UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقزىرەك يىگىت ۋە زالىم پادىشاھ

زىرەك يىگىت ۋە زالىم پادىشاھ

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر زالىم پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق، بويىغا يەتكەن بىرلا قىزى بار ئىكەن. بۇ قىزنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان نۇرغۇنلىغان شاھزادە ھەم بەگزادىلەر پادىشاغا كۈيئوغۇل بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىپتۇ. ئۇنىڭ ھوزۇرىغا كەينى - كەينىدىن ئەلچىلەر ئەۋەتىشىپتۇ. لېكىن، پادىشاھ كۈيئوغلىنىڭ تەخت ۋارىسى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ھېچكىمنى كۈيئوغۇللۇققا مەقبۇل كۆرمەپتۇ. ئەلچىلەر كېلىۋېرىپ پادىشاھنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋېرىپتۇ. پادىشاھ ئەلچىلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ بىر ھىلە ئويلاپ تېپىپتۇ. ئۇ: «كىمكى ماڭ كۈيئوغۇل بولماقچى بولىدىكەن يەتتە يالغان سۆز قىلىپ مېنى قايىل قىلىشى كېرەك. قايىل قىلالىسا ئۇنىڭغا قىزىمنى بېرىمەن. ئەگەر ئېيتقانلىرىنىڭ بىرسى راست بولۇپ قالسا، كالىسىنى ئالىمەن» دەپ جاكارلاپتۇ. قىزنىڭ پىراقىدا ئاھ چېكىپ يۈرگەن نۇرغۇنلىغان شاھزادە، بەگزادىلەر شاھنىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا قىل سىغمايدىغان گەپلەرنى ئېيتىپتۇ. ئەمما زالىم پادىشاھ يالغاننى قەستەن راستقا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپتۇ. ھەتتا: «مەن تۇغۇلمىغان ۋاقتىمدا، ئانامنىڭ بۆشۈكىنى تەۋرەتكەن» دەپ سۆز باشلىغۇچىلارغىمۇ «بۇ قانداق يالغان بولسۇن، ئاناڭ ئانىسىنىڭ قوسىغىدىكى ۋاقتىدا، سەن ئاناڭنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن تۇرساڭ ئاناڭ تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئاناڭنىڭ پېشانىسىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ بۆشۈگىنى تەۋرەتكەن بولۇشۇڭ مۇمكىن!» دەپ ئۇلارنىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ. بۇ ئەھۋال مەلىكىگە ئۆيلەنمەكچى بولغانلارنىڭ شىرىن خىياللىرىنى ئاسمانغا توزۇتۇۋېتىپتۇ. بۇ شەھەرگە يېقىن بىر يېزىدا، ئىنتايىن ئەقىللىق ھەم زىرەك بىر دېھقان يىگىت بار ئىكەن. ئەل - جامائەت قىيىن ئىشلارغا دۈچكەلسە، بۇ يىگىتتىن مەسلىھەت ئېلىپ ئىش قىلىدىكەن. مەلىكىگە ئۆيلەنمەكچى بولۇپ كاللىسى ئېلىنغان شاھزادىلەرنىڭ پاجىئەسى بۇ يىگىتنىڭ قۇلىغىغا يېتىپتۇ. يىگىت پادىشاھنىڭ ھېلىسىدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، پادىشاھنىڭ ئۆز ھىلىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەدىبىنى بېرىش قارارىغا كەپتۇ - دە، شەھەرگە قاراپ مېڭىپتۇ. يىگىت ئوردىنىڭ ئالدىغا كېلىپ خەۋەرچىلەرگە: - مەن يەتتە يالغان سۆز ئېتىپ، پادىشاھغا كۈيئوغۇل بولغىلى كەلدىم. پادىشاھغا خەۋەر قىپتۇ. - ئەجىلى توشقاندىن يەنە بىرى كەلگەن ئوخشايدۇ. چاقىرىڭلار! - دەپ بۇيرۇق بېرىپتۇ پادىشاھ. خەۋەرچىلەر يىگىتنى ئوردىغا باشلاپ كىرىپتۇ. يىگىت ئوردىغا كىرىپ پادىشاھغا تازىم قىلغاندىن كېيىن: - مەن شاھىمىزنىڭ مۇقەددەس شەرتلىرىنى ئورۇنلىغىلى كەلدىم. مەندەك بىر كەمبەغەلنى پەس كۆرمەي قوبۇل قىلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن، - دەپتۇ. - ئۇنداقتا يەتتە يالغان سۆز ئېيتىسەن. بىرسى راست بولۇپ قالسا، كاللاڭنى ئالىمەن! - دەپتۇ پادىشاھ. - مېنىڭ بىر ئىلتىماسىم بار، - دەپتۇ يىگىت پادىشاھغا - مېنىڭ يالغان سۆزلىرىمگە ۋە ئۆزلىرىنىڭ تەستىقلىرىگە گۇۋاھ بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئوردىدىكى بارلىق ۋەزىر، ئۆلما، مۇنەججىملەرنى بۇ يەرگە جەم قىلسىلا، ئاندىن سۆزۈمنى باشلاي. پادىشاھ يالغاننى راستقا ئايلاندۇرۇش ماھارىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئوردا ئەھلىنى جەم قىپتۇ. يىگىت سۆزىنى باشلاپتۇ. - مەن مۇشۇ شەھەرنىڭ قانۇنىي پادىشاھى بولىمەن. سىلەر ۋاقىتلىق ئىش باشقۇرغۇچى بولۇپ تۇرغان، ئەمدى مېنىڭ پادىشاھلىغىمنى بېرىشلىرى كېرەك، - دەپتۇ يىگىت. - يالغان، - دەپتۇ پادىشاھ، - سەن قانداقچە بۇ شەھەرنىڭ قانۇنىي پادىشاھى بولىسەن؟ - بۇنىڭدىن ئون يىل مۇقەددەم مەن ئون ياشتا ئىدىم، ئۇ چاغدا بۇ شەھەرگە مەرھۇم دادام پادىشاھ ئىدى . سىلە ئاددىي بىر مۇنەججىم ئىدىلە، - دەپتۇ يىگىت. - يالغان! - دەپتۇ پادىشاھ تېرىكىپ، - مەن پادىشاھ بولغىلى ئەللىك يىلدىن ئاشتى. بىز ئەۋلاتتىن - ئەۋلاتقىچە پادىشاھ بولۇپ كېلىۋاتىمىز. - دادام ۋاپات بولۇش ئالدىدا ئۆزلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ: «مېنىڭ تەخت ۋارىسى بولغۇچى ئوغلۇم تېخى كىچىك يۇرت سوراشنى تېخى بىلمەيدۇ. ئوغلۇم چوڭ بولغىچە، ئۆزلىرى ۋاقىتلىق ئىش باشقۇرۇپ تۇرسىلا، بالام بالاغەتكە يەتكەندە ئورنۇمغا پادىشاھ بولىدۇ. ئۆزلىرى بالامغا مەسلىھەتچى بولىسلا» دەپ تاپلىغان ئىدى، - دەپتۇ يىگىت. - يالغان! - دەپتۇ پادىشاھ تېخىمۇ تېرىكىپ ۋە «جاللات» دەپ ۋارقىراپتۇ. - سەۋىر قىلسىلا پادىشاھى ئالەم، گېپىم تېخى تۈگمىدى، - دەپ سۆزىنى داۋام قىپتۇ يىگىت، - دادام ئۆزلىرىگە «ئوغلۇم چوڭ بولغىچە خىراجەت قىلسۇن، سىلە ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالسىلا» دەپ ئون مىڭ سەر ئالتۇن بەرگەن ئىدى، ئەپسۇسكى سىلە تۇرمۇشىمدىن خەۋەر ئالماقتا يوق، مېنى ئوردىدىن ھەيدەپ چىقاردىلا. - يالغان! - دەپ ۋارقىراپتۇ شاھ دەرغەزەپ بولۇپ. - مەرھۇم دادام ئۆزلىرىگە: «ئوغلۇم يېتىم قالىدىغان بولدى، بالاغەتكە يەتكەندە، ئوغلۇم يېتىمسىراپ قالمىسۇن، ئۆزلىرى ئاتا بولۇپ ئۆيلەپ قويسىلا» دىگەندە، ئۆزلىرى «ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولسىلا، ئوغلۇللىرى مېنىڭ قىزىم بىلەن تەڭتۈش، قىزىم بۇيىغا يەتكەندە، ئىككسىنىڭ بېشىنى بىر قىلىپ قويىمەن» دېگەن ئىدىلە، - دەپتۇ يىگىت. - يالغان! - دەپتۇ پادىشاھ جالاقلاپ تىترەپ ۋە ئۇنىڭ كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىشقا باشلاپتۇ. - دادام رەھمىتى ئۆزلىرىنىڭ «قىزىمنى ئوغۇللىرىغا بېرىمەن» دېگەن سەمىمىي سۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپ كۆزىگە ياش ئېلىپ، قىزلىرىنىڭ كەلگۈسى تويى ئۈچۈن يەنە ئۆز بىساتىدىن ئوتتۇز مىڭ سەر ئالتۇن بەرگەن ئىدى، - دەپتۇ يىگىت. - يالغان! - دەپ ۋارقىراپتۇ شاھ غەزىۋىنى باسالماي ۋە جاللاتنى چاقىرىپتۇ. شۇ ھامان ئىككى جاللات ئايپالتىلىرىنى كۆتىرىشىپ كىرىپ كېلىشىپتۇ. يىگىت ھودۇقماستىن: - ئالدىرىمىسىلا پادىشاھى ئالەم، گېپىم تۈگمىدى. گېپىم تۈگىگەندە جاللاتقا تاپشۇرسىلىمۇ كېچىكمەيلا ، - دەپتۇ ۋە سۆزىنى داۋام قىپتۇ: - دادام ئۆزلىرىگە: «مەن ئاخىرەتكە كېتىپ بارىمەن. ئۇ يەردە ئىككىمىز ۋە ئوغلۇمدىن بۆلەك ئادەم يوق. مېنىڭ ۋەسىيىتىمگە سادىق بولۇش ھەققىدە ۋەدە بەرسىلە» دېگەندە، ئۆزلىرى «مۇبادا، مەن ئۆزلىرىنىڭ ۋەسىيەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ تۇرۇۋالسام، ياكى ئوغۇللىرى دەۋا قىلسا يالغان دەپ تۇرۇۋالسام، خۇدانىڭ ئالدىدا ئېغىر گۈناھ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ كۈنىلا قان قۇسۇپ ئۆلەي، ئۇ ئالەمدە يۈزۈم قارا قوپسۇن» دەپ قەسەم ئىچكەن ئىدىلە. پادىشاھ يىگىتنى يالغان سۆزلىتىۋاتقانلىغىنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ ئۆزىنى يوقىتىپتۇ. يىگىتنىڭ سۆزى تۈگىگەندە پادىشاھ ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىپتۇ. ۋەزىر، مۇنەججىملەر پادىشاھنى يۆلەپ ھۇشىغا كەلتۈرۈپتۇ. پادىشاھ ھۇشىغا كېلىپ يەنە بىر قېتىم «يالغان» دەپ ۋارقىراپتۇ ۋە جاللاتنى چاقىرىپتۇ. - جانابى ئالىلىرى، - دەپتۇ يىگىت، - ئۆز ۋەدىلىرىدە تۇرىدىغان بولسىلا مەن يەتتە يالغاننى ئېيتىپ بولدۇم. ئۆلىرىمۇ ھەممىسىنى «يالغان» دەپ تەستىقلاپ تۇردىلا. شۇڭا مەن جاللاتقا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئەمەس. بەلكى ئالىلىرىنىڭ كۈيئوغلى بۇلۇشقا تېگىشلىك. ئەگەر «دىگەنلىرىڭ راست» دىسىلە، ئۇ چاغدا ھازىرقى پادىشاھ سىلە ئەمەس بەلكى. مەرھۇم ئاتامنىڭ تەختى ۋارىسى بولغۇچى - مەن بولىمەن. پادىشالىقنى ماڭا ئۆتكۈزۈپ بېرىشلىرىگە توغرا كېلىدۇ. پادىشاھنىڭ راست ياكى يالغان دىيىشكە زادىلا ئاغزى بارماي، بېشى ئايلىنىپ يىقىلىپ ئاخىرەتكە سەپەر قىپتۇ. پادىشاھنىڭ زالىملىقىدىن جاق تويغان ئوردا ئەھلى يىگىتنى پادىشاھ قىلىپ تەخىتكە ئولتۇرغۇزۇپتۇ. پادىشاھنىڭ قىزىنى يىگىتكە ئېلىپ بېرىپتۇ. يىگىت ئادىللىق بىلەن يۇرت سوراپ، زالىملارنى مات قىپتۇ، ئەل قەلبىنى شات قىپتۇ. («تارىم» نىڭ 1983 - يىل 9 - سانىدىن ئېلىندى) رەتلىگۈچى: ئەمەت ئىدىرىس
← بارلىق تېمىلار چوچاق
زىرەك يىگىت ۋە زالىم پادىشاھ | UyghurWiki | UyghurWiki