UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقچېچەن تاز

چېچەن تاز

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇندىن بۇرۇن، ساقىلى ئۇزۇن، ئۆمرىدە ئوغۇل كۆرمىگەن بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. بۇ پادىشاھنىڭ ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس، سۇمبۇل چاچلىق، قارا قاشلىق، قىلىقى تاتلىق، بىر تاللا قىزى بار ئىكەن. پادىشاھ بۇ قىزىنى >كىمكى ماڭا گەپ تېپىپ سۇئالىمغا جاۋاب بېرەلىسە، بېرىمەن، بولمىسا كاللىسىنى ئالىمەن< دەپتۇ. شەھەر - شەھەرلەردىن، يىراق يەرلەردىن نى - نى پادىشاھلارنىڭ شاھزادىلىرى، چېچەنلەرنىڭ چېچەنلىرى كېلىپ پادىشاھنىڭ سوئالىغا جاۋاپ تېپىپ بېرەلمەي ئالەمدىن ئادا، جېنىدىن جۇدا بولۇپ كېتىپتۇ. خالايىقنىڭ ھەممىسى >بۇ بىر بالا بولدى< دەپتۇ. بۇ شەھەردە بىر ناۋاي بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى بار ئىكەن. بالىلىرىنىڭ ئىككىسى ساق، بىرى تاز ئىكەن. ساق ئوغۇللىرى بېرىپ پادىشاھقا گەپ تېپىپ بېرەلمەي ئۆلۈپ كېتىپتۇ. بوۋاي بۇ ئىككى ئوغلىدىن ئايرىلىپ ھەر كۈنى ھەسرەت چېكىدىكەن. تاز بۇ ئەھۋالغا قاراپ كۈلۈۋېتپتۇ. بوۋاي تاز ئوغلىغا غەزىپى كېلىپ كايىپتۇ. تاز يەنە كۈلۈپ: - ئاچچىقلانماڭ دادا، مەن پادىشاھنىڭ گېپىگە گەپ، سوئالىغا جاۋاپ تېپىپ، قىزنى سىزگە كېلىن قىلىپ بېرىمەن، - دەپتۇ - دە، بوۋاينىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. پادىشاھ: ھە تاز، سەن نېمىگە كەلدىڭ؟ - دەپتىكەن، تاز: - پادىشاھىم، ئالدىلىرىغا مەنمۇ كېلىپ قالدىم. دەريانىڭ ئۇ قېتىغا تېرىق تېرىپ بۇ قېتىدا تۇرۇپ ئورۇۋالدىم، - دەپ نەزمە بىلەن جاۋاب بېرىپتۇ. پادىشاھ: - دەريانىڭ كىچىكتۇ، تاز، بولمىسا سەن بىر ماز، دەپتۇ. تاز: - دەريا چوڭ دەريا ئىدى، ھېچ دەريا يېتەلمەيتتى. ئاق غاز بىلەن قارا غاز، ئۈچ قونۇپ ئۆتەلمەيتتى. دەپتۇ. پادىشاھ: - غازلىرىڭ كىچىكتۇ، تاز؟ يا ئورۇق، ۋىجىكتۇ، تاز؟ دەپتۇ. تاز: - غاز بولغاندا غاز ئىدى، مىڭ غاز ئۇنداق بولمايتتى. ئاق ئۆي بىلەن قارا ئۆينى، قانىتىغا ئىلمايتتى. دەپتۇ. پادىشاھ: - ئۆيۈڭ كىچىك كاتەكتۇ؟ يا بولمىسا چىپلەكتۇ؟ دەپتۇ. تاز: - ئۆي بولغاندا ئۆي ئىدى، ھېچ ئۆي ئاڭا يەتمەيتتى. پەگادا ئېشەك ھاڭرىسا، ئۇنى تۆرىگە يەتمەيتتى. دەپتۇ. پادىشاھ: - ئېشىكىڭ ئورۇقتۇ، تاز؟ يا كىچىك، قورۇقتۇ، تاز؟ دەپتۇ. تاز: - ئېشىكىم ئېشەك ئىدى، خويما چوڭ ئېشەك ئىدى. گەر سويسىڭىز تېرىسى، مىڭ قۇلغا تۈشەك ئىدى. مىڭ قۇلغا كۆرپە چىقىپ، قىشتىن ساق چىقىراتتى. ئاشقىنى قىزىڭىزغا، ئويماقچە بولۇپ قالاتتى. دەپتۇ. پادىشاھ ھېچ نەرسە دېيەلمەي، ئاغزى گەپكە كەلمەي >قىزىم بىلەن سۆزلەشكىن< دەپتۇ. تاز سۆزلەشكىلى قىزنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. تازنىڭ كىرىشى بىلەنلا قىز: - قىزلار - قىزلار، بۇنى كۆر، بېشى پاخشەك تازنى كۆر. قېتىق بېرىپ بۇ تازغا، ئايدىن - ئايغا قوغلاپ سۈر. دەپتۇ. تاز: - قېتىق بەرسەڭ ئىچەرمەن، ساڭا قېتىلىپ كېتەرمەن. دەپتۇ. قىز: - قىزلار - قىزلار بۇنى كۆر، بېشى پاخشەك تازنى كۆر. قېمىز بېرىپ بۇ تازغا، قىردىن - قىرغا قوغلاپ سۈر! دەپتۇ. تاز: - قېمىز بەرسەڭ ئىچەرمەن، قىردىن ئېشىپ يېتەرمەن. دەپتۇ. قىز: >توختاڭلار، بۇ تاز خېلى گەپكە ئۇستىدەك قىلىدۇ، بۇنىڭغا ئەمدى سوئال قويۇپ باقاي< دەپ سۆزنى باشلاپتۇ: - يىراق يەردە ئۆت كۆيەر، ئېيتىپ بەر، تاز بۇ قەيەر؟ تاز: - يىراق يەردە ئوت كۆيگەن، بۆرە كۆزى چەكچەيگەن. دەپتۇ. قىز: - سۇدا قوزىلار مەرەر، ئېيتىپ باق، بۇ نېمىلەر؟ دەپتۇ. تاز: - قوزا دېگەن پاقىلار، پاقا سۇدا كۇكىرار. دەپتۇ. قىز: - كۆك ئاسماندا جىق يۇلتۇز، ھەممىسىدە ئوخشاش رەڭ. ئەمما ئۇلار چوڭ - كىچىك، پەقەت ئىككىسىلا تەڭ. ئېيتىپ باق، تاز، بۇ نېمە؟ دەپتۇ. تاز: - كۆك ئاسماندا كۆپ يۇلتۇز - ئادەمزات ئەمەسمۇ؟ پەقەت ئىككىسى تەڭ يۇلتۇز - بىز ئىككىمىز ئەمەسمۇ؟ دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزمۇ تازنىڭ گەپدانلىقىغا قول قويۇپ تېگىشكە رازى بولۇپتۇ، لېكىن پادىشاھ قىزىنى تازغا بەرمەسلىكنىڭ كويىغا چۈشۈپ: - ئەتە مەن ئورنۇمدىن قوپقۇچە بىر جۈپ يولۋاس، بىر جۈپ ئېيىق، بىر جۈپ بۆرە، بىر جۈپ تۈلكە تۇتۇپ كېلىپ، ئوردامدا ئوينىتىپ تۇرىسەن، ئاندىن كېيىن، قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ قىزىمنى ساڭا بېرىمەن، - دەپتۇ. تاز >ماقۇل< دەپتۇ ئۆيگىمۇ بارماي تاغقا كېتىپتۇ. تاغدىن ئۇ جۈپ - جۈپ يولۋاس، ئېيىق، تۈلكە، بۆرىلەرنى ھەيدەپ كېلىپ ئوردىنى تولدۇرۇۋېتىپتۇ. پادىشاھ بۇنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپ: - جېنىم كۈيئوغلۇم، بۇ نېمىلەرنى ئۆز جايىغا ياندۇرۇۋەتكىن، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ. تاز جانىۋارلارنى بىر بۇيرۇق بىلەن ياندۇرۇۋېتىپ، پادىشاھنىڭ قېشىغا كىرسە: - ئون كۈندىن كېيىن كەلگىن، شۇ چاغدا توي قىلايلى، - دەپتۇ."تاز دېگەن قەرەلدە كەلسە، پادىشاھ خەزىنىسىدىكى دۇنيادىن، مال - مۈلكىدىن ھېچ نەرسە قويماي ئېلىپ، شەھەرنى تاشلاپ قېچىپ كېتىپتۇ. تاز >خەپ< دەپ ئېغىلغا كىرسە، پادىشاھنىڭ بىر قوتۇر ئۆلەرمەن ئېتى تۇرغۇدەك. تاز قوتۇر ئاتنى يېتىلەپ ئۆيىگە ئاپىرىپ، ھەر كۈنى كۆمەچ نان بېرىپ راسا بېقىپتۇ. ئات سەمىرىپ ئالامەت بىر دۇلدۇل بولۇپتۇ. تاز دۇلدۇل ئاتنى مىنىپ پادىشاھنى قوغلاپ مېڭىپتۇ. پادىشاھ: - >كەينىمىزدىن كەلگەن ھەر قانداق ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگىن< - دەپ بىر كاتتا پالۋىنىنى كالا باقتۇرۇپ بىر يەرگە، يەنە بىر پالۋىنىنى يىلقا باقتۇرۇپ بىر يەرگە تاشلاپ كەتكەنىكەن. تاز بىر يەرگە كېلىپ قارىسا، يوغان سېرىق ئۇي مىنىۋالغان بىر پالۋان پادا بېقىپ يۈرگۈدەك. تاز پادىچىنىڭ قېشىغا بېرىپ سۆز سوراي دېگۈچە پادىچى تازنىڭ گەدىنىگە كېلىشتۈرۈپ بىرنى ئۇرۇپتۇ. ئەمما تاز گەدىنىنى تاتلاپ قويۇپ: >ئاچچىقلانما بۇرادەر< - دەپ قويۇپ كېتىۋېرىپتۇ. ھېلىقى پادا بېقىۋاتقان پالۋان >ئەجەبا< دەپ ھەيران قېلىپ، بىر يوغان قورام تاشقا مۇشتۇمى بىلەن بىرنى ئۇرسا، تاش قۇم بولۇپ كېتىپتۇ، شۇندىن كېيىن بېرىپ تازنى ئۇراي دېيىشىگە تاز >پۇھ< دەپتىكەن، پالۋان يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. تاز دۇلدۇلنى يۈگۈرتكىنىچە يىلقىچى باتۇرنىڭ قېشىغا كېلىپ: - مېنىڭ ئاتام بار ئىدى، مىڭ تۆگىسى نار ئىدى. مىڭ نار تۆگە ئىچىدە، قارا بۇغرام يوقالدى. ئۇ بۇغرامنى ئەگىشىپ، سېرىق ھىنگان يوقالدى. ئۇ ھىنگاننى ئەگىشىپ، ناز تايلىقىم يوقالدى. كۆرگەن بولساڭ يىلقىچى، ئېيتقىن بېرەي سۆيۈنچە. دەپتۇ. يىلقىچى: - ئېتىڭ ئورۇق، ھېرىپتۇ، تونۇڭ يىرتىق توزۇپتۇ. بۇرغاڭ، ھىنگان، تايلىقىڭ، بۇ يەردە نىم قىلىپتۇ؟ خويمۇ كەپسەن ئۈلگۈرۈپ، قېنىڭنى ماڭا بۇيرۇپتۇ. دەپتۇ. تازنىڭ بۇ گەپكە غەزىپى كېلىپ، سەككىز تىللىق تاسما قامچىسى بىلەن يىلقىچىنىڭ كاللىسىغا ئەپلەپ تۇرۇپ بىرنى قويۇپتىكەن، يىلقىچى جەھەننەمگە سەپەر قىلىپتۇ. ئاندىن كېيىن تاز دۇلدۇلنى ئوتلىتىۋېلىپ، ئۆزىمۇ بىر ئاز دەم ئېلىۋېلىپ، يەنە مېڭىپتۇ. بىر جايغا كېلىپ قۇل قويچىغا ئۇچراپتۇ، قويچىغا قاراپ: - مېنىڭ ئاتام بار ئىدى، مىڭ تۆگىسى نار ئىدى. مىڭ نار تۆگە ئىچىدە، قارا بۇغرام يوقالدى. ئۇ بۇغرامنى ئەگىشىپ، سېرىق ھىنگان يوقالدى. ئۇ ھىنگاننى ئەگىشىپ، ناز تايلىقىم يوقالدى. كۆرگەن بولساڭ يىلقىچى، ئېيتقىن بېرەي سۆيۈنچە. دەپتۇ. قۇل قويچى: - قارا بۇرغام دېگۈچە، قېيىن ئاتام دېمەمسەن. سېرىق ھىنگان دېگۈچە، قېيىن ئانام دېمەمسەن، نار تايلىقىم دېگۈچە، ئاشىق، جانان دېمەمسەن؟ دەپتۇ. تاز دۇلدۇل ئېتىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، قۇل قويچىنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتىپتۇ. ئىككىسى ئايرىلماس دوست بولۇپتۇ. قۇل قويچى تازغا پادىشاھنىڭ نەگە بارغانلىقىنى، قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى، بىر پادىشانىڭ بالىسىغا قىزىنى بەرمەكچى بولۇپ توي باشلىغانلىقىغا ئوتتۇز توققۇز كۈن بولغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. تاز قۇل قويچىنىڭ مەسلىھىتى بىلەن، موزاي باقىدىغان پادىچى تازنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، پادىچى تازغا ئۆزىنىڭ كىيىمىنى كىيگۈزۈپ، دۇلدۇل ئېتىنى قويۇۋېتىپ، موزايلارنى ھەيدەپ پادىچى قىياپەتتە پادىشاھ تۇرغان مەھەللىگە كىرىپتۇ. ئاندىن پادىشاھنىڭ ئېغىلىغا موزايلارنى ھەيدەپ كىرىپتۇ. پادىشاھنىڭ قىزى بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، ئىنەكلەرنى ئۆزى ساغىدىكەن. موزايلار كەلگەندىن كېيىن قىز ئىنەك ساغقىلى ئېغىلغا چىقىپتۇ. بۇرۇنقى پادىچى تاز، قىز ئىنەك ساغقىلى تۇرغاندا، تىلىدا قىزنىڭ قولىنى يالاپ تۇرىدىكەن. بۇنى ئاڭلىۋالغان چېچەن تاز، بىر موزاينىڭ تىلىنى كېسىۋېلىپ، قىزغا كۆرسەتمەستىن، موزاينىڭ تىلى بىلەن قىزنىڭ قولىنى يالاپتۇ. بۇ چاغدا قىز: - ھوي تاز، بۈگۈن تىلىڭ نېمانچە يىرىك، - دەپتۇ. تاز: - يىرىك ئەمەس ئاپئاق قىز، دىلىڭىز يىرىك بولغاندۇ؟ قولىڭىزنى كۆپ يالاپ، تىلىم يېرىلىپ قالغاندۇ؟ دەپتۇ. قىز چېچەن تازنىڭ بۇ قوشىقىغا ئېتىبار بەرمەي: - جاۋۇلداق تاز، يالاۋەرگىن، - دەپ ۋارقىراپتۇ. چېچەن تاز ئەپچىللىك بىلەن تۆت - بەش قېتىم قىزنىڭ قولىنى يالاپتۇ. بۇ چاغدا قىز خۇشال بولۇپ: - ئەمدى تىلىڭ يۇمشاققۇ، يۈرۈكۈمگە خۇش ياقتى. شۇنداق بولسا ئوبدانغۇ. زادى بۇنداق بولمايتتى؟ دەپتۇ. تاز: - يۇمشىغاندۇ دىلىڭىز، مەندەك غېرىپ بىر تازغا. ھېلىقى تەڭ جۈپ يۇلتۇز، كېپقالغاندۇ يادىڭىزغا. دپتۇ. قىزنىڭ قولى ئىنەكنىڭ ئەمچىكىگە بارماي توختاپ قاپتۇ. >ئۇھ ...!< دەپ تازغا قارىسا، كۈندە موزاي تۇتۇپ بېرىدىغان تاز ئەمەس ئىكەن. ھەيران قېلىپ تازنىڭ ئۈستىبېشىغا قاراپ: - سۆز، چىرايىڭ ئوخشىماس، موزاي تۇتقۇچى تازغا. كۆرەك جۇۋا، ياغاق بۆك، ئاشۇ تازنىڭ ئوخشايدۇ، نېمە بەردىڭ ئۇ تازغا؟ دەپ، تىكىلىپ قاراپ، چېچەن تازنى تونۇۋاپتۇ. ئىككىسى مۇڭدىشىپ تەڭلا خۇشال بولۇشۇپتۇ... خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئىنەكلەر سېغىلماي قاپتۇ. بۇ چاغدا قىزنىڭ ئانىسى >ۋاھ، ئەجەپ كېچىكىپ قالدىغۇ قىزىم، نېمە بولغاندۇ؟< دەپ چىقسا، قىز تازغا يېقىن ئولتۇرۇپ، پاراڭلىشىۋاتقۇدەك، ئانىسى بۇلارنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆيگە كىرىپ، پادىشاھقا ۋەقەنى دەپ بېرىپتۇ. پادىشاھنىڭ بېشىغا غەم چۈشۈپتۇ. ئاخىر بۇ چېچەن تازنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، زىياپەت قىلىپتۇ. پادىشاھ تازنىڭ ئالدىغا قويۇلغان تاۋاقتىكى ئاشقا زەھەر سېلىپ قويۇپتۇ. دادىسىنىڭ بۇ ئىشىنى سېزىپ قالغان قىز باشقىلارغا سەزدۈرمەيلا تازنىڭ ئالدىدىكى تاۋاقنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا تارتىپ، ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى تاۋاقنى تازنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويۇپتۇ. تاز ئاشنى راسا يەپتۇ. باشقىلار >تاز ئەنە ئۆلىدۇ، مانا ئۆلىدۇ< دەپ كۈتۈپتۇ. بۇ چاغدا قىز يالغاندىن ئاش يېگەن بولۇپ: - نېمانچە زەھەر ئاش بۇ؟ - دەپتۇ. قېشىدىكىلەر: >ۋاي ئاللا، تاۋاقلار خاتا قويۇلۇپ قاپتۇ. تاز خاتىرجەم يەۋاتمامدۇ؟< - دەپ بىر - بىرىگە قارىشىپ، غۇلغۇلا قىلىشىپتۇ. قىزنىڭ ئاچچىقى كېلىپ كېتىپ، ئۆزىنىڭ تاۋىقىدىكى ئاشتىن توخۇغا ئۈچ - تۆت تال بېرىپتىكەن، توخۇ شۇ زامان ئۆلۈپتۇ. قىز ئەنە شۇنداق قىلىپ ئاتا - ئانىسىنىڭ سىرىنى پاش قىلىۋېتىپتۇ. پادىشاھ ئەلنىڭ ئالدىدا رەسۋاسى چىقىپ، گەپ قىلالماي قاپتۇ، بولۇۋاتقان توينى بۇزۇپ، قىزىنى چېچەن تازغا بېرىپتۇ. چوڭ توي - تاماشا بولۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق