UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقزۇلخۇمار

زۇلخۇمار

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى پادىشاھنىڭ بېغىدا ئىشلەپ ئۆتكۈزگەن بىر بوۋاي، موماي بولغان ئىكەن. بوۋاي ئۇلاق ئۇلاشتا، موماي گۈل ئۆستۈرۈشتە تەڭدىشى يوق ماھىرلاردىن ئىكەن. ئىككى ماھىرنىڭ شۇنداق قېتىقىنىپ، ئۇزاق مۇددەت ئەجىر قىلىشى بىلەن پادىشاھنىڭ بېغى شۇنداق كارامەت بىر باغقا ئايلىنىپتۇكى، بۇ باغدا دۇنيادا بار بولغان پۈتكۈل گۈل ۋە مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن، دۇنيادا تېخى مەۋجۇت بولمىغان گۈل ۋە مېۋىلەرمۇ ناھايىتى كۆپ ئىكەن. پادىشاھ ئۆز بېغىنى قول ئاستىدىكى پۈتكۈل قامائەتچىلىككە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى بەرگەن ئالتۇن تەختىدىنمۇ ئەتىۋا بىلىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەنە شۇ باغقا ئىككى قۇزغۇن ئۇچۇپ كەپتۇ - دە، ئاغزىدىن ئوت - يالقۇن چىقىرىپ، سەت قاقىلداپ، بۇ باغنى كېچە - كۈندۈز ئاۋات قىلىپ تۇرىدىغان نەغمىچى قۇشلارنىڭ ھەممىسنى سۈرۈپ - توقاي قىلىۋېتىپتۇ. غەزەپلەنگەن بوۋاي، موماي ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇ ئىككى مەخلۇقنى باغدىن چىقىرىۋېتەلمەپتۇ. ئاخىرى ئەھۋالىنى پادىشاھقا مەلۇم قىپتۇ. پادىشاھ دەرغەزەپكە كېلىپ باغقا چىقىپتۇ، بىراق بۇ ئىككى مەخلۇق دەرھال چىرايلىق بىر جۈپ شاتۇتقا ئايلىنىپ، پادىشاھقا ئېگىلىپ تۇرۇپ: - خوش كەپتىلا! - دەپ خۇشال سايراۋېرىپتۇ. بوۋاي - موماي ھەيران قاپتۇ. بۇنىڭ ئادەتتىكى قۇزغۇن بولماي، بەلكى قانداقتۇر بىر ۋەھىمىلىك مەخلۇقلاردىن ئىكەنلىكىنى سېزىپتۇ. پادىشاھقا بۇلارنىڭ ئاجايىپ بىر بالايى - ئاپەتنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. پادىشاھ بوۋاي بىلەن موماينى تىللاپ: - ئەقىلسىز دۆتلەر، شاھ بېغىغا بەخت قۇشىنىڭ ئۇچۇپ كەلگەنلىكىنى بىلىشمەيسەن، ئەسلى بۇ باغ مۇشۇنداق ئەقىللىق جانىۋارلارنىڭ ماكانى بولۇشقا تېگىشلىك، - دەپ بۇ ئىككى مەخلۇقنى ئەركىلىتىشكە باشلاپتۇ، شاتۇتى قىياپىتىگە كىرىۋالغان قۇزغۇنلار قاناتلىرىنى قېقىشىپ: - دۆلەتلىرى زىيادە بولسۇن شاھىم! - دېيىشىپتۇ. بوۋاي بىلەن موماي پادىشاھنىڭ بۇ مەخلۇقلارغا ئالدىنىپ قالماسلىقىنى قايتا - قايتا تەۋسىيە قىپتۇ. بۇ مەخلۇقلارنىڭ ھىيلىسى بىلەن ئەقلى بولغانغان پادىشاھ بوۋاي - موماينى باغدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ. ئۇلار يول يۈرۈپ، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق ئازابىدىن ماغدۇرى كېتىپ، يىقىلاي دەپ قالغاندا تاغقا يانداش، تاملىرى ئېگىز چوڭ بىر باغقا يېتىپ بېرىپتۇ. ئۇلار ئۇيان ئايلىنىپ، بۇيان ئايلىنىپ، ئاخىرى باغقا كىرىدىغان بىر سۇڭگۇچنى تېپىپ ئاپتۇ - دە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۇڭگۇچتىن باغ ئىچىگە كىرىپتۇ. بۇ باغ كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك گۈزەل ئىكەن، گۈزەللىكتە پادىشاھنىڭ بېغىدىنمۇ قېلىشمايدىكەن. شۇ ئەسنادا ھاۋادىن بىر قانچە پەرى پەرۋاز قىلىشقانچە باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەرمەر قىرغاقلىق كۆل يېنىغا كېلىپ قونۇشۇپتۇ. بوۋاي بىلەن موماي نېمە قىشلىنى بىلمەي، گۈللۈك ئارىسىغا يوشۇرۇنۇپتۇ. بىراق كۆل بويىغا چۈشكەن پەرىلەر بىردىن ئالاقزادە بولۇپ، بىر - بىرىگە قارىشىپتۇ - دە، «ئادەم ئىسى كېلىۋاتىدۇ، ئاختۇرايلى» دېيىشىپ، تەرەپ - تەرەپكە بۆلۈنۈپ، ۋاقىتسىز پەيدا بولغان كىشىلەرنى ئىزلەشكە كىرىشىپتۇ. ئاق كۆڭۈل بوۋاي بىلەن موماي ئۇلارنى ئىزدىتىپ ئاۋارە قىلغاندىن كۆرە، «نېمە كۆرسەكمۇ، كۆرمەيمىزمۇ» دېيىشىپ، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپتۇ - دە، پەرىلەرگە قاراپ: - قىزلىرىم، ئەيىبكە بۇيرۇماڭلار، بىز بۇ يەرگە تېنەپ كىرىپ قاپتىمىز، - دەپ خىجالەتچىلىك بىلەن ئۇلارغا تازىم قىپتۇ. پەرىلەر بوۋاي بىلەن مومايدىن ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە قانداق قىلىپ كىرىپ قالغانلىقىنى سوراپتۇ. بوۋاي - موماي ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ، بىر جۈپ قۇزغۇننىڭ ۋەھىمىسى ۋە پادىشاھنىڭ ھاماقەتلىكىدىن شىكايەت قىپتۇ. ئەسلىدە ئاشۇ ئىككى قۇزغۇن پەرىلەرنىڭ ئەسلى ماكانىغا يانداش بىر گىياھسىز تاغ ئارىسىدا ياشايدىغان ئەر - ئايال جادۇگەرلەر بولۇپ، ھاياتلىقتىكى ەۈزەللىك، ئەركىنلىكنىڭ كۈشەندىسى ئىكەن. ئەنە شۇ جادۇگەرلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈنلۈكتە پادىشاھنىڭ بېغىنى خاراب قىلىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى پەرىلەرنى ئىنتايىن غەزەپلەندۈرۈپتۇ. خاننىڭ ئەقلى ئۇلارنىڭ جادۇسىدىن سېھىرلىنىپ بولدى، - دەپتۇ پەرىلەر بوۋاي - مومايغا، - سىلەر بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىڭلار، كېيىنچە بىر گەپ بولۇپ قالار. - بىز قېرىپ قالدۇق، - دەپتۇ بوۋاي - موماي مەيۈسلىنىپ، - كېيىننى بىز كۆرەلەرمىزمۇ؟ پەرىلەرنىڭ بۇ ئىككى بىچارىگە ھېسداشلىقى ئېشىپ، بىر - بىرى بىلەن پىچىرلىشىپتۇ - دە، ئىچىدە بىر نىمىلەرنى ئوقۇپ، كۆل سۈيىنى ئوچۇملاپ بۇ ئىككىسىگە چېچىپتۇ. بوۋاي - موماي ئەندىكىپ، كۆزلىرىنى بىرلا يۇمۇپ ئېچىش بىلەن ئون سەككىز ياشتىكى قىز - يىگىتكە ئايلىنىپ قاپتۇ ۋە ھەيران بولۇشۇپ: - بۇ بىزنىڭ ئوڭىمىزمۇ، چۈشىمىزمۇ؟ - دېيىشىپتۇ. - بۇ سىلەرنىڭ ئوڭۇڭلار، - دەپتۇ پەرىلەر خۇشال كۈلۈشۈپ، - ئەمدى بۇ باغ سىلەرنىڭ بولىدۇ، بىز ھەر پەيشەنبە كۈنى سۇغا چۈمۈلۈپ ئويناپ كېتىمىز. پەرىلەر شۇنداق دېيىشىپ، ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپتۇ - دە، پەرۋاز قىلىپ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. پەرىلەر دېگىنىدەك ھەر پەيشەنبە كېلىپ، باغدا تاماشا قىلىپ كېتىپ يۈرۈپتۇ. شۇ ھالدا ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ، ئايال ھامىلدار بولۇپ بىر قىز تۇغۇپتۇ، ئۇنىڭغا زۇلخۇمار، دەپ ئات قويۇپتۇ. پەرىلەر كېلىپ زۇلخۇمارنى، قولىغا ئېلىپ ئەركىلىتىپ سۆيۈشۈپتۇ - دە، ھەممىسى ئۆز تىلەكلىرىنى بايان قىپتۇ: - كۈلسە ئاغزىدىن گۈللەر ئېچىلسۇن! - ماڭسا تاپىنىدىن تىللا تۈكۈلسۇن. - يىغلىسا كۆزىدىن ئۈنچە چېچىلسۇن. - نىگاھى ئالدىدا قۇزغۇن تىترىسۇن. ھەپتىلەر، ئايلار ئۆتۈپ زۇلخۇمار پەرىلەرنىڭ تىلىگىنىدەك بوپتۇ. زۇلخۇمار ئون بەش ياشقا كىرىپتۇ، پەرى ھەدىلىرىنىڭ ئەركىلىتىشى بىلەن ئۆسكەن بۇ قىز خۇددى پەرى ھەدىلىرىدەك گۈزەل ۋە نازاكەتلىك قىز بوپتۇ. شۇ يىلى بۇ باغنى ھېلىقى ئىككى قۇزغۇننىڭ ئايلىنىپ يۈرگەنلىكى مەلۇم بوپتۇ. بۇنى پەيشەنبىلىك تاماشىغا كەلگەن پەرىلەر ئەر - ئايالغا مەلۇم قىلىپ، زۇلخۇمارنىڭ سەزگۈر بولۇپ تۇرۇشىنى تاپىلاپتۇ. بىر كۈنى دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ قەپەزگە سولانغان چىرايلىق بىر قۇشنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، دەرھال ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، قەپەزنى قولىغا ئېلىۋاپتۇ، قەپەزدىكى قۇش زۇلخۇمارنى كۆرۈپ، ئۆزىنى قەپەزنىڭ تاملىرىغا ئۇرۇپ، قېچىپ كېتىشكە ھەرىكەت قىپتۇ. زۇلخۇمار ئاتا - ئانىسىغا قاراپ ھەيران بولغان ھالدا: - بۇنى قەيەردىن ئالدىڭلار؟ - دەپتۇ. - ھېلىلا گۈللەر ئارىسىدا سايراپ، ئويناپ يۈرگەن ئىكەن كۆزىمىزگە چىرايلىق كۆرۈنۈپ، تۇتۇپ ئالدۇق، - دېيىشىپتۇ. زۇلخۇمار: - سىلەر گۈللەتكەن پادىشاھنىڭ بېغىنى غازاڭ قىلغان قۇزغۇننىڭ بىرى مۇشۇ، - دەپتۇ زۇللخۇمار ۋە يەرنى كولاپ، قەپەز بىلەن بىللە كۆمۈپ تاشلاشنى بۇيرۇپتۇ. قۇزغۇن شۇئان تىلغا كىرىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرمەسلىكنى تىلەپ، زۇلخۇمارغا قاتتىق يالۋۇرۇپتۇ. لېكىن قانچە يالۋۇرسىمۇ، زۇلخۇمار قىلچە رەھىم قىلماي ئۇنى كۆمدۈرۈپ تاشلاپتۇ. قۇزغۇن كۈمۈلۈپ 5 - كۈنى قۇزغۇن كۈمۈلگەن جايدىن بىر تۈپ ئازغان ئۈنۈپ چىقىپتۇ. ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ باغقا يەنە بىر قۇزغۇن ئۇچۇپ كېلىپ ئەنە شۇ ئازغانغا قونۇۋېلىپ قاقىلدايدىكەن، ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنداق دەھشەتلىك چىقىدىكەن. بىراق زۇلخۇمارنى كۆرۈشى بىلەن قۇزغۇن ئاسمانغا پەرۋاز قىلىپ كېتىپ قالىدىكەن. بۇ ھال ئۇزۇن داۋاملىشىپتۇ. بىر كۈنى چۈشتە زۇلخۇمار ئۆز ھۇجرىسىدا قاتتىق ئۇخلاپ ياتقان ئىكەن، قۇزغۇن يەنە كەپتۇ. بىراق، ئۇ بۇ نۆۋەت قاقىلدىماي، ئازغانغىمۇ قونماي، توپ - توغرا زۇلخۇمارنىڭ ھوجرىسىغا ئۇچۇپ كىرىپتۇ - دە، ئۇيقۇدا ياتقان زۇلخۇمارنىڭ كۆزلىرىنى تېزلىك بىلەن چوقۇپ ئويۇپ تاشلاپتۇ، ئاندىن زۇلخۇمارنى چاڭگاللىغانچە كۆككە ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئاتا - ئانا نېمە قىلارىنى بىلمەي دات - پەريات قىلغىنىچە ئۆزلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ يىغلاپتۇ. قۇزغۇن شۇ كۆتۈرۈلگىنىچە كۆك قەھرىگە چىقىپتۇ - دە، زۇلخۇمارغا: - سەن مېنىڭ ئايالىمنى قەتلى قىلدىڭ، مەن سېنىڭ بىزنى قورقىتىدىغان كۆزلىرىڭنى ئويۇپ تاشلىدىم، مېنىڭ سەندىن ئالىدىغان ئىنتىقامىم بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدۇ، سەن مېنىڭ ئايالىمنى قانداق ئۇسۇلدا ئۆلتۈرگەن بولساڭ، مەنمۇ سېنى شۇنداق ئۆلتۈرىمەن، - دەپتۇ - دە، پەسكە شۇڭغۇپ، ئادىمىزاتسىز بىر چۆلگە چۈشۈپتۇ. چۆلدە قاچانلاردۇر كولىنىپ قالغان تاشلاندۇق قۇدۇق بار ئىكەن، قۇزغۇن زۇلخۇمارنى ئەنە شۇ قۇدۇققا تاشلاپتۇ. «ئەزرائىلنى مۇشۇ يەردە كۈت» دەپ قاقاقلاپ كۈلگىنىچە ئۇچۇپ كېتىپتۇ. زۇلخۇمار كونا قۇدۇقتا بېلىگىچە سۇغا پېتىپ، بىر كېچە - كۈندۈزنى ئۆتكۈزۈپتۇ.سوغۇق، ئاچلىق ۋە ئۇيقۇسىزلىقنىڭ دەردى ئۇنى ئاستا - ئاستا دەرمانسىزلاندۇرۇپتۇ. ئۇ بېشىغا كەلگەن بۇ كۈلپەتتىن پەرى ھەدىلىرىنىڭ خەۋەرسىز قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىپ ياش تۆكۈپ، ئۆز ئۆلۈمىنى كۈتۈپ يېتىشتىن باشقا ئامال قىلالماپتۇ. قارچۇقى ئويۇلغان بۇ كۆزلەر كۆرۈش سېزىمىدىن قالغاچقا، كۈننىڭ كېچە ياكى كۈندۈز ئىكەنلىكىنى سېزەلمەپتۇ. ئۇ سېپىلاپ قۇدۇقنىڭ زەيلەشكەن تاملىرىغا يۆلىنىپ، سىرتقا قۇلاق ساپتۇ. بۇ ئادەمسىز چۆلدىن ھەتتا ئۇچار قاناتلارنىڭمۇ ئاۋازى كەلمەپتۇ. قىز ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، ھايات تىزگىنىنى ئەجەل ئاتلىق قاباھەتكە تاپشۇرۇپ، بوشىشىپ كەتكەن پۇت - قولىنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىپتۇ. ئاستا - ئاستا سۇغا چۆكۈشكە باشلاپتۇ. قىز سۇغا چۆكۈپ كېتىپ بېرىپ، بىر نەرسىلەرنىڭ ماڭغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قاپتۇ. ئۇ سەگەكلىشىپ سىرتقا قۇلاق ساپتۇ. سىرتتىن كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى، كىمدۇ بىرسىنىڭ قۇدۇققا چۈشۈۋاتقان چىلىكىنىڭ داراڭلىغىنى ئاڭلىنىپتۇ. ھاياتلىق ئۈمىدى قايتا يالقۇنلىغان قىز كۈچىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ - دە، تىترەپ تۇرغان قوللىرىنى چىلەككە سۇنۇپ ئۇنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم يېپىشىپتۇ. ئەمدى قۇدۇققا چېلەك سالغان كىشىگە كېلەيلى. بۇ كىشى زۇلخۇمارنىڭ ئاتا - ئانىسى ياشىغان شەھەرنىڭ چۆلگە تۇتاش بىر چەت يېزىسىدا پادىچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرىدىغان بوۋاي ئىكەن. ئۇ كالىلىرىنى قۇدۇق بېشىغا توختىتىپ قويۇپ، شۇنداق تارتىشىغا، خۇددى چېلەك بىر نەرسىگە ئىلىنىپ قالغاندەك قىمىرلاپمۇ قويماپتۇ، بوۋاي ھەيران بولۇپ، قۇدۇق ئىچىگە قاراپتۇ، قۇدۇق چوڭقۇر بولغانلىقتىن ئۇنىڭ ئىچىنى كۆرەلمەپتۇ، بوۋاي يەنە كۈچىنىپ تارتىپتۇ - دە، قۇدۇق ئىچىدىن كىمدۇ بىرسىنىڭ ھالسىز ئىڭرىغىنىنى ئاڭلاپ، قاتتىق چۆچۈپ كېتىپتۇ. «بۇ نېمە كارامەت» دەپتۇ ئىچىدە ھەيران بولۇپ، ئاندىن قۇدۇققا قاراپ «ئادەممۇ سەن، جىنمۇ، ئۆزەڭنى مەلۇم قىل» دەپ توۋلاپتۇ. قۇدۇق ئىچىدىن «مەن ئادەم، مەندىن يانمىسا، خۇدادىن يانار، رەھىم قىلىپ قۇتقۇزۇۋالسىلا» دېگەن بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ، بوۋاي «ئەمىسە ئارغامچا بىلەن بېلىڭنى باغلا» دەپتۇ. زۇلخۇمار ئارغامچىنى بېلىگە باغلاپتۇ، ئاغرىقچان بوۋاي پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلىپ مىڭ تەسلىكتە زۇلخۇمارنى قۇدۇقتىن تارتىپ چىقىرىپتۇ، زۇلخۇمار سىرتقا چىقىپلا ھۇشىدىن كېتىپ يىقىلىپتۇ. بوۋاي قارىغۇدەك بولسا، ناھايىتى كېلىشكەن قىز، بىراق ئىككى كۆزى ئويۇلغان. بوۋاي تېخى ئون گۈلىنىڭ بىر گۈلى ئېچىلمىغان بۇ قىزنىڭ بېشىغا نېمە ئەلەم كەلگەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلمەي، ئۇنى بىر ئۆكۈزگە ئارتىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەپتۇ. ئاق كۆڭۈل بوۋاينىڭ مىجەزى ئۆزىگە ماس كەلمىگەن جاۋىلداق بىر خۇتۇنى بار ئىكەن. ئۇ بوۋاينىڭ بىر قارىغۇ كېسەلمەننى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ: - ئۆزىمىزنى باقالمايۋاتساق، «كۆتۈرەلمىسەڭ، ساڭگىلتىۋال» دېگەندەك، بۇ كېسەل كۆرپىسىنى نەدىن ئېلىپ كەلدىڭ؟ - دەپ جاۋىلداپلا كېتىپتۇ. زۇلخۇمار بوۋاينىڭ ياخشىلىقىدىن تەسىرلىنىپ يىغلاپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش بىلەن تەڭ ئۈنچىلەر تۆكۈلۈشكە باشلاپتۇ، بۇنى كۆرگەن موماي: - بۇ خېلى باينىڭ قىزى ئوخشىمامدۇ، بوينىغا ئاسقان ئۈنچىلىرى ئۈزۈلۈپ كەتتى بولغاي، - دەپ، يەرگە چېچىلغان ئۈنچىلەرنى يىغىشقا باشلاپتۇ. زۇلخۇمار بۇنى ئۇقۇپ: - ئانا، بۇنداق ئۈنچە مەندە كۆپ، قىسىلسىلا سېتىپ چاي - تۇز قىلسىلا - دەپ قۇدۇق ئىچىدە يىغلىغاندا يانچۇقلىرىغا تۈكۈلۈپ قالغان ئۈنچىلەرنىمۇ ئېلىپ بېرىپتۇ. موماي ھەممىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن ئېلىۋاپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ زۇلخۇمار خېلى ياخشى بولۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇياق - بۇياققا ماڭغان ئىكەن، تاپىنىدىن تىللا تۆكۈلۈشكە باشلاپتۇ. بۇنى كۆرگەن موماي، يۈگۈرۈپ كېلىپ تىللالارنى تېرىپ يانچۇقىغا ساپتۇ ۋە ئىچىدە: «بۇ راستىنلا باينىڭ قىزى ئىكەن، بەلكى بۇنىڭ كۆزىنى ئەنە شۇ تىللالارنى كۆزلىگەن بىرسى ئويغان بولسا كېرەك»، دەپ ئويلاپتۇ ۋە ئۇنىڭ بارلىق تىللا - ئۈنچىلىرىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن زۇلخۇمار ئۇخلاپ قالغاندا ئۇنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپتۇ. بىراق ھېچنىمە تاپالماپتۇ. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ۇنىڭ چۈشۈپ قالىدىغان تىللا - ئۈنچىلىرى كۆپىيىشكە باشلاپتۇ. موماي ئۇنى بوۋايدىن يوشۇرۇنچە يىغىپتۇ، بىر ساندۇقمۇ توشۇپتۇ. شۇ چاغدا موماينىڭ نىيىتى بىردىن بۇزۇلۇپتۇ، ئۇ: «مۇبادا بۇ قارىغۇنىڭ ئىگىسى چىقىپ قېلىپ، ئېلىپ كەتكۈدەك بولسا، بۇ تىللا - ئۈنچىلەرنىڭمۇ سورىقى بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا بۇ قارىغۇنى ۋاقتىدا جىمىقتۇرۇپ، ئىشنىڭ ئالدىنى ئالاي» دەپ ئويلاپ، بوۋاي پادىغا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنى يوقىتىۋەتمەكچى بوپتۇ. بىراق قايسى يول بىلەن يوقىتىۋېتىشنى ئويلاپ خېلىلا يېتەلمەي بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ، بۇ چاغدا زۇلخۇمار خېلىلا ئەسلىگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئېھتىياجلىق ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقالايدىغان بولۇپ قاپتۇ، ئۇ بىر كۈنى بوۋاي بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ كۈلۈمسىرىگەن ئىكەن، ئاغزىدىن تۈرلۈك - تۈمەن گۈل ئېچىلىپ بوۋاينى ھەيران قالدۇرۇپتۇ، زۇلخۇمار شۇئان قولىنى ئاغزىغا ئاپىرىپ بىر تۇتام گۈلنى سۇغۇرۇپ ئاپتۇ - دە، بوۋايغا بۇ گۈللەرنى ئېلىپ بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ كېلىشنى تاپىلاپتۇ، بوۋاي گۈللەرنى ئېلىپ بازارغا بېرىپتۇ. بۇ گۈللەر ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ. بوۋاي گۈلنى سېتىپ بولۇپلا، ئازراق ئوزۇق - تۈلۈك ئېلىپ، قالغىنىغا زۇلخۇمارغا دورا ئېلىپ توپ - توغرا ئۆيگە يېنىپ كەلگەن ئىكەن، ئۇ ئۆيىگە كىرىپلا ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەي قاپتۇ: ئۇنىڭ ھويلىسى تامامەن گۈل - چېچەككە تولغان، بىر قانچە پەرى زۇلخۇمارنى ئورىۋېلىپ ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناۋاتقان، زۇلخۇمارمۇ ئاغزىدىن دەستە - دەستە گۈللەرنى ئېچىلدۇرۇپ قاقاقلاپ كۈلۈۋاتقان، ئۇنىڭ كۆزىمۇ ئەسلىگە كېلىپ، چولپاندەك نۇ چېچىپ تۇرغان، ئۆزىنىڭ مومىيى بولسا، بىر قولىدا پىچاق تۇتقىنىچە بىر بۇلۇڭدا تاشقا ئايلىنىپ، قېتىپلا قالغان ئىكەن. بوۋاي ئەھۋالنىڭ تەكتىگە يېتەلمەي، «بۇ ئوڭۇممۇ، چۈشۈممۇ» دەپ تۇرۇشىغا زۇلخۇمار يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ، دوستلىرىغا تونۇشتۇرۇپ: - مېنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئاتام مانا مۇشۇ! - دەپتىكەن، قىزلارمۇ كېلىپ بوۋايغا ئىللىق سالام قىلىپ رەھمەت ئېيتىپتۇ ۋە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ: - سىڭلىمىزنى قۇزغۇن ئېلىپ قاچقاندىن بۇيان ئۇنى ھەركۈنى ئىزلەپ، بارمىغان يېرىمىز قالمىدى، بۈگۈن يەنە مۇشۇ ئەتراپنى ئىزلەپ ھاۋانى كېزىپ يۈرگىنىمىزدە سىلى گۈل كۆتۈرۈپ، مۇشۇ ھويلىدىن چىقىپ قالدىلا، بۇ گۈللەر پەقەت بىزنىڭ سىڭلىمىزنىڭ ئاغزىدىلا ئېچىلىدىغان بولغاچقا، سىلى ئۇزاپ كېتىشلىرى بىلەنلا بۇ ھويلىغا ئۇچۇپ چۈشتۇق، ئەپسۇسكى، مومايلىرى سىڭلىمىزنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلەپ، ئۇنىڭغا پىچاق ئۇرماقچى بولۇپ تۇرۇپتىكەن، بىز ئۇنى دەرھال تاشقا ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، سىڭلىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالدۇق، سىلىگە رەھمەت، لېكىن ئاياللىرىنى كەچۈرەلمەيمىز، - دېيىشىپتۇ. بوۋاي ئايالىنىڭ نېمە ئۈچۈن قاتىللىق قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. پەرىلەر موماينى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىپتۇ. موماي قار - يامغۇر يىغلاپ، ئۆمىلەپ قوپۇپ، ئۈنچە - تىللا تولدۇرۇلغان ساندۇقنى ئېلىپ چىقىپتۇ ۋە: - ئەسلى مەن مۇشۇلارنى ئۆزەمنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن پيلىمنى بۇزغان ئىكەنمەن، بۇنى قايتۇرۇپ بېرەي، بىر قۇشۇق قېنىمدىن كېچىڭلار، - دەپ يالۋۇرۇپ قىزلارنىڭ ئايىقىغا يىقىلىپتۇ. دەل شۇ چاغدا بوۋاينى ئىزلەپ يۈرگەن شاھ لەشكەرلىرى كىرىپ كەپتۇ ۋە شاھنىڭ پەرمانىنى يەتكۈزۈپتۇ. قىزلار: - سىلەر مېڭىۋېرىڭلار، بىز ھازىر بارىمىز، - دېيىشىپ، زۇلخۇمارنى كۆتۈرۈپ كۆككە پەرۋاز قىلىپ، ئاۋۋال زۇلخۇمارنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ يېنىغا، ئاندىن شاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ، زۇلخۇمارنىڭ كىرگىنىنى كۆرگەن قۇزغۇن قەپەزدە تىپىرلاپ، كۆزلىرىدىن قان - ياش تۆكۈپ، يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ. زۇلخۇمار ئۆزى ۋە ئاتا - ئانىسىنىڭ ئاشۇ قۇزغۇنغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كەچمىشىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ، قۇزغۇننى يەرگە كۆمۈپ تاشلاشنى بۇيرۇپتۇ. شاھ قۇزغۇننى دەرھال كۆمدۈرۈپ تاشلاپتۇ - دە، زۇلخۇمارنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئۆز تەختىنى بوشىتىپ بېرىپتۇ، زۇلخۇمارنىڭ دادىسى زۇلخۇمارنى قۇتقۇزۇپ قالغان بوۋاينى ۋەزىرلىككە تەيىنلەپ، تەختتە ئولتۇرۇپتۇ، شۇندىن بۇيان باغلار، گۈلىستانلار گۈللەپ - ياشناپتۇ. ئەل پاراۋان بوپتۇ. زۇلخۇمار پەرى ھەدىلىرى بىلەن بىللە خۇشال - خۇرام ئويناپ، تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ ئۆسۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق