قۇتلۇق بىلەن قارلىغاچ
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بارئىكەنۇ، يوق ئىكەن ، ئاچ ئىكەنۇ، توق ئىكەن، ئاچنىڭ غېمى ئاچلىقتا، توقنىڭ غېمى يوق ئىكەن.
شۇ زامانلاردا بىر يەردە بىر بالا بولۇپتىكەن. ئۇنىڭ ئېتى قۇتلۇق ئىكەن، يۈرىكى ئوتلۇق ئىكەن.
كۈنلەردىن بىر كۈنى قۇتلۇقجان چۈش مەزگىلى ئېتىزدىن قايتىپ، يۈگۈرۈپ ئۆيگە كەلسە، دالان ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قارلىغاچنىڭ بالىسى پالاقلاپ ياتقۇدەك. ئاستا قولىغا ئېلىپ قارىسا، بىچارىنىڭ بىر پۇتى سۇنغان، ھالى بەك خاراب، زار - زار يىغلاپ تۇرغان. . .
قۇتلۇق بۇ قارلىغاچ بالىسىغا ئىچ ئاغرىتىپ، قاناتلىرنى سىلاپتۇ، باشلىرىغا سۆيۈپ، كۆزلىرىگە سۇۋاپتۇ.«نېمە بولدى پۇتۇڭ . . . »دەپ ھالىنى سوراپتۇ. ئاڭغىچە تام - تۇرۇسلاردا ئۇچۇپ يۈرگەن ئانا قارلىغاچلار قۇتلۇققا قاراپ؛
_ ۋاي - ۋاي ئىست، ۋىچىر - ۋىچىر،
بىلەلمىدۇق سىرنى ھېچ.
ئېيتىڭ بىزگە، قۇتلۇقجان،
نېمە بوپتۇ، نېمە ئى . . ش؟ دەپ سايراپتۇ.
قۇتلۇق:
_ ۋىچىر - ۋىچىر قارلىغاچ،
سىلەر يوقتا بۇ بەڭباش.
پېتىشماستىن ئۇۋىدا
مېيىپ بوپتۇ يېقىلغاچ . . . - دەپ بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئانا قارلىغاچلار بۇنى ئاڭلاپ، بالىسىغا قاراپ:
_ دېمىدۇقمۇ بىز ساڭا،
ئىناق بولۇپ تۇرغىن تىنچ.
ئەمدى قانداق قىلىمىز
ئاڭلىمىساڭ گەپنى ھې. . . چ، - دەپ چېچىلىپتۇ،
ئېچىنىپتۇ ئاخىر قۇتلۇققا قاراپ؛
_ ئەمدى قانداق قىلىمىز،
ئۆلۈپ قالسا بالىمىز.
بۇنىڭ ئۈچۈن چارىنى
ئىزلەپ نەگە بارىمى. . . ز! - دەپ مەسلىھەت سوراپتۇ. قۇتلۇق بىر ئاز ئويلىنىپ:
_ ۋىچىر - ۋىچىر قارلىغاچ،
تاپتىم چارە ئويلىغاچ.
بۇنىڭ ئىشى: بىرتال يىپ،
كىچىككىنە جۈپ ياغاچ . . . - دەپ ئانىسىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپتۇ. ئانىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ، بىر قېتىم يىپ، بىر چىمدىم پاختا سورىۋېلىپ، ئوتۇندىن ئىككى تال كىچىككىنە شىشىق چىقىرىپ، بۇلاربىلەن تېڭىقچىلىق قىلىپتۇ، بىر دەمدىلا قارلىغاچنىڭ پۇتىنى ئوبدان تېڭىپ، ئاستا ئۆز ئۇۋىسىغا سېلىپ قويۇپتۇ.
ئانا قارلىغاچلار ؛
_ ۋىچىر - ۋىچىر، ۋىچىر - ۋىچىر،
ئەمدى بولدى كۆڭۈل تىنچ.
ياخشلىققا - ياخشلىق،
ئۇنۇتمايمىز بۇنى ھې. . . چ - دەپ ناھايىتى خۇش بولۇپ، قۇتلۇققا رەھمەت ئېيتىپتۇ. ئاندىن كۆڭلى تىنىپ، بالىلىرىغا دان تۇشۇشقا يەنە ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپ كۈن كەپتۇ، قىلغان چارە ئوڭ كەپتۇ. ھېلىقى بالا قارلىغاچنىڭ سۇنغان پۇتى ئوڭشىلىپ، ئاتا - ئانىسىغا قوشۇلۇپ، كەچ كۈزگىچە تۈلەپتۇ. قىشقا قالماي قارلىغاچلار ئىسسىق جايغا جۈنەپتۇ.
كېلەر يىلى كۆكلەمدە، قۇتلۇق ئولتۇرسا بىر كەمدە بىر قارلىغاچ كەپتۇ ھويلىسىغا، قاراپ تۇرسا ئاغزىدا دان، قونۇپتۇ ئۆينىڭ تۇرۇسىغا - بۇلتۇرقى كونا ئۇۋىسىغا.
قۇتلۇق تۇنۇغاندەك قىلىپ، قارلىغاچقا قاراپ كۈلۈپتۇ. قارلىغاچنىڭ ئاغزىدىكى «دان» ئاڭغىچە ئالىدىغا«توك» قىلىپ چۈشۈپتۇ. قۇتلۇق دەررۇ داننى قولىغا ئېلىپ قارىسا، تاۋۇزنىڭ بىر تال ئورۇقى. قۇتلۇق خوش بولۇپ، كۆڭلىگە قانداقتۇر ئۈمىد تۇلۇپ، ئېتىزغا قاراپ يۈگۈرۈپتۇ. ئېتىزغا بېرىپ يەر تاللاپ، ئۇرۇقنى ئوبدان تېرىپتۇ. ئۇرۇق پاتلا ئۈنۈپتۇ، قۇتلۇق يەنە توختىماي پەرۋىش قىلىپ بىرىپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپ، كۈن كەپتۇ. قارىسا، ھەر تاۋۇز، ھەر تاۋۇز! ھەر بېغىشتا بىر تاۋۇز، قۇتلۇق يەنە قارىسا، تاۋۇزلارنىڭ ئارىسىدا كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك، يوغان بىر تاۋۇز تۇرغۇدەك! قۇتلۇق ئۇنى سىناپ، تاك - تاك قىلىپ چېكىپتۇ، پىشقانلىقىنى بىلىپتۇ، كۆتۈرەلمەسلىكنى ئويلاپ ئۆيىگە قاراپ چېپىپتۇ . . . .
_ ۋاي دادا، ۋاي ئاپا!. . .
تەرگەن تاۋۇز چۈشۈپتۇ.
ئارىدا بىر ئاجايىپ . . .
چېكىپ باقسام پىشىپتۇ.
زەمبىل بىلەن كۆتۈرەيلى،
ئۆيگە چاپسان ئەكىلەيلى . . . - دەپتۇ، دادىسىغا يېلىنىپتۇ
ئاخىرى دادىسى بىلەن بېرىپ، ھېلىقى تاۋۇزنى زەمبىلگە سېلىپ، يولدا نەچچە كىشى ھەمدەملىشىپ، ئانىسىمۇ ياردەملىشىپ، ئۆيگە ئاران ئەكىلىپتۇ. ئەكىلىپ ئولاش - چولاش پىچىشسا، تاۋۇزنىڭ ئىچىدىن ئۇرۇقلار ئالتۇن - كۈمۈش بولۇپ يەرگە قجىرىڭلاپ چېچىلىپتۇ . . .
تاۋۇزنى ھەممەيلەن، قۇشنا - قۇلۇم جىمەيلەن بىللە تۇرۇپ يەپتۇ، يەپ بولۇپ جامائەت خۇشال بولۇپ، مۇنداق دەپتۇ:
_ مانا بۇ ئىش ئەسلىدە،
ياخشىلىقتىن بولغان ئىش،
بارىكاللا، قۇتلۇقجان.
قۇتلۇق بولسۇن قۇتلۇق ئىش!
قۇتلۇقنىڭ خوشلۇقىدىن، ئاغزىنىڭ بوشلۇقىدىن، بۇ ئىشنى ئەتىسى باينىڭ باقى دېگەن بالىسى بايقاپ بېلىۋاپتۇ، ئالتۇن - كۆمۈشنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، ئارقىسىغا كىرىۋاپتۇ. بىراق ھېچنېمە قىلالماپتۇ، شۇنداقتىمۇ ئاچكۆز باقى قۇتلۇقنى كۆرەلمەپتۇ، تىت - تىت بولۇپ دائىما خاتىرجەم يۈرەلمەپتۇ، كۆرگەن يەردە «ئەقىللىق دېگەن سەنمۇ؟ سەن قىلغان ئىشنى مەنمۇ قىلالمايمەنمۇ!» دەپ قۇتلۇقنى سۆكۈپتۇ. ئەڭ ئاخىر كۆڭلىگە بىر ئىشنى پۈكۈپتۇ.
ئەتىياز بولغاندا، قارلىغاچ بالىسى چىققاندا، باقى چىقىپ تورۇسقا بىرىنى ئۇغرىلاپتۇ، پۇتىنى قەستەن سۇندۇرۇپ ياغاچ بىلەن تېڭىپ قويۇپتۇ، ئۇۋىسىغا سېلىپ قويۇپ ئىشنى توغرىلاپتۇ.
بىر ئاز ئۆتمەي، ئۇۋىسىغا كېلىپلا بولغان ئىشنى تۇيۇپتۇ:
_ ۋىچىر - ۋىچىر، ۋىچىر - ۋىچ،
بالىلىرىم نېمە ئىش؟
باينىڭ ئوغلى سىلەرنى
قويماپتۇ - دە، ئاخىر تىنچ! - دەپ سوئال قويۇپتۇ. ئاڭغىچىلىك بالىلىرى دەرد تۆكۈپتۇ، بولغان ئىشنى دەپ بېرىپتۇ. ئاندىن كېيىن ئانا قارلىغاچ:
_ ۋىچىر - ۋىچىر ،ۋىچىر - ۋىچ،
سىلەردە يوق گۇناھ ھېچ،
يامانلىققا - يامانلىق،
ئۇنتۇماڭلار بۇنى ھې. . . چ، - دەپ بالىلىرىنى قوچۇپتۇ. پۇتى سۇنغان بالىسىنى بەزلەپ، دان ئۈچۈن ئېتىزغا يەنە ئۇچۇپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپ كۈن كەپتۇ، ھەپتە ئۆتۈپ ئاي كەپتۇ. بالا قارلىغاچ ئوڭشىلىپ، قاتارغا ئاران قوشۇلۇپ، كۈز كەلگۈچە تۈلەپتۇ، ئاقساپ يۈرۈپ كەچكۈزدە ئىسسىق جايغا جۈنەپتۇ.
ئاڭغىچلىك قىش كەپتۇ. باقى ئالتۇن كويىدا قىشنى ئاران چىقىرىپتۇ. ئەتىيازلىقى ھەركۈنى قارلىغاچ ئۇۋىسىغا قاراپتۇ، ئوغىرى مۈشۈكتەك ماراپتۇ. بىر چاغلاردا قارلىغاچلارا كەلگىلى باشلاپتۇ، بىرى كېلىپ باقىغا بىر نېمە تاشلاپتۇ. باقى دەررۇ ئېلىپ قارىسا، كۆزىگە سۇۋاپ يالىسا، تاۋۇزنىڭ بىرتال ئۇرۇقى! باقى خۇشاللىقىدىن پىرقىراپ، ئېتىزلىققا بېرىپ، يەرنى بىر ئاز تاتىلاپ، ئۇرۇقنى كۆمۈپ قويۇپتۇ. ئۇرۇق ئۈنۈپ چىققۇچە، تاۋۇز چۈشۈپ پىشقۇچە، جاندىن نەچچە تۇيۇپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، بىركۈنى باقى قارىسا، پىلەككە يوغان بىر تاۋۇز چۈشۈپتۇ، ئۇزاق ئۆتمەي پىشىپتۇ. باقى تاۋۇزنى ئۈزۈپ، ئۆزى يالغۇز پىچىپتۇ. پىچىشىغىلا تاۋۇزنىڭ ئىچىدىكى ئۇرۇقلار ھەرە بولۇپ غۇژۇلداپ، راسا قوغلاپ چېقىپتۇ. باقى: «ئاللا، ۋاي جان!» دەپ ئوقرۇق تەككەن موزايدەك، مەلىگە قاراپ قېچىپتۇ. يىغلاپ - قاقشاپ ۋارقىراپ يۇرتىنى بېشىغا كىيىپتۇ.
تەرەپ - تەرەپ، تۇشمۇ تۇشتىن خالايىقلار ئولىشىپ:
_ نېمە سىر بۇ، توختاڭلا! . . .
ئاجراتماڭلار، تىنچ! - دەپتۇ.
ھەممە قاراپ باقىغا:
_ ساڭا لايىق ئىش، - دەپتۇ.
قارلىغاچلارمۇ ئولىشىپ:
_ ۋىچىر - ۋىچىر، ۋىچىر - ۋېچ،
ساڭا لايىق شۇنداق ئىش
يامانلىققا - يامانلىق،
جايىدا كەلسە ئوبدان ئى. . . ش! - دەپ توۋلىشىپتۇ.
ئۇششاق بالىلارمۇ:
_ نەپسى يامان باقى باي،
ئەمدى قالدىڭ چاتاققا.
ئەقلىڭ بولسا ۋارقىرىماي،
كىرىۋالغان پاتقاققا! . . . دەپ زاڭلىق قىلىشقا باشلاپتۇ.
شۇ چاغدا باقىنىڭ « ھەرە چاققان يەلەرگە لاي سۇۋۇسا ساقىيىمىش» دېگەن سۆزلەر ئېسىگە كېلىپ، پاتقاققا ئۆزىنى بېشىچىلا تاشلاپتۇ