UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقنىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك

نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر بوۋاي، موماي بولغان ئىكەن. ئۇلار ياش ۋاقتىدىن تارتىپلا كىشىلەرگە چاكار بولۇپ ئىشلەپ، كۈندىلىك يىمىكىنى كۈندە تېپىپ، سېرىقتال كۈن كۆچۈرۈپ كەلگەن ئىكەن. ئۇلار شۇ ھالدا نۇرغۇن يىللارنى ئۆتكۈزۈپ، چاچ - ساقاللىرى ئاقىرىپ، بەللىرى مۈكچىيىشكە باشلىغان بولسىمۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە خۇدانىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ، ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈمىدىنى يوقاتماپتۇ. بىراق، ئۇلارغا قارانچۇق بولغۇدەك بىرەر پەرزەنتمۇ ئاتا قىلماپتۇ. ئۇلار قېرىپ ئىش - ئوقەتتىنمۇ قاپتۇ، كۈنى تېخىمۇ مۇشكۈللىشىپتۇ. ئاخىرى ئۇلار شەھەرنى تاشلاپ، تاغ ئارىسىنى ماكان تۇتۇپتۇ - دە، ئوت - گىياھلارنىڭ يىلتىزىنى كولاپ يىيىشكە مەجبۇر بوپتۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ياۋايى تۇرمۇش بوۋاي - موماينى تېخىمۇ ھالسىزلاندۇرۇۋېتىپتۇ. ئۇلار ئۆلەر ھالەتتە يېتىپ خۇداغا نالە قىلىپ: - ئاھ، خۇدا، نېمىشقىمۇ دەردىمىزگە يەتمەيدىغانسەن، بىزگىمۇ قىيا كۆزۈڭنى سېلىپ قويساڭ بولمايتتىمۇ؟! - دەپ قاتتىق يىغلىشىپتۇ، ئۇلارنىڭ نالىسىدىن تاغلار لەرزىگە كېلىپ، خادا تاشلار يېرىلىپ، غولاپ چۈشۈپتۇ. خۇدانىڭمۇ رەھىمى كەپتۇ. - خوپ، - دەپتۇ خۇدا ئۇلارغا، - مەن سىلەرگە ئۈچ قېتىم تىلەش ئىمكانىيىتىنى بېرەي، بىرى مومايغان، ئىككىسى بوۋايغا تەئەللۇق بولسۇن. كىم نېمىنى خالىسا سورىغان ھامان بىجا كەلتۈرەي، ئاۋۋال نېمىنى تىلەيدىغانلىقىڭلارنى ئوبدان كېلىشىۋېلىڭلار. بوۋاي بىلەن موماي قىزغىن كېڭەشكە چۈشۈپتۇ. - مۇشۇ تاغنى تامامەن ئالتۇن قىلىپ بېرىشنى تىلەيلى، - دەپتۇ موماي نەپسىنى باسالمىغان ھالدا ئالدىراپ. - ئىنساپلىقراق بولغىنىمىز تۈزۈك، - دەپتۇ بوۋاي مومايغا تەسەللى بېرىپ، - سەن سېغىپ ئىچكۈدەك بىر موزايلىق سىيىر تىلە، مەن تېرىقچىلىق قىلغۇدەك بىر ئاز يەر، سۇ تىلەي، شۇنىڭ بىلەن ئانچە - مۇنچە مىدىراپ يۈرۈپ ھال - كۈنىمىزنى ياخشىلىۋالايلى. - ئانچە - مۇنچە مىدىراپ يۈرۈش؟! بۇ نېمە دېگەنلىرى؟ - دەپتۇ موماي. بوۋايغا توۋلاپ، - بۇ تىرىكچىلىك يولىدا گاڭگىراپ يۈرگەنلەرنىڭ ئىشى، خۇدا ئۆزى بېرىشنى ۋەدە قىلغان ئىكەن، مەن قايتا جاپا چېكىدىغان يولنى تاللىمايمەن، مېنىڭ راھەت تەختىدە پۇت - قولۇمنى سۇنۇپ ياتقۇم كېلىدۇ. بوۋاي موماينىڭ سۆزىگە يەنىلا قوشۇلماپتۇ، موماي ئۆز سۆزىدە چىڭ تۇرۇپتۇ - دە، قاتتىق جاڭجاللىشىپ، بوۋاينى تاشلاپ كېتىپ قاپتۇ. موماينىڭ تەرسالىقىدىن رەنجىگەن بوۋاي بىر ئاز خارمۇش بولۇپ ئولتۇرۇپ قاپتۇ. ئەمما، قەدىناسلىق مېھرى بىلەن يەنە كۆڭلىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن موماينىڭ كەينىدىن تاپ بېسىپ مېڭىپتۇ. غەزەپلەنگەن موماي ماڭا - ماڭا تاغدىن ھالقىپ بىر تۈزلەڭلىككە چىقىپ قاپتۇ. تۈزلەڭلىكتە ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھارۋا يولى بولۇپ، ئۇنىڭدا پادىشاھنىڭ شاھزادىسى بىر توپ كىشىلەرنىڭ ھىمايىسىدە مەپىگە ئولتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىكەن. موماينىڭ كۆزى شاھزادىگە چۈشۈپتۇ - دە، پەيلى بۇزۇلۇپتۇ. ئۇ ئارقىسىدىن ۋارقىراپ كېلىۋاتقان قەدىنىسىغا قاراپمۇ قويماي خۇداغا ئۆز تىلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ: - قۇدرەتلىك خۇدا، مەن شۇ تاپ پەرىدىن قالغۇسىز شۇنداق چىرايلىق قىز بولۇشۇم كېرەككى، شاھزادە مېنى كۆرۈش بىلەن ئاشىق - بىقارار بولۇپ، مېنى ئۆز ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن مەپىسىگە سېلىپ ئېلىپ كەتسۇن! موماينىڭ تىلىكى ئېغىزدىن چىقىشى بىلەن ئىجاۋەت بوپتۇ، شاھزادە ئۆزى ئۈچۈنلا يارىتىلغان بۇ پەرىزاتنى ھۆرمەت بىلەن مەپىسىگە سېلىپ ئېلىپ كېتىپتۇ. موماينىڭ كەينىدىن ھاسىراپ - ھۆمىدەپ يېتىپ كەلگەن بوۋاي ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىنتايىن خاپا بوپتۇ - دە، خۇداغا نالە قىپتۇ: - ئەي كارامەتلىك خۇدا، ئۇ ئار - نومۇسىنى يوقاتقان دەييۈزنى دەرھال چوشقىغا ئايلاندۇرۇۋېتەرسەن! شاھزادىنىڭ يېنىدا قىن - قىنىغا پاتماي نازلىنىپ ئولتۇرغان پەرىزات شۇئان چوشقا سۈرىتىگە كىرىپتۇ. بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق چۆچۈگەن شاھزادە توۋلىغىنىچە ئۇنى مەپىدىن ئىتتىرىپ چۈشۈرۈۋېتىپتۇ - دە، ئاتلىرىنى بولۇسىچە چېپىپ، ھەش - پەش دېگۈچە كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. چوشقىغا ئايلانغان موماي توپىغا مىلەنگىنىچە خارتىلداپ، نېمە قىلارنى بىلمەي ئۇيان - بۇيان مېڭىپتۇ. ئاقىۋەت بوۋاينىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ ئاياقلرىى ئاستىغا تاشلاپ، يېلىنغىنىچە كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭدىن قاتتىق نەپرەتلىنىپ: - بولدى، كۆرگۈلۈكۈڭ مۇشۇ ئىكەن، ئاخىرغىچە مۇشۇنداق ياشا! - دەپ ئەسكى كەپىسىگە قاراپ مېڭىپتۇ، چوشقا بولسا، يالۋۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغىنىچە، كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ، ئۇنىڭدىن بىر قەدەممۇ نېرى كەتمەپتۇ. بوۋاينىڭ ئاخىرى ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپتۇ. ئۇ خۇدا ئۆز ئىختىيارىغا بەرگەن ئاخىرقى تىلىكىنى ئايالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشكە ئىشلىتىپتۇ. موماي ئەسلىگە كېلىپ، قىلمىشىدىن ئەپسۇسلىنىپ، زار - زار يىغلاپتۇ. بوۋاي ئۇنى جىملەپ شۇنداق دەپتۇ: پەيلىگە يارىشا كۈن كۆرەر ھەر كىم، ياشالماس - يايرالماس ئۇنىڭدىن ئوشۇق. شۇ بىر سۆز قېپقالسۇن بىزدىن ئەۋلاتقا: >نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك<. ئېيتىشلارغا قارىغاندا >نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك< دېگەن ماقال ئەنە شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق