UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقبەڭنىڭ «پەيزى»

بەڭنىڭ «پەيزى»

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بىر قانچە بەڭگە بولغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئۇلپەتچىلىكىمۇ خېلى چىڭ ئىكەن. ئارىدا بىرەرسى بولمىسا، شۇنى ئىزلەپ تاپمىغىچە سورۇن تۈزۈشمەيدىكەن. بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر بىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنىڭ خوشاللىقىدا چىلىمنىڭ سەيخانىسىنى يالقۇنلىتىپ، كەيىپ ھوزۇرىدا باشلىرىنى تۆۋەن سالغىنىچە بىر بىرىنى ئۇنتۇپ چوڭقۇر خيالىغا غەرق بولۇپتۇ. ئۇلار شۇ ھالدا قانچىلىك ئولتۇرغانلىقى نامەلۇم، لېكىن ئارىدا بىرسى ئۇشتۇمتۇت مۆڭدەرەپ، كالىدەك قاتتىق مۆرەپ كېتىپتۇ، قالغانلىرى چۆچۈپ باشلىرىنى كۆتىرىپتۇ _ دە، ئۇنى نوقۇشۇپ: _ نىمە بولدۇڭلار، ئاداش؟ _ دەپتۇ. _ قويۇڭلار، ئاداش، _ دەپتۇ كالىدەك مۆرەپ تاشلىقىنى يۈرىكىنى تۇتقانچە، _ خۇدايا توۋا، شۇنداقمۇ ئىش بولىدىكەن! _ زادى نىمە ئىش؟ سۆزلىسەڭلارچۇ، كىشىنى دىققەت قىلماي، _ دىيىشىپتۇ. قالغانلىرى كالىدەك مۆرەپ تاشلىغىنى ئۇلارغا تىكىلگەنچە مۆرىگەنلىك سەۋەبىنى بايان قىلىشقا باشلاپتۇ: _ بۇ خۇددى چۈشتەك ئىش، _ دەپتۇ ئۇ ئۆزىمۇ ھەيران قالغان ھالەتتە، _ لېكن مەن چۈش كۆرمىدۈم، خيال سۈردۈم، خىيالىمدا مەن ئاجايىپ سېمىز بىر كالىغا ئايلىنىپ قالدىم، ئىگەم سەھەردىلا بوينۇمغا ئارغامچا سېلىپ، مېنى ئۇرۇپ تۇرغۇزۇپ، سىرتقا ئېلىپ ماڭدى، ئىچمدە «مېنى ئوتلىتىپ كەلسە كېرەك» دەپ ئويلاپتىكەنمەن، لېكن ئۇ مېنى توپ _ توغرا كالا بازىرىغا ئېلىپ باردى، ھەش _ پەش دىگۈچە مېنىڭ ئەتراپىنى بىر قانچە خېرىدار ئورىۋالدى. دىققەت قىلغۇدەك بولسام، ئۇلار مېنى ئېلىش ئۈچۈن ئىگەم بىلەن سودىلىشىۋېتىپتۇ. «مەن كالا بولغاندىكىن، كىمنىڭ قولىدا بولسام، بەرىبىرلا، پەقەت مېنى ياخشىراق باقدىغانلار بىرسىنىڭ قولىغا چۈشسەم بولغىنى» دەپ ئويلىدىم. شۇ چاغدا مېنى چاپانلىرى مايلىشىپ پارقىراپ كەتكەن سېمىز بىر كىشى يېتىلەپ ماڭدى، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىن نىمىشقىدۇر بۇرنۇمغا ئەجەل پۇرىقى كەلگەندەك تۇيۇلۇپ، تېنم شۈركىنىپ كەتتى، كۆڭۈلمۇ سېزىدىكەن، ئۇ قاسساپ ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ئۆيىگە ئاپىرىپ گۈپلا قىلىپ يىقىتتى _ دە، پۇتلىرىمنى بىر _ بىرىگە ئالماشتۇرۇپ باغلاپ بوغۇزۇمغا پىچاق سۈردى. مەن «تەقدىر پىشانەمگە پۈتكىنى شۇ بولغاندىكىن قانداق قىلاي» دىدىم _ دە، ئۈندىمەي چىداپ يېتىپ بەردىم. قاسساپ قېنىمنى ئېقىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆتكۈر پىچىقى بىلەن تېرەمنى شىلىشكە باشلىدى، بۇنىڭغىمۇ مەيلى دىدم، ئاندىن ئۇ قارنىمنى يېرىپ ئۈچەي _ باغرىمنى يۇلۇپ چىقتى، بۇنىڭغىمۇ مەيلى دىدىم، ئۇستىخانلىرىمنىمۇ ئۈگە _ ئۈگىسىدىن ئاجرىتىپ، تېنىمنى نەچچە بۆلەك قىلىۋەتكەندىۇ ئوخشاشلا چىدىدىم، بىراق ئۇنىڭ ئايالى كاللامنى ئۇتلەش ئۈچۈن تونۇرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يوغان كۆسەينى بۇرنۇمغا تىققاندا چىدىيالماي قالدىم، مۆرەپ كەتكىنىمنىڭ سەۋەبى شۇ. ئۈلپىتىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بەڭگىلەر باشلىرىنى تەستە كۆتىرىپ، پۈرۈلۈپ كەتكەن كۆزلىرىنى دوستىغا تىكىپتۇ _ دە: _ ئۇنچىلىك پەيزى قىلمىساڭ، بەڭ چېكىپ نىمە قىلىسەن؟ _ دىيىشىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق