UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقتۆت تەڭگىگە قىممەت، توققۇز تەڭگىگە ئەرزان

تۆت تەڭگىگە قىممەت، توققۇز تەڭگىگە ئەرزان

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر كىشى ئوغلىنى ئەگەشتۈۈپ بىر تۆگە سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۇلاغ بازىرىغا كىرىپتۇ. بىر نار تۆگىنىڭ باھاسى تۆت تەڭگىگە توختىغانىكەن، بالىسى >ئالىلى< دېسىمۇ، >بالا تۆگە قىممەت ئىكەن< دەپ بازاردىن قايتىپ چىقىپتۇ، ئارىدىن بىر نەچچە يىللار ئۆتۈپتۇ. ھېلىقى ئادەم يەنە بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ ئۇلاغ بازىرىغا كىرىپتۇ. بىر ئورۇق تۆگىنىڭ باھاسى توققۇز تەڭگىگە توختىغانىكەن. شۇنى ئاپتۇ ۋە بالىسىغا قاراپ: - بۇ تۆگە بىزگە ناھايىتى ئەرزان توختىدى جۇمۇ بالام، - دەپتۇ. بالىسى ھەيران بولۇپ: - دادا، سەن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى نار تۆگىنى تۆت تەڭگىگە بەرسە قىممەت دەيسەن، ئەمدى بىر ئورۇق تۆگىنى توققۇز تەڭگىگە بەرسە ئېلىپ يەنە ئەرزان دەيسىنا؟ - دەپتۇ. دادىسى: - ۋاي بالام، ئۇ چاغدا يانچۇقۇمدا پۇلۇم ئاز ئىدى، - دەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق