گىلەمچى يىگىت
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
ئاتام زامانىسىدا بىر باي ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ بىرلا قىزى بولغاچقا، كۆزىگە قاراپ، بېشىنى كۈنىگە ئۈچ ۋاخ تاراپ، يىمەي يىگۈزۈپ، كىيمەي كىيگۈزۈپ چوڭ قىپتۇ. قىز رەسىدە بوپتۇ. باي دەسلەپ «ئۆزەمگە ئوخشاش تولغان بايغا ياتلىق قىلىمەن» دەپ قىز كۆرگىلى كەلگەنلەرنى دەرۋازا سىرتىدىن قايتۇرۇۋېتپتۇ، كېيىن دەرۋازىنى ئاچماي بولماپتۇ.
_ ھەي خوتۇن، - دەپتۇ باي بىر كۈنى قىزنىڭ ئانىسىغا ئاچچىقلاپ، - قىز تاپقانغا تويغۇزىدىغان ئوخشىمامسەن، مېنى؟ يىغقان بايلىقىم كۈيئوغۇل بولغۇچىلارغا داستىخان سېلىپ تۈگەۋاتسا مۆرىمەي ئولتۇرۇشىسەنغۇ؟! قىزىڭغا ئېيت! مېنى بالدۇرراق بىكار قىلسۇن!
ئانا باينىڭ گېپىنى قىزغا يەتكۈزۈپتۇ، ۋە:
_ قىزىم، ھەممىسى ئالدىڭدىن ئۆتتى. ئاتاڭنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان باي يوقكەن. نېمە ئىلاج، باي ئوغلىدىن بىرنى تاللىساڭ، بېشىڭنى ۋاقتىدا ئوڭشاپ قويساق، - دەپتۇ.
_ باي دادامدەك پىخسىق بولىدىغان بولسا، بايغا تەگمەيمەن، - دەپتۇ قىز.
_ ئۇنداق بولسا سودىگەرگە تەگكىن.
_ جېنىم ئانا، سودىگەرنىڭ ئىشى - ھىيلىگەرنىڭ ئىشى، تۇمۇردۇر ئۇنىڭ چىشى، ئۇنداقلارنىمۇ كۆزۈم كۆرمىسۇن، - دەپتۇ قىز، ئانا چالۋاقاپ سوراپتۇ:
_ بايغىمۇ تەگمىسەڭ، سودىگەرگىمۇ تەڭمىسەڭ، شەھەر ئامبىلىنىڭ بەگزادىسىگە تىگەمسەن ئەمىسە؟
_ ئامبال دەمسىنا؟ - ياندۇرۇپ سوراپتۇ قىز، - بىلسەڭ تاتلىق ئانا، سېنىڭ ئۇ بەگزادەڭ ئۆتۈپ كەتكەن قاقۋاش كاداڭ، نەپسى يوغان باداڭ، ئۇنىڭغىمۇ تەگمەيمەن. مېنىڭ كۆڭلۈم ھۈنەرۋەننى تارتىدۇ.
_ ھۈنەرۋەن!؟ كۆڭلۈڭ ئاشۇ ئارقا كوچىدىكى سولتەكلەرنى تارتامدۇ؟ خەپ! داداڭغا ئېيتىپ، تۇغۇلغىنىڭغا تويغۇزمىسام، - ئانا قىزنى دۈشكەلەپ باينىڭ ئالدىغا ھەيدەپ كىرىپ دادخورلۇق ئېيتىپتۇ. باي قىزىنى ھارغىچە سوتلاپتۇ. قىز بولسا ئۆز گېپىدىن تايماپتۇ.
_ نېمە قىلساڭ قىل، لېكىن، مۇشۇ دەقىقىدىن باشلاپ سەن مېنىڭ پۇشتۇم ئەمەس، مەن سېنىڭ داداڭ ئەمەس، كۆزۈمدىن يوقال! -دەپتۇ باي قىزىغا كايىپ.
ئانا باينى گەپكە كۆندۈرەلمەپتۇ. قىز نائىلاج بوغچىسىنى قولتۇقىغا قىسىپ يولغا چىقىپتۇ. ئانا كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ:
_ ئۆزەڭگىمۇ قىلدىڭ بالام، بىزگىمۇ قىلىدىڭ بالام، خەير - يولۇڭ بولسۇن، - دەپ ئۇزىتىپ قويۇپتۇ.
قىز مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، ئاخىر ئاۋات بىر شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ، بوينىنى قىسىپ كوچا ئارىلاپتۇ. ئۇ تۇماقچى، بوياقچى، ئۆتۈكچى، ماتاچى، ئاشپەز، ناۋاي . . . . لارغا سەپسېلىپ كېتىۋېتىپتىكەن، كوچا مەركىزىدە بىر توپ ئادەم دۆۋلىشىپ تۇرغىدەك. قىز توپقا قېتىلىپ، سىغداپ ئالدىغا ئۆتۈپتۇ. قارىسا، قەلەم قاشلىق، قوي كۆزلۈك، مەڭزى توغاچتەك، يۈزىدىن نۇر يېقىپ تۇرىدىغان قاۋۇل بىر يىگىت كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك بىر پارچە گېلەمنى يېيىپ قويۇپ ئولتۇرۇپتۇ.كىشىلەر تالىشىپ سودا قىلىۋېتىپتۇ. قىز پەرەنجىسىنى ئاستا قايرىپ، گىلەمنى سىلاپ تۇتۇپ يىگىتتىن سوراپتۇ:
_ ئۆزلىرى تۇقۇغانمۇ؟
_ ھەئە، ئۆزۈم تۇقۇغان، - دەپتۇ يىگىت جاۋابەن، - شۇغۇنىسى قولۇمغا قول، پۇتۇمغا پۇت بولغىدەك يا بىرەر شاگىرتىم، يا يىپ ئىگىرىپ بەرگۈدەك جورا - ھەمرايىم يوق، دۇكاندا مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلىمەن، دېسىلە خېنىم.
_ يىپلىرىنى مەن ئىگىرىپ بەرسەم قۇبۇل كۆرەرلىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ قىز. يىگىت تازىم قىلىپ:
_ مىڭ مەرتىۋە، تۈمەن مىڭ مەرتىۋە قۇبۇل قىلمامدىغان! - دەپتۇ ۋە گىلەمنى ئېلىشىغا سېتىپ، قىزنى ئۆيىگە باشلاپ مېڭىپتۇ.
گىلەمچى يىگىتنىڭ ئىسىمى لوقمان، قىزنىڭ ئىسىمى بۈھەجەر ئىكەن. ئۇلار يول بويى ھال - مۇڭ ئېيتىشىپ، بىر - بىرىگە ئاشىق بىقارار بولۇشۇپ قاپتۇ. لۇقمان بىر قازان پولۇ ئىتىپ، مەھەللە - كويلىرىنى چاقىرىپ، پەتىسىنى قىلدۇرۇپ بۈھەجەرنى ئۆز ئەمرىگە ئاپتۇ. شۇندىن ئىتىبارەن بۈھەجەر يىپ ئىگىرىپ بوياپ ھارماپتۇ، بازار سودىسىغىمۇ پىشىپتۇ. لوقمان دۇكاندىن چىقماي گىلەم تۇقۇپتۇ. بىر يىل تۇقۇپتۇ، ئىككى يىل تۇقۇپتۇ، ئون يىل تۇقۇپتۇ، گىلەمنىڭ بازىرى سۈرۈپ، لوقمان بېيىپ كېتىپتۇ. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ بۈھەجەرگە:
_ ھۈنەرمۇ قىپتۇق، پۇلمۇ تېپىپتۇق، ئەمدى ئۇنىڭ مېغىزىنى چاقساق، شەھەردە دۇكان ئېچىپ بەرسەم، سىلە ئولتۇرۇپ گىلەم - يىپ ساتساڭلا، گىلەمنى نىمكارلىرىم تۇقۇسا، مەن شەھەر كۆرگەچ ئالەمنى بىر ئايلىنىپ كەلسەم، - دەپتۇ.
بۈھەجەر قوشۇلۇپتۇ. لوقمان پۇختا تەييارلىنىپ، خېچىرلارغا مال ئارتىپ، ئۆزى ئارغىماققا مىنىپ مەشرىققە قاراپ يول ئاپتۇ. يول يۈرۈپتۇ، يۈرسىمۇ مول يۈرۈپتۇ. يەتتىنچى كۈنى بىر ئۆتەڭگە كېلىپ، يۈك - تاقلىرىنى ئەمدى چۈشۈرۈپ تۇرىشىغا قىرىق قاراقچى باستۇرۇپ كەپتۇ - دە، مال - مۈلۈك، پۇل - پۈچەك، ئات خېچىرلارنىڭ بىرىنى قويماي بۇلاپتۇ. نۆۋەت لوقمانغا كەپتۇ.
_ ھەي سودىگەر يىگىت، - دەپتۇ قاراقچىلارنىڭ باشلىقى قىلىچىنى پارقىرىتىپ، - بۈگۈن ئەجلىك توشتى! چاناپ ئۆلتۈرەيمۇ ياكى ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا سۆرىتىپ ئۆلتۈرەيمۇ؟ جاۋابىڭغا خۇشتارمەن.
_ بوينۇم قىلدا باغلاقلىق، لېكىن، بىر شەرتىم بار: خوتۇنۇمنى كۆرىۋالاي، ۋەسىيەتلىرىم بار دەۋالاي، ئاندىن قانداق ئۆلتۈرۈشنى خالىساڭلار شۇنداق ئۆلتۈرۈڭلار، - دەپتۇ يىگىت بېشىنى ئىگىپ، قاراقچى باشلىقى:
_ قولۇمغا چۈشكەنلەرنى تىرىك قويۇۋەتكەن ئەمەسمەن. بوپتۇ، ئۆلۈگۈڭ بولسىمۇ خوتۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىۋالسۇن، - دەپتۇ ۋە شىرىكلىرىگە پەرمان چۈشۈرۈپتۇ، - بۇنى ئۆز ئېتىنىڭ قۇيرۇقىغا سۆرىتىپ ئۇزىتىپ قويۇڭلار.
_ خوپ تەقسىر! - قاراقچىلار قىلىچلىرىنى قېنىغا سېلىپ، لوقماننى چىقىرىتىپ باغلاپ، داقىرىتىپ سۆرەپ ئاتنىڭ قېشىغا ئېلىپ مېڭىپتۇ. شۇ ئەسنادا، قاراقچى باشلىقىنىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى ئەقىل كۆرسىتىپ دەپتۇ:
_ بۇ يىگىت سودىگەر ئەمەس، ھۈنەرۋەندەك قىلىدۇ. ئېلىپ كېتىپ ھۈنەر قىلدۇرساق، بىزمۇ ئاچ - توق قالماس ئىدۇق.
قاراقچى باشلىقى ئۇنىڭ گېپىگە كىرىپتۇ. لوقماننى بوشىتىپ سوراپتۇ:
_ نېمە قىلىدىغان ئادەمسەن؟
_ ھۈنەرۋەنمەن، تەقسىر!
_ نېمە ھۈنىرىڭ بار؟
_ گىلەم تۇقۇيالايمەن، يىپ ئىگىرىپ بويىيالايمەن.
قاراقچىلار لوقماننىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ خۇش بولۇپ، بىللە ئېلىپ كېتىپتۇ. تۇرۇشلۇق ئۆڭكۈرگە بېرىپ، ئوجىغا چۈشكەن يىمەكلىكلەرنى بۇلاپ - تالاپ يىيىشىپ، قورسىقىنى راسا تويغۇزۇشۇپتۇ، ئارغىماقنى ئۆلتۈرۈپ داشقا تاشلاپتۇ. قاراقچىنىڭ باشلىقى ئۈچنى كىكىرىپ، بۇرۇتىنى تولغاپ قولىقىغا ئالماپ تۇرۇپ دەپتۇ.
_ ئەي يىگىت، ھۈنىرىڭنى كۆرسەت، مەن كۆرەي.
لوقمان گىلەمنى ھەر - خىل يىپ، دۇكان، ئەسۋاپ بولمىسا تۇقۇغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. قاراقچى باشلىقىنىڭ زەنى ئۆرلەپ كايىپتۇ، قىلىچنى قېنىدىن سۇغۇرۇپ شىلتىماقچى بولۇپ تۇرغاندا، ھېلىقى مەسلىھەتچى تۇسۇپ:
_ تەقسىر، ئۇنىڭ دېگەنلىرى توغرا، يىپ ، ئەسۋاپ تېپىپ بېرەيلى، - دەپتىكەن، قاراقچى باشلىقى ماقۇل كەپتۇ ۋە سوراپتۇ:
_ ھەي گالۋاڭ يىگىت، سەن ئېيتقان نەرسىلەر نەدە بار؟ تېز ئېيت!
_ مەغرىپتىكى شەھەردە، بىر ئايال ساتىدۇ، يىپلىرى خىل، ئەسۋاب - جابدۇقلىرى تەق، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ لوقمان.
قاراقچى باشلىقى تۆت قاراقچىنى بايۋەچچىدەك كېيىندۈرۈپتۇ.
لوقمان قاراقچىلار بۇلىۋالغان گىلەم خورجۇننى ئالدۇرۇپ چىقىپ، رەڭدار ئارقاق يىپىدىن بىر تال سۇغۇرۇپ، ئورۇش يىپىدىن ھەم ئالدۇرۇپ قاراقچىلارغا تۇتقۇزۇپتۇ، ئەسۋاب نۇسخىسىنىمۇ بىرىپتۇ. تۆت قاراقچى مەغرىپتىكى شەھەرگە قاراپ يۈرۈپ كېتىپتۇ. شەھەردە بۈھەجەرنىڭ دۇكىنىدىن باشقا گىلەم - يىپ ساتىدىغان دۇكان يوق ئىكەن. بۈھەجەر قاراقچىلار ئېلىپ كەلگەن يىپ - ئەسۋاپ نۇسخسىنى كۆرۈپ، «ئېرىم گىلەمچىلىك دۇكىنى قۇرماقچى ئوخشايدۇ، بۇلار ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى بولسا كېرەك» دەپ ئويلاپ، ئەڭ ئېسىل، رەڭدار يىپ خىللىرىدىن ئىككى قاپ بېرىپتۇ. ئەسۋاپ - جابدۇقنىمۇ كېچىكتۈرمەپتۇ. قاراقچىلارنى مېھمان قىلىپ ئۇزىتىپ قويۇپتۇ.
قاراقچى باشلىقى لوقماننى ئۆڭكۈردىكى ئەڭ ئىچكىرى«كىرىشى بار، چىقىشى يوق» بىر ئۆيدە گىلەم تۇقۇشقا بۇيرۇپتۇ. لوقمان كېلىشتۈرۈپ، بىر پارچە گېلەم تۇقۇپتۇ. گىلەمگە ئۆزىنىڭ قەيەردە ، قانداقسىغا قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقى، گىلەم ساتقىلى بارغانلارنىڭ قاراقچى ئىكەنلىكىنى خەت بىلەن ئىزھار قىپتۇ. قاراقچىلار تۇرۇشلۇق جاي ۋە ئۆزى قامالغان ئۆينىڭ، يولنىڭ خەرىتىلىرىنى چۈشۈرۈپتۇ، قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىپتۇ. گىلەمگە سۇپۈركۈپ ئېغىرلاشتۇرۇپتۇ. قاراقچى باشلىقى ئىككى قاراقچىنى گىلەمنى سېتىپ كېلىشكە تەيىنلەپتۇ. ئىككىسى كۆتۈرەلمەپتۇ، تۆتى كۆتۈرەلمەپتۇ، ئالتىسى كۆتۈرەلمەپتۇ، ئاخىرى سەككىزى كۆتۈرۈپ، شەھەرگە ئېلىپ مېڭىپتۇ. بۈھەجەرنىڭ دۇكىنىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. بۈھەجەر گىلەمدىكى خەتلەرنى ئوقۇپ، خەرىتىلەرنى كۆرۈپ ئەھۋالنى چۈشىنىپتۇ. گىلەم ساتقىلى كەلگەن سەككىزقاراقچىنى مېھمانغا تەكلىپ قىلىپ، ئۆيگە سولاپ يۇقىتىپتۇ. ئاندىن لوقماننىڭ ۋاپادار دوست - يارەنلىرىدىن ئاتمىشنى تاللاپ ئارغىماقلارغا مىندۈرۈپ، ئۆزى سەردار بولۇپ، قاراقچىلار ماكانىغا قاراپ ئات ساپتۇ.
قاراقچىلار گىلەم ساتقىلى كەتكەن ھەمراھلىرىنىڭ يوللىرىغا قاراپ، ئاچلىقتىن لەۋلىرىنى شوراپ، گەمىلىرىدىن چىقىپ ئۆتەڭدە كارۋان ساقلاپ تۇرۇشقىنىدا، بۈھەجەرلەر دەشتى چاڭ كەلتۈرۈپ، قىلىچلىرىنى ئوينىتىپ، ئۇچقاندەك يېتىپ كەپتۇ.
_ سىلەر قايسى پادىشاھنىڭ لەشكەرلىرى؟ نەگە بارىسىلەر؟ - دەپ سوراپتۇ قاراقچى باشلىقى بۈھەجەرنىڭ ئالدىغا چىقىپ. بۈھەجەر:
_ پىقىر سېنىڭ قولۇڭدىكى گىلەمچى يىگىتنىڭ خوتۇنى، بۇلار ئۇنىڭ لەشكەرلىرى، - دەپتۇ - دە، قىلىچىنى بىرلا شىلتاپ، قاراقچى باشلىقىنىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ. قالغان قاراقچىلار قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ بۈھەجەرگە ئېتىلىپتۇ. لوقماننىڭ دوستىلىرى ئارغىماقلىرىنى چاپتۇرۇپ، قىلىچ - نەيزىلىرىنى ئوينىتىپ، قاراقچىلار سېپىگە بۆسۈپ كىرىپتۇ. جەڭ باشلىنىپ كېتىپتۇ.
قىلىچ - نەيزەۋازلىق ئۈچ كېچە - كۈندۈز داۋاملىشىپتۇ. بۈھەجەرلەر قاراقچىلارنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆتەڭنى تىنىچلاندۇرۇپتۇ؛ قاراقچىلارنى ئۆڭكۈر - لەخمىلىرىنى تىنىتىپ لوقماننى قۇتقۇزۇپ چىقىپتۇ.
لوقمان بىلەن بۈھەجەرنىڭ شەھەردىكى گىلەمچىلىك ھۈنىرى يېڭىۋاشتىن گۈللىنىپ كېتىپتۇ. بالىلىرىمۇ چوڭ بولۇپ نىمكارلىرىنىڭ ئورنىنى بېسىپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بۈھەجەرنىڭ ئاتا - ئانىسى قىلغان - ئەتكەنلىرىگە پۇشايمان ئەيلەپ، «ھۈنەرۋەننىڭ قولى گۈل، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىكەن» دېيىشىپتۇ ۋە سۇنغان ھالىنى ئوڭشىماق بولۇپ، لوقماندىن ھۈنەر ئۆگىتىپ قويۇشنى ئۆتۈنمەك بوپتۇ.