مەستان كەمپىر
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
قەدىمكى زاماندا بىر پادىشاھ بولغانىكەن، ئۇنىڭ ئۈچ خوتۇنىنىڭ ھېچقايسىسى تۇغماس ئىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پادىشاھ بالىغا زارىكەن.
ئۇ ھەر جۈمە كۈنىدە ۋەزىرلىرى بىلەن ئوۋغا چىقىپ كۆڭلىنى ئېچىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. لېكىن ئوۋغا چىقىش ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك كۆڭۈللۈك بولسا، ئوۋدىن قايتىش شۇنچىلىك كۆڭۈلسىز بولىدىكەن. چۈنكى ھەر قاچان ئوۋغا چىققاندا تاغ - تاشلار، يەلپۈنۈپ تۇرغان گىياھلار، شارقىراپ ئېقىپ تۇرغان تاغ سۇلىرى ۋە سايراپ تۇرغان تۈرلۈك قۇشلار ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاچسا، ئوۋدىن قايتقان ۋاقىتتا ۋەزىرلىىرنىڭ بالىلىرى ئاتىلىرىنى >دادا، دادا< دەپ ئالدىلىرىغا چىقىپ چاقىرىشلىرى، پادىشاھنىڭ ئالدىغا >دادا!< دەپ چىققۇدەك بالىسىنىڭ بولمىغانلىقى ئۇنىڭ يۈرەك - باغرىنى ئېزىدىكەن. شۇنداق چاغلاردا ئۇ كۆڭلى يېرىم بولۇپ ئۆيىگە كىرىدىكەن - دە، تاماقمۇ يېمەي، تالا - تۈزگىمۇ چىقماي يېتىۋالىدىكەن.
كۈنلەردىن بىر كۈنى پادىشاھ يەنە شۇنداق ئوۋدىن قايتقاندا، ۋەزىرلىرىنىڭ ئالدىغا >دادا، دادا< دەپ يۈگۈرۈشۈپ چىققان بالىلارنى كۆرۈپ، يۈرەك - باغرى كاۋاپ بولۇپ ئۆيىگە كىرىپتۇ - دە، بىر ھەپتىگىچە ھېچ يەرگە چىقماي يېتىۋاپتۇ. بىر ھەپتىدىن بېرى پادىشاھنى كۆرمىگەن دوست - يارەنلىرى >پادىشاھى ئالەم بىر نەچچە كۈندىن بېرى كۆرۈنمەي قالدى، ئاغرىپ - تارتىپ قالدىمىكىن ئۇنى يوقلاپ كېلىلى< دەپ پادىشاھنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. قارىسا، پادىشاھ بېشىنى ساڭگىلىتىپ، ئېڭىكىنى تۇتقىنىچە خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرغان. دوست - يارەنلىرىنى كۆرگەن پادىشاھ بېشىنى كۆتۈرۈپ:
- كېلىڭلار دوستلىرىم، كېلىڭلار! - دەپ تۆرىگە تەكلىپ قىلىپتۇ. دوستلار ئولتۇرۇپ تىنچ - ئامانلىق، ھال - ئەھۋال سورىشىپتۇ. پادىشاھنىڭ چىرايىدىن قانداقتۇر ھەسرەت ئوتىنى كۆرگەن دوستلىرىدىن بىرى:
- پادىشاھى ئالەم، كەم دىدار بولۇپ قالدىلا، بىر ھەپتىدىن بېرى تالا - تۈزگە چىقماي قويدىلا، چىرايلىرىمۇ ھەسرەتلىك كۆرۈنىدۇ ياكى تاۋىلىرى قېچىپ قالدىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
پادىشاھ بىر ئۇھ تارتىپتۇ - دە، ئۆزىنى قايغۇ - ھەسرەتكە سالغان دەردىنى ئېيتىشقا باشلاپتۇ:
- ئېھ دوستلىرىم، ئۆزۈم پادىشاھمەن، تالاي - تالاي ئەل - يۇرت قول ئاستىمدا، دۆلىتىم - بايلىقىم ھەددى - ھېسابسىز، ھەر نېمە قىلسام ئەر كىم ئۆزۈمدە، بۇ تەرەپتىن ئارمىنىم يوق، لېكىن پەرزەنتسىزلىك مېنى ھەسرەتكە سالدى، يۈرەك - باغرىمنى كاۋاپ قىلدى، - دەپتۇ.
- توغرا ئېيتتىلا، پادىشاھى ئالەم، پەرزەنت دېگەن ئاتا - ئانىنىڭ تۈگىمەس - پۈتمەس بەخت - دۆلىتى، پەرزەنتسىز ھاياتنىڭ لەززىتىمۇ، ھۇزۇرىمۇ يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچە ئەل - يۇرتنى سوراپ تۇرغان، خۇسۇسەن، سىلىدەك بىر پادىشاھنىڭ پەرزەنت كۆرۈشى شەرت، - دەپتۇ دوستلىرىدىن يەنە بىرى.
- مەنمۇ ئەنە شۇ توغرىدا ئويلايمەنۇ، لېكىن ئۇنىڭ تۈۋىگە يېتەلمەيۋاتىمەن. بۇ توغرىدا دوست - يارەنلىرىم قانداق مەسلىھەت بېرىدىكىن؟ - دەپتۇ پادىشاھ دوستلىرىغا مۇراجىئەت قىلىپ.
- ئۇنداق بولسا پادىشاھى ئالەم. بىزنىڭ سىلىگە بېرىدىغان مەسلىھىتىمىز شۇكى، سىلى يەنە خوتۇن ئېلىشلىرى كېرەك. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئارزۇ - ئارمانلىرى ھەل بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، - دەپتۇ ئۈچىنچىسى.
پادىشاھنىڭ دوستلىرى بۇ مەسلىھەتنى ماقۇل كۆرۈپ، ئۇنىڭ مەقسەتكە يېتىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قايتىشىپتۇ.
پادىشاھ شۇ كۈندىن باشلاپ شەھەر قىزلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئۆزىگە لايىق تاللاشقا باشلاپتۇ. بۇ شەھەردە كۆپ بالىلىق بىر كەمبەغەل كىشىنىڭ ئايجامال دېگەن چىرايلىق بىر قىزى بار ئىكەن، پادىشاھ ئەنە شۇ قىزنى ماقۇل كۆرۈپتۇ.
پادىشاھ لەشكەر باشلىقلىرىدىن بىرىنى چاقىرىپ، شۇ قىزنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. لېكىن پادىشاھنىڭ يېنىدا تۇرغان دوستلىرى:
- ھەي پادىشاھى ئالەم، قول ئاستىدىكىلىرى پۇقرالار ئىچىدىن كۆڭۈللىرىگە ياققان ھەر قانداق قىزنى خالىغان ۋاقىتتا ئۆز ھۇزۇرلىرىغا ئالالايدىلا. ئەمما كۆڭۈللىرىدىكى ئارزۇ - ئارمانغا يېتىش ئۈچۈن بۇ ئىشنى پەرمان بىلەن ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ رەسمىي يوسۇنى بويىچە ئەلچى ئارقىلىق قىلسىلا ئوبدان بولارمىكىن، - دېگەن مەسلىھەتنى بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ ماقۇل قىلىپتۇ، توك كۈنىنى بەلگىلەپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ئۆزىگە قاراشلىق بارلىق يۇرتنى چاقىرىپ، يەتتە كېچە - كۈندۈز چوڭ توي قىلىپ - مەرىكە قىلىپ، ئايجامالنى ئاپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ، ئايجامال ئېغىر ئاياق بولۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ >مانا ئەمدى پەرزەنتلىك بولىدىغان بولدۇم< دەپ ناھايىتى خوشال بولۇپ، ئايجامالنى باشقا خوتۇنلىرىدىن ياخشى كۆرۈشكە، كۆپرەك ھۆرمەت قىلىشقا باشلاپتۇ. پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنلىرىنىڭ بۇنىڭغا تارلىقى كېلىپ >خەپ توختا، سەن توقالنىڭ بىر ئەدىبىنى بەرمىسەك< دەپ كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈرۈپتۇ.
ئارىدىن يەنە بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، پادىشاھ ئۆز ۋەزىرلىرى بىلەن ئوۋغا چىقىپ كېتىپتۇ. ئايجامالنىڭ ئاي - كۈنى يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى سەزگەن پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنلىرى مەرەزلىك قىلىپ >ئەگەر بۇ توقال ئامان - ئېسەن تۇغۇپ قالسا، پادىشاھ پۈتۈنلەي ئۇنى ياخشى كۆرۈپ، بىزدىن كۆڭلى سوۋۇپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ تۇغقان بالىسىنى پادىشاھنىڭ يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ يوقىتىۋېتىش كېرەك< دېگەن پىكىرگە كېلىشىپتۇ ۋە بۇ قارا نىيەتلىرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن شۇ شەھەردىكى جادىگەر مەستان كەمپىرنى ياردەمگە چاقىرىپ:
- ۋاي موما، جان موما، كىشىنى ھاجىتىدىن چىقارسا ساۋاب بولىدۇ، دەيدىغان، شۇ تاپتا بىزنىڭ سىلىگە ناھايىتى چوڭ بىر ئىشتىن ھاجىتىمىز چۈشتى، ئۇنى پەقەت ئۆزلىرىلا ئورۇندىيالايلا. ھازىر توقالنىڭ تولغىقى تۇتۇپ ياتىدۇ، ئۇ تۇغقان چاغدا بىر ئامال قىلىپ بالىسىنى يوقىتىشنىڭ يولىنى قىلسىلا، بىز سىلىگە نېمە دېسىلە شۇنى بېريلى، - دەپ ئۆز نىيەتلىرىنى ئېيتىپتۇ.
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان جادىگەر مەستان كەمپىر بۇ ئىشنى ئورۇنداپ بېرىشكە ۋەدە بېرىپ، كۆپ ئالتۇن ئاپتۇ ۋە ئايجامالنىڭ تۇغۇشىغا ياردەم قىلىدىغان كىندىك ئانا سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ. ئايجامالنىڭ ۋاقتى - سائىتى يېتىپ، قوش كېزەك - بىر ئوغۇل، بىر قىز تۇغۇپتۇ، لېكىن بىرىنچى تۇغۇتتىلا قوش كېزەك تۇغقان ياش ئايجامال ئەس - ھوشىدىن كېتىپ ھېچ نەرىسنى بىلمەي يېتىپ قاپتۇ. بۇ مەستان كەمپىرگە راسا ئوڭ كەپتۇ. ئۇ دەررۇ يېڭى تۇغۇلغان ئىككى كۈچۈك تېپىپ كەپتۇ - دە، ئايجامالنىڭ يېنىغا قويۇپ قويۇپتۇ. ئۇنىڭ تۇغقان بالىلىرىنى دەرياغا تاشلىۋېتىش ئۈچۈن لاتىغا ئوراپ ئېلىپ مېڭىپتۇ. دەرياغا يەتمەستىنلا مەستان كەمپىر ھېرىپ قاپتۇ ۋە >ئوۋۋاي، دەرياغا قاچان يېتىپ باراي، ئاۋارە بولۇپ يۈرگۈچە مۇشۇ يەرگىلا تاشلىۋەتمەيمەنمۇ< دەپ بىر قىزنىڭ كەينىگە تاشلاپ قويۇپ قايتىپتۇ.
پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنلىرى قارا نىيەتلىرى ئورۇندالغىنىغا ناھايىتى خۇشال بولۇپ، دەررۇ خىزمەتكارنى چاقىرىپ، ئۇنى:
- پادىشاھنىڭ زاتى پەس، گاداي توقىلى كۈچۈك تۇغدى، دەررۇ پادىشاھنىڭ ئوۋ قىلىپ يۈرگەن يېرىگە ئات چاپتۇرۇپ بېرىپ خەۋەر قىل، - دەپ بۇيرۇپتۇ.
ھېلىقى خىزمەتكار >كۈچۈك تۇغدى< دېگەن سۆزگە ئىشەنگۈسى كەلمىسىمۇ، پادىشاھنىڭ خۇتۇنى قىلغان ئەمىر بولغانلىقى ئۈچۈن، دەررۇ ئاتنى ئېگەرلەپ مىنىپتۇ - دە، چاپتۇرغىنىچە تاغقا قاراپ كېتىپتۇ. ئۇ تاغمۇ تاغلارنى ئارىلاپ يۈرۈپ پادىشاھنى تېپىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا:
- ۋاي پادىشاھى ئالەم، مەن سىزگە چوڭ خوتۇنلىرىڭىزنىڭ ئەمرى بىلەن بىر خەۋەر ئېلىپ كەلدىم، لېكىن ئېيتىشقا قورقىمەن، - دەپتۇ.
- قانداق ىەۋەر، سۆزلە تېز! - دەپتۇ پادىشاھ.
- ئەگەر بىر قوشۇق قېنىمدىن كەچسىڭىز ئېيتاي، پادىشاھى ئالەم، - دەپتۇ خىزمەتكار.
پادىشاھ ئاڭلاشقا تاقەتسىزلىنىپ:
- خوپ، كەچتىم، ئېيتقىن، - دەپتۇ.
ۋاي پادىشاھى ئالەم، كىچىك خوتۇنىڭىزنىڭ كۆزى يورۇپتۇ، تۇغقىنى ئادەم ئەمەس، ئىككى كۈچۈك ئىكەن، بۇنى تېخى ھېچ كىمگە بىلدۈرمەپتۇ. چوڭ خوتۇنلىرىڭىز مېنى دەررۇ سىزگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى، - دەپتۇ خىزمەتكار.
بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ >ئاھ، بۇ نېمە دېگەن رەسۋاچىلىق< دەپ پېشانىسىگە بىرنى ئۇرۇپتۇ - دە، خىزمەتكارغا:
- ئاتنى قانداق چاپتۇرۇپ كەلگەن بولساڭ، شۇنداق چاپتۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارغا ئېيت، توقالنىڭ چاچلىرىنى قىرقىپ، ئۇنى ئېغىلنىڭ بىر بۇلۇڭىغا كاتەك ياساپ شۇنىڭغا سۇلاپ قويسۇن، كۈچۈكلىرى ئالدىدا تۇرسۇن، لېكىن بۇ ئىشلارنى باشقا ھېچكىم بىلمىسۇن، - دەپتۇ.
ھېلىقى خىزمەتكار يەنە ئېتى قارا تەرگە چۈشكىچە چاپتۇرۇپ قايتىپ كەپتۇ - دە، پادىشاھنىڭ ئەمرىنى ئىزھار قىلىپتۇ. پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنلىرى >مانا ئەمدى مەقسىتىمىزگە يەتتۇق، پادىشاھ يەنىلا بىزنى ياخشى كۆرىدىغان بولدى< دەپ، ئېغىلنىڭ بىر بۇلۇڭىغا بىر كاتەك ياسىتىپتۇ، ئايجامالنى چاچلىرىنى قىرقىپ، ئۇنىڭغا سۇلاپتۇ، ئالدىغا ھېلىقى كۈچۈكلەرنى تاشلاپتۇ. يېنىغا يۇندا تولدۇرۇلغان بىر يالاقنى قويۇپ قويۇپتۇ.
ئايجامال ھوشىغا كېلىپ قارىسا، ئۆزى ئېغىلدىكى كاتەك ئىچىدە ياتقۇدەك، چاچلىرى قىرقىلغان، ئالدىدا ئىككى كۈچۈك، بى يالاقتا يۇندا تۇرغان، ئۇ ۋەقەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي ھاڭ - تاڭ بولۇپ، يىغلاپتۇ، قاقشاپتۇ، لېكىن ئىلاج قىلالماپتۇ. شۇندىن باشلاپ ئايجامالنىڭ ماكانى كاتەك، غىزاسى قالغان - قاتقان يۇندا بولۇپ قاپتۇ.
مەستان كەمپىر تاشلىۋېتىپ كەلگەن بالىلارنى دەريادىن سۇ ئىچىپ كېلىۋاتقان بىر ئانا كىيىك كۆرۈپ قېلىپ تاغقا ئېلىپ كېتىپتۇ ۋە بىر غار تاشنىڭ ئۆڭكۈرىگە جايلاشتۇرۇپ ئۆز سۈتىنى ئەمگۈزۈپ بېقىشقا باشلاپتۇ.
ئاي، كۈن ھەتتا يىللارمۇ ئۆتۈپتۇ. ئاكا - سىڭىل بالىلار ئۆسۈپ چوڭ بولۇپتۇ ۋە ئۆڭكۈردىن چىقىپ ئەتراپتا كۆڭۈل ئېچىپ ئويناشقا باشلاپتۇ.
بىر كۈنى پادىشاھ شۇ تاغقا ئوۋ ئوۋلاپ بېرىپ قاپتۇ. پادىشاھ ھېچقانداق ئوۋ ھايۋىنى ئۇچرىتالماي ھېرىپ - ئېچىپ يۈرگەندە، ئالدى تەرەپتىكى بىر قىرنىڭ كەينىدىن بىر كىيىك چىقىپتۇ - دە، جىم قاراپ تۇرۇپتۇ. پادىشاھ >ھە مانا، ئەمدى خۇدايىم بەردى< دەپ ئوقياسىنى تەڭلىشىگە ھېلىقى كىيىك لىپ ئېتىپ قېچىپتۇ، نېرىراق بېرىپ يەنە قاراپ تۇرۇپتۇ. پادىشاھ يايپاسلاپ يېقىنراق بارسا، يەنە نېرىراق قېچىپ بېرىپ تۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ ئەنە ئاتىمەن، مانا ئاتىمەن دەپ كىيىكنى ئەگىشىپ خېلى يەرگە كېتىپ قاپتۇ. كىيىك پادىشاھنى مېلىكە قىلىپ ھېلىقى ئويناپ يۈرگەن ئىككى بالىنىڭ يېنىغا ئەگەشتۈرۈپ كەپتۇ - دە، ئۆزى بىر قىردىن ئېشىپ غايىپ بوپتۇ. بۇ ئەنە شۇ بالىلارنى بېقىپ يۈرگەن كىيىك ئىكەن.
بالىلار پادىشاھنى كۆرۈشى بىلەنلا قېچىپتۇ. پادىشاھ بولسا، >ئاھ، خۇدايىم، شۇ تاغۇ - چۆللەرگە بەرگەن بالىنى ماڭا نېمىشقا بەرمەيسەن؟< دەپ يەنە دەردكە تولۇپ قايتىپ كېتىپتۇ.
ئۆيىگە كەلگەندە غىزامۇ يېمەستىن، خوتۇنلىرى بىلەن گەپلەشمەستىن، خاپا ھادا خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. ئەتىسىمۇ پادىشاھنىڭ شۇنداق خاپا ھالدا خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن خوتۇنلىرى:
- ئىككى كۈندىن بۇيان باش كۆتۈرمەي خىيالغا چۆكۈپ كەتتىلىغۇ ياكى بىرەر نەرسىدىن خاپا بولدىلىمۇ؟ - دەپ سورىشىپتۇ.
- ھەي خوتۇنلار، خۇدايىم چۆل - باياۋانلارغا بەرگەن بالىنى ماڭا بەرسە بولماسمىدى، دەپ ئۆكۈنۈپ تۇرۇپ، ئوۋغا چىققاندا كۆرگەن بالىلار توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىپتۇ.
پادىشاھنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغان خوتۇنلىرى ئىچىدە >ئاھ، ھېلىقى بالىلارمىكىن، قانداق تەقدىر بىلەن ئۆلمەستىن ھايات قالدىكىن؟ ئەمدى سىرىمىز ئېچىلىپ قالمىسا بولاتتىغۇ< دەپ ئويلاپتۇ. شۇ چاغدا چوڭ خوتۇنى:
- قويسىلا، يوقلا نەرسىگە كۆڭۈللىرىنى بۇزۇپ، ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلمىسىلا. خۇدايىمنىڭ ۋاقتى - كۈنى كۆپ، سىلىمۇ پەرزەنتلىك بولۇپ قالالا، - دەپ پادىشاھنىڭ كۆڭلىنى ياساپتۇ.
بۇ خوتۇنلار پادىشاھتىن خالىي بىر يەرگە توپلىنىپ ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپتۇ، بۇلارنىڭ بىرى:
- پادىشاھنىڭ كۆرۈپ كەلگىنى تەقىق شۇ بالىلار بولسا كېرەك، ئۇلار بولمىسا، چۆل - باياۋاندا نېمە قىلىپ يۈرگەن بالىلار ئۇ، - دەپتۇ ئىككىنچىسى:
- ئەگەر شۇلار بولسا بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى سىرىمىز ئېچىلىپ قالىدۇ، چۈنكى پادىشاھ ئوۋغا چىققاندا ئۇلارنى يەنە كۆرۈشى مۇمكىن - دەپتۇ. ئۈچىنچىسى بولسا:
- ھەر ئېھتىمالغا قارشى، سىرىمىز ئېچىلىپ قالغۇچە ئۇلارنى كۆزدىن يوقۇتىش كېرەك، شۇڭا يەنە مەستان كەمپىرنى شۇ تاغقا ئەۋەتىپ شۇ بالىلارنى ئۆلتۈرگۈزۈۋېتەيلى، - دەپتۇ. بۇلار شۇ مەسلىھەت بىلەن مەستان كەمپىرنى چاقىرتىپ كېلىپ:
- سادىغىڭىز بولايلى موما، بىزنىڭ قىلغان ئىشىمىز چالا قالغانىكەن، سىلى تاشلاپ كەلگەن بالىلار نېمە سەۋەبتىندۇر ئۆلمەستىن تاغدا ئويناپ يۈرۈپتۇدەك، پادىشاھ ئوۋغا بېرىپ كۆرۈپتۇدەك. ئىككى كۈندىن بېرى خاپا، شۇلارنى خىيال قىلىپ، باش كۆتۈرمەي ئولتۇرىدۇ. يەنە ئوۋغا چىققاندا ئۇ بالىلارنى يەنە كۆرۈپ قېلىشى مۇمكىن، ئەگەردە سىرىمىز ئېچىلىپ قالسا، بىزنىڭمۇ، سىلىنىڭمۇ جېنىمىز تېنىمىزدىن جۇدابولىدۇ، شۇڭا ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بىر ئىلاجىنى قىلايلى. سىلى تاغقا چىقىپ شۇ بالىلارنى تېپىپ، ئۇجۇقتۇرۇپ كەلسىلە، ئېتەكلىرىنى توشتۇرۇپ ئالتۇن - يامبۇ بېرىمىز، - دەپتۇ، مەستان كەمپىر >خوپ< دەپ ئېتىكىنى توشتۇرۇپ ئالتۇن - يامبۇلارنى ئاپتۇ - دە، ئۆيىگە بېرىپ بىر بۇلۇڭغا كۆمۈپتۇ، كېيىن تاغقا راۋان بولۇپتۇ.
بالىلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمىگەن مەستان كەمپىر تاغمۇ تاغلارنى ئېشىپ، قىرمۇ قىرلاردىن ئۆتۈپ، سايمۇ سايلارنى كېزىپ يۈرۈپتۇ. ئۇنىڭ كىيىملىرى تىكەنلەرگە ئىلىنىپ، تەنلىرى تىلىنىپ كېتىپتۇ. ئاياغ كىيىملىرى يىرتىلىپ پۇتلىرىغا تىكەن كىرىپ، تاپانلىرى تېشىلىپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى ئېگىز ھاڭ تاشلارنى ئارىلاپ كېتىپ بېرىپ، شۇ يەردە ئويناپ يۈرگەن بىر قىزنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، >ھە، مانا تاپتىم< دەپ قىزغا قاراپ ئېتىلىپتۇ. لېكىن قىزمۇ بۇ موماينى كۆرۈپ، ئۆڭكۈرگە قېچىپ كىرىپ ئۇنىڭ ئاغزىنى مەھكەم ئېتىۋاپتۇ.
قىزنى قولاپ ئۆڭكۈرگە كىرەلمىگەن موماي ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېچىشقا قانچە ئورۇنۇپ كۆرۈپتۇ، زادىلا ئاچالمىغاندىن كېيىن:
- ھەي قىزىم، ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىنى ئاچ، بۇياققا چىققىن، مەن ساڭا تاتلىق ئېلىپ كەلدىم، مە، ئال، - دەپ ئالداپ بېقىپتۇ.
لېكىن، قىز ئاكىسىنىڭ ئوۋغا چىقىپ كېتىش ئالدىدا >بىرەر كىشىنى كۆرسەڭ ئۆڭكۈرگە قېچىپ كىرىپ، ئاغزىنى ئېتىۋال، ئالدىسا ئىشەنمە، ئۆڭكۈرنى زادى ئاچما< دېگەن سۆزلىرىنى ئەسلەپ، مەستان كەمپىرگە ئالدانماپتۇ ۋە ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ:
- نەدىن كەلگەن بولسىلا شۇياققا كەتسىلە موما. ھازىر ئاكام ئوۋدىن كەلسە سىلىنى تىرىك قويمايدۇ، - دەپتۇ.
مەستان كەمپىر ئۆزىچە >راست بۇنىڭ ئاكىسى چوڭ بولۇپ قالغاندۇ، مەن بولسام قېرىپ قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپ دەرمانىمدىن كەتتىم، يەنە ئۆلۈكۈم مۇشۇ چۆل - باياۋانلاردا قېلىپ قالمىسۇن< دەپ ئويلاپتۇ - دە، بۇلارنى باشقا يول بىلەن - دىۋىلەرنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ.
- قىزىم، بولمىسا سەن ماڭا قۇلاق سال! مۇشۇ تاغنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدە ئۈچ كۈنلۈك يولدا، بىر بۇلاقنىڭ بويىدا بىر تۈپ دەرەخ بار. ئاكاڭ ئەنە شۇ دەرەخنىڭ شېخىدىن ئېلىپ كېلىپ تىكسە كارامەت يەل - يېمىشلىك بىر باغ بولىدۇ. ئاكاڭ كەلگەندە ئەنە شۇ دەرەخنىڭ شېخىدىن ئېلىپ كېلىشنى ئېيتقىن، ئۇنىمىسا يىغلاپ تۇرۇۋالغىن. ئەگەر ئاكاڭ كىمدىن ئاڭلىدىڭ دېسە، چۈشۈمدە كۆردۈم دېگىن، - دەپتۇ - دە، ئۆزى قايتىپ كېتىپتۇ.
خېلىدىن كېيىن قىزنىڭ ئاكىسى قايتىپتۇ. ئاخشىمى ئاكا - سىڭىل ئىككىسى گەپلىشىپ ئولتۇرغاندا سىڭلىسى:
- ئاكا مۇشۇ تاغنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدە ئۈچ كۈنلۈك يولدا بىر بۇلاق بارىكەن، ئۇ بۇلاقنىڭ بويىدا بىر تۈپ دەرەخ بارىكەن. ئەگەر شۇ دەرەخنىڭ شېخىدىن ئېلىپ كېلىپ تىكسە، دۇنيادىكى تۈرلۈك - تۈمەن يەل - يېمىشلەرنىڭ ھەممىسى بار بىر باغ بولغۇدەك. جېنىم ئاكا، ئەنە شۇنىڭ شېخىدىن ئېلىپ كېلىپ تىكىپ بەرسىڭىزچۇ، - دەپتۇ.
سىڭلىسىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئاكىسى:
- قوي، بۇنداق بولمىغۇر گەپنى نەدىن ئاڭلىدىڭ؟ - دەپتۇ. سىڭلىسى بولسا:
- چۈشۈمدە كۆردۈم، جېنىم ئاكا، مېنى سڭلىم دېسىڭىز، ياق دېمەيسىز، - دەپ يىغلاپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋاپتۇ.
سىڭلىسىنىڭ تەلىپىنى قىيالماستىن ئاكىسى >خوپ< دەپتۇ ۋە ئەتىسى يولغا راۋان بولۇپتۇ. ئارىدىن بىر يېرىم كۈن ئۆتۈپ يولنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، بالىنىڭ ئالدىدىن ئاپئاق ساقاللىق ۋە ئۇزۇن ھاسا تايانغان بىر بوۋاي چىقىپ قاپتۇ. بالا سالام بېرىپ ئۆتۈپ كېتىپ بارغاندا، بوۋاي بالىنى توختىتىپ:
- يول بولسۇن بالام، نەگە ماڭدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. بالا شۇ كۈنپېتىش تەرەپتىكى بۇلاق بويىدىن دەرەخ شېخى ئېلىپ كشلىشكە كېتىپ بارغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
- ھەي بالام، خەتەرلىك سەپەرگە چىقىپسەن. خەير، مەيلى، >يولۋاس ئىزىدىن، يىگىت سۆزىدىن قايتماس< دېگەندەك، شۇنچە يول بېسىپ كەپسەن، ئەمدى بېرىۋەرگىن. لېكىن بالام، قۇلىقىڭدا تۇتقىنكى، سەن دېگەن ئۇ دەرەخ دىۋىلەرنىڭ ماكانىدا. ئۇ يەر دىۋىلەردىن كېچە - كۈندۈز خالىي بولمايدۇ. ئۇ دەرەخنىڭ شېخىدىن ئالماقچى بولۇپ بارغان قانچە - قانچە ئادەملەر دىۋىلەرنىڭ قولىدا ئۆلۈپ كەتكەن. سەن يەنە بىر يېرىم كۈندىن كېيىن يېتىپ بارىسەن. يېتىپ بارغاندىن كېيىن يىراق بىر يەردە مۆكۈپ تۇرغىن. كۈن چۈش بولۇپ تازا قىزىغان چاغدا دىۋىلەرنىڭ ھەممىسى چۈشلۈك غىزاغا كىرىپ كېتىدۇ. ئەنە شۇ چاغدىلا شاختىن سۇندۇرۇپ قاچ. ئەگەر دىۋىلەر تۇيۇپ قېلىپ قوغلاپ چىققۇدەك بولسا، كەينىڭگە قارىماستىن قېچىۋەرگىن. ئالتۇن بېرىمەن دېسىمۇ، يامبۇ بېرىمەن دېسىمۇ، يالۋۇرسىمۇ، دوق قىلسىمۇ كەينىڭگە قارىماي قاچ. كەينىڭگە قارىساڭ تۇتۇلىسەن، قارىمىساڭ قۇتۇلىسەن. ئاق يول بولسۇن، ئىشىڭ ئوڭۇشلۇق بولسۇن، مەقسىتىڭگە يەت بالام. ئامىن ئاللاھۇ ئەكبەر، - دەپ بوۋاي ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ساقىلىنى سىلاپتۇ - دە، كېتىپتۇ. بالا:
- ئېيتقانلىرى كەلسۇن، ئاتا! - دەپ ئۆز يولىغا قاراپ كېتىپتۇ. ئارىدىن بىر يېرىم كۈن ئۆتكەندىن كېيىن كەڭ بىر سايغا يېتىپ كەپتۇ. قارىسا ساينىڭ ئىچى ئاپئاق ئۇستىخانلارغا تولۇپ كېتىپتۇ. بۇلار شۇ دەرەخنىڭ شېخىدىن ئېلىشقا كېلىپ دىۋىلەرنىڭ قولىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ ئۇستىخانلىرى ئىكەن. ساينىڭ ئۇ قاپتىلىدا پارقىراپ ئېقىپ تۇرغان بىر بۇلاق، ئۇنىڭ بويىدا يوغان، بۈك، ياپيېشىل بىر تۈپ دەرەخ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا يۈرگەن نۇرغۇن دىۋىلەر كۆرۈنۈپتۇ. بالا >مەن ئىزلەپ كەلگەن دەرەخ شۇ بولسا كېرەك< دەپ، ھېلىقى بوۋاينىڭ سۆزلىرىنى ئەسلەپتۇ - دە، ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ يوشۇرۇنۇپ يېتىپتۇ.
كۈن چۈش بولغاندا تاغ - تاشلارنى تىترىتىپ قاتتىق جاراڭلىغان بىر ئاۋاز چىقىپتۇ - دە، ئۇياق - بۇياقتىن دىۋىلەر كېلىپ بىر تۆشۈككە كىرىپ كېتىپتۇ. تاشقىرىدا ھېچكىم قالماي جىمجىتلىق باسقاندا بالا ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، دەرەخنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ - دە، بىر تال شېخىنى سۇندۇرۇۋېلىپ قېچىپتۇ، لېكىن سەزگۈر دىۋىلەر شاخنىڭ >چارس< قىلىپ سۇنغانلىقىنى ئاڭلاپ چىقىپ بالىنى قوغلاپتۇ.
- ھەي، ئادەمزات، توختا! مە ساڭا ئالتۇن، مە ساڭا يامبۇ، توختا! ھېچبولمىسا كەينىڭگە بىر قارا، - دەپ دىۋىلەر مېڭىپتۇ، ئالداب بېقىپتۇ، دوق قىلىپ بېقىپتۇ، لېكىن بالا ھېچ توختىماي ۋە كەينىگىمۇ قارىماي قېچىپ قۇتۇلۇپ كېتىپتۇ.
بالا ئۇياققا ئۈچ كۈن، بۇياققا ئۈچ كۈن - ئالتە كۈن يول مېڭىپ، يەتتىنچى كۈنى ئۆز ئۆڭكۈرىگە قايتىپ كەپتۇ. ئاخشىمى ئاكا - سىڭىل ئىككىسى مەسلىھەتلىشىپ، شاخنى بىر تۈزلەڭگە تىكىپتۇ. ئەتىسى ئۆڭكۈردىن چىقىپ قارىسا، شاخ تىكىلگەن تۈزلەڭدە شۇنداق بىر باغۇ - بوستان پەيدا بولۇپتۇكى، خىلمۇ خىل يەل - يېمىشلەر پىشىپ تۇرغان، رەڭمۇ رەڭ گۈللەر ئېچىلىپ تۇرغان، تۈرلۈك - تۈمەن قۇشلار سايرىشىپ تۇرغان، باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆلدە بېلىقلار ئۈزۈشۈپ ئويناپ يۈرگەن. بۇنى كۆرگەن ئاكا - سىڭىل ئىككىسى باغدا خۇشال سەيلە قىلىپ، كۆڭۈل ئېچىپ يۈرۈپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ يەنە شۇ تاغقا ئوۋغا كېلىپ قاپتۇ. ئۇ ئوۋ ئوۋلاپ يۈرگەندە، ئۇنىڭ ئالدىغا ھېلىقى كىيىك پەيدا بوپتۇ - دە، بۇرۇنقىدەك قاراپ تۇرۇپتۇ، يەنە ئاتاي دېسە، يەنە نېرىراق قېچىپ بېرىپ پادىشاھنى ھېلىقى باغقا ئەگەشتۈرۈپ ئاپىرىپتۇ - دە، ئۆزى غايىپ بولۇپتۇ. ئاكىسى ئوۋغا كېتىپ، سىڭلىسى باغدا ئويناپ يۈرگەنىكەن. قىز پادىشاھنى كۆرۈپ قېچىپ كېتىپتۇ. پادىشا يەنە خاپا بولۇپ قايتىپتۇ.
پادىشاھنىڭ خاپا بولۇپ قايتقانلىقىنى كۆرگەن خوتۇنلىرى يەنە ھال سوراپتۇ. پادىشاھ ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈپ كۆرگەنلىرىنى يەنە سۆزلەپ بېرىپتۇ.
بالىلارنىڭ تېخىچىلا بار ئىكەنلىكىنى بىلگەن پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنلىرى دەررۇ مەستان كەمپىرگە نۇرغۇن ئالتۇنلارنى بېرىپ، ئۇنى يەنە ئەۋەتىپتۇ.
مەستان كەمپىر بۇ قېتىم ئۆزى كۆرگەن يول بىلەن توپ - توغرا ھېلىقى ئۆڭكۈرگە كەپتۇ. لېكىن ئۆڭكۈرگە كىرىشتىن ئېھتىيات قىلىپ، ئاكىسىنىڭ بار - يوقلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن بىر يەردە ماراپ يېتىپتۇ.
قىزنىڭ ئاكىسى شۇ كۈنى ئوۋغا كېتىپ، سىڭلىسى يالغۇز قالغانىكەن. قىز مەستان كەمپىرنى كۆرۈپ قېىپ ئۆڭكۈرگە كىرىپ كېتىپتۇ - دە، ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىنى ئېتىۋاپتۇ. كەمپىر بۇنىڭدىن ئاكىسنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ، ئۆڭكۈرگە كېلىپ، ئۇنى ئېچىش ئۈچۈن كۆپ ھەرىكەت قىلىپ كۆرۈپتۇ، لېكىن ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىغا توسالغان ئېغىر تاشلارنىق كۆتۈرۈشكە كۈچى يەتمىگەندىن كېيىن:
- قىزىم، ئۆڭكۈرنى ئا، مانا ساڭا ياخشى كىيىملەر ۋە ئالتۇن ئۈزۈكلەر ئېلىپ كەلدىم، - دەپ قىزنى ئالداپ كۆرۈپتۇ.
قىز ئۇنىڭ ئالدىغىنىغا كۆنمەپتۇ ۋە ئۆڭكۈرنى ئاچماپتۇ.
- ماڭا سىلىنىڭ ھېچنېمىلىرى كېرەك ئەمەس. قاياقتىن كەلگەن بولسىلا شۇ ياققا كەتسىلە. بولمىسا ھازىر ئاكامنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى. ئەگەر ئۇ كېلىپ قالسا، سىلىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ، - دەپ ۋارقىراپتۇ.
ھەر قانداق ئالداشلار بىلەن قىزنى ئۆڭكۈردىن چىقىرالمىغان ۋە چىقىرىشقا كۆزى يەتمىگەن مەستان كەمپىر ئىلاجىسىز، ئۇلارنى باشقا يول بىلەن ئۆلتۈرۈش پىكرىگە كەپتۇ - دە:
- قىزىم، مېنىڭ ئېيتقان سۆزۈم راستمىكەن؟ مەن دېگەن دەرەخنىڭ شېخىنى ئەكىلىپ تىكىپسىلەركەن، ياخشى باغۇ - بوستانلىققا ئىگە بولۇپ قاپسىلەر. ئەمدى بىر مەسلىھەت بېرەي، ئاڭلىغىن، مۇشۇ تاغنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە، ئۈچ كۈنلۈك يولدا بىر ئۆڭكۈر بار. ئەنە شۇ ئۆڭكۈردە ھۈرلىقاخان دېگەن بىر قىز ياشايدۇ. ئاكاڭ كەلگەندە ئەنە شۇ قىزنى ئەكىلىپ بېرىڭ، دەپ تۇرۇۋالغىن. ئۇنىمىسا، يىغلاپ تۇرۇۋال. ئەگەر ئۇ قىزنى ئېلىپ كەلسەڭلار، ساڭا ھەدە بولىدۇ، ئاكاڭ بىر ياقلارغا كەتكەندە سەن زېرىكىپ قالمايسەن. ئۆڭكۈرنىڭ ئالدىغا ئىككى تال كەمپۈت قويۇپ كېتىمەن ئاكاڭ كەلگەندە ئىككىڭلار يەڭلار، - دەپ ئوغا سېپىلگەن ئىككى تال كەمپۈتنى ئۆڭكۈرنىڭ ئالدىغا قويۇپ ئۆزى قايتىپ كېتىپتۇ.
شۇ ئارىدا بۇ بالىلارنى بېقىپ چوڭ قىلغان ھېلىقى كىيىك يۈگۈرۈپ كەپتۇ - دە، كەمپۈتلەرنى ئېلىپ، ئۇزاق بىر دەرياغا ئاپىرىپ تاشلىۋېتىپتۇ.
بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن قىزنىڭ ئاكىسى كەپتۇ. ئاكا - سىڭىل ئاخشىمى گەپلىشىپ ئولتۇرغاندا، سىڭلىسى:
- ئاكا، مۇشۇ تاغنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە بىر ئۆڭكۈر بارىكەن. شۇ ئۆڭكۈردە ھۈرلىقاخان دېگەن بىر قىز ياشايدىكەن. ئەنە شۇ قىزنى ئەكەلسىڭىز. ماڭا ھەدە بولاتتى، سىز ئوۋغا كەتكەن چاغلاردا مەن ئۇنىڭ بىلەن ئويناپ - كۈلۈپ، زېرىكمەي يۈرەتتىم، بولمىسا ناھايىتى زېرىكىپ كېتىدكەنمەن، - دەپتۇ.
- بۇنى كىمدىن ئاڭلىدىڭ؟ بولمىغان گەپلەرنى قويساڭچۇ سىڭلىم، - دەپتۇ ئاكىسى.
- چۈشۈمدە كۆردۈم ئاكا، - دەپتۇ سىڭلىسى.
- ئۇنداق نەرسىلەرنى ئارزۇ قىلما سىڭلىم، - دەپتۇ ئاكىسى.
- ئەنىغۇ، دەرەخنىڭ شېخىنى ئەكىلىپ تىكىۋىدۇق قانداق ياخشى باغۇ - بوستانلىققا ئىگە بولۇپ قالدۇق. ئەمدى ھەدىلىك بولۇپ قالسام، نېمە بولاتتى؟ - دەپتۇ سىڭلىسى.
- ھەي، سىڭلىم، ئۇ دەرەخنىڭ شېخىنى ئېلىپ كەلگۈچە ئېغىر خەتەرگە يولۇقتۇم، ئۇنى سەن بىلمەيسە، ئۆلۈكۈم دىۋىلەرنىڭ قولىدا قېلىشقا ئاز قالدى. قوي سىڭلىم، بۇ ئارزۇيۇڭنى تاشلا! دەپتۇ ئاكىسى.
- ئەگەر مېنى سىڭلىم دېسىڭىز، شۇ قىزنى ئەكىلىپ بېرىڭ، - دەپ يىغلاپ تۇرۇۋاپتۇ سىڭلىسى.
ئاكىسى سىڭلىسىنىڭ كۆز يېشىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى قىيالماستىن يەنە >خوپ< دەپتۇ ۋە ئەتىسى يولغا چىقىپتۇ. ئۇ ماڭا - ماڭا بىر يېرىم كۈن ئۆتكەندە، يەنە ئۇنىڭغا ئۇزۇن ھاسا تايانغان ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي يولۇقۇپتۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاتا، - دەپ سالام بېرىپتۇ بالا.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بالام، نەگە ماڭدىڭ يول بولسۇن؟ - دەپ سوراپتۇ بوۋاي.
مۇشۇ تاغنىڭ ئۆڭكۈرىدە ھۈرلىقاخان دېگەن بىر قىز بارمىش، مەن شۇ قىزنى ئالغىلى كېتىپ بارىمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بالا.
- يامان يولغا مېڭىپسەن بالام، ئۇ قىزنى ئالىمەن دەپ تالاي - تالاي ئادەملەر تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن، مەيلى بالام، يولغا چىققاندىن كېيىن يولۇڭدىن قايتما، لېكىن مېنىڭ سۆزلىرىمنى قۇلىقىڭدا مەھكەم تۇت. يەنە بىر يېرىم كۈن ماڭغاندىن كېيىن ئۆڭكۈرگە يېتىپ بارىسەن، ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىدا تۇرۇپ >ھۈرلىقاخان!< دەپ بىر قېتىم ۋارقىراپلا جىمجىت تۇرۇۋال. بىردەم تۇرغاندىن كېيىن يەنە شۇنداق ۋارقىرىغىن - دە، جىمجىت تۇرۇۋال. ئۈچىنچى قېتىم يەنە ۋارقىراپ، يەنە جىمجىت تۇرۇۋال. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدىن >ۋارقىرا، ۋارقىرا، ۋارقىرا< دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ، لېكىن سەن زادىلا ۋارقىرىمىغىن. ئاق يول بولسۇن ئىشىڭ ئوڭۇشلۇق بولسۇن، بالام، ئامىن ئاللاھۇ ئەكبەر، - دەپ بوۋاي ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپتۇ - دە كېتىپتۇ.
بالا يولىنى داۋام قىلىپتۇ، ئارىدىن بىر - يېرىم كۈن ئۆتۈپتۇ، بىر يەرلەرگە كېلىپ قارىسا، ئادەمگە ئوخشىشىدىغان نۇرغۇن تاشلار تۇرغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۈرلىقاخاننى ئالىمىز دەپ كېلىپ تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن كىشىلەر ئىكەن.
بالا ئۆڭكۈرنىڭ ئالدىغا كېلىپ >ھۈرلىقاخان!< دەپ ۋارقىراپتۇ، بىردەم تۇرغاندىن كېيىن >ھۈرلىقاخان!< دەپ يەنە ۋارقىراپتۇ، ئۈچىنچى قېتىم يەنە بىر ۋارقىراپ، جىمجىت تۇرۇۋاپتۇ.
بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدىن >ۋارقىرا، ۋاقىرا، ۋارقىرا!< دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ، لېكىن بالا بوۋاينىڭ ئېيتقانلىرىنى ئەسلەپ زادىلا ۋارقىرىماپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھۈرلىقاخان >مېنىڭ سىرىمنى بىلىدىغان بۇ قانداق ئەقىللىق ئادىمىزات< دەپ ئۆڭكۈردىن چىقىشى بىلەنلا، بالا ئۇنىڭ بىلىكىدىن مەھكەم تۇتۇۋاپتۇ. شۇ چاغدا قىز:
- مەقسىتىڭنى ئېيتقىن، ساڭا نېمە كېرەك؟ - دەپ سوراپتۇ. بالا ئۆزىنىڭ مەقسەتلىرىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ھۈرلىقاخان رازىلىق بىلدۈرۈپ بالا بىلەن مېڭىپتۇ.
شۇ ئارىدا تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يەنە ئەسلىگە كەپتۇ - دە، بالىغا نۇرغۇن رەھمەتلەرنى ئېيتىپ ئۆز يۇرتلىرىغا راۋان بولۇپتۇ.
بالا ھۈرلىقاخاننى ئۆزى تۇرغان ئۆڭكۈرگە ئېلىپ كەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئۈچى ئويناپ - كۈلۈپ ياشاشقا باشلاپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى پادىشاھ يەنە ئوۋغا چىقىپ، شۇ تاغدا ئوۋ ئوۋلاپ يۈرگەندە ئالدىدىن يەنە ھېلىقى كىيىك چىقىپتۇ. يەنە ئۆتكەنكى قېتىملاردىكىدەك پادىشاھنى مېلىكە قىلىپ، ھېلىقى باغقا ئەگەشتۈرۈپ كەپتۇ - دە، سەيلە قىلىپ يۈرگەن بالىلارنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاپتۇ.
پادىشاھ باغقا كىرىپ قارىسا، ئىككى قىز ۋە بىر ئوغۇل ئويناپ يۈرگەن، ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر كىيىك تۇرغان، بۇلارنى كۆرگەن پادىشاھ ھەيران بولۇپ ئاتتىن چۈشۈپتۇ - دە، ئۇنى بىر دەرەخقە باغلاپ قويۇپ، ئۆزى بالىلار تەرەپكە قاراپ كەپتۇ.
بالىلار يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام بېرىپتۇ ۋە ئۇنى ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋېلىپ باغنىڭ ئەڭ ياخشى جايىغا - گۈللەرنىڭ ئارىسىغا جاي تەييارلاپ ئولتۇرغۇزۇپتۇ. ھۈرلىقاخان تۈرلۈك - تۈرلۈك تائاملارنى تەييارلاپ، خىلمۇ خىل يەل - يېمىشلەرنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا تۆكۈپ، ئۇنى ياخشى مېھمان قىلىپتۇ. ئاتا - بالىلار بىر يەردە ئولتۇرۇپ، بىر داستىخاندا تاماق يەپ تۇرسىمۇ، ئاتىسى بالىسىنى، يە بالىسى ئاتىسىنى تونۇماپتۇ.
پادىشاھ بۇ يەردىن پۈتۈن كۈن مېھمان بولۇپ، باغنى ئايلىنىپ راسا تاماشا قىلىپتۇ، ئاندىن ئۇلارنى كېلەر جۈمە كۈنىگە مېھمانغا تەكلىپ قىلىپ قايتىپتۇ. ھۈرلىقاخان پادىشاھنىڭ خۇرجۇنىغا ھەر تۈرلۈك يەل - يېمىش ۋە سۈرلەنگەن گۆشلەردىن توشقۇزۇپ سېلىپ بېرىپتۇ.
پادىشاھ ئېلىپ كەلگەن ھۈر تۈرلۈك يەل - يېمىش سۈرلەنگەن گۆشلەرنى كۆرگەن خوتۇنلىرى ھەيران بولۇپتۇ، ئۇلاردىن بىرى:
- بۇ يەل - يېمىش ۋە سۈرگۆشلەرنى نەدىن ئەكەلدىلە؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ھەي خوتۇن، ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈپ بىر تاغ پادىشاھىنىڭ بېىغىغا تورا كېلىپ قالدىم. ئۇلار مېنى راسا مېھمان قىلدى، بۇ نەرسىلەرنى شۇلار بەردى. مەن ئۇلارنى جۈمە كۈنىگە تەكلىپ قىلىپ قويدۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ياخشىراق تەييارلىق قىلىپ قويۇڭلار، - دەپتۇ پادىشاھ.
خوتۇنلار شۇ كۈندىن باشلاپ تەييارلىققا كىرىشىپتۇ.
جۈمە كۈنى پادىشاھ پۈتۈن لەشكەر باشلىقلىرىنى چاقىرىپ:
- تەختىمدىن تارتىپ تاغنىڭ ئېتىكىگىچە - يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە لەشكەرلەرنى قاتار قىلىپ تىزىڭلار. بۈگۈن تاغ پادىشاھى مېھماندارچىلىققا كېلىدۇ، - دەپ بۇيرۇق قىلىپتۇ.
لەشكەر باشلىقلىرى پادىشاھنىڭ ئېيتقىنىدەك، لەشكەرلىرىنى تەختىنىڭ يېنىدىن تارتىپ تاغنىڭ ئېتىكىگە يەتكۈچە يولنىڭ ئىككى چېتىگە قاتار قىلىپ تۇرغۇزۇپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرلىرىنى ئېلىپ، مېھمانلارنى قارشى ئېلىشقا يولغا چىقىپتۇ.
بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن ئاكا - سىڭىل، ھۈرلىقاخان ۋە كىيىك تاغدىن چۈشۈشكە باشلاپتۇ. پادىشاھ بۇلارنى قارشى ئېلىپ، ئۆيگە باشلاپ كەپتۇ - دە، ئۈچ كېچە - كۈندۈز تاماشا قىلىپ بېرىپتۇ، شەھەرلىرىنى ئايلاندۇرۇپ كۆرسىتىپتۇ. كېيىن گەپلىشىپ ئولتۇرۇپ پادىشاھ ھۈرلىقاخانغا:
- بۇ بالىلار كىمنىڭ بالىلىرى؟ - دەپ سوئال بېرىپتۇ.
- بۇ بالىلار ئەنە شۇ كىيىكنىڭ بالىلىرى، - دەپتۇ ھۈرلىقاخان.
- بۇ قىزىق گەپقۇ، كىيىكمۇ ئادەم تۇغامدىكەن؟ - دەپ ئەجەبلىنىپتۇ.
- ئادەم كۈچۈك تۇغقان يەردە، كىيىك ئادەم تۇغالمامدىكەن؟ - دەپتۇ ھۈرلىقاخان. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ پادىشاھ پېشانىسىگە بىر ئۇرۇپتۇ - دە، دېمى ئىچىگە چۈشۈپ، خوتۇنلىرىغا قاراپتۇ. ئۇنىڭ خوتۇنلىرى سىنىڭ ئاشكارا بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ زۇۋان سۈرمەپتۇ. چوڭ خوتۇنى گەپنى بۇراپ:
- مېھمانلار ئۆيدە ئولتۇرۇۋېرىپ زېرىكىپ قالدىمىكىن، تاماشا قىلدۇرسىلىچۇ؟ - دەپتۇ.
پادىشاھ مېھمانلارغا قاراپ:
- كۆڭلۈڭلار نېمىنى خالايدۇ مېھمانلار؟ - خىزمىتىڭلار ئۈچۈن تەييارمەن، - دەپتۇ.
- ئەگەر پادىشاھى ئالەمگە مالال كەلمىسە، شۇ شەھەر خەلقىڭىزنىڭ چوڭىدىن - كىچىكىگىچە ئەر - ئاياللارنىڭ ھەممىىسنى بىر كۆرسەك دېگەن تىلىكىمىز بار ئىدى، - دەپتۇ ھۈرلىقاخان.
جېنىم بىلەن، مېھمانلار قانداق قىلىپ كۆرۈشنى خالايسىلەر؟ ھەر بىر ئۆيگە ئەكىرىپ كۆرسىتەيمۇ ياكى ھەممىسىنى بىر يەرگە توپلاپ كۆرسىتەيمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ.
- ئۆيمۇ ئۆي كىرىشكە ۋاقىت كۆپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىنى شۇ ساراي دەرۋازىسىدىن ئۆتكۈزسىلە، بىز شۇ دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپ كۆرسەك دەيمىز، - دەپتۇ ھۈرلىقاخان. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ ۋەزىرلىرىگە:
- بۈگۈن شەھەرنىڭ بارلىق خەلقى ساراي دەرۋازىسىدىن ئۆتسۇن، - دەپ بۇيرۇق بېرىپتۇ. ۋەزىرلەر قول ئاستىدىكىلەرگە بۇيرۇق بېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ بۇيرۇق شەھەرنىڭ چوڭ - كىچىك، ئەر - ئايال ھەممىسىگە يېتىپتۇ.
كۈن چۈشتىن ئۆتۈپ پېشىن بولغاندا پادىشاھ مېھمانلار بىلەن دەرۋازىغا چىقىپتۇ. ھۈرلىقاخان ئوغۇلنى دەرۋازنىڭ بىر تەرىپىگە، قىزنى ئىككىنچى تەرىپىگە قويۇپ، ئۆزى كىيىك بىلەن بىر چەتتە تۇرۇپتۇ.
ئانچە ئۆتمەي يېڭى كىيىملىرىنى كىيىشكەن شەھەر خەلقى توپ - توپ بولۇپ دەرۋازىدىن ئۆتۈپتۇ. ھېچكىم قالمىغاندىن كېيىن ھۈرلىقاخان پادىشاھقا قاراپ:
- پادىشاھى ئالەم، مېنىڭچە ھەممە ئادەملىرى ئۆتمىگەندەك قىلىدۇ، بىرەر بۇلۇڭ - پۇچقاقلاردا قالغان كىشىلەردىن يوقمىدۇ؟ - دەپتۇ.
پادىشاھ لەشكەر باشلىقلىرىغا قاراپ:
- ھەر بىر ئۆيگە بىردىن ئەسكەر ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈپ كۆرۈڭلار، قالغان كىشىلەر بولسا دەررۇ دەرۋازىدىن ئۆتسۇن، - دەپ بۇيرۇپتۇ.
لەشكەر باشلىقلىرى لەشكەرلىرىنى ئۆيمۇ ئۆي ئىزدىتىپتۇ، شۇ چاغدا بىر لەشكەر ئېغىلدىكى كاتەكتە سولاقلىق تۇرغان بىر خوتۇننىڭ دەرۋازدىن ئۆتمىگەنلىكىنى خەۋەر قىلىپتۇ.
- مەيلى، ئۇمۇ ئۆتسۇن، ئادەم بالىسى ئەمەسمۇ، مېھمانلار ئۇنىمۇ كۆرسۇن، - دەپتۇ پادىشاھ.
بىر ۋاقىتتىن كېيىن چاچلىرى پاخپىيىپ، چىرايى ساماندەك سارغىيىپ كەتكەن بىر خوتۇننى ئىككى كۆزەتچى ھەيدەپ كەپتۇ. ئۇ خوتۇن دەرۋازىغا يېقىن كېلىشى بىلەنلا بىر ئەمچىكىنىڭ سۈتى ئوغلىنىڭ، بىر ئەمچىكىنىڭ سۈتى قىزىنىڭ ئاغزىغا تىرىلداپ ئېتىلىپتۇ.
ئەنە شۇ چاغدا ھۈرلىقاخان كۆپچىلىككە قاراپ:
- ئانىنى بالا، بالىنى ئانا بىلەن ۋە ئاتىنى بالا، بالىنى ئاتا بىلەن تېپىشتۇردۇم. ئۇلارنى بىر - بىرىدىن ئايرىپ، ئەيىبسىز ئانىنىڭ ئالدىغا كۈچۈكلەرنى تاشلىغانلار پادىشاھنىڭ مۇنۇ چوڭ خوتۇنلىرى بىلەن مۇنۇ مەستان كەمپىر، - دەپتۇ.
شۇندىن كېيىن ئاتا - ئانا ۋە بالىلار بىر - بىرلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغىلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ.
پادىشاھ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا چوڭ خوتۇنلىرى بىلەن مەستان كەمپىرنى ئاساۋ ئاتلارغا سۆرىتىپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق بېرىپتۇ. پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى دەررۇ ئاساۋ ئاتلارنى كەلتۈرۈپ پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنلىرى ۋە مەستان كەمپىرنى شۇ ئاتلارنىڭ قۇيرۇقىغا باغلاپ قويۇۋېتىپتۇ. ئاتلار چاپە - چاپە ھېلىقى تۆت خوتۇننى سۆرەپ، پارچە - پارچەقىلىپ تاشلاپتۇ.
ئاتا - ئانا بالىلىرى بىلەن ئەنە شۇنداق تېپىشقانىكەن.