UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقدېھقان ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى

دېھقان ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زامانلاردا بىر دېھقان بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئىنتايىن ھورۇن ۋە بېشەم بىر خوتۇنى بار ئىكەن. بۇ خوتۇن دائىم يېتىپ ئۇخلاش بىلەنلا بولىدىكەن. ھېچ ئىش بىلەن كارى يوق ئىكەن. دېھقان ئاق كۆڭۈل، ساددا ئادەم بولۇپ، مەدىكار ئىشلەپ، تاپقىنىنى خوتۇنىغا ئەكىلىپ بېرىدىكەن. خوتۇن بولسا ئېرى تېپىپ بەرگەن نەرسىلەرنى بۇزۇپ - چېچىپ تۈگەتكەننىڭ سىرتىدا، ئېرىنىڭ ئۆيدە يوق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئوغرىلىقچە تاماق ئېتىپ يەپ، ئېرىگە بىر قاچا ئدشمۇ قويمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېرىنى ھەر كۈنى «ماڭا تۈزۈك كىيىم - كېچەك ئېتىپ بەرمىدىڭ» دەپ تىللايدىكەن. گاھىدا ئېرىنى كاچاتلاپمۇ كېتىدىكەن. ئۆي ئىچى ۋە تېشىنى ئاي، يىللار ئۆتۈپ كەتسىمۇ سۈپۈرۈشنى ياقتۇرمايدىكەن. ئۆينىڭ ياماق ئىشلىرى، ئۆزىنىڭ ۋە ئېرىنىڭ كىر - قاتلىرى يۇيۇلمايدىكەن. دېھقان خوتۇنىغا كۆپ قېتىم تەربىيە نەسىھەت قىلىپتۇ. لېكىن خوتۇن تۈزەلمەپتۇ. ئەكسىچە تېخىمۇ بېشەملىشىپ، ئېرىگە كۆپ قېتىم ئېسىلىپ، جېدەل چىقىرىپتۇ. دېھقان بۇ ئەھۋالدىن غەزەپلىنىپ، كۈنلۈكى خوتۇنىنى ئۇرىدىغان، تىللايدىغان بولغاننىڭ سىرتىدا، ئۆيدىن قوغلاپ چىقارماقچى بولۇپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن خوتۇن ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى چۈشىنىپ، بىر دانىشمەن كىشىنى تېپىپ، ئۇ كىشىگە مەسلىھەت سېلىپ كۆرۈشنى ئويلاپتۇ - دە، بىر دانىشمەن بوۋاينى تېپىپتۇ. ئۇ دانىشمەن بوۋايغا مۇنداق ئىلتىجا قىلىپتۇ: - مېنىڭ ئېرىم بىرىگە كۆيۈپ قالدىمۇ قانداق، داۋاملىق مېنى ئۇرىدىغان، تىللايدىغان بولۇپ قالدى. ھەتتا «قوپ ئۆيدىن چىق»، «خېتىڭنى ئال»، «ئۈچ تالاق قىلىمەن» دەپ تۇرۇۋالدى. ئاجرىشىپ كېتەي دېسەم ئېرىمگە چىدىمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بۇ يۇرتلۇق ئەمەس، ئۇرۇق - تۇققانلىرىممۇ يوق، ئۆي تۇتاي دېسەم ھېچ ئامال قىلالماي قالدىم، سىز ئاشۇ ئېرىمنى ئۆزۈمگە ئامراق قىلىپ بەرسىڭىز مېنى بۇ تاياق - توقماقتىن خالى قىلىپ قويسىڭىز! دانىشمەن بوۋاي ئۇنىڭغا: - بۇ ئاسان ئىش، سىز خاتىرجەم بولۇپ ئەتە كېلىڭ، - دەپتۇ. بۇ ئايال ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ ۋە ئەتىسى يەنە دانىشمەن بوۋاينى تېپىپتۇ. بوۋاي بىلەن سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن، دانىشمەن بوۋاي يانچۇقىدىن ئۆرۈك ئۈچكىسىدەك بىر تاشنى ئېلىپ ئايالغا بېرىپتۇ ۋە سىز بۇ تاشنى ئاغزىڭىزغا داۋاملىق سېلىپ يۈرۈڭ، تاماق يېگەندىن باشقا چاغلاردا ئاغزىڭىزدا بولسۇن. بۇ تاش ئاغزىڭىزدىن چۈشۈپ كەتسە چاتاق بولىدۇ. باشقا كىشىلەر گەپ سوراپ قالسىمۇ جاۋاب بەرمەڭ. ئۆي ئىچىدە ئىش قىلىپ قولىڭىز تىنمىسۇن. بىردەممۇ بىكار تۇرماڭ. بۇ تاش ئاغزىڭىزدا بولسىلا ئېرىڭىز سىزنى پەقەت ئۇرمايدۇ، - دەپتۇ. ئايال بەكمۇ خۇشال بوپتۇ. ئۇ شۇ ھامانلا تاشنى ئاغزىغا سېلىۋاپتۇ - دە، ئۆيىگە كېتىپتۇ. دېگەندەك تاماق يېگەندىن باشقا چاغدا ئاغزىدىن چىقارماپتۇ. ھەممە ئىشتا دانىشمەن بوۋاينىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلىپتۇ. شۇندىن بۇيان ئۆي ئىچىدە جېدەل تۈگەپتۇ. خوتۇنىمۇ ئېرىنىڭ دېگىنىنى قىپتۇ، «قىلما» دېگىنىنى قىلماپتۇ. ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بۇلار ئاۋۋالقىدىنمۇ ياخشىراق تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ. خوتۇن ئاۋۋالقى ھورۇنلىقىنى، بېشەملىكىنى تاشلاپتۇ. ئەسلىدە دانىشمەن كىشى تاشقا دۇئا ئوقۇمىغان، خوتۇنىنىڭ تولا گەپ قىلىشىنى تۈگىتىپ، ئىشقا كىرىشىپ كېتىشى ئۈچۈن شۇنداق ئامال قىلغانىكەن. «ئېغىرلىق راھمانلىق، يېنىكلىك شەيتانلىق»، «تاشنىڭ ئېغىزى سايدا قالار، خوتۇن ئېغىزى ئۆيدە قالار» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزلەر مانا شۇنىڭدىن قالغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق