ئورىنى كىم كولىسا ئۆزى چۈشۈر
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن، ئۇ ھەركۈنى ئىشقا چۈشكەندە ئالدى بىلەن دانىمەنلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاقىلانە مەسلىھىتىنى ئاڭلايدىكەن، بۇ ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلانغانىكەن.
ئەنە شۇ يۇرتتا غەيۇر ئىسىملىك بىر دانىشمەن بارىكەن، ئۇ ھەركۈنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرگەندە تۈپتۈزلا:
_ ئەي شاھىم، بىر ئاز پۇقراپەرۋەر بولساڭ، - دەپلا كەينىگە يانىدىكەن.
پادىشاھ دانىشمەنىنىڭ بۇ سۆزىنى كۆڭلىدە قوبۇل قىلىپ، ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ پۇقرالارغا يامانلىق قىلغان - قىلمغانلىقى توغرىسىدا ھەركۈنى دېگۈدەك سۈرۈشتۈرىدىكەن. دانىشمەنمۇ ھەركۈنى كىرىپ، يۇقىرىقى شۇ سۆزنى تەكرارلاپ تۇرىدىكەن. بۇنىڭغا چىدىماي بىر ۋەزىر بىر كۈنى پادىشاھقا:
_ ئى، جاھاننىڭ ئاپتىپى ئۇلۇغ شاھىم! ھېلىقى دانىشمەننىڭ جانابلىرىنى كۆزگە ئىلماي قىلىۋاتقان ئەدەبسىزلىكىگە چىداپ تۇرالمىدىم، پاسىۋانىم، ئىجازەت قىلىسىلا ئېيتىدىغان گېپىم بارىدى، - دەپتۇ.
پادىشاھ ئېيتىشىغا ئىجازەت قىپتۇ. ۋەزىر سۆزىنى باشلاپتۇ:
_ دانىشمەن دەپ ھۈرمەت قىلغانلىرىنى بىلمىگەن ھېلىقى بىرنېمە كوچا - كويلاردا «پادىشاھنىڭ تېنى سېسىقكەن» دېگەن گەپنى تارقىتىپتۇ، ئۇ بەدبەخنىڭ جاناپلىرى ئالدىدا قىلىۋاتقان ئەدەبسىزلىكلىنىڭ ئۆزىمۇ يېتەرلىك ئىدى. بۇنىڭغا چارە قىلمىساق، بۇنىڭدىن ھەر بالا كېلىدۇ. قۇللىرىنىڭ گېپىگە ئىشەنمىسىل، دانىشمەنگە: «يېقىن كېلىپ سۆزلە» دەيدىغان بولىسىلا ئۇ، تۇمشۇقىنى ئېتىپ سۆزلەيدۇ.
پادىشاھ بۇ گەپكە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي، ئەتىسى دانىشمەننى سىناپ باقماقچى بوپتۇ.
ۋەزىر ئۆزگېپىنىڭ توغرا چىقىشى ئۈچۈن بىر ھىيلە ئويلاپ قويغانىكەن. ئەتىسى دانىشمەن ئادىتى بويىچە پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ:
_ ئەي شاھىم، بىر ئاز پۇقراپەرۋەر بولساڭ، - دەپتۇ، پادىشاھ ئەتەيىن:
_ يېقىنراق سۆزلە گېپىڭنى ئاڭلىمىدىم، - دەپتۇ.
دانىشمەن پادىشاھقا يېقىن كېلىپ، ئاغزىنى قولى بىلەن توساپ تۇرۇپ ، سۆزىنى تەكرارلاپتۇ. پادىشاھ كۆڭلىدە ۋەزىرنىڭ گېپىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشىپتۇ - دە، دانىشمەننى جازالىماق بوپتۇ.
پادىشاھ ئادىتى بويىچە ئىنئام بەرسە يارلىقنى ئۆزى يېزىپ، پېچەتلەپ، ئۇنى ئېلىپ بارىدىغان جاينى ئېيتىپ بېرىدىكەن. شۇ ۋەجىدىن دانىشمەنگە يارلىق سېلىنغان بىر لىپاپنى ئۇزىتىپتۇ. دانىشمەن ئۇنى قولىغا ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئوردىدىن چىقسا ھېلىقى ۋەزىر ئۇچراپ:
_ دانىشمەن قايتىپلا، - دەپتۇ - دە، دانىشمەننىڭ قولىدىكى لىپاپقا كۆزى چۈشۈپتۇ، ۋەزىرگە لىپاپىنىڭ ئىچىدە مۇكاپات يارلىقى باردەك بىلىنىپتۇ، شۇڭا ئۇ خۇشامەتكويلۇق بىلەن، - مۇبارەك بولسۇن، - دەپتۇ.
مال - دۇنياغا قىزىقمايدىغان دانىشمەن:
_ ماڭا پۇل كېرەك ئەمەس، كېرەك بولسا بۇنى سىلى ئالسىلا، - دەپ لىپاپىنى ۋەزىرگە ئۇزىتىپتۇ. ۋەزىر تەزىم قىلىپ لىپاپىنى ئېلىپتۇ - دە، خوشلىشىپ ئالدىراش مېڭىپتۇ. ۋەزىر نۇرغۇن مۇكاپات ئالىدىغاب بولدۇم ، - دەپ خوشال بولۇپ خەتنى ئاپىرىدىغان جايغا تاپشۇرغانىكەن. دەرھاللا كاللىسى ئېلىنىپتۇ.
بىر كۈن ئۆتۈپ دانىشمەن يەنە پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئادەتتىكى گېپىنى تەكرارلاپ ماڭماقچى بولغاندا، پادىشاھ ئۇنى توختىتىپ:
_ سەن قانداق قىلىپ ساق قالدىڭ؟- دەپتۇ.
ھەيران بولغان دانىشمەن بولغان ئىشنى سۆزلەپ بەرگەنىكەن، تاقەتسىزلەنگەن پادىشاھ:
ھەي مېنىڭ ۋەزىرىم ناھەق ئۆلۈپتۇ، - دەپ غەزەپلىنىپتۇ.
تېخىمۇ ھەيرانلىقتا قالغان دانىشمەن ئىشنىڭ تېگىنى تەپسىلى سوراپ بىلگەندىن كېيىن، پادىشاھقا مۇنۇلارنى سۆزلەپ بېرىپتۇ:
_ مەن تۈنۈگۈن ئادىتىم بويىچە ئوردىغا كېتىۋاتسام، ۋەزىر ئۇچراپ چايغا تەكلىپ قىلدى. ئۆيگە كىرسەم تاماق ئېتىپتۇ. تاماققا سامساقنى ئىنتايىن كۆپ ساپتۇ، ئىچمەي دېسەم بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن سامساقنى كۆپ يېگەنىكىمدىن، سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا يېقىن كەلگەندە، مەندىن سامساق پۇرىمىسۇن دەپ ، قولۇم بىلەن ئاغزىمنى ئىتىۋالغانىدىم، - دەپتۇ.
پادىشاھ دانىشمەننىڭ ئېيتقانلىرىنى سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن:
- ئورىنى كىم كولىسا ئۆزى چۈشۈر، دېگەن مانا مۇشۇ، - دەپتۇ - دە، دانىشمەننى ۋەزىرلىككە تەكلىپ قىپتۇ.