يامان خوتۇندىن بەزگەك جىن قاچار
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر قورايچى بوۋاي بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ خوتۇنى ناھايىتى جاۋۇلداق، مىرەز ئىكەن؛ تولا ئۇرۇشۇپ، كەلسە - كەلمەس تىللاۋېرىپ، بوۋايغا كۈن كۆرسەتمەيدىكەن.
بىر كۈنى بوۋاي قورايلقتىن كەچ قايتىپ كەپتۇ. ئۇ كېلىشى ھامان ئايالى: «سېنىڭ شۇ يەردە بىر نېمەك بار، بولمىسا نېمىگە كەچ قالدىڭ!» دەپ كۈنلەپ غەۋغا چىقىرىپتۇ. بۇ ئىش ھېرىپ كەتكەن بوۋايغا ناھايىتى ھار كەپتۇ. ئەتىسى ئايال بوۋاي بىلەن قورايلىقنى تەكشۈرمەككە بىللە چىقىپتۇ. ئۇ قېلىن قورايلىقنى ئاختۇرىمەن دەپ، بىر چوڭقۇر قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپتۇ. بوۋاي يامان خوتۇنىدىن قۇتۇلغىنىغا خوش بوپتۇ. لېكىن يەنە «يامان بولسىمۇ، كۆپ ۋاق ئۆي - ئوچاق بولغاندۇققۇ» دېگەن ئويغا كەپتۇ. قۇدۇققا ئاغامچا ساپتۇ. ئاغامچىغا يامىشىپ موماينىڭ ئورنىغا بەزگەك جىن چىقىپتۇ.
ھوي، سەن نىمىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. بوۋاي.
- مەن بەزگەك جېنى ئىدىم. بۇ قۇدۇق مېنىڭ ئۇزۇن يىللىق ماكانىم ئىدى، بۈگۈن بىر جاۋۇلداق قېرى خوتۇن چۈشۈپ، ماڭا ئاراملىق بەرمىدى، سەن ئارغامچا تاشلىمىساڭ ئۇ مېنى ئۆلتۈرۈپ قوياتتى، قۇتۇلدۇرغۇنۇڭغا رەھمەت! مەن سېنى ئارمىنڭغا يەتكۈزىمەن، - دەپتۇ. بەزگەك جىنى.
- قانداق قىلىپ، سەن مېنى ئارمىنىمغا يەتكۈزەلەيسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. بوۋاي.
- مەن يۇرتىنڭ ئۇلۇغىغا بېرىپ چاپلىشىمەن، - دەپتۇ بەزگەك جىنى، - ئۇ دەررۇ بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، سەن ئۇنى ساقايتىدىغان تىۋىپ بولسەن، سەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، «ئايتەلكۇرس» (ئايتەلكەرس - قۇرئاندىكى بىر ئايەت.) نى ئوقۇيسەن، شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭدىن ئاجراپ باشقىسىغا يۇقىمەن. ساقايغۇچى بولسا، ساڭا نۇرغۇن ھەق تۆلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، باي بولىۋالىسەن. ئوتۇنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، جاپا - مۇشەققەتتىن نېرى بولىسەن، - دەپتۇ.
بۇ ئەقىل ئوتۇنچى بوۋايغا مايدەك يېقىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن رازىلىق بېرىپ، خوتۇنىنى قودۇققا قالدۇرۇپ، جىن بىلەن كېتىپتۇ. كۈلەردىن كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. بوۋاي نۇرغۇن بەزگەكلەرنى ساقايتىپ، باي بولۇپ كېتىپتۇ، شۇ چاغدا جىن بوۋايغا:
- ھەي بوۋاي ئەمدى سەن باي بولدۇڭ، تۇرمۇشۇڭ ياخشىلاندى، ئەمدى مەنمۇ ئۆز ئالدىمغا ئوقۇتۇمنى قىلسام، سەن ماڭا ئىجازەت بەرسەڭ! - دەپ سوراپتۇ.
بوۋاي رازىلىق بېرىپ، ئىككىسى خوشلىشىپ، ياخشىلىقچە ئاجرىشىپتۇ. جىن بولسا، ياقا يۇرتقا بېرىپ، يۇرت چوڭىغا يۇقۇپتۇ. يۇرت چوڭى ھېچ ئىلاجى قىلىپ ساقايتالمىغاندىن كېيىن، بەزگەكنى ساقايتىشتا داڭقى چىققان ھېلىقى بوۋاينى چاقىرتىپ كەپتۇ. بوۋاي يۇرت چوڭىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ھېلىقى بەزگەك جىننىڭ يۇرت چوڭىغا چاپلىشىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپتۇ. ۋەدىسىنى بوزۇپ كەلگەن بوۋاينى كۆرگەن جىن بوۋايغا رەنجىپ:
- قېنى ۋەدە؟ ئىككىمىز ۋەدە قىلغانغۇ، ھەر قايسىمىز ئۆز ئالدىمىزغا كۈن كۆرمەك بولغانغۇ، - دەپ كايىپتۇ.
- كايىما، - دەپتۇ بوۋاي.
- ۋەدىمىز بويىچە سەن مەن چاپلاشقان ئادەمنى ساقايتىشقا كەلمەس بولغان ئىدىڭغۇ؟ - دەپ جىن قۇيقا چاچلىرىنى تىك قىپتۇ.
- توختا، سەۋىر قىل، مەن بۇنى ساقايتقىلى كەلمىدىم، سېنى ئىزلەپ كەلدىم، - دەپتۇ بوۋاي.
- مېنىڭدە نېمە ئىشىڭ بار؟ - دەپتۇ جىن.
- ئېسىڭدە بارمۇ، ھېلىقى يامان خوتۇنۇم قۇدۇقتىن چىقىۋاپتۇ. ئۇ تاڭ ئاتقىچە سېنى تۇتۇپ بەر، دەپ مېنى قىيناپ چىقىتى. سېنى تۇتۇپ بەرمىسەم، ئۇ مېنى ئۆلتۈرىدۇ، مانا شۇنىڭ ئۈچۈن كەلدىم، - دەپتۇ بوۋاي.
بەزگەك جېنى ناھايىتى قورقۇپ كېتىپ بوۋايغا:
- خۇدا ھەققىدە، بىر قوشۇق قېنىمنى تىلەيمەن، مېنى ئۇ خوتۇنغا تۇتۇپ بەرمە، ھەرقانداق بەزگەكنىڭ قولىنى سىپاپلا قويساڭ، دەررۇ ساقىيىدۇ، سەن بەزگەك تېۋىپى بولۇپ قال، مەن يامان خوتۇندىن قۇتۇلاي، - دەپ بوۋاينىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىپ، يىغلاپ يالۋۇرۇپتۇ.
شۇندىن كېيىن بوۋاي ياقا يۇرتنىڭ چوڭىنىڭ قولىنى سىپاپ قويۇپلا ساقايتىپتۇ. بەزگەك جېنى بارسا كەلمەس شەھەرگە كېتىش ئۈچۈن، ئىشىكتىن چىقىۋاتقاندا، بوۋاي ئۇنىڭغا:
- ھەي، يامان خوتۇن كېلىۋاتىدۇ! - دەپتىكەن، بەزگەك جىنى يار تەرەپكە قاراپ قېچىپتۇ...
«ياماندىن يار بويى بىلەن قاچ» دېگەن ماقال شۇنىدىن قاپتىكەن.