UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقيىتىمنىڭ بەختى

يىتىمنىڭ بەختى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زاماندا بىر يىتىم ئوغۇل ئۆتكەن ئىكەن، ئۇ ماتا توقۇپ سېتىپ كۈنىنى ئۆتكۈزىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ بىر چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە بىر ساھىبجامال قىز 14 كۈنلۈك ئاي ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، تۈڭلۈك بېشىغا كېلىپ بىر تال قىزىلگۈل تاشلاپتۇ - دە، غايىپ بوپتۇ. يىگىت شۇندىن باشلاپ قىزنىڭ ئىشقى - پىراقىدا دەرت چېكىشكە باشلاپتۇ. قىزنى ئىزلەپتۇ، ئىزلەپتۇ، ئەمما ھېچيەردىن تاپالماپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ دەريا بويىغا بېرىپ دەرت - ئەھۋالىنى ئېقىپ كېتىۋاتقان سۇغا ئېيتىپتۇ. شۇ زامان دەريادىن بىر قاپاق چىقىپ يىگىتنى ئۈستىگە ئالغان پېتى ئاسمانغا كۆتىرىلىپتۇ. قاپاق ئۇچا - ئۇچا بىر دەرەخلىق جايغا كەلگەندە پەسلەپ، يىگىت يەرگە چۈشۈشى بىلەن تەڭ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. يىگىت ئادەم ئىزى چۈشمىگەن بۇ جاڭگالدا يالغۇز يۈرۈپ يەتتە كېچە - كۈندۈزنى ئۆتكۈزۈپتۇ. سەككىزىنچى كۈنى تەۋەككۈل دەپ مەشرىق تەرەپكە يول سالغان ئىكەن، ئۇزۇن ماڭمايلا ئالدىدا بىر ئكي تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئادەم بار جايغا كەپتىمەن دەپ ئىنتايىن خوشال بوپتۇ. بېرىپ قارىسا ئۆينىڭ ئىشىكى ئوچۇق، لېكىن ئادەم شەپىسى يوقمىش. ئۇ بىرەرسى چىقىپ قالار دەپ، خېلىغىچە كۈتسىمۇ ئۆيدىن بىرەر شەپە ئاڭلانماپتۇ. كەچ كىرىپتۇ، ئۇ ئۆيدە ئادەم يوقلۇقىغا كۆزى يېتىپ، بىر كېچە پاناھ قىلىش ئۈچۈن ئۆيگە قەدەم ئاپتۇ. ئۇ ئىشكتىن كىرىشىگە ئىشىك ئۆزلىكىدىن ئېتىلىپ قاپتۇ. ئۇ ھەر قانچە ھەپىلىشىپمۇ ئىشىكنى ئاچالماپتۇ. ئۆي ئىچىگە نەزەر سالسا لىق كىتاب تۇرغىدەك. ئۇ يىغلاپ - قاخشاپ، كىتاب ئوقۇپ بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزۈپتۇ. يەيدىغان ھېچنەرسە بولمىغاچقا، ئاخىرى مادارىدىن كېتىپ يىقىلىپتۇ. بۇ ئۆي ئەسلىدە تىلسىمات بولۇپ، بۇ يەرگە كەلگەنلەر ئوزۇق ئېلىپ كېلىدىكەن. كىتابلار ئىچىدىن ئۆيدىن چىقىش يولى يېزىلغان كىتابنى تاپالىسىلا، چىقىپ كېتەلەيدىكەن، بولمىسا بىرسى كېلىپ ئۆيدىن چىقىشنىڭ ئامالىنى قىلمىسا يا ئۆلمەي، يا قوپالماي كۆزى يۇمۇقلۇق يېتىۋېرىدىكەن. بالا بۇ ئۆيدە يېتىپ تۇرسۇن، بىز گەپنى ئۇ چۈشىدە كۆرگەن قىزدىن ئاڭلايلى: - يۇرت پادىشاھىنىڭ بىرمۇ پەرزەندى بولمىغان ئىكەن. 60 يېشىدا ئۇنىڭ تەلىۋى ئىجاۋەت بولۇپ، ئاللا ئۇنىڭغا بىر قىز ئاتا قىپتۇ. شاھ قىزىنى بەكمۇ ئەتىۋارلايدىكەن، قىز 14 ياشقا كىرگەن كۈنى ئوردىدىكى كىچىك - چوڭ ئۇنى مۇبارەكلەپتۇ. ھەر خىل ئېسىل سوۋغىلارنى تەقدىم قىلىپ قىزغا بەخت تىلەپتۇ. ئەمما قىزنىڭ ئۇستازى:>بەختسىز قىزىم< دەپ بېشىنى سىلاپلا قويۇپتۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان قىز يىغىلغان پېتى پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئۇستازىنىڭ دېگەنلىرىنى دەپتۇ. پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ، ئۇستازىنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېگەنلىكىنى سوراپتۇ. - شاھىم، - دەپتۇ ئۇستاز ھەسرەت چېكىپ، - ئاخشام بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمنىڭ تەبىرى شۇكى، شاگىرتىم بىر ئۆلۈك بىلەن نىكاھلىنىدىغاندەك. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان پادىشاھ >زىندانغا تاشلاڭلار!< دەپ ۋارقىراپلا ھۇشىدىن كېتىپتۇ. يەتتە كۈندىن كېيىنمۇ ھۇشىغا كەلمەپتۇ. ئوردا ھكۈمالىرىنىڭ قىلمىغىنى قالماپتۇ. پادىشاھ ساقايماپتۇ. قىز زىندانغا سولانغان ئۇستازىدىن داۋا سوراش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. ئۇستاز ئۇنىڭغا: - مۇشۇ يەردىن يەتتە كۈن يىراقلىقتىكى چۆلنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا بىر دەرەخلىق بار، دەرەخلىكتە بىر ئۆي بار. شاھىمغا شىپا بولىدىغان دورا شۇ ئۆيدە. لېكىن، دورىنى ئۆز قولىڭىز بىلەن ئەكەلمىسىڭىز شىپا بولمايدۇ، - دەپتۇ. قىز شىپالىق دورىنى ئەكىلىش ئۈچۈن يالغۇز ئۆزى بىر كېچىدە يولغا چىقىپتۇ. يەتتە كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپ دەرەخلىققە يېتىپ كەپتۇ. ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىشى بىلەن تەڭ ئىشىك ئۆزلىگىدىن ئېتىلىپ قاپتۇ. قىز ھەر قانداق قىلىپمۇ ئىشىكنى ئاچالماپتۇ. دادىسىنى ئويلاپ، ئۇستازىنى قاغاپ قان - زار يىغلاپتۇ. ئۇ شۇنداق قارىسا، يەردە بىرئۆلۈك ياقىدەك. قىزنىڭ جان - پېنى چىقىپ ئۆلۈكنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن بىر كىتابنى ئېلىپ كۆزىنى شۇنىڭغا باغلاپتۇ. كىتاپنى ئوقۇپ بىر يېرىگە كەلگەندە >مۇشۇ ئۆيدەر بىر يەلپىگۈچ بار، شۇ يەلپۈگۈچ بىلە يەلپۈسە ئۆلۈك تىرىلىدۇ< دېگەن خەتلەرگە كۆزى چۈشۈپتۇ. قىز دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆينى ئاختۇرۇپ، يەلپۈگۈچنى تېپىپ يىگىتنى يەلپۈشكە باشلاپتۇ. يەككە كۈن يەلپۈگەندىن كېيىن يىگىت كۆزىنى ئېچىپتۇ. ئۇ ھەيران بولۇپتۇكى، چۈشىدە گۈل تاشلىغان ساھىپجامال يەلپۈگۈچ تۇتۇپ بېشىدا ئولتۇرغۇدەك، ئۇ قىزغا ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىپتۇ. يىگىتنىڭ ئوتى قىزغا تۇتىشىپتۇ. ئىككى ئاشىق - مەشۇق بۇ يەردىن چىقىپ كېتىش ھەققىدە مەسلىھەت قىپتۇ. يىگىت قىزنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىش چارىسىنى كىتاپتىن تاپقانلىقىنى ئاڭلاپ، كېچە - كۈندۈز كىتاب ئوقۇپتۇ. ئەڭ ئاخىرقى كىتاپنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا:>كىتاب دەپ مىڭ قېتىم توۋلىسا ئىشك ئېچىلىدۇ< دەپ يېزىلغان ئىكەن. ئىككىيلەن مىڭ قېتىم توۋلاپتىكەن ئىشىك ئېچىلىپتۇ. ئۇلار ئىشىكتىن چىقىپ قارىسا يەردە بىر تال قىزىلگۈل سانچىقلىق تۇرغۇدەك. يىگىت گۈلنى دەرھال قولىغا ئاپتۇ - دە، قىزغا: - ئۈچ ئاي بۇرۇن چۈشۈمدە كۆرگەن گۈلنى قولۇمغا ئەمدى ئالدىم، - دەپتۇ. - بۇ گۈل دادامنى ھۇشىغا كەلتۈرگەي، - دەپتۇ قىز. ئىككىيلەن گۈلنى ئېلىپ ئوردىغا بېرىپ، گۈلنى پادىشاھغا پۇراتقان ئىكەن، پادىشاھ ھۇشىغا كەپتۇ. ئۇ قىزىغا رەھمەت ئېيتقان ئىكەن، قىز: - رەھمەتنى ئۇستازىمغا ئېيتقايسىز، - دەپ ئوردىدىن قۇيۇندەك چىقىپ، زىندانغا بېرىپ ئۇستازىنىڭ ئايىقىغا ئۆزىنى تاشلاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق