UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقۋىجدانلىق ئايال

ۋىجدانلىق ئايال

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زاماندا قەھرىمۇ بار، زەھرىمۇ بار بىر پادىشاھ ياشىغان ئىكەن. ئۇ چوڭ ئىشلارنى ئادالەت بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىكەن. ئەمما مىجەزى كەسكىن ۋە شەپقەتسىز ئىكەن. شاھنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى بولسا، ئىچى تا، كۆزى كىچىك، قارا نىيەت ئادەم ئىكەن. شاھنىڭ سول قول ۋەزىرى دانىشمەن، مەردانە ئادەم ئىكەن. ئۇ ئوۋچىلىق بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىدىكەن، ئۆزى ماھىر مەرگەنلەردىن ئىكەن. سول قول ۋەزىر مۇشۇ شەھەرلىك بولسىمۇ، قولىنى قاياققا سوزسا شۇ ياققا يېتىدىغان ھالەتتە بولسىمۇ، باشقا شەھەردىن، بىر نامرات ئادەمنىڭ يالغۇز قىزىنى ئەمرىگە ئالغان ئىكەن. بۇ ئايال شۇنچە چىرايلىق، كېلىشكەن بولۇپ قالماستىن، ۋىجدانلىق ئىكەن. ئەمما ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ كۆزى كۆزى بۇ ئايالغا چۈشكەن ئىكەن. شۇڭا خېلى ئۇزۇندىن بېرى بۇ چىرايلىق ئايالنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىش نىيىتىدە ئىكەن. ئۇ ئاخىرى سول قول ۋەزىرنى جىمىقتۇرۇۋېتىپ، بۇ ئايالنىڭ ۋىسالىغا يېتىش كويىغا چۈشۈپتۇ. بىراق، ھېچبىر ئەپلىك چارە تاپالماي خېلى ئاۋارە بوپتۇ. دەل شۇ كۈنلەردە پادىشاھ ئېگىز راۋاققا چىقىپ پۈتكۈل شەھەرگە نەزەر تاشلاپتۇ. يىراقتىكى ياپ - يېشىل تاغلار، تاغ ھاۋاسى شاھقا ھوزۇر بېغىشلاپتۇ. كۆڭلى كىيىك گۆشى تارتىپ قاپتۇ. راۋاقتىن چۈشكەندىن كېيىن سول قول ۋەزىرىنى چاقىرىتىپ، كىيىك تۇتۇپ ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. سول قول ۋەزىر بۇ ۋەزىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىرمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپتۇ، ئۇنىڭمۇ بىللە بارغىسى كەپتۇ. پادىشاھنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ تۇرۇۋاپتۇ. ئاقىۋەت ئىككى ۋەزىر بىر مۇنچە چەۋەندازلارنى ئەگەشتۈرۈپ، كىيىك تۇتۇپ كېلىش ئۈچۈن ئوۋغا چىقىپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ خىيالى كىيىك تۇتۇشتا ئەمەس، مۇشۇ ئەپلىك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سول قول ۋەزىرنى كۆزدىن يوقىتىشتا ئىكەن.ئۇلار جىلغا ئىچىدە كېتىۋاتسا، تاغ ئارىسىدا بىر جۈپ كىيىك ئوتلاپ يۈرگۈدەك. سول قول ۋەزىر ئوقيانى كىيىككە چەنلەپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر بولسا بېرىراق تۇرۇپ، ئوقيانى سول قول ۋەزىرگە چەنلەپتۇ. سول قول ۋەزىر ئوقنى كىيىككە قارىتىپ ئۈزىشى بىلەن تەڭلا، ئوڭ قول ۋەزىر سول قول ۋەزىرنى ئېتىپتۇ. ئوق سول قول ۋەزىرنىڭ دۈمبىسىدىن كىرىپ، مەيدىسىدىن چىقىپتۇ. باتۇر، مەردانە سول قول ۋەزىر شۇ يەردىلا يىقىلىپ جان تەسلىم قىپتۇ. چەۋەندازلىرى ئۇنى قۇچاقلاپ يىغلىشىپ كېتىپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر ئۆز قىلمىشىنى يوشۇرۇپ: «مەنمۇ بىر كىيىككە قارىتىپ ئاتقان ئىدىم. ئوق ئېزىپ كېتىپ سول قول ۋەزىرگە تېگىپ كەتتى. ئامال قانچە، بۇمۇ خۇدادىن كەلگەن ئەجەل. تەقدىرگە تەن بەرمەي ئىلاجىمىز يوق» دەپ، سول قول ۋەزىرنىڭ جەسىتىنى شۇ يەرگە قويغۇزۇپتۇ. ئوۋدىن قايتىپ كېلىپ بۇ شۇم خەۋەرنى سول قول ۋەزىرنىڭ ئايالىغا يەتكۈزۈپتۇ. بۇ ئايال شۇ چاغدا تۇغۇتتىن ئەمدى قوپقان ئىكەن. گۈزەل ئايال يىغلاپتۇ، قاخشاپتۇ، ئىلاجسىز داغۇ - ھەسرەتتە ئۆتۈشكە باشلاپتۇ. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە ئوڭ قول ۋەزىر، پادىشاھنىڭ سەمىگە سالمايلا پەرمان چۈشۈرۈپ بۇ ئايالنى ئوردىدىن كۆچۈرۈۋېتىپتۇ. ئايال چەت بىر كوچىدىكى ئەسكى ئۆينى ماكان قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ۋەزىر بۇ ئايالنىڭ بىرەر ئايلىق ئۇزۇقى بىلەن بىرەر قۇر ئۆي سايمانلىرىنى بېرىپلا قالغان مۈلۈكلىرىنىنىڭ ھەممىسىنى بەرمەپتۇ. كېيىنرەك ئوردىدىن بېرىلىدىغان نەپىقىلەرنى توختىتىپ قويۇپتۇ. ئەمما بۇ ئايالنىڭ قولى چىۋەر ئىكەن. كۈنىگە ئۈچ يىك يىپ ئىگىرىدىكەن. بىر يىك يىپنى بىر ياچەنگە سېتىپ، نان، چاي، تۇز ئالىدىكەن. قالغىنىنى بىر خالتىغا سېلىپ يىغىدىكەن. ئۇنىڭ كۈنى مانا مۇشۇنداق يىپ ئىگىرىپ سېتىش بىلەن ئۆتىدىكەن. ئايال نامرات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئېرىنىڭ قارىسىنى تۇتۇپ، بالىسى بىلەن ئەمەك بولۇپ ئۆتىدىكەن. ئوڭ قول ۋەزىر بولسا، بۇ ئايالنى كۆرۈپ تۇرىدىكەن. شۇنداق داغۇ - ھەسرەت ئىچىدە سەككىز ئاينى ئاران توشقۇزۇپتۇ. تاقىتى تاق بولۇپ سەۋرى تۈگەپتۇ. ئاخىر بۇ گۈزەلنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈپتۇ. سول قول ۋەزىرنىڭ ئايالى مۇنداق بىر چۈش كۆرۈپتۇ: گۇگۇم ۋاقتىدا ئىككى تەرىپى ئېگىز دەرەخزارلىق بىر كوچىدا ئالدىراپ ئۆزى يالغۇز كېلىۋاتقىدەكمىش. كوچىدا ئۇنىڭدىن باشقا بىرەرمۇ ئادەم كۆرۈنمەسمىش. بىردىن ئۇنى سەل سۇر بېسىپتۇ. دەرەخلەرنىڭ كەينىدىن يوغان ھەم يۇڭلۇق ئۈچ يولۋاس سەكرەپلا چىقىپتىمىش. يولۋاسلار ئۈچ تەرەپتىن ئاغزىلىرىنى يوغان ئېچىپ خىرىس قىلىپ، كۆزلىرىدىن ئوت چاچرىتىپ كېلىۋاتقاندەك. ئايال ئارقىسىغا داجىشىغا ئۈچ يولۋاس بىراقلا سەكرەپ ئۇنىڭغا ئېتىلىپتۇ...... ئايال «ۋا» دەپ چىقىراپ ئويغىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئەنسىز ئاۋادىن قورقۇپ كەتكەن بالىسى يىغلاپ كېتىپتۇ. ئايالنىڭ چىرايى ساماندەك سارغىيىپتۇ. شۇ كېچە بۇ غۇربەتچىلىك باسقان ئۆيدە قىيامەت - قايىم بوپتۇ. پەقەت سۈبھى ۋاقتىدا، بالا يىغلاپ ھېرىپ، ئۈنلىرى بۇغۇلۇپ يىغىدىن توختاپتۇ. سەھەردە بەش سەر ياچەن بىلەن ئىككى ناننى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ سەدىقە بېرىۋېتەي دەپ مېڭىپتۇ. بىر تۇل خوتۇننىڭ ئۆيىگە كىرىپ بېرىپتۇ. تۇل خوتۇن ئۇنى قىزغىن قارشى ئاپتۇ. چاي راسلاپ، ئالدىغا داستخان ساپتۇ. چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ ۋەزىرنىڭ ئايالى گەپنى باشلاپتۇ. كۆرگەن چۈشىنى ۋە كېچە تارتقان ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى بىر - بىردىن بايان قىپتۇ. تۇل خوتۇن ئۇنىڭ گېپىنى زەڭ سېلىپ ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن: _ ئاپلاھۇ ئەكبەر يامان چۈش كۆرۈپ قاپسەن، قىزىم، بۇ چۈشۈڭدىن قارىغاندا، قارا نىيەتلىك بىلان قىلىنغان بىر چوڭ سۈيقەست جېنىڭغا قاتتىق تىكىلىپ تۇرۇپتۇ، _ دەپ تەبىر بېرىپتۇ ۋە ئايالنى ھۇشيار بولۇشقا، قورقماسلىققا دەۋەت قىپتۇ. ئايال بولسا ئۆز چۈشىنىڭ تەبىرىنى ئاڭلاپ چوڭقۇر غەمگە پېتىپتۇ. چۈشىنى ئېيتقىنىغا مىڭ بىر پۇشايمان قىپتۇ. ئاشۇ كۈنلەردىمۇ يىپ ئىگىرىشنى توختاتماپتۇ. بازارغا يىپ ئىگىرىپ ئېلىپ چىقىپ سېتىپ تۇرۇپتۇ. بىر كغنى ئالتە يىك يىپنى ئىگىرىپ بازارغا چىقىپتۇ. يىپ بازىرىغا بېرىپ ئالدىغا قويۇپ ئولتۇرسا، ئوڭ قول ۋەزىر بىر توپ نۆۋكەرلەر بىلەن ئېتىنى ئوينىتىپ كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئاز ئۆتمەي ۋەزىر ئۆزى يالغۇز پىيادە مېڭىپ، بازار ئارىلاپ بۇ ئايالنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇرۇپتۇ. ئۇنى كەمسىتكەن ۋە بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ: - سىز بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىپ يۈرىسىز؟ - دەپتۇ. ئايال ئەدەپ بىلەن تازىم بېجا كەلتۈرگەندىن كېيىن: - ئات ئۆلگەن بىلەن تاي قالدى، ۋەزىرىم. جان باقماق ئۈچۈن ئوقەت قىلىۋاتىمەن، - دەپتۇ. ۋەزىر ئېڭىشىپ يىكنى قولىغا ئاپتۇ. دەڭسەپ كۆرۈپ: - بىر يىك يىپىڭىز نەچچە پۇل؟ - دەپ سوراپتۇ. - بىر ياچەن، تەقسىر. - باشقىلاردىن قىممەت سېتىپسىز، شۇنداقتىمۇ مەيلى، مەن ئالدىم. پۇلىڭىزنى ئەتىگەنلىككە ئۆيدىن ئېلىڭ، - دەپ ئەلتە يىك يىپنى كۆتۈرۈپ مېڭىپتۇ. ئايال بولسا يا لام، يا جىم دېمەي ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قاپتۇ. ئايال ئەتىسى سەھەر تۇرۇپتۇ. بالىنى ئۆيىگە سولاپ قويۇپ، ئۆزى ئوردىغا قاراپ مېڭىپتۇ. بىنانىڭ بالىخانىسىدا سۇمبۇل چاچ ئايالنىڭ كىرىپ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇرغان ۋەزىرنىڭ يۈرىكى «شۇۋ» قىلىپ قاپتۇ. كۆزى لاپ قىلىپ دەرۋازىدىن كىرىپ كېلىۋاتقان ئايالغا چۈشۈپتۇ. دەرھال ئۆز ئۆيىگە كىرىپ كېتىپتۇ. ئايال ۋەزىرنىڭ خانىسىغا ئۇدۇل كىرىپ بېرىپتۇ. ۋەزىر نەچچە قات كۆرپە ئۈستىدە ئايالنى قوبۇل قىپتۇ ۋە يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىپتۇ. لېكىن ئايال پەگادىلا ئولتۇرۇپ، ئىش ھەققىنى تەلەپ قىپتۇ. ئەمما ۋەزىر نۇرغۇن قۇرۇق تەكەللۇپلاردىن كېيىن راست گېپىگە چۈشۈپ: - سىز مېنىڭ تارتىۋاتقان دەردىمنى بىلمەيۋاتامسىز؟ - دەپ سوراپتۇ. - بىلمەيدىكەنمەن. سىلىنىڭ دەرتلىرى مېنىڭ دەردىمگە ياماقمۇ بولالماس، - دەپتۇ ئايال ئاچچىقلاپ. - دۇرۇس، - دەپتۇ ۋەزىر، - بالدۇرراق شۇنداق دېگەن بولسىڭىز مەنمۇ كۆيۈك ئوتىدا مۇنچىا پۇچۇلانماس ئىدىم. دەردىڭىزگە دەرمان بولاتتىم ئەمەسمۇ. ئايالنىڭ ئاچچىقى كەپتۇ. قاپىقى تۈرۈلۈپتۇ: - مەن ئۆزەم ئىگىرگەن يىپنىڭ پۇلىنى ئالغىلى كەلدىم. بېرىۋەتسىلە، ئاستا كېتىۋالاي. ئۆيدە بالام يالغۇز قالدى، - دەپتۇ. - كېتىۋالاي؟ نەگە كېتىسەن؟ - ۋەزىرنىڭ پەيلى بۇزۇلۇپتۇ. ئورنىدىن دەس تۇرۇپتۇ. ئايالنىڭ ئالدىغا كېلىپ زەھەرلىك ھىجىيىپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلاپتۇ، - ئېرىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەرنىڭ قەدرى ئۆتۈلگەندۇ؟ ئەر قەدرى ئۆتۈلسۇن دەپ سېنى ئاشۇ ئۆيگە كۆچۈرۈپ قويدۇم. ئەمدى ئىككىمىز بىر ئۆيدە بولساق قانداق دەيسەن؟ - تەخسىر، بۇ قانداق گەپ؟ سول قول ۋەزىرلىرى دۇنيادىن ئۆتكىلى بىر يىلمۇ بولمىدى. بۇنى بىلىپ تۇرۇپ، ئورۇنسىز گەپنى قىلىش نومۇس ئەمەسمۇ؟ - مېنىڭدەك ئادەمنى تاپمىقىڭ قىيىن. قوينۇڭنى كۆك ياڭاق بىلەن تولدۇرماي ئارقا - ئالدىڭنى ئوبدان ئويلان! - بۇ گەپنى ئويلىغىچىلىكىممۇ يوق، ئاۋارە بولمىسىلا، كېيىن، يامان نىيىتىنى زورلۇق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇپ ئايالغا تاشلىنىپتۇ. ئايال بولسا پاك ۋىجدانىنى قوغداش يولىدا قاتتىق ئېلىشىپتۇ. ئايال جان ئاچچىقىدا يانچۇقىدىكى قەلەمتۇراچنى ئېلىپ ۋەزىرنىڭ قولىغا ئۇرۇپتىكەن، قان ئۇرغۇپ چىقىپتۇ. ۋەزىر «ۋاي» دەپ ۋارقىراپ قولىنى تۇتۇشى بىلەن ئايال ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ، بۇسۇغىدىن ئاتلاپ، تالاغا چىقىۋاپتۇ. ۋەزىر جېنىنىڭ بارىچە توۋلاپ، مۇلازىملارنى چاقىرىپتۇ. ئۇلار خوتۇننى قورشاپ تۇتۇۋاپتۇ. جاللاتلار ۋەزىرنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ئايالنىڭ پۇت - قوللىرىغا كويزا - كىشەن سېلىپ زىندانغا تاشلاپتۇ. ئايال زىنداندا يېتىپ ئۆيدە يالغۇز قالغان بالىسىنى ئەسلەپتۇ. بەدىنىگە مىڭلىغان يىڭنە سانجىلغاندەك تويۇلۇپتۇ. چاچلىرى چۇۋۇلغان، ياشلىرى تۈكۈلگەن ھالدا تالاغا تۆت كۆزى بىلەن تەلمۈرۈپ تۇرۇپتۇ. ئۆيدە قالغان بالا بولسا ئويغىنىپ ئاپىسىنى ئىزلەپتۇ. ئىشىككە تەلمۈرۈپ «ئانا» دەپ توۋلاپتۇ. ئاپىسى كىرمىگەندىن كېيىن ئۆمىلەپ بۇسۇغىنىڭ تۈۋىگە كەپتۇ. قورسىقى ئېچىپ «نان» دەپ يىغلاپتۇ. يىغلاۋېرىپ ئۈنى بۇغۇلۇپ كېتىپتۇ. تۈگۈلگەن پېتى بۇسۇغىنىڭ تۈۋىدە يېتىپ ئۇخلاپتۇ. ۋەزىر ئايالدىن زەربە يەپ قان چىقىپ تۇرغان قولىنى چىڭ تۇتقان پېتى پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ. - دات پادىشاھى ئالەم، - دەپتۇ. - خوش، سىلىگە نېمە دەرت كەلدى؟ ئېيتسىلا، - دەپتۇ پادىشاھ ھەيران بولۇپ. - سول قول ۋەزىر قازا قىلىپ كەتكەندىن كېيىن، - دەپتۇ ئوڭ قول ۋەزىر، - ئۇنىڭ ئايالى ھەر خىل كويلاردا يۈرۈپ، بىر پاھىشۋاز بولۇپ كەتتى. ئۇنداق قىلماسلىق ھەققىدە كۆپ نەسىھەت بەردىم. ئاڭلىمىدى. يامان نىيەتلىك كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ ماڭا قەست قىلدى. كېچە ھۇزۇرۇمغا بېسىپ كىرىپ، مانا بۇ قولۇمغا پىچاق سالدى. ھېلىمۇ ياخشى، خۇدا مېنى بۇ بالادىن بىر ساقلىدى. بولمىسا شۇ ئايالنىڭ زەربىسىدە قۇربان بولار ئىدىم. بۇ نېمىدىگەن ھەددىدىن ئېشىش، نېمىدىگەن ۋەھشىيلىك....... پادىشاھ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن غەزەپكە كەپتۇ. ئايالغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى ھۆكۈم قىپتۇ. زىنداننىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، جاللاتلار كىرىپ كەپتۇ. ئايالنى زىنداندىن ئېلىپ چىقىپ «جازا تېغى» غا ھەيدەپ مېڭىپتۇ. ئايال قولىغا كىشەن، پۇتىغا كويزا سېلىنغان، چاچلىرى چۇۋۇلغان ھالدا مېڭىپ كېتىۋاتقاندا، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە سانجاق - سانجاق تۇرغان شەھەر خەلقى ئارىسىدىن: «بۇ بىچارىگە بىگۇناھ ھۆكۈم قىلدى، ئۇۋال بولدى»، «بۇ سەۋرى - تاقەتلىك ئايال ئىدى، ھەجەپ بوپتا» دېگەن سۆزلەر ئاڭلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئايال پۇتلىشىپ، يىقىلىپ - قوپۇپ تاغقا چىقىشقا باشلاپتۇ. تاغنىڭ بېلىگە كەلگەن چاغدا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ پادىشاھقا تەلمۈرۈپ قاراپ: - دات پادىشاھى ئالەم، بىر ئېغىز گېپىم بار ئىدى، - دەپ توۋلاپتۇ. - ھە، گېپىڭنى ئېيتىۋال، - دەپتۇ پادىشاھ. - تېخى يېشىغا توشمىغان بالام بار ئىدى، ئۇ ئۆيدە قالدى. ئىجازەت بولسا مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ شۇ بالامنى بىر كۆرۈۋالسام، - دەپتۇ ئايال. پادىشاھ ئايالغا ئىجازەت بېرىپتۇ. بىراق تېزدىن قايتىپ كېلىشنى جېكىپتۇ. ئايال تاغدىن پەسكە يۈگۈرۈپتۇ. ئوقتەك ئۇچۇپ كەلگەن پېتى ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ئېتىلىپ كىرىپتۇ. قارىسا بالىسى كۆرۈنمەپتۇ، ئىككى قولى بىلەن بېشىنى قىسىپ، تۈڭلۈكتىن كۆك ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپ قاپتۇ. پۇتلىرىدا ماغدۇر قالماي لاسسىدە بوشىشىپ يەرگە يىقىلىپتۇ. ئوڭ قولى ئىشىك ئارقىسىدىكى ئازگالدا ياتقان بالىسىنىڭ ئىسسىق بەدىنىگە تېگىپتۇ. ئايالغا بىردىن جان كىرىپتۇ. ئورنىدىن تۇرۇپ، بىھۇش ياتقان بالىسىنى باغرىغا چىڭ بېسىپتۇ ئۇنىڭ ئاغزىغا سۇ تېمىتىپ يۈرۈپ ھۇشىغا كەلتۈرۈپتۇ. بالا كۆزىنى ئاچقاندا ئانىنىڭمۇ كۆڭلى كۆڭلى يورۇپتۇ. ئەندىشىسى كۆتۈرۈلۈپ، سەل يېنىكلەپتۇ. بالىسىنى ئېمىتىپ بولۇپ قارىسا يىغقان پۇللىرى يېرىم خالتا بولۇپ قالغان ئىكەن، ئۇنى ئاپتۇ، بالىسىنى كۆتۈرۈپتۇ. جازا تېغى تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ، بالىسىنى كۆتۈرگەن ھالدا جازا مەيدانىغا كىرىپ كەپتۇ. ئۇدۇل پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئىجازەت بولسا ئىككى كەلىمە سۆزۈم بار ئىدى، - دەپتۇ. - ئىجازەت، - دەپتۇ يەنە پادىشاھ. - بىرسى مۇشۇ نارسىدە بەختسىز ئوغلۇمنى قوشنامغا تاپشۇرۇپ بەرسەم، يەنە بىرسى، ھالال ئەمگىكىم بىلەن يىغقان يېرىم خالتا ياچىنىم بار ئىدى. شۇنى خالايىققا سەدىقە قىلىۋالسام. پادىشاھ رۇخسەت قىپتۇ. ئايال بالىسىنى قوشنىسىغا تاپشۇرۇپتۇ. لېكىن بالا ئانىسىغا چىڭ چاپلىشىۋېلىپ، چىقىراپ يىغلاپ، ئاجرىغىلى ئۇنىماپتۇ. لېكىن ئوڭ قول ۋەزىر يۈگۈرۈپ كېلىپ بالىنى ئانىنىڭ باغرىدىن يۇلۇپ ئاپتۇ، ئايالنىڭ قوشنىسىغا ئاسلاننى تاشلىغاندەك تاشلاپ بېرىپتۇ، ئاندىن ياساۋۇللار ئايالنى يالاپ «جازا تېغى» نىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپتۇ. ئايال تاغ ئۈستىدە تۇرۇپ ھېلىقى يىغقان ياچەنلىرىنى خەلققە قارىتىپ چېچىپتۇ. ياچەن كۈمۈش تامچىلار بىلەن قوشۇلۇپ يەرگە چۈشۈپتۇ. خەلق بۆلۈشۈپ ئېلىپ ئايالغا رەھمەت ئېيتىپتۇ ۋە دۇئا ئوقۇپتۇ. جاللاتلار ئايالنىڭ پۇتىنى باغلاپتۇ. چەمبەرچاس باغلانغاندىن كېيىن ئوڭ قول ۋەزىر كېلىپ، ئايالغا مۇنداق دەپتۇ: - ھەي بەغەرەز خوتۇن، شۇنى بىلىپ قويكى، بەگ بىلەن ئېلىشىپ بولمايدۇ، باتۇر بىلەن چېلىشىپ، سەن جاھىللىق قىلماي، ماڭا تەگسەڭ، مۇشۇ دەردى - بالامۇ يوق ئىدى. مانا ئەمدى تېرەڭدە داپ كېرىپ، ئۇستىخىنىڭدا ساپ ياسايمەن، - دەپتۇ ۋە ئۆز قولى بىلەن تىك تاغ چوققىسىدىن ئىتتىرىۋېتىپتۇ. لېكىن كۆپچىلىككە بەرگەن سەدىقىنىڭ ساۋابىدىنمۇ ياكى بۇ ئىشنىڭ ناھەق بولغانلىقىدىنمۇ ئايال يەرگە ساق - سالامەت چۈشۈپتۇ. بۇ خەۋەر شۇ ھامان پادىشاھقا يېتىپ بېرىپتۇ. پادىشاھ «بۇقانداق ھېكمەت؟» دەپ ئۆزى تاغ تاپىنىغا مېڭىپ بېرىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، ئايال تەمكىنلىك بىلەن كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرغۇدەك. شاھ بۇ خاسىيەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئويلىنىپ قاپتۇ. ئوق قول ۋەزىر يەنە قۇتراشقا باشلاپتۇ. لېكىن شاھ ئايالنىڭ گۇناھىدىن ئۆتۈپتۇ. كېلىۋېتىپ بۇ ئايالنىڭ ئوردىغا كىرمەي، باشقا ياققا كەتكىنىنى كۆرۈپ قاپتۇ. پادىشاھ شۇ كۈنگىچە بۇ ئايالنى ئوردىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۋاتىدۇ، دەپ يۈرگەن ئىكەن، ئوردىدىن چىقرىۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىكەن. پادىشاھ بولغان ئىشلاردىن تولۇق خەۋەر تېپىپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىرگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىپتۇ. بۇ پەرمان پۈتكۈل شەھەرگە جاكالىنىپتۇ. پادىشاھ ئوڭ قول ۋەزىرنى تاغدىن دومىلىتىشقا ھېلىقى ئايالنى تەيىنلەپتۇ. جاللاتلار ۋەزىرنى تىك چوققىغا ئەپچىقىپ تۇرغۇزۇپتۇ. ئايال ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: سەن ماڭا قىلمىدىڭ، ئاقىۋەت، ئۆزەڭگە قىلدىڭ. ماڭا كولىغان ئورىغا ئۆزەڭ چۈشتۈڭ. مانا ئەمدى خەلقى ئالەم سېنىڭ رەسۋاچىلىقىنىڭ كۆردى. يوقال دەپ تاغدىن دومىلىتىپتۇ. پادىشاھ ئايالدىن كەچۈرۈم سوراپتۇ. ئايال پادىشاھنىڭ ۋە پۈتكۈل شەھەر خەلقىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە مەدھىيىسىگە سازاۋەر بوپتۇ. ئابرۇي - ئىناۋىتى يۈز ھەسسىلەپ كۆتۈرۈلۈپتۇ. پادىشاھ ئۇنى سول قول ۋەزىرلىككە تەكلىپ قىپتۇ. ئەمما ئايال پادىشاھنىڭ بۇ ھىممەتلىرىگە كۆپتىن - كۆپ رەھمەتلەر ئېيتىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە ئىجازەت سوراپتۇ. ئاخىر روخسەت ئاپتۇ. بۇ ئەلنىڭ خەلقى بىلەن خوشلىشىپ، «بۇ ئەلگە سۇلتان بولغىچە، ئۆز يۇرتۇمغا ئۇلتاڭ بولاي» دەپ، بالىسىنى ئېلىپ، يۇرتىغا قايتىپ كېتىپتۇ. «كىشىنىڭ يۇرتىغا سۇلتان بولغىچە، ئۆز يۇرتۇڭغا ئۇلتاڭ بولغىنىڭ ياخشى» دېگەن بۇ ماقال ئەنە شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق