ئەپچىلەم
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن بىر كىشىنىڭ بىر ئوغلى بولغانىكەن. بۇ بالا كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادىسى قازا قىلىپ، ئۆگەي ئانىنىڭ قولىدا قاپتۇ. ئىددەت مۇددىتى توشا - توشماي ئۆگەي ئانىنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپ، بىر قارا كۆڭۈل ئادەم بىلەن ئېلىپ، - تېگىشمەكچى بولۇشۇپتۇ.
بىر كۈنى كەچتە ھېلىقى ئادەم بۇلارنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. بالا يېتىپ قالغاندىن كېيىن ئۇلار ئۇچاق ئالدىدا ئولتۇرۇپ مەسلىھەتكە چۈشۈپتۇ.
- بۇ ئۆگەي بالاڭنى ئۆلتۈرۈۋەتسەڭ، ئېرىڭدىن قالغان بايلىق بىزگە ئوڭچە قالسا! - دەپتۇ ھېلىقى ئادەم.
شۇنىڭ بىلەن بۇلار >مازاغوجام< غا چىقىپ قاغاپ ئۆلتۈرۈشكە كېلىشىپتۇ. ئاندىن خوتۇن:
- ئەمىسە ئەتە قاغاپ، قاغىش تۇتقاندىن كېيىن خەۋەر بېرەي، - دەپتۇ.
ئۇخلىغان بولۇپ ياتقان بالا بۇ گەپلەرنى ئۇجۇر - بۇجۇرىگىچە ئاڭلىۋاپتۇ.
ئەتىسى ئۆگەي ئانا >مازاغۇجام< غا چىقماقچى بولۇپتۇ - دە:
- بالام، مەن تۇغقانلارنىڭكىگە بېرىپ كېلەي، سىز ئۆيدىن باشقا يەرگە چىقماڭ، - دەپ جېكىلەپتۇ.
- ماقۇل ئانا، - دەپتۇ بالا چاندۇرماي ۋە ئۆگەي ئانىسى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇدۇللاپ >مازاغوجام< غا چىقىپ بىر شام گۆرگە كىرىپ يېتىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئۆگەي ئانا چىقىپ:
- مازاغوجام! مازاغوجام! بىر شۇم پېشانە بالام بار. ئۆلتۈرۈپ بەرسىلە! - دەپ بالىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەشكە باشلاپتۇ. شام گۆردە بۇنى ئاڭلاپ تۇرغان بالا ئاۋازىنى يوغان چىقىرىپ:
- خوش مازا غوجام، - دەپتۇ ئۆگەي ئانا تىتىرەپ تۇرۇپ.
- ئاق قويۇڭ بارمۇ قېرى؟ - دەپتۇ بالا.
- بار، مازاغوجام، - دەپتۇ ئۆگەي ئانا جاۋاب بېرىپ. بالا:
- ئاق قويۇڭنى ئۆلتۈرۈپ بەرسەڭ، كۆزى ئاقىرىدۇ.
- بوز قويۇڭ بارمۇ قېرى؟ - دەپتۇ.
- بار مازاغوجام، - دەپتۇ ئۆگەي ئانا قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ.
- بوز قويۇڭنى ئۆلتۈرۈپ بەرسەڭ، كۆزى بوزىرىدۇ.
- قارا قويۇڭ بارمۇ قېرى؟ - دەپتۇ بالا يەنە.
- بار، مازاغوجام، - دەپتۇ ئۆگەي ئانا خۇشال بولۇپ.
- قارا قويۇڭنى ئۆلتۈرۈپ بەرسەڭ، كۆزى قارىغۇ بولىدۇ، قارىغۇ بولغاندىن كېيىن ئۆلگىنى شۇ، - دەپتۇ بالا گەپنى تۈگىتىپ.
ئۆگەي ئانىنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ:
- ئوبدان، مازاغوجام، ئوبدان! - دەپ قايتا - قايتا دۇئا قىلىپ، ئاندىن يېنىپ كېتىپتۇ.
بالا ئۆگەي ئانىسى كېلىپ بولغۇچە ئۆيگە كېلىۋېلىپ بەخىرامان ئولتۇرۇپتۇ. ئۆگەي ئانىسى ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن يالغان مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ:
- بالىكام، چۆلسىرەپ قالغانسىز، ئاق قوينى ئۆلتۈرۈپ بېرەي - دەپتۇ.
- ماقۇل ئانا، - دەپتۇ بالا چاندۇرماي.
ئۆگەي ئانا ئاق قوينى ئۆلتۈرۈپ، ھەر كۈنى قازانغا گۆش سېلىپ، ئۆزى يېمەي بالىغا يىگۈزگىلى تۇرۇپتۇ. گۆش تۈگەي دېگەندە بالا:
- ئالەم ئاپئاق كۆرۈنىدىغۇ ئانا؟ - دېگەنىكەن، ئۆگەي ئانا:
- سىزەە گۆش يېقىپتۇ، ئەمدى بوز قوينى ئۆلتۈرۈپ بېرەيمۇ بالام؟ - دەپتۇ.
- ماقۇل ئانا، - دەپتۇ بالا يەنە.
ئۆگەي ئانا ئەمدى بوز قوينى ئۆلتۈرۈپ بالىغا يېگۈزگىلى تۇرۇپتۇ. بوز قوينىڭ گۆشىمۇ تۈگەي دېگەندە بالا:
- ھە ئانا، ئالەم بوزرەڭ تۇرىدىغۇ؟ - دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان ئۆگەي ئانا ئىچىدە >ھە، راست قارىغۇ بولىدىغان بولدى< دەپ بەك خۇشال بولۇپتۇ ۋە ئالدىراپ:
- ھەيتاڭ بالام، ماڭىغۇ ھېچقانداق كۆرۈنمەيدۇ. ئەمدى قارا قوينى ئۆلتۈرۈپ بېرەيمىكىن؟ سوغىقىڭىز ئېشىپ كەتكەن بولسا ئوڭلىنارسىز غوجام، - دەپتۇ. بالا رازىلىق بەرگەندىن كېيىن ئۆگە ئانا قارا قوينى ئۆلتۈرۈپ >ھە بالام يەڭ< دەپ تازا يېگۈزۈپتۇ. ئاخىر گۆشمۇ تۈگەپتۇ. بالا ئەمدى ئۇيان - بۇيان قارىغان بولۇپ:
- ئانا، ئالەم قاپقاراڭغۇ بولۇپ كەتتىغۇ؟ - دەپ كۆزىنى ئۇۋۇلاپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. بۇ چاغدا ئۆگەي ئانا >ھە، مانا قارىغۇ بولدى< دەپ ئويلاپتۇ - دە، بالىغا:
- مەن تۇغقانلارنىڭكىگە بېرىپ سىزگە شىپاھلىق ئېلىپ كېلەي. سىز دەرۋازىنى مەھكەم ئېتىپ، ئۆينى ساقلاپ ئولتۇرۇڭ غوجام، - دەپتۇ ۋە ھېلىقى پۈتۈشۈپ قويغان ئادەمنىڭكىگە خەۋەر قىلغىلى مېڭىپتۇ.
بالا ئۆگەي ئانىسى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن دەرۋازىنى مەھكەم تاقاپ، ھويلىنى كولاپ، ئۆيدىكى ئالتۇن - كۈمۈش، يوتقان - كۆرپە، ساندۇق - پاندۇق، چىنە - قاچىلارنى يىغىشتۇرۇپ كۆمۈپ، ئۈستىگە ئوت - چۆپلەرنى يېپىپ، قوتاندىكى ئون - يىگىرمە كالا، قوينى چىقىرىپ قويۇپتۇ. ئۆگە ئانا ھېلىقى ئادەمنى باشلاپ كەپتۇ - دە، ھويلىنى كۆرۈپ ۋارقىراپ بوغۇلۇپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا بالا:
- ئانا، ئاۋۋال ئۆيگە قارىڭا! نەرسە - كېرەكلەر جايىدا تۇرۇپتىمۇ؟ باياتىن بىر قانچە ئادەم ئۆيگە بېسىپ كىرىپ نەرسە - كېرەكلەرنى بۇلاشتى. ھويلىدا كالىلار مۆرىشىپ، قويلار مەرىشىپ كېتىشتى. كوچىدىكى ئېيتىشىچە، ئوغرىلار كالا، قويلارنى ھويلىغا قويۇۋېتىپتۇ. مەن بالىلارغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ، ماللارغا ئوت - چۆپ سالغۇزۇپ بەردىم، - دەپ يىغلىغان بولۇپتۇ. ئۆگەي ئانىسىنىڭ جان - جەھلى چىقىپ، چالۋاقاپ بالىنى >ئاقچى قارىغۇ، كۆكچى قارىغۇ< دەپ تازا تىللىغاندىن كېيىن:
- ئۆيدىكى بار - يوقنى ئوغرىغا بەرگەندىن كېيىن، سەنمۇ قۇرۇق ئۆيدە جېنىڭنى جان ئەت! مەنمۇ كالا، قويلارنى ئېلىپ بىر يەرگە بېرىپ جان ئېتىمەن، - دەپ ماللارنى ھەيدەپ ماڭماقچى بولۇپتۇ. بۇ ۋاقىتتا بالا يالۋۇرغان بولۇپ، ئۆمىلەپ بېرىپ ئۆگەي ئانىسىنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ:
- ھەممىنى ئېلىپ كەتسىڭىز مەن قانداق قىلىمەن ئانا؟ ئۆيدە ھېچ نەرسە بولمىسا، مېنى كىم باقىدۇ؟ ياق، مېنى تاشلاپ كەتمەڭ! - دەپ تۇرۇۋاپتۇ ۋە ماللارنى ھەيدەۋاتقان ھېلىقى ئادەمنى نىشانلاپ گويا كالىنى ئۇرغاندەك >ھوش< دېگىنىچە، قولىدىكى تاياقنى بىر ئاتقانىكەن، تاياق ئۇنىڭ چېكىسىگە قاتتىق تېگىپ موللاق ئېتىپ چۈشۈپتۇ، ئۇ ئالەم پېشانىسىنى سىلاپ تۇرۇپ:
- تېڭىنى بولسىمۇ بېرىپ قۇتۇلايلى بۇ قارىغۇدىن، - دەپ خوتۇنغا پىچىرلاپتۇ. ئۆگەي ئانا ئىلاجىسىز:
- ئەمىسە، يېرىمى ساڭا قالسۇن، يېرىمىنى مەن ئېلىپ كېتەي، دەپتۇ. بالا يەنە يىغلىغان بولۇپ.
- ماقۇل ئانا، كەتكىڭىز بولسا مەندە نېمە چارە؟ بىر قوينى بەرسەم، بىرەر ياخشى كىشى بىر ئاي باقار. بىر كالىنى بەرسەم بىر مەزگىل باقار، جان ئېتەرمەن. بىر خالىس ئادەمنى چاقىرىپ ئايرىۋېلىڭ، - دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۆگەي ئانا ئونبېشى - يۈز بېشىلەرنى داىىل قىلىپ >مانا دادىسىدىن قالغان ئۆي - ۋاقى، بارى يوقىنى ئۆزى ئوغرىغا بەردى. مانا ئالىدىغان قوي، كالىسى، مەن بۇ ئۆيدە تۇرمايمەن...< دەپ ماللارنىڭ يېرىمىنى بېرىپ، ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ ۋە >بۇ قارىغۇ يەنە بېرىۋالمىسۇن< دەپ ھېلىقى ئادەم بىلەن باشقا يۇرتقا كېتىپتۇ:
شۇنىڭدىن كېيىن بالا كۆمۈپ قويغان مال - دۇنيالىرىنى ئېچىپ، ئۆيلىرىنى جابدۇپ، ئۆز يېزىسىدىكى بىر كەمبەغەل تۇل خوتۇنغا بالا بولۇپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.
بۇ ئەپچىل چارىنى ئاڭلىغان ئەلە - مەلە بالىنىڭ ئەقلىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا >ئەپچىلەم< دەپ نام قويۇشۇپتۇ.