UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقباي بىلەن چاكار

باي بىلەن چاكار

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا مامۇتاخۇن دىگەن بىر كەمبەغەل ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ئاق كۆڭۈل بولۇپ، ئاچكۆز، زالىم بايلارغا بەكمۇ ئۆچ ئىكەن. بۇ ئادەم ياشىغان يۇرتتا بىر ئاچكۆز باي بار ئىكەن. ئۇ يىل بويى ئادەملەرنى ئىلشىتىپ، ھەققىنى بەرمەك تەس كېلىپ، قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىدىكەن. بارا - بارا بۇ بايغا ئىشلەيدىغانلار ئازىيىپ كېتىپتۇ. ئاخىرى ئۇنىڭغا ھىچكىم ئىشلەپ بەرگىلى ئۇنىماپتۇ. باي مامۇتاخۇننىڭ ئالدىغا كەپتۇ. مامۇتاخۇن: - مېنىڭ بەش شەرتىم بار. شۇنىڭغا كۆنسىلە ئىشلەيمەن، بولمىسا ئىشلىمەيمەن، - دەپتۇ. - قېنى شەرتلىرىڭىزنى ئېيتقىن، - دەپتۇ باي. - بىرىنچىسى: مېنىڭ ئىش ھەققىم ئۈچۈن ئون چارەك بۇغداي، ئون بەش چارەك قوناق بېرىلا. بۇغداي، قوناقنى ئۆزەمنىڭ تارازامدا تارتىپ ئالىمەن. ئىككىنچىسى: بىر ماڭغان يولدا ئىككىنچى ماڭمايمەن. ئۈچىنچىسى: كۆلنى كۆتىرەلمەيمەن. تۆتىنچىسى: مىڭلىغان بەللەرنى كېسەلمەيمەن. بەشىنچىسى: تاغ بېشىنى چۈشۈرەلمەيمەن، - دەپتۇ مامۇتاخۇن. ئىشلەتكىلى ئادەم تاپالماي تۇرغان باي بۇ شەرتلەرگە ماقۇل بولۇپتۇ ۋە >يىل ئاخىرىدا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن. ئىش ھەققى بېرىش مەۋجۇت بولمايدۇ. باشقا شەرتلەرگە كەلسەك، مەن ئۇنى شۇنداق ئىشلارغا سالاتتىممۇ< دەپ ئويلاپتۇ ۋە تىل خەت بېرىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى باي مامۇتاخۇنغا: - ھەي چاكار، ماڭ سۇ ئەپكەل، - دپتۇ. - باي ئاكا، بەرگەن تىل خەتلىرىگە ئەمەل قىلسىلا، - دەپتۇ مامۇتاخۇن. - ئەمەل قىلماي نىمە قىلدىم؟ - دەپتۇ باي، - مەن سېنى سۇ ئەپكەل دەۋاتىمەن. - مەن سىلىگە >كۆلنى كۆتىرەلمەيمەن< دىگەن ئەمەسمىدىم؟ ئاڭلىمىانمۇ - يا؟ -دەپتۇ مامۇتاخۇن. بۇ گەپنى ئاڭلىغان باي ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەرگە ئوبدانراق ئويلاپ ئاندىن ماقۇل دىمىگىنىگە پۇشايمان قىلىپ دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، سۇنى ئۆزى ئەكەپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ بىر كۈنى باي مامۇتاخۇننى تاغدىن ئوتۇن ئەكىلىشكە بۇيرۇپتۇ. - ۋاي باي ئاكا، مەن >تاغ بېشىنى چۈشۈرەلمەيمەن< دىگەن ئىدىمغۇ؟ - دەپتۇ مامۇتاخۇن. - مەن سېنى تاغ بېشىنى چۈشۈر دىمىدىم، ئۇقۇۋاتامسەن، تاغدىن ئوتۇن ئەپكەل دەۋاتىمەن، - دەپ ۋارقىراپتۇ باي. - باي ئاكا، تازىمۇ دۆت ئىكەنلا، تاققا بېرىپ ئوتۇن كەسلەش تاغ بېشىنى چۈشۈرگەنلىك ئەمەسمۇ؟ - دپتۇ مامۇتاخۇن. باي گەپ قىلالماي قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ، مامۇتاخۇن باينىڭ ئېشىنى يەپ، قاچىسىنى بىكارلاپ، يول مېڭىپ يول بىكارلاپ، باينىڭ جېنىغا تېگپىتۇ. ئەتىياز كېلىپ يەر تېرىش مەزگىلى بولۇپتۇ. باي: - ھەي چاكار، ماڭ يەرلەرنى ھەيدە، بۇ ئىشنىغۇ قىلارسەن؟ - دەپتۇ مامۇتاخۇنغا. - ۋاي باي ئاكا، نىمە دەۋاتىلا؟ مەن >بىر ماڭغان يولۇمدىن ئىككىنچى ماڭمايمەن< دىمىدىممۇ؟ - دەپتۇ مامۇتاخۇن كۈلۈپ تۇرۇپ. باي ئۇنى دىسە، ئۇ بۇنى دەپ، بايغا زادىلا گەپ بەرمەپتۇ. باي ئۇنى دەۋا قىلىپ قازىنىڭ ئالدىغا سۆرەپ ئاپىراي دىسە، دەۋادا ئۆزىنىڭ يېڭىلىپ، ئوسال بولىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئامالسىزلىقتىن ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزى يىگۈدەك بولۇپتۇ. ئەتىياز كېتىپ ياز كەپتۇ. ئورما ۋاقتىمۇ بولۇپ قاپتۇ. باي مامۇتاخۇننى ئورما ئورۇشقا بۇيرۇپتۇ: - ۋاي باي ئاكا، ۋەدىلىرىگە زادىلا ۋاپا قىلمايدىكەنلا، مەن >نۇرغۇن بەللەرنى كېسەلمەيمەن< دىمىگەنمىدىم؟ ئىشەنمىسىلە تىل خەتنى كۆرۈپ باقسىلا، - دپتۇ مامۇتاخۇن. بۇ گەپنى ئاڭلىغان باي ئاچچىقىدا يېرىلغۇدەك بولۇپ: - يوقال كۆزۈمدىن! - دەپ ۋاقىراپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان مامۇتاخۇن كۈلۈپ كېتىپ: - باي ئاكا، ئالدىرىمىسىلا. مەن بۇ ئۆيدە بىر يىلدەك ئىشلىدىم. ئىش ھەققىمنى بەرمەملا؟ - دەپتۇ. بۇنىڭدىن قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن باي ئاخىرى ئون چارەك بۇغداي، ئون بەش چارەك قوناق بېرىشكە مەجبۇر بولۇپتۇ. چاكار ئۆيىگە بېرىپ تىل خەت بىلەن ئۆز تارازىسىنى ئېلىپ كەپتۇ. بۇ تارازا ئىنتايىن يوغان بولۇپ، يىگىرمىدەك ئادەم كۆتىرەلەيدىكەن. - نىمە ئۇ؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ باي. - ئاستا گەپ قىلسىلا، - دەپتۇ مامۇتاخۇن، -سىلە ماۋۇ تىل خەتنى ئوقۇپ باقسىلا. بىز دەسلەپ قىلىشقان بۇ توختامدا نىمە دىيىشكەن ئىدۇق؟ - سېنىڭ بۇ تارازاڭنى مەن ئۇ چاغدا كۆرمىگەن تۇرسام، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ باي. - شۇ چاغدا نىمە ئۈچۈن كۆرۈپ باقمىغان؟ - دەپتۇ مامۇتاخۇن. بۇ تالاش - تارتىشتا ئۇ ئاخىرى يېڭىپ چىقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ يوغان تارازىسىدا تارتىپ ئون چارەك بۇغداي، ئون بەش چارەك قوناقنى ئاپتۇ. باينىڭ ئاشىلىقى مامۇتاخۇننىڭ ئىش ھەققى ئۈچۈن ئاران چىقىش قىلىپتۇ. باينىڭ ئاشلىق ئامبارلىرى ھايت - ھۇيت دىگۈچىلا قۇرۇپتۇ. ئاچكۆز باي ئەلەم - دەرتكە چىدىماي بىر كېچىدىلا يوقاپ كېتىپتۇ. مامۇتاخۇن شۇ يۇرتتىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپتۇ ۋە بايدىن ئالغان ئاشلىقنى كىشىلەرگە بۆلۈپ بېرىپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: توخسۇ ناھىيە پەيشەنبە بازار گۇڭشې ئارا مەھەللە دادۈي بىرىنچى دۈيدىكى ھېپىزەم كېرەم.
← بارلىق تېمىلار چوچاق