UyghurWiki
UyghurWikiچوچاققىلىچ ئۆمەر

قىلىچ ئۆمەر

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر ئادىل پادىشاھ بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزى دېمەتلىك بىر سادىق ۋەزىرى بار ئىكەن، بىرى پادىشاھ،يەنە بىرى ۋەزىر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سىرداش، جان دوست ئاغىنىلەر ئىكەن. بىرىنىڭ توغرا يولىنى بىرى قوللايدىكەن. شۇڭلاشقىمۇ ئۇلارنىڭ ئېلى ئاۋاتلىشىپ روناق تېپىپتۇ. پۇقرالار ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھ، ۋەزىرىدىن رازى ئىكەن. پادىشاھ ۋە ۋەزىر ئادىللىق بىلەن خېلى بىر مەزگىل دەۋر سۈرۈپتۇ. پادىشاھنىڭ مەملىكەت ۋە خەلققە نىسبەتەن ڭۆڭلى توق، ۋاقتى شوخ - ئۆتۈپتۇ. ئەمما ۋەزىر كۈندۈزى ئوردىدا خۇشال - خۇرام يۈرسىمۇ، ئۇ ئۆيىگە قايتقاندا كۆڭلى يېرىم بولىدىكەن. چۈنكى ۋەزىرنىڭ ساقىلى كۆكسىگە چۈشۈپ چاچلىرىغا ئاق كىرگەن بولسىمۇ، بىرەر پەرزەنتى يوق ئىكەن. ۋەزىرنىڭ خوتۇنى ئاق كۆڭۈل، ساددا ئايل بولغاچقا ۋەزىرنى ئۆزىنىڭ يەنە ئۆيلىنىپ بالا يۈزى كۆرۈشكە بىر قانچە قېتىم دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ۋەزىر ئۇنىمايدىكەن. ۋەزىرنى كۆندۈرەلمىگەن خوتۇنى نۇرغۇن سەۋەبلەرنى قىپتۇ. ھەر كۈنى بەش ۋاخ نامىزىدا پەرزەنت تىلەپتۇ. كۈنلەر ئارقىسىدىن كۈنلەر، ئايلار ئارقىسىدىن ئايلا ئۆتۈپ، ۋەزىرنىڭ خوتۇنى ھامىلىدار بوپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ۋەزىر خۇشال بولۇپتۇ. خوتۇنىغا بولغان مېھرى - مۇھەببىتى ھەسسىلەپ ئېشىپتۇ. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ۋەزىر كېسەل بولۇپ ئوتۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. پادىشاھ قەدىردان دوستى ۋە سادىق ۋەزىرىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق قايغۇرۇپتۇ. ئۇنى ھەر كۈنى يۇقلاپ يۈرۈپتۇ. كۆزى كۆرگەن، قۇلىقى ئاڭلىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ۋەزىرنى داۋالىتىپتۇ. ئەمما داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، ۋەزىرنىڭ كېسىلى كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېتىپتۇ. ۋەزىر ئۆزىنىڭ ساقىيالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ خوتۇنىغا: - بالىخانىدا بىر كونا ساندۇق بار، ئۇ ساندۇقتا بوۋامدىن مىراس قالغان ئۇزۇنلۇقى بىر غېرىچ كېلىدىغان بىر قىلىچ بار. بۇ قىلىچنىڭ خاسىيىتى شۇكى، قىلىچنى بىر سىلكىتسە قىرىق گەز ئۇزىرايدۇ. قىلىچنى كىمدە كىم ئاسسا ئاسقان ۋاقىتىن باشلاپ، ئۇ كىشىنىڭ جېنى شۇ قىلىچقا ئۆتۈپ كېتىدۇ. قىلىچ شۇ كىشىدىن ئايرىلسا، ئۇ كىشىنىڭمۇ جېنى تۈگەيدۇ. ئەگەر پەرزەنتىمىز ئوغۇل بولسا ئۆمەر دەپ ئات قويغىن. ئەقىللىق، ھۇشلۇق بولسۇن. بالاغەتكە يېتىپ كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغاندا قىلىچنى بەرگىن. ئەگەر قىز بولسا ئەھۋالغا قاراپ ئۆزۈڭ بىر ئىش قىلارسەن. مەن بالىمىزنى كۆرەلمەي بۇ دۇنيادىن كېتىپ بارىمەن، بالىنى ئوقۇتۇپ بىلىملىك، ئەقىللىق، باتۇرقىلىپ تەربىيلەرسەن. يېتىشەلمىگەن يېرىڭدە، پادىشاھتىن ياردەم سورا، - دېگەنلەرنى ۋەسىيەت قىلىپ تاڭ ئاتاردا ئاخىرەتكە يول ئاپتۇ. ۋەزىرنىڭ خوتۇنى يىغلاپتۇ. قاخشاپتۇ. ۋەزىرنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تاپقان پادىشاھ ئوردىدىكى چوڭ - كىچىك ئەمەلدارلىرىنى باشلاپ كەپتۇ. شەھەردىكى ئەل - جامائەت يىغىلىپ پادىشاھنىڭ باشچىلىقىدا مىيىتنى ئۇزىتىپتۇ. پادىشاھ ئوردىغا قايتار چاغدا، ۋەزىرنىڭ خوتۇنىغا سەۋرى قىلىشنى، ئارتۇقچە قايغۇرۇپ كەتسە، قورساقتىكى بالىغا دەخلىسى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ تەسەللى بېرىپتۇ. ۋەزىرنىڭ نەزىرى - چىراغلىرىنى ئۆزى باش بولۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مىڭ تىللا قالدۇرۇپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ۋەدىسىدە تۇرۇپ ۋەزىرنىڭ نەزىر - چىراغلىرىنى كەڭ - كۇشادە ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. بۇنىڭدىن پۈتۈن شەھەر خەلقى رازى بوپتۇ. ۋەزىرنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە قىرىق بىر كۈن بولغان تاڭ سەھەردە ۋەزىرنىڭ خوتۇنى ئوغۇل تۇغۇپتۇ. بۇ خوش خەۋەر ئوردىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن پادىشاھ خۇشال بولۇپ مىڭ تىللا بىلەن بىر ئالتۇن بۆشۈك ئەۋەتىپ بېرىشنى خەزىنىدارغا ئەمىر قىپتۇ. ۋەزىرنىڭ خوتۇنى مەھەللە مەسچىتىنىڭ مەزىنىنى چاقىرتىپ كېلىپ، تەگبىرئېيتقۇزۇپ، ئەزان توۋلىتىپ، ۋەزىرنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە بالىغا ئۆمەر دەپ ئات قويۇپتۇ. بۆشۈك تويى ئۆتكۈزۈپ، پادىشاھ ئەۋەتكەن ئالتۇن بۆشۈككە بۆلەپتۇ. بۇ بالىدا بىر خىل خاسىيەت بولۇپ كۈنلەپ ئەمەس، سائەتلەپ چوڭ بولۇپتۇ. ئۈچ ياشقا كىرگەندە، يەتتە - سەككىز ياشلىق بالىدەك چوڭ بولۇپتۇ، ئۆمەر يەتتە ياشقا تولغاندا ئانىسى ئۇنى مەكتەپكە بېرىپتۇ، ئۇ شۇ زاماندا بار بولغان بارلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىپتۇ. ئۇ ناھايىتى چىرايلىق، كېلىشكەن قاۋۇل بىر يىگىت بولۇپتۇ. ھەر قانداق بىر كىشى ئۇنى كۆرسە پەرىزات ئەۋلادى دەپ قالىدىكەن. ھەر قانداق بىر قىز ئۇنى كۆرسە ئۆزىنى يوقىتىپ، مەيلىنى بېرىپ قويىدىكەن. ئۆمەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە، زېرىكىپ باغنى ئارىلاپ تاماشا قىلىپتۇ. ھېرىپ كېتىپ، بۇرۇن دادىسى دەم ئالدىغان شىپاڭدىكى سۇپىدا يېتىپ ئۇخلاپ قاپتۇ، ئۇ بىر چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە ئۆزى بىر سۇپىدا ئاسمانغا قاراپ ياتارمىش، بىر ۋاقىتتا بىر پەرىزات ئاسماندىن پەسلەپ ئۇچۇپ ئۆتۈپ كېتىپ بارغۇدەك، ئۇ پەرىزاتنى كۆرۈپ ئاشىقىي بىقارار بولغانلىقىنى ئىزھار قىلىپ كەينىدىن ماڭغۇدەك. قىزمۇ توختاپ:>مەنمۇ سېنى چۈشۈمدە كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ ئىزدەپ چىققانىدىم، قارىسام مۇشۇ يەردە يېتپسەن. ئەگەر سەن ماڭا ھەقىقىي ئاشىق بولساڭ كۈن چىقىشقا قاراپ مېڭىۋەر، مېنى تاپىسەن< دەپتۇ - دە، ئېگىزلەپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ئۆمەر ئېسىنى يىغىپ:>توختاڭ، باغقا چۈشۈپ مەن بىلەن تاماشا قىلىڭ!< دەپ ۋارقىراپ، ئۆزىنىڭ ئاۋازىدىن ئۆزى ئويغىنىپ كېتىپتۇ. شۇندىن ئېتىبارەن ئىشق دەردىگە گىرىپتار بوپتۇ. گېلىدىن غىزا ئۆتمەي مەيدىسىنى زەي يەرگە چاپلاپ يېتىپ، چىرايى سارغىيىشقا باشلاپتۇ. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پادىشاھ تەختتە ئولتۇرۇپ مەرھۇم ۋەزىرىنى ئەسلەپ قاپتۇ ۋە مەرھۇم ۋەزىرنىڭ خوتۇنى ۋە بالىسىنى ئوردىغا باشلاپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي موماي بىلەن ئۆمەر ئوردىغا يېتىپ كەپتۇ. پادىشاھ تەختتىن چۈشۈپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. پادىشاھ يەتتە ياشلىق بالىنىڭ شۇنچىۋالا چوڭ يىگىت بولۇپ كەتكەنلىكىگە ئەجەبلىنىپتۇ. پادىشاھ ئۆمەرنى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ، بالىنىڭ چىرايىدىكى سېرىقلىقنى كۆرۈپ تەئەججۈپلىنىپ ئوردا تىۋىپىغا كۆرسىتىپتۇ. تىۋىپ ئۆمەرنىڭ كېسىلىنى تاپالماي> زېرىكىپ ئىچى پۇشۇپ سولىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ< دەپتۇ. پادىشاھ تىۋىپنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ، ياخشى ئارغىماق، قىلىچ، ئوقيا، نەيزە، قالقان ۋە تۆت دانە ئالتۇندىن سوقۇلغان ساقا ئەكەلدۈرۈپ بالىغا ئىنئام قىپتۇ. مۇمايغا مىڭ تىللا بېرىپ ئۇزىتىپ قويۇپتۇ. ئۆمەر دەردىنى بېسىشنىڭ ئىلاجىنى قىلالماي، بەزىدە ئوۋغا چىقسا، بەزىدە كوچىدا ساقىسىنى دومىلىتىپ ئويناپ يۈرۈپتۇ، بىر كۈنى ئۇ كوچىدا خىيال سۈرۈپ كېتىپ بېرىپ ساقىسىنى دومىلىتىپتۇ، خىيالى باشقا بولغاچقا، ساقا دومىلاپ بېرىپ، يىپ ئىگىرىۋاتقان موماينىڭ چاقىغا تېگىپتۇ. ئۆمەر بۇنى كۆرۈپ قاتتىق خىجىل بولۇپتۇ ۋە مۇمايدىن ئەپۇ سوراپتۇ. موماينىڭ ئاچچىقى يامانكەن، ئەپۇ سورىغىنىغا ئۇنىماي، ئۆمەرگە: - ھۇ دادىسى يوق يېتىمەك، شۇ بويۇڭ بىلەن ساقا ئويناپ يۈرگىچە بېرىپ مەشۇقۇڭنى تاپساڭ بولمامدۇ! - دەپ كايىپتۇ. ئۆمەر>مېنىڭ ئاشىق ئىكەنلىكىمنى بۇ موماي قانداق بىلىدىغاندۇ؟< دەپ ئويلاپ مومايدىن: - موما، مەشۇقۇمنى قانداق تاپىمەن؟- دەپ سوراپتۇ. - ئالدى بىلەن ئۆيگە بېرىپ، ئاناڭغا قوماچ قورۇت، ئۆزۈڭ ئۆگزىگە چىقىۋال، قوماچ راسا قورۇلغاندا:>ئانا ئوچۇمۇڭ بىلەن تۈڭلۈكتىن سۇنۇپ بەر< دەپ تۇرۇۋال. ئۇنىمىسا، سەنمۇ ئۇنىما، ئاناڭ ئاخىرى ئۇنايدۇ. قوماچنى ئۇچۇمى بىلەن سۇنغاندا، ئاناڭنىڭ قوماچ تۇتقان قولىنى مەھكەم تۇتۇۋال، ھەم >دادامدىن ماڭا نېمە قالغان؟< دەپ سوراپ تۇرۇۋال. دەپ بەرمىگۈچە قولىنى قويۇپ بەرمە. شۇنىڭدىن كېيىن دەرھال كۈنچىقىشقا قاراپ ئاتلان! - دەپتۇ موماي. ئۆمەر مومايغا تەشەككۈر بىلدۈرۈپ تۆت دانە ئالتۇن ساقىسىنى مومايغا بېرىۋېتىپتۇ - دە، ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ ئۆيگە يېتىپ كەپتۇ، ئۇ موماينىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە ئانىسىغا قوماچ قوتۇرتۇپ، ئۆزى ئۆگزىگە چىقىپ، تۈڭلۈكتىن ماراپ تۇرۇۋاپتۇ. قوماچ قورۇلۇپ بولغاندا: - مۇشۇ تۈڭلۈكتىن ئوچۇمۇڭ بىلەن سۇنۇپ بەر، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ. ئانىسى قىزىق قوماچنى ئۇچۇمىدا ئېلىپ بالىسىغا تۇڭلۈڭتىن سۇنۇپتۇ. ئۆمەر ئانىسىنىڭ قولىنى كاپپىدا تۇتۇۋېلىپ: - دادامدىن ماڭا نېمە قالغان؟ - دەپ سوراپ تۇرۇۋاپتۇ. - قولۇمنى قويۇۋەت، قولۇم كۆيۈپ كەتتى، - دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ. ئەمما ئۆمەر: - دادامدىن ماڭا نېمە قالغان؟ - دەپ سوراپ تۇرۇۋاپتۇ. قولى كۆيۈپ كەتكەن ئانا نائىلاج: - بالىخانىدىكى كونا ساندۇقتا بىر غېرىچ ئۇزۇنلۇقتىكى بىر قىلىچ بار، داداڭدىن شۇ قىلىچ قالغان، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئۆمەر ئانىسىنىڭ قولىنى قويۇپ بېرىپ، بالىخانىدىكى كونا ساندۇقنىڭ ئاغزىنى ئاچسا كۈمۈش غىلاپلىق، ئالتۇن ساپلىق بىر غېرىچ كەلگۈدەك بىر قىلىچ تۇرغۇدەك. ئۇنىڭ>بۇنى قانداقمۇ قىلىچ دېگىلى بولسۇن، بۇ بىر پىچاقكەنغۇ< دەپ كۆڭلى غەش بوپتۇ. ئەمما ئۇ:>بۇ پىچاقنى ئانام قىلىچ دېدى، بۇ يەردە بىر سىر بار. بۇنى ئانامدىن يەنە سوراي< دەپ تۇرۇشىغا، ئانىسى شوتىدىن ئۆمىلەپ ئۆگزىگە چىقىپ: - جېنىم بالام، سەن كىچىك، بۇ قىلىچنى يېنىڭغا ئاسما، - دەپ بالىسىغا يېلىنىپتۇ. ئۆمەر بۇ گەپتىن تېخىمۇ تەئەججۈپلىنىپ: - ئانا، بۇ پىچاقنىڭ نېمە خاسىيىتى بار؟ - دەپ سوراپتۇ. - بالام، داداڭنىڭ دېيىشىچە، بۇ قىلىچنىڭ ئىككى تۈرلۈك خاسىيىتى بار ئىكەن. بىرى، بۇ قىلىچ بىر سىلكىسە قىرىق گەز ئۇزۇرايدىكەن. يەنە بىرى، بۇ قىلىچنى كىمدە - كىم يېنىغا ئاسىدىكەن، ئاسقان ۋاقىتتىن باشلاپ، شۇ كىشىنىڭ جېنى بۇ قىلىچقا ئۆتۈپ كېتىدىكەن. سەن بۇ قىلىچنى ئاسساڭ بولمايدۇ. ئەكەل بالام، ساندۇققا سېلىپ قوياي، بۇ قىلىچ ھامان سېنىڭكى. چوڭ بولغىنىڭدا بېرەي، - دەپتۇ ئانا. ئۆمەرنىڭ قۇلىقىغا بۇ گەپ كىرمەپتۇ. قىلىچنى يېنىغا ئېسىپ. غىلاپتىن چىقىرىپ بىر سىلكىگەنىكەن، قىرىق گەز ئۇزۇراپتۇ. بۇنى كۆرۈپ ئۆمەر قىن - قېنىغا پاتماي خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ ۋە قىلىچنى غىلاپقا سېلىپ ئانىسىغا: - بۇ قىلىچنى ئاسقىنىم ئاسقان. مېنىڭ ئىسمىم بۈگۈندىن ئېتىبارەن >قىلىچ ئۆمەر< ئەتە مەن يىراق سەپەرگە ئاتلىنىمەن مېنىڭ سەپەردىكى يېمەك - ئىچمىكىمنى تەييارلاپ بەرگىن! - دەپتۇ. ئانا ئوغلىنى رايىدىن ياندۇرالماي نائىلاج ئوغلىنىڭ دېگىنىنى قىلىشقا كىرىشىپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە قىلىچ ئۆمەر ئانىسى تەييارلاپ بەرگەن بىر خۇرجۇن نان بىلەن ئىككى تۇلۇمدىكى سۇنى پادىشاھ بەرگەن ئارغىمىقىغا ئارتىپ، پادىشاھ بەرگەن قۇرال - ياراقلىرىنى ئېسىپ ئاتقا مىنىپتۇ. ئانىسىنىڭ >خوش بالام، سالامەت قايتىپ كەلگەيسەن، سېنى ئاللاغا تاپشۇردۇم< دېگەن دۇئالىرىنى ئاڭلاپ، >چۇھ< دەپ ئاتقا قامچا ساپتۇ. قىلىچ ئۆمەر بىر نەچچە كۈن يول يۈرۈپتۇ. يۈرۈپ - يۈرۈپ بىر پايانسىز چۆلگە كىرىپ قاپتۇ. چۆل ئىچىدە بىر نەچچە كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن ئېتى ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ قاپتۇ. ئۇ خۇرجۇن - قاچىلىرىنى يۈدۈپ داۋاملىق يول يۈرۈپتۇ. نانلىرى تۈگەپ، سۇلىرى ئاز قاپتۇ. بىر دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قارىسا، يىراقتا بىر نېمە ئاپئاق پارقىراپ كۆرۈنۈپتۇ. >ئېھتىمال سۇ بولسا كېرەك< دەپ ئويلاپ،قەدىمىنى تېزلىتىپ پارقىرىغان تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. بىر ھازا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يېتىپ بېرىپ قارىسا بىر شورلۇق دۆڭ ئىكەن. ئۇنىڭ تۈۋىدە بىر يىگىت ھۇشسىز ياتقانىكەن. قىلىچ ئۆمەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، يۈرىكىنى سىلاپ باقسا، يۈرىكى بىلىنەر - بىلىنمەس سوقۇۋاتقانىكەن. ئۇ دەرھال تۇلۇمىدىكى سۇدىن ئۇ يىگىتنىڭ ئاغزىغا تېمىتىپتۇ. يىگىت ئاستا - ئاستا ھۇشىغا كېلىپ كۆزىنى ئېچىتۇ. ئۇلار بىر - بىرىدىن ھال - ئەھۋال سورىشىپتۇ. ئەھۋاللىشىپ مۇڭدىشىپتۇ. ئۇ يىگىت:>بىز ئاكا - ئۇكا بولايلى!< دەپ تەكلىپ بېرىپتۇ. قىلىچ ئۆمەرمۇ رازى بوپتۇ. ياش سۈرۈشتۈرسە، ئۇ يىگىت قىلىچ ئۆمەردىن خېلىلا چوڭكەن. ئۇلار قەسەم قىلىشىپ، ئاكا - ئۇكا بولۇشۇپ بىرلىكتە كۈنچىقىشقا قاراپ داۋاملىق يۈرۈپتۇ. يول ئۈستىدە، قىلىچ ئۆمەر ئاكىسىغا قورالۋازلىقنى، يۇلتۇز ساناشنى ئۆگىتىپتۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ۋە ئاكىسىنىڭ يۇلتۇزىنى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ. ئۇلار شۇنداق كېتىشىۋېتىپ يەنە بىر دۆڭنىڭ تۈۋىدە ھوشىدىن كېتىپ قالغان بىر يىگىتنى ئۇچرىتىپتۇ. ئۇنىڭمۇ تىنىقى توختىمىغانىكەن. ئۇنىڭمۇ ئاغزىغا سۇ تېمىتىپ ھوشىغا كەلتۈرۈپتۇ. ھال - مۇڭ ئېيتىشىپتۇ. ئۇ يىگىتمۇ >ئاكا - ئۇكا بولايلى!< دەپ تەكلىپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ يېشىنى سۈرۈشتۈرسە، ئۇ ئوتتۇرانچى ئاكا بولۇشقا توغرا كەپتۇ. بۇ ئۈچ يىگىت قەسەم قىلىشىپ ئاكا - ئۇكا بولۇشۇپتۇ. بۇلار بىر نەچچە كۈن يول يۈرۈپ بىر شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ. قارىسا شەھەر خەلقى ماتەم كىيمى كىيىشكەن، يىغا - زارە قىلىشىۋاتقانىكەن. ئۇلار شەھەرنىڭ چەترەكىدىكى بىر ئۆيگە كىرىپتۇ، ئۆيدە بىر موماي بارىكەن. ئۇلار مومايغا سالام بېرىپتۇ. موماي: - سىلەر مۇساپىر ئوخشايسىلەر ھە؟ - دەپتۇ ۋە تۆرگە باشلاپ چاي بېرىپتۇ. بۇلار چاي ئىچكەچ شەھەردە كۆرگەن ئەھۋالنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ. موماي: - بۇنىڭدىن قىرىق يىل ئىلگىرى شەھىرىمىزگە بىر ئەجدىھا كېلىپ، خەلقنى دەم تارتىپ يېگىلى تۇردى. پادىشاھىمىز نۇرغۇن ئەسكەر بىلەن چىقىپ ئەجدىھا بىلەن جەڭ قىلىپ، تەڭ كېلەلمەي ئەجدىھاغا يالۋۇردى. ئەجدىھا ھەر قىرىق كۈندە بىر قوي بىلەن بويىغا يەتكەن قىزدىن بىرنى تاغقا ئەۋەتىپ بەرسە شەھەرگە كىرمەيدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. پادىشاھمۇ خەلقمۇ بۇنىڭغا نائىلاج كۆندى، شۇنىڭدىن بېرى بۇ داۋاملىشىپ كەلدى. 40 يىلدىن بويان تالاي - تالاي قىزلار ئەجدىھاغا يەم بولۇپ كەتتى بۇ قېتىمقى نۆۋەت پادىشاھنىڭ يالغۇز قىزىغا كەلگەن. مەلىكە ئاي دېسە ئاغزى بار، كۈن دېسە كۆزى بار، پەرىشتىدەك بىر قىز ئىدى. خەلق ئەنە شۇنىڭغا يىغلايدۇ، - دەپ ئەھۋالنى بايان قىپتۇ. قىلىچ ئۆمەر: - مەن بېرىپ ئۇ ئەجدىھانى ئۆلتۈرىمەن، - دەپ، ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. موماي: - بالام، نادانلىق قىلما، ساڭا ئوخشاش نى - نى پالۋانلار ئەجدىھا بىلەن ئېلىشالماي، ئەجدىھاغا يەم بولۇپ كەتكەن. ياش ئۆمرۈڭنى نابۇت قىلما، - دەپ تۇسۇپتۇ. قىلىچ ئۆمەر بۇ گەپلەرگە پىسەنت قىلماي تاغقا قاراپ راۋان بوپتۇ. قىلىچ ئۆمەر تاغ باغرىغا بېرىپ قارىسا، بىر ئەجدىھا ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر تاغ بولۇپ ياقتۇدەك، يەنىمۇ يېقىنراق بېرىپ قارىسا، بىر قىز بىر قوينى يېنىدا تۇتۇپ يىغلاپ ئولتۇرغۇدەك. قىلىچ ئۆمەر قىزنىڭ قېشىغا بېرىپ: - مەن ئەجدىھانى ئۆلتۈرۈپ سىزنى ۋە شەھىرىڭىزدىكى خەلقنى قۇتۇلدۇشقا كەلدىم، - دەپتۇ. قىز بۇ يىگىتنىڭ ناھايىتى چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ يىگىتكە ئىچى ئاغرىپتۇ ھەم: - بۇ ئۆلۈم مېنىڭ پىشانەمگە پۈتۈلگەن ئوخشايدۇ، سىز قايتىپ كېتىڭ! - دەپ قىلىچ ئۆمەرنى ياندۇرماقچى بوپتۇ. قىلىچ ئۆمەر ئۇنىماپتۇ. ئۇ:>كىيىملىرىمىزنى ئالماشتۇرايلى< دەپ قىزنىڭ كىيىملىرىنى ئۆزى كىيىپ، ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى قىزغا كىيگۈزۈپتۇ. ئەجدىھانىڭ ئەھۋالىنى سوراپتۇ. قىز: - ئەجدىھا ھەر قېتىم بىر قىز بىلەن بىر قوينى يېگەندىن كېيىن 40 كېچە - كۈندۈز ئۇخلايدۇ. ئۇيغىنىدىغان ۋاقتىدا ئۈچ قېتىم سىلكىنىدۇ. ھازىر بىر قېتىم سىلكىنىپ بولدى. بىر ئاش پىشىمدا بىر قېتىم سىلكىنىدۇ، - دەپتۇ. - مەن يىراقتىن كەلدىم، - دەپتۇ قىلىچ ئۆمەر، - مەن سىزنىڭ تىزىڭىزغا بېشىمنى قويۇپ كىچىككىنە ئۇخلىۋالاي. ئەجدىھا ئىككىنچى قېتىم سىلكىنىپ بولغاندا مېنى ئويغىتىپ قويۇڭ! - دەپ قىزنىڭ تىزىغا بېشىنى قۇيۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ. بىر ئاش پىشىمغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئەجدىھا ئىككىنچى قېتىم سىلكىنىپتۇ، قىز قورقۇنچىلىقتا تىزىدا ئۇخلاۋاتقان يىگىتنى ئۇنتۇپ، ئون گۈلىنىڭ بىر گۈلىمۇ ئېچىلماي تۇرۇپ ياش ئۆمرىنىڭ غازاڭ بولغانلىقىنى ئويلاپ يىغلاپ كېتىپتۇ. قىزنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياشتىن بىر تامچىسى قىلىچ ئۆمەرنىڭ يۈزىگە چۈشۈپتۇ. قىلىچ ئۆمەر چۆچۈپ ئويغۇنۇپتۇ. قىز يىغلاۋاتقان. قىز يىگىتنىڭ ئۆز تىزىدىن باش كۆتۈرۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ جان قايغۇسىدا يىگىتنى ئۇنتۇپ قېلىپ يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى، ھازىر ئەجدىھانىڭ ئىككىنچى قېتىم سىلكىنىپ بولغانلىقىنى يىگىتكە سۆزلەپ بېرىپتۇ. قىلىچ ئۆمەر قىزغا: - سىز قوينى ئېلىپ دەرھال تاغدىن چۈشۈپ كېتىڭ، مەن بۇ ئىپلاسنىڭ جاجىسىنى بېرەي، - دەپ قىزنى پەسكە چۈشۈرۈۋېتىپتۇ. قىز>نېمە ئىشلار بولاركىن!< دەپ تاغ باغرىدىكى يوغان بىر قورام تاشنىڭ دالدىسىدا ماراپ تۇرۇپتۇ. قىلىچ ئۆمەر خاسىيەتلىك قىلىچنى قىنىدىن چىقىرىپ سىلكىپ ئۇزارتىپتۇ ۋە ئۇنى قۇرسىقىغا مەھكەم تېڭىپتۇ. شۇ ئارىلىقتا ئەجدىھا ئۈچىنچى قېتىم سىلكىنىپ كۆزىنى ئېچىپتۇ. قارىسا ئالدىدا قىز بالىنىڭ كىيمىنى كىيگەن بىر يىگىت تۇرغان، ئەجدىھا خۇشاللىقىدا قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپ: - ھەي يىگىت! قىز بالىنىڭ كىيمىنى كىيىۋاپسەن. مەن بۇنىڭدىن 40 يىل ئىلگىرى سېنى چۈشۈمدە كۆرۈپ، سەن بىلەن جەڭ قىلماقنى ئارزۇ قىلىپ يۈرەتتىم. بۈگۈن ئۆزۈڭ مېنى ئىزدەپ كەپسەن. مەن بىلەن مەيدانغا چىقىپ ئېلىشىشقا رازىمۇ سەن؟- دەپ سوراپتۇ. - مەن رازى، شۇنىڭ ئۈچۈن سەن بىلەن جەڭ قىلاي دەپ دەرگاھىڭغا كەلدىم، - دەپتۇ قىلىچ ئۆمەر. - ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ ئەجدىھا، - سەن ئۈستىڭدىكى قىزچاق كىيمىنى سېلىۋەت، ئۆلسەممۇ ئوغۇل بالىنىڭ قولىدا ئۆلەي، سەن ئۆلسەڭمۇ ئوغۇل بالىدەك ئۆل! - دەپتۇ. - ئەگەر سېنىڭ مۇددىئايىڭ شۇ بولىدىغان بولسا، سېلىۋەتسەم سېلىۋەتتىم، - دەپتۇ قىلىچ ئۆمەر ۋە قىزنىڭ كىيمىنى سېلىپ تاشلاپ جەڭگە تەييار بوپتۇ. ئەجدىھا ئاغزىنى يوغان ئېچىپ قىلىچ ئۆمەرنى دەم تارتىپتۇ، قىلىچ ئۆمەر مىدىراپمۇ قويماپتۇ. ئەجدىھا كۆزىنى ئېچىپ قارىسا، رەقىبى مىدىر - سىدىر قىلماي تۇرغۇدەك. ئىككىنچى قېتىم تۈگۈلۈپ تۇرۇپ كۈچەپ دەم تارتىپتۇ. قارىسا ئۇ يەنە مىدىر - سىدىر قىلماي تۇرغۇدەك. ئەجدىھا دەر غەزەپ بولۇپ ئۈچىنچى قېتىم دەم تارتىپتۇ. قىلىچ ئۆمەر مۇشۇنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ ئۆزىنى قويۇۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەجدىھانىڭ ئاغزىدىن كىرىپ قۇيرۇقىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. ئەجدىھا كۆزىنى ئېچىپ قارىسا، ئالدىدا يىگىت يوق، يۇتىۋېتىپتىمەندە دەپ خۇشال بولۇپ تۇرسا، يىگىت ئەجدىھانىڭ ئالدىدا يەنە پەيدا بولۇپتۇ. ئەجدىھا. - ھەي يىگىت، تىركمۇ سەن، ئۆلدۈڭمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - مەن ئۆلمىدىم، سەن ئۆلدۈڭ. ئىشەنمىسەڭ سىلكىنىپ باق، - دەپتۇ قىلىپ ئۆمەر. ئەجدىھا بىر سىلكىنگەن ئىكەن، كاسا قىلىنغان قوغۇندەك ئىككى پارچە بولۇپ كېتىپ جېنى چىقىپتۇ. بۇنى كۆرگەن قىز قوينى تاشلاپ، چۈشۈپ قالغان كەشىگە قارىماي ئوردىغا يۈگۈرۈپتۇ. قىزنىڭ ئوردىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن پادىشاھ>ئەجدىھا تاغدىن چۈشۈپ، شەھەرنى ۋەيران قىلىۋېتىدىغان بولدى< دەپ قورقۇپ كېتىپ، دەرھال قىزنى تۇتۇپ ئەجدىھانىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ تاشلاشقا ئەمىر قىپتۇ. جاللاتلار قىزنى تۇتۇپ ئەجدىھانىڭ ئالدىغا سۆرەپ مېڭىپتۇ، قىز: - دادا، مېنىڭ ئىككى ئېغىز گېپىمنى ئاڭلا! بىر مۇساپىر يىگىت ئەجدىھانى ئۆلتۈرۈپ مېنى ۋە بۇندىن كېيىن ئەجدىھاغا يەم بولۇشنى كۈتۈپ غەمدە تۇرغان قىزلارنى ئازاد قىلدى. ئىشەنمىسەڭ راۋاققا چىقىپ قاراپ باق، - دەپتۇ. پادىشاھ قىزىنىڭ گېپىگە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي راۋاققا چىقىپ قارىسا، ئەجدىھا ياتقان تاغ قېپقىزىل قانغا بويىلىپ كەتكەن، ئەجدىھانىڭ تېنى ئىككى پارچىغا بۆلۈنۈپ تاشلانغان. پادىشاھ خۇشاللىقىدىن راۋاقتىن ئۇچقاندەك چۈشۈپ چاكارلىرىغا شەھەر دەرۋازىسىدىن تارتىپ تاغقىچە پايانداز سېلىشنى، شەھەر خەلقىنىڭ كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ، بۇ باتۇرنى قارشى ئېلىشىنى جاكارلاشنى بۇيرۇپتۇ، ئۆزى ھازا كىيىملىرىنى سېلىپ، پادىشاھلىق تونىنى كىيىپ، ۋەزىر - ئەمەلدارلىرىنى ئېلىپ يىگىتنى قارشى ئېلىشقا مېڭىپتۇ. قىلىچ ئۆمەر قايتىپ كېلىپ، سۈت بىلەن يۇيۇنۇپ، ئەجدىھانىڭ زەھىرىنى تازىلاپ، ئاكىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇشىغا پادىشاھ يېتىپ كېلىپ ئۇنى ئوردىغا باشلاپتۇ. شەھەر خەلقى بۇلارنى تازىم بىلەن كۈتۈۋاپتۇ. پادىشاھ باتۇرلارنى ئوردىغا باشلاپ كېلىپ كاتتا زىياپەت بېرىپتۇ ھەمدە پۈتۈن شەھەر خەلقىغە قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ بېرىپتۇ. قىرق بىرىنچى كۈنى پادىشاھ بۇ باتۇرلار بىلەن چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ، قىلىچ ئۆمەرگە ئۆزىگە كۈيئوغۇل بولۇشنى تەكلىپ قىپتۇ. قىلىچ ئۆمەر پادىشاھتىن: - سىلەرنىڭ بۇ شەھەردە كۆڭلەكنى ياقسىدىن كىيەمدۇ ياكى ئېتىكىدىنمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - ياقىسىدىن كېيىمىز، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ پادىشاھ. - ئۇنداقتا مېنىڭ ئاكىلىرىم تۇرغان يەردە مەن ئۆيلىنىۋالسام بولمايدۇ، بۇ قىز چوڭ ئاكامنىڭ بولسۇن! - دەپتۇ قىلىچ ئۆمەر. پادىشاھمۇ رازى بولۇپ، يەنە قىرىق كېچە - كۈندۈز توي ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. قىرىق بىرىنچى كۈنى چوڭ ئاكىسى ئىككى ئىنىسىنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپتۇ. ئۈچ ئاكا - ئۇكا قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشۇپتۇ. كەچ بولغاندا قىلىچ ئۆمەر چوڭ ئاكىسىغا بىر قاچا سۈت ئەكەلدۈرۈپ تورۇسقا ئېسىپتۇ ۋە: - ئەتە ئوتتۇرانچى ئاكام بىلەن يولغا چىقىمىز. سىز ھەر كۈنى ئەتىگەندە سۈتكە قاراپ قويۇڭ، ئەگەر سۈتنىڭ رەڭگى بۇزۇلمىسا، مېنى سالامەت ئىكەن دەپ بىلىڭ. سۈت رەڭگى يىرىڭ رەڭگىگە ئايلانسا ھاياتى خەۋپ ئاستىدىكەن دەپ بىلىڭ. ئەگەر سۈتنىڭ رەڭگى قان رەڭگىگە ئايلانسا، ئۇكامنىڭ جېنى يوقكەن، دەپ بىلىڭ ۋە مېنى ئىزدەپ چىقىڭ! - دەپ تاپىلاپ خوشلىشىپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى بۇلار سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. پادىشاھ ئۇلارغا ئىككىدىن ئات يوللۇق تۇتۇپ: - بىرىگە مىنىڭلار، بىرىگە ئوزۇق - تۈلۈك ۋە سۇ قاچىلانغان تۇلۇمنى ئارتىڭلار! - دەپتۇ. پادىشاھ، چوڭ ئاكا ۋە پۈتۈن شەھەر خەلقى شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغىچە چىقىپ ئاكا - ئۇكىلارنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويۇپتۇ. بۇ ئىككى ئاكا - ئۇكا چۆل كېزىپ، تاغ ئېشىپ، دەريا كېچىپ يول يۈرۈپتۇ. ئاتلىرى ئۇسسۇزلۇقتن ئۆلۈپتۇ، بۇلار يولىنى پىيادە داۋاملاشتۇرۇپتۇ. يول يۈرگەچ قىلىچ ئۆمەر ئاكىسىغدا قورالۋازلىقنى، دەريا باغلاشنى ئۆگىتىپتۇ. ئۇلار توپتۇغرا قىرىق كۈن بولغاندا، چىڭقى چۈش ۋاقتىدا بىر شەھەرگە كىرىپ بېرىپتۇ. شەھەرگە كىرسە بىرمۇ ئادەم يوق، ھەممە ئىشىكلەر تاقاقلىق. بۇلار ھەيران بولۇپ، ئۇئىشىككە، بۇ دەرۋازىغا قارىشىپ كېتىشىپ بارسا، بىر ئۆيدىن باشتىن - ئاياغ قارا كىيىم كىيگەن بىر بوۋاي يۈگۈرۈپ چىقىپ، بۇلارنىڭ قوللىرىدىن يېتىلىگىنىچە ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ كېتىپتۇ. يىگىتلەر بۇ ئەھۋالدىن ئەجەبلىنىپ، بوۋايدىن سەۋەبنى سوراپتۇ. - بىزنىڭ بۇ شەھىرىمىزنى بۇنىڭدىن سەكسەن يىل ئىلگىرى يەتتە قارا دىۋە - بېسىۋالغان ئىكەن. ئۇلار پۈتۈن شەھەر خەلقىنى قارا كىيىم كىيىشكە مەجبۇر قىلغانىكەن، بۇلار كۈندۈزى ئۇخلاپ، كېچىسى ئوۋغا چىقىدۇ. تالا - تۈزدە ئۇچرىغانلىكى ئادەمنى تۇتۇپ يەيدۇ، پۇقرالار بۇياقتا تۇرسۇن، پادىشاھمۇ قارا كىيىم كىيىپ ئوردىسىدىن چىقالماي ياتىدۇ، - دەپتۇ بوۋاي. بۇنى ئاڭلىغان قىلىچ ئۆمەرنىڭ غەزىپى ئۆرلەپ، دەرھال بېرىپ دىۋىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، خەلقنى ئازادلىققا چىقارماقچى بوپتۇ. بوۋاي يىگىتنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ: - سەن راستلا شۇ دىۋىلەرنى ئۆلتۈرەلەمسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. - چوقۇم ئۆلتۈرىمەن، - دەپتۇ قىلىچ ئۆمەر. - ئۇنداق بولسا گېپىمنى ئاڭلا، - دەپتۇ بوۋاي، - مۇشۇ يول بىلەن مېڭىۋەرسەڭ، تۆت كوچىنىڭ دوقمۇشىدا ئىككى قاناتلىق چوڭ بىر قارا دەرۋازا بار، دەرۋازىنىڭ ھەر بىر قاناتنى ئۈچتىن ئالتە دىۋە پۇتلىرى بىلەن تىرەپ تاقاپ ياتىدۇ. بۇلار كىچىكرەك دىۋىلەر. سەن بارغاندىن كېيىن بىر قاناتنى تاقاپ ياتقان دىۋىلەرنىڭ پۇتلىرىنى قىچقلىساڭ، ئۇلار پۇتلىرىنى يىغىۋالىدۇ. سەن دەرۋازىنى دەرۋازىنى قىيا ئېچىپ كىرىپلا دەرۋازىنى تاقاپ ياتقان ئالتە دىۋىنىڭ كاللىسىنى ئال. دەرۋازىنىڭ ئۇدۇلىدا ئىككى قەۋەتلىك چوڭ بىر بىنا بار. ئىككىنچى قەۋەتكە چىقساڭ، چوڭ سارايدا دىۋىلەرنىڭ باشلىقى چوڭ دىۋە بار. ئۇ ھەددىدىن زىيادە چوڭ، ئىلاجى بار بىر قىلىچ چېپىپلا ئۇجۇقتۇرۇۋەت. ناۋادا جېنى چىقماي قالسا، ئىككىنچى قېتىم قىلىچ ئۇرما. ئەگەر ئىككىنچى قېتىم قىلىچ ئۇرساڭ دىۋىنىڭ بىر تامچە قېنىدىن مىڭ مەرتىۋە پەيدا بولىدۇ - دە، ئۇلارغا تاقابىل تۇرالماي قالىسەن، - دەپ جېكىلەپتۇ. قىلىچ ئۆمەر بوۋاينىڭ دەپ بەرگىنى بويىچە بىردەمدىلا ئالتە دىۋىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، دېمىنى رۇسلىۋېلىپ، قەۋەتلىك بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە چىقىپ، چوڭ ساراينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كىرسە، پەرەز قىلغىنىدىنمۇ نەچچە ھەسسە چوڭ، كۆزلىرى جامدەك، بۇرۇن - تۆشۈكلىرى مورىدەك، بەكمۇ سەت بىر دىۋە ياتقۇدەك، ئۇ ئۇخلىمىغان بولۇپ، قىلىچ ئۆمەرنى كۆرۈپلا ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىپتۇ. قىلىچ ئۆمەر ئالدىن تەييارلاپ قويغان قىرىق گەزلىك قىلىچنى دىۋىنىڭ بوينىغا كۈچ بىلەن ئۇرۇپتۇ. شۇنچىۋالا زور كۈچ بىلەن چېپىلغان قىلىچ ئۇنىڭ دۇلىسىدىن كېسىپ، كۆكرىكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ توختاپ قاپتۇ. قىلىچ ئۆمەر ئۆمەر قىلىچنى سۇغۇرۇۋېلىپ، كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭاي دەپ تۇرسا دىۋە: - سەن بىر نامەرد ئىكەنسەن ياكى مېنى چاپماي قويمىدىڭ. چاپقاندىن كېيىن مېنى چالا ئۆلۈك تاشلاپ چىقىپ كەتمەي، ئۈزۈك - كېسىل ئۆلتۈرۋېتىپ چىقىپ كەتمەمسەن! جېنىم بەك قىينىلىپ كەتتى، - دەپ يىغلاپتۇ. قىلىچ ئۆمەر بۇ قارا دىۋىنىڭ نامەرد دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ ئۆزىنى باسالماي قىلىچنى قىنىدىن چىقىرىپ بىر سىلكىپ قىرىق گەزگە ئوزارتىپ، دىۋىنى چېپىش ئۈچۈن شۇنداق كۆتۈرۈشىگە دىۋە خوشاللىقىدىن قاقاھلاپ كۈلۈپ تاشلاپتۇ. قىلىچ ئۆمەر بۇ كۈلكىنى ئاڭلاپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىپ، بوۋاينىڭ دېگەنلىرىنى ئېسىگە ئاپتۇ - دە، قىلىچنى قىنىغا سېلىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇدۇل چىقىپ كېتىپتۇ. دىۋە ئىڭراپ يېتىپ قاپتۇ. قىلىچ ئۆمەر دىۋىلەرنىڭ ئوردىسىدىن چىقىپ بوۋاينىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. بوۋاي چىقىپ قىلىچ ئۆمەردىن: - ئۆلتۈردۈڭمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. قىلىچ ئۆمەر: - ھەئە. ئۆلتۈردۈم. ئەمما چوڭ دىۋە ئېغىر زەخمە يېدى. ئەتىگىچە قانسىراپ ئۆلسەكېرەك، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بوۋاي تاماق پىشۇرۇپ تۇرغان ئىكەن، بوۋاي پىشۇرغان تامىقىنى يىگىتلەرنىڭ ئالدىغا قويۇپ: - سىلەر تارتىنماي قۇرسىقىڭلارنى تويغۇزۇڭلار، مەن بېرىپ پادىشاھقا خەۋەر قىلاي، - دەپ ئۆيدىن چىقىپتۇ. بوۋاينىڭ يولى دىۋىلەرنىڭ ئوردىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتىدىكەن. شۇڭا ئۇ دىۋىلەرنىڭ ئوردىسىغا كىرىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈپتۇ ۋە خۇشاللىقىدىن پادىشاھقا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئوردىغا قاراپ يۈگۈرۈپتۇ. ئۆزى ئالدىغا كەتسىمۇ، پۇتى كەينىدە قاپتۇ. ئەمما دەرۋازىنى مۇشلاپ توۋلاپ زادى ئاچتۇالماپتۇ، ئوردا ئىشىكىنى ساقلاۋاتقان نامى چىققان پالۋانلارمۇ دەرۋازىنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالماي، شۇتا قويۇپ تامدىن مارىسا بىر بوۋاي تۇرغۇدەك. - نېمە گېپىڭ بار؟ - دەپ سوراپتۇ پالۋانلار. بوۋاي: - دەرھال دەرۋازىنى ئېچىڭلار، پادىشاھقا دەيدىغان خۇش خەۋرىم بار، - دەپتۇ. پالۋانلار دىر - دىر تىتىرىشىپ، دەرۋازىنىڭ كىچىك ئىشىكىنى قىيا ئىچىپ، بوۋاينى كىرگۈزۈپلا يەنە ئىتتىك تاقىۋاپتۇ. پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئىككى قاتار ئون ئالتىدىن ئوتتۇز ئىككى تۈۋرۈكى بار زور ساراي ئىكەن، بوۋاينىڭ خۇشاللىقتىن كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەي ئۇدۇل بىرىنچى تۈۋرۈككە ئۈسسۈپ ساپتۇ. ئۇنىڭدىن قاڭقىتىپ چىقىپ ئىككىنچى تۈۋرۈككە ئۈسۈپ ساپتۇ. شۇنداق قىلىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا يېتىپ بارغۇچە ئوتتۇز ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ھەممىسىگە ئۈسۈپ قىپقىزىل قان بولۇپ كېتىپتۇ. پادىشاھ شۇنداق قارىغۇدەك بولسا، قىپقىزىل قانغا بويىلىپ كەتكەن بىر مەخلۇق ئالدىدا تۇرغان. بۇنى كۆرۈپ پادىشاھنىڭ جېنى چىقىپ كەتكىلى تاس قاپتۇ ۋە: - نېمە... نېمە ئادەمسەن؟ نېمانچە قانغا بويىلىپ كەتتىڭ - دەپ سوراپتۇ. بوۋاي ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپتۇ، پادىشاھ داڭدار پالۋانلىرىدىن ئىككىسىنى بوۋايغا قوشۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ كېلىشكە يولغا ساپتۇ. بۇ پالۋانلار قورقۇپ بوۋاينىڭ دالدىسىدا مېڭىپ دىۋىلەرنىڭ ئوردىسىغا يېتىپ كەپتۇ. بوۋاي دەرۋازىدىن كىرگەن بولسىمۇ بۇلار قورقۇپ كىرىشەلمەي تۇرۇپ قاپتۇ. بوۋاي ئۇلارنىڭ قولىدىن تارتىپ دەرۋازىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ ئالتە دىۋىنىڭ ئۆلۈكىنى كۆرسىتىپتۇ. پالۋانلار دىۋىلەرنىڭ ئۆلۈكىنى كۆرگەندىن كېيىن بىر ئاز يۈرىكىنى توختىتىشىپ، بوۋاينىڭ كەينىدىن بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە چىقىپتۇ. قارىسا چوڭ دىۋە ئۆلمىگەن، چوڭ دىۋە بۇلارنى كۆرۈپ، >بىر نامەرد مېنى يېرىم جان قىلىپ تاشلاپ كەتتى. جېنىم بەك قىينىلىپ كەتتى. قايسىڭلار مەرد بولساڭلار يەنە قىلىچ سېلىپ جېنىمنى ئېلىپ، بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرساڭلار، كۆزۈم ئوچۇق كەتمىسە< دەپ يىلىنىپ يالۋرۇپتۇ، پالۋانلارنىڭ ئىچىدىكى يۈرەكلىكرەكى قىلىچنى قىنىدىن چىقىرىپ دىۋىنى چاپماقچى بولغانىكەن، بوۋاي ئۇنى غەزەپ بىلەن شۇنداق ئىتتىرىپتۇكى، ئۇ پالۋان كەينىدىكى پالۋانغا سوقۇلۇپ، ئىككىسى بىرلىكتە ئىككىنچى قەۋەتتىن يەرگە دومىلاپ چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇلار ئورنىدىن قوپۇپلا، ئالدى - كەينىگە قارىماي، ئۇدۇل ئوردىغا قاراپ يۈگۈرۈپتۇ. ئوردىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىشى بىلەن تەڭ بۇلارمۇ ئوردىنىڭ ئىچىگە ئۆزىنى ئېتىپتۇ ۋە تەڭلا تۈۋرۈككە ئۈسسۈپ ساپتۇ. قاڭقىتىپ چىقىپ، بىرى - بىرىگە ئۈسسۈپتۇ. يەنە قاڭقىتىپ تۈۋرۈككە، يەنە قاڭقىتىپ چىقىپ، بىر - بىرى بىلەن ئۈسسۈشۈپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا يېتىپ بارغۇچە ھېلىقى بوۋايدىنمۇ بەتتەر قان بولۇپ كېتىپتۇ. پادىشاھ بۇلارنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپ: - نېمە گەپ؟ نېمە بولدۇڭلار؟ - دەپ سوراپتۇ. بۇ ئىككى پالۋان تەڭلار: - نىزنىڭ نېمە بولغانلىقىمىزنى سورىمىسىلا پادىشاھى ئالەم، بوۋاينىڭ دېگىنى راست ئىكەن. دىۋىلەر راستىن ئۆلۈپتۇ، - دېيىشىپ ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىپتۇ. ئاڭغىچە بوۋايمۇ يېتىپ كەپتۇ. پادىشاھ بوۋايدىن بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلاپتۇ ۋە خۇشاللىقىدىن بوۋاينى قۇچاقلاپ سۆيۈپتۇ. ئۇ جارچىلىرىغا پۈتۈن شەھەر خەلقىغە بۇ ۋەقەنى ئاڭلىتىشنى، ئوردىدىن تارتىپ بوۋاينىڭ ئۆيىگىچە بولغان كوچىغا پايانداز سېلىشنى، شەھەر خەلقى كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ بۇ باتۇرلارنى كۈتۈۋېلىشنى ئەمىر قىپتۇ. ئۆزىمۇ لەنىتى قارا كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ، ئوت قويۇۋېتىپ، پادىشاھلىق تون ۋە تاجلىرىنى كىيىپتۇ، ۋەزىر - ئەمەلدارلىرىنى ئېلىپ بوۋاينى يول باشلىتىپ بوۋاينىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بۇ باتۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپتۇ ۋە ئۇلارنى ئوردىغا باشلاپ مېڭىپتۇ، شەھەر خەلقى بۇ يىگىتلەرنى تازىم بىلەن كۈتۈۋاپتۇ، پادىشاھ يىگىتلەرنى ئوردىغا باشلاپ كېلىپ زىياپەت بېرىپ، بۇ خۇشاللىقىنى تەنتەنە قىلىپ شەھەر خەلقىغە 40 كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ بېرىپتۇ. توي ئاياغلاشقاندىن كېيىن، پادىشاھ بۇ ئىككى ئاكا - ئۇكا بىلەن چاي ئېچىشىپ ئولتۇرۇپ قىلىچ ئۆمەرنى ئۆزىگە كۈيئوغۇل بولۇشقا ھەمدە قېرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئورنىغا پادىشاھ بولۇشقا تەكلىپ قىلىپتۇ. قىلىچ ئۆمەر پادىشاھتىن: - سىلەرنىڭ بۇ شەھەردە چاپاننى ياقىسىدىن كىيەمدۇ ياكى ئېتىكىدىنمۇ؟- دەپ سوراپتۇ: - ئەلۋەتتە ياقىسىدىن كىيىدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ پادىشاھ. - ئۇنداق بولسا دەپتۇ قىلىچ ئۆمەر، نۆۋەت ئوتتۇرانچى ئاكامنىڭ، ئوتتۇرانچى ئاكام سىلىگە كۈيئوغۇل بولسۇن، - دەپتۇ. پادىشاھمۇ رازى بولۇپ، يەنە 40 كېچە - كۈندۈز توي بېرىپ، قىزىنى قىلىچ ئۆمەرنىڭ ئاكىسىغا نىكاھلاپ بېرىپتۇ، قىرىق بىرىنچى كۈنى ئاكىسى قىلىچ ئۆمەرنى ئۆيىگە قىچقىرىپتۇ ھەمدە ئوبدان مېھمان قىپتۇ. شېرىن سۆھبەت قىلىپ ئولتۇرۇشۇپتۇ. چوڭ ئاكىسىنى ئەسلىشىپتۇ. كەچ بولغاندا قىلىچ ئۆمەر: - ئاكا، مېنىڭ مەقسىتىم تېخى ئەمەلگە ئاشمىدى. مەن مەقسىتىمگە يېتىش ئۈچۈن سەپىرىمنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشۇم كېرەك. شۇڭلاشقا مەن سىز بىلەن خوشلىشىپ ئەتە يولغا چىقماقچى، - دەپ مۇددىئاسىنى بايان قىپتۇ. ئاكىسىمۇ ئۇنىڭ رايىنى قايتۇرماپتۇ. رازى بوپتۇ. قىلىچ ئۆمەر ئاكىسىغا بىر قاچا سۈت ئەكەلدۈرۈپ تورۇسقا ئېسىپتۇ ۋە چوڭ ئاكىسىغا تاپىلىغاندەك تاپىلاپ، خوشلىشىپ قايتىپ چىقىپتۇ. ئەتىسى ئۆزى يالغۇز خۇرجۇن - قاچىلىرىنى ئاتقا ئارتىپ، ئۇزىتىپ قويغىلى چىققان پادىشاھ، ئاكىسى ۋە پۈتۈن شەھەر خەلقى بىلەن خۇشلىشىپ كۈنچىقىشقا قاراپ راۋان بوپتۇ. بىر نەچچە كۈن يول مېڭىپلا، بۇرۇن بېسىپ ئۆتكەن چۆللىرىدىنمۇ بىرنەچچە ھەسسە چوڭ بىر چۆللۈككە كىرىپ كېتىپتۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئېتى ئۆلۈپتۇ. يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يەيدىغىنىمۇ، ئىچىدىغىنىمۇ تۈگەپتۇ. ھالسىزلىنىپ، تىرىشىپ - تىرمىشىپ يول يۈرۈپتۇ. بىر تاغنىڭ باغرىغا كەلگەندە ماغدۇرىدىن كېتىپ يىقىلىپ يېتىپ، كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. ئۇ بىر چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە بىر ئاپئاق ساقال بوۋاي پەيدا بولۇپ:>ھەي بالام نەدىن كەلدىڭ! نەگە ماڭدىڭ< دەپ سوراپتۇ. قىلىچ ئۆمەر بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ھېكايە قىلىپ بېرىپتۇ. بوۋاي قىلىچ ئۆمەرنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلاپ بولۇپ، >بۇ ئىقلىمدا ئۈچ ئاپەت بار ئىدى. سەن ئىككىسىنى يوقىتىپسەن. يەنە سەپىرىڭنى داۋاملاشتۇرساڭ ئۈچىنچى مۈشكۈلگە يولۇقىسەن. بۇ ئۈچىنچى مۈشكۈل سېنىڭ مەشۇقىڭ گۈلشەندۇر. ئۇ بۇ ئۆپ - چۆرىگە كېلىپ قالغان پۈتۈن ئادەمزاتنى قىرىپ يوقىتىپ جەسەتلەرنى ئېتىغا توغراپ بېرىدۇ. ئۇنىڭغا ئۆيلىنىشنى نىيەت قىلغان نۇرغۇنلىغان شاھ، شاھزادىلەر، باتۇر - پالۋانلار ئۇنىڭ قىلىچى ئاستىدا ئۆلۈپ ئېتىغا يەم بولغان. ئۇ ئۆزى يالغۇز بولسىمۇ لەكمىڭ - لەكمىڭ لەشكەر ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلىگەن ئەمەس. سەن گەرچە ئەجدىھا بىلەن دىۋىلەرنى يەڭگەن بولساڭمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا تەڭ كېلەرمەسسەنمىكىن< دەپتۇ. قىلىچ ئۆمەر>ھىجران ئازابىنى جىق تارتتىم، شۇنچە ئۇزۇن يولنى بېسىپ دوزاقنىڭ ئازابىنى تارتىپ، مۇشۇ يەرگە كەپتىمەن. ياكى جانانغا يېتەي، ياكى جاندىن كېچەي، مۇشۇقۇمنىڭ قولىدا جان بەرسەم بۇ دۇنيادىن ئارمانسىز كېتىمەن< دەپتۇ. بوۋاي >خەير بوپتۇ. ئۇنداق بولسا، مۇشۇ كۆرۈنگەن تاغنىڭ كۈنگەي تەرىپىگە ئۆتسەڭ بىر تۈلكە ئۇچرايدۇ. سەن تۈلكىگە مۈشكۈلۈمنى ئاسان قىلساڭ، دېسەڭ تۈلكە ماقۇل كۆرۈپ، شۇ ئۇرۇندا ئولتۇرۇپ تۇرۇشۇڭنى بۇيرۇپ، ئۆزى يەرنى كولاپ كىرىپ كېتىدۇ، تۈلكە يەرنى كولاپ، سەن ئۈچۈن يول ئېچىپ، بۇ يولنى مەلىكىنىڭ ئات ئوقۇرىنىڭ تۈۋىگىچە ئاپىرىپ قويۇپ يېنىپ چىقىدۇ. سەن تۈلكە كولىغان يەر ئاستى يولنىڭ ئاخىرىغىچە بېرىپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقىڭ بىلەن يەر ئۈستى تەرەپنى ئىتتىرسەڭ بىر تۆشۈك ئېچىلىدۇ. مەلىكىنىڭ ئېتى ئون كۈنلۈك يىراقلىقتىكى ئادەم ھىدىنى سېزەلەيدۇ ھەمدە بىر سائەتتە قىرىق كېچە - كۈندۈزلۈك يول باشلايدۇ. سەن قولۇڭنى شۇنداق چىقارساڭ سېنىڭ ھىدىڭنى پۇرىغان ئات قاتتىق كىشنەيدۇ. ئاتنىڭ كىشنىگىنىنى ئاڭلىغان مەلىكە ساۋۇتلىرىنى كىيىپ، قىلىچ - نەيزىلىرىنى ئېلىپ ئاتنى ئېگەرلەپ، پۈتۈن چۆل - جەزىرىنى ئايلىنىپ كېلىپ ھېچنىمىنى تاپالمىغاچقا ئاچچىقى كېلىپ ئاتنى تىللاپ ئۆيگە كىرىپ كېتىدۇ. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە قولۇڭنى ئازراقلا چىقارساڭ ئات يەنە كىشنەيدۇ. مەلىكە يەنە ئالدىنقى قېتىمقىدەك قۇرۇق ئايلنىپ كېلىپ قاتتىق خاپا بولۇپ، ئاتنى >ئالجىغان قىرچاڭغۇ، بۇدا يەنە كىشنەيدىغان بولساڭ ھەرگىز چىقمايمەن< دەپ تىللاپ - قاغاپ كىرىپ كېتىدۇ. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن سەن ئۇ يەردىن ئۈسسۈپ چىقىپ مانا بۇ ئادەمنىڭ قۇلىقىنى ئاتقا تاشلاپ بېرىسەن. ئات بۇ قۇلاقلارنى يەپ جىم تۇرىدۇ، سەن يۈگۈرۈپ مەلىكە ياتقان ئۆيگە بېسىپ كىرىسەن، ئۇ چاغدا مەلىكە ئاچچىقىدا قولىنى بېشىنىڭ ئاستىغا قويۇپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ ياتقان بولىدۇ. سەن كىرگەن پېتىڭ ئۇنىڭ قورسىقىغا مىنىپ ئالىسەن - دە، ئىككى قولىنى ئىككى قولۇڭ بىلەن ئىككى يانغا بارلىق كۈچۈڭ بىلەن كېرىپ تۇرۇۋالىسەن. ئۇ قولىنى يىغىشقا جىق كۈچەپ باقىدۇ. ئەگەر ئۇ قولىنى يىغىۋالسا، تۈگەشكىنىڭ شۇ. ئۇ قولىنى يىغالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتسە ساڭا تەسلىم بولىدۇ. مۇرادىڭغا يېتىسەن. خەير، سەپرىڭ ئوڭۇشلۇق بولغاي، ئامىن ئاللاھۇ ئەكبەر!< دەپ كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ. قىلىچ ئۆمەر چۆچۈپ ئويغانسا، ئىنسى - جىن يوق. بېقىنىدا بىر دۆۋە ئادەم قۇلىقى تۇرغۇدەك. ئۇ قۇلاقلارنى ئېتىكىگە ئېلىپ كۆرۈنگەن تاغنىڭ كۈنگەي تەرىپىگە قاراپ مېڭىپتۇ. راست دېگەندەك، بىر تۈلكە ئۇنىڭغا قاراپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپتۇ. قىلىچ ئۆمەر چۈشىدە كۆرگەن بوۋاينىڭ گەپلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، >مۈشكۈلۈمنى ئاسان قىلساڭ!< دەپ تۈلكىگە مۇراجىئەت قىلىپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى بوۋاي دېگەندەك بوپتۇ. بىر ھازا ئۆتكەندىن كېيىن تۈلكە كاماردىن ھاسىراپ - ھۆمىدەپ چىقىپ كامارنى كۆرسىتىپ قويۇپ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. قىلىچ ئۆمەر كامارغا ئۆمىلەپتۇ، ئۆمىلەپتۇ، قانچىلىك ۋاقىت ئۆمىلىگەنلىكىنى پەملىيەلمەپتۇ. ئاخىرى كامارنىڭ تۈۋىگە يېتىپ بېرىپ بوۋاينىڭ دېگەنلىرىنى بىر - بىرلەپ قىپتۇ. ئىككىنچى قېتىم مەلىكە ئايلىنىپ كېلىپ ئېتىنى تىللاپ قاغاپ يېنىپ كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، بوۋاينىڭ دېگىنىدەك، كاماردىن ئۈسسۈپ چىقىپ، ئات كىشنەپ بولغىچە قۇلاقلارنى ئاتقا تاشلاپ بېرىپ، مەلىكىنىڭ ئۆيىگە كىرىپتۇ. قارىسا مەلىكە ياقتۇدەك. قىلىچ ئۆمەر يۈگۈرۈپ بېرىپ، مەلىكە ئۆزىنى ئوڭلاپ بولغۇچە ئۇنىڭ قورسىقىغا مېنىۋېلىپ، قولىنى كېرىپ بېسىپ تۇرۇۋاپتۇ، مەلىكە بوش كەلمەپتۇ. قولىنى يىغىشقا بەكمۇ كۈچەپتۇ. قىلىچ ئۆمەرنىڭ بىلەكلىرى سىقىراپ كېتىپتۇ. مەلىكىمۇ بەك كۈچەنگەنلىكتىن چىرايلىرى ئاناردەك قىزىرىپ، تەرلەپ كېتىپتۇ. ھەر ئىككىسى بوش كەلمەپتۇ. بىر كېچە - كۈندۈز ئېلىشقاندىن كېيىن مەلىكە: - مەن بولالمىدىم، مەن ساڭا ئەل بولدۇم، - دەپ قىلىچ ئۆمەرنى مەيدىسىگە تېڭىپتۇ، - سەن مېنىڭ ئاشىقىم، مەن سېنىڭ مەشۇقىڭمەن. سېنى سېغىنىپ ھىجران ئازابىنى تارتىپ كۈنلىرىم تۈنگە، تۈنلىرىم كۈنگە تەستە ئۇلىشىپ، يولۇڭغا بەكمۇ ئىنتىزار بولۇپ يۈرگەنىدىم. خويمۇ ئوبدان يېتىپ كەلدىڭ، سەن ئىشىكتىن كىرگەن چاغدىلا تونۇغانىدىم. مەن ئۆزۈمنى سېنىڭ باغرىڭغا ئاتاي دەپ تۇرسام، سەن مەن بىلەن كۈچ سىنىشىپ قالدىڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ نامىم ساڭا ئۈن - تنسىز ئەل بولۇشقا يول قويماي سەن بىلەن ئېلىشىپ قالدىم. ئەمدى مەن مەڭگۈ سېنىڭكى، كۈچ سىناشقانلىقىمنى ئەپ قىلغىن. بىز ئاينى گۇۋاھ قىلىپ نىكاھلىشايلى. مەن ئەرگە تەگكەندىن كېيىن ئادەتتىكى ئايالغا ئايلىنىمەن، كۈچۈممۇ تۈگەيدۇ. مەن ئەنە شۇنداق سېھىرلەنگەن، سەن مېنىڭ ئېرىم، مەن سېنىڭ ۋاپادار خوتۇنۇڭمەن. ئۇلارنىڭ شېرىن، لەززەتلىك كۈنلىرى باشلىنىپتۇ. بىر - بىرىگە بولغان مېھىر - مۇھەببىتى كۈندىن - كۈنگە ئېشىپتۇ. بىر - بىرىگە قاراپ تويۇشماپتۇ. ئەمدى گەپنى مەلىكە تۇرغان قەلئەنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى بىر شەھەردىن ئاڭلايلى. ئۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىمۇ مەلىكە گۈلشەنگە ئاشىق ئىكەن. بىر قانچە قېتىم ئەلچى ئەۋەتىپ ئەلچىلىرىدىن ئايرىلىپ، لەشكەر تارتىپ بېرىپ لەشكەرلىرىدىن ئايرىلىپ، ئۆزى ئاران قېچىپ قۇتۇلۇپ مەلىكىنىڭ ۋىسالىغا يېتەلمەي ياكى ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزەلمەي يۈرەكلىرى زەرداپ بولۇپ، كۆك يەرگە مەيدىسىنى يېقىپ ياتقانىكەن. كۈنپېتىش تەرەپتىن كەلگەن بىر يىگىتنىڭ مەلىكىنى نىكاھىغا ئالغانلىقىنى ئاڭلىغان بۇ پادىشاھ ئورنىدىن چاچراپ قوپۇپ، >كىمدە كىم ماڭا مەلىكە گۈلشەننى ئەپكېلىپ بەرسە، بېشىدىن ئايىقىغىچە ئالتۇن - كۈمۈش بىلەن قاپلايمەن< دەپ جارچىسىنى شەھەرگە چىقىرىپتۇ. جارچىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان شۇ شەھەردىكى بېلى مۈكچەيگەن، ئاغزى ئۆمچەيگەن، ئوغرى مۈشۈكنىڭ كۆزىدەك كۆزى بار، تەلەتىدىن قۇۋلۇق شۇملۇق چىقىپ تۇرىدىغان ئىلمەك بۇرۇن بىر مۇماي پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرىپ كەپتۇ ۋە پادىشاھقا: - ۋەدە قىلغان ئالتۇن - كۈمۈشلىرىڭنىڭ يېرىمىنى ھازىر بەر، قالغان يېرىمىنى مەلىكىنى قولۇڭغا تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئالىمەن دەپتۇ. خۇشال بولۇپ كەتكەن پادىشاھ بىر تاغار ئالتۇن - كۈمۈش، ئۈنچە - مەرۋايىت، قىممەت باھالىق جاۋاھىر تاشلارنى موماينىڭ ئۈيىگە ئاپىرىپ بېرىشكە ئەمىر قىپتۇ. ئۇ مۇمايدىن مەلىكىنى قانداق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. موماي: - ئۇ تەرەپلىرىنى سورىما، سەن ئالدى بىلەن ئادەملىرىڭگە ئېيىت، ئۇلار مېنىڭ پۇت - قوللىرىمنى باغلاپ، ئۇرۇپ بەدەنلىرىمنى كۆكەرتسۇن. ئاندىن كېيىن ناھايىتىمۇ يۈگۈرۈك ئاتلىرىڭنىڭ بىرىگە بىر نۆۋكىرىڭنى مىندۈر. ئۇ مېنى ئاتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ مەلىكىنىڭ يولىغا تاشلاپ قايتىپ كەلسۇن، قالغىنىنى ئۆزۈم بىر ئىش قىلىمەن، - دەپتۇ. پادىشاھ شۇ كۈنىلا موماينىڭ دېگىنىنى قىلىپ، موماينى مەلىكىنىڭ يولىغا تاشلىتىپ كەپتۇ. قىلىچ بىلەن مەلىكە ئىككىسى شېرىن پاراڭ بىلەن ئولتۇرسا، ئات قاتتىق كىشنەپتۇ. قىلىچ ئۆمەر ئاتقا مېنىپ چىقىپ يول ئۈستىدە قول - ئاياغلىرى باغلانغان، يۈز - كۆزى يارىلانغان موماينى كۆرۈپتۇ. قىلىچ ئۆمەر ئاتتىن چۈشۈپ موماينىڭ قول - ئاياغلىرىنى يېشىپ، ھال - ئەھۋال سوراپتۇ. موماي بىر ھازاغىچە يىغلاپ، قىلىچ ئۆمەرگە: - مېنىڭ ناھايىتىمۇ چىرايلىق بىر قىزىم بار ئىدى. قىزىمنى سۇغا چىقارسام پادىشاھنىڭ شىكاردىن يېنىشىغا تۇغرا كېلىپ قېلىپ، پادىشاھ بىلەن يۈزلىشىپ قاپتۇ. پادىشاھنىڭ كۆزى قىزىمغا چۈشكەندىن كېيىن قىزىمنى ئۆزىگە خوتۇنلۇققا دەپ ئەلچى ئەۋەتىپتۇ. قىزىمنىڭ ئۇنۇشۇپ قويغان يىگىتى بار ئىدى. كىچىكىدىن بىللە ئويناپ، بىللە چوڭ بولغانىدى. قىزىممۇ ئۇنىمىدى، مەنمۇ ئويلاپ قارىسام قىزىم ئوردىغا كەتسە مەڭگۈ كۆرەلمەيدىكەنمەن. مېنىڭ قىزىمدىن باشقا قارايدىغان ئادىمىم يوق. ماڭا كىم قارايدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ رازى بولماي، ئەلچىلەرگە بىر مۇنچە يالۋۇرۇپ، پادىشاھنىڭ ئىنسابىغا دۇئا قىلىپ يولغا سالدىم. ئەلچىلەر بۇ گەپنى پادىشاھقا دەپ بارغانىكەن، پادىشاھنىڭ غەزىپى ئۆرلەپ، >قىزىنى ياخشىلىقچە بەرسە بەرسۇن، بەرمىسە ئۇ قېرىنىڭ پۇت - قولىنى باغلاپ مەلىكە گۈلشەننىڭ يولىغا تاشلاپ كېلىڭلار، مەلىكە ئۇ قېرىنىڭ جەسىدىنى ئېتىغا تاشلاپ بەرسۇن، قىزىنى ئاتنىڭ ئالدىغا ئۆڭتۈرۈپ ئېلىپ كېلىڭلار< دەپ بۇيرۇپتۇ. پادىشاھنىڭ جاللاتلىرى بۇ ئىشنى بىردەمدىلا ئەمەلگە ئاشۇردى. مېنىڭ بۇ يەردە توپىغا مىلىنىپ يېتىشمنىڭ سەۋەبى شۇ، بىر يىگىت مەلىكە گۈلشەنگە ئۆيلىنىپتىمىش دېيىشىۋاتاتتى، سەن شۇ يىگىتمۇ ئەمەسمۇ؟ - دەپت. قىلىچ ئۆمەر: - ھەئە، شۇ يىگىت مەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. موماي: - نى - نى يىگىت، پالۋانلار، پادىشاھ - شاھزادىلەر ئالالمىغان مەلىكىنى سەن ئاپسەن. تەلەيلىك يىگىت ئىكەنسەن. مۇبارەك بولسۇن. ئاتا - ئاناڭ بارمۇ؟ ئۇلار نەدە؟ - دەپ سوراپتۇ. بۇ سۇئال ۋە ئالدىدا تۇرغان بۇ موماي قىلىچ ئۆمەرنىڭ يىراقتا قالغان ئانىسىنى ئەسلىتىپتۇ. قىلىچ ئۆمەر چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپتۇ. موماي: - ئويلىنىپ قالدىڭغۇ بالام؟ مېنىڭ قىزىمنى بۇلاپ كەتكەن پادىشاھمۇ مەلىكىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن كۆپ ئۇرۇنغان ئەمدى تاۋۇزى قولتۇقىدىن چۈشۈپتۇ. مەلىكە ساڭا ئوخشاش باتۇر يىگىتلەرگە مەنسۇپ، بالام، مېنىڭ بارىدىغان يېرىم يوق. سىلەر ياش، ئەر - خوتۇنلار بىر - بىرىڭلاردىن ئايرىلالمايسىلەر. سەن ئەر كىشى، باتۇر يىگىتسەن. سەن ھەمىشە ئۆيدە ئولتۇرۇۋەرسەڭ زېرىكىسەن. مەلىكىنى تاشلاپ چىقىپ كەتسەڭ بۇ يەردە ئۇنىڭ سەندىن باشقا ھېچنېمىسى يوق. ئۇ زېرىكىدۇ. مېنى ئالغاچ كەتسەڭ، قىزىمنى كۆرگەن كۆزۈمدە مەلىكىنى كۆرسەم. سەن سىرتقا چىقساڭ، مەن خوتۇنۇڭغا ھەمراھ بولۇپ، ئىككىڭلارنىڭ خىزمىتىنى قىلسام، - دەپ يېلىنىپتۇ ۋە زار - زار يىغلاپتۇ. قىلىچ ئۆمەرنىڭ مومايغا ئىچى ئاغرىپتۇ. ئۇنىڭ گەپلىرىدىن تەسىرلىنىپ، ئېتىغا مىنگەشتۈرۈپ قەلئەگە ئېلىپ كەپتۇ. بۇنى كۆرگەن مەلىكىنىڭ تېنى غۇژژىدە بوپتۇ. ئەمما چاندۇرماپتۇ. موماي سالاملىشىپ بولۇپلا چېلەك، سۈپۈرگىنى كۆتۈرۈپ، ھويلىنى تازىلىغىلى چىقىپ كېتىپتۇ. موماي چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مەلىكە قىلىچ ئۆمەرگە: - بۇ موماينى بىكار ئېلىپ كەپسىز. چىرايىدىن شۇملۇق يېغىپ تۇرىدۇ. تايىنلىق مېنى ئالىمەن دەپ يۈرگەن پادىشاھ ئەۋەتكەن غالچىمىكىن دەيمەن، - دەپ ئۆز گۇمانىنى سۆزلەپتۇ. - بۇ موماينىڭ قولىدىن نېمە ئىش كېلەتتى. ياخشى بولسا ئېشىنى يەيدۇ، يامان بولسا بېشىنى! - دەپتۇ قىلىچ ئۆمەر. موماي كەلگەندىن كېيىن ناھايىتى تىرىشىپ ئىشلەپتۇ. ئۆي ئىچى، ھويلا - ئاراملارنى تازىلاپ، سۇ چېچىپ، ئۆينى ئالاھىدە ياسىداق، ھويلىنى پاكىز قىلىۋېتىپتۇ. مەلىكىنىڭ بەدەنلىرىنى يۇيۇپ، چاچلىرىنى تاراپ، بېشىنى بېقىپ، ئېشىنى ئېتىپ، شېرىن سۆزلەپ يۈرۈپ، مەلىكىنى ئۆزىگە رام قىلىۋاپتۇ، قىلىچ ئۆمەر بۇرۇن ئوۋغا چىقاي دېسە مەلىكە ئۇنىمايدىكەن. موماي كەلگەندىن كېيىن، >بارسىڭىز بېرىڭ< دەيدىغان بوپتۇ. موماي بىكار قالغان ۋاقىتلىرىدا تۈرلۈك چۆچەكلەرنى سۆزلەپ، مەلىكىنى كۈلدۈرۈپ كۈننىڭ قانداق كەچ بولغانلىقىنى سەزدۈرمەپتۇ. موماي كۈندۈزى ئىشلىسە، كېچىسى قىلىچ ئۆمەر بىلەن مەلىكە ياتىدىغان ئۆيدىكى كارىۋاتنىڭ تېگىگىچە لەخمە كولاپتۇ. لەخمە پۈتۈپ تام تۈۋىدىكى بۇلۇڭدىن كىچىككىنە تۆشۈك ئېچىپ بولغاندا كۆڭلى ئارامىغا چۈشۈپتۇ. شۇ كۈنلەردە قىلىچ ئۆمەر ئوۋغا چىقىپ كېتىپتۇ. موماي ئۆي ئىچى ۋە ھويلا - ئاراملارنى تازىلاپ بولۇپ: - قىزىم ماۋۇ ئاپتاپقا كەل، بېشىڭنى بېقىپ قوياي، - دەپتۇ. مەلىكىمۇ ئۆز ئانىسىدەك ئۆگىنىپ قالغان بۇ مۇماينىڭ قۇچىقىغا بېشىنى قويۇپ يېتىپتۇ. موماي مەلىكىنىڭ بېشىنى باققاچ ئۇياقتىن - بۇياقتىن گەپ قىلغاچ: - قىزىم ئېرىڭ سېنى ياخشى كۆرەمدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ: - ياخشى كۆرىدۇ، مېنى ئۆزىنىڭ جېنىدىنمۇ بەك ياخشى كۆرىدۇ. ياخشى كۆرمىسە يالغۇز ئانىسىنى تاشلاپ، شۇنچە جاپالىق يولنى بېسىپ مېنىڭ يېنىمغا كېلەمدۇ؟ - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ مەلىكە. - ئادەتتە بۇنداق باتۇرلارنىڭ جېنى ئۆزىنىڭ تېنىدە بولمايدۇ. ئېرىڭنىڭ جېنى نەدىكەن؟ بىلەمسەن؟ - دەپ سوراپتۇ موماي. - بىلمەيمەن، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ مەلىكە. - ئەگەر ئۇ ھازىرغىچە جېنىنىڭ نەدىلىكىنى ساڭا دەپ بەرمىگەن بولسا، دەپتۇ موماي، - ئۇ چوقۇم سېنى ياخشى كۆرمەيدىكەن. ساڭا ئىشەنمەيدىكەن. ئەگەر سېنى ياخشى كۆرگەن بولسا، ساڭا ئىشەنگەن بولسا، جېنىنىڭ9 نېمىدىلىكىنى دەپ بەرگەن بولاتتى. مەلىكە بۇ كۈننى چىۋىن يەۋالغاندەك بىئارام بولۇپ، ناھايىتى تەستە ئۆتكۈزۈپتۇ. كەچقۇرۇن قىلىچ ئۆمەر ئوۋدىن يېنىپ كېلىپ، ئوۋلاپ كەلگەن كىيىكنى سويۇپ، گۆش قىلىپ مومايغا تاشلاپ بېرىپتۇ ھەمدە ئەتىگەنلىككىچە ئوبدان پىشۇرۇپ قويۇشنى تاپىلاپ ئۆيگە كىرىپتۇ. ئۆيگە كىرسە مەلىكە خامۇش ئولتۇرغۇدەك، ھاردۇقمۇ سورىماپتۇ. قىلىچ ئۆمەر >مەن يوق زېرىكىپ قالغان ئوخشايدۇ< دەپ ئويلاپ چاقچاق قىپتۇ، قىچىقلاپ بېقىتپۇ، ئەركىلىتىپتۇ، مەلىكە سۆز قىلماپتۇ. ئاخىرى گەپ - سۆز قىلىشماي ئورۇنغا كىرىپ يېتىپتۇ. بىر ھازا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن مەلىكە ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ: - سىز زادى مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟ - دەپ سوراپتۇ. قىلىچ ئۆمەر خوتۇنىنىڭ بۇ سوئالىدىن ھەيران قېلىپ: - سەن ھازىرغىچە مېنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمغا ئىشەنمەمسەن؟ مەن سېنى ياخشى كۆرمىسەم، يۇرتۇمنى، مېھرىبان ئانامنى تاشلاپ، چۆل - باياۋانلاrنى كېزىپ، مۇشۇ يەرگە كېلەرمىدىم؟ سېنى ياخشى كۆرمىسەم سەن بىلەن ئەر - خوتۇن بولۇشقاندىن كېيىن، سېنى ئۆزى چوڭ بولغان يەردىن ئايرىلىپ كۆڭلى يېرىم بولمىسۇن دەپ ئۆز يۇرتۇمغا ئېلىپ كەتمەي مۇشۇنداق ئادەمسىز چۆل - باياۋاندا يۈرەرمىدىم؟ - دەپ سوئال بىلەن جاۋاب بېرىپتۇ. - مېنى ياخشى كۆرسىڭىز نېمىشقا جېنىڭىزنىڭ نېمىدە ئىكەنلىكىنى ھازىرغىچە مەندىن يوشۇرىسىز؟- دەپتۇ مەلىكە، قىلىچ ئۆمەر: - سەن سورىما، مەن ئېيتمايمەن. پايدىسىز - دېگەن ئىكەن، مەلىكە مىشىلداپ يىغلاپ، دومسىيىپ يېتىۋاپتۇ. قىلىچ ئۆمەر تەڭلىكتە قېلىپ، خوتۇنىنى ئۆزىگە قارىتىپ قۇچاقلاپ يېتىپ: - ئىنىسى - جىنغا تىنما، مېنىڭ جېنىم مۇشۇ يېنىمدىكى قىلىچىمدا، - دەپتۇ. بۇ گەپنى كارىۋاتنىڭ ئاستىدىكى لەخمىدە ياتقان ھىيلىگەر شۇم موماي ئاڭلىۋاپتۇ. بۇلار قاتتىق ئويقۇغا كەتكەندە موماي ئاستا ئۆيگە كىرىپ قىلىچ ئۆمەرنىڭ قىلىچىنى غىلىپىدىن سوغۇرۇپ ئېلىپ، مەلىكىنىڭ ئېتىنى مىنىپ قىلىچنى يىراقتىكى بىر دەرياغا تاشلىۋېتىپتۇ. ئەتىگىنى مەلىكە ئويغانسا، قىلىچ ئۆمەر شۈك ياتقۇدەك. >تۇرۇڭ ئورنىڭىزدىن!< دەپ تۈرتۈپ بېقىپتۇ، >ھىيلىگەرلىك قىلماڭ!< دەپ قىچىقلاپ بېقىپتۇ. ئۇ چاغدا كۆزى قىلىچى يوق قۇرۇق غىلاپقا چۈشۈپ، ئەھۋالنى چۈشىنىپتۇ - دە، يىغلاپ كېتىپتۇ. ياۋۇز موماي قولىغا بىر ئاغامچىنى ئېلىپ>ھى... ھى...< دېگىنىچە ئۆيگە كىرىپ، >ئەمدى قولغا چۈشتۈڭمۇ مەلىكەم< دەپ كېلىپ، مەلىكىنى باغلىماقچى بوپتۇ. مەلىكە قارشىلىق كۆرسىتىپتۇ. موماي چاققانلىق بىلەن مەلىكىنىڭ بوينىغا ئارغامچا بىلەن سىرتماق سېلىۋېلىپ، مەلىكىنى باغلاپ ئاتنىڭ ئالدىغا ئۆڭتۈرۈپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا تاشلاپتۇ ۋە مەلىكىنى قولغا چۈشۈرۈشتىكى جەرياننى سۆزلەپ بېرىپ، پادىشاھتىن ۋەدە قىلىنغان ئالتۇن - كۈمۈشنىڭ قالغان قىسىمىنى ئېلىپ ئۆيىگە كېتىپتۇ. پادىشاھ مەلىكىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدا ھوشىدىن كېتىپتۇ. ھوشىغا كېلىپ مەلىكىگە ئۆزىگە خوتۇن بولۇش تەلىپىنى قويۇپتۇ. مەلىكە: - ماقۇل، ئەمما مېنىڭ شەرتىم بار. بىرىنچى شەرتىم. مېنىڭ ئېتىمنى قويۇپ بېرىڭ، مەن تۇرغان قەلئەنى ساقلىسۇن. ئىككىنچى شەرتىم، ئېرىم ئۆلدى. قىرىق كۈن ماتەم تۇتىمەن، ئۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن شەھەر خەلقىغە قىرىق كېچە - كۈندۈز توي ئۆتكۈزۈپ بېرىسىز. ئاندىن كېيىن نىكاھىڭىزغا ئۆتىمەن. بۇ شەرتلىرىمگە كۆنمەي بىر كۈن بۇرۇن يېقىنلىشىمەن دەيدىكەنسىز، مېنىڭ ئۆلۈكۈمگە ئېرىشىسىز، - دەپتۇ. پادىشاھ نائىلاج بۇ شەرتلەرگە كۆنۈپتۇ. ئەمدى گەپنى قىلىچ ئۆمەرنىڭ ئاكىلىرىدىن ئاڭلايلى: بۇ ئىككى ئاكا - ئۇكا ۋەدە بويىچە ھەر كۈنى سەھەردە سۈتكە قاراپ تۇرۇشۇپتۇ. دەل ياۋۇز جادىگەر موماي قىلىچ ئۆمەرنىڭ قىلىچىنى دەرياغا تاشلىۋەتكەن كۈنى ئەتتىگەندە سۈتكە قاراشسا، سۈت قىپقىزىل قان رەڭگىگە ئۆزگەرگەن. چوڭ ئاكا دەرھال 40 پالۋاننى، 80 ئاتنى تاللاپتۇ. 40 ئاتقا 40 پالۋاننى بىردىن مىندۈرۈپتۇ. يەنە قىرىق ئاتقا ئوزۇق - تۈلۈك ۋە سۇ قاچىلانغان تۇلۇملارنى ئارتىپ يولغا چىقىپتۇ. بىر نەچچە كۈن يول مېڭىپ، ئوتتۇرانچى ئۇكىسى تۇرغان شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ، ئۇكىسىمۇ ئاكىسىغا ئوخشاش تەييارلىق قىلىپ، ئاكىسىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن. بۇلارنىڭ سەكسەن نەپەر پالۋاننى ئېلىپ يولغا راۋان بولۇپتۇ. سەپەرنىڭ ئوتتۇز توققۇزىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە مەلىكە گۈلشەننىڭ قەلئەسىگە يېتىپ كەپتۇ ۋە قەلئەگە كىرىپتۇ. قارىسا، ئۇكىسى ئۇخلاۋاتقاندەك ياتقۇدەك. چوڭ ئاكىسى يۇلتۇزلارغا قاراپ، قىلىچ ئۆمەرنىڭ يۇلتۇزىنى ئىزدىسە، يۇلتۇز ئاسماندا كۆرۈنمەپتۇ. >نەگە ئېقىپ چۈشكەندۇ؟< دەپ تاغ - داۋان، دەريا - كۆللەرگە قارىسا، بىر دەريانىڭ تېگىدە تۇرغۇدەك، يۇلتۇزنىڭ يېنىيدا ئۇكىسىنىڭ قىلىچىمۇ تۇرغۇدەك. بۇلار دەرھال ئاتلىرىغا مىنمەكچى بولغانىكەن. مەلىكىنىڭ ئېتى بۇ ئىككى ئاكا - ئۇكىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتلىرىغا مىنگىلى قويماي، چاپانلىرىنى پېشىدىن، يەڭلىرىنىڭ ئۇچىدىن چىشلەپ، ئۆزىگە مىندۈرۈپ، ھېلىقى دەريانىڭ تۈۋىگە بىردەمدىلا ئېلىپ كەپتۇ. ئوتتۇرانچى ئاكا دەرھال دەريانى باغلاپ، قىلىچنى ئېلىپ چىقىپ قەلئەگە قايتىپ كېلىپ، قىلىچنى غىلاپقا ساپتۇ. قىلىچ ئۆمەر قاتتىق چۈشكۈرۈپ:>ئەجەپ قاتتىق ھەم تاتلىق ئۇخلاپتىمەن. ھەي، مەلىكە! قېنى سەن؟< دەپ توۋلاپ كۆزىنى ئاچسا، ئىككى ئاكىسى بېشىدا قاراپ تۇرغۇدەك. ئۇ ئاكىلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى چۈشىنىپتۇ. قىلىچ ئۆمەر ئاكىلىرىغا >دەرھال ئاتلىنايلى< دەپ سىرتقا چىقىشىغا ئېتىمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇرۇپتۇ. قىلىچ ئۆمەر ئېتىغا مېنىپ ئوقتەك ئۇچۇپتۇ. ئىككى ئاكىسىمۇ سەكسەن پالۋاننى ئەگەشتۈرۈپ ئۇكىسىنىڭ كەينىدىن ئاتلىرىنى قويىۋېتىپتۇ. بۇلار توينىڭ قىرىقىنچى كۈنى چۈش بىلەن پادىشاھنىڭ قەلئەسىگە بوراندەك بۆسۈپ كىرىپتۇ. پادىشاھ لەشكەرلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكەنلىرىنى چېپىپ تاشلاپ، پادىشاھنى تىرىك قولغا چۈشۈرۈپ ئوردا سارىيىنىڭ تۇرۇسىغا ئېسىپ قويۇپتۇ. ئۇلار پادىشاھ ھەرىمىدىن مەلىكىنى تېپىپتۇ. ئەگەر بۇلار يېتىپ كەلمىگەن بولسا ۋەدە بويىچە مەلىكە پادىشاھنىڭ خۇتۇنى بولۇشقا توغرا كېلىدىكەن. مەلىكە >بۈگۈن ئۆلىدىغان بولدۇم< دەپ ھاياتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ بىر بولاق زەھەرنى تەييار قىلىپ قويغانىكەن، مەلىكە قىلىچ ئۆمەرنى كۆرۈپ ئۆزىنى ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئېتىپ يىغلاپ كېتىپتۇ. سورىمايدىغان سىرنى سوراپ ئۆزىنىڭ جۇدالىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسلەپ ئېرىدىن ئەپۇ سوراپتۇ. بۇلارنىڭ كۆڭلى ئىزىغا چۈشكەندىن كېيىن جادىگەر موماينى تېپىپ كەپتۇ. پادىشاھنى دارغا ئېسىپتۇ. جادىگەر موماينى يامان ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا باغلاپ، ئاتنى چۆل - باياۋانغا قويۇۋېتىپتۇ. بۇ شەھەرنىڭ خەلقىمۇ بۇ زالىم پادىشاھنىڭ زۇلۇمىدىن ئاران تۇرغانىكەن. ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي، بۇلارنى >پادىشاھ بولۇڭلار< دەپ تەلەپ قىپتۇ. قىلىچ ئۆمەر چوڭ ئاكىسىغا: - سىز پادىشاھ بولۇڭ، - دەپ تەكلىپ قىلىپتۇ، چوڭ ئاكىسى: - مەن ھازىر قېيىن ئاتام ئۆلۈپ كېتىپ، ھېلىقى شەھەرگە پادىشاھ بولدۇم. بۇ شەھەرگە پادىشاھ بولالمايمەن، - دەپ ئۇنىماپتۇ. ئوتتۇرانچى ئاكىسىمۇ بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھلىقىدىن ۋاز كېچىپ چوڭ ئاكىسىغا ئوخشاش جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھلىقى قىلىچ ئۆمەرگە قاپتۇ. قىلىچ ئۆمەر ئاكىلىرىنىڭ شەرىپى، خەلقنىڭ زالىم پادىشاھتىن قۇتۇلغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ تويى ئۈچۈن 40 كېچە - كۈندۈز بەزمە - تاماشا قىلىپ بېرىپتۇ. قىرىق بىرىنچى كۈنى قىلىچ ئۆمەر ئىككى ئاكىسىنى يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. ئەل پاراۋان، مەملىكەت قۇدرەتلىك بولۇپتۇ. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە مەلىكە بىلەن خۇشال - خوتام كۈن كەچۈرۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق