UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئېسىل بايلىق

ئېسىل بايلىق

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا قولى ئوچۇق بىر بوۋاي ئۆتكەن ئىكەن، ئۇ دائىم:>كىمەرسە ھاجەتمەنگە قەرز بەرسە ساۋاب ئالىدۇ< دېگەن گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىكەن.ھەر قانداق ھاجەتمەن كەلسە خالىغىنىچە قەرز بېرىدىكەن. قەرز ئالغۇچىمۇ بوۋاينىڭ سېخىلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇپ، قەرزنى ۋاقتى - قەرەلىدە ئاشۇرۇپ قايتۇرىدىكەن. شۇڭا بوۋاينىڭ بايلىقى كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ شۆھرىتى باشق يۇرتلارغا تارقىلىپتۇ. باشقا شەھەرلەردىن كېلىپ قەرز ئېلىپ كېتىدىغانلار پەيدا بولۇپتۇ. يىراق بىر شەھەردىكى بىر ھىيلىگەر سودىگەر بوۋاينىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ >مەنمۇ بېرىپ قەرز ئالسام، بوۋاي مەندىن ھۆججەت تەلەپ قىلمايدۇ، كېيىن ئۇنتۇلدۇرۇپ قالمامدىم< دەپ ئويلاپ، دەرھال سەپەر جابدۇقىنى قىلىپ، يولغا راۋان بولۇپتۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بوۋاينىڭ ئالدىغا ھازىر بولۇپ: - ئەي ھۆرمەتلىك مويىسپىت، مەن ئۆز يۇرتۇمدا نامدار سودىگەر ئىدىم، داڭقىڭىزنى ئاڭلاپ سىزنى زىيارەت قىلىپ كېتىش ئۈچۈن شەھىرىڭىزگە نۇرغۇن مال ئېلىپ كېلىۋاتسام، بەختكە قارشى يولدا قاراقچىلار بۇلاپ قولۇمنى قۇرۇقلاپ قويدى. پېقىر كىچىكىمدىن تارتىپ سودا ئىشى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىم ئۈچۈن، قولۇمدىن باشقا ھۈنەر كەلمەيدۇ، شۇڭا بىر ئاز قەرز بېرىپ تۇرسىڭىز، دەسمايە قىلىپ ئوقەت قىلىپ تۇرسام، ئىنشائاللا قەرزنى قايتۇرىمەن، - دەپ كۆز ياش قىپتۇ. بوۋاي سودىگەرگە نۇرغۇن پۇل بېرىپتۇ. سودىگەر بۇ پۇللارنى ئېلىپ ئۆز شەھىرىگە قايتىپتۇ. ئارىدىن خېلى كۆپ يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، سودىگەر پۇلنى بوۋايغا قايتۇرماپتۇ. بىر كۈنى بوۋاي ئوغلىنى چاقىرىپ، شۇ سودىگەردىن قەرز پۇلىنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. ئوغلى يول ھازىرلىقىنى پۈتتۈرۈپ خوشلىشىش ئۈچۈن دادىسىنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ. بوۋاي ئوغلىغا قاراپ: - ئوغلۇم، ساڭا تاپىلايدىغان تۆت كەلىمە سۆزۈم بار، قۇلىقىڭدا چىڭ تۇتقىن. بىرىنچى، سەن شەھەردىن چىققاندا ئالدىڭغا بىر ئاقساقال كىشى ئۇچرايدۇ. ئۇ كىشى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغاندا ئۇنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالغىن. ئىككىنچى، يول ئۈستىدە يالغۇز دەرەخنىڭ تۈۋىدە ئۇخلىمىغىن. ئۈچىنچى، ھەر قانداق شەھەرگە بارساڭ، ھەر قانداق خوتۇننىڭ شەھۋانىسىگە بېرىلمە، ئاقساقالنىڭ گېپى بويىچە ئىش كۆر. تۆتىنچى، سودىگەرگە تەكەببۇرلۇق قىلما، نەدە يات دېسە، شۇ يەردە ياتقىن، - دەپ ئوغلىنى يولغا ساپتۇ. بالا شەھەردىن چىقىپ ئازراق يول يۈرۈشىگە بىر ئاقساقال كىشى يېتىپ كېلىپ، بالا بىلەن سالاملىشىپ، ھال - ئەھۋال سوراپتۇ، بالىمۇ لايىقىدا جاۋاب بېرىپتۇ. بۇلار ھەمسۆھبەتتە بولۇپ مېڭىپ يولنىڭ زېرىكىشلىكىنى، ئۇزۇنلۇقىنى ھېس قىلماپتۇ. خېلى ئۇزۇن يول يۈرۈپتۇ، چۈشتىن كېيىن ھاۋا ئىسسىپ كېتپتۇ. يولدا سايىدەك بىرەر جايمۇ يوق ئىكەن. بۇلارنىڭ گېلى قۇرۇپ، كالپۇكلىرى گەز باغلاپ بولالماي قاپتۇ. شۇنداقتىمۇ سەرىتان ئىسسىقتا يولنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن ئالدىدا يوغان بىر تۈپ دەرەخ كۆرۈنۈپتۇ. ئاقساقال: - ئوغلۇم، بۇ دەرەخنىڭ تۈۋىدە بىر ئاز ئارام ئېلىپ ھاۋا سالقىندىغاندا ماڭايلى، - دەپتۇ. بالا دادىسىنىڭ قىلغان نەسىھىتىنى ئەسلەپ ئاقساقالغا: - دادام >يالغۇز دەرەخنىڭ تۈۋىدە ئارام ئالما< دېگەن، - دەپتۇ. ئاقساقال بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلۈپ: - ئوغلۇم، سەن يولغا چىقىش ئالدىدا داداڭ >ئاقساقالنىڭ ھەر قانداق گېپىگە قۇلاق سال< دېگەن ئىدى. بۇنى ئۇنۇتتۇڭمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. بالا ئەسلەپ كۆرسە راست شۇنداق، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خىجىل بولۇپ: - كەچۈرۈڭ بوۋا، سىز نېمە دېسىڭىز، شۇ بويىچە بولسۇن، - دەپتۇ. ئۇلار دەرەخنىڭ يېنىغا كەپتۇ. بۇ باغجاللاپ كەتكەن يوغان تېرەك ئىكەن. ئۇنىڭ تۈۋىدىن سۈپ - سۈزۈك بۇلاق سۈيى ئېتىلىپ چىقىپ تۇرغىدەك. بالا مۇزدەك سۇنى قانغىچە ئىچىپ، بىردەمدىن كېيىن تاتلىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. ئاقساقال ئۇخلىماي قاراپ ياتقان ئىكەن، بىر چاغدا تېرەكنىڭ ئۈستىدىن يوغان بىر چار يىلان چۈشۈپ، تىلىنى چىقىرىپ بالىغا خىرىس قىپتۇ. ئاقساقال پەملەپ تۇرۇپ قولىدىكى ھاسا بىلەن بىرنى ئۇرغان ئىكەن، يىلان تىن تارتماي ئۆلۈپتۇ. بالا بىر چاغدا كېرىلىپ ئورنىدىن تۇرسا، يېنىدا زەھىرىنى ئېقىتىپ بوغان بىر چار يىلان ياتقىدەك، بالا چۆچۈپ كېتىپتۇ ۋە ئەھۋالنى ئاقساقالدىن سورىغان ئىكەن، ئاقساقال بولغان ئىشنى ئەينەن پېتى سۆزلەپ بېرىپ: - بۇ يىلاننىڭ بېشىنى كېسىۋېلىپ خالتاڭغا سېلىۋال، كېرەك بولىدۇ، - دەپتۇ. بالا ئاقساقالنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە يىلاننى پارچىلاپ بېشىنى خالتىغا سېلىپ، يولغا راۋان بوپتۇ. بۇلار بىر نەچچە كۈن يۈرگەندىن كېيىن سودىگەرنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەپتۇ. سودىگەر بوۋاينىڭ ئوغلىنى تۇنوپ، ئىززەت - ئىكرام بىلەن قارشى ئاپتۇ، تۈرلۈك زىياپەت، سەيلە ئۇيۇشتۇرۇپ ئوبدان كۈتۈۋاپتۇ. بو سودىگەرنىڭ ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس چىرايلىق بىر سىڭلىسى بار ئىكەن. بۇ شەھەرگە كەلگەن ھەر قانداق سودىگەر بۇ قىزنى بىر كۆرۈش بىلەن ئەس - ھۇشىنى يوقىتىپ، ئۇنىڭغا ئاشىق بىقارار بولىدىكەن ۋە ناھايىتى ھەشەمەتلىك، كاتتا توي قىلىپ قىزغا ئۆيلىنىدىكەنۇ، بىرىنچى ئاخشىمىلا قىزنىڭ قۇچىقىدا جان ئۈزىدىكەن، ئۇ سودىگەرنىڭ پۇل - ماللىرى قىزنىڭ سودىگەر ئاكىسىغا قالىدىكەن. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن سودىگەربۇ بالىنىمۇ مەقسەتلىك ھالدا سىڭلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپتۇ. قىز بالىنى كۆرۈش بىلەنلا كۆزىنى ئۈزەلمەي، بالىغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. ئەمما قىز گاچا بولۇپ، سۆزلىيەلمىگەچكە، ھېسىياتىنى پەقەت كۆزى ئارقىلىقلا ئىپادىلەپتۇ. ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتە - ئۆتمەيلا سودىگەر بالىغا كىشى قويۇپتۇ. بالىنىڭمۇ كۆڭلى ئېرىپ قالغان ئىكەن، بالا دادىسىنىڭ نەسىھىتىنى ئەسلەپ، بولغان ئەھۋالنى ئاقساقالغا مەلۇم قىلىپتۇ. ئاقساقال بالىغا: - ئۇنداق بولسا، سودىگەرگە ئېيتىپ، قىز بىلەن خاس ئۇچراشقىن، ئەمما ئۇنىڭغا يېقىنلاشما، يوغا بىر مىس داس تېپىپ ئۇنىڭ تېگىگە ئوت قالا، قىز ئىگىزرەك جايغا چىقىپ داسنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرسۇن، داس راسا قىزىغاندا خالتاڭدىكى ھېلىقى يىلان بېشىنى ئېلىپ داسقا باشلىغىن، شۇنداق ئەھۋالدىمۇ قىز قاچمىسۇن، ئەگەر ئۇ بۇ شەرتكە كۆنسە، ئىككىڭلار مۇرات - مەقسىدىڭلارغا يېتىسىلەر، ئەگەر قىز كۆنمىسە، ياخشىسى، قىزنىڭ كويىغا چۈشمە، - دەپتۇ. بالا دەرھال قىزنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن خۇپىيانە كۆرۈشۈپتۇ ۋە شەرتىنى قويۇپتۇ. قىز باش سىلكىتىپ رازىلىق بىلدۈرۈپتۇ. بالا دەرھال ئەنجامىلارنى تەخلەپ مىس داسنى قىزىتىپتۇ، قىزنى داسنىڭ ئۇدۇلىدىكى چاپىغا ئولتۇرۇغۇزۇپتۇ. داس راسا قىزارغاندا بالا خالتىسىدىكى ھېلىقى چار يىلاننىڭ بېشىنى ئېلىپ داسقا تاشلاپتۇ. شۇ ھامان داستىن ۋاژىلداپ ئىس چىقىپتۇ - دە، قىز نەپەس ئالغاندا ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ. ھايال ئۆتمەي قىزنى بىر قۇرۇق قەي تۇتۇپتۇ. قەيدىن كېيىنلا بىلەكتەك توملۇقتىكى، غۇلاچتەك ئۇزۇنلۇقتىكى بىر چار يىلان قىزنىڭ ئىچىدىن چىقىپ ئۇدۇل مىس داسقا چۈشۈپ پۇچۇلۇنۇپ ئۆلۈپتۇ. قىز بولسا بالىنىڭ ئايىقىغا ئۆزىنى تاشلاپتۇ - دە، زۇۋانغا كېلىپ: - ھەي مەرھەمەتلىك ياخشى يىگىت، سېنىڭ كارامىتىڭدىن مەن تىلسىمدىن قۇتۇلدۇم. ئەمدى پۈتۈن ۋەسلىمنى، مال - دۇنيالىرىمنى ساڭا ئاتايمەن. ئاگاھ ۋە دانا بولغىنكى، ئاكام ئەتە سېنى مېھمان قىلىش باھانىسى بىلەن كۈن چىقىش تەرەپتىكى ئۆيگە باشلايدۇ. بۇ ئۆينىڭ تېگىدە ناھايىتى چوڭقۇر قۇدۇق بار. ھەر قانداق كىشى ئۆيگە كىرسىلا قۇدۇققا چۈشۈپ ھالاك بولىدۇ. شۇڭا ئاكام ئۆيگە باشلىغاندا، قولىدىن تۇتۇۋال، شۇ چاغدا ئامان قالىسەن، - دەپتۇ. دېگەندەك، ئەتىسى سودىگەر بالىنى مېھمانخانىغا باشلاپتۇ. بالا قىزنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە سودىگەرنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ زادى قويۇپ بەرمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سودىگەر بۇ ھىيلىنى ئاقتۇرالماي سىڭلىسىنىڭ تويىنى قىپتۇ. شۇنداق كاتتا توي بولۇپتۇكى، پۈتۈن شەھەر خەلقى كېلىپ قاتنىشىپتۇ. جامائەت يىغىلغان سورۇندا قىز ئوتتۇرىغا چىقىپ يىگىتنىڭ قانداق قىلىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقىنى، ئاكىسىنىڭ قانداق قىلىپ دۇنيا يىغىپ، باي بولۇش كويىدا كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى كۆپچىلىككە ئاشكارىلاپتۇ. سودىگەر پۈتۈن ھېلە - مىكرىنىڭ خەلقى - ئالەمگە ئاشكارىلانغانلىقىدىن ھەسرەت چېكىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋاپتۇ. پۈتۈن شەھەر خەلقىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن قىز بارلىق مال - مۈلكىنى يىگىتكە ھەدىيە قىپتۇ. قىز - يىگىت بىرلىكتە ئاقساقالنى دادا ئورنىدا كۆرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ تازىم قىلىپتۇ. شۇ چاغدا ئاقساقال: - ئوغلۇم، دۇنيادا پەزىلەتتىن ئارتۇق بايلىق يوق، سەن كاتتا باينىڭ ئوغلى بولساڭمۇ، مەندەك بىر ئاددىي بوۋاينىڭ سۆزىدىن چىقمىدىڭ، داداڭنى ۋە مېنى قالتىس ھۆرمەتلىدىڭ، بۇنىڭ ھېسابىغا بىرىنچى، يولدىكى يىلان بالاسىدىن؛ ئىككىنچى، قىزنىڭ ئىچىدىكى يىلان بالاسىدىن؛ ئۈچىنچى، سودىگەرنىڭ ھېلە - مىكرىدىن ئامان قالدىڭ، بۇ پەزىلەتنى مەڭگۈ تاشلىما، - دەپتۇ - دە، كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. يىگىت بىلەن قىز بۇ شەھەردىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ يىگىتنىڭ يۇرتىغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئېيتشىلارغا قارىغاندا، ئۇلار يۇرتىغا بارغاندىن كېيىن دادىسىنىڭ ئالدىدا بەختىيار ياشاپ، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈپتىكەن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق