئىتمۇ ماڭغانمىدى؟ - دەپ سوراپتۇ دانىشمەننىڭ كەنجى ئوغلى. - يۈكنى خۇددى ئۆزۈڭلار قاچىلىشىپ بەرگەندەك ساندۇقتىكى نەرسىلەرنىمۇ، باشقىلىرىنىمۇ توغرا ئېيتتىڭلار، دېگىنىڭلارنىڭ ھەممىسى توغرا. ھېلىقى ئېغىر ئاياغ ئايال دېگىنىڭلار مېنىڭ خوتۇنۇم ئىدى. بىز يېزىغا كېتىپ باراتتۇق، مەن يولدا بىرسى بىلەن كۆرۈشۈپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغانىدم، ئارقىسىدن كەلسەم، ئۇ بۆلەك يولغا كىرىپ قاپتۇ، بولمىسا بىر بۇ يول بىلەن ماڭماقچى ئەمەس ئىدۇق. شۇڭلاشقا ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كېتىپ باراتتىم. ياخشى يىگىتلەر، ئېيتىڭلار، ئۇ قەيەردىرەك كېتىپ بارىدۇ؟ مەن يەنە قانچىلىك ماڭسام ئۇنىڭغا يېتىشىۋالالايمەن؟ ئانداق بولسا، - دەپتۇ ئۈچەيلەن مەسلىھەتلەشكەندەك، - بىز ھېچنەرسىنى كۆرمىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ يەنە قانچىلىكرەك يول مېڭىشىڭىزنى ۋە ئۇ ئايالنىڭ قەيەرگە يېتىپ بارغانلىقىنى بىلمەيمىز. تېزرەك ماڭسىڭىز بەلكىم يېتىشىپمۇ قالارسىز. ئاتلىق كىشى ئۈچەيلەننىڭ ئاغزىدىن بىردەك چىققان بۇ گەپتىن چۆچۈپ قاپتۇ - دە، ئۇنىڭ كۆڭلىگە بىردىنلا >ئېھتىمال بۇلار قاراقچى بولسا كېرەك، بولمىسا خوتۇنۇمنىڭ، تۆگەمنىڭ ھەممە بەلگە - ئالاقەتلىرىنى كۆزى بىلەن كۆرگەندەك ئېنىق قىلىپ ئېيتىپ بەرگەن ئادەم قانداق قىلىپ ئۇنى كۆرمەي قالىدۇ؟< دېگەن ئوي كەپتۇ. كېيىن بۇ ئوي ئۇنىڭ كۆڭلىدە مۇقەررەرلىشىپ: >بۇلار مېنىمۇ گەپكە تۇتۇپ گوللاپ يوقاتمىسۇن< دېگەن ئەندىشە بىلەن ئارقىسىغا يېنىپتۇ. ئازراق مېڭىپ: >ئۇلارغا بىر قاراپ باقايچۇ، نېمە ئىش قىلىۋاتىدىكىن؟< دەپ بۇرۇلۇپ قارىسا، ھېلىقى ئۈچەيلەن بىر خىلدا گەپ قىلىشىپ كۈلۈشۈپ كېتىۋاتقۇدەك. بۇنى كۆرگەن ئاتلىقنىڭ گۇمانى تېخىمۇ كۈچىيىپتۇ، ئېتىنى بولۇشىغا چاپتۇرۇپ ئۇتتۇر پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا بېرىپ توختاپتۇ - دە: - داد پادىشاھى ئالەم! - دەپتۇ ئەرزىنى باشلاپ، ئۆزىنىڭ ھېلىقى ئۈچ يىگىت ھەققىدىكى بىلگەنلىرىنى ۋە گۇمانلىرىنى پادىشاھقا ئېيتىپتۇ. پادىشاھ بۇ ئادەمنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ياساۋۇل قوشۇپ يولۇچىلارنى تۇتۇپ كېلىشكە ئەمىر قىلىپتۇ. ياساۋۇللار بىلەن ئاتلىق كىشى يىگىتلەر بىلەن شەھەرنىڭ تېشىدا ئۇچرىشىپتۇ. ياساۋۇللار ئۇلارنى شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا باغلاپ، ئالدىلىرىغا سېلىپ ئوردىغا ئېلىپ كىرىپتۇ. تۇتقۇنلارنى كۆرگەن شاھ: - ئېغىر ئاياغ ئايال بىلەن تۆگە ۋە ماللارنى نەگە يوشۇردۇڭلار؟ - دەپ سوراپتۇ. - بىزنىڭ ئۆلۈمدىن خەۋىرىمىز بار، بۇنداق ئىشتىن خەۋىرىمىز يوق! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ دانىشمەننىڭ ئوغۇللىرى. - ئاندق بولسا، - دەپتۇ پادىشاھ ھېلىقى ئاتلىق كىشىنى كۆرسىتىپ، - سىلەر بۇنىڭغا ئايالىنىڭ ئېغىر ئاياغلىقىنى، تۆگىسىنىڭ قارىغۇلۇقىنى، ئۇنىڭغا ئارتىلغان يۈكنىڭ ئاچچىق ۋە تاتلىق ئىكەنلىكىنى، ھەتتا تۆگىسىنىڭ ئارقىسىدن ئەگىشىپ ماڭغان ئىتىگىچە دەپ بېرىپسىلەرغۇ، ھېچنېمىدىن خەۋىرڭلار بولمىسا بۇنى نەدىن بىلدىڭلار؟! ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن باغلانغانلىقلىرىنى چۈشەنگەن ئۈچ ئوغۇل بىر - بىرىگە قارىشىپ كۈلۈشۈپتۇ، - دە، كېيىن شاھقا قاراپ: - بىز ئۇ كىشىنىڭ تۆگىسى بىلەن ئايالىنىڭ ئالامەتلىرىنى يولدا كۆرگەن ئىز بويىچە ئېيتىپ بەردۇق. بىزنىڭمۇ كۆزىمىزگە شۇ ئىزدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە چېلىققىنى يوق، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. - قېنى، ئەمىسە ئۇ ئالامەتلەرنى ئېيتىپ بېقىڭلار، مەنمۇ بىر قۇر ئاڭلاپ باقاي، - دەپتۇ شاھ قىزىقىپ. - بىز تۈندە قونغان يېرىمىزدىن خېلى ماڭغاندىن كېيىن بىر يولغا چىقىپ قالدۇق، - دەپتۇ ئۈچ ئوغۇلنىڭ چوڭى، - يولدا بىردىنلا كۆزۈمگە بىر تۆگىنىڭ ئىزى چېلىقتى، ئۇنىڭغا قاراپ تۆگىنى يالغۇز ئىكەن دېدىم. ئازراق ماڭسام بىر كىشىنىڭ يەرگە تايىنىپ ئورنىدىن تۇرغان ئىزىغا كۆزۈم چۈشتى، ئۇنىڭغا قاراپ بۇ كىشى ئېغىر ئاياغ ئايال بولسا كېرەك، دېگەن يەرگە كەلدىم، - دە، بۇ ئويۇمنى سەل بۇرۇن ئۇكىلىرىمغا، كېيىن بولسا بۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ئېيتىپ بەردىم. ئۇكىلىرىممۇ، بۇ كىشىمۇ مېنىڭ بۇ قىياسلىرىمنىڭ ھەممىسىنى تەستىقلاشتى. - سەنچۇ؟ دەپتۇ دانىشمەننىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلىغا قاراپ شاھ ئويلىغان قىياپەتتە. - تۆگە ماڭغان يولنىڭ ئىككى تەرىپى بۈك ئوت ئىكەن. ئەمما ئەڭ تەرەپتىكى ئوتقا ھېچقاندا ئېغىز تەگمەپتۇ، چەت تەرەپتىكى ئوتنىڭ بولسا، ئېككى چېتى ئۈزۈپ ئېلىنىپ، ئوتتۇرىسى قاپتۇ، شۇنىڭغا قاراپ، تۆگىنىڭ ئوڭ كۆزى قارىغۇ ۋە ئۇتتۇر چىشىنىڭ سۇنۇقلۇقىنى بىلدىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. - سەنچۇ؟ - دەپتۇ پادىشاھ دانىشمەننىڭ كەنجى ئوغلىغا بۇرۇلۇپ. - مېنىڭ تۆگىنىڭ ئۈستىگە ئارتىلغان يۈكنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئاچچىق سۇ، سول تەرىپىدىكى ھەسەل دېيىشىمدىكى سەۋەب، يول بويى تۆگىدىكى يۈكنىڭ ھەر ئىككىلا تەرىپىدىكى ئېقىپ مېڭىپتۇ. ئوڭ تەرەپتىكىسىگە بولسا، ھېچنېمە قونماپتۇ، سول تەرەپتىكىسىگە چىۋىن ئولىشىۋاپتۇ. مەن بۇنى شۇنىڭدىن بىلدىم. تۆگىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭغان ئىتنى بولسائىزىدىن بىلدىم، قۇيرۇقىنىڭ يوقلۇقىنى زوڭزىيىپ ئولتۇرغان يېرىدىن بىلدىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. پادىشاھ بۇلارنىڭ گېپىنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ، ئاندىن ھۆكۈم قىلىش نىيىتىدە، ئايال كەتكەن تەرەپكە ئادەم ئەۋەتىپتۇ. دانىشمەننىڭ بالىلىرىنى بولسا ئوردا قاراۋۇلىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپتۇ. ئارىدىن بىر كۈن ئۆتۈپتۇ. پادىشاھنىڭ ئەۋەتكەن كىشىلىرى ئايال بىلەن تۆگىنى يۈك - تېقىغىچە سالامەت تېپىپ كەپتۇ. پادىشاھ ئايالدىن يولدا ئادەم ئۇچرىغان - ئۇچرىمىغانلىقىنى سوراپتىكەن، ئايال يولبويى ھېچكىمنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. بۇ ئوغۇللارنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە ھەيران قالغان شاھ ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم سناپ كۆرۈشنى، ئەگەر ئۇلار بۇ قېتىممۇ يەنە ئۆز ئەقلىنى ئىشقا سالالىسا، ئوردىدا ئېلىپ قېلىپ خىزمەتكە سېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۆيىدىن ئىككى ئالىقىنىنى جۈپلەپ يۇمۇپ چىقىپ ئۇلارغا كۆرسىتىپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ: - يولدىكى تۆگە ۋە ئايال ھەم ئۇنىڭ ئىتى توغرىسىدا ئېيتقان ئالامەتلرىڭلار توغرا چىقتى. ئالقىنىمدا نېمە بارلىقىنى تاپساڭلار مەن سىلەرنى ئازاد قىلىپ، ھەر قايسىڭلارغا لايىق خىزمەت بېرىمە، - دەپتۇ. - قولىڭىزدىكى يۇمىلاق نەرسە، - دەپتۇ دانىشمەننىڭ چوڭ ئوغلى بىر قاراپلا. - ئۇنىڭ رەڭگى قىزىل - دەپتۇ ئوتتۇرانچىسى. - ئانداق بولسا، دەپتۇ كەنجىسى، - بۇ شەكسىز ئانار. - تاپتىڭلار، تاپتىڭلار! - دەپتۇ پادىشاھ خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى توختىتالماي، كېيىن قولىنى ئېچىپ كۆپچىلىككە كۆرسىتىپتۇ - دە، - دېگىنىڭلار تامامەن توغرا. ئەمدى بۇنى قانداق پەم قىلغىنىڭلارنى دەپ بەرمىسەڭلار قولۇڭلارنى يېشىش يوق! ئىككى قولىڭىزنىڭ يۇمىلاق يۇمۇلىشىغا قاراپ، قولىڭىزغا يوشۇرۇلغان نەرسىنىڭ يۇمىلاقلىقىنى بىلدىم - دە، ئۆز قىياسىمنى ئېيتتىم، - دەپتۇ دانىشمەننىڭ چوڭ ئوغلى. قولىڭىزنىڭ ئارىسىغا دىققەت بىلەن قارىسام، - دەپتۇ ئوتتۇرانچىسى، - بارماقلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدىن قىزىل نەرسىنىڭ شولىسى كۆرۈندى، شۇنىڭغا قاراپ ئۇنىڭ قىزىل رەڭلىك نەرسىلىىكىنى بىلدىم. - مېنىڭ ئۇنى تېپىشىم يەنىمۇ ئاسان بولدى، دەپتۇ كەنجىسى، - ئۇنىڭ ئۆزى يۇمىلاق بولسا ھەم قىزىل رەڭلىك بولسا، بۇ چوقۇم ئانار بولماي نېمە بولسۇن شاھىم؟! پادىشاھ بۇلارنىڭ زېرەكلىكىگە قايىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ قولىنى بوشىتىپ، بىر كوزا مۇسەللەس، بىر قوزا ۋە توققۇز نا ھەدىيە قىلىپتۇ. بۇلار ئۆزىگە ئوردىدىن بېرىلگەن ئۆيگە كېلىپ قوزىنى پىشۇرۇپ، مۇسەللەسنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ناننى داستىخانغا تىزىپ ئولتۇرۇپ، ئۆزلىرىنى مېھمان قىلىشقا باشلاپتۇ. بۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن شاھ ئۇلارنىڭ بۇ ئولتۇرۇشىدىن يەنىمۇ ئاجايىپراق ئىشنىڭ چىقىشىنى كۆزىتىپ، ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ، سۆزلىرىنى تىڭشاشقا باشلاپتۇ. شاھنىڭ ماراپ تۇرغىنىدىن خەۋىرى يوق، دەسلەپ قىلىپ مۇسەللەس قۇيۇلغان چىنىنى قولىغان ئالغان دانىشمەننىڭ تۇنجى ئوغلى ئۇنى تېتىپ بېقىپ: - مۇسەللەسكە ئىشلەتكەن ئۈزۈم ھەددىدىن زىيادە ياخشى ئىكەن، بۇنىڭ بۇنداق ياخشى بولۇشىغا قارىغاندا تۈۋىگە ئادەم جەسىتى كۆمۈلگەنمىكىن دېگەن ئويدىمەن، - دەپتۇ. ئوتتۇرانچىسى قوزىنىڭ گۆشىدىن بىر چىشلەم تېتىپ بېقىپ، يۇتماي تۇرۇپلا: - بۇ قوزا ئىت ئىمىپ چوڭ بولغانىكەن، - دەپتۇ. ناننى ئۇشتىشقا باشلىغان كىچىكى بولسا: - سىلەر بايقىدىڭلارمۇ پادىشاھنىڭ ئەسلى ئاتىسى ناۋايدەك تۇرىدۇ، - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان شاھنىڭ مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كېتىپتۇ، ئۇ ھېچنېمىگە قارىماي ئۆز ھۇجرىسىغا يېنىپ بېرىپتۇ - دە، ئانىسىنى چاقىرىپ كېرىپ: - ئانا، سىز بىرلا ئېغىز سۆز بىلەن راست گېپىڭىزنى ئېيتىڭا، مېنىڭ ئاتا - ئانام كىم؟ - دەپ سوراپتۇ. پادىشاھنىڭ ئانىسى ئوغلىدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ تاتىرىپ كېتىپۇ - دە، >بۇ بۈگۈن بىرەر يەردىن ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئۇقۇپ قالغان ئوخشايدۇ، ئەمدى مەن سىرنى يەنە يوشۇرسام ئۆزۈمگە بالا تېپىپ ئالىمەن< دېگەن يەرگە كەپتۇ - دە: - بېشىمدىن قورقىمەن ئوغلۇم، - دەپتۇ. - ھەر قانچە گۇناھىڭىز بولسا ئۆتتۈم. ئەمما سىز شۇنىڭ بەدىلىگە ئىشىنىڭ ھەقىقىتىنى قىلچىمۇ يوشۇرماي ئېيتىپ بېرىشىڭىز شەرت. - دەپتۇ پادىشاھ ئانىسىغا. - مەن دادىڭىزغا چۈشۈپ ئۈچ قىز تۇغدۇم. شۇڭا دادىڭىز ماڭا >ھەمىشە قىزلا تۇغىسەن، قىز بالىمۇ بالا بۇلامدۇ، ئەگەر بۇ نۆۋەت ئوغۇل تۇغماي يەنە قىز تۇغىدىغان بولساڭ، ئورىدىدىن قوغلاپ چىقىرىمەن،< - دەپ قورقاتتى. نەق شۇ كۈنلەردە مەن يەنە ئېغىر بوي بولۇپ قالدىم.، كۆزۈم يورۇيدىغان كۈنلەر يېقىنلىشىپ كەلگەندە، دادىڭىزنىڭ كونا كېسىلى قوزغىلىپ ئوۋغا ماڭىدىغان بولۇپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا سەپەر ۋە ئوۋ تەييارلىقىنى تەييارلاپ بەردىم. ئۇ ئوۋغا مېڭىش ئالدىدا مەن بىلەن خوشلىشىۋېتىپ: >بۇ نۆۋەت يەنە قىز تۇغىدىغان بولساڭ ياخشىسى كۆزۈمگەن كۆرۈنمە< دېدى - دە، چىقىپ كەتتى. مەن يىغلىدىم، قاقشىدىم، خۇدادىن ئوغۇل تىلىدىم. ئاي كۈنۈم يېتىپ، كۆزۈم يورىدۇ. قارىسام تۇغۇلغان بالا يەنە قىز. مۇلازىملارغا: >بېرىڭلار، ياخشىراق ئىستەڭلار، مۇشۇ سائەت ۋە مەن بىلەن تەڭ كىمنىڭ ئايالى ئوغۇل تۇغقان بولسا تېپىڭلار - دە، ماڭا خەۋەر قىلىڭلار!< دېدىم. ئۇلار ئىزدەپ كېتىپ قايتىپ كېلىشتى ۋە: >ئوردا نېنىنى ياقىدىغان ناۋاينىڭ ئايالىنىڭ مەن بىلەن تەڭ كۆزى يورىغانلىقىنى، بالىسىنىڭ ئوغۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كۆڭلۈمنى ئىمىن تاپتۇرۇشتى. مەن ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ، سىزنىڭ بەدىلىڭىزگە قىزىمنى بېرىپ، مال - دۇنيا بىلەن رازى قىلدىم. مانا شۇ كۈندىن باشلاپ سىز مېنىڭ بالام، رەھمەتلىك پادىشاھ بولسا، دادىڭىز بولۇپ كەلگەنىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈگىچە بۇ ئىشنى ناۋايدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى، بۈگۈن سىزگە بۇ سىرنى قانداق تەتۈر پېشانە يەتكۈزگەندۇ؟! - دەپ يىغلاپ تاشلاپتۇ. پادىشاھ بۇ سۆزگە ھەيران بولۇپ، باغۋەننى قىچقارتىپتۇ. - مۇسەللەس قايناتقان ئۈزۈمنىڭ تۈۋىگە نېمە كۆمگەنىدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ غەزەپ بىلەن. باغۋەننىڭ رەڭگى ئۆچۈپ، بىر ھازاغىچە تېڭىرقاپ تۇرۇپ قاپتۇ - دە، كېيىن: - كېرەملىك شاھىم، بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچسىڭىز، ئېيتىپ بەرسەم، - دەپتۇ. - پەقەت راستىنلا ئېيتىدىغان بولساڭ، ھەر قانداق گۇناھىڭ بولسا ئۆتىمەن، - دەپتۇ شاھ. - بىر كۈنى قارىسام، ھەزرەتلىرىگە ئاتاپ پەرۋىش قىلغان ئۈزۈمنى بىر خۇمسا ئوغرىلىقچە يېگىنىگە تويماي، ھەدەپ ئۈزۈپ قوينىغا تىققىلى تۇرۇپتۇ. ئاچچىقىمغا بەس كېلەلمەي، ماراپ بېرىپ كالتەك بىلەن گەدەن تۈۋىگە راسا كېلىشتۈرۈپ برنى سالغانىدىم. تىن تارتماي ئۆلۈپ قالدى. ئۆپ - چۆرەمگە قارىسام ھېچكىم يوق، جانابلىرىنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ، ئۈزۈمنىڭ تۈۋىنى كولاپلا، ھېلىقى ئۆلۈكنى شۇ يەرگە كۆمگەنىدىم، پەمىمچە بۇبى بىر ئاللادىن باشقا ھېكىم بىلمەس دەپ يۈرەتتىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. پادىشاھ مالچىسىنى قىچقارتىپ كېلىپ: - بۈگۈن ماڭا ئەۋەتكەن قوزا نېمىنى ئېمىپ چوڭ بولغان؟ - دەپ سوراپتۇ. پادىشاھنىڭ غەزىپىدىن چۆچىگە مالچى: - پادىشاھى ئالەم ئۇنىڭ نېمە ئەمگەنلىكىنى ئېيتىشتىن قورقىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. - بۇ قوزىنىڭ ئانىسى ناھايىتى ساغلام قوي ئىدى، ئۇ ھەر يىلى بىر قوزا توغۇپ قاتارغا قوشاتتى. تەلىيىمگە ئۇ بۇ نۆۋەت مۇشۇ قوزىنى تۇغۇپلا ئۆلۈپ قالدى. قوزىنىڭ يېتىم قالغانلىقىغا ئىچىم ئاغرىپ يۈرەتتى، مالغا قارايدىغان قانجۇق كۈچۈكلەپ قالدى. قارىسام ئۇنىڭ كۈچۈكلىرىنى خەت ئېلىپ قېچىپتۇ. قوزىنى ئەمچەك خۇمارىدىن چىقىرىپ قاتارغا قوشۇشقا، ئىتنى بالا خۇمارلىقىدىن چىقىرىپ، تىنجىتىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەنىدىم، ئىشىم ئەپلىشىپ قالدى. قوزا ئىتقا ئۆگىنىپ راسا سەمرىۋاتاتتى. جانابىرىغا >قوزا لازىم ئىكەن< دېگەن پەرمان كېلىپ قالدى. شۇ كۈنلەردە مالدا بۇنىڭدىن سېمىزرەك قوزىنىڭ يوقلۇقىغا كۆزۈم يەتكەندىن كېيىن شۇنى ئەۋەتكەنىدىم، - دەپتۇ مالچى قورقۇپ تۇرۇپ. >سۇبىھاناللا، - دەپتۇ پادىشاھ ئۆزىگە كېلىپ، - ئۇلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە ھېچنېمە توغرا كەلمىگۈدەك. ئەمدى مەن بۇلارنىڭ بۇ سىرنى قانداق پەملىگەنلىكىنى ئۆزلىرىدىن بىر سوراپ كۆرەيچۇ< دەپ ئۈچ ئاكا - ئۇكا دانىشمەننىڭ ھۇجرىسىغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئولتۇرۇشنىڭ ئاخىرىغا يېتىپ كەلگەن شاھنى كۆرگەن ئۈچ ئوغۇل ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ قارشى ئاپتۇ. شاھ ئۇلارنىڭ قاتارىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ، ئولتۇرۇشنىڭ بېشىدا ئېيتقان گەپلەرنى نېمىگە ئاساسلىنىپ ئېيتقانلىقىنى سوراپتۇ. مەن، - دەپتۇ دانىشمەننىڭ چوڭ ئوغلى، - مۇسەللەسنى تېتىشىم بىلەنلا ئۇنىڭدىن ئادەم قېنىنىڭ تەمى كەلدى، شۇنىڭدىن بىلدىم. - مەن، - دەپ سۆزگە كىرىشىپتۇ. ئوتتۇرانچىسى، - قوزىنىڭ گۆشىنى ئاغزىمغا ئېلىشىم بىلەنلا، قۇرۇتۇلغان ئىتنىڭ گۆشىدىن كېلىدىغان سېسىق پۇراق بۇرنۇمغا گۈپپىدە كېلىپ ئۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئىت ئېمىپ چوڭ بولغانلىقىنى شۇنىڭدىن قىياس قىلدىم. - مەن، - دەپتۇ كەنجى ئوغۇل شاھتىن سەل ئوڭايسىزلنىپراق، - ئوردىغا كىرىشىم بىلەن سىزنىڭ بىزگە ھەدىيە قىلغان ناننى ئالقىنىڭىزدا ئايلاندۇرۇپ، چۆرۈپ ئولتۇرغانلىقىڭىزغا كۆزۈم چۈشكەنىدى. شۇنىڭدىن شاھىمىزنىڭ ئەسلى ئاتىسى ناۋاي بولسا كېرەك، دېگەن ئويغا كېلىپ دېگەنىدىم. بۇلارنىڭ جاۋابىدىن رازى بولغان شاھ بۇلارنى ئۆز ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ زىياپەت بېرىپ، ئوردىدا خىزمەت قىلىپ قېلىشلىرىنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئۈچ ئوغۇل شاھنىڭ سۆزىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئاتىسىدىن بىمەسلىھەت ھېچ ئىشقا قول سالالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، شاھ شۇنداق زېرەك ئوغۇل چوڭ قىلغان ئادەمنى بىر كۆرۈشكە ئىنتىزار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاتىسىنى ئەكەلدۈرۈپ بېرىشنى ئۆز ئۈستىگە ئاپتۇ. بۇ ۋەدىنى ئاڭلىغان ئۈچەيلەن شاھنىڭ سۆزىنى رەت قىلالماي، ئۆز رازىلىقىنى بېرىشىپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇلار قالغان ئۆمرىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزۈشكەنمىش.
← بارلىق تېمىلار چوچاق