شاھزادە بىلەن بىلىقنىڭ دوستلىقى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ھەردائىم «يەر يۈزىدە مەندەك ئادىل پادىشاھ يوق» دەپ ماختىدىكەن. بىر كۈنى پادىشاھنىڭ ئوغلى ئىمىر ئاتىسىنى پۇقرالارنىڭمۇ ماختايدىغان ياكى قاغايدىغانلىقىنى بىلمەك بولۇپ، پۇقراچە كىينىپ، كوچا ئايلانغان ئىكەن. كوچىلار جىمجىت، كىشىلەر غەمكىن كۆرۈنۈپتۇ.شاھزادە ئىچىدە «ئادىل پادىشاھ سورىغان شەھەر مۇشۇنداق مۇڭلۇق بولامدىغاندۇ؟» دەپ ئويلاپ، بىر دۇكانداردىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ. دۇكاندار «دەريا بويىغا بارساڭ بىلىسەن»دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شاھزادە بىر بېسىپ،ئىككى بېسىپ دەريا بويىغا بېرىپ قارىسا، بىر ئالتۇن بېلىق دەريادا گاھ سۇ ئۈستىگە ئۇخچۇپ چىقسا، گاھ سۇ ئاستىغا شۇڭغۇپ تىنىم تاپمايۋاتقاندەك. قىرغاقتا بولسا بىر موماي دەرياغا قاراپ، كۆز يېشى قىلىپ ئولتۇرغۇدەك. شاھزادە ئېچنەرسىنى ئاڭقىرالماي، مومايدىن سوراپتۇ:
_ ھامما نېمىگە يىغلايلا؟
_ جېنىم بالام، مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن، - دەپتۇ موماي، - بىچارە بېلىققا چىدىيالمايۋاتىمەن.
شاھزادە گاڭگىراپ قېلىپ:
بېلىق نېمە بوپتىكەن؟ - دەپ سوراپتۇ. موماي ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ:
_ بىر زامانلاردا بۇ بېلىق بىر جۈپ ئىدى، ئۇچاغدا جۈپتى بىلەن ئىرمىشىپ - چىرمىشىپ ئوينايتتى، نەسل قالدۇراتتى. ئەمدى جۈپتىدىن ئايلىرىپ دەرتمەن بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئوخچۇپ سۇ ئۈستىگە چىقىشى - جۈپتىنى ئىزلىگەنلىكى، سۇغا شۇڭغۇشى - دات - پەريات چەككەنلىكى، - دەپتۇ.
_ ھامما، بۇ بېلىقنىڭ جۈپتى نەگە كەتكەن؟ - دەپ قىستاپ سوراپتۇ شاھزادە قىزىقىپ.
_ جېنىم بالام، بۇنى پادىشاھتىن سورىغىن، - دەپلا كېتىپ قاپتۇ موماي.
شاھزادە ئىمىر دۇكاندارنىڭ گېپىنىڭ مەنىسىگە يەتكەندەك قىپتۇ ۋە ئالدىراپ - سالدىراپ ئوردىغا قايتىپتۇ. قايتىۋېتىپ خاسلا پادىشاھ سەيلە قىلىدىغان چارىباغدىكى چورىسى رەڭگارەڭ گۈللۈك كۆلچەك يېنىدىن ئۆتۈپتۇ، كۆلچەكتىمۇ بىر ئالتۇن بىلىق خۇددى دەريادىكى بېلىققا ئوخشاش گاھ سۇ ئۈستىگە ئوخچۇپ چىقىپ، گاھ سۇ ئاستىغا شۇڭغۇپ تىنىم تاپمايۋاتقان ئىكەن. شاھزادە گۇمانسىراپ باغۋەندىن سوراپتۇ:
_ بوۋا، بۇبېلىق نىمىشقا سۇ ئۈستىگە سەكرەپ چىقىدۇ؟
_ غوجام، - دەپتۇ بوۋاي قول باغلاپ، - پانى ئالەمدە جېنى بارلىكى نەرسىنىڭ جۈپتى بولىدۇ، ئەمما بۇ بىچارە بېلىق جۈپتىدىن ئايرىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئوخچۇپ سۇ ئۈستىگە چىقىشى - جۈپتىنى ئىزلىگەنلىكى، سۇغا شۇڭغۇشى - دات - پەريات چەككەنلىكى.
_ بوۋا، بۇ بېلىقنىڭ جۈپتى نەدە؟ - دەپ سوراپ تۇرۇۋاپتۇ شاھزادە.
بوۋاي ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ:
_ غوجام، بۇنى سىلە سورىمىسىلا، مەن ئېيتمىسام بولاتتى. سوراپ قاللا، خەير، بوپتۇ، نامەرلىك قىلماي ئېتىپت بېرەي، - دەپتۇ سۆز باشلاپ، - بىر زامانلاردا بۇ بېلىق بىر جۈپ ئىدى، ئۇچاغدا جۈپتى بىلەن ئىرمىشىپ - چىرمىشىپ ئوينايتتى، نەسل قالدۇراتتى. ئاتىلىرى شەھرىمىزگە پادىشاھ بولغان كۈندىن باشلاپ، بېلىققىمۇ ئامانلىق نېسىپ بولمىدى. مانابۇ بىچارە بېلىقنى تۇتقۇزۇپ كېلىپ كۆلچەككە سولاپ قويدى. ھەركۈنى پەقەت بىر ۋاخ كېلىپ، بېلىق تاماشىنى كۆرۈپ كېتىدۇ. مۈشۈككە ئويۇن، چاشقانغا قىيىن دېگەن مۇشۇدۇر بەلكىم.
شاھزادە ئىمىر بۇ بېلىقنىڭ دەريادىكى بېلىقنىڭ جۈپتى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپتۇ ۋە بېلىقنى تۇتۇپ، كوزىسىغا سېلىپ ئېلىپ مېڭىپتۇ. بوۋاي شاھزادىنىڭ ئالدىنى توساپ يالۋۇرۇپتۇ:
_ جېنىم غوجام، - دەپتۇ بوۋاي تىزلىنىپ، - تۇرمۇشۇم مۇشۇ باغقا، بېلىققا قاراش بىلەن ئۆتىدۇ، بىلىقنى ئېلىپ كەتسىلە شاھ كاللامنى ئېلىشتىن يانمايدۇ. خوش بولاي، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەي، ئالتە بالامنى باققىلى قويسىلا.
بوۋاينىڭ ئېيتقانلىرى شاھزادە ئىمىرنىڭ يۈرەك تارىلىرىنى چېكىپ ئۆتۈپتۇ. ئۇ خەزىنىدىن بوۋايغا ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا يەتكۈدەك دەببى - دۇنيا بېرىپ، ئائىلىسىگە قايتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، دەريا بويىغا قاراپ كېتىپتۇ. شاھزادە قايتىپ كېلىپ قارىسا، ئانىسى بىر بۇلۇڭدا يىغلاپ ئولتۇرغۇدەك. شاھزادە ھەيران بولۇپ، يىغلاشنىڭ سەۋەبىنى سورىغان ئىكەن، ئانا ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ:
_ بالام، كۆلچەكتىكى بېلىقنى دەرياغا قويۇۋېتىپ يامان قىپسەن. ئاتاڭ ئاچچىقلاپ«شۇم بەدبېغىڭنى بۈگۈنلا كۈزۈمدىن يۇقات ، بولمىسا ئالدىڭدا كاللىسىنى ئېلىپ، گۆشىنى چەيلەپ، سۆڭىگىڭنى سەيلەيمەن» دېدى. جېنىڭنى ئالمىساڭ ئەپلەشمىگۈدەك، جېنىم قوزام،- دەپتۇ.
_ بوپتۇ ئانا، ئاتام مېنى بىر بېلىقچىلىك كۆرمىگەن بولسا كېتەي! - دەپتۇ شاھزادە. ئانا ئوغلىنى توختىتىپ:
_ بالام،يالغۇز كېتىۋاتىسەن، كۆرگەنلىكى ئادەمنى دوست تۇتما. بۇنىڭ ئۈچۈن سىناپ باق: دوست بولغۇچى ئۆزەڭ خالىغان يەردە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، باشقا يەرگە بېرىپ ئۇزۇندىراق كەل، ساقلاپ تۇرالىغىنى ۋاپالىق دوست چىقىدۇ: كېتىپ قالغىنى ئەسقاتمايدۇ، ئۇقتۇڭمۇ؟ - دەپتۇ.
_ ئۇقتۇم، جان ئانا، نەسىھەتلىرىنى قۇلىقىمدا تۇتىمەن، - دەپتۇ شاھزادە ۋە بىر خورجۇنغا نان، بىر قاپاققا سۇ قاچىلاپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ.
شاھزادە يول يۈرۈپتۇ، يول يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ. بىر كۈنى دەشت - باياۋان ئىچىدە مىڭ بىر جاپادا كېتىۋاتسا، ئارقىسىدىن ئىككى يىگىت يېتىپ كەپتۇ ۋە ئىمىردىن نەگە بېرىپ، نەدە تۇرىدىغانلىقىنى سوراپتۇ. ئىمىر سەپەرنىڭ مەقسىتىنى ئېيتىپتۇ. يىگىتلەر ئىچ ئاغرىتىپ، دوست بولۇشنى تەلەپ قىپتۇ. ئىمىر ئانىسىنىڭ نەسھىتنى ئېسىگە ئېلىپ:
_ ئىككىڭلار مۇشۇ يەردە بىردەم تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن تاھارەت قىلىۋېلىپ كېلەي، - دەپتۇ.
يىگىتلەر قوشۇلۇپتۇ. ئىمىر تامبىلىنىڭ بېغىنى تۇتقان ھالدا ئۇلاردىن يىراقلىشىپتۇ ۋە بىر ئازگالغا چۈشۈپ بىر پەس ئولتۇرۇپتۇ. يىگىتلەر بولسا، ئىمىرنىڭ خورجۇنىدىكى ناننى راسا يەپ، قوسىقىنى تويغۇزۇپ كېتىپ قاپتۇ. ئىمىر قايتىپ كېلىپ، قۇرۇق خورجۇننى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ، بوينى ئۈزۈۋېتىلگەن قاپىقىنى قالدۇرۇپ يولنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. يەنە بەش كۈن مېڭىپتۇ، دەستتىن چىقىپ بولالماپتۇ. ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، پىژ - پىژ ئاپتاپ، بوران ئازاۋىدىن جېنى ئاز قاپتۇ. لېكىن، ئارقىسىغا يېنىشنى راۋا كۆرمەپتۇ. ئۇ، شۇ تەرىقىدە كېتىۋاتسا، ياندىكى چىغىر يولدىن ياش - قۇرامى، بوي - تۇرقى ئۆزىدىن سەل چوڭراق،كېلىشكەن بىر يىگىت چىقىپ قوشۇلۇپتۇ. يىگىت ئىمىرنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ، تائام يىيىشكە، سۇ ئىچىشكە تەكلىپ قىپتۇ. ئىمىر خوش بۇلۇپ، غىزالىنىپتۇ ۋە يىگىتنىڭ دوست بولۇش تەلۋىنى سىناپ كۆرمەك بولۇپ، «ۋاي قورساق! » دەپ قوسىغىنى چاڭگاللاپ يەردە يۇمۇلىنىپتۇ. يىگىت ئۇنى يۈدۈپ، ئون پوتەي يول يۈرۈپتۇ، «غىڭ » دېمەپتۇ. بىر چاغدا ئىمىر تاھارەت قىلغۇسى بارلىغىنى ئېيتىپ، يىگىتنى بىر قاقاس تۆپىلىكتە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، تاھارەتكە مېڭىپتۇ. بىر ئازگالنى تېپىپ، خېلى ئۇزاق ئولتۇرۇپتۇ. قايتىپ كەلسە ھېلىقى يىگىت جايىدىن مىدىرلىماپتۇ. ئىمىر ئىچىدە«ئانام ئېيتقان ۋاپادار دوستنى تېپىپتىمەن» دەپ ئويلاپ، چەندان خوش بوپتۇ - دە، دوست بولۇشقا قول بېرىپتۇ.
_ ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ يىگىت شەرت قويۇپ، - بىرىنچىدىن مەن ئاكا، سەن ئۇكا بولىسەن؛ ئىككىنچىدىن مەن نېمە دېسەم ياق دېمەيسەن؛ تاپقاننى تەڭ ئولىشىمىز؛ تۆتىنچىدىن بىزنىڭ دوستلىقىمىز چايان بىلەن پاقىنىڭ دوستلىقىدەك بولۇپ قالمىسۇن.
_ خوش ئاكا، ئۆزلىرى نېمە دېسىلە شۇ، - دەپتۇ ئىمىرمۇ بېشىنى ئىگىپ.
ئۇلار يولغا چۈشۈپ، مۇڭدىشا - مۇڭدىشا بىر شەھەرگە بېرىپ قاپتۇ. بۇ شەھەردىكى چوڭ - كىچىك ئەركەكلەر بېلىگە ئاق باغلاپ، ئاياللار ئاق رومال ئارتىپ يۈرۈشىدىكەن، ئويۇن - تاماشا، نەغمە - بەزمە ئەسلا بولمايدىكەن. شاھزادە ئىمىربىلەن يىگىت ھەيران بولۇپ، كوچا ئارىلاپ كېتىۋاتسا، بېشىغا ئالتۇن كۇلا، ئۇچىسىغا زەنجىر چاپان كىيگەن تۆت لەشكەر ئات ئوينىتىپ، قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ يېتىپ كەپتۇ - دە، ئۇلارنىڭ ئالدىدا توختاپ سوراپتۇ:
_ ھەي ھاڭۋاقتى يىگىتلەر، پادىشاھ ھەزرەتلىرى مۇسىبەتتە، پۈتۈن شەھەر ئەھلى ھەسرەت - نادامەتتە، سىلەر نېمە ئۈچۈن قىزىل كىيىم كىيىۋالدىڭلار يۈرۈڭلار، ئوردىغا بارىمىز.
ئىمىر تىزلىنىپ، يالۋۇرۇپ گۇناھىنى تىلەپتۇ. يىگىت ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەرگە يېڭىلا كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، تۆت تىللا تەڭلەپتۇ، لەشكەرلەر تىللانى ئېلىپ ئاتلىرىنى قامچىلاپ، تامغاقلىرىنى تامچىلاپ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. ئىمىر بىلەن يىگىت كىيمىلىرىنى يەڭگۈشلەپ، بەللىرىگە ئاق قارىلىق باغلاپ شەھەردە تۇرۇپ قاپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ،كىشىلەر قارىلىقىنى يېشىۋەتمەپتۇ. ئۇ كۈنى ئۇلار مەدىكار بازىرىدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ قېشىدىكى بىرسىدىن:
_ پادىشاھ كۈنىگە بىر ئۈلۈم ئۇزىتامدۇ؟ - دەپ سورىغان ئىكەن، ئۇ كىشى:
_ ھەي ئۇكىلار، ئېيتىپ كەلسەم گەپ تولا، - دەپ گېپىنى باشلاپتۇ، - پادىشاھنىڭ ئايىغى قۇرغاق بىر قىزى بار ئۇنى ھەرقېتىمدا قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ ياتلىق قىلىدۇ. قىرىقىنچى كۈنى ئاخشامدا قىزنىڭ قېشىدا ساپمۇ - ساق قالغان يىگىت قىرىق بىرىنچى كۈنى سەھەردە يەرلىكىدە ياتىدۇ. پۈتۈن شەھەر خەلقى يىگىتنىڭ ھازىسىنى تۇتۇپ كۈننى ھەپتىگە، ھەپتىنى ئايغا، يىلنى - يىلغا ئۇلايدۇ. ھازا تۇتمىغانلار قىلىچ ئالدىدا «ۋاي داد» دەپ توۋلايدۇ.
يىگىت بۇگەپتىن كېيىن شاھزادە ئىمىرگە:
_ ئىنىم، سەن بولساڭ داڭقى چىققان، ھەددى - ھېسابسىز دۇنيا يىغقان شاھ ئوغلى. كىشنىڭ شەھرىدە بوينۇڭنى قىسىپ، مۇساپىر كوچىسىغا كىرىپ يۈرسەڭ ئۆزەڭگىمۇ نۇمۇس، شاھقىمۇ ئاھانەت، شۇڭا، مۇشە شەھەر پادىشاھسىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ ئوردىدا بولساڭ دەيمەن، - دەپ مەسلىھەت ساپتۇ.
يىگىتنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ئىمىرنىڭ پۇت - قولىدا جان قالماپتۇ. «ئاكام مەندىن زېرىككەن ئوخشايدۇ، بولمىسا بىلىپ ئاڭلاپ تۇرۇپ شۇمپەن قىزنى ماڭا سايە قىلاتتىمۇ؟ بولدى، ئۇنداق دوستۇم يوق، ئاستا كېتىۋالاي» دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ - يۇ، ئاكا - ئۇكا بولۇشقان چاغدا پۈتۈشكەن شەرتلىرى ئېسىگە كېلىپ بوينىنى قىسىپ جىم تۇرۇپتۇ. يىگىت ئىمىرگە بىرىنچى قاتاردىكى شاھزادە كىيىمىنى كىيدۈرۈپ، ئۆزىمۇ قېلىشمىغۇدەك ياسىنىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ.
_ كەمىنىلىرى، - دەپتۇ يىگىت بېشىنى ئىگىپ ، - كۈنگەي شەھىرى پادىشاھسىنىڭ شاھزادىلىرى بولىمىز. بۇ مېنىڭ ئىنىم، ئاتامنىڭ ئەركە بالىسى. ئۇ چۈشىدە ئالىيلىرىنىڭ قىزىغا كۈيۈپ قاپتىكەن، ئاتىمىز تويلاپ بەرمەك بولۇپ سەپەر تەييارلىقىغا كىرىشىۋىدى، ئىنىم تاقەت قىلماي بالدۇرراق يولغا چىقىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى. ئاتام ئىنىمنىڭ تەقەززاسىغا چىدىماي بىزنى ئالدىن ھۇزۇرلىرىغا ئەۋەتتى. نېمە دەرلىكىن؟
_ ئىككى قولۇم كۆكسىمدە، بىراق قىزىمنىڭ بىر ئەيىبى بار: ئۇنىڭغا ئۆيلەنگەن يىگىت تىرىك كىرىپ، ئۆلۈك چىقىدۇ.شاھزادە قاۋۇل كېلىشىملىك، ئازادە يىگىت ئىكەن، ئۆلۈپ قالسا، پادىشاھ ھەزرەتلىرىگە جاۋاب بەرمىكىم بەسى مۈشكۈل، - دەپتۇ شاھ ئۆزرە ئېيتىپ.
يىگىت «ھەر نېمە بولسا مەيلى» دەپ تەلىۋىدىن يانماي، لەۋزىدىن تانماي تۇرۇۋاپتۇ. ئىلاجىسىز قالغان پادىشاھ قىزىنى شاھزادە ئىمىرگە بەرمەك بوپتۇ. خەزىنىدىن پۇل چىقىرىپ، قىرىق كېچە - كۈندۈز توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئىككىسىنىڭ بېشىنى قېتىپ قويۇپتۇ. شاھزادە بىلەن مەلىكەئۆز ھۇجرىسىغا كىرىپ كېتىدىغان چاغدا، يىگىت شاھزادە ئىمىرنى توختىتىپ، بىر خومۇر شارابنى تەڭلەپ تۇرۇپ، قۇلىقىغا پىچىرلاپتۇ:
_ ئىنىم، ھەركۈنى ياتار ۋاقتىدا مەلىكىگە بۇنىڭدىن بىر ئوتلام ئىچۈرسەڭ، ئۇ بىخوت بولۇپ بىر كېچە ئۇخلايدۇ، ئۆزۈڭ ئىچمەي باشقا ئورۇندا يات، مەن ئىجازەت بەرمىگۈچە ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۇرۇندا ياتقۇچە بولما، بىقارار قۇشۇلۇپ قالساڭ جېنىڭدىن ئايرىلغىنىڭ شۇ. ئەمىسە خۇداغا تاپشۇردۇم، ماڭ!
ئىمىر ۋەدە بېرىپ شەرتلەرنى ئۇرۇنلاپتۇ. لېكىن، پادىشاھ ئەنسىرەپ ئوخلىيالماپتۇ؛ كېچىچە ۋەزىر، ئوردا مۇلازىملىرىنى خەزىنىگە چاپتۇرۇپ كۈيئوغلىنىڭ ئۆلۈمىگە تەييارلىق قىلدۇرۇپتۇ، ئۆزى ھازا كىيىملىرىنى كىيىپ تەق بوپتۇ؛ شەھەر قازى - كالانلىرى ، ئىمام - مەزىنلەرسۈبھى يۇرۇش بىلەن تەڭ جامەگە يىغىلىپ شاھزادە ئىمىرنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە ھازىر بوپتۇ؛ ھۆكۈمالار پۇقرالارغا ئالتۇن جازىلىق، كىمخاپ يۇپۇقلۇق جىنازىنى كۆتەرتىپ، ئوردا ئالدىدا كۈتۈپ تۇرۇپتۇ؛ گوركارلار پادىشاھ قەۋرىستانلىقىدىن تاش گۈمبەزلىك شامگو ياساپتۇ؛ ئاياللار، بالىلار پەرمانغا ئىتائەت قىلىپ، مورىلىرىدن تۈتۈن چىقارماي ئوردىغا بېقىپ غەمكىن ئولتۇرۇپتۇ. ئاڭغىچە تاڭمۇ ئېتىپتۇ، ھېچگەپ بولماپتۇ؛ كۈن چىقىپتۇ، ھېچ گەپ بولماپتۇ، ئاشۋاقتى بوپت، ھېچ خەۋەر تارالماپتۇ. قوزا چۈش بىلەن خالايىق دىلغۇلدا بولۇشۇپ ماكانلىرىغا قايتىشىپتۇ. پادىشاھ ھازا كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ، مەلىكە بىلەن شاشزادە ئىمىر ياتقان ھۇجىرىغا دەر گۇماندا قاراپتىكەن، ئىككسى بىر ئوبدان، قەدىناس ئەر خوتۇنلاردەك مۇڭدىشىپ ئولتۇرغۇدەك. پادىشاھ «بۇئوڭۇممۇ، چۈشممۇ؟» دەپ ھەيران بولۇپ ئارقىسىغا يېنىپتۇ. ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كەچ بوپتۇ. پادىشاھ يەنە غەم - غۇسسىغا پېتىپ، تۇرۇسقا قاراپ يېتىپ كېچىنى تاڭغا ئۇلاپتۇ، پۇقرالارمۇ شۇ تەرىقىدە تاڭ ئاتقۇزۇپتۇ. ئەمما، ئۇ كېچىمۇ تېنچ - ئامان ئۆتۈپ كېتىپتۇ. شاھزادە بىلەن مەلىكە سەھەر تۇرۇپ چارىباغلىرىنى سەيلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۇزۇن كۈنلەر ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ئىمىر ئۆلمەپتۇ. ئوردىدىكىلەردىن تارتىپ پۇقرالارغىچە قانغۇچە ئۇخلاپ ئۇيقىسىنى قاندۇرۇپتۇ. نەغمە - ناۋا قىلىپ دىشۋا كۆڭۈللىرىنى راسا ئېچىپتۇ. پادىشاھ خۇش بولۇپ، شاھزادە ئىمىرنى بېشىدا كۆتۈرۈپتۇ ۋە ئۇنىڭ نېمە خىسلىتى بارلىغىنى بىلىشكە قىزىقىپ، كىنىزەكلەردىن پايلاقچى قويۇپتۇ. ۋەزىرلەر قىزغىنىپ ئىمىرنىڭ پېيىگە چۈشۈپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە يىگىت پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ:
_ ئېھ پادىشاھى ئالەم، ئۆيىمىزدىن ئايرىلغىلى يەتتە - سەككىز ئاي بوپتۇ، ئاتىمىز شۇ چاققىچە يېتىپ كېلەلمىدى. بىرەر پېشكەللىك بولدىمىكىن، دەپ كۆڭلىمىز ئەنسىرەپ تۇرالماي قالدۇق، بېرىپ يوقلاپ كەلسەك دەۋاتىمىز. ئىشەنسىلە مەلىكەمنى بىزگە قېتىپ قويسىلا، ئىشەنمىسىلە ئېلىپ قالسىلىمۇ ئاغرىنمايمىز، - دەپتىكەن. پادىشاھ:
_ قىز ئەردە ياخشى، ئەردە بولىمىسا يەردە ياخشى. ئۇنى ئالغاچ كېتىڭلار، قۇداممۇ كۆرسۇن، - دەپتۇ - دە، خەزىنىچىگە ئېيتىپ قىرىق ئاتلىق دەببى - دۇنيا، مال - مۈلۈك جابدۇتۇپ كېنىزەكلەردىن قىرىقنى ھەمرا قىلىپ ئۇزىتىپ قويۇپتۇ.
يىگىت بىلەن شاھزادە ئىمىر مەلىكىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ، كىنىزەكلەرنى ئارقىسىغا سېلىپ شەھەردىن ئايرىلىپتۇ، مڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، يەتتە كېچە - كۈندۈز يول يۈرگەندىن كېيىن كىنىزەكلەرنى قايتۇرۇۋېلىپ، بىر بوستانلىقتا توختاپتۇ. يىگىت يۈك - تاقلارنى يېشىندۈرمەي تۇرۇپ ئىمىردىن:
_ مېنىڭمۇ شەھرى دەريا ماكانىم، بالا - چاقىلىرىم بار، مەن مۇشۇ يەردە سەندىن ئايرىلىمەن. ئىنىم ئات - ئۇلاغ، مال - مۈلۈكنى قانداق ئۈلىشىمىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ باشتا شەرتلەشكەنمىز، تەڭ ئۈلىشەرمىز، - دەپتۇ شاھزادە.
_ ئۇنداق بولسا مەن تەقسىم قىلاي، مەلىكە شاھىد بولسۇن، سەن قاراپ تۇرغىن، - دەپتۇ يىگىت ۋە قىلىچىنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ، ئاتلارنىڭ قۇلىقىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدىن چەنلەپ، قۇيرۇقىنىمى پەنلەپ چېپىپ تاشلاپتۇ. يىگىت ھەر بىر ئاتنىڭ بىر يوتىسىنى ئوڭ تەرەپكە، بىر يوتىسىنى سول تەرەپكە ئايرىپ، «ماۋۇ سېنىڭ، ماۋۇ مېنىڭ» دەپ ئۈلەشتۈرۈپتۇ. يىگىتنىڭ قىلغىنىدىن ھەيران قالغان شاھزادە رەنجىپ سوراپتۇ؛
_ ئاكا، ئاتلارنى نىمىشقا ئۆلتۈرۋېتىلا؟ نەرسىلەرنى ئەمدى قانداق ئېلىپ كېتەلەيمىز؟
_ بىلسەڭ ئىنىم، ئاتلارنىڭ ئورۇق سىمىزلىكى، چوڭ - كىچىكلىكى، ئۇ ئات بىلەن بۇ ئاتقا ئارتىلغان مال - مۈلۈك ئوخشىمايدۇ، ئۇنى ئات بويىچە تەقسىملىۋالساق «نېمە تاپساق تەڭ» دېگەن شەرت ئادا بولىدۇ. شۇڭا ئاشۇ چارىنى قوللاندىم، - دەپتۇ يىگىت.
قورققىنىدىن بىللە كەلگىنىگە پۇشايمان ئەيلەپ، ياش تۈكۈۋاتقان مەلىكە يىگىتنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلاپ ئۆز - ئۆزىگە «بۇ ئادەم بەك پىت ئۈچەي ئىكەن» دەپ قاپتۇ. شاھزادە ئىمىر«ئات تۈگەشتى، ئەمدى مەلىكىنى تەڭ ئالىمىز دېسە قانداق قىلارمەن» دەپ غەمگە پېتىپ تۇرسا، دېگەندەك يىگىت:
_ ئىنىم، مەلىكىنى قانداق ئۈلىشىمىز؟ - دەپ سوراپ قاپتۇ.
شاھزادە ئىمىرنىڭ تىرىك تۇرۇپ جېنى چىقىپتۇ، چىرايلىرى سارغىيىپ، لەۋلىرى كۆكىرىپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ چاندۇرماي دەپتۇ:
_ ئىلتىپات ئۆزلىرىدە ئاكا.
_ خوش، شۇ گېپىڭ راست بولسا، مەلىكىنىمۇ ئىككى كاسا قىلىپ، يېرىمدىن ئۈلىشىمىز، - دەپتۇ يىگىت ۋە مەلىكىنىڭ قولىنى چەمبەرچاس باغلاپ ئوڭ قولى بىلەن ئوڭ پۇتىنى بىر تۈپ دەرەخكە، سول قولى بىلەن سو پۇتىنى بىر تۈپ دەرەخكە ئېسىپتۇ. مەلىكە ئاھ ئۇرۇپ سىلكىنىپ باقسىمۇ قىمىرلىيالماپتۇ.
شاھزادە يىگىتنىڭ ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ، مەلىكىنىڭ بىر قۇشۇق قېنىنى تىلەپتۇ.«تېگىشلىكىمدىن ئۆتىنەي، مەلىكىنى ئۆزلىرى ئېلىپ كەتسىلە ئاكا» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. يىگىت ئۇنىماي قىلىچنىڭ سېپىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ، بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ مەلىكىگە قاراپ ئېتىلىپتۇ. شاھزادە ئىمىر قورققىنىدىن جان - پېنى چىقىپ ھوشىدىن كېتىپتۇ. مەلىكە كۆزلىرنى يوغان ئېچىپ، بار كۈچى بىلەن چىقىراپ سىلكىنىپتىكەن، ئىچىدىن بىر ئاق ئىلان ئېتىلىپ چىقىپ يەرگە ئۇرۇلۇپ ئۆلۈپتۇ. يىگىت مەلىكىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، يىشىپ دەسسىتىپتۇ ۋە كەۋسەر سۈيى ئىچۈرۈپ ماغدۇرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپتۇ، شاھزادە كۈزىنى ئېچىپ قارىسا، مەلىكە كۈلۈمسىرەپ، باغرىنى ئېچىپ تۇرغۇدەك. شاھزادە نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي، سوراي دەۋاتسا، يىگىت ئىلاننى كۆرسىتىپ دەپتۇ:
_ ئىنىم، بى زەھەرلىك چاققاق ئىلان مەلىكەم تۆرەلگەندە بىللە تۆرەلگەن، تۇغۇلغاندا مەلىكىنىڭ قورسىغا كىرىۋالغان. مەلىكەم ياتلىق بولغاندا، ئېرىنىڭ زەكىرىنى چېقىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن. بىلسەڭ ئىنىم، مېنىڭ سېنى مەلىكەم بىلەن بىر ئورۇنغا قۇشۇلغىلى قويمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى شۇ ئىدى. ئەمدى ئۇنى ئۆزەك ئېلىپ كەت! ئۆمۈرلۈك ئەر - خوتۇن بولۇڭلار!
شاھزادە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى يىگىتنىڭ ئاق نىيەتلىكىگە قايىل بولۇپ، ئويلىغانلىرىغا پۇشايمان قىپتۇ ۋە تىزلىنىپ رەھمەت ئېيتىپتۇ. يىگىت ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ:
_ گېپىمگە قۇلاق سال ئىنىم: مۇندىن ئون يىل بۇرۇن ئاتاڭ مېنى دەرياغا قاماق تاشلاپ تۇتۇپ، جۈمتىمدىن ئايرىپ، چارىباغدىكى كۆلچەككە قاماپ قويغان ئىدى. سەن قۇتقۇزۇپ جۈپتىمگە قوشۇپ قويدۇڭ. شۇ سەۋەبتىن ئاتاڭ سېنى ھەيدەپ چىقاردى. مەن ساڭا بىر ئۆمۈر ياخشىلىق قىلساممۇ قىلغان ياخشىلىقىڭنى ياندۇرۇپ بولالمايمەن. بېشىڭغا كۈن كەلسەمېنى دەريا بويىدىن تاپقىن،«بېلىغىم، بېلىغىم، شاھزادە كەلدى» دەپ چاقىرساڭ قېشىڭدا ھازىر بولىمەن. خەير! - دەپتۇ - دە، ئالتۇن بېلىققا ئايلىنىپ ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپتۇ.
شاھزادە ئىمىر بىلەن مەلىكە ئاسمانغا قاراپ، بىر ھازا خۇشاللىق يېشى تۆككەندىن كېيىن، دالىغا قارىغان ئىكەن، ئاتلار ئەسلىگە كېلىپ، كىشنەپ تۇرغۇدەك، يۈك - تاقلارمۇ ئارتىقلىق پېتى تۇرۇپتۇ. شاھزادە بىلەن مەلىكە ئۆز ئارغىماقلىرىغا مىنىپ، قىرىق ئاتنى ئالدىغا سېلىپ مەلىكىنىڭ ئاتىسىغا خەۋەر يەتكۈزمەك بولۇپ، كەلگەن يولىغا قايتىپتۇ.