ياخىشلىق يەردە قالماس
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئۆتكەن زاماندا بىر كىشى بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئۆزى باي، منىگىنى تاي، خوتۇنى ئاي ئىكەن. لېكىن ئۇ شۇنچە باي، مالدار بولسىمۇ، كۆڭلى كۆمۈر، يۈرىكى تۆمۈرگە ئوخشاش بولۇپ، بىر - ئىككى ئايلىق يەردىكى تېرىقتەك ئالتۇن باينىڭ يۈرىكىنى كەھرىۋادەك تارتىدىكەن. باينىڭ پۇل تولىماقتىن باشقا غېمى يوق ئىكەن. ئۇ يەنە ئۆزى بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرىدىغان بايلارنىڭ كەينى - كەينىدىن پانى دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئۆزىگىمۇ نۆۋەت كېلىپ قالغانلىقى، ئەتە ياكى ئۆگۈن سالام بېرىپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كېتىدىغانلىقتىن ئەنسىرەيدىكەن. >شۇنچە جاپا - مۇشەققەتلەر بىلەن يىغقان پۇل - مېلىمنى قانداق تاشلاپ كېتەرمەن، ئۇنى ئېلىپ كەتكىلى بولماسمۇ؟ ئەگەر ئېلىپ كەتمىسەم بۇنچىۋالا دۇنيانى ئوغلۇم نېمىگە سەرپ قىلار؟< دېگەن ئوي ئۇنىڭ كاللىسىدىن چىقمايدىكەن. ئۇنىڭ بايۋەچچە ئوغلى 20 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، باينىڭ ئوغلى بولغىنىغا يارىشا مىر ماتا كۆڭلەكنى يېڭىغىنا كىيگەن، بەش تەڭگە پۇلنى ئۆز قولى بىلەن تۇتۇپ خەجلىگەن ئەمەس ئىكەن.
باي ئويلا - ئويلا ئاخىرى: >مەن ئۆلسەم ھەممە تەئەللۇقڭنى بىللە ئېلىپ كېتەلمەيمەن، بۇلار ھەر قاچان ئوغلۇمغا قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆزۈمنىڭ ئوچۇقىدا تىجارەتكە سالاي، سودا - سېتىق ئىشلىرىغا پىشىپ، پۇل تېپىش يولىغا چۈشەنسۇن< دېگەن پىكىرگە كەپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى باي بايۋەچچىگە مىڭ تەڭگە بېرىپ:
- مەن، بۇ پۇلنى ئېلىپ بازارغا بېرىپ بېشىڭنى پىشۇرۇپ كەل، - دەپتۇ.
- باشنى قانداق پىشۇرىمەن؟ - دەپ سوراپتۇ ئوغلى ھاڭ - تاڭ بولۇپ.
- ھەي ئەخمەق، - دەپتۇ باي ئوغلى بايۋەچچىگە، - سەن بۇ پۇلنى ئېلىپ بازارغا چىققىن، باش پىشۇرۇش دېگەن، بىر نەرسىلەرنى ئەرزان سېتىۋېلىپ، قىممەت سېتىش، دېگەن گەپ.
بايۋەچچە پۇلنى ئېلىپ بازارغا چىقىپ ئارىلاپتۇ، ئەمما كۆڭلىگە يارىغىدەك نەرسە تاپالماپتۇ. بايۋەچچە بازاردىن چىقىپ ئۆستەڭ بويىغا كەلسە، بىر توپ بالىلار بىر ئېتىنى بوينىدىن باغلىۋېتىپ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرگىلى ئاز قاپتۇ. بايۋەچچە بالىلارغا مىڭ تەڭگىنى بېرىپ، ئېتىنى ئۆيگە ئېلىپ كەپتۇ. دادىسى بۇنى كۆرۈپ قاتتىق خاپا بولۇپتۇ، ئاخىرى ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ، يەنە مىڭ تەڭگە بېرىپتۇ. بايۋەچچە بازارغا كېتىۋاتقان ئىكەن، بالىلار بىر مۈشۈكنى ئويناپ، ئۇرۇپ، ئېتنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ. بايۋەچچە مۈشۈكنى مىڭ تەڭگىگە سېتىۋېلىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەپتۇ. دادىسى يەنە خاپا بولۇپتۇ. ئاخىرى ئاچچىقىغا ھاي بېرىپ، ئوغلىغا يەنە مىڭ تەڭگە بېرىپتۇ.
- ھەي دادا، - دەپتۇ بايۋەچچە، - ھەر نۆۋەت قىلىپ كەلگەن سودامنى ياقتۇرمايسىز، ئەمدى ئالىدىغان نەرسىنى ئۆزىڭىز ئېيتىپ بېرىڭ.
- ھەي ئەخمەق، - دەپتۇ بوۋاي، - بازاردا نېمە يوق بولسا شۇنى ئال، نېمە كۆپ بولسا ئۇنى ئالما.
بايۋەچچە يەنە بازار ئارىلاپ، بازاردا يوق نەرسىنى ئىزلەپتۇ، ماڭا - ماڭا بازاردىن چىقىپ، ھېلىقى بالىلارنىڭ قېشىغا بېرىپ قاپتۇ. بالىلار بىر يىلاننىڭ بالىسىنىڭ قۇيرۇقىدىن تۇتۇپ >سا - سا - سا< دەپ ئاسمانغا ئېتىپ ئويناۋاتقان ئىكەن، >دادام دېگەن بازاردا يوق نەرسە مۇشۇ ئەمەسمۇ< دەپ بالىلارغا مىڭ تەڭگىنى بېرىپ، يىلاننىڭ بالىسىنى سېتىۋاپتۇ.
- سەن ئۈچ مىڭ تەڭگىنى يوق قىلدىڭ، - دەپتۇ دادىسى غەزەپلىنىپ، - ئەمدى مال - دۇنياىم كىمگە قالسا قالسۇن، ساڭا تۇتقۇزمايمەن! نەگە بارساڭ بار، ساڭا ئوخشاش بالام يوق، ئىككىنچى كۆزۈمگە كۆرۈنمە!
بايۋەچچە بازاردىن ئۈچ مىڭ تەڭگىگە ئالغان ئىت، مۈشۈك ۋە يىلاننىڭ بالىسىنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپتۇ - دە، بېشى قايغان، پۇتى تايغان تەرەپكە مېڭىپتۇ.
بايۋەچچە چۆل - جاڭگاللارنى ئارىلاپ مېڭىپتۇ. ئىت - مۈشۈك، يىلان ئۇنىڭغا ھەمرا بولسىمۇ، ئۇنىڭغا يىگىدەك ئوزۇق تېپىپ بېرەلمەپتۇ. بايۋەچچىنى غەم بېسىپ، نېمە قىلارنى بىلمەي، بىر قومۇشلۇققا كېلىپ قاپتۇ. بۇ چاغدا قوينىدىكى يىلان بېشىنى چىقىرىپ:
- نېمىشقا غەمكىن بولۇپ قالدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلارمەن، دەم غەم قىلىۋاتىمەن، - دەپتۇ بايۋەچچە.
- سىز غەم قىلماڭ، - دەپتۇ يىلان بالىسى، - مەن يىلانلار پادىشاھىنىڭ ئوغلى شاھزادە بولىمەن، ئاتامنى >شاھى ماران< دېسە بىلمەيدىغىنى يوق. سىز مېنى سېتىۋالغىنىڭىز ئۈچۈن مۇشۇنداق غۇربەتچىلىككە قالدىڭىز. مانا بۇ كۆرۈنگەن قومۇشلۇقنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى دۆڭلۈكتە ئاتامنىڭ ئوردىسى بار. مېنى شۇ يەرگە ئېلىپ بېرىڭ. مەن ئاتامغا ئەھۋالنى بايان قىلاي، ئاتام ناھايىتى ھىممەتلىك مەرت پادىشاھ، سىزنى ھېچ ۋاقىتتا قۇرۇق قايتۇرمايدۇ. مۇبادا تەلىيىڭىز ئوڭ كېلىپ، ئاتام سىزگە >نېمە سورايسەن< دېسە سىز ئاتامغا >مەن بىر نەرسىنى سورىماقچى ئىدىم، لېكىنن ئۆز بېشىمدىن قورقىمەن< دەڭ. ئەگەر ئاتام ئەپۇ قىلىپ >ھەر قانداق گۇناھىڭ بولسا ئۆتتۈم، سورايدىغىنىڭنى سورا< دەپ قالسا، ئىشنىڭ ئوڭغا تارتقىنى شۇ، قورقماستىن >بېشىڭىزدىكى مۈڭگۈزىڭىزنى سورايمەن دەڭ<. ئۇ مۈڭگۈز قولىڭىزغا كىرسە، ھەممە ئىشىڭىز ھەل بولىدۇ، خالىغان نېمىڭىز ھازىر بولىدۇ.
بايۋەچچە ئەندىشە قىلغاندەك بولۇپتۇ، كېيىن تەۋەككۇل دەپ يىلان بالىسىنىڭ دېگىنى بويىچە قومۇشلۇقنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپتۇ. دۆڭلۈكنىڭ ئۈستى كەڭ مەيدان ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىدە يېيىلىپ يېتىپ كەتكەن يىلانلارنىڭ ھەددى ھېساۋى يوق ئىكەن. بايۋەچچىنى قورقۇنچ بېسىپتۇ. ئارقىسىغا ياناي دەپ تۇرۇشىغا قوينىدىكى يىلان بالىسى شىررىدە قىلىپ سېرىلىپ، يەرگە چۈشۈپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپتۇ.
- سىز مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭ، - دەپتۇ يىلان بالىسى، - بۇلار ئاتامنىڭ ئەسكەرلىرى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ تاشنىڭ يېنىدا ئورام بار. ئاتام شۇ يەردە تۇرىدۇ، مەن ئاۋۋال كىرىپ، ئاتامغا خەۋەر قىلاي، ئاتامنىڭ ئىجازىتىدىن كېيىن سىزنى ئېلىپ كىرىمەن.
يىلان بالىسى ئوردا تەرەپكە ماڭغان ئىكەن، يىلانلار ئوتتۇرىسىدىن يول ئېچىپ بېرىپتۇ. يىلان بالىسى ئاتىسى شاھى ماراننىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ئەھۋاللارنى، بايۋەچچىنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ ئۆيدىن قوغلىۋىېتىلگەنلىكىنى، ھازىر بايۋەچچە ئۆزىنى مۇشۇ يەرگە ئەكىلىپ قويغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. شاھى ماران ئوغلىنىڭ ئامان - ئېسەن كەلگەنلىكىگە تازىمۇ خۇشال بولۇپتۇ ۋە بايۋەچچىنىڭ ئوردىغا كىرىشىگە ئىجازەت بېرىپتۇ. بايۋەچچە يىلان بالىسىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە يىلانلار پادىشاھىغا تازىم بىجا كەلتۈرۈپتۇ.
- بالامغا قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن سورىغىنىڭنى بېرىمەن، نېمە سورايسەن؟ - دەپتۇ شاھى ماران.
- ئۆز بېشىمدىن قورقىمەن، - دپتۇ بايۋەچچە.
- ھەر گۇناھىڭ بولسا ئۆتتۈم، سورايدىغىنىڭنى سورا، - دەپتۇ شاھى ماران.
- ھەي پادىشاھى ئالەم بېشىڭىزدىكى مۈڭگۈزۈىڭىزنى سورايمەن، - دەپتۇ بايۋەچچە.
- خەير، بالامغا قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن بەرسەم بېرەي، - دەپتۇ شاھى ماران ۋە مۈڭگۈزىنى ئېلىپ بايۋەچچىگە بېرىپتۇ.
بايۋەچچە يىلانلار پادىشاھى بىلەن خوشلىشىپ مېڭىپتۇ. يىلان بالىسى بۇ مۈڭگۈزنىڭ خاسىيىتىنى بايۋەچچىگە ئوبدان چۈشەندۈرۈپتۇ. بايۋەچچە شۇ مېڭىشىدا بىر چۆل - جەزىرىگە كېلىپ قاپتۇ. يىلان مۇڭگۈزى قولغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ بېشى پىشقان پەزىلەتلىك ئادەم بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئويىغا چۆللۈكتە شەھەر بىنا قىلىش پىكرى كەپتۇ - دە، تۈز يەرنى تېپىپ، ئۇنىڭغا بىر چوڭ شەھەرنىڭ پىلانىنى سىزىپتۇ، ئاندىن كېيىن:
- ئېشىم ئاش بولسۇن، قولۇمدا ئەنگۈشتىرىم بولسۇن، مۇشۇ چۆللۈكتە بىر شەھەر بىنا بولسۇن، - دەپ بىر ئاز ئۇخلاپتۇ. ئويغىنىپ قارىسا، ئۆزىنى ناھايىتى ئازادە بىرشەھەرنىڭ ئىچىدە كۆرۈپتۇ. شەھەرنىڭ ئىچىدە پادىشاھ ئۈچۈن كاتتا ئوردا سېلىنغان ئىكەن، شەھەر ئەھلى بايۋەچچىنى ئوردىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىپ سايلاپتۇ. ئۇ يىلان مۈڭگۈزىنى ئۈزۈكىنىڭ كۆزىگە ئورناتقۇزۇپ ئاپتۇ.
بىر كۈنى شەھەر ئەھلى پادىشاھنى ئۆيلەپ قويماقچى بولۇپ، يېقىندىكى بىر شەھەرنىڭ پادىشاھىنىڭ قىزىنى لايىق تېپىپتۇ. بۇ قىزنىڭ ھۆسنى - جامالىدىن 14 كۈنلۈك ئاي خىجىل ئىكەن. شەھەر ئەھلى >بۇ قىزغا ئەلچى ئەۋەتسەك ئاتىسى بەرمەيدۇ، پادىشاھىدىن مەسلىھەت سوراپ باقايلى< دېيىشىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ - پادىشاھ:
- بۇنىڭ ئامالىنى ئۆزۈم قىلىمەن، - دەپتۇ ۋە ھېلىقى ئادەملەر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ:
- پالىم پال بولسۇن، ئېشىم ئاش بولسۇن، قولۇمدا ئەڭگۈشتىرىم بولسۇن، خوشنا پادىشاھىنىڭ قىزى مەلىكە دەرھال ئۇشبۇ ئۆيدە ھازىر بولسۇن، - دەپتۇ. ھېلىقى مەلىكە ئىچكىرى ئۆيدىن چىققاندەكلا ھازىر بولۇپتۇ. بايۋەچچە پادىشاھ يەتتە كېچە - كۈندۈز توي - تاماشا قىلىپ، مەلىكىنى نىكاھىغا ئاپتۇ.
مەلىكىنىڭ ئاتىسى قىزىنىڭ تۇيۇقسىز يوقالغانلىقىدىن كۆڭلى ناھايىتى بىئارام بولۇپ تەرەپ - تەرەپكە ئادەم ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈپتۇ. قىزىنىڭ يېڭى شەھەر پادىشاھىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، قىزىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن لەشكەر تارتىپ بايۋەچچە پادىشاھىنىڭ شەھىرىگە كەپتۇ. شەھەر خەلقى ۋەھىمە ئىچىدە قاپتۇ. ئەسكەرلەرنىڭ شەھەرگە بىر چاقىرىم قالغانلىق خەۋىرى يېتىپتۇ. بايۋەچچە پادىشاھ:
- ئۆزۈم چىقىپ كۆرەي، - دەپ تالاغا چىقسا، شەھەر تۆت تەرىپىدىن مۇھاسىرە ئىچدە قالغان، ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى بىلگىلى بولمايدىكەن. پادىشاھنىڭ چىققانلىقىنى كۆرگەن ئەسكەرلەر ئومۇت، توقماق، نەيزە، قىلىچ، ئوقيالىرى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپتۇ. بايۋەچچە پادىشاھ:
- پالىم پال بولسۇن، قولۇمدا ئەنگۈشتىرىم بولسۇن، ئۇشبۇ لەشكەرلەر قوللىرىنى تەڭلىگەن بويىچە بىر قەدەممۇ مىدىرلىماستىن ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ قالسۇن! - دەپتۇ. كۆتۈرۈلگەن قوللار، تەڭلىگەن نەيزە، قىلىچلار شۇ بويىچە تاياق بولۇپ قېتىپ قاپتۇ. ئۇلار شۇ تۇرغىنىچە ئۈچ كېچە - كۈندۈز قېتىپ تۇرۇپتۇ. ئارقىسىدىن كەلگەن پادىشاھنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا باش قويۇپ بۇ شەھەرگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەي قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يالۋۇرۇپتۇ. بايۋەچچە پادىشاھ:
- پالىم پال بولسۇن، قولۇمدا ئەڭگۈشتىرىم بولسۇن، ئۇشبۇ مۇھاسىرە قىلغۇچى لەشكەرلەر ئارقىسىغا يانسۇن، - دەپتۇ. شۇ ھامان لەشكەرلەرگە ۋە ئاتلارغا جان كىرىپ ئۆز شەھىرىگە قايتىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ بۇ ئەھۋالنىڭ جادۇ يولى بىلەن بولغانلىقىنى بىلىپ، جادۇگەر ئىزلەپتۇ.
بۇ شەھەردە مەككارلىقتا ئاتىقى چىققان بىر موماي بار ئىكەن، پادىشاھنىڭ ئادەملىرى شۇ موماينى تېپىپ كەپتۇ. موماي پادىشاھدىن بايۋەچچىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن، بىر نەچچە كۈن يول مېڭىپ، چۆلدىكى يېڭى شەھەرگە كەپتۇ. موماي شەھەرگە كىرىشتىن ئاۋۋال ئۇچراشقان ئادەملەرگە ئۆزىنى بۈۋى قىلىپ كۆرسىتىپتۇ. بىر نەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، شەھەردە >بۈۋى< نىڭ گەپ - سۆزلىرى خېلىلا ئۇلغىيىپقاپتۇ. بەزى ئادەملەر ئاز - تولا نەزىرلىرى بولسا، ساۋابلىق ئىزلەپ >بۈۋى< گە تەقدىم قىلىپتۇ. ئارىدىن بىر - ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، موماي ھەر كۈنى تاڭ سەھەر ۋاقتىدا كېلىپ، بايۋەچچە پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ ئالدىنى سۈپۈرۈپ قويىدىغان بولۇپتۇ. بۇ ئىش داۋام قىلىۋەرگەندىن كېيىن، موماي ئوردا ئەھلىنىڭ كۆزىگە سىڭىش بولۇپ قاپتۇ. ئۇ كېيىن ئوردا دەرۋازىسىنىڭ ئىچىنى سۈپۈرىدىغان بولۇپت، شۇنىڭ بىلەن موماي بايۋەچچە پادىشاھنىڭ كۆزىگىمۇ نەچچە قېتىم چېلىقىپ قاپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ بۇ خوتۇندىن گەپ سورىغان ئىكەن، ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىپتۇ:
- مەن دۇنيالىقنى تاشلاپ، پەقەت ئاخىرەتنى دەپلا ئۆي - ماكانىمدىن ئايرىلىپ، تەركى دۇنيا بولۇپ، شۇ باياۋاندا ئىبادەت قىلىپ يۈرگەن ئىدىم. يېقىندا خىزىر ئەلەيھىسسالام چۈشۈمگە كىرىپ قاپتۇ. خىزىر ئەلەيھىسسالام ماڭا جانابىڭىزنى كۆرسىتىپ: >سەن شۇ پادىشاھنىڭ ئىشىكىدە خىزمەت قىل، قاچان سېنىڭ خىزمىتىڭ پادىشاھقا يەتسە ۋە ئەرزىسە، شۇ چاغدا ئاللاتائاللا ھاجىتىڭنى راۋا قىلىدۇ< دېدى. مەن شۇندىن بېرى بۇ يەرگە كېلىپ شۇ خىزمەتنى قىلىۋاتىمەن. ئەگەر ئىلتىپات بولسا، مەن ھەرەمگە كىرىپ مەلىكەمنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئۆلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئىدى.
ئەمما، پادىشاھ ئۇنىڭ ھەرەمگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلماپتۇ. موماي ئېچىنىشلىق ھالدا يىغلاپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋەزىرنىڭ رەھىمى كېلىپ پادىشاھقا ئىلتىجا قىلىپ تۇرۇۋاپتۇ، پادىشاھ نائىلاج موماينىڭ ھەرەمگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىپتۇ.
موماي پادىشاھنىڭ ھەرەمگە كىرىپ بىرەر ئايغىچە ھېچقانداق سىر بەرمەستىن، ناھايىتى ئۇستىلىق ۋە چاققانلىق بىلەن مەلىكىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپتۇ، بوش ۋاقتىدا ئىبادىتىنى قىلىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، مەلىكىنىڭ ئىخلاسىنى ئاشۇۇرپتۇ. موماي بىرك كۈنى مەلىكىدىن:
- ھەي مەلىكەم، خۇدايىم سىزنىڭ تەلىيىڭىزنى ئوڭ، مەرتىۋىڭىزنى ئۇلۇغ قىلغان ئىكەن، بۇ پادىشاھنىڭ ئەقىدىسىگە چۈشكىنىڭىزگە قانچە يىل بولدى؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئىككى يىل بولدى، - دەپتۇ مەلىكە.
- قانداق تېپىشىپ قالدىڭلار؟
- مەن ئۆز ئۆيۈمدە ئىدىم، بىر كۈنى ئىچكىرىكى ئۆيدىن تاشقىرىقى ئۆيگە چىقىپ كېلىۋاتاتتىم، ئىشىكتىن كىرسەم بۇ ئۆيگە كىرىپ قاپتىمەن.
- بۇنىڭ سىرىنى پادىشاھدىن سوراپ كۆرمىدىڭىزمۇ؟
- ياق.
- ئانداق بولسا، سىلەرنىڭ ئەر - خوتۇنچىلىقىڭلاردا ئانچە ئىشەنچ يوق ئىكەندە!
- قانداق؟
- ئەلۋەتتە ئىشەنچ بولسا بىر - بىرىگە سىرىنى ئېيتىدۇ.
بىر كۈنى مەلىكە پەيتىنى تېپىپ پادىشاھدىن ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى:
- يېڭى ئايغا ئوخشىغان قاشلىرى، چولپاندەك كۆزلىرى، بۇلبۇلنى خىجىل قىلىدىغان سۆزلىرى بار كېلىشكەن يىگىت، مېنى بۇ يەرگە قانداق ئېلىپ كەلدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
- سورىما جېنىم!
- ياق، مەن بىلەي...
- چۈشىنەلمەيسەن.
- مەيلى سۆزلەڭ.
- مەندە... يوق، جېنىم ئېيتمايمەن.
- ماڭا ئىشەنمەيدىكەنسىزدە.
- ئەمدي ئېيتماي بولمدى، مەندە يىلان مۈڭگۈزى بار. شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىش ھەل بولىدۇ.
- ئەجەپ ياخشىكەن، شۇنى ئاڭلىساملا بولدى.
- بۇ يوشۇرۇن سىر، باشقا كىشىگە دېمە.
- ئۆلەي.
بىر كۈنى موماي مەلىكىدىن كوچىلاپ سوراپ يۈرۈپ، مەلىكىنىڭ پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا قانداق كېلىپ قالغانلىقىنىڭ سىرىنى تولۇق بىلىۋاپتۇ. موماي ئەمدى ئەڭگۈشتەرنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ.
- ۋاي مەلىكەم، - دەپتۇ موماي، - ئەر كىشى دېگەنگە ئىشىنىپ بولمايدۇ. خوتۇنۇم دەپ يۈرگەن بىلەن سىزنى بۇ ئۆيدە قويۇپ، يەنە بىر ئۆيگە چىقىپلا بىر قانچە مەلىكىنى ھازىر قىلىپ ئەيش - ئىشرەت تۈزۈپ، يەنە ئۆز جايىغا قايتۇرۇۋەتسە ئۇنى كىم بىلىدۇ. سىزنىڭ ئىشەنگىنىڭىز بىكار كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە ئەڭگۈشتەرنى ئۆزىڭىز ساقلىغىنىڭىز تۈزۈك.
- شۇنداق قىلارمۇ؟
- ئەر كىشى ئۇنداق قىلمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ ماڭىغۇ بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق، مەن سىزنىڭ كېيىنكى كۈندە بارماق چىشلەپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن ئېيتىۋاتىمەن.
مەلىكە ئويغا چۆكۈپتۇ، >سورىسام بولارمۇ< دەپ جىق ئويلانغاندىن كېيىن >ھەر نېمە بولسا بىر سوراپ كۆرەي< دېگەن يەرگە كېلىپ، سوراشقا ۋە ئەڭگۈشتەرنى ئېلىشقا قارار قىلىپتۇ.
پادىشاھ مەلىكىنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرماي، ئەڭگۈشتەرنى بېرىپتۇ، موماي مەلىكىدنن ئەڭگۈشتەرنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەتە - ئاخشىمى مەلىكىگە دىنىي مەسىلە ئۆگەتمەكچى بولۇپتۇ. بولۇپمۇ غۇسۇل ھەققىدىكى مەسىلىگە ناھايىتى ئېتىبار بېرىپتۇ.
- قىزىم، - دەپتۇ موماي، - غۇسۇل قىلغاندا ئادەمنىڭ تېنىدىن چىۋىننىڭ قانىتىنىڭ ئورنىچە يەر چالا قالسا پاك بولمايدۇ.
موماينىڭ بۇ سۆزلىرى مەلىكىنىڭ كۆڭلىگە ئوبدان ئورنىشىپتۇ. جۈمە كۈنى ئەتىگەنلىكى غۇسۇل قىلىۋېتىپ مەلىكە ئەڭگۈشتەر بار ئۇزۈكنى ئىشىكنىڭ يېنىدىكى ئويۇققا قويۇپ قويۇپتۇ. موماي بىر قاچىغا ئىسسىق سۇ، بىر قاچىغا سوغۇق سۇ تەييارلاپ تۇرغان ئىكەن، دەسلەپ مەلىكىنىڭ بېشىغا ئىسسىق سۇ قويۇپتۇ، كېيىن بىردىنلا سوغاق سۇنى قويۇپتۇ.
- پاھ، سۇ ئەجەپ سوغاق ئىكەن، - دەپتۇ مەلىكە.
- كېرەك يوق مەلىكەم، سۇ سوغاق بولسا بەدەنگە پايدىلىق، دەپلا موماي بىر چىلەك سۇغاق سۇنى كۆتۈرۈپ قويۇۋېتىپتۇ. لاغ - لاغ تىتىرەپ كەتكەن مەلىكە ئىسسىققا چىقىشقا ئالدىراپ، ئۈزۈكنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. موماي دەرھال ئۈزۈكنى قولىغا ئېلىپ، چاققانلىق بىلەن ئوردىدىن چىقىپ قېچىپتۇ. موماي ئەڭگۈشتەرنى ئېلىپ شەھەردىن چىقىشىغا ئاۋات شەھەر ئۆز - ئۆزىدىن يوقاپ، ئادەمدىن ئىزمۇ قالماپتۇ. ئوردىمۇ يوق، مەلىكىمۇ يوق. بايۋەچچە ئۆزىنىڭ ئېتى، مۈشۈكى بىلەن ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدىكى چۆل باياۋاندا قاپتۇ.
ئۈچ يىلدىن بېرى پادىشاھلىق قىلىپ، باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتلىنىپ قالغان بايۋەچچە ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئۇچرىغان نەرسىلەرنى يەپ جان بېقىشقا كۆنەلمەپتۇ. كۈندىن - كۈنگە ئورۇقلاپ، يۈزلىرى قورۇلۇپ، كۆزلىرى پۈرۈلۈپ، چىرايلىرى تۈرۈلۈپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئىت بىلەن مۈشۈك مەسلىھەتلىشىپتۇ.
- بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنى مىڭ تەڭگىدىن پۇلغا سېتىۋالغان، يىلان ئۆز خىزمىتىنى ئادا قىلدى. ئەمدى بىز بېرىپ ئەڭگۈشتەرنى تېپىپ كېلەيلى، - دېيىشىپ بايۋەچچىدىن ئىجازەت ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ.
بۇلار بىر نەچچە كۈن يول مېڭىپ، مەلىكىنىڭ شەھىرىگە بىرىپتۇ. ئىش قۇشخانىغا بېرىپ جان بېقىپتۇ. مۈشۈك بولسا پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى تېپىپ، مەلىكىنى تونۇۋاپتۇ. مەلىكىنىڭ دادىسى پادىشاھ يىلان مۈڭگۈزىنى ئۈزۈكتىپ ئاجرىتىپ، ئاغزىغا سېلىپ ساقلاپ يۈرگەن ئىكەن. مۈشۈك پادىشاھقا سۈركىلىپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ نەزىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ئۇخلاۋاتقان ئىكەن، مۈشۈك قۇيرۇقىنى سۇغا چىلاپ كېلىپ، پادىشاھنىڭ يۈزىگە ئۇرۇپتۇ. پادىشاھ چۆچۈپ ئويغىنىپتۇ - دە، باش - كۆزىنى سىلكىپ يەنە ئۇخلاپ قاپتۇ. ئەڭگۈشتەر بولسا پادىشاھنىڭ ئاغزىدىن چىقىپ، تەختنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇ يەردە بىر مۇنچە چاشقانلار ئويناپ يۈرگەن ئىكەن. بىر چاشقان مۈشۈكتىن بۇرۇنراق كېلىپ، ئەڭگۈشتەرنى چىشلەپ ئۇۋىسىغا قېچىپ كىرىپ كېتىپتۇ. بۇ، چاشقانلارنىڭ پادىشاھى ئىكەن، مۈشۈك چاشقاندىن ئەڭگۈشتەرنى ئېلىشنىڭ چارىسىنى قىلىشقا كىرىشىپتۇ - دە، دەرھال بىر تەسۋى تېپىپ، چاشقان ئۇۋىسىغا يېقىن بىر جايدا ئولتۇرۇپ، كۆزىنى يۇمغان ھالدا:
- مەن ئۆزۈم موللا مۈشۈك، چاشقان يىسەم توۋا، مەن ئۆزۈم موللا مۈشۈك، چاشقان يىسەم توۋا، - دەپ ئوقۇشقا كىرىشىپتۇ. چاشقانلاردىن بىرى سىرتقا چىققان ئىكەن، بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ پادىشاھىغا خەۋەر قىلىپتۇ. پادىشاھ بۇنىڭغا ئىشەنمەپتۇ. چاشقانلار مۈشۈكنىڭ توۋىسىغا ئىشىنىپ، مۈشۈكنى ئاقلاقپتۇ.
- خەير، چاشقاننىڭ ئۆلكىسى كەلسە، مۈشۈكنىڭ بۇرۇتىنى چىشلەپ تارتىدۇ، دېگەن گەپ بار، ئۆلۈم گۇناھى بىلەن قاماقتا ياتقان چاشقانلاردىن بىرىنى چىقىرىپ كۆرەيلى، - دەپتۇ چاشقانلار پادىشاھى.
زىنداندىن چىققان چاشقان مۈشۈكنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئالدى - كەينىدىن ئاستا ئۆتۈپ بېقىپتۇ، كېيىچنە مۈشۈكنىڭ بويۇنلىرىغا مىنىپ چۈشۈپ، سەكرەپ خېلى ئويۇنلارنى قىلىپ كۆرۈپتۇ. مۈشۈك زادىلا پەرۋا قىلماي ئۆز ئىبادىتىنى قىلىۋېرىپتۇ، يىغلاپ توۋا قىلىپ، كۆزىدىن ئېرىق - ئېرىق ياشلار تۆكۈپتۇ. ئۇۋا ئاغزىدا ماراپ تۇرغان چاشقانلار پادىشاھى بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېين مۈشۈكنىڭ توۋىسىغا ئىشىنىپتۇ - دە، كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ سىرتقا چىقىپتۇ. مۈشۈك ئۇنى ئوبدان تونۇۋالغان ئىكەن، ئالدىغا كېلىشىگە ئوقتەك ئېتىلىپ، چاشقانلار پادىشاھىنى كاپلا قىلىپ تۇتۇۋاپتۇ. مۈشۈك چاشقانلار پادىشاھىنى يەپ قورساقنى تۇيغۇزۇپتۇ، ئەڭگۈشتەرنى ئاجرىتىپ ئېلىپ، ئىتنىڭ قېشىغا كەپتۇ.
- ئەڭگۈشتەرنى تاپالىدىڭمۇ؟ - دەپتۇ ئىت.
- تاپالمدىم، ئەمدى قايتىپ قايتىپ كېتەيلى، - دەپتۇ مۈشۈك.
- ئەڭگۈشتەرنى تاپماي تۇرۇپ كەتمەيمىز، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ ئىت. مۈشۈك قانچە ھەركەت قىلسىمۇ، ئىت زادىلا ئۇنۇپامتۇ. مۈشۈك ئاخىرى ئەڭگۈشتەرنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئىت ئەڭگۈشتەرنى ئۆزىگە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋاپتۇ. ئۇلار ماڭا - كاڭا بىر دەرياغا كېلىپ قاپتۇ.
- ئەڭگۈشتەرنى بەرمىسەڭ، سۇدىن ئۆتكۈزۈپ قويمايمەن، - دەپتۇ ئىت. مۈشۈك نائىلاج ئەڭگۈشتەرنى ئىتقا بېرىپتۇ. ئىت ئەڭگۈشتەرنى ئاغزىغا سېلىپ، مۈشۈكنى بېشىدا كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان ئىكەن، سۇدا بىر بېلىقنىڭ >پىلتىڭ< قىلىپ ئۈزۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، بېلىقنى تۇتىمەن دەپ ئاغزىنى دەرھال ئاچقان ئىكەن، ئەڭگۈشتەر سۇغا چۈشۈپ، كېتىتۇ. بۇنى بىر بېلىق چىشلەپ قېچىپتۇ. بۇ بېلىقنى مۈشۈك كۆرۈپ قويۇپتۇ. دەريادىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن مۈشۈك:
- قورسىقىمىز ئاچتى، ئاۋۇ كۆرۈنگەن بېلىقچىدىن بىردىن بېلىق سوراپ يەيلى، - دەپتۇ.
- بۇلار بېلىقچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بىردىن بېلىق سوراپتۇ. بېلىقچى ماقۇل بولۇپتۇ. ئىت ئۇدۇل كەلگەن بېلىقنى ئاپتۇ. مۈشۈك قارىسا، بايىقى بېلىق يېڭىلا تورغا چۈشكەن ئىكەن، ئۇ شۇ بېلىقنى ئاپتۇ. مۈشۈك ئەڭگۈشتەرنى ئىتقا ئۇقتۇرماي ئاغزىدا ساقلاپ، بايۋەچچىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ.
- ئەڭگۈشتەرنى تاپتىڭلارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ بايۋەچچە. ئىت:
- تاپالمىدۇق، - دېيىشىگە، مۈشۈك:
- مەن تاپتىم، - دەپ ئەڭگۈشتەرنى بايۋەچچىگە بىرىپلا قېچىپتۇ. ئىت ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ. مۈشۈك دەررۇ سۆگەتنىڭ ئۈستىگە چىقىۋاپتۇ. شۇندىن بۇيان ئىت مۈشۈككە ئۆچ بولۇپ قاپتۇ. مۈشۈك قالغان مۈشۈكلەرگە >ئىت قوغلىسا دەرەخكە چىقىۋېلىڭلار< دەپ نەسىھەت قىلىپتۇ. شۇڭلاشقا ھازىرمۇ مۈشۈكلەر ئىتنى كۆرسە دەرەخكە چىقىۋالىدىكەن.
بايۋەچچە ئەڭگۈشتەرنى قولىغا ئېلىپ، چۆل باياۋاندىكى شەھىرىنى، ئوردىسىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، جادىگەر موماينى ئاتقا سۆرۈتۈپ ئۆلتۈرۈپ، مەلىكىسى بىلەن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ، مەلىكىنىڭ دادىسى كۈيئولىغا قول قويۇپتۇ. مەلىكىمۇ ئەڭگۈشتەرنى ئىككىنچى قولىغا ئالمايدىغان ۋە ئۇنىڭ گېپىنى قىلمايدىغان بولۇپتۇ.