UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقبۆرىنىڭ ھەسرىتى

بۆرىنىڭ ھەسرىتى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بار ئىكەن، يوق ئىكەن، زامانى ئەۋۋەلدە ئىككى جاڭگال بولۇپ، بىرىدە قوي - ئۆشكە، بۇغا - مارال، ئات - خېچىرلار، يەنە بىرىدە بىر ياۋۇز بۆرە ياشايدىكەن. كۈنلەر، ئايلار ئۆتۈپ، بۆرىنىڭ يىمىكى تۈگەپ قاپتۇ. بىر كۈنى ئۇ ئۇزۇقلۇق ئىزلەپ كېتىۋاتسا، ئالدىغابىر قېرى تۈلكە ئۇچراپتۇ، بۆرە ئۇنى «كاپ » قىلىپ تۇتۇۋېلىپ: _ تۈلكە ئاداش، قوسىقىم ئېچىپ، ماجالىم قالمىغان ئىدى، خويمۇ ۋاقتىدا كەلدىڭ، ئەمدى مەن سېنى يەيمەن، نېمە دەيسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. تۈلكىنىڭ جان - پېنى چىقىپ كېتەي دەپ قاپتۇ، ئەمما ئۇ دەررۇ ئېسىنى يىغىپ، قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ ھىجىيىپتۇ. _ مەن ئۇكا، ئۆزلىرى ئاكا، - دەپتۇ تۈلكە، - ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى رازى قىلاي دىسىلە، مېنى يولۇمغا ماڭغىلى قويسىلا. _ ئەمىسە قانداق قىلىمەن؟ _ ھايۋانلارنىڭ يۇۋىشى، سېمىزلەرنىڭ سېمىزى جاڭگالدا ئويلايدۇ، شۇ يەرگە بارسىلا ئوزۇقلىرى تۈگىمەيدۇ. _ ئۇنداق بولسا، ئۆزەڭ باشلاپ بارىسەن، گېپىڭ راست چىقمىغۇچە قويۇپ بەرمەيمەن. تۈلكە «ماقۇل»غا كەپتۇ. بۆرىنى ئەگەشتۈرۈپ، جاڭگال ياقىسىغىچە ئېلىپ بېرىپتۇ. بۆرە بىر تۈپ دەرەخنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ، راسا جايلىشىپ مۆكۈپ، قۇلىقىنى دىڭگايتىپ، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ سەپسالسا، ئۇششاقى - چوڭ، پىششىقى - توڭ جىمى ھايۋان بىر يەردە ئوتلاۋاتقۇدەك، توپتىن بىرەرسىمۇ ئايرىپ چىقىشقا كۆزى يەتمىگەن بۆرە: - ئۇنى قانداق يەيمەن؟ تۇرسا تارالماي توپلىشىپ، بارسام تۇتۇۋالمامدۇ بىرلىشىپ؟ - دەپتۇ. _ بۆرە ئاكا، مەن سىلىدىن پاكا، بېرىپ ئۇلار ئارىسىغا قىچا چاچاي، جىدەللەشسۇن، بىر - بىرىنى چاقاي، - دەپتۇ تۈلكە ئەقىل كۆرسىتىپ. تۈلكىنىڭ مەسلىھىتى بۆرىگە بىر ئوبدان يېقىپتۇ. ۋەدە ئېلىپ يولغا ساپتۇ.تۈلكە چوڭ يولنى تاشلاپ، سۆڭگىچىنى قاشلاپ، ئېرىق بىلەن مېڭىپتۇ. قاشتا بىر پادا قوي ئوتلاۋاتقان ئىكەن. يېقىن بېرىپ: _ قوي ئاداش، ئېلىپ كەلدىم خەۋەر، بولمىساڭلار چىۋەر، تۈگەيسىلەر قۇزا - ئوغلاقلىرىڭلارغا قەدەر، - دەپتۇ. قويلار ھەيران بولۇپ: _ ھەي بۇرادەر، دىگىنىڭ نېمە ئۇ، ئۇچۇقراق ئېيتقىنچۇ؟ - دەپ سوراپتىكەن، تۈلكە: _ بۈگۈن توخۇ - ئۆردەك ماراپ كېتىۋاتسام، چوڭ ھايۋانلار «قوي - ئۆچكە بىلەنمۇ بىر جاڭگالدا ياشامدىغان كىشى! ئۇ تويماسلار قۇرتتەك غولداپ، ئوت - چۆپىمىزنى يەپ بولغىلى تۇردى، ئەدىۋىنى بەرمىسەك بولمىدى» دېيىشىۋاتىدىكەن. «ئۇنداق قىلماڭلار»دىيىشىمنى بىلەرمەن، خېچىر« ماڭ ئىشىڭنى قىل، بوزاڭنى توقۇ» دەپ بىرنى تەپتى، جاندىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالدىم، ئەمدى مەن قانداق قىلاي، نەگە بېرىپ، نەدە تۇراي! - دەپ دىڭگوسلاپ يىغلاپتۇ. قويلار غەزەپكە كېلىپ، چوڭ ھايۋانلارغا قارشى جەڭگە ئۆتۈشكە تەييارلىنىش ئۈچۈن ئۆيلىرىگە كېتىپتۇ. تۈلكە «غىپ »پىدە يانتاقلىققا سەكرەپ، قەدىمىنى چوڭ - چوڭ يۆتكەپ، بىر خېچىرنىڭ يېنىغا كەپتۇ - دە: ئەي بۇرادىرىم، قۇلاق سال گېپىمگە، دەردىڭنى يۇتۇۋەرمەي ئىچىڭگە ، - دەپتۇ. خېچىر تۈلكىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئاچچىقلاپتۇ: _ نېمە دەيسەن تۈلكە ھەييار، گەپنى ئۇچۇق دېمىسەڭ پەشۋارىم تەييار. تۈلكە قورقۇپ تىترەپ كېتىپتۇ، خېچىرنىڭ ئالدىدا كۈچۈكلىنىپ يېتىپتۇ: _ سۆزلەپ كەلسەم گەپ تولا، ئوزۇنىنى قويۇپ قىسقىسىنى ئېيتسام بولار: ئۆز ماكانىمغا قاراپ، توخۇ - ئۆردەك ماراپ كېتىۋاتسام، لەكمىڭ - لەكمىڭ قوي: «چوڭ ھايۋانلارنىڭ قارنى يامان، ئوت - چۆپلىرىمىزنى قويمىدى ئامان، قوغلىۋەتمىسەك بولمايدۇ ھامان» دېيىشىپ قورال - جابدۇقلىرىنى ئېلىشىپ،سىلەرگە قارشى جەڭگە تەييارلىنىۋېتىپتىكەن، توسسام ئۇنىماي قېلىشتى، بولمىساڭ چاققان قالىسەن بالاغا، بىلمەي يۈردۈڭمۇ تېخىچە، ئات خوجاكاڭ كىرىپ بولغان كاماغا. خېچىر تۈلكىنىڭ گېپىگە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي تۇرسا، ئالدى تەرەپتىن چاڭ - توزان كۆتۈرۈلۈپ، قوي ئۆچكىلەرنىڭ ۋاراڭ - چۇرۇڭلىرى ئاڭلىنىپتۇ. خېچىر ئەرۋاھى ئۈركۈپ ئەتراپتىكىلەرنى چاقىتىپتۇ. ئاتتىن باشقىسى يىغىلىپتۇ. ئات يىراق يايلاۋغا كەتكەنلىكتىن خەۋەر تاپالماپتۇ. خېچىر «تۈلكىنىڭ گېپى راست ئىكەن، ئات بىر خۇيى يات، دېگەن مانا شۇ» ئىكەن دەپ ئاتتىن يامانلاپ پېشىنى قېقىپتۇ. تاياق - توقماق راستلاپ، ھەمراھلىرىنى باشلاپ قوينىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپتۇ. بۇغا - مارال ھاڭ - تاڭ قېلىپ سەپتىن ئايىرىلىپ قاپتۇ. تۈلكىنى خۇشلۇقتىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىپتۇ. «كەلدى بەختىم ئوڭدىن، قۇتۇلدۇم ئەمدى بۆرىۋايدىن» دەپ ئويلاپ، ئېرىقنى بويلاپ يۈگۈرە - يۈگۈرە بۆرىۋاينىڭ يېنىغا كەپتۇ. بۆرە بولغان ۋەقەنى كۆرۈپ تۇرغان ئىكەن. تۈلكىگە ئاپرىن ئوقۇپ، يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. ئۆزى چىشلىرىنى بىلەپ، رەقىپلىرىنى كۆزلەپ يولغا چىقىپتۇ. قوي بېشىنى كۆتىرىپ قارىسا، قېشىدا ئاچلىقتىن قورساقلىرى كۆپۈشۈپ كەتكەن بىچارە بۆرە چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ تۇرغۇدەك. قوي: «يالۋۇرۇپ بولماس يىرتقۇچقا، تەڭ كېلەلمەسمەن ھەم يالغۇز بولغاچقا، ئىشلىتىپ پەم، قاچاي بولماي ئۇنىڭغا يەم» دەپ ئويلاپ: _ بۆرە ئاداش، مەنمۇ سېنى كۈتۈپ ياتقىلى ئۈچ كۈن بولدى، قورسىقىڭ راستىن ئېچىپتۇ، يىسەڭ يىگىن. لېكىن، بىر ئىلتىماسىم بار، - دەپتۇ. _ ئېيتقىن ئەمىسە، ئاڭلاپ باقاي، - دەپتۇ بۆرە. قوي تەمتىرىمەي سۆزلەپتۇ: _ كىچىك ۋاقتىمدا ئانام ماڭا بىر ھۈنەر ئۆگىتىپ قويغان ئىدى، ساڭا كۆرسىتىپ قوياي، سېنىڭدىن باشقىلار ئۆگىنىۋالسا، سېنىڭمۇ - مېنىڭمۇ دۇنيادا نام ئاتىقىمىز قالىدۇ. بۆرە تاقىلداپ كەتكەن نەپسىنى بېسىپ: _ بوپتۇ، قېنى كۆرسەت ھۈنىرىڭنى، - دەپتىكەن، قوي: سەن ماۋۇ دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ داپ چېلىپ بېرىسەن، مەن پەستە تۇرۇپ ئۇسسۇل ئوينايمەن، ھۈنىرىمنى شۇ چاغدا بىلىسەن، - دەپتۇ. بۆرە «خوپ» دەپ، قولىغا داپنى ئېلىپ دۆڭگە يامىشىپتۇ. ئۇ مىڭ بىر جاپادا دۆڭگە چىقىپ پەسكە قاراپتىكەن، قوي قېچىپ كېتىۋاتقۇدەك، قوغلاي دېسە چامى يەتمىگۈدەك. بۆرە قوينىڭ مەرىدىن كېچىپ، ئككىنچى ئالدانماسلىققا ئانت ئىچىپ، كېتىۋاتسا، بىر بۇغاز بۇغا ئۇچراپ قاپتۇ. بۆرە خۇش بولۇپ: _ ئەي بۇغا، تۈلكە ئىنىم كۆرسىتىپ قويدى سېنى، بىر قېتىم ئالداندىم، ئەمدى ئالدىيالمايسەن مېنى، قىمىرلىما يەيمەن سېنى، - دەپتۇ. بۇغا ھەقەم - سايىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا ئېچىنىپ تۇرغان ئىكەن. بۆرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ھەممە شۇملۇق تۈلكىدىن كەلگەنلىكىنى پەملەپ قورسىقىدا غەزەبلىنىپتۇ. ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ، بۆرىگە دەپتۇ: _ سېنىڭ كېلىشىڭنى بىلەتتىم. يېسەڭ ئاغرىنمايمەن. ئەمما مەن سەندىن نەچچە ھەسسە چوڭ، قورسىقىمدا بالىلىرىم بار تېخى. يەپ تۈگىتەلمەسلىكىڭدىن غەم قىلىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ماۋۇ تاغقا چىقىپ، پىياز، زىرە ئېلىپ چۈشۈپ گۆشۈم بىلەن مەلھەم قىلساڭ تامام يەپ بولالايسەن. ئۈچ كۈنگىچە قورسىقىڭ ئاچمايدۇ. بۆرە بىر ئاز ئويلىنىپ: _ راست گېپىڭ دوستۇم، يەنە ئوۋ قىلىمەن دەپ يۈرەيمۇ؟ تۇرۇپ تۇرغىن، ھازىرلا ئېلىپ چۈشەي، - دەپ تاغقا قاراپ مېڭىپتۇ. بۇغا بۆرىنى ئۇزىتىپ قويۇپ، ھەمشىرىلىرىنىڭ يېنىغا قېچىپتۇ. قېچىپ كېتىۋېتىپ خېچىرغا خەۋەر قىلىپ قويۇپتۇ. خېچىر ئۆزىنى چەتكە ئاپتۇ. بۆرە بۇغىنى تاپالمىغاندىن كېيىن، ئاچچىقىغا پايلىماي، ئالدى - ئارقىسىغاقارىماي پىياز بىلەن زىرىنى چۆرۈۋېتىپ تاغدىن ئېشىپتۇ. تاغ باغرىدا بىر ئات يولغا قاراپ تۇرغان ئىكەن. بۆرە ئالدىغا بېرىپ: _ تۈلكە ئىنىم «قاچتى» دېگەنتى سېنى، مۆكۈۋاپسەن ئوتلاققا، ئوخشاپ قاپسەن بوتىلاققا، يىمەكچىمەن سېنى، ئېيت نېمە دەيسەن قېنى؟ - دەپتۇ. ئات بۆرىنىڭ ئوزۇق ئىزلەپ يۈرگەنلىكىنى قويدىن ئاڭلاپ، ئۇچرىشش پەيتىنى تىڭ - تىڭلاپ ئالدىغا چىققان ئىكەن. بۆرىنى كۆرۈپ: _ ۋاي قەدىناس ئادىشىم، تاپالماي سېنى قاتقانتى باشىم. ئوبدان كەپسەن، مۇرادىمغا يەتكۈزسەڭ مېنى، گۆشۈم بىلەن تۇيغۇزۇمەن سېنى، - دەپتىكەن، بۆرى شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ: _ نېمە تېلىكىڭ بار؟ - دەپ سوراپتۇ. _ تۇغۇلغان كۈنۈم ئانام ماڭا: «بالام پۇتۇڭدا خەت بار ئىكەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر موللا بۆرە سېنى يىگىلى كېلىدۇ، شۇنىڭغا ئۇقۇتۇۋالغىن، باشقىسى ئۇقۇيالمايدۇ» دېگەن ئىدى. نېمىلەر يېزىلغانلىقىنى بىلەلمەي يۈرەتتىم، ئاڭلىۋېلىپ ئۆلسەم مۇرادىمغا يېتەتتىم، - دەپتۇ ئات. _ ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ بۆرە، - مەرد ئىكەنسەن، سەنمۇ - مۇرات مەخسىتىڭگە يەتكىن، مەنمۇ ئارمانىمغا قاناي خەت قايسى پۇتۇڭغا يېزىلغان كۆرسەت! _ مانا مۇشۇنىڭغا، - دەپ ئات ئوڭ پۇتىنى كۆرسىتىپتۇ، بۆرە يىراقتىن تۇرۇپ، ئۇيان قاراپ، بۇيان قاراپ خەتنى كۆرەلمەي بېشىنى كۆتىرۋاتقاندا، ئات چۈشەندۈرۈپتۇ: _ مەن سېنى ئۇزاقتىن - ئۇزاققا ئىزلەپ كەزمىگەن چۆل - جەزىرە، چىقىمغان تاغ - داۋان، كىرمىگەن سازلىق قالمىدى، ماڭغان يۇلۇم ئاز ئەمەس، خەت ئۈستىگە لاي چاپلىشىۋالغاندۇ، يېقىنراق كەلسەڭ كۆرەلەيسەن. بۆرە «ماقۇل» دەپ، يېقىنلاپ ئىڭىشكەن ئىكەن، ئات تازا كېلىشتۈرۈپ «ۋاق»قىدە بىرنى تېپىپتۇ. بۆرىنىڭ چىشلىرى تۈكۈلۈپ، باشلىرى يېرىلىپ ئوڭدا چۈشۈپتۇ - دە، جان ئۈزۈپتۇ. ئات خوشلۇقتا ئوتلاقمۇ - ئوتلاق بېرىپ، بۆرىنىڭ ھەسرىتىنى تۈلكىنىڭ شۇملۇقىنى خوشنىلىرىغا يەتكۈزۈپتۇ. قوي - ئۆچكە، بۇغا - مارال، ئات - خېچىر يېڭىۋاشتىن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئادەۋەتلىرىنى يۇيۇپ، بىر تۇققان قېرىنداشتەك ئۆملىشىۋاپتۇ. تۈلكىنى قورشاپ تۇتۇپ، كۈلىنى كۆككە سورۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق