ئالتۇن شەمشەر
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر ئادەمنىڭ بىر ئوغلى، ئىككى قىزى بار ئىكەن. بۇ ئادەم كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاغرىپ قاپتۇ، كېسىلى ئېغىرلىشىپ بالىلىرىنىڭ كېيىنكى كۈنلىرى ئېسىگە كەپتۇ. ئۇ ئوغلىنى ئالدىغا چاقىرىپ:
- ئوغلۇم، كېسىلىم كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ساقايسام بەختىڭلار، ناۋاردا ساقىيالماي ئۆلۈپ كەتسەم، سىلەرگە ئۆگەي ئاناڭلاردىن ياخشىلىق كەلمەيدۇ. قوزۇقتىكى ئالتۇن شەمشەرنى ساڭا مىراس قالدۇردۇم. مەندىن كېيىن قالساڭ ئالتۇن شەمشەرنى ئېلىپ قىبلە تەرەپتىكى ئىشىك بىلەن سەپەرگە ئاتلانغىن، ساڭا بىرەر نەرسە كېرەك بولسا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ، شەمشەرگە ئەمىر قىلساڭ، تىلىگەن نەرسە تەييار بولىدۇ، بۇ بىر. ئىككىنچىدىن مەن ئۆلگەندە نامىزىمغا ئىككى دىۋانە كېلىدۇ. سىڭىللىرىنى شۇ دىۋانىلەرگە بېرىۋەتكىن، - دەپ ۋەسىيەت قىلىپ، ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.
ئاتىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئوغلى ناماز كۈنى ئىككى دىۋانىگە ئىككى سىڭلىسىنى بېرىپ، ئۆزى ئالتۇن شەمشەرنى ئېلىپ، قىبلە تەرەپكە قاراپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. كۆپ يول يۈرۈپتۇ، يول يۈرسىمۇ مول يۈرۈپتۇ. تاغ - دەريا، ئورمان - جىلغىلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، بىر قاقاس چۆلگە كەپتۇ. قورسىقى ئېچىپ ماغدۇرى قالماپتۇ. دەرھال ئىككى رەكەت نامار ئوقۇپ، ئالتۇن شەمشەرگە:
- ماڭا تاماق تەييار بولسۇن، - دەپ ئەمىر قىلىپتۇ - دە، ئۆزى ھەيران قاپتۇ. دۇنيادىكى تاماقنىڭ ھەممە تۈرلىرىدىن يەتمىش ئىككى خىل غىزا تەييار بولۇپتۇ. بالا قورسىقىنى تويدۇرۇپ، ئەتراپقا قارىسا، چۆلنىڭ ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتكەن يول تۆپىسىدە بىر كەپە تۇرغۇدەك، كەپىگە كىرسە، كەپىدە بىر بوۋاي بىلەن موماي ئولتۇرغۇدەك. ئۇلار يولۇچىلار نان ساتىدىغان ناۋاي ئىكەن.
بالا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ ئىشىكتىن سالام بېرىپ كىرىپتۇ.
بوۋاي ئۇنى >نان ئالغىلى كەلگەن خېرىدار ئوخشايدۇ< دەپ ئويلاپ، خۇشال - خۇرام كۈتۈۋاپتۇ. گەپ ئارىسىدا ئۇ بالىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ۋە نەگە بارىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. بالىمۇ تارتىنىپ تۇرماي ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتلىرىنى سۆزلەپ:
- بىر يېتىممەن، بالىسى يوققا بالا بولىمەن، - دەپتۇ. بوۋاي بىلەن موماي پەرزەنتىسز ئىكەن، بۇ بالىنى خۇشاللىق بىلەن بالا قىلىۋاپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ناھايىتى ئىناق ئۆتۈشۈپتۇ.
بىر قانچە يىللار ئۆتۈپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە موماي:
- جۈر ئوغلۇم، سېنى شەھەرگە ئاپىرىپ تاماشا قىلدۇرۇپ كېلەي، - دەپتۇ.
- قويۇڭ ئانا، قېرىغاندا ئاۋارە بولماڭ، شەھەرنى ئۆزۈملا بېرىپ كۆرۈپ كېلەي - دەپتۇ. بالا ۋە شەھەرگە قاراپ راۋان بولۇپتۇ. چۈش ۋاقتى بىلەن شەھەرگە كىرىپ كەپتۇ. كوچا، رەستىلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ بىر كۆلنى كۆرۈپتۇ - دە، ئاغزى ئېچىلىپلا قاپتۇ. كۆلنىڭ تېگىدە بىر قىز تۇرغۇدەك. ئۇ قىز شۇنچىلىك چىرايلىق ئىكەنكى، ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس. بېلى بىر تۇتام غۇنچىدەك، ئىككى مەڭزى ئالمىدەك، ئاغزى ئويماقتەك، كۆزى بۇلاقتەك ئىكەن. ئوغۇل كۆلدىكى قىزنى كۆرۈش بىلەنلا ئاشىقى بىقارار بولۇپتۇ. كىيىملىرىنمۇ سالماي كۆلگە ئۆزىنى تاشلاپتۇ. كۆلنى ئاختۇرۇپ قىزنى تاپالماپتۇ، خاپا بولۇپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ ئىزلەپ چىققان بوۋاي بىلەن مومايغا ئۇچراپتۇ.
- ئاھ جېنىم بالام، - دەپتۇ موماي، - نەگە يوقالدىڭ؟ كىيىملىرىڭ نېمانداق ھۆل؟ سېنى كىم سۇغا باستى؟
- ھېچكىم، دەپتۇ يىگىت ۋە كىيىملىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. موماي:
- بالام، ئۇ پادىشاھنىڭ قىزىنىڭ كۆلدىكى شولىسى، - دەپتۇ.
- ئۇنداق بولسا پادىشاھنىڭ شۇ قىزىنى ئالىمەن، سىز شۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئەلچى بولۇپ بېرىپ بېقىڭ، دەپتۇ بالا.
- ۋاي ئوغلۇم، - دەپتۇ موماي، - بىز بىر كەمبەغەل تۇرساق، ئۇ بىر پادىشاھ تۇرسا، قانداق ئەلچىلىككە بارالايمەن؟
- ياق، بارغىن ئانا، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ يىگىت.
موماي نائىلاج رازى بولۇپ، مىڭ مۇشەققەت بىلەن پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرىپتۇ.
- ھە، قېرى، نېمىگە كەلدىڭ؟ مۇددىئايىڭنى ئېيت، - دەپتۇ پادىشاھ.
- قىزلىرىنى ئوغلۇمغا سوراپ قۇدا بولغىلى كەلدىم، - دەپتۇ موماي. پادىشاھنىڭ جان - پېنى چىقىپ كېتىپتۇ.
- سەن كىم، مەن كىم؟ سەندەك بىر گاداي قانداق قىلىپ مەندەك بىر پادىشاھ بىلەن قۇدا بۇلالايسەن؟ يوقال كۆزۈمدىن! - دەپ ئوردىدىن قوغلىۋېتىپتۇ. موماي يىغلاپ - قاقشاپ ئۆيىگە كەپتۇ ۋە بولغان ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ. يىگىت ئۇنىماي:
- يەنە بېرىڭ، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ.
موماي بالىسىنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، ئىككىنچى قېتىم يەنە بېرىپتۇ. بۇ نۆۋەت پادىشاھ غەزەپلىنىپ موماينى ئۆلۈمگە بۇيرۇماقچى بولغانىكەن، ئوڭ قول ۋەزىرى مەسلىھەت بېرىپتۇ:
- قۇدرەتلىك شاھىم، - دەپتۇ ۋەزىر، - >ئەلچىگە ئۆلۈم يوق< دېگەننى ئېسىڭىزدىن چىقىرىپ قويدىڭىزمۇ؟ ئەگەر ھازىر موماينى ئۆلۈمگە بۇيرۇسىڭىز ئىناۋىتىڭىزگە تەسىر يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە تويلۇقنى بۇ كەمبەغەل موماينىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان قىلىپ ئېغىر سېلىڭ، ئىككىنچى ھۇزۇرىڭىزغا ئاياغ باسمايدىغان بولىدۇ.
ۋەزىرنىڭ بۇ مەسلىھەتى پادىشاھقا يېقىپتۇ - دە:
- ئوغلۇڭغا بېرىپ ئېيت، شەھەر تېشىدىكى سايغا ئون سەككىز مىڭ ئالەمدىكى جىمى مېۋىلەر بار بىر باغ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئالتۇندىن بىر ئۆي سالسۇن، ئاندىن قىزىمنى بېرىمەن، - دەپتۇ.
موماي ئۆيىگە كېلىپ ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ ۋە يوقسۇلچىلىقتىن زارلاپتۇ.
- غەم قىلماڭ ئانا، پادىشاھنىڭ تەلىپىنى ئورۇندايمىز، - دەپتۇ بالا.
بالا ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ئىككى رەكەت نامازنى ئوقۇپ، ئالتۇن شەمشەرگە ئەمىر قىلغانىكەن، بىردەمنىڭ ئىچىدە پادىشاھنىڭ ئېيتقىنىدىنمۇ ئارتۇق باغ بىلەن ئىمارەت تەييار بولۇپتۇ.
- جان ئانا، باغ تەييار بولدى، پادىشاھقا بېرىپ ئېيتىڭ، - دەپتۇ بالا.
ئانا ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ ۋە پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
- باغ بىلەن ئىمارەت تەييار بولدى، - دەپتۇ.
پادىشاھ موماينىڭ سۆزىگە ئىشەنمەي ۋەزىر، ئۆلىمالىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كۆرگىلى چىقىپتۇ. قارىسا باغ بىلەن ئىمارەت ئۆزىنىڭ دېگىنىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئىكەن. پادىشاھ ئۆز ۋەدىسىدىن يانالماي چوڭ توي - تاماشا قىلىپ قىزىنى موماي، بوۋاينىڭ بېقىۋالغان ئوغلىغا بېرىپتۇ.
ئارىدىن بىر قانچە يىللار ئۆتۈپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ كۈيئوغلىنى ئوۋغا بىللە چىقىشقا تەكلىپ قىلىپتۇ.
پادىشاھنىڭ خوتۇنى بولسا قىزنى يوقلاپ كۈيئوغلىنىڭ ئۆيىگە كېتىپتۇ. قىزنى بىلەن تاماشا قىلىپ يۈرۈپ:
- قىزىم ئېرىڭىزنىڭ نېمە بايلىقى بار ئىكەن، - دەپ سوراپتۇ. ساددا قىزمۇ >ئۆز ئانام< دەپ ئىشىنىپ:
- ئۇنىڭ بارلىق دۇنياسى ئالتۇن شەمشەر ئىكەن، - دەپ ئېيتىپ قويۇپتۇ.
پادىشاھنىڭ خوتۇنى شەمشەرنىڭ ئالتۇندىن ئىكەنلىكىگە قىزىقىپ:
- قىزىم، پادىشاھنىڭ ئۆيىگە لايىق نەرسە ئىكەن، بىزنىڭ ئۆيدە تۇرسۇن، - دەپ شەمشەرنى ئېلىپ كېتىپتۇ. يولدا پادىشاھنىڭ خوتۇنىغا بىر موماي ئۇچراپتۇ.
- ۋاي خېنىم، - بەش باراۋەر ئالتۇن بېرەي، شۇ قىلىچلىرىنى ماڭا بەرسىلە، - دەپتۇ ھېلىقى موماي، بۇ موماي ئالتۇن شەمشەرنىڭ سىرىنى بىلدىكەن. پادىشاھنىڭ خوتۇنى شەمشەرنىڭ سىرىنى بىلمىگەچكە، ئۇنى مومايغا بەش باراۋەر ئالتۇنغا سېتىۋېتىپتۇ. موماي پادىشاھنىڭ خوتۇنى بىلەن خوشلىشىپ شەھەرنىڭ چېتىگە چىققاندا ئالتۇن شەمشەرگە:
- مۇشۇ باغ - ئىمارەتلەرنى ئون ئايلىق نېرىدىكى ئىككى دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا ئايرىپ بەرگىن، - دەپ ئەمىر قىلىپتۇ.
كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئالتۇن شەمشەر باغ بىلەن ئىمارەتنى ئون ئايلىق نېرىدىكى ئىككى دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا ئاپىرىپ قويۇپتۇ.
پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى ئوۋدىن قايتىپ كەلسە، باغ، ئىمارەتلىرى ئورنىدا يوق. بالا:
- ئاھ، دوستۇمدىن ئايرىلىپتىمەن! - دەپ ھۆڭرەپ يىغلاپ، باغ بىلەن خوتۇنىنى ئىزدەپ چىقىپ كېتىپتۇ. كۆپ جايلارنى ئىزدەپ يۈرۈپ بىر چۆل - جەزىرىگە كېلىپ قاپتۇ. قارىسا چۆلدە بىر ئايال يۈرگۈدەك، نېمىلا بولسا شۇنىڭدىن بىر سوراپ باقاي دەپ قېشىغا كەلسە، بۇ ئايال ئۆزىنىڭ دىۋانىگە بېرىۋەتكەن كىچىك سىڭلىسى ئىكەن. قېرىنداشلار قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى سۆزلىشىپ مۇڭدىشىپتۇ. ئەسلى قىزنى ئېلىپ كەتكەن بىر جادىگەر بولۇپ، ئۇ بۇ قىزنى نىكاھىغا ئالغانىكەن.
- سىڭلىم، ئېرىڭ قېنى؟ - دەپ سوراپتۇ ئاكىسى.
- بىر قارا مانانالىق بوران قەيەردىندۇر گۈزەل بىر باغلىق ئىمارەتنى ئۇچۇرۇپ كېلىپ ئۆتكەنىدى، ئېرىم شۇنى قوغلاپ كېتىپ قالدى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
- ئاھ! ... دەپ زارلاپتۇ يىگىت، - شۇ باغ بىلەن ئىمارەت مېنىڭ ئىدى. مەن شۇنى ئىزدەپ ماڭغانىدىم.
- ئۇنداق بولسا، بىر ئازدىن كېيىن ئېرىم قايتىپ كېلىدۇ، ئۇ ئالتە ئايلىق يولنى بىر سائەتتە باسىدۇ. سىزنى بېغىڭىز بار يەرگە ئاپىرىپ قويسۇن، - دەپتۇ سىڭلىسى.
راست دېگەندەك بىر ئازدىن كېيىن جادىگەر قايتىپ كەپتۇ. قىيناغىسى بىلەن كۆرۈشۈپ قىزنىڭ ئىلتىماسى بويىچە يىگىتنى باغنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېتىپتۇ. جادىگەر ئالتە ئايلىق يولنى بىر كۈندە بېسىپمۇ موماي ئېلىپ قاچقان باغ بىلەن ئىمارەتنى قوغلاپ يېتەلمەپتۇ. كەچ كىرىپ بىر مەنزىلگە كەلگەندە جادىگەر كۈيئوغۇلغا:
- ئۆيۈم يالغۇز قالدى. ئەمدى مەن قايتاي، يەنە بىر كۈن ماڭسىڭىز چوڭ سىڭلىڭىزنىڭ ئېرى ئۇچرايدۇ. شۇ سىزنىڭ بېغىڭىزنى تېپىپ بېرىدۇ، - دەپ قايتىپ كېتىپتۇ.
يىگىت يەنە چۆلدە يالغۇز مېڭىپتۇ، بىر كۈندىن كېيىن راست دېگەندەك، چۆلدە يەنە بىر ئايال يۈرگۈدەك، قېشىغا كەلسە چوڭ سىڭلىسى ئىكەن. ئۇلار يىغلىشىپ كۆرۈشۈپ مۇڭدىشىپتۇ، بىر ئازدىن كېيىن چوڭ سىڭلىسىنىمۇ جادىگەر ئېرى كېلىپ، يىگىتنى ئۈستىگە مىندۈرۈپ بىر چوڭ دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قويۇپ قايتىپ كېتىپتۇ. يىگىت بىر تاغنى ئېشىپ، ئۇ تەرەپكە قارىغۇدەك بولسا ئۆزىنىڭ بېغى بىلەن ئىمارەتنى تۇرغۇدەك، يېقىن كەلسە، مۈشۈكى بىلەن ئىتى چىقىپتۇ، ئۇلار يىگىتنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا سۈركىلىپ ئەركىلەپتۇ.
- بۇ يەرگە سىلەرنى كىم ئەكەلدى؟ - دەپ سوراپتۇ يىگىت.
- بىر يەتتە باشلىق يالماۋۇز موماي، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئىت سۆزىگە كېلىپ، - ئۇ بىزگە ۋە خوتۇنۇڭغا ناھايىتى كۆپ ئازاپ سالدى، بىزنى ئېلىپ كەتكىن.
- ئالتۇن شەمشەر بولمىسا سىلەرنى قانداق ئېلىپ كېتىمەن؟ - دەپتۇ يىگىت.
- ئالتۇن شەمشەر يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ ياستۇقىنىڭ ئاستىدا، ھازىر ئۇخلاۋاتىدۇ، - دەپتۇ ئىت. مۈشۈك:
- مەن بېرىپ ئوغرىلاپ ئېلىپ كېلەي، - دەپ ئالتۇن شەمشەرنى ئوغرىلاپ كەپتۇ. يىگىت ئالتۇن شەمشەرنى ئېلىپ خۇشاللىقىدىن يىغلاپتۇ ۋە:
- سەن نېمىشقا باغنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ بەردىڭ؟ - دەپ ئالتۇن شەمشەرگە ئاچچىقلىنىپتۇ يىگىت.
- مەن ساڭا باقى ئەمەس، كىمنىڭ قولىدا بولسام شۇنىڭغا ئىشلەيمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئالتۇن شەمشەر.
- ئۇنداق بولسا باغ بىلەن ئىمارەتنى دەرھال ئۆز جايىغا ئاپىرىپ قويغىن، - دەپتۇ يىگىت.
يىگىت كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە باغ بىلەن ئىمارەت ئۆز ئورنىغا كەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن بوۋاي، موماي، يىگىت ۋە كېلىن مۇرادلىرىغا يېتىپ، خۇشال - خۇرام ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.