گۇمانخور پادىشاھ
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
قەدىمكى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ پادىشاھلىق سەلتەنىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ھاكاۋۇرلىشىپتۇ. دانىشمەن، ئۆلىمالارنىڭ مەسلىھەتلىرىگە قۇلاق سالماي، يۇرتىنى ئۆزى بىلگەنچە سوراپتۇ. كۆڭلىگە ياقمىغان كىچىككىنە ئىشنى كۆرسىلا، باشقىلارنى ئەيىپكار ساناپ ئۆلۈمگە بۇيرۇۋېرىپتۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچلۈك سانايدىكەن. ئەمما قاتتىق قوللۇقنىڭ نارازىلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلەچكە، ئۆزىنىڭ ئۇيقۇلۇق ۋاقتىدىكى مۇھاپىزىتىدىن خاتىرجەم بولالماي قايغۇرىدىكەن. ئۇ، ئۇيقۇلۇق ۋاقتىدا سادىق نەۋكەرلىرى، شاتۇر - مۇلازىملىرى، ۋەزىرلىرى، ھەتتا بالىلىرى مۇھاپىزەتچىلىككە قويۇلسىمۇ، ئۇلاردىن گۇمانسىراپ خەۋپسىنىدىكەن، شۇڭا پادىشاھ كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپتۇ. پادىشاھ بېشىدىكى بۇ غەمنى ساقىت قىلىپ، ياخشى چارە تاپالماپتۇ. ئاخىرى دانىشمەنلەرنى يىغىپ ئۇلاردىن مەسلىھەت ئاپتۇ. دانىشمەنلەرنى يىغىپ ئۇلاردىن مەسلىھەت ئاپتۇ. دانىشمەنلەر ناھايىتى ياخشى چارىلەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما پادىشاھغا ياقماپتۇ، بەلكى، ماڭا قەست قىلىپ، توزاق قۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ئۇلاردىن گومانلىنىپتۇ.
بىر كۈنى پادىشاھ شىكارغا چىقىپ، بۈك - باراقسان ئورمانلىقتىن ئۆتكەندە، شاختىن - شاخقا سەكرەپ، بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئويناپ يۈرگەن مايمۇنلارنى كۆرۈپ ھەۋەس قىلىپتۇ ۋە >مايمۇن ئادەمگە ئوخشايدۇ، لېكىن ئۇ قەست قىلىشنى بىلمەيدۇ< دەپ ئويلاپتۇ - دە، دەرھال ئەمىر قىلىپ مايمۇنلاردىن بىر نەچچىنى تۇتقۇزۇپ، ئوردىغا ئالدۇرۇپ كەپتۇ ۋە مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ، مۇھاپىزەتچىلىكنى ئۈگىتىپتۇ. بىر مەزگىل ئۈگىتىش ئارقىلىق چاققان، تېتىك مايمۇنلار بىر ئوبدان مۇھاپىزەتچى بولۇپ يېتىشىپتۇ. كېچىلىرى ئۇلار قوللىرىغا ئۆتكۈر قېلىچلارنى ئېلىپ، پادىشاھنىڭ كارۋېتىنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، پادىشاھنى مۇھاپىزەت قىلىدىكەن، ھېچكىمنى پادىشاھنىڭ يېنىغا يولاتمايدىكەن، بۇنىڭدىن رازى بولغان پادىشاھ ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ مايمۇنلارنى مۇھاپىزەتچىلىككە قويغانلىقىدىن پەخىرلىنىپتۇ.
ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە پادىشاھ چاھار باغدىكى شىپاڭلارنىڭ بىرىنى راسلىتىپ، كېچىسى شۇ يەردە راھەتلىنىپ ئۇخلاپتۇ. ئەتراپىغا نۇرغۇن شام يېقىپ، شىپاڭنىڭ ئىچىنى كۈندۈزدىكىدەك يورۇتۇپتۇ. مايمۇنلار پادىشاھ ياتقان كارۋاتنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ، قىلىچلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا پادىشاھنى قورۇقلاپتۇ. تۈن كېچە بولغاندا، شام ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرگەن چوڭ بىر پەرۋانە ئۇچۇپ ئەگىپ كېلىپ ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلاۋاتقان پادىشاھنىڭ پىشانىسىگە قونۇپتۇ. ئۆز خىزمىتىنى سادىقلىق بىلەن ئۆتەۋاتقان مايمۇن پەرۋانىنىڭ پادىشاھنىڭ پىشانىسىگە قونۇۋالغانلىقىنى كۆرۈپ دەرغەزەپكە كەپتۇ - دە، قىلىچىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ، پەرۋانىغا قاتتىق ئۇرغانىكەن، پەرۋانە ئۇچۇپ كېتىپ، پادىشاھنىڭ بېشى تېنىدىن ئاجراپ، مايمۇننىڭ ئالدىغا دۇمىلاپ چۈشۈپتۇ.