UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقھۈنەرنىڭ ھېكىمىتى

ھۈنەرنىڭ ھېكىمىتى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا، ھېكىماخۇن دېگەن بىر ھۈنەرۋەن ئوتكەن ئىكەن. بۇ ئادەمنىڭ بىلىمەيدىغان ھۈنىرى، ئوقۇمىغان كىتابى يوق ئىكەن. ئۆزى ھەر تەرەپتىن ھېكىمەتلىك ئىكەن. شۇڭا بۇ ئادەمنى خەلق ھىكمەتلىك ھېكماخۇن دەپ ئاتايدىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى بۇ ئادەم ئۈچ ئوغلىنى ئالدىغا چاقىرىپ مۇنداق دەپتۇ: - بالىلىرىم، يېشىم بىر يەرگە يەتتى، ئومرۈم ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن ئوتتى. خام ھېساب قىلغىنىمدا يەتمىش يەتتە تۈرلۈك ھۈنەر بىلىدىكەنمەن. شۇنداق بولسىمۇ، مېنىڭ بىلىدىغىنىم دۇنيادىكى ھۈنەرنىڭ مىڭدىن بىرىچىلىكمۇ ئەمەس، ئادەم مېۋىسىز دەرەخ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە ھۈنەر ئۆگىتىپ قوياي. ناۋادا ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ، بېشىڭلارنى كۈن چۈشكەندە، ئەسقېتىپ قالار. - ئاتا، مەن رەسساملىق بىلەن نەققاشلىقنى ئۆگىنەي، - دەپتۇ. چوڭ ئوغلى. - مەن نەغمە ئۆگىنەي، - دەپتۇ ئوتتۇرانچى ئوغلى. كىچىك ئوغلى بولسا: - ئاتا مەن لەقەنباز (لەقەنباز - يەر قازغۇچى) بولاي، - دەپتۇ. شۇ چاغدا چوڭ ئوغلى ئىنىسىغا: - ئىنىم، سەن لەقەنبازنى ئۆگەنمەي، باشقا ھۈنەر ئۆگەن، ئۇ ياخشى ھۈنەر ئەمەس، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئاتىسى: - بالىلىرىم، ھۈنەرنىڭ ياخشى يامىنى يوق، چوڭ - كىچىگىمۇ يوق، پەقەت ھەر كىشى تاللاپ، ياقتۇرغان ھۈنىرىنى ئۆگىنىشى لازىم. ھەركىم ئۆزى ياراتقان ھۈنەرنىلا ياخشى ئۆگىنىشى لازىم. ھەر كىم ئۆزى ياراتقان ھۈنەرنىلا ياخشى ئۆگىنىپ چىقالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆگىنىۋەرسۇن، - دەپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ، ھېكىماخۇن بالىلىرىغا ھۈنەر ئۆگىتىشكە باشلاپتۇ. ئايلار ئۆتۈپتۇ. يىللار ئۆتۈپتۇ. ئارىدىن 3 يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بالىلىرى ئۆزى خالىغان ھۈنىرىنى كامىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئاتىسى: - بالىلىرىم، ئەمدى بېرىڭلارنىڭ ھۈنىرىنى بېرىڭلار ئۆگىنىشكە بېرىڭلار، - دەپتۇ. بالىلىرى، ئارىدىن بىر يىلنى ئۆتكۈزۈپ، بىرىنىڭ ھۈنىرىنى بىرى ئۆگىنىپ، ھەر بىرى ئۈچتىن ھۈنەرگە مۇكەممەل بوپتۇ. بالىلىرىنىڭ ئالدى 18 ياشقا كېرىپتۇ. ئۇلار ناھايىتى چىداملىق، پاكىز، ئەقىللىق ھۈنەرۋەنلەردىن بوپتۇ. بۇلارنىڭ ياسىغانلىرى، ئىشلىگەن ئىشلىرى خەلقى - ئالەمنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ. مەن - مەن دىگەن ئادەملەرمۇ بۇلارغا باش ئېگىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېكىماخۇننىڭ داڭقى دۇنياغا تارىلىپتۇ. ھەرقايسى يۇتلاردىن كەلگەنموتىۋەر ئادەملەر ھېكىماخۇننى زىيارەت قىلماي يۇرتلاردىن كەلگەن موتىۋەر ئادەملەر ھېكىماخۇننى زىيارەت قىلماي، ئۇنىڭ مەخسۇس سارىيىدىكى ھېكىمەتلەرنى، نەرسە - كېرەكلەرنى كورمەي كەتمەيدىغان بوپتۇ. ھەتتا پادىشاھلارمۇ زىيارەت قىلىپ كېلىپ، ئېلىپ كەلگەن سوغىلىرىنى تەقدىم قىلىپ كېتىدىغان بوپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى باشقا بىر شەھەردىن 12 مىڭ سودىگەر سودا ئىشلىرى بىلەن ھېكىماخۇننىڭ يۇرتىغا كېلىپ، قايتىش ئالدىدا 12 ۋەكىل سايلاپ، ھېكىماخۇن بىلەن كورۇشۇپ، ھال - ئەھۋال سوراپتۇ. مەخسۇس مېھمانلار قايتا ئالدىدا ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن سوغلىرىنى تەقدىم قىپتۇ. شۇ ئارىدا بىرسى ھېچنەرسە سوغا قىلالماي، بىر قوينىغا، بىر ھېكىماخۇنغا قاراپ - قاراپ تۇرغىدەك. بۇنى سەزگەن ھېكىماخۇن «توختا، بۇنىڭدا بىر سىر بولسا كېرەك» دېگەن ئويغا كېلىپ ھېلىقى كىشىنى ئېلىپ قاپتۇ. ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن: - سىز، بىر نەرسە ئېلىپ كەلمەپتىمەن، دەپ خىجالەتتە قالدىڭىزمۇ نېمە؟ - دەپ كۆڭۈل سوراپتۇ. ھېكىماخۇن. - يوقسۇ تەقسىر، مەن تېخى سىزنىڭ داڭقىڭىزنى ئاڭلاپ، ياش كىشى چېغى دەپ، بىر قىزىل تون ئېلىپ كەلگەن ئىدىم، قارىسام سىز مەن ئويلىغاندەك چىقمىدىڭىز، ئۆزىمىزنىڭ ئاتىسىدەك ئادەم ئىكەنسىز، شۇڭا ئېلىپ كەلگەن نەرسەم لايىق كەلمىگەندىن كېيىن، تەقدىم قىلىشقا ئۇيۇلۇپ قالدىم، - دەپتۇ ھېلىقى ئادەم. قېنى، كورسىتىڭ؟ - دەپتۇ ھېكىماخۇن. ھېلىقى سودىگەر قوينىدىن توننى ئاپتۇ، بۇنى كۆرگەن ھېكىماخۇن رەختنىڭ ئېسىللىغىغا، تىكىلىشىنىڭ چىرايلىقىغا ھەيران قاپتۇ. - مۇشۇنىڭغا خىجالەت بولدىڭىزمۇ؟ - دەپتۇ ئۇ. - يوقسۇ تەقسىر، - دەپتۇ ھېلىقى سودىگەر توننىڭ يانچۇقىدىن بىر قىزنىڭ سۆرىتىنى ئېلىپ كورسىتىپ. ھېكىماخۇن ئۇ سۆرەتنى كۆرۈپلا: - ئوغلۇم بۇ كىمنىڭ سۆرىتى؟ - دەپ سوراپتۇ. - بىزنىڭ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىڭ قىزى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ھېلىقى سودىگەر. - ھە - ھە، - دەپتۇ ھېكىماخۇن، - ئادىمىزات ئىچىدە مۇنداق ھوسۈندار بالىنىڭ تۇغلغىنىغا ئاپىرىن! رەھمەت ئوغلۇم، دۇنيارىڭىز زىيادە بولسۇن، ئومرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن! - دەپ دۇئا قىلىپ قاپتۇ... كۈنلەر، ئايلار ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى چوڭ ئوغلى بىر ئىش بىلەن ئامبارغا كىرىپ ھېلىقى قىزىل توننى كۆرۈپ قاپتۇ. توننى قولىغا ئېلىپ ھەيران بوپتۇ، ئۇنى بىر قېقىۋېتەي دەپ، شۇنداقلا سىلكىشىگە، يانچۇقىدىن ھېلىقى قىزنىڭ سۆرىتى يەرگە چۈشۈپتۇ، ئوغۇل شۇ ھامان ئاشىق بوپتۇ، سۆرەتنى يانچۇقىغا سېلىپ، ئامباردىن يېنىپ چىقىپتۇ - دە، شۇ كۈندىن باشلاپ ساماندەك سارغىيىشقا باشلاپتۇ، گېلىدىن تاماق ئوتمەپتۇ، ئولتۇرغان يېرىدە خىيال سۈرۈپ، يۈرىگى ئوت بولۇپ، ھەسرەت ئىچىدە قاپتۇ... ئارىدىن سەككىز ئاي ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى ھېكىماخۇن خۇتۇنىنى چاقىرىپ: - خوتۇن، ئوغۇللىرىمىزنىڭ ئالدى چوڭ بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا كوپ ئويلايدۇ، بەلكىم ئۆيلەنگىسى كېلىپ، شۇنداق قىلىدىغاندۇر. ھېلىقى سودىگەر سوغا قىلغان توننىڭ يانچۇقىدىكى پادىشاھنىڭ قىزىغا ئەلچى ئەۋتسەك. قانداق دەيسەن؟ دەپتۇ. - بېرەرمۇ؟ يە «سەن گادايلار مېنىڭ قىزىمغا ئەلچى ئەۋەتىشكە قانداق پېتىنىشدىڭ» دەپ بىرەر خېيىم - خەتەر يەتكۈزۈپ قويارمۇ؟ - دەپتۇ خوتۇنى. - ئۇنمايدىغان نېمە گەپ باردەيسەن، قىز بالا دېگەن ئۇچتۇم - تۇت نېمە، - دەپتۇ ھېكىماخۇن. شۇنىڭ بىلەن ئەر - خوتۇن بىر پىكىرگە كېلىپ، ياخشى بىر ئادەمنى ئەلچى قىلىپ، شەھەر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپتۇ. ئەلچى يولغا چىقار ئالدىدا: - مەلىكىنىڭ سۆرىتىنى ئېلىپ چىقىڭلار، مەن كۆرۈپ باقاي، - دەپتۇ. ئاتىسى دەررۇ ئامبارغا كىرىپ قارىسا، رەسىم يوق، ئۇلار شۇ چاغدىلا ئوغلىنىڭ قىزغا ئاشىق بولۇپ، مەلىكىنىڭ ئىشقى ئوتىدا كۆيۈپ يۈرگەنلىككىنى بىلىپتۇ. ئەلچى 3 ئاي دىگەندە ھېلىقى شەھەرگە يېتىپ بېرىپ، پادىشانىڭ ئوردىسىغا كىرىپتۇ. لېكىن پادىشاھ ئۇلارنى گادايدىن گادايغا سېلىپ، ئوردىدىن قوغلىۋېتىپتۇ، ھەتتا ئۇلارنى زىندانغا بەنت قىلماقچى ئىكەن، باشقا ئەلدىن كەلگىنىنى نەزەرگە ئېلىپ، رەھىم قىپتۇ. ئەلچىلەر ئاران قېچىپ قۇتۇلۇپتۇ. ھېكىماخۇننىڭ ئوغلى ئەھۋلنى ئاڭلاپ غەزەپلىنىپتۇ. يۈرىگىدىكى مەلىكىنىڭ ئوتى لاۋىلداپ يېنىپتۇ. ئۇ ھېچ چىداشقا تاقەت قىلالماپتۇ. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتمەيلا ئۇ ئىككى ئىنسىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئاتا - ئانىسىدىن رازىلىق ئېلپ، يولغا راۋان بوپتۇ. ئۈچ ئاكا - ئۇكا ئەسۋاب - جابدۇقلىرىنى ئېلىپ، 3 ئاي يول يۈرۈپتۇ. شام ۋاقتىدا قىزنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، شەھەر سىرتىدىكى بىرچايخانىغا چۈشۈپتۇ. بۇ كېچىسى ئۈچەيلەن ئۇخلىماي، ھەر قايسى يۇرتلاردىن كەلگەن يولۇچىلار بىلەن سوھبەتتە بوپتۇ. ئاندىن پادىشاھلارنىڭ ئادالەتسىزلىكلىرى ئۈستىدە گەپلىشىپتۇ. گەپتىن - گەپ چىقىپ، ئارىدىن بىرى بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى ئۈستىدىن شىكايەت باشلاپتۇ. - بالىلىرىم، مېنىڭ يېشىم يۈز ئەللىككە يەتتى، تىرىكچىلىك ئىزلەپ، مېنىڭ بارمىغان يېرىم، تۇرمىغان شەھىرىم قالمىدى قايسى شەھەرگە باراي، مەن بىر چىشلەم نانغا زار، بىر پارچە لاتىغا خار بولۇپ ئوتتىم. ئاڭلىشىمچە، مۇشۇ شەھەردىن قوغلىۋېتىلگەن ئادەملەردىن يەتتە مىڭ كىشى ئالدىمىزدا تۇرغان تاغنىڭ ئىچدە ئاچ - يالىڭاچ، ئازاپتا ئىكەن... ئۇلارنىڭ نېمە كۈن كۆرۈۋاتقانلىقىنى كىم بىلسۇن، خۇدا ئوزەڭگە ئامانەت... شۇندىن كېيىن ئۈپ ئاكا - ئۇكا بوۋاي بىلەن خوشلىشىپ، شەھەرگە قاراپ مېڭىپتۇ. 3 كۈن يول يۈرۈپ، چۈش مەزگىلىدە پادىشاھنىڭ ئوردىسى يېنىدىكى بىر كىشىنىڭ سارىيىغا چۈشۈپتۇ. ھويلىنىڭ بىر ئايرىم تەرىپىدىن تۆت ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ، شۇ ئۆيدە تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلاپتۇ. ئۇلار بىر كۈنى بازاردىن بۇياق، قەغەز سېتىۋېلىپ گۈل ياساپتۇ. بۇ گۈلنى سېتىپ كېلش ئۈچۈن، سارايۋانگە تاپشۇرغاندا، ئۇ بۇ گۈلنىڭ چىرايلىقلىقىغا ھەيران قېلىپ: - بالىلىرىم، بۇنى قانچىگە سېتىپ كەلسەم بولىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. ئون تىللاغا سېتىڭ، ئەگەر ئارتۇق ساتسىڭىز ئۆزىڭىز ئېلىڭ، - دەپتۇ. سارايۋەن ئۇنى بازارغا شۇنداق ئەكىرىش بىلەن كىشىلەر ھەر تەرەپتىن «مەن ئالىمەن، مەن ئالىمەن» دىيىشىپتۇ. ھەش - پەش دىگۈچە سارايۋەن ئۇنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىپ، ئون باش تىللاغا سېتىپ، ئون تىللانى ئۈچ ئوغولغا ئاپىرىپ بېرىپتۇ. ئوغۇللىرىم، بۇ ھۈنەرلىرىڭلارغا خەلقى - ئالەم ھەيران قالدى، ياساپ بەرگەن گۈللەر تالاشتا قالدى، سىلەر ئېغىر كۆرمىسەڭلا ماڭا كۆپرەك ياساپ بېرىڭلار، - دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەر تۈرلۈك مەنزىرىلەرنىڭ ، جەڭلەرنىڭ كورۇنۇشلىرىنى، ئويۇن - تاماشىلارنىڭ سۆرەتلىرىنى سىزىپ، سارايۋەگە بېرىپ تۇرۇپتۇ. سارايۋەن ھەش - پەش دېگۈچە سېتىپ، ئاقچىسىنى بالىلارغا كەلتۇرۈپ تۇرۇپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى پادىشاھنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى بازاردا كېتىۋېتىپ، سارايۋەننىڭ قولىدىكى سۆرەتنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇنىڭ تېگى - تەكتىنى سۈرۈشتۈرمەيلا، دېگىنىگە سېتىۋېلىپ، ئوردىغا ئېلىپ كەپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھنىڭمۇ سۆرەتكە كۆزى چۈشۈپتۇ، شۇ زامان ۋازىردىن سورىۋاپتۇ - دە، ئۆيىگە كېلىپ: - قىزىم، سېنىڭ ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن زىننەتلىك نەرسىلىرىڭدىن بىرىنى تېپىپ كەلدىم، - دەپ ھېلىقى رەسىمنى ئېچىپتۇ. - پاھ نېمە دېگەن ياخشى سۆرەت بۇنى قەيەردىن ئالدىڭىز؟ بۇنى سىزغان كىم ئىكەن؟ - دەپ تېگى - تەكتىنى سوراپتۇ قىز. - ۋەزىر بازاردىن ئېلىپ كەلگەن ئىكەن، ساڭا دەپ سوراپ ئېلىۋالدىم، بىراق كىمنىڭ سىزغانلىقىنى سورىماپتىمەن، - دەپتۇ پادىشاھ. - ۋاي، ۋەزىرنى چاقىرتىساق، شۇ كىشىنى ئالدۇرۇپ كېلىپ، يەنە كۆپ ئىشلارنى قىلدۇرساق، - دەپتۇ مەلىكە. پادىشاھ ۋەزىرنى چاقىرتىپتۇ. - بۇنى كىمدىن ئالغان ئىدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ. پادىشاھ. - بىر سارايۋەندىن ئېلىۋىدىم، - دەپتۇ ۋەزىر. - سارايۋەننىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھنىڭ قىزى. - بىلىمەن ئەگەر لازىم بولسا، ھازىر چاقىرىمىز، - دەپتۇ ۋەزىر. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، سارايۋەن قىزنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپتۇ. مەلىكە سارايۋەندىن ئەھۋالنى ئۇقۇپ، ئۈچ ئاكا - ئۇكىنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ. سارايۋەننىڭ پۇت - قولى يەرگە تەگمەي بېرىپ ھېلىقى بالىلارغا مەلىكىنىڭ بۇيرۇقىنى يەتكۈزۈپتۇ. - ھە ئەمدى قولغا چۈشۈردۇق، - دەپتۇ ئۇلار. ئەتىسى چوڭى راسا ياسىنىپ، چاقماقتەك بولۇپ، مەلىكىنىڭ يېنىغا مېڭىپتۇ. ئۇنى دەرۋازا ئالدىدا كېنىزەكلەر كۈتۈپ تۇرۇغان ئىكەن. بىر چاغدا چوڭ ئوغلى شۇنداق كېلىشكەن كېنىزەكلەر ئارىغا ئېلىپ، توپ - توغرا مەلىكىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كىرىپتۇ. مەلىكە ئوغۇلنى كۆرۈپ ئاشىق بوپتۇ. ئوڭ يېقىدىن ئورۇن بېرىپتۇ. ئۇنىڭ جامالىغا قاراپلا قاپتۇ. كېنىزەكلەرمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ كۆز ئۈزەلمەي، چورىسىدىن كېتەلمەي قاپتۇ. مەلىكە: - سىز كىم بولىسز؟ - دەپ سوراپتۇ. - ھۈنەرۋەن بولىمەن، - دەپتۇ يىگىت. - قانداق ھۈنەرلەرنى بىلىسىز؟ - دەپتۇ مەلىكە. - يەتمىش ئىككى تۈرلۈك گۈل، يەتمىش ئىككى تۈرلۈك نەقىش، يەتمىش ئىككى تۈرلۈك ساز ۋە يەتمىش ئىككى تۈرلۈك يەر قېزىش ھۈنىرىنى بىلىمەن، - دەپتۇ يىگىت. - ئۇنداق بولسا، ماڭا كويىقاپنىڭ سۈرىتىنى يىگرىمە ياڭزا گۈل بىلەن چۈشۈرۈپ بېرەلمەمسىز؟ - دەپ سوراپتۇ مەلىكە. - سىز ئۈچۈن جېنىمنىڭ بېرىچە ئىشلەپ كۆرەي، - دەپتۇ يىگىت. يىگىت كېلىشىپ چىقىپ كېتىپتۇ. شۇندىن تارتىپ يىگىت كېچە - كۈندۈز ئۇيقۇدىن بىزار بوپتۇ. ئون كۈن توشقىچە مەلىكىنىڭ كۈزى يىگىتنىڭ يولىغا بەنت بوپتۇ. ئون كۈنمۇ توشۇپتۇ. شۇ كۈنى مەلىكە كېچىچە كېنىزەكلىرى بىلەن يىگىتنىڭ كېلىشگە تەييارلىق قىلىپ، تاڭ ئاتقۇزۇپتۇ. كۈن ئارغامچا بويى كوتىرلىپ مەلىكىنىڭ كۆزى راۋاقتىن يولغا تىكىلىپ تۇرغاندا، يىگىت ئىككى ئىنىسى بىلەن سارايۋەننى ئەگەشتۈرۈپ سىزغان رەسىم ۋە گۈللىرىنى كوتىرىپ، يېتىپ كەپتۇ. مەلىكە ئۇلارنى راۋاقتىن چۈشۈپ، خوشال قارشى ئاپتۇ. مەخسۇس تەييارلانغان ئۆيگە باشلاپتۇ. ئالدى بىلەن ئۇلار چايغا ئولتۇرۇپتۇ. چايدىن كېيىن، ئۇلار سىزىپ كەلگەن گۈللەرنى ئېچىپ، قاتىرىسىغا تىزىپ، قىزلارنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن مەلىكە ۋە كېنىزەكلەر ھەيران بوپتۇ. كىنىزەكلەر «مۇنۇ مېنىڭ، مۇنۇ مېنىڭ» دىيىشىپ بىر - بىرلەپ گۈللەرنىڭ قېشىغا بېرىشىپ، كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ. بەزىلىرى جىلۋە قىلىپ يىگىتلەردىن زادىلا كۆز ئۈزەلمەپتۇ. بىر چاغدا يىگىتلەرنىڭ ئاكىسى كويىقاپنىڭ سۈرىتىنى شۇنداق بىر ئاچقان ئىكەن، بارلىق قىزلار «ۋىييەي، ئاپىرىن! ...» دىيىشىپلا سۆرەتكە قارىغىنىچە، خۇددى جانسىز ئادەمدەك، تۇرغىنى تۇرغان يەردە، ماڭغىنى ماڭغان يەردە، كۈلگىنى كۈلگەن پېتى قېتىپلا قاپتۇ. مەلىكىمۇ ئەقلىدىن ئازغاندەك، بىر سۆرەتكە، بىر يىگىتكە قاراپلا قاپتۇ. سۆرەت شۇنداق ئىشلەنگەنكى، باغ، باغ ئىچىدە نەچچە مىڭ تۈرلۈك گۈل، گۈللەر ياقىسىدا يەتمىش ئىككى تۈرلۈك مېۋە، باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۆت تۈپ چىنار، چىنارنىڭ ئوتتۇرىسىدا شىپاڭ، شىپاڭنىڭ ئەتراپىدا يەتمىش ئىككى خىل ئەتىرگۈل، قىزىل گۈل، گۈل ئۈستىدە بۇلبۇللار سايراپ تۇرغان، چورىسىدە مەرۋايىتتەك سۇلار ئېقىپ تۇرغان. شىپاڭغا زىلچەگىلەم سېلىنغان، بىر تەرىپىدە كىنىزەكلەر ئولتۇرۇشقان، بىر تەرىپىدە، ساز، نەغمە - ناۋا قاينىغان، ئوتتۇرىدا بولسا، مەلىكە ئۇسۇلغا چۈشكەن ھالەتتە كورۇنۈش. - بۇ سىزنىڭ باھاسىز ھۈنىتىڭىزگە نىمە بېرىمەن؟ - دەپ سوراپتۇ. مەلىكە. - ھېچنەرسە بەرمەيسىز، بىزنىڭ سىزنى ھۆرمەتلەپ، ئىززەتلەپ قىلىپ كەلگەن سوغىتىمىز. ئەگەر خالىسىڭىز بىز سىزدىن ھېچنەرسىمىزنى ئايىمايمىز، - دەپتۇ. يىگىتلەرنىڭ چوڭى. مەلىكە ھەممىگە چۈشىنپتۇ. - دە، مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ بىر پەس ساز چېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىپتۇ. يىگىتلەر ساز باشلاپتۇ. - دە، دەررۇ پەدىنى ئۇسۇلغا يوتكەپتۇ. ئويۇن - تاماشا، ئۇسۇل بولغان يەردە ئۆزىنى تۇتۇۋالمايدىغان مەلىكە بىر ئۇسۇل چۈشۈپتىكەن، ھەتتا ئۆزىنىڭ كىنىزەكلىرىمۇ ھەيران قاپتۇ. ئۇ ھېچقاچان ئوينىمىغان ئويۇنلىرىنى ئويناپ كېتىپتۇ. بىر پەس ئۇسۇلدىن كېيىن، ئۇلار قايىتماقچى بوپتۇ. قايتار ئالدىدا يىگىت مەلىكىنىڭ سارايغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى سوراپتۇ. مەلىكە دادىسىنىڭ سارايغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى سوراپتۇ. مەلىكە دادىسىنىڭ ئوۋدىن كېلىدىغان ۋاقتىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ رەھمىسىز ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئاخىرىدا، ئەگەر ئامال بولسا، بىر مىنۇتمۇ ئايرىلغۇسى يوقلۇقىنى ئىپادىلەپتۇ. - ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ. يىگىت، - تۇغرا بىر ئاي دىگەندە، سىزنىڭ ياتىدىغان ئۆيىڭىزدىن تېشىپ چىقىمىز. شۇنىڭ بىلەن سىزنى ھەر كۈنى كېچىسى قېشىمىزغا ئېلىپ چىقىپ، كوڭۈل ئاچىمىز، سىز قانداق قارايسز؟ - دەپتۇ. - جېنىم - تېنىم بىلەن باراتتىم، - دەپتۇ مەلىكە. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ۋدىسىنى پىشۇرۇپ، خوشلىشىپ قايتىپتۇ. يىگىتلەر سارايغا كەلگەندىن كېيىن مەسلىھەتلىشىپ، مەلىكىنىڭ ياتىدىغان ئويىدىن چىقىدىغان يولنى ياساشنى ئويلىشىتۇ. كىچىك ئىنىسى ئۈچ كۈن كوچىنى ئايلىنىپ، مۇلجاللاپ چىقىپتۇ. ئۇلار ھەر كۈنى كېچىسى يەر قېزىشقا باشلاپتۇ. توغرا بىر ئاي بولغاندا، ئىنىسىنىڭ مولچىرىگە يېتىپ، مەلىكىنىڭ ياتقان ئۆيىدىن تېشىپ چىقىپتۇ. مەلىكىمۇ ئۇلارغا ياردەملىشىپ، ئۇ يەرگە بىلىنمەس قىلىپ ئىشىك بېكىتىكۇزۇۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەلىكە ھەر كېچىسى ئەل ئۇخلىغاندىن كېيىن، راسا ياسىنىپ، ھېلىقى يول بىلەن ئازادە يۈرۈپ، سارايدىكى ئاشىغىنىڭ يېنىغا چىقىپ، مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈپتۇ. ئۇلار ھەر جۈمە كېچىسى نەغمە قىلىپ، مەلىكىنى ئۇسۇلغا سېلىپ، كۆڭۈل ئېچىپتۇ. ئايلار ئۆتۈپتۇ، سارايدا بولغان نەغمە - ناۋا، ئۇسۇلنى كۆرگەن كىشىلەر تەرەپ - تەرەپتىن كېلىشىكە باشلاپتۇ. بارا - بارا جۈمە ئاخشىمى سارايدا ئادەم قاينايدىغان بوپتۇ. دىل ئازابى تارتقان يوقسۇللا نە - نەلەردىن كېلىپ، ساز ئاڭلاپ، ئۇسۇل كۆرۈپ كېتىدىغان بوپتۇ. كېيىنكى كۈنلەردە سارايۋەنمۇ بوش كەلمەي ھەق ئالىدىغان بولۇۋاپتۇ. كۇنلەردىن بىر كۈنى بۇ ئۇيۇننى پادىشاھنىڭ ۋەزىرى كىرىپ كۆرۈپتۇ. تا تۇن يېرىم بولۇپ، بەزمە تۈگىگىچە ھېچ چىقىپ كېتەلمەي قاپتۇ. سەھنىنىڭ چىرالىقلىغى، ئۇنىڭدىكى كۆرۈنۈشنىڭ ھەيۋەتلىكلىكى، نەغمە - نەۋانىڭ مۇڭلۈقلۇغ، قىزنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇلىنىڭ زىلۋالىقى بىردىن ۋەزىرنى باغلىۋاپتۇ. بىراق، مەلىكىنى تۇنۇيالماپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ۋەزىر بارلىق ئىشىنى تاشلاپ، ھەر جۈمە ئاخشىمى سارايغا كېلىپ، ئۇيۇن كۆرىدىغان بوپتۇ. بىر كۈنى ۋەزىر سارايدىكى ئويۇندىن پادىشاھنى خەۋەردار قىپتۇ. پادىشاھ بۇ ئويۇننى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ، بىر جۈمە ئاخشىمى بارلىق ۋەزىر، ئولىمالىرىنى ئەگەشتۇرۇپ، ھېلىقى ئويۇنغا بېرىپتۇ. بىراق ئۇمۇ ئۆز قىزىنى تونۇماي، ئەكسىچە شۇ كۈنىدى باشلاپ قىزغا ئاشىقى بىقارار بوپتۇ. دەسلىۋىدە قىزغا ئاشىق بولغىنىنى ۋەزىرلىرىگە ئېيىتماپتۇ. لېكىن ھەر جۈمە ئاخشىمى بۇ ئويۇنغا بېرىشقا ئالدىغاپتۇ. پادىشاھ بىر كۈنى ۋەزىرى بىلەن ئايرىم بىر ئۆيدە ئولتۇرغاندا ئىلاجىسىز: - ئەي ۋەزىر، ساڭا ئېيتىمىسام بولماس، مەن ھېلىقى سارايدا ئۇسۇل ئوينىغان قىزغا ئاشىق بولۇپ قالدىم. ئۇ قىز زادى مېنىڭ چۈشۈمدىن چىقمايدىغان بولدى، قانداقلا بولمىسۇن، مەن ئۇ قىزنى ئېلىشىم كېرەك. ناۋادا شۇ ھۈنەرۋەنلەرنىڭ خوتۇنى بولۇپ قالسا، ئوزەڭ ئامالىنى قىلارسەن، - دەپتۇ. ۋەزىر: - ئەي پادىشاھىم، ئامال قىلىدىغىنى نىمىسى، پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋاجىپ، بىرلا ئەمىر قىلىمىز، ئىش ۋەسسالام، ۋاھا - ھا - ھا ! - دەپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. پادىشاھنىڭ ئۇ قىزى ئاشىق بولغىنى خەلپە، ئولىما، بەگلىرىگمۇ مەلۇم بوپتۇ. ھەتتا قىزنى بەرمىسە، تارتىپ ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئاتارمەن - چاپارمەنلەرمۇ بەلگىلىنىپتۇ. ئاڭغىچە جۈمە ئاخشىمى بوپ قاپتۇ. پادىشاھ ئوردا ئەھلىنى ئەگەشتۇرۇپ سارايغا بېرىپتۇ. ئويۇنىمۇ باشلىنپتۇ. ئالدىدا بىر پەس داپ - دۇمباق، نەغمە - ناۋا چېلىنىپ، ساز ئۇسۇل پەردىسىگە يوتكىلىپتۇ. پادىشاھ بولسا، ئاشىق بولغان قىزنىڭ چىقىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا قىز سەھنىنىڭ بىر چېتىدىن ئېتىلىپ چىقىپتۇ - دە، سوزۇلۇپ ئۇسۇلغا چۈشۈپتۇ. پادىشاھ ئاغزىنى كامادەك ئېچىپ، تۇكۇرۇگىنى يۇتۇپ، قىزدىن كۆزىنى ئۈزمەپتۇ. قىز شوق ئۇسۇلغا چۈشۈپ، راسا قىزىغاندا، پادىشاھنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان بىر ئولماسى ئۇنىڭ مەلىكە ئىكەنلىگىنى سېزىپ قاپتۇ. دەررۇ پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا ئېيتىپتۇ. شۇ زامان پادىشاھنىڭ قاپىغى تۇرۇلۇپتۇ. ئورنىدىن تىك تۇرغان پېتى توغرا ئۆيگە قاراپ مېڭىپتۇ. ئاڭغىچە مەلىكە دادىسىنىڭ ئوغىسى قاينىغانلىقىنى سېزىپ، دەررۇ ئۇسۇلنى توختىتىپتۇ - دە، كېمىنى يوتكىگەن ھالدا، يەر ئاستىدىكى يول بىلەن قۇيۇندەك يۈگۈرۈپ، ئۆز ئۆيىگە كىرىپ، ھىچنىمىنى كۆرمىگەن ئادەم بولۇپ يېتىۋاپتۇ. ھايال ئۆتمە پادىشاھ ئىككى جاللاتنى ئەگەشتۇرۇپ، قولىغا مەشئەل تۇتۇپ، مەلىكىنىڭ ئۇخلاۋاتقان ئۆيىگە كىرىپ كەپتۇ. قارىسا، مەلىكە دۇنيادىن بىغەم ئۇخلاۋاتقان. دادىسى تۇيغۇزماي قايتىپ چىقىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ئەتىسىگە ھېلىقى ئۆلىمەنى «قىزىمغا ھاقارەت قىلغانلىغىڭ ئۈچۈن» دەپ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىپتۇ. لېكىن ئۇنى ئۆلتۇرگەنلىكىنى ھېچكىمگە ئۇقتۇرماپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ پادىشاھنىڭ كۆڭلى غەش بوپتۇ، لېكىن قىزنى ئېلىش ئۈچۈن توي تەييارلىقىنى توختاتماپتۇ. يەنە بىر جۈمەمۇ كېپقاپتۇ. پادىشاھ خېلى بۇرۇنلا ئويۇنغا بېرىۋاپتۇ. ئەمما ئۇنىڭ كوڭلىدىن ئۆلتۇرگەن ئۆلىماسىنىڭ سوزى ھېچ چىقماپتۇ. ئويۇن باشلىنىپ قىز ئۇسۇلغا چۈشۇپتۇ. پادىشاھ راسا سىنچىلاپ قارىسا ئۆزىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى يۈرىگى تۇيۇپتۇ.بىراق، يەنە ئىشەنمەپتۇ. شۇڭا ۋەزىگە: - ئەي ۋەزىر، سەن بىر نەرسە سېزىۋاتامسەن؟ - دەپ سوراپتۇ، ۋەزىر: - يوغسۇ، ھېچنەرسە، سەزگىنىم يوق، جاناپلىرى، سىلى بىر نەرسە سېزىۋاتمالا؟ - دەپ پادىشاھدىن سوراپتۇ. - بۇ مېنىڭ قىزىمنىڭ ئۆزىلىغۇ، بايقىغىنا، - دەپتۇ پادىشاھ. ۋەزىر راسا بايقاپ: - شۇنداقمۇ - يە! - دەپتۇ. - سەن مۇشۇ يەردە بايقاپ تۇر، مەن ئۆيگە بېرىپ كېلەي، - دەپتۇ - دە، ئۆيگە مېڭىپتۇ. كىشلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ھۆرمەت بىلدۇرۇپ، پادىشاغا يول بېرىپتۇ. پادىشاھ دەرۋازىدىن چىقىپ ئۆيگە كېتىپتۇ. شۇ چاغدا قىزمۇ ئۇسۇلنى توختىتىپ، ھېلىقى يول بىلەن ئۆيىگە بېرىپ، جىم يېتىۋاپتۇ. پادىشاھ قىزىنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كورۇپتۇ. يەنە قايتىپ ئويۇنغا كەپتۇ. پادىشاھ كەلسە، قىز ئۇسۇل ئويناۋاتقان، پادىشاھ ۋەزىردىن: - مەن كەتكەندىن كېيىن ئۇسۇل بولۇپ تۇردىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - ياق، سىز كەتتىڭىز، ئۇسۇل توختىدى. سىز كېلشىڭىز بىلەن ئۇسۇل باشلاندى، - دەپتۇ ۋەزىر. مەلىكە بولسا، بۇ قېتىم ئادەتتىكى كېيىم بىلەنلا ئۇسۇل چىقىپتۇ. پادىشاھ بۇنى كۆرۈپ «ۋاھ» دەپتۇ - دە، يەنە ئورنىدىن تۇرغان پېتى ئۆيگە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ. توغرا قىزىنىڭ ئۇخلىغان ئۆيىگە كىرىپتۇ، پادىشاھنىڭ كىرىشى بىلەن تەڭلا مەلىكە يەر ئاستىدىكى ئىشىكتىن چىقىپ كەپتۇ. - ھەي مۇناپىق! - دەپلا پادىشاھ قىزىنى قوغلاپتۇ. مەلىكە كەينىگە يېنىپلا قېچىپتۇ. پادىشاھ كەينىدىن چۈشۈپ يەر ئاستى يولىدا قوغلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئويۇن قويۇلۋاتقان يەردىن بىراقلا پەيدا بوپتۇ. پادىشاھ بۇ يىگىتلەرنىڭ ھۈنەر - سەنئەتتە كامالەتكە يەتكەنلكىگە ھەيران بولۇپ، نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قاپتۇ ۋە ۋەزىردىن مەسلىھەت سوراپتۇ. - بىز بۇ يىگىتلەرنىڭ تېگى - تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقايلى، - دەپتۇ. ۋەزىر. پادىشاھ سورىغان ئىكەن، بۇ يىگىتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاۋات دىگەن شەھەردىكى ھېكماخۇن دېگەن ھۈنەرۋەننىڭ ئوغوللىرى ئىكەنلىكىنى، ئۈچىلىسىنىڭ ھۆنەرۋەنلىكتە كامالەتكە يەتكەنلىكىنى، پادىشاھنىڭ قىزىنى سۈرىتىدىن كۆرۈپ بۇ شەھەرگە كېلىپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. پادىشاھمۇ، ۋەزىرمۇ ۋە ئويۇن - تاماشا كۆرۈپ تۇرغۇچىلارغا يىگىتلەرنىڭ ھۈنەرۋەنلىكتىكى ماھارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. پادىشاھ قىزىنى يىگىتلەرنىڭ چوڭىغا بېرىپتۇ. توي - تاماشا قىلىپ بېرىپتۇ. يىگىتلەر قىزنى ئېلىپ يۇرتلىرىغا كېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق