UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقپالۋن

پالۋن

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر پالۋان بولغان ئىكەن. ئۇ بىر قولىدا تاغنى، بىر قولىدا باغنى كۆتىرىپ، پىقىرىتىپ ئوينايدىكەن. ئۆزگە ئەللەردىن بۇ يەرگە كەلگەن پالۋانلار ئۇنىڭ كۆچتۈڭگۈزلۈكىنى كۆرۈپ، ئاغزىنى كامادەك ئېچىشىپ ھەيرانۇ - ھەس بولۇپ كېتىشىپ قالىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ پالۋان >ئەگەر يەرنىڭ تۇتىدىغان تۇتقۇچى بولسا، مەن يەرنى بىرلا پىقىرىتىپ چۆرگىلىتىۋەتكەن بولاتتىم< دىگەن ئىكەن. بۇ گەپ يەتتە ئىقلىمغا يېتىپتۇ. ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان نۇرغۇن پالۋانلار >قويە، بۇنداق ئىشنى، دۇنيادا شۇنداق كۈچلۈك پالۋان تۇرغان يەردە، بىزگە پالۋانلىق قىىشنى كىم قويۇپتۇ< دىيىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ پالۋانلىقىدىن ۋاز كېچىپتۇ. ھېلىقى كۈچلۈك پالۋان ئۆز - ئۆزىدىن مەغرۇرلىنىپ، بارغانسېرى ھارامزەدىلىشىپ كېتىپتۇ. شۇنداق بولسىمۇئۇ پادىشاھنى قورقىتىپ، ساياھەتكە چىققاندا پادىشاھنىڭ قىزىنى بىرگە ئېلىپ چىقىدىغان بولۇۋاپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ ساياھەتتىن قايتىپ تاغ باغرىدا كېلىۋاتسا، ئاق ساقاللىق بىر ئادەمنىڭ يەردىكى بىر كىچىك ساندۇقنى ئېتىنىڭ ئالدىغا ئالالماي تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ. ھېلىقى بوۋاي يېنىغا كەلگەن پالۋانغا: - بالام، ساڭا دۇئا قىلاي، ماۋۇ ساندۇقنى ئالدىمغا ئېلىپ بەرگىن، - دەپ ئىلتىماس قىلىپتۇ. پالۋان بىر ھىجىيىپ قويۇپتۇ - دە، ساندۇقنى ئىككى بارمىقى بىلەن قىسىپ كۆتەرمەكچى بولۇپتۇ. لېكىن قانچە قىلسىمۇ كۆتىرەلمەپتۇ. بىر قولى بىلەن كۆتىرىپ بېقىپتۇ. يەنىلا كۆتىرەلمەپتۇ. ئاندىن ئۇ ئىككى قولى بىلەن كۆتىرىپ بېقىپتۇ. بىراق يەنىلا كۆتىرەلمەپتۇ. ئۇ يېرىم كۈن ھەپىلەشكەن، ھەممە ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ كۆرگەن بولسىمۇ، ھېلىقى كىچىك ساندۇقنى ئورنىدىن مىدىرلىتالماپتۇ. شۇ چاغدا ھېلىقى بوۋاي: - ھەي بالام، سەن پالۋان ئىدىڭغۇ؟ نىمەڭگە ئىشىنىپ چوڭچىلىق قىلغانسەن؟ چاشقاندىن باشقا نەرسىگە كۈچى يەتمەيدىغان قارا قۇش بول! - دەپ دۇئا قىلىپتۇ. دۇئا قىلىپلا كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ. ھېلىقى پالۋان قارا قوشقا ئايلىنىپ قاپتۇ. شۇڭا قارا قۇشنىڭ چاشقاندىن باشقا ھىچنەرسىگە كۈچى يەتمەيدىكەن. ئېيتىپ بەرگۈچى: قاسىم ئابلا.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
پالۋن | UyghurWiki | UyghurWiki