چورۇق بىلەن ئورۇق
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن بىر ئەر - خوتۇن بوپتىكەن. ئېرىنىڭ ئېتى چورۇق، خوتۇنىنىڭ ئېتى ئورۇق ئىكەن. ئېرى بايلارغا چاكار بولۇپ، خوتۇنى بايلارنىڭ ئۆيلىرىدە بالا بېقىپ، نېنىنى يېقىپ، كىرىنى يۇيۇپ جان بېقىپ يۈرىدىكەن. شۇنداق جاپالىق تۇرمۇش بىلەن كۈنلەر، ئايلار، يىللار ئۆتۈپتۇ...
كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاپقان - تەرگەن پۇلىنى يىغىپ، ئاران دېگەندە بىر ئېشەك سېتىۋاپتۇ، چورۇق ھەر كۈنى ئېشىكى بىلەن تاغقا چىقىپ، ئوتۇن ئەكىلىپ بازاردا ساتىدىغان بولۇپتۇ. ئەر - خوتۇن ئىككىسى بىر قۇردىن كىيىم - كېچەك كىيىپتۇ. بۇرۇنقىغا قارىغاندا بىر ئاز تويۇنۇپ قاپتۇ. ئاخىرى ئۇلار بىرەر توپاق ئالغۇدەك پۇلغىمۇ ئىگە بولۇپتۇ. بىر كۈنى ئەر - خوتۇن ئىككىسى مەسلىھەتلىشىپتۇ، خوتۇنى ئېرىگە قاراپ مۇنداق دەپتۇ:
- قولىمىزدا بىرەر توپاق سېتىۋالغۇدەك پۇلمۇ بولۇپ قالدى، باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى بار، ئۆلۈم - يېتىم بار. بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە، ئەسقاتىدىغان بىرەر مال قولىمىزدا يوق. بۇ پۇلغا بىر توپاق ئېلىپ قويايلى، بىر موزاي قىلىپ ئۈچ - تۆت يىل كۈتسەك، مال بولۇپ قالىدۇ.
- بۇ گېپىڭ توغرا، - دەپتۇ چورۇق، - مەن بازاردىن بىر توپاق سېتىۋالاي.
ئەتىسى چورۇق بازارغا بېرىپتۇ. مال بازىرىنى ئارىلاپ توپاقلارغا قاراپتۇ. شۇ كۈنى ئۇ بىر توپاق سېتىۋېلىپ، ئۇنى ئۆيگە يېتىلەپ كېلىپ، خوتۇنىغا كۆرسىتىپتۇ. خوتۇنى توپاقنى كۆرۈپ خۇشال بولۇپتۇ. چورۇق بىلەن ئورۇق بۇ توپاقنى ئۈچ - تۆت يىل باققاندىن كېيىن، شۇنداق چوڭ بۇقا بوپتىكى، ئۇلار بۇقىنى نوختىلاپ، زەنجىرىدە باغلاپ بېقىپتۇ. بىر كۈنى چورۇق ئورۇققا:
- خوتۇن، بۇ بۇقىنى بېقىش بىزگە ئېغىر كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالمايلى؛ ئۇنىڭدىن كۆرە ۋاقتىدا سېتىپ، دەردىمىزگە دەرمان قىلايلى، - دەپ مەسلىھەت قىلىپ، بۇقىنى زەنجىردە باغلاپ بازارغا ئېلىپ بېرىپتۇ. خەلق يۈگۈرۈشۈپ كەپتۇ، >بۇقىكەن< دەپ يېنىشىپ كېتىپتۇ. شۇ ئارىدا بىر كىشى كېلىپ: >ئەگەر بىر مۈڭگۈزلۈك بولسا ئالاتتىم< دەپتۇ. دىققەت بىلەن تۇرغان چورۇق بۇقىنىڭ بىر مۈڭگۈزىنى ئۇرۇپ سۇندۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرۈپ يەنە بىرسى >ئەگەر مۈڭگۈزى يوق بولسا، مەن دېگىنىڭنى بېرىپ ئالاتتىم< دەپتۇ، چورۇق بۇقىنىڭ يەنە بىر مۈڭگۈزىنى ئۇرۇپ سۇندۇرۇپتۇ. ھېلىقى ئادەم كۈلۈپ ئالماپتۇ. چورۇق >خەير< دەپتۇ. شۇ ئارىدا يەنە بىرى كېلىپ: >ئەگەردە بۇقىنىڭ قۇيرۇقى بولمىسا، مەن دېگىنىڭنى بېرىپ ئالاتتىم؛ قۇيرۇقى بولسا مىنىشكە بولمايدۇ. ئادەم ئۈستىگە مىنسە كىيىمىنى بۇلغايدۇ< دەپتۇ. شۇ چاغدا چورۇق بوقىنىڭ قۇيرۇقىنى كېسىۋېلىپ: >مە، ئال!< دەپ ھېلىقى ئادەمگە بەرسە، بۇقىنىڭ قۇيرۇقىنى ئېلىپ، بۇقىنى ئالماي كېتىپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن يەنە بىر ئادەم بۇقىنى كۆرۈپ:
- راسا مال ئىكەن، ئەمما بۇقىكەن، ئەگەر پىچىلگەن بولسا، دېگىنىڭنى بېرىپ ئالاتتىم، - دەپتۇ.
چورۇق يېنىدىن پىچىقىنى ئېلىپ پىچىۋېتىپتۇ. شۇ ئارىدا چورۇقنىڭ بۇقىسى قانسىراپ ئۆلۈپتۇ. چورۇق بۇقىنى تاشلاپ ئۆيگە بېرىپ، بولغان ۋەقەنى خوتۇنى ئورۇققا سۆزلەپ بېرىپتۇ. بۇلار بىر - بىرىگە سەۋىرلىك تىلىشىپتۇ.
بىر كۈنى چورۇق ئېشىكىنى ساتماق بولۇپ، خوتۇنى ئورۇققا مۇنداق دەپ تاپىلاپتۇ:
- سەن ئىشلەپ يۈرگەن باينىڭ خوتۇنىنىڭ ئۈچ ئالتۇن ئۈزۈكىنى بىزگە دورىلىققا كېرەك بولۇپ قالدى، ئېرىم سېرىق كېسەلگە دۇچار بولۇپ، كۈندىن - كۈنگە ساغىرىپ كېتىۋاتىدۇ، تىۋىپقا كۆرسىتىۋىدۇق: >ئالتۇن ئۈزۈكنى سۇغا تاشلاپ، سۇدىكى ئالتۇنغا يەتتە كۈن قارىسا، سېرىقىنى تارتىدۇ< دەپتۇ، دېگىن. ئورۇق باينىڭ خوتۇنىدىن ئېرى چورۇق ئۆگەتكەندەك، ئۈچ ئالتۇن ئۈزۈكىنى سوراپتۇ. باينىڭ خوتۇنى ئۈزۈكنى بېرىپتۇ.
چورۇق بۇ ئۈچ ئالتۇن ئۈزۈكنى بىر خالتىغا سېلىپ، ئېشەكنىڭ قۇيرۇقىغا قىستۇرۇپ باغلاپتۇ، ئاندىن ئېشەكنى يوپۇغداپ مىنىپ، بازارغا بېرىپ ساتماق بولۇپتۇ. بازاردا بىر ئادەم:
- ئېشەكنى ساتامسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ساتىمەن، - دەپتۇ چورۇق.
- باھاسى قانچە؟
- مىڭ تىللا ئالتۇن.
بازاردىكىلەر.:
- ئېشىكىڭنىڭ نېمە ھۈنىرى بار؟ - دەپ سورىسا:
- مېنىڭ ئىشىكىم خاسىيەتلىك ئېشەك، - دەپتۇ چورۇق، - ئۇنىڭ خاسىيىتى: ھەر جۈمەدە ئۈچ ئالتۇن تېزەكلەيدۇ. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن قۇيرۇقىغا خالتا باغلاپ قويدۇم.
شۇ ئارىدا ئالدىنقى بازاردا بۇقىسىنى ئالماق بولغان ھېلىقى تۆت كىشى يەنە ئېشەكنى قورشىۋېلىپ، بىرى بىرنى تېپىپتۇ، چورۇق: >ھوي، تەپمە ئېشەكتىن ئالتۇن تۆكۈلۈپ كېتىدۇ!< دەپتۇ. بۇ ئادەم چورۇقنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماستىن، ئېشەكنى يەنە بىر تېپىپتۇ. ئېشەك بىر دانە ئالتۇن تېزەكلەپتۇ. يەنە بىرنى تېپىپتۇ، يەنە بىر دانە ئالتۇن چۈشۈپتۇ. ئېشەكنىڭ ئالتۇن تېزەكلىگىنىنى كۆرۈپ، بازاردىكىلەر تالىشىپ، چورۇقتىن ئۇنى مىڭ تىللاغا سېتىۋاپتۇ. چورۇق مىڭ تىللانى ئاپتۇ. بايىقى تۆت ئادەم چورۇقتىن ئېشەكنىڭ خاسىيىتىنى يەنە ئېنىقلاپ سوراپتۇ.
- ئېشەك ھەر جۈمەدە ئۈچ ئالتۇن تېزەكلەيدۇ، - دەپتۇ چورۇق، - ھەر جۈمەدە بىر باغ يەيدۇ، بىر چېلەك سۇ ئىچىدۇ؛ قۇيرۇقىدىكى خالتىسى ئېلىنمايدۇ. ئېشەكنى باغلىغاندا، قۇيرۇقىنى ئوقۇرغا، بېشىنى ئىشىككە قىلىپ باغلاش كېرەك. پاختىنى سۇغا چىلاپ مېڭىسىگە باغلاپ قويۇڭلار. بىر جۈمە توشتى دېگەندە، تالاغا چىقىپ جېنىڭلارنىڭ بېرىچە بېقىنىغا تەپسەڭلار، ھەر تەپكىنىڭلاردا بىر ئالتۇن تېزەكلەيدۇ.
ئاندىن ھېلىقى تۆت ھەييار خۇشال ھالدا ئېشەكنى ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇلار سوغاقنىڭ قاتتىقلىقىغا قارىماستىن، ئېشەككە ئېغىل ياساپ، بايىقى چورۇق دېگەندەك، ئېشەكنىڭ ئوقۇرىغا بىر باغ چۆپ تاشلاپ، قۇيرۇقىدىن باغلاپتۇ. بېشىنى ئىشىككە باغلاپ، بىر چېلەك سۇنى پاختىغا قۇيۇپ، ئېشەكنىڭ مېڭىسىگە تېڭىپ ئېشەكنى ئېغىلغا سۇلاپ قويۇپتۇ. ئۆزلىرى كۈن ساناپ، تەسلىكتە بىر جۈمەنى توشقۇزۇپ، >مانا بۈگۈن بىر جۈمە بولدى!< دەپ، ئېشەكنى ئالتۇن تېزەكلەتمەك بولۇپ، ئېشەكنىڭ ئېغىلىنى ئېچىپ كىرسە، ئالتۇن تېزەكلەيدىغان ئېشەك توڭلاپ قېتىپ قالغان. ئۇلار دەرغەزەپكە كېلىپ، چورۇقتىن پۇلىنى قايتۇرۇۋالماق بولۇپ، چورۇقنىڭ ئۆيىنى ئىزلەپ مېڭىپتۇ.
چورۇق ئۇلارنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئورۇققا شۇنداق دەپتۇ:
- ئېشەكنى ئالغانلار كېلىۋاتىدۇ، مەن ئۆزۈمنى قومۇشلۇققا ئالاي، ئىتنى ئېلىپ كېتىمەن. ئۇلار كېلىپ مېنى سورىسا، قومۇش ئورۇۋاتىدۇ، دەپ ماڭا ئەۋەت؛ مەن ئىتنى ئۆيگە ئەۋەتىمەن، سەن بەش كىشىلىك تاماقنى قاچا - قومۇچلىرىڭ بىلەن كۆتۈرۈپ، ئىتنى ئەگەشتۈرۈپ بارغىن، - دەپ جېكىپ قويۇپتۇ - دە، ئۆزى قومۇشلۇققا كېتىپتۇ.
بىر ۋاقىتتا بايىقى ئېشەكنى سېتىۋالغانلار قومۇشلۇققا كېلىپ:
- سېنىڭدىن ئالغان ئېشەكنى سەن دېگەندەك قىلىپ، ئېغىلغا باغلاپ، تۆتىمىز بىر جۈمە كۈتتۇق، بىر جۈمە بولدى دېگەندە ئېغىلنى ئېچىپ كىرسەك، ئېشەك ئۆرە تۇرغىنىچە توڭلاپ قېتىپ قاپتۇ، ئەمدى سەن بىزدىن ئالغان تىللارنى قايتۇرۇپ بەرگىن، - دەپتۇ.
- ھېچگەپ ئەمەس، - دەپتۇ چورۇق، - ئەگەر سىلەرمۇ ئۆيگە كىرمەي ئېشەككە قاراپ تۇرغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلارمۇ قېتىپ قالاتتىڭلار. مېنىڭدە پۇل يوق؛ پۇلۇمنى قاراقچىلار بۇلاپ كەتتى؛ ئەمدى سىلەر قۇرۇق قايتماڭلار، تاماق يەپ كېتىڭلار، - دەپتۇ.
بايىقى تۆتىنىڭ قورساقلىرى ئىنتايىن ئاچقانلىقتىن، تىللىرىنى چاكىلدىتىپ، كالپۇكلىرىنى يالىشىپ كېتىپتۇ. چۇرۇق بۇلارنىڭ قورساقلىرىنىڭ ئاچقانلىقىنى سېزىپ:
- سىلەر بىر ئاز دەم ئېلىپ تۇرۇڭلار، مەن تاماققا ئەۋەتەي، دەپ، ئىتىغا قاراپ، >بار، مېھمانلارغا غىزايىڭنى ئېلىپ كەل!< دەپ ئىتىنى قويۇۋېتىپتۇ. ئىتى ئۆيى تەرەپكە كېتىپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن چورۇقنىڭ خوتۇنى ئىتنى ئەگەشتۈرۈپ، تۆت قوشۇق، تۆت قاچا تاماق ئېلىپ كەپتۇ. چورۇق خوتۇنى ئېلىپ كەلگەن غىزانى بۇ تۆتىگە قۇيۇپ بېرىپتۇ. ھېلىقى تۆتى بۇ ئىتقا ھەيران بولۇپ، چورۇقتىن:
- بۇ ئىتنىڭ قانداق خاسىيىتى بار؟ - دەپ سوراپتۇ. چورۇق مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ.
- بۇ ئىتنىڭ بىر خاسىيىتى، بىرسى كەلسە، >بىرسى كېلىۋاتىدۇ< دەپ خەۋەر بېرىدۇ؛ ئىككىنچى خاسىيىتى، قورساق ئاچقاندا، >غىزانى ئېلىپ كەل!< دەپ بۇيرۇسا، شۇ ھامان ئالدىڭلارغا غىزا ئېلىپ كېلىدۇ.
- مۇشۇ ئىتىڭنى بىزگە بەرسەڭ، - دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋاپتۇ ئۇلار.
چورۇق بۇلارغا ئىتنى باغلاپ بېرىپتۇ. ئۇلار خۇشال بولۇپ ئىتنى يېتىلەپ قايتىپتۇ.
بىر كۈنى ئۇلار ئىتنى يېتىلەپ بىر شەھەرگە بېرىپ، كېچىسى بىر دۇكاننىڭ جىسەكچىسىنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئىشىكلىرىنى بۇزۇپ، دۇكاننىڭ ئىچىگە كىرسە، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتكۈسىز ماللار تىزىلىپ كەتكەن؛ تاۋار - دۇردۇن، كىمخاب، مەخمەل، ئالتۇن - كۈمۈش، ئۈنچە - مارجان ۋە نەقىش - زەرلەر تۇتقان تەييار كىيىملەر... ئۇلار سىرتقا ئاتلىرىنى باغلاپ قويۇپ، دۇكاننىڭ ئىچىدىكى ماللارنى تاغارلىرىغا سېلىشقا باشلاپتۇ. شۇ ئارىدا بىرى بايىقى ئىتقا >سەن تالادا قاراپ تۇر، ئەگەردە بىرى كەلسە، خەۋەر قىل!< دەپ قويۇۋېتىپتۇ. ئىت شۇ قاچقان بويىچە، توپ - توغرا ئۆيىگە بېرىپتۇ. چورۇق تالاغا چىقسا، ئىتى ئىشىك ئالدىدا تۇرغان. >ھە، ئەمدى بۇلار ئىتنى ئىزلەپ كېلىدۇ< دەپ ئويلاپ، بىر دوۋساقنىڭ ئىچىگە قىزىل بوياقنى قۇيۇپ خوتۇنىغا بېرىپتۇ.
ھېلىقى تۆتى كەلگەندە، قورسىقىڭغا باغلىۋالغىن، ئۇلار كەلگەندىن كېيىن، مەن ساڭا ئاچچىق قىلىپ دوۋساقنى يارىمەن، سەن ئۆلگەن بولۇپ يېتىۋالغىن؛ ئاندىن يۈگۈرۈپ تۇرۇپ، چوماق بىلەن بېشىڭغا نوقۇيمەن، دەررۇ ئورنىڭدىن تۇرۇپ تاماق ئەت، - دەپتۇ چورۇق خوتۇنى ئورۇققا چۈشەندۈرۈپ.
ھېلىقى تۆتى: بىرسى كېلىپ قالسا ئىت بىزگە خەۋەر قىلىدۇ، دەپ دۇكاندىكى ماللارنى يىغىشتۇرۇپ، ئەمدى ئاتلارغا ئارتىپ دۇكاندىن چىقىشىغا دۇكاننىڭ ئىگىلىرى تۇتۇۋېلىپ ئۆلگىچە ئۇرۇپتۇ؛ ئۇلاردىن بىرى تاياقتىن ئۆلۈپتۇ. ئۈچى قېچىپ قۇتۇلۇپتۇ. قېچىپ بىر يەرلەرگە كېلىپ قارىسا، خەۋەر قىلىدىغان ئىتى يوق.
شۇندىن كېيىن ئۇلار چورۇقنى ئۆلتۈرمەك بولۇپ، چورۇقنىڭ ئۆيىگە بارسا، ئىتى ئىشىك ئالدىدا ياتقان. چورۇق ئۇلارنى كۆرۈپ، ئالدىغا خوتۇنى بىلەن چىقىپتۇ. ھېلىقى ئۈچى بولغان ۋەقەنى چورۇققا ئېيتىپتۇ. چورۇق ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، خوتۇنىغا ئاچچىق قىلىپ، >سەن نېمىشقا ئىت كەلگەن زامان>ئىگەڭگە خەۋەر قىل!< دەپ، ئىتنى قايتۇرمىدىڭ؟! دەپ يېنىدىن پىچاقنى ئېلىپ، خوتۇنى ئورۇقنىڭ قورسىقىغا بىرنى ئۇرۇپتۇ. قان ئېتىلىپ چىقىپتۇ - دە، خوتۇنى >ئۆلۈپتۇ< ئاندىن ھېلىقى ئۈچى:
- بىز ساڭا خوتۇنۇڭنى ئۆلتۈرۈپ بەر دېمىدۇق، نېمىشقا ئۆلتۈرسۇن؟! - دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ. چورۇق بولسا:
- ئالدىراشما، كېرەك بولسا تىرىلدۈرىمەن! - دەپ ئۆيگە كىرىپ مىخ قېقىلغان بىر چوماقنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خوتۇنى ئورۇقنىڭ بېشىغا بىر نوقۇپ، ئۆزى دېرىزىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ ناخشا ئېيتىپ ئولتۇرۇپتۇ. ھېلىقى ئۈچى قاراپ تۇرسا، چورۇقنىڭ خوتۇنى دەسسىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، تاماق ئېتىۋاتقۇدەك؛ بۇنى كۆرۈپ ئۇلار ھەيران بولۇپتۇ. ئولتۇرۇپ تاماق يەپتۇ، ئاندىن چورۇقتىن چوماقنىڭ خاسىيىتىنى سوراپتۇ. چورۇق:
- بۇ چوماقنى مانا ئۆلىمەن، ئەنە ئۆلىمەن دېگەننىڭ بېشىغا راسا كۈچەپ، جېنىڭنىڭ بېرىچە بىرنى ئۇرىدىغان بولساڭ، دەررۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، تاماق ئېتىدۇ، - دەپتۇ. ھېلىقى ئۈچى:
- چوماقنى بىزگە بەرگىن! - دەپ سوراپ تۇرۇۋاپتۇ. چورۇق چوماقنى ئۇلارغا بېرىپتۇ. ئۇ ئۈچى چوماقنى ئېلىپ ئۆيلىرىگە خۇشال قايتىشىپتۇ. چورۇق خوتۇنى ئورۇققا: >ئەمدى مەن ئۆزۈمنى چەتكە ئالاي، بۇلار يەنە كېلىۇ؛ بۇ قېتىم مەن ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشسەم مېنى ئۆلتۈرىدۇ؛ مېنى سوراپ كەلگەندە: >ئوۋغا چىقىپ كەتكەن دېگىن< - دەپ جېكىپ، ئوزۇقىنى ئېلىپ، دەريا بويىغا كېتىپتۇ.
ھېلىقىلار چوماقنى كۆتۈرۈپ كېتىپ بېرىپ، ئۈچىنىڭ بىرى ئاغىنىلەر، ئۆزۈڭلارنىڭ خەۋىرى بار، مېنىڭ خوتۇنۇم قاچانلا بولسا >ئۇ يېرىم ئاغرىيدۇ، بۇ يېرىم ئاغرىيدۇ، مانا ئۆلىمەن، ئەنە ئۆلىمەن، دەپ قورقىتىدۇ، توپ - توغرا بىزنىڭ ئۆيگە بارايلى؛ مۇشۇ خاسىيەتلىك چوماق بىلەن ئۆلمەس، ئاغرىماس قىلىۋالايلى< دەپتۇ. ئاغىنلىرى ماقۇل كۆرۈپتۇ. بارسا، دېگەندەك ئاغىنىسىنىڭ خوتۇنى ئاللا توۋىنى سېلىپ ياتقان.
ئاغرىق خوتۇننىڭ ئېرى:
- ئۆلىمەن دەپ قورقمىغىن. ئۆلگەننى تىرىلدۈرىدىغان خاسىيەتلىك چوماق تېپىپ كەلدىم؛ ئالدىرىما، سەۋىر قىلغىن، مەن كۈچ - قۇۋۋىتىمنى يىغاي، - دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، چوماقنى قولىغا ئېلىپ، راسا كۈچەپ تۇرۇپ، خوتۇنىنىڭ بېشىغا بىرنى ئۇرغان ئىكەن خوتۇنىنىڭ مېڭىسى چۇگۇلۇپ كېتىپتۇ...
ئاغىنە ئۈچى ناخشا ئېيتىپ بېقىپتۇ، ۋارقىراپ بېقىپتۇ، ئۆلگەن خوتۇن تىرىلمەپتۇ.
قارىسا خوتۇن ئاللىقاچان ئۆلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۈچى چورۇقنى ئۆلتۈرمەك بولۇپ، ئاتلىرىغا مىنىپ، چاپتۇرغان بويى ئۇنىڭ ئۆيىگە بارسا، چورۇق يوق، خوتۇنىدىن سوراپتۇ. خوتۇنى: >جاڭگالغا ئوۋغا كەتتى< دەپتۇ. ئۈچى چورۇقنى ئىزلەپ جاڭگال تەرەپكە ئات چاپتۇرۇپتۇ. چورۇق بۇلارنىڭ ئات چېپىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ جاڭگال ئىچىدە يۈگۈرۈپ كېتىپ بارسا، نۇرغۇن كالىلارنى ھەيدەپ كېلىۋاتقان بىر ئاتلىق ئادەم ئۇچراپ قېلىپ:
-ئاۋۇ ئات چېپىپ يۈرگەنلەر كىم؟ مۇنۇ كالىلارنى ئوغرىلاپ كېلىۋاتاتتىم؛ سەن ماڭا ئاشۇلاردىن قۇتۇلۇشقا ياردەم قىل، مالنى ئامان ساقلاپ قالساق تەڭ بۆلۈۋالىمىز، - دەپتۇ. چورۇق: - ماقۇل، مە، ئۇنداق بولسا مېنىڭ كىيمىمنى سەن كىيىپ، دەرياغا قاراپ مېڭىۋەرگىن، سېنىڭ كىيىمىڭنى مەن كىيىپ، ئاتقا مىنىپ، كالىلارنى سەن كەلگىچە بېقىپ تۇرىمەن، - دەپتۇ. ھېلىقى ئوغرى دەررۇ چورۇقنىڭ كىيمىنى كىيىپ، يولغا چىقىپ، دەرياغا قاراپ مېڭىپتۇ. چورۇقنى ئىزلەپ يۈرگەن ئۈچ ئاتلىق يىراقتىن بۇنىڭ دەرياغا قاراپ پىيادە كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ يېتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ پۇت - قۇلىنى باغلاپ، تورغا سېلىپ، ۋارقىرىغان - جارقىرىغىنىغا قارىماي دەرياغا تاشلىۋېتىپتۇ. ئاندىن بىر ئاز ھاردۇق ئېلىپ، يەنە ئاتلىنىپ كېلىۋاتسا، چورۇق بىر ئاتقا مىنىپ، كالىلارنى ھەيدەپ بۇ ئۈچىنىڭ ئالدىغا چىقىپتۇ. ئۇلار چورۇقنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ:
- بىز سېنى دەرياغا تاشلىۋەتكەنغۇ؟ سەن قانداق قىلىپ ئامان چىقتىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. چورۇق ئۇلارغا:
- سىلەر پۇت - قولۇمنى باغلىماي تاشلىغاندا، بۇنىڭدىنمۇ نۇرغۇن مالغا ئىگە بولىدىكەنمەن، دەريانىڭ تېگى مالغا لىق تولغان ئىكەن، قېنى كېرەك بولسا، ئېلىشىڭلارچە ئېلىڭلار، - دەپتۇ.
- يۈر، بىزگە كۆرسەت، - دەپتۇ ھېلىقى ئۈچى. چورۇق ئاتقا مىنىپ، كالىلارنى دەريانىڭ لىۋىگە ھەيدەپ، سۇغا چۈشۈپ تۇرغان كالىلارنىڭ شولىسىنى:
- ئەنە كۆردۈڭلارمۇ، - دەپ ھېلىقى ئۈچىگە كۆرسىتىپتۇ. بۇ ئۈچى كېلىپ قارىسا، دېگەندەك دەريانىڭ تېگىدە توشۇپلا كەتكەن كالا، بۇلار دەررۇ ئاتلىرىدىن چۈشۈپ، دەريانىڭ تېگىدىكى كالىلارنى ھەيدەپ چىقماق بولۇپتۇ. بىرى يۈگۈرۈپ بارغان بويى سەكرەپتۇ - دە، دەرياغا بىر چۆكۈپ چىقىپ، قولىنى پۇلاڭلىتىپتۇ. ئۇنى كۆرۈپ ئىككىنچىسى سەكرەپتۇ، ئۇمۇ قۇلىنى پۇلاڭلاتقاندا، چۇرۇق >سېنىمۇ چاقىرىۋاتىدۇ< دەپ، ئۈچىنچىسىنىمۇ دەرياغا چۈشۈرۈپتۇ. ئۈچىلىسى دەريادا ئېقىپ ئۆلۈپتۇ. چورۇق ئۇلاردىن قۇتۇلۇپ، ئامان - ئېسەن ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ.