UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئۆتنىگە لاپقۇت

ئۆتنىگە لاپقۇت

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا ھەسەن ئىسىملىك بىر بوۋاي يۈز - كۆزلىرى قانغا بويالغان ھالدا: >بالا باققاننىڭ سازايىسى، بالا باقتىم دەپ بالا - قازانى باققانىكەنمەن، ئاغزى - بۇرنۇمنى قان قىلدى، بۇنداق بولۇشىنى بىلگەن بولسام زاكىسىدا بۇغۇپ قويار ئىكەنمەن< دەپ ۋارقىراپ - جارقىراپ كوچىنى بېشىغا كىيىپتۇ. شۇ ئەسنادا باشقا يەردىن كەلگەن بىر كىشى بۇ كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بوۋايغا ئىچ ئاغرىتىپ تەسەللى بېرەي دەپ قارىسا ھەسەن بوۋاينىڭ مەھەللىسىدىكىلەر ھېچ ئىش كۆرمىگەندەك ئۆزى ئىشنى قىلىۋاتقۇدەك. ئۇ كىشى ئاشۇ مەھەللىلىك بىرىدىن سوراپتۇ. - بۇ بوۋاي قانداق ئادەم، سىلەر نېمىشقا تەسەللى بەرمەيسىلەر؟ - تەسەللى بېرىپ زېرىكتۇق، - دەپتۇ ھەسەن بوۋاي بىلەن بىر مەھەللىك كىشى، - ھەسەن بوۋايمۇ ياش ۋاقتىدا دادىسىنى ھەر كۈنى ئاشۇنداق قاقشىتاتتى، ئەمدى بۇنى بالىسى قاقشىتىۋاتىدۇ. >ئۆتنىگە لاپقۇت< دېگەن شۇ! - دەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق