تۈلكىنىڭ يولۋاسنى باپلىشى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن جاڭگالدا ياۋا ھايۋنلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ئۇلار بىر - بىرى بىلەن شۇنداق ئۆم ئىكەنكى، ئانا - بالا، ئاكا - ئۇكا، ئىگىچە - سىڭىل بولۇپ ياشايدىكەن. كۈنلەر ئۆتۈپ، بىر ماختانچاق يولۋاس ھايۋانلارغا پادىشاھ بولۇپ قاپتۇ. يولۋاس شۇ كۈندىن باشلاپ، تېخىمۇ كۆرەڭلەپ ھايۋانلار ئارىسىغا نىزا سېلىپ ئۇلارنى پارچىلاشقا باشلاپتۇ، ياۋۇزلۇق ھەدىدىن ئېشىپ، ئۆلتۈرگىلى تۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھايۋانلار بۇ جاڭگالدا تۇرالماي، تەرەپ - تەرەپكە پتىراپ كېتىپتۇ. يولۋاسنىڭ يېنىدا پەقەت بىر قېرى تۈلكىلا قاپتۇ.
ئايلار، يىللار ئۆتۈپ ھايۋانلار يەنە كۆپىيىپ، بىر كۈنى يەنە بىر قېلىن جاڭگاللىققا يىغىلىپ، يولۋاسنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامال - چارىسى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈۋاتسا، ھېلىقى قېرى تۇلكە كېلىپ، ئۇلارغا قېتىلىپتۇ - دە، ئۆزىنىڭ دەرت - ئەلىمىسىنى سۆزلەپ، يولۋاسىنى ئۈستىدىن شىكايەت قىپتۇ. كېڭەش خېلىغىچە داۋام قىپتۇ. ئاخىرىدا ھايۋانلار «يولۋاسنىڭ خۇي - مىجەزىنى بىلىدۇ» دەپ ھېلىقى قېرى تۈلكىگە يولۋاسنى يوقىتىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپتۇ. قېرى تۈلكە ماقۇل كۆرۈپتۇ.
قېرى تۈلكە ئەتىسى يولۋاسنىڭ ئوردىسىغا بېرىپتۇ. توققۇز تازىم بىلەن ئالدىغا كىرىپتۇ، يولۋاسقا قاراپ:
- جاناپلىرىغا بىرەر تېتىملىق ئوزۇق ئېلىپ كېلەي دېگەن ئۈمىتتە ئوۋغا چىققان ئىدىم، كەچ كىرىپ كېتىپ، بىر كامادا سىزنى، ئاتىلىرى ئالىلىرى بىلەن بىللە ئۆتكەن كۈنلەرنى ئويلاپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن، ئەتىسى قوپسام، ئاتىلىرى ئالىلىرى چۈشۈمگە كىرىپ قاپتۇ، - دەپتۇ. يولۋاس ئاچچىغىدىن يېنىپ، يەردىن بېشىنى كۆتىرىپ:
- سەن قېرى ئاتام بىلەنمۇ بىللە بولغانمىدىڭ، سۆزلە، ئاتام قانداق كىشى ئىدى؟ - دەپتۇ تۈلكىگە.
- ئاتىلىرى ئالىلىرى، - دەپتۇ تۈلكە، - ئالىجاناپ ئىدى. رەھمىتىنىڭ قەددى - قامىتى، تەقى - تۇرقى، خۇي - مىجەزى، قىلىق - ئادەتلىرى سىزگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى، خالىغان چاغلىرى ساياھەتكە چىقاتتى، خالىغان چاغلىرى تاغدىن - باغقا، باغدىن - باغقا سەكرەپ بەدەن چېنىقتۇراتتى، - دەپتۇ. ماختانچاق يولۋاس خوش بولۇپ، چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ كۈلۈپتۇ، كېلىپ تۇرۇپ:
- ئاتامنىڭ پەرزەنتلىرىنى نىمىشقا بۇرۇنراق سۆزلەپ بەرمىدىڭ، - دەپتۇ. تۈلكە:
- تەقسىر، ئاتىلىرى جاھاندا تەڭدىشى يوق باتۇر ئىدى، بىر سەكرەپ بۇ تاغقا چىقاتتى، يەنە بىر سەكرەپلا چوققىغا چىقاتتى. ئاتلىرى بۇ ماھارەتنى ئوردا ئالدىدىكى ياردىن سەكرەپ يۈرۈپ يېتىشتۇرگەن، «ئاتا ئىزىنى بالا باسىدۇ» دېگەن گەپ بار، بۈگۈن سىز ئاتىڭىزنىڭ ئىزىنى باستىڭىز، - دەپتۇ.
ماختانچاق يولۋاس ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ قېرى تۈلكىنىڭ دۇلىسىغا ئۇرۇپ، ئۆزىنى ئاتىسى سەكرەپ ماھارەت يېتىلدۈرگەن يار بويىغا باشلاپ چىقىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. تۈلكە ئۇنى تاغقا باشلاپ چىقىپ ھەم چوڭقۇر، ھەم كەڭ بىر يارنى كۆرسىتىپتۇ - دە:
- ئاتىلىرى رەھمىتى مانا مۇشۇ ياردىن ھەر كۈنى ناشتىدىن ئىلگىرى ئۇ ياققا بىر سەكرەپ ئۆتەتتى، - دەپتۇ. پو يولۋاس مەيدىسىگە مۇشتلاپ، ئالچاڭلاپ مېڭىپ تۇرۇپ
- مەنمۇ ئاتا بالىسى، - دەپتۇ.
- ھەق راست، مۇبادا سىز ئاتىڭىزدەك سەكرىسىڭىز، سالامەت بولۇپ ئۇزۇن ئۈمۈر كۆرەتتىڭىز، دۆلىتىڭىز زىيادە، پۈتۈن جاھان ئىلكىڭىزدە بولاتتى، - دەپتۇ. تۈلكە. يولۋاس ئەتىسى ئەتىگەندىن باشلاپ ياردىن ئۇياققا بىر، بۇ ياققا بىر سەكرەشكە ۋەدە قىپتۇ.
ئەتىسى ئەتىگەندە يولۋاس قېرى تۈلكىنى باشلاپ يار بويىغا كەپتۇ. يولۋاس سەكرىمەكچى بولۇپ، يۈگۈرۈپ كېلىپ توختاپ قاپتۇ. قاراپ تۇرغان تۈلكە:
- مانا - مانا، ئاتىلىرى ئالىلىرىمۇ خۇددى سىزدەك بىر يۈگۈرۈپ، بىر توختاپ، يەنە بىر يۈگۈرۈپلا سەكرەپ ئۆتۈپ كېتەتتى، - دەپ يولۋاسقا مەدەت بېرىپتۇ. يولۋاس بار كۈچىنى يىغىپ بىر سەكرىگەن ئىكەن، چوڭقۇر يارنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا ئىككى پۇكلىنىپ چۈشۈپتۇ. ئۇستىخانلىرى سۇنۇپ، ئىچ باغرى چۇۋۇلۇپ كېتىپ، قىمىر قىلالماي قاپتۇ. تۈلكە ئاستا يارغا چۈشۈپ، يولۋاسنىڭ قۇيرۇقىدىن باشلاپ يېيىشكە باشلاپتۇ. جېنى تۇمشۇقىغا بېرىپ قالغان يولۋاس:
- ھەي، ھال سورىماي، نېمە قىلىۋاتىسەن، - دەپتۇ. تۈلكە يولۋاسنىڭ بېشىنى دەسسەپ تۇرۇپ:
- نېمە قىلغىنىم بولاتتى، ئاتىلىرىنى قانداق باپلىغان بولسام، ئۆزلىرىنىمۇ شۇنداق باپلاۋاتىمەن، - دەپتۇ.