UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقھەسەن بىلەن ھۈسەن

ھەسەن بىلەن ھۈسەن

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا، كۇچار شەھىرىدە ئۆتكەن ئىككى سورىگەرنىڭ ھەسەن ۋە ھۈسەن دېگەن ئوغۇللىرى يېقىن دوست ئىكەن. ئۇلار يىگىتلىك قورامىغا يەتكەندىن كېيىن، دادىلىرىنىڭ كەسىپىگە ۋارىس بولۇپ سورىگەرچىلىك قىلىشقا باشلاپتۇ. ئۇلار باشقا شەھەرلەردىن ھەر خىل ماللارنى ئېلىپ كېلىپ كۇچاردا ساتىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئىككىسى قەشقەرگە بېرىپتۇ. شەھەرنى ئايلىنىپ تاماشا قىلماقچى بولۇپ كوچىغا چىقىپتۇ. ئۇلار بىر راۋاقنىڭ يېنىغا كەلگەندە راۋاقتا تۇرۇشلۇق قىز دەرىزىدىن بېشىنى چىقارغان ئىكەن. ئۇنى ھەسەن كۆرۈپ قاپتۇ - دە، شۇ ھامانلا قىزنىڭ ھۆسنى - جامالىغا كۆيۈپ، ھۇشىدىن كېتىپ يىقىلىپتۇ. ھۈسەن ئۇنى مىڭ تەسلىكتە ھۇشىغا كەلتۈرۈپتۇ. ھەسەن: - ئەي، قىيامەتلىك دوستۇم ھۈسەن كۆزۈڭ كۆرۈپ تۇرۇپتىكى، مەن بۇ قىزغا ئاشىق بولۇپ قالدىم. ئەمدى بۇ قىزسىز مېنىڭ ھاياتىم ھايات ئەمەس. مەن سۆيگۈ ۋىسالىغا يىتىش ئۈچۈن تىرىشىمەن. بۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارمىغۇچە يۇرتقا كېتەلمەيمەن. ئىشىمنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن دۇئايىڭنى بېرىپ يولۇڭغا راۋان بولغىن. ئەگەر بۇ يولدا ئۆلۈپ كەتسەم رازى بولارسەن، - دەپ ياش تۆكۈپتۇ. ھۈسەن ئايرىلىشقا قىيماي كۆپ ھەسرەت چېكىپتۇ، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپتۇ. ئەمما ھەسەننى يولدىن قايتۇرالماپتۇ. ئاخىر مىڭ تەسلىكتە ئايرىلىپ ھەسەننى قەشقەردە قالدۇرۇپ، ئۆزى ماللارنى ئېلىپ كۇچارغا قايتىپتۇ. ھەسەن بولسا شۇ كۈندىن باشلاپ قىزنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈش ئۈچۈن راۋاقنى ئايلىنىپلا يۈرۈپتۇ. لېكىن قىزنى ئىككىنچى قېتىم كۆرەلمەپتۇ. يىگىتنىڭ ۋۇجۇدىدىكى كۆيۈك ئوتى ئەۋج ئېلىپ چىرايى كۈندىن - كۈنگە سارغىيىشقا باشلاپتۇ. ئەنە شۇ راۋاقنىڭ يېنىدا بىر كەمپىر ياشايدىكەن، ئۇ كەمپىر كۈندە ئۈچ سەر يىپ ئىگىرىپ ئۈچ نانغا تېگىشىدىكەن. ئۇنىڭ بىر توخۇسى، بىر مۈشۈگى بولۇپ، ئۈچى ئۈچ ناننى يەپ ھايات كەچۈرىدىكەن. كەمپىر ھەسەننىڭ كۈندە راۋاقنىڭ يېنىدىن ئايلىنىپ كېتەلمەيۋاتقانلىقىنى سىزىپ قاپتۇ. بىر كۈنى ھەسەن كەلگەندە موماي: - ئەي يىگىت، نىمە دەردىك بار؟ - دەپ سوراپتۇ. ھەسەن: - ئەي ئانا، سىلى قېرىكەنلا، مەن بولسام ياش. سىلە مېنىڭ دەردىمگە يېتەلمەيلا، - دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ. موماي يەنە: - ئەي بالام، ھەر قانداق دەردىڭ بولسا سۆزلە، مەن بىر ئامالىنى قىلىپ باقاي، - دەپتۇ. ھەسەن ئىچ سىرىنى مومايغا تۆكۈپتۇ. موماي: - بۇ قىز قەشقەر پادىشاھىنىڭ قىزى بولىدۇ. ئۇ زادىلا كوچىغا چىقمايدۇ. ئۇنىڭ لازىمەتلىكلىرىنى يېنىدىكى ئۈچ كېنىزىگى ئەكىرىپ بېرىدۇ. بۇ قىز يىگىرمە بەش ياشقا كىرىپ قالدى. شۇڭا مەن ئامال قىلالايمەن، - دەپتۇ. يىگىت چەكسىز خوشال بولۇپتۇ. كېيىن موماي يىگىتكە: - سەن ماڭا ئىككى چۆجە ئەكىرىپ بەرگىن، - دەپتۇ. ھەسەن ماقۇل بولۇپم، بازاردىن ئىككى چۆجە ئەركىرىپ بېرىپتۇ. موماي ئىككى خالتا تىكىپ، چۆجىنى سېلىپ، ئۇنى قولتۇغىغا قىستۇرۇپ قىزنىڭ يېنىغا كىرىپتۇ ۋە قىزغا: - ۋاي بالام، ياش بالىلار باشنى تۈجۈپىلەپ باقالمايدۇ. مەن باش بېقىشقا ناھايىتى ئۇستا، باشلىرى سىكە بولۇپ قالغاندۇ، - دەپ قىزنى يېنىغا تەكلىپ قىپتۇ. موماي قىزنىڭ چېچىنى ھەر قېتىم سىققاندا ئۇنىڭ قولتۇغىدىكى چۆجە >چۇك - چۇك< قىلىپتۇ. قىز ئەجەبلىنىپ: - ۋاي موما، بۇ نېمە ئىش؟ - دەپ سوراپتۇ. - ۋاي قىزىم، بۇ گەپنى ھېكىشىگە دىمەيتتىم، سىلە سوراپ قاللا. بوپتۇ، دەپ بېرەي، مەن ئەسلىدە كاتتا بىر بايىڭ قىزى ئىدىم. ئاتام مېنى ياخشى كۆرگەچكە يېنىدىن ئايرىماي، يىگىرمە بەش ياشقا كىرگىچە ئەرگە بەرمىدى. مەن ۋاقتىدا ئەرگە تەگمىگەنلىگىم ئۈچۈن مۇشۇنداق >چۇك - چۇك< كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان، - دەپتۇ موماي. بۇنى ئاڭلىغان قىز قورقۇپ كېتىپ كىمگىلا بولسا بىرىگە ئەرگە ئەرگە تېگىشنى ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مومايغا: - ئەي موما، مەنمۇ يىگىرمە بەش ياشقا كىرىپ قالدىم، ئەمدى قانداق قىلسام بولار؟ - دەپتۇ. - ۋاي بالام، بۇ تولىمۇ يامان بولۇپتۇ. دەرھال بىرئامالنى قىلايلى، مېنىڭ بىر ئىنىم بار. ئۇ تولىمۇ كېلىشكەن يىگىت. شۇنى سىزگە تونۇشتۇرۇپ قويسام قانداق؟ - دەپتۇ موماي. قىز ناھايىتى خوشال بولۇپ: - ئۇنداق بولسا مەن ئاتامغا ئېيتاي، بىز بىر قۇل سېتىۋالماقچى ئىدۇق، ئاتام ماڭا ئۇ يىگىتنى قۇل ئورنىدا ئېلىپ بەرسۇن. مەن شۇ ئارقىلىق مەقسىدىمگە يېتەي، - دەپتۇ. يەكشەنبە كۈنى موماي ھەسەننى ئوبدان ياساپ قۇل بازىرىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. قىز ئاتىسىغا: - ئەي ئاتا، بۈگۈن بازارغا شۇنداق بىر ياخشى قۇل كىرىپتۇ. شۇ قۇلنى ماڭائېلىپ بەرسىڭىز، - دەپتۇ. پادىشاھ دەرھال بازارغا ئادەم چىقارتىپ قىزى ئېيتقان قۇلنى نەچچە پۇلدىسە شۇنچە پۇلغا ئېلىپ بېرىشنى بۇيرۇپتۇ. پادىشاھنىڭ ئادەملىرى قۇل بازىرىغا بېرىپ ھەسەننى ئۈچيۈز تىللاغا سېتىۋاپتۇ. وماي پۇلنى ئېلىپ قايتىپ كېتىپتۇ. ھەسەن پادىشاھنىڭ قىزىنىڭ خاس قۇلى بولۇپ، ئۈچ كېنزەك بىلەن بىللە شۇ قىزنىڭ خىزمىتىنى قېلىپتۇ. بىر قانچە كۈن ئۆتۈپتۇ. قىز قارىسا ھەسەن ئوبدانلا كېلىشكەن يىگىت. شۇنىڭ بىلەن قىزنىڭ يۈرىگى ھەسەنگە سوقىدىغان بولۇپ قاپتۇ. بارا - بارا ئىككىسى يېقىنلىشىشقا باشلاپتۇ. ھەسەن كۈندۈزى ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلسا كېچىسى قىز بىلەن بىللە بولۇپ راھەتتە ياشاپتۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قىزنىڭ دادىسى بۇلارنىڭ ئىشىدىن گۇمانلىنىشقا باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەسەننى چارىباققا يۆتكەپ، قۇللارغا باشلىق قىلىپ قويۇپتۇ. بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ھەسەن چارىباققا ئاجايىپ كېلىشكەن بىر راۋاق سالدۇرۇپتۇ ۋە پادىشاھنى بۇ راۋاقنى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىپتۇ. پادىشاھ راۋاقنى كۆرۈپ، ناھايىتى رازى بولۇپ، قىزىنىڭمۇ چىقىپ سەيلە قىلىشى ئۈچۈن رۇخسەت بېرىپتۇ. ئەتىسى چۈشتە قىز باققا كەپتۇ ۋە ھەسەن بىلەن كۆرشۈپ خېلى ئۇزاق پاراڭ قىلىشىپتۇ. ئاندىن قىز ھەسەنگە بىر پارچە رەسىمىنى سوۋغا قىلىپ قالدۇرۇپ كېتىپتۇ. قىز كەتكەندىن كېيىن ھەسەن قىزنىڭ رەسىمىگە قاراپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. شۇ ۋاقتىدا بىر تەتۈر قويۇن كېلىپلا رەسىمنى ئۇچۇرۇپ كېتىپتۇ. بۇ رەسىم شۇ ئۇچقىنىچە توپ - توغرا خوتەن پادىشاھىنىڭ ئوردىسى ئىچىگە بېرىپ چۈشۈپتۇ. خىزمەتچىلەر، رەسىمنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. پادىشاھ رەسىمگە بىر قاراپلا قىزغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ ۋە: - بۇ رەسىم ئۇلۇغ ئاللاتائالا تەرىپىدىن ماڭا ئەۋەتىلگەن. بۇ قىز قەيەردە بولسا دەرھال تېپىش كېرەك، - ئەگەر كىمكى بۇ قىزنىڭ بار يېرىنى ئېيتىپ بېرەلىسە مەن ئۇنىڭغا ئوڭ قول ۋەزىرلىكنى بېرىمەن، - دەپ پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. ئەمدى گەپنى ھەسەننىڭ دوستى ھۈسەندىن ئاڭلايلى: ھۈسەن كۇچارغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆز تىجارىتى بىلەن بولۇپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرى >دوستۇم ھەسەننىڭ ئەھۋالى نىچۈكتۇر؟ ئۇنى ئىزلەپ تاپسام بولاتتى< دەپ ئوپلاپ تۇرغاندا خوتەن پادىشاھىنىڭ ھېلىقى پەرمانى يېتىپ كەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ھۈسەن دەرھال قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇ قەشقەرگە بېرىپ ھەسەننى كۆپ ئىزلىگەن بولسىمۇ، دېرىگىنى ئالالماي، ئاخىر خوتەنگە قاراپ يول ئاپتۇ. ھۈسەن خوتەنگە بېرىپ ئوردىغا كىرىپ ئۇ قىزنى تونۇيدىغانلىقىنى، قىزنىڭ قەشقەر پادىشاھىنىڭ قىزى ئىكەنلىگىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. پادىشاھ خوشال بولۇپ كېتىپ شۇ كۈننىڭ ئۆزدىلا ئۇنى ئوڭ قول ۋەزىلىككە تەيىنلەپتۇ. پادىشاھ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى ئېلىپ قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ ۋە قەشقەرگە بېرىپ قەشقەر پادىشاھىدىن قىزنى سوراپتۇ. ئۇ زامانلاردا خوتەن شەھىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، >چىن ماچىن< دەپ ئاتىلىدىكەن. شۇنداقلا قەشقەر پادىشاھىمۇ، كۇچار پادىشاھىمۇ بۇ پادىشاھتىن قورقىدىكەن. شۇڭلاشقا قەشقەر پادىشاھى دەرھال خوتەن پادىشاھى ئالدىدا قۇللۇق قىلىپ قىزىنى بىر نەچچە كۈن توي قىلىپ خوتەن شاھىغا بېرىپتۇ. قىزنى خوتەنگە ئېلىپ مېڭىش ئالدىدا ھەسەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. شۇ چاغدا قىز يىغلاپ تۇرۇپ: - سەن بىر ياغچى سۈپىتىدە ياسىنىپ خوتەنگە بارغىن. قالغىنىنى ئۆزەم جايلايمەن. - دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ خوتەن پادىشاھى قىزنى ئېلىپ قايتىپتۇ. قىز - خوتەنگە بارغاندىن كېيىن تاماقمۇ يىمەي، ئۇخلىماي، يىغلاپلا يۈرۈپتۇ. زادىلا كۈلمەپتۇ. پادىشاھنى يېنىغىمۇ يولاتماپتۇ. پادىشاھ >بۈگۈن يۇمشاپ قالار، ئەتە يۇمشاپ قالار< دەپ كۈتۈپتۇ. ئەمدى گەپنى ھەسەندىن ئاڭلىساق، ئۇ ئىككى ئۆشكىنى تولۇمچىلاپ سويۇپ، ياغ قاچىلاپ بىر ئىشەككە ئارتىپ خوتەن شەھىرىگە بېرىپتۇ ۋە كوچىدا: - >ياغ ساتىمەن ياغ< دەپ ۋارقىراپ ياغ سېتىپ يۈرۈپتۇ. ئۇ بىر كۈنى ئوردىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قاپتۇ ۋە >ياغ - ياغ< دەپ بىر ۋارقىرىغا ئىكەن. قىز ھەسەننىڭ ئاۋازىنى تونۇپ بىرلا كۈلۈپتىكەن ئوردا زىلزىلىگە كەپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ >بۇ قىز ياغچىنى كۆرسە خوشال بولىدىكەن ئەمەسمۇ؟< دەپ ئويلاپ ياغچىنى دەرھال تۇتۇپ زىندانغا تاشلاپتۇ ۋە ئەتىسى ھېچكىمگە بىلدۈرمەي ياغچىنىڭ كىيمىنى كىيىپ ئىشىگىنى مىنىپ سىرتقا چىقىپ >ياغ ساتىمەن< دەپ ۋارقىراپتۇ. ئۇنىڭ سەت ئاۋازىنى ئاڭلىغان قىز: - جاللات: بۇ ياغچى نېمە دەپ ئوردىنىڭ ئالدىنى قالايمىقان قىلىدۇ؟ دەرھال بېشىنى ئال! - دەپ بۇيرۇق قىلىپتۇ. جاللات يۈگۈرۈپ چىقىپ، پادىشاھنىڭ >مەن ياغچى ئەمەس، پادىشاھ< دىگىنىگە ئۇنىماي كاللىسىنى ئېلىپ تاشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھۈسەن دەرھال دوستى ھەسەننى قۇتقۇزۇپ چىقىپ قىز بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. ئۇلار خوشال بولۇپ مەقسەتلىرىگە يېتىپتۇ. ھەسەن خوتەن شەھىرىنىڭ پادىشاھى. ھۈسەن ئوڭ قول ۋەزىرى بولۇپ يۇرتنى ئادىل سوراپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ناھىيە ياقا گۇڭشېسىدىن جامال شىرىپ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق