ئوقۇش ئۈچۈن
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا مۇسا دىگەن بىر ئادەم ئۆتكەن ئىكەن. مۇسانىڭ كېچە - كۈندۈز ئويلايدىغىنى كويقاپقا بېرىپ ئوقۇش ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى مۇسانىڭ تەلىپى ئىجاۋەت بولۇپ، كويقاپقا ئوقۇپ كېلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ. ئۇ يول يۈرۈپتۇ، يول يۈرسىمۇ مول يۈرۈپتۇ. بىر كۈنى تاغ باغرىدىكى بىر تۈپ چىنار تۈۋىگە كەلسە غەلىتە بىر نەرسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. مۇسا قارىسا غەلىتە بىر خىل قۇش بالىلىرى تۇرغۇدەك:
- سىلەر قايسى قۇشنىڭ بالىلىرى؟ - دەپ سورىغان ئىكەن، ئۇلار:
- بىز سۈرمە قۇشنىڭ بالىلىرى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
- ئاتا - ئاناڭلار نەگە كەتتى؟ - دەپ سوراپتۇ مۇسا.
- ئوۋغا چىقىپ كەتتى، - دەپتۇ سۈرمە قۇش بالىلىرى.
- ئاتا - ئاناڭلار قاچان قايتىپ كېلىدۇ؟
- كېلىدىغان ۋاقتىدىن ئۆتتى. نىمە بولدىكىن ھىچ قايتىپ كەلمەيۋاتىدۇ. بىزمۇ ئەنسىرەپ تۇرۇۋاتىمىز. بىر ئەجدىھا كېلىپ بىزنىڭ ئاكا - ئاچىلىرىمىزنى يەپ كەتكەن ئىكەن. ھازىر دەل شۇ ئەجدىھانىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى. ئەجدىھا بىزنى يەپ كېتىدىغان بولدى، - دەپ ۋىچىرلاشقا باشلاپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان مۇسا:
- ئەجدىھا قايسى ياقتىن كېلىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. بۇ سوئالغا سۈرمە قۇش بالىلىرى جاۋاب بېرىپ بولغۇچە ئاسماندا قارا بولۇتتەك بىر نەرسە پەيدا بولۇپتۇ. بۇ قارا نەرسە ئەجدىھا ئىكەن. مۇسا ئەجدىھانى يوقىتىش ئۈچۈن تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ بىر يوغان قورام تاشنى تەييارلاپ تۇرۇپتۇ. ئەجدىھا دەل شۇ تاغنىڭ ئاستىغا كېلىپ چۈشۈپتۇ ۋە سۈرمە قۇش بالىلىرىنى يىمەك بولۇپ، چىنار تۈۋىگە ماڭغاندا مۇسا >يا ئاللانىڭ ئەمىرى بىلەن...< دەپ تاشنى تۆۋەنگە يۇمىلىتىپتۇ. ئەجدىھا تاش ئاستىدا ئۆلۈپتۇ. مۇسا تۆۋەنگە چۈشۈپ ئەجدىھانىڭ گۆشىنى سۈرمە قوش بالىلىرىغا تاشلاپ بېرىپتۇ. ئۇلار ئەجدىھانىڭ گۆشىنى يەپ بولۇپ:
- ئاتا - ئانىمىز كېلىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى. ئۇلار ئۇقۇشماي سىزگە رەھمەت يەتكۈزۈپ قويمىسۇن، - دەپتۇ مۇساغا.
مۇسا ماقۇل بولۇپ، سۈرمە قۇش بالىلىرىنىڭ قانىتى ئاستىغا يوشۇرۇنۇۋاپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي سۈرمە قۇش بالىلىرىنىڭ ئاتا - ئانىسى كۆك ئاسماننى لەرزىگە سېلىپ ئۇچۇپ كەپتۇ. ئۇلار كېلىپلا:
- بالىلىرىم ئادەم ھىدى پۇرايدىغۇ؟ - دەپ سورىغان ئىكەن. سۈرمە قۇش بالىلىرى:
- ئەي ئاتا - ئانا، ۋاپاغا ۋاپا بارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئەلۋەتتە ۋاپاغا ۋاپا بار، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئاتا سۈرمە قۇش. سۈرمە قۇش بالىلىرى بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۇقىراشقان ھالدا:
- بىر يىگىت سىزنىڭ بالىلىرىڭىزنى يەپ كېتىدىغان ئەجدىھانى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى بىزگە تاشلاپ بەردى، - دەپ قانىتى ئاستىدىن مۇسانى چىقىرىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان سۈرمە قۇش:
- ئەي يىگىت، سېنىڭ نىمە تەلىپىڭ بار؟ - دەپ سوراپتۇ.
- مېنىڭ بىرلا تەلىپىم بار. مەن كويقاپقا بېرىپ ئوقۇماقچىمەن، - دەپتۇ مۇسا.
- سەن ناھايىتى ئوبدان چاغدا كەپسەن. كويقاپنىڭ ئېغىزى ئېچىلغىلى بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى، مەن سېنى كويقاپقا يەتكۈزۈپ قوياي، - دەپتۇ ئاتا سۈرمە قۇش. ئۇلار ئۈچ كۈن پۇختا تەييارلىق قىلىپتۇ. تۆتىنچى كۈنى سۈرمە قۇش تەييارلىغان ئۇزۇق - تۈلۈك، سۇ ۋە مۇسانى ئېلىپ غاقىراپ ئۇچۇپتۇ. بىردەمدىن كېيىن بىر مۇزلۇققا كەپتۇ.
- ھازىر نەگە كەلدۇق؟ - دەپ سوراپتۇ مۇسا.
- دوزاخنىڭ ئالدىغا كەلدۇق، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. سۈرمە قۇش. يەنە بىردەم ئۇچقاندىن كېيىن ئىسسىق، ناھايىتى گۈزەل بىر جايغا كەپتۇ.
- ئەمدى نەگە كەلدۇق؟ - دەپ سوراپتۇ مۇسا.
- جەننەتنىڭ ئالدىغا! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ سۈرمە قۇش.
يەنە ئۇزۇن ئۇچقاندىن كېيىن قان دەرياسىدىن، سۇ دەرياسىدىن، ئوت دەرياسىدىن، بوران دەرياسىدىن ئۆتۈپ كويقاپقا يېتىپ كەپتۇ. سۈرمە قۇش پەسكە چۈشۈپ مۇسانى كويقاپ دەرۋازىسىدىن كىرگۈزۈپ قويۇپ:
- ئەي يىگىت، كويقاپ دىگەن مۇشۇ. مەن ھازىر كېتىمەن. ئەگەر بېشىڭغا كۈن چۈشسە بۇنى تېزدىن كۆيدۈر، مەن شۇ زامان پەيدا بولىمەن، - دەپ بىر تال پېيىنى يۇلۇپ بېرىپتۇ - دە، ئۆز ماكانىغا قايتىپتۇ. مۇسا كۇيقاپقا كىرگەندىن كېيىن پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭدىن:
بۇ يەرگە نىمىشقا كەلدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئوقۇغىلى كەلدىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ مۇسا. پادىشاھ:
- ئوبدان گەپ ئىكەن. بىر - ئىككى كۈن مەن بىلەن بىللە ئۇنى - بۇنى كۆرۈپ كۆڭلىڭىزنى ئېچىڭ. ئاندىن كېيىن ئوقۇڭ، - دپتۇ.
پادىشاھ بىلەن مۇسا بىر - بىرىگە ناھايىتى ئامراق بولۇپ قاپتۇ. كويقاپ پادىشاھى ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپتۇ. بۇ پادىشاھنىڭ ئۆيىنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بار ئىكەن. مۇسا ئىككىنچى دەرۋازىدىن ئۆتكەندە قارىسا بىر قەپەزدە چىرايلىق. ئاپئاق بولۇتتەك بىر ئايال تۇرغۇدەك. يەنە بىر ئاجايىپ چىرايلىق بىزەلگەن ئۆيگە كىرسە تاۋار يوتقان - كۆرپىلەر ئۈستىدە بىر ئىت ئېغىناپ ياتقۇدەك. بۇ ئىشلارنى كۆرگەن مۇسا پادىشاھنىڭ خاس ھۇجرىسىغا كىرگەندىن كېيىن سوراپتۇ:
- ئەي پادىشاھى ئالەم، ئىككىنچى دەرۋازىدىن ئۆتكەندە كۆردۈمكى، بىر چىرايلىق ئايال تۆمۈر قەپەزگە سولاقلىق تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بېشىدا زۇلۇم ئوينايدۇ. ئاجايىپ چىرايلىق بىزەلگەن ئۆيدە تاۋار يوتقان - كۆرپە ئۈستىدە بىر ئىت تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بېشىدا بەخت ئوينايدۇ. بۇ زادى قانداق ئىش؟
- سىز سورىماڭ، مەن دىمەي، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ پادىشاھ. مۇسامۇ:
- ياق، ھەر قانداق ئىش بولسا دىسىلە، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ. پادىشاھ ئاخىرى:
- مەن دەيمەن لېكىن دەپ بولۇپلا سىزنى ئۆلتۈرىمەن، بۇنىڭغا چىدامسىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بولىدۇ، - دەپتۇ مۇسا. كويقاپ پادىشاھى ھىكايىسىنى باشلاپتۇ:
- مەن بۇ يەرگە پادىشاھ بولغىلى قىرىق يىل بولدى. ھېلىقى سىز قەپەزدە كۆرگەن ئايال بىلەن ئون ئالتە يىل ئەر - خوتۇن بولغان. كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇ يەتتە باشلىق دىۋىگە ئۈگىنىۋاپتۇ. مەن باشتا ئىشەنمەي يۈردۈم. بىر كۈنى يېرىم كېچە بولغان ئىدى. ئايالىم ئورنىدىن چىقىپ سىرتقا قاراپ ماڭدى. مەنمۇ ئاستا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدىم. ئۇ مېنىڭ كەلگەنلىكىمنى تۇيماي ئۇدۇللا دىۋە بار يەرگە قاراپ يول ئالدى. ئاخىرى بىر غار ئالدىغا يېتىپ باردى. شۇ چاغدا غار ئىچىدىن يەتتە باشلىق دىۋىنىڭ ئاۋازى چىقتى:
- ئەمدى كەلدىڭمۇ؟ مەن بەك ساقلاپ كەتتىم.
- پادىشاھ ئۇخلىماي، كەچ قالدىم. كەچۈرۈڭ، - دىدى ئايال. مەن غەزىۋىمگە پايلىماي دىۋە بىلەن تۇتۇشۇپ قالدىم. ئايالىم دىۋىگە ياردەملىشىپ مېنى تاش بىلەن ئۇردى. بۇ چاغدا دىۋىنىڭ ئىتى ئايالىمنى چىشلەپ يەرگە يىقىتتى. مەن يەتتە باشلىق دىۋىنىڭ ئالتە بېشىنى كېسىپ بولغاندا ھېرىپ قالدىم. ئۇنىڭ بىر بېشى قالغان ئىدى. مېنىڭ كۈچۈم يەتمىدى. ئىت دىۋىنىڭ شۇ يالغۇز قالغان بېشىنى چىشلەپ، يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. مەن ئايالىمنى ئاتقا سۆرىتىپ ئېلىپ كەلدىم. ئەتىسى تۆمۈرچى چاقىرىپ، تۆمۈر قەپەز ياسىتىپ شۇنىڭغا سولىدىم. ئىت ماڭا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئوبدان ئەتىۋارلاپ ياخشى كۈتتۈم. بولغان ۋەقە ئەنە شۇ.
- ئەمدى مەن سىزنى ئۆلتۈرىمەن، - دەپ قىلىچنى قېنىدىن سۇغۇرۇپتۇ. مۇسا:
- مېنى ئۆلتۈرسىلىمۇ، ئۆلتۈرسىلە. ئەمما، مەن مۇسۇلمان ناماز ئوقۇۋالاي، - دەپتۇ. پادىشاھ يول قويۇپتۇ. مۇسا باشقا بىر ئۆيگە كىرىپ پەينى كۆيدۈرگەن ئىكەن، سۈرمە قۇش شۇ ھامان پەيدا بولۇپتۇ - دە، مۇسانى ئۈستىگە مىندۈرۈپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
>ئىت ۋاپا، خوتۇن جاپا< دىگەن ماقال ئەنە شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن.
ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا شەھىرى ئىچىدىن ھۈسەن قۇلپىچى.