چورۇق بىلەن ئورۇق
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن بىر ئەر - خوتۇن بوپتىكەن. ئېرىنىڭ ئېتى چورۇق، خوتۇنىنىڭ ئېتى ئورۇق ئىكەن. ئېرى بايلارغا چاكار بولۇپ، خوتۇنى بايلارنىڭ ئۆيلىرىدە بالا بېقىپ، نېنىنى يېقىپ، كىرىنى يۇيۇپ جان بېقىپ يۈرىدىكەن. شۇنداق جاپالىق تۇرمۇش بىلەن كۈنلەر، ئايلار، يىللار ئۆتۈپتۇ...
كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاپقان - تەرگەن پۇلىنى يىغىپ، ئاران دېگەندە بىر ئېشەك سېتىۋاپتۇ. چوقۇر ھەركۈنى ئېشىكى بىلەن تاغقا چىقىپ، ئوتۇن ئەكىلىپ بازاردا ساتىدىغان بوپتۇ. ئەر - خوتۇن ئىككىسى بىر قۇردىن كىيىم - كېچەك كىيىپتۇ. بۇرۇنقىغا قارىغاندا بىرئاز تويۇنۇپ قاپتۇ. ئاخىرى ئۇلار بىرەر توپاق ئالغىدەك پۇلغىمۇ ئىگە بوپتۇ. بىر كۈنى ئەر - خوتۇن ئىككىسى مەسلىھەتلىشىپتۇ، خوتۇنى ئېرىغا قاراپ مۇنداق دەپتۇ:
- قولىمىزدا بىرەر توپاق سېتىۋالغۇدەك پۇلمۇ بولۇپ قالدى، باش ئاغرىغى، چىش ئاغرىقى بار، ئۆلۈم - يېتىم بار، بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە، ئەسقاتىدىغان بىرەر مال قولىمىزدا يوق. بۇ پۇلغا بىر توپاق ئېلىپ قويايلى، بىر موزاي قىلىپ ئۈچ - تۆت يىل كۈتسەك، مال بولۇپ قالىدۇ.
- بۇ گېپىڭ توغرا، - دەپتۇ. چورۇق، - مەن بازاردىن بىر توپاق سېتىۋالاي.
ئەتىسى چورۇق بازارغا بېرىپتۇ. مال بازىرىنى ئارىلاپ توپاقلارغا قاراپتۇ. شۇ كۈنى ئۇ بىر توپاق سېتىۋېلىپ، ئۇنى ئۆيگە يېتىلەپ كېلىپ، خوتۇنىغا كورسىتىپتۇ. خوتۇنى توپاقنى كۆرۈپ خۇشال بوپتۇ. چورۇق بىلەن ئورۇق بۇ توپاقنى ئۈچ تۆت يىل باققاندىن كېيىن، شۇنداق چوڭ بۇقا بوپتىكى، ئۇلار بۇقىنى نوختىلاپ، زەنجىردە باغلاپ بېقىپتۇ. بىر كۈنى چورۇق ئورۇققا:
- خوتۇن بۇ بۇقىنى بېقىش بىزگە ئېغىر كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالمايلى؛ ئۇنىڭدىن كۆرە ۋاقتىدا سېتىپ، دەدىمىزگە دەرمان قىلايلى، - دەپ مەسلىھەت قىلىپ، بۇقىنى زەنجىردە باغلاپ بازارغا ئېلىپ بېرىپتۇ. خەلق يۈگرىشىپ كەپتۇ. «بۇقىكەن» دەپ يېنىشىپ كېتىپتۇ. شۇ ئارىدا بىر كىشى كېلىپ: «ئەگەر بىر مۈڭگۈزلۈك بولسا، ئالاتتىم» دەپتۇ. دىققەت بولۇپ تۇرغان چورۇق بۇقىنىڭ بىر مۈڭگۈزىنى ئۇرۇپ سۇندۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرۈپ يەنە بىرىسى «ئەگەر مۈڭگۈزى بولمىغان بولسا، مەن دېگىنىڭنى بېرىپ ئالاتتىم» دەپتۇ؛ چورۇق بۇقىنىڭ يەنە بىر مۈڭگۈزىنى ئۇرۇپ سۇندۇرۇپ ھېلىقى ئادەم كۈلۈپ ئالماپتۇ. چورۇق «خەيرى» دەپتۇ. شۇ ئارىدا يەنە بىرى كېلىپ: «ئەگەردە بۇقىنىڭ قويرۇقى بولمىسا، مەن دېگىنىڭنى بېرىپ ئالاتتىم؛ قويرۇقى بولسا مېنىشكە بولمايدۇ، ئادەم ئۈستىگە مىنسە كىيمىنى بولغايدۇ» دەپتۇ. شۇنداق چورۇق بۇقىنىڭ قويرۇقىنى كېسىۋېلىپ: «مە، ئال!» دەپ ھېلىقى ئادەمگە بەرسە، بۇقىنىڭ قۇيرۇقىنى ئېلىپ، ئۇمۇ بۇقىنى ئالماي كېتىپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن يەنە بىر ئادەم بۇقىنى كۆرۈپ:
- راسا مال ئىكەن ئەمما، بۇقىكەن، ئەگەر پىچىلگەن بولسا، دېگىنىڭنى بېرىپ ئالاتتىم، - دەپتۇ.
چورۇق يېنىدىن پىچىقىنى ئېلىپ پىچىۋېتىپتۇ. شۇ ئارىدا چورۇقنىڭ بۇقىسى قانسىراپ ئۆلۈپتۇ. چورۇق بۇقىنى تاشلاپ ئۆيگە بېرىپ، بولغان ۋەقەنى خوتۇنى ئورۇققا سۆزلەپ بېرىپتۇ. بۇلار بىر - بىرىگە سەۋىرلىك تىلىشىپتۇ.
بىر كۈنى چورۇق ئېشىكىنى ساتماق بولۇپ، خوتۇنى ئورۇققا مۇنداق دەپ تاپىلاپتۇ:
- سەن ئىشلەپ يۈرگەن باينىڭ خوتۇنىنىڭ ئۈچ ئالتۇن ئۈزۈكىنى بىزگە دورىلىققا كېرەك بولۇپ قالدى، ئېرىم سېرىق كېسەلگە دۇچار بولۇپ، كۈندىن - كۈنگە ساغىرىپ كېتىۋاتىدۇ، تىۋىپقا كۆرسىتىۋىدۇق: «ئالتۇن ئۈزۈكنى سۇغا تاشلاپ، سۇدىكى ئالتۇنغا يەتتە كۈن قارىسا، سېرىغىنى تارتىدۇ» دەپتۇ. دېگىن. ئۇرۇق باينىڭ خوتۇنىدىن ئېرى چورۇق ئۆگەتكەندەك، ئۈچ ئالتۇن ئۈزۈكىنى سوراپتۇ. باينىڭ خوتۇنى ئۈزۈكنى بېرىپتۇ.
چورۇق بۇ ئۈچ ئالتۇن ئۈزۈكنى بىر خالتىغا سېلىپ، ئىشەكنىڭ قويرۇقىغا قىستۇرۇپ باغلاپتۇ. ئاندىن ئېشەكنى يوپۇغداپ مىنىپ، بازارغا بېرىپ ساتماق بوپتۇ. بازاردا بىر ئادەم:
- ئېشەكنى ساتامسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ساتىمەن، - دەپتۇ چوقۇر.
- باھاسى قانچە؟
- مىڭ تىللا ئالتۇن.
بازاردىكىلەر:
- ئېشىكىڭنىڭ نېمە ھۈنىرى بار؟ - دەپ سورىسا:
- مېنىڭ ئېشىكىم خاسىيەتلىك ئېشەك، - دەپتۇ. چورۇق، - ئۇنىڭ خاسىيىتى: ھەر جۈمەدە ئۈچ ئالتۇن تېزەكلەيدۇ. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن قۇيرۇقىغا خالتا باغلاپ قويدۇم.
شۇ ئارىدا ئالدىنقى بازاردا بۇقىسىنى ئالماق بولغان ھېلىقى تۆت كىشى يەنە ئىشەكنى قورشىۋېلىپ، بىرى بىرىنى تېپىتۇ، چورۇق: - « ھەي تەپمە، ئېشەكتىن ئالتۇن تۆكۈلۈپ كېتىدۇ!» دەپتۇ. بۇ ئادەم چورۇقنىڭ سوزىگە قۇلاق سالماستىن، ئېشەكنى يەنە بىر تېپىپتۇ. ئېشەك بىر دانە ئالتۇن تېزەكلەپتۇ. يەنە بىرى بىرنى تېپىپتۇ. يەنە بىر دانە ئالتۇن چۈشۈپتۇ. ئېشەكنىڭ ئالتۇن تېزەلكلىگىنىنى كۆرۈپ، بازاردىكىلەر تالىشىپ، چورۇقتىن ئۇنى مىڭ تىللاغا سېتىۋاپتۇ. چورۇق مىڭ تىللانى ئاپتۇ. بايقى تۆت ئادەم چورۇقتىن ئىشەكنىڭ خاسىيىتىنى يەنە ئېنىقلاپ سوراپتۇ.
- ئېشەك ھەر جۈمەدە ئۈچ ئالتۇن تېزەكلەريدۇ. - دەپتۇ. چورۇق، - ھەر جۈمەدە بىر باغ چوپ يەيدۇ، بىر چىلەك سۇ ئىچىدۇ؛ قۇيرۇغىدىكى خالتىسى ئېلىنمايدۇ. ئىشەكنى باغلىغاندا، قۇيرۇغىنى ئوقۇرغا، بېشىنى ئىشىككە قىلىپ باغلاپ قويۇڭلار، بىر جۈمە توشتى دېگەندە، تالاغا ئېلىپ چىقىپ جېنىڭلارنىڭ بېرىچە بېقىنىغا تەپسەڭلار، ھەر تەپكىنىڭلاردا بىر ئالتۇن تېزەكلەيدۇ.
ئاندىن ھېلىقى تۆت ھەييار خۇشال ھالدا ئىشەكنى ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇلار سوغاقنىڭ قاتتىقىلىقىغا قارىماستىن، ئېشەككە ئېغىل ياساپ، بايىقى چورۇق دېگەندەك، ئېشەكنىڭ ئوقۇرىغا بىر باغ چۆپ تاشلاپ، قۇيرۇقىدىن باغلاپتۇ. بېشىنى ئىشىككە باغلاپ، بىر چېلەك سۇنى پاختىغا قۇيۇپ، ئىشەكنىڭ مىڭىسىگە تېڭىپ ئىشەكنى ئېغىلغا سولاپ قويۇپتۇ. ئۆزلىرى كۈن ساناپ، تەسلىكتە بىر جۈمەنى توشقۇزۇپ، «مانا بۈگۈن بىر جۈمە بولدى!» دەپ، ئېشەكنى ئالتۇن تېزەكلەتمەك بولۇپ، ئېشەكنىڭ ئېغىلىنى ئېچىپ كىرسە، ئالتۇن تېزەكلەيدىغان ئېشەك توڭلاپ قېتىپ قالغان. ئۇلار دەرغەزەپكە كېلىپ، چورۇقتىن پۇلىنى قايتۇرۇۋالماق بولۇپ، چورۇقنىڭ ئۆيىنى ئىزلەپ مېڭىپتۇ.
چورۇق ئۇلارنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئورۇققا شۇنداق دەپتۇ:
- ئېشەكنى ئالغانلار كېلىۋاتىدۇ، مەن ئۆزەمنى قومۇشلۇققا ئالاي؛ ئىتنى ئېلىپ كېتىمەن. ئۇلار كېلىپ مېنى سورىسا، قۇمۇش ئورۇۋاتىدۇ، دەپ ماڭا ئەۋەت؛ مەن ئىتنى ئۆيگە ئەۋەتىمەن، سەن بەش كىشىلىك تاماقنى قاچا - قومۇچلىرىڭ بىلەن كوتىرىپ، ئىتنى ئەگەشتۈرۈپ بارغىن، - دەپ جېكىپ قويۇپتۇ - دە، ئۆزى قومۇشلۇققا كېتىپتۇ.
بىر ۋاقىتتا بايىقى ئىشەكنى سېتىۋالغانلار قومۇشلۇققا كېلىپ:
- سېنىڭدىن ئالغان ئېشەكنى سەن دېگەندەك قىلىپ، ئېغىلغا باغلاپ، تۆتىمىز بىر جۈمە كۈتتۇق، بىر جۈمە بولدى دېگەندەك ئېغىلنى ئېچىپ كىرسەك، ئېشەك ئۆرە تۇرغىنىچە توڭلاپ قېتىپ قاپتۇ، ئەمدى سەن بىزدىن ئالغان تىللانى قايتۇرۇپ بەرگىن، - دەپتۇ.
- ھېچگەپ ئەمەس، - دەپتۇ. چورۇق، - ئەگەر سىلەرمۇ ئۆيگە كىرمەي ئېشەككە قاراپ تۇرغان بولساڭلار ئۆزەڭلارمۇ قېتىپ قالاتتىڭلار. مېنىڭدە پۇل يوق؛ پۇلۇمنى قاراقچىلار بۇلاپ كەتتى ؛ ئەمدى سىلەر قۇرۇق قايتماڭلار، تاماق يەپ قايتىڭلار، - دەپتۇ.
بايقى تۆتىنىڭ قورساقلىرى ئىنتايىن ئاچقانلىقتىن، تىللىرىنى چاكىلدىتىپ، كالپۇكلىرىنى يالىشىپ كېتىپتۇ. چورۇق بۇلارنىڭ قۇرساقلىرىنىڭ راسا ئاچقانلىقىنى سېزىپ:
سىلەر بىر ئاز دەم ئېلىپ تۇرۇڭلار، مەن تاماققا ئەۋەتەي، دەپ، ئىتىغا قاراپ «بار، مېھمانلارغا غىزايىڭنى ئېلىپ كەل!» دەپ ئىتنى قويۇۋېتىپتۇ. ئىتى ئۆيتەرەپكە كېتىپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن چورۇقنىڭ خوتۇنى ئىتنى ئەگەشتۈرۈپ، تۆت قوشۇق، تۆت قاچا تاماق ئېلىپ كەپتۇ. چورۇق خوتۇنى ئېلىپ كەلگەن غىزانى بۇ تۆتىگە قۇيۇپ بېرىپتۇ. ھېلىقى تۆتى بۇ ئىتقا ھەيران بولۇپ، چورۇقتىن:
- بۇ ئىتىڭنىڭ قانداق خاسىيىتى بار؟ - دەپ سوراپتۇ. چورۇق مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ:
- بۇ ئىتنىڭ بىر خاسىيىتى، بىرسى كەلسە، «بىرسى كېلىۋاتىدۇ» دەپ خەۋەر بېرىدۇ؛ ئىككىنچى خاسىيىتى، قوساق ئاچقاندا، «غىزانى ئېلىپ كەل!» دەپ بۇيرۇسا، شۇ ھامان ئالدىڭلارغا غىزا ئېلىپ كېلىدۇ.
- مۇشۇ ئىتىڭنى بىزگە بەرسەڭ، - دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋاپتۇ. ئۇلار.
چورۇق بولارغا ئىتنى باغلاپ بېرىپتۇ. ئۇلار خۇشال بولۇپ ئىتنى يېتىلەپ قايتىپ كېتىپتۇ.
بىر كۈنى ئۇلار ئىتنى يېتىلەپ بىر شەھەرگە بېرىپ، كېچىسى بىر دۇكاننىڭ جىسەكچىسىنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئىشىكلىرىنى بۇزۇپ ئىچىگە كىرسە، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتكۈسىز ماللار تىزىلىپ كەتكەن؛ تاۋار - دۇردۇن، كىمخاپ، مەخمەل، ئالتۇن - كۈمۈش، ئۈنچە - مارجان ۋە نەقىش - زەرلەر تۇتقان تەييار كىيىملەر... ئۇلار سىرتقا ئاتلىرىنى باغلاپ قويۇپ، دۇكاننىڭ ئىچىدىكى ماللارنى تاغارلىرىغا سېلىشقا باشلاپتۇ. شۇ ئارىدا بىرى بايىقى ئىتقا «سەن تالادا قاراپ تۇر، ئەگەردە بىرى كەلسە، خەۋەر قىل!» دەپ قويۇۋېتىپتۇ. ئىت شۇ قاچقان بويىچە، توپ - توغرا ئۆيىگە بېرىپتۇ. چورۇق تالاغا چىقسا، ئىتى ئىشىك ئالدىدا تۇرغان. «ھە، ئەمدى بۇلار ئىتىنى ئىزلەپ كېلىدۇ» دەپ ئويلاپ، بىر دوۋساقنىڭ ئىچىگە قىزىل بۇياق قۇيۇپ خوتۇنىغا بېرىپتۇ. ھېلىقى تۆتى كەلگەندە، قورسىقىڭغا باغلىۋالغىن، ئۇلار كەلگەندىن كېيىن، مەن ساڭا ئاچچىق قىلىپ دوۋساقنى يارىمەن، سەن ئۆلگەن بولۇپ يېتىۋالغىن؛ ئاندىن يۈگۈرۈپ تۇرۇپ، چۇماق بىلەن بېشىڭغا ئوقۇيمەن، دەررۇ ئورنىڭدىن تۇرۇپ تاماق ئەت، - دەپتۇ چورۇق خوتۇنى ئورۇققا چۈشەدۈرۈپ.
ھېلىقى تۆتى: بىرسى كېلىپ قالسا ئىت بىزگە خەۋەر قىلىدۇ، دەپ دۇكاندىكى ماللارنى يىغىشتۇرۇپ، ئەمدى ئاتلارغا ئارتىپ دۇكاندىن چىقىشقا دۇكاننىڭ ئىگىلىرى تۇتۇۋېلىپ ئۆلگىچە ئۇرۇپتۇ؛ ئۇلاردىن بىرى تاياقتىن ئۆلۈپتۇ. ئۈچى قېچىپ قۇتۇلۇپتۇ. قېچىپ بىر يەرلەرگە كېلىپ قارىسا، خەۋەر قىلىدىغان ئىتى يوق.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار چورۇقنى ئۆلتۈرمەك بولۇپ، چورۇقنىڭ ئۆيىگە بارسا، ئىتى ئىشىك ئالدىدا ياتقان. چورۇق ئۇلارنى كۆرۈپ، ئالدىغا خوتۇنى بىلەن چىقىپتۇ. ھېلىقى ئۈچى بولغان ۋەقەنى چورۇق ئېيتىپتۇ. چورۇق ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، خوتۇنىغا ئاچچىق قىلىپ «سەن نېمىشقا ئىت كەلگەن زامان ئېگەڭگە خەۋەر قىل!» دەپ، ئىتنى قاتۇرمىدىڭ؟ ! دەپ يېنىدىن پىچاقنى ئېلىپ، خوتۇنى ئۇرۇقنىڭ قورسىقىغا بىرنى ئۇرۇپتۇ. قان ئېتىلىپ چىقىپتۇ - دە، خوتۇنى «ئۆلۈپتۇ». ئاندىن ھېلىقى ئۈچى:
- بىز ساڭا خوتۇنۇڭنى ئۆلتۈرۈپ بەر دېمىدۇق، نېمىشقا ئۆلتۈرىسەن؟ - دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ. چورۇق بولسا:
- ئالدىراشما كېرەك بولسا تېرىلدۇرۇمەن! - دەپ ئۆيگە كىرىپ مىخ قېقىلغان بىر چوماقنى كۆتىرىپ چىقىپ، خوتۇنى ئورۇقنىڭ بېشىغا بىر نوقۇپ، ئۆزى دەرىزىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ، ناخشا ئېيتىپ ئولتۇرۇپتۇ. ھېلىقى ئۈچى قاراپ تۇرسا، چورۇقنىڭ خوتۇنى دەسسىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، تاماق ئېتىۋاتقۇدەك؛ بۇنى كۆرۈپ ئۇلار ھەيران بوپتۇ. ئولتۇرۇپ تاماق يەپتۇ. ئاندىن چورۇقتىن چوماقنىڭ خاسىيىتىنى سوراپتۇ. چورۇق:
- بۇ چوماقنى مانا ئۆلىمەن، ئەنە ئۆلىمەن دېگەننىڭ بېشىغا راسا كۈچەپ، جېنىڭنىڭ بېرىچە بىرنى ئۇرىدىغان بولساڭ، دەررۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، تاماق ئېتىدۇ، - دەپتۇ. ھېلىقى ئۈچى:
- چوماقنى بىزگە بەرگىن! - دپ سوراپ تۇرۇۋاپتۇ. چورۇق چورۇقنى ئۇلارغا بېرىپتۇ. ئۇ ئۈچى چوماقنى ئېلىپ ئۆيلىرىگە خۇشال قايتىپتۇ. چورۇق خوتۇنى ئورۇققا: «ئەمدى مەن ئۆزەمنى چەتكە ئالاي، بۇلار يەنە كېلىدۇ؛ بۇ قېتىم مەن ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشىسەم مېنى ئۆلتۈرىدۇ؛ مېنى سوراپ كەلگەندە: ئوۋغا چىقىپ كەتكەن» دېگىن، - دەپ جېكىپ، ئۆزىنى ئېلىپ دەريا بويىغا كېتىپتۇ.
ھېلىقى چوماقنى كۆتىرىپ كېتىپ بېرىپ، ئۈچىنىڭ بىرى ئاغىنىلەر، ئۆزەڭلارنىڭ خەۋىرى بار، مېنىڭ خوتۇنۇم قاچانلا بولسا، «ئۇ يېرىم ئاغرىيدۇ، بۇ يېرىم ئاغرىيدۇ، مانا ئۆلىمەن، ئەنە ئۆلىمەن» دەپ قورقىتىدۇ. توپ - توغرا بىزنىڭ ئۆيگە بارايلى؛ مۇشۇ خاسىيەتلىك چوماق بىلەن ئۆلمەس، ئاغرىماس قىلىۋېتەيلى. دەپتۇ. ئاغىنىلىرى ماقۇل بوپتۇ. بارسا، دېگەندەك ئاغىنىسىنىڭ خوتۇنى ئاللا توۋىنى سېلىپ ياتقان. ئاغرىق خوتۇننىڭ ئېرى:
- ئۆلىمەن دەپ قورقىمىغىن. ئۆلگەننى تىرىلدۇرىدىغان خاسىيەتلىك چوماق تېپىپ كەلدىم؛ ئالدىرىما، سەۋىر قىلغىن، مەن كۈچ - قۇۋۋىتىمنى يىغىپ، - دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، چوماقنى قولىغا ئېلىپ، راسا كۈچەپ تۇرۇپ، خوتۇنىنىڭ بېشىغا بىرنى ئۇرغان ئىكەن خوتۇنىنىڭ مىڭىسى چۇگۇلۇپ كېتىپتۇ...
ئاغىنە ئۈچى ناخشا ئېيتىپ بېقىپتۇ. ۋارقىراپ بېقىپتۇ. ئۆلگەن خوتۇن تىرىلمەپتۇ.
قارىسا خوتۇن ئاللىقاچان ئۆلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۈچى چورۇقنى ئۆلتۈرمەك بولۇپ، ئاتلىرىغا مىنىپ، چاپتۇرغان بويى ئۇنىڭ ئۆيىگە بارسا، چورۇق يوق، خوتۇنىدىن سوراپتۇ. خوتۇنى: «جاڭگالغا ئوۋغا كەتتى» دەپتۇ. ئۈچى چورۇقنى ئىزلەپ، جاڭگال تەرەپكە ئات چاپتۇرۇپتۇ. چورۇق بۇلارنىڭ ئات چېپىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ جاڭگالدا يۈگۈرۈپ كېتىپ بارسا، نۇرغۇن كالىلارنى ھەيدەپ كېلىۋاتقان بىر ئاتلىق ئادەم ئۇچراپ قېلپ:
- ئاۋۇ ئات يۈرگەنلەر كىم؟ مۇنۇ كالىلارنى ئوغرىلاپ كېلىۋاتاتتىم؛ سەن ماڭا ئاشۇلاردىن قۇتۇلۇشقا ياردەم قىل مالنى ئامان ساقلاپ قالساڭ تەڭ بۆلۈۋالىمىز، - دەپتۇ. چورۇق:
ماقۇل، مە، ئۇنداق بولسا مېنىڭ كىيمىمنى سەن كېيىپ، دەرياغا قاراپ مېڭىۋەرگىن ، سېنىڭ كىيمىڭنى مەن كېيىپ، ئاتقا مىنىپ، كالىلارنى سەن كەلگۈچە بېقىپ تۇرىمەن، - دەپتۇ. ھېلىقى ئوغرى دەررۇ چورۇقنىڭ كىيمىنى كىيىپ، يولغا چىقىپ، دەرياغا قاراپ مېڭىپتۇ. چورۇقنى ئىزلەپ يۈرگەن ئۈچ ئاتلىق يىراقتىن بۇنىڭ دەرياغا قاراپ پىيادە كېتىۋاتقىنىنى كۆراپ، ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ يېتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ پۇت - قولىنى باغلاپ، تورغا سېلىپ، ۋارقىرىغان - جارقىرىغىنىغا قارىماي دەرياغا تاشلىۋېتىپتۇ. ئاندىن بىرئاز ھاردۇق ئېلىپ، يەنە ئاتلىنىپ كېلىۋاتسا، چورۇق بىر ئاتقا مىنىپ، كالىلارنى ھەيدەپ بۇ ئۈچىنىڭ ئالدىغا چىقىپتۇ. ئۇلار چۇرۇقنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ:
بىز سېنى دەرياغا تاشلىۋەتكەنغۇ؟ سەن قانداق ئامان چىقتىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. چورۇق ئۇلارغا:
- سىلەر پۇت - قولۇمنى باغلىماي تاشلىغاندا، بۇنىڭدىنمۇ نۇرغۇن مالغا ئىگە بولىدىكەنمەن، دەريانىڭ تېگى مالغا لىق تولغان ئىكەن، قېنى كېرەك بولسا، ئېلىشىڭلارچە ئېلىڭلار، - دەپتۇ.
- يۈر، بىزگە كۆرسەت، - دەپتۇ. ھېلىقى ئۈچى. چورۇق ئاتقا مىنىپ، كالىلارنى دەريانىڭ لىۋىگە ھەيدەپ، سۇغا چۈشۈپ تۇرغان كالىلارنىڭ شولىسىنى:
- ئەنە كۆردۇڭلارمۇ، - دەپ ھېلىقى ئۈچىگە كۆرسىتىپتۇ. بۇ ئۈچى كېلىپ قارىسا، دېگەندەك دەريانىڭ تېگىدە توشۇپلا كەتكەن كالا. بۇلار دەررۇ ئاتلىرىدىن چۈشۈپ، دەريانىڭ تېگىدىكى كالىلارنى ھەيدەپ چىقماق بوپتۇ. بىرى يۈگۈرۈپ بارغان بويى سەكرەپتۇ - دە، دەرياغا بىر چوكۈپ چىقىپ، قولىنى پۇلاڭلىتىپتۇ. ئۇنى كۆرۈپ ئىككىنچىسى سەكرەپتۇ. ئۇمۇ قولىنى پۇلاڭلاتقاندا، چورۇق «سېنىمۇ چاقىرىۋاتىدۇ» دەپ، ئۈچىنچىسىمۇ دەرياغا چۈشۈرۈپتۇ. ئۈچىلىسى دەرياغا ئېقىپ ئۆلۈپتۇ. چورۇق ئۇلاردىن قۇتۇلۇپ، ئامان - ئېسەن ئۆيگە قايتىپ كەپتۇ.